• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر

ئىسلامىيەتتىكى ئاساسلىق مەزھەپ-پىرقىلەر

ئىسلامىيەت گۈللىنىشكە قەدەم قويۇپ يېرىم ئەسىرگە يەتمەيلا پارچىلىنىشقا باشلىدى. مۇھەممەد ئەلەيىھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمانلاردا خەلىپە نامزاتى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، خىلمۇ- خىل سىياسىي مەزھەپ، گۇرۇھلارغا پارچىلىنىش كېلىپ چىقتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، مۇسۇلـمانلار ئاللاھنىڭ ماھىيىتى بىلەن زاتى خۇسۇسىدا، ئىمان بىلەن ھەددى- ھەرىكەتلەر توغرىسىدا، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا، ئاللاھنىڭ تەقدىر- ئىرادىسى بىلەن ئادەمنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش زور دىنىي ئەقىدە ۋە شەرىئەت مەسىللىرىدە پىكىر بىرلىكى بولماي، پەيدىن- پەي خاۋارىج، شىئە، سۈننىي، مۇئتەزىلىيە دېگەندەك مەزھەپ- پىرقىلارغا، يەنە شۇنىڭدەك مەنىۋېيەتنى پاكلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە غارايىپلىقلارنى ياساپ چىقىدىغان سوفستىك ئەقدىلەرگە بۆلۈنۈشكە باشلىدى، 18- ئەسىرگە كەلگەندە يەنە ۋەھھابىي قاتارلىق بىريۈرۈش مەزھەپ- پىرقىلار كېلىپ چىقتى. ھەرقايسى مەزھەپ- پىرقە ئىچىدىنمۇ يەنە بىريۈرۈش تارماق پىرقىلار شەكىللەندى. ئىسلامىيەتتىكى ھەرقايسى مەزھەپ- پىرقىلەر سىياسىي، دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت ئەھكاملىرى ھەمدە ئەمەل- ھەرىكەت مىزانلىرى قاتارلىقلاردا ئۆزئارا زور پەرقلىنىدۇ. دىنىي مەزھەپلەرنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتى ئىسلامىيەت ھەمدە ھەرقايسى ئەل مۇسۇلمانلىرىغا بولغان تەسىرى تولىمۇ چوڭقۇردۇر.
ئىسلامىيەتتىكى ھەرقايسى مەزھەپ- پىرقىلەر شەكىللىنىشىنىڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي يىلتىزى ۋە دىنىي يىلتىزى بارئىدى. قەبىلىلەر ئارا پېتىشماسلىق، مۇسۇلمانلار يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشى، يەنە شۇنىڭدەك سىنىپىي زىددىيەت، مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى قاتارلىقلار ئىسلامىـيەتتىكى مەزھەپ- پىرقىلار شەكىللىنىشىنىڭ ئىجتىمائىي مەنبەسى بولغان، دىنىي ئەقىدىلەرنى چۈشىـنىشنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشى، شەرىئەت مەسىللىرىدىكى تونۇشنىڭ خىلمۇ- خىل بولۇشى ئىسلامىيەتتىكى مەزھەپ- پىرقىلار شەكىللنىشىنىڭ دىنىي مەنبەسى بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئىسلام دىننى يادرو قىلىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى جامائەتنى بىرلەشتۈرگەنىدى. زامانىسىدا، مەدىنەمۇسۇلمانلار ئۈممەسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ھەمدە دىنىي جەھەتلەردىكى زور ھوقۇقىنىڭ ھەم- مىسى پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالامنىڭ بىر تۇتاش يۈگۈزىشىدە بولغان. مىلادىيە 632- يىلى مۇھەممەد ئە- لەيھىسسالام ۋاپات بولدى. پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا ۋارىس بېكىتمىگەن، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا كېلىپ چىقىشى خۇسۇسىدا بىرەر تۈزۈمنىمۇ ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرمىغان، ۋەھالەنكى، مۇسۇلــمانلار ئىچىدە كىمنىڭ ۋارىس بولۇشى مەسىلىسىنى دەۋر قىلىپ ئىختىلاپ چىقتى. قويۇق جەمەتبازلىق مەپكۇرەسى ۋە يۇرتبازلىقنىڭ تەسىرىدە مەدىنە ئەنسارىلار گورۇھى، مەككە مۇھاجىرلار گۇرۇھى، ھاشىمىيە جەمەتى ھەمدە ئۇمەۋىييەلەر جەمەتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممسى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ۋە دىني داھىيىسى بولۇپ، مەدىنە ئۈممەسىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغۇسى كېلەتتى. ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىدە چىڭ تۇرۇشۇپ، ئاقىۋەت قۇراللىق ئېلىشىشقا چۈشۈپ كېتىشتى.
سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىمۇ ئىسلامىيەتتىكى مەزھەپ- پىرقىلارنىڭ شەكىللىنىشدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. تۆت چوڭ خەلىپە دەۋرىدە مۇسۇلمان ئۈممەسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا قاراپ كېڭەيگەن. بۇرۇنقى پارىس ئىمپىرىيسى زېمىنى بىلەن ۋېزانتىيە ئىمپىرىيىسى زېمىنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەلىپە دۆلىتىنىڭ تېرىتوريىسىگە كىرىپ بولغان. ئەلھالكى، شۇ رايونلاردا ئىلگىرىكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، ۋەفېئوداللىق ئىگىلىك گەۋدىسى داۋاملىق قوللۇ- نىلىۋاتـماقتا ئىدى. خەلىپەئۆمەر تەبىقە دەرىجىسى بويىچە بايلىق تەقسىمات قىلىش «دىۋان»تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىققانىدى، بىراق، ئوسمان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەر- زېمىن ئىگىدارلىقى ۋە باج تاپشۇرۇشتىكى تەڭسىزلىكلەر ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرلەشتۈرۈپ، سىنىپىي زىددىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويدى. ھەزرەت ئەلى خەلپىلىكنى ئۆتكۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەمدە ھۆكۈمرانلار بىلەن نامرات مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسدىكى زىددىيەتلەر يەنىمۇ كەسكىنلەشتى. تۆۋەن تەبىقە مۇسۇلمانلاردېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلاتتى، ئەلى قوشۇنىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن خاۋارىجلار قۇرەيىشلەرنىڭ پەۋقولئاددە ھوقۇقىغا قارشى تۇرۇپ، ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ خەلپەبولۇشقا ھوقۇقلۇق بولۇشىدەك مەپكورەنى ئوتتۇرىغا قويدى. نامرات مۇسۇلمانلارجەمئىيەتنىڭ ھە- ئادالەتلىكىنى ئارمان قىلىشاتتى، يەر- زېمىن ۋە ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنىڭ ھەممىگە باراۋەر تەقسىم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى، ئەلھالكى، ئۇلار ھۆكۈمرانلارغا جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشەتتى.
ئەرەبلەر بىلەن غەيرى ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتمۇ ئۆزلىكسىز ئۆتكۈرلىشىپ باردى. خەلىپە دۆلىتى يېڭىدىن ئىستىلاھ قىلغان رايونلار جامائىتى يا ئىسلام دىنغا كىرگەن «مەۋالىي» (غەيرى ئەرەب مۇسۇلمان) لاردىن بولغان. ياكى «جىزىيە» (جان بېجى) تاپشۇرۇدىغان «زىممىي» لەردىن بولۇپ قالغانىدى. مەۋالىي ياكى زىممىيلەر ئەرەبلەر بىلەن ھوقۇقتا تەڭ- باراۋەر ئەمەس ئىدى، مىسالى، باج تاپشۇرۇش، يىللىق دارامەتلەرگە ئېرىشىشلەردە. ئۇلار ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئېزىشلىرىگە غۇم ساقلاپ يۈرگەچكە، ئەرەب ئاقسۈڭەكلىرى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشلەرگە باشچىـ- لاپلا كىرىپ كېتەتتى. پارىسلار ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەر ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇشقا كۆڭلى قارا بولۇپ تۇرغاچقا، شىئەلەر ھەمدە خاۋارىج مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىق كۈرەشلىرىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەيتتى.
دىنىي ئەقىدىلەرنى چۈشىنىشتىكى ئوخشىماسلىقلارمۇ، ئىسلامىيەتتەمەزھەپ- پىرقىلارنىڭ شەكىللىــنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەدۇر. ئىسلام دىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شىرىپلەرئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئىدىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇسۇلمانلار ھەددى- ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىراق، مەدەنىيەت سەۋىيەدىكى پەرقلەر، تەپەككۈر ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر «قۇرئان كەرىم»، ھەدىسلەرنى چۈشىنىشلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىلەر چۈشەنچىسىدە ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر قىسىم پەرقلەر ساقلىنىپ قالغان؛ بىر قىسىم زور تارىخي ۋەقەلەرخۇسۇسىدا ۋە ئەمىلىي مەسىللەردە مەپكۇرەۋى توقۇنۇشلار ساقلىنىپ قالغان. خەلىپىنىڭ قانۇنىيلىق مەسىلىسىدە، ئاۋۋالقى تۆت خەلىپە ھەمدە مۇئاۋىيەنىڭ تۆھپىسى بىلەن خاتالىقلىرى، جىنايەتچىلەرنىڭ (ئالايلى خەلىپىنى ئۆلتۈرۈش) ئىسلام دىندىكى ئورنى مەسىلىسى، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئولىيەتلىرى قاتارلىق مەسىللەردەشەرىئەتتە تالاش- تارتىشلارقوزغۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەزكۇر مەسىلـلەرگە بولغان جاۋابلىرىدا زور ئوخشاشماسلىقلار كېلىپ چىققان. يۈزلەرچە يىللىق تەرجىمە ھەرىكىتى روناق تاپقاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئالىملار يۇنان پەلسەپەسىنىڭ ئەقلىيلىك مەپكورەسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچىرىشىشقا باشلىغان. بۇ ئىشلاردا دەسلەپ، دىنىي مەسىللەرئىلمىي تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈنگەنىدى، بىراق، ئادەمنىڭ ھەددى- ھەرىكەتلىرى بىلەن دىنىي ئېتىقادى ئوتتۇرىسىدىكى مۇنا- سىۋەتلەر، ئاللاھنىڭ تەقدىر ئەزىلى بىلەن كىشىلىك ئىرادە ئەركىنلىكى مۇناسىۋەتلىرى، تەڭرىنىڭ ماھىيىتى ۋەخۇسۇسىيەتلىرى، «قۇرئان كەرىم» مەڭگۈ ئۆزگەرمەسمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ دېگەندەك دىنىي مەسىللەردە بەھىس- مۇنازىلەربېسىقماسلا بولۇپ كەتكەن. شۇ قاتارلىق ئىدىيە ئىختىلاپلىرى ۋە رېئال سىياسىي زىددىيەت، سىنىپىي زىددىيەت ھەمدە مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ بىر ۋاراقى قىر كۆرسىتىپ چىـقىشلىرى بىلەن ئىسلامىيەتتە بىر تالاي مەزھەپ- پىرقىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top