ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى

ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى

13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمانلى تۈركلىرى كىچىك ئاسىيادا باش كۆتۈرگەندىن كېيىن سىرتقا قارىتا سىياسىي، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى باشلاپ، بۇرۇنقى ۋىزانتىيە ئىمىرىيەسى ۋە ئەرەب ئىمپىرىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى بېسىۋىلىپ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ دىنلىق بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى. بەش ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇزۇن تارىخى دەۋر ئىچىدە، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىزچىل تۈردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ داھىيسى بولۇپ، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، شەرقى ياۋروپا ۋە جەنۇبى ياۋرۇپالارغا 500 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
ئوسمانلى ئىمپىريىسى (1299-1922) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، ئۇلار جەمىئيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بىر قاتار چارىلەرنى قوللاندى، ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ شەرقى ۋە جەنۇبى ياۋرۇپادا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىناكارلىق، شېئىرىيەت، ئىلىم-پەن، سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى قازاندى. شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى جەھەتتە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئوسمانلى ئىمپىريىسى مىللەت، دىن جەھەتتە يول قويۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، شەرق، غەربتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇغۇرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئىمپىرىيىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكلىكى ئىستىلا قىلىنغان رايونلارغا قارىتا مۇئەييەن دەرىجدىكى بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئوينىدى.

§1 ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ باش كۆتىرىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى

ئوسمانلى تۈركلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئامۇ دەرياسى بويلىرىدىكى غەربىي تۈركلەردىن ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى قاي قەبىلىسىدىن بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، موڭغۇللار باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ قەبىلە غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئاناتولىيەگە كىرىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن (بەزىلەر ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چېغىدىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن دەيدۇ.) سالجۇق ئىمپىريىسىنىڭ سۇلتانى ئارسلان ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سۇلايمان. ئىبنى. قۇدنى شەرقى رۇم ئىمپىريىسىنىڭ كىچىك ئاسىيا رايونىغا ئەۋەتكەن. 1077- يىلى، سۇلايمان. ئىبنى. قۇد رۇم سۇلتانلىقنى قۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئوسمانلار سالجۇقلارغا ياردەملىشىپ ۋىزانتىيە بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن، سالجۇقىلارغا تەۋە ئاناتولىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قارا جەدەگە ئورۇنلاشقان. ھەمدە چېگىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان. 1281- يىلى ئوسمان Ⅰ(1258-1324) قەبىلە باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئادەملىرىنى باشلاپ شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن جەڭگىۋار بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن ۋىزانتىيىنىڭ قارا جەھسار، بىلەيچىك، يارھىسار قاتارلىق جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىشېرنى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن. 1289-يىلى، رۇم سۇلتانلىقى ئۇنىڭ تارتىۋالغان يەرلىرىنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1299- يىلى، رۇم سۇلتانلىقى پارچىلانغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوسمان Ⅰ رەسمى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئۆزىنى «غازى» دەپ ئاتاپ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان. ئوسمان Ⅰ، ئورھان (1324-1360 يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان)، مۇراد Ⅰ (1360-1389- يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ۋە پاجىد Ⅰ (1389-1402- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) لارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، ئوسمانلىلار ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بولغارىيە، سىبىريىلەرگە كېيىڭىپ، ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى نۇرغۇن يەرلىرىنى بېسىۋالغان. 1326- يىلى، موڭغۇللار سالجۇق سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئوسمانلىلار «سۇلتان» نامىنى قوللىنىدىغانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلىپ، بۇرسانى پايتەخت، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى. 1362- يىلى ئوسمانلىلار ئادرىناينى بېسىۋالغاندىن كېيىن پايتەختنى شۇ يەرگە كۆچۈردى. 1389-يىلى، كوسۇۋۇ جېڭىدە ئوسمانىلار سىبىرىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگىرىيەلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بالقان رايونلىرىنى ئىستىلا قىلىپ، ئاناتولىيە، تۈرك، سالجۇقىلارنىڭ ھەرقايسى ئەمىر كىنەزلىكلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلتۈردى. 1394- يىلى، سۇلتان بايجىد Ⅰ مىسىر مەملۇك سۇلالىسى ھامىلىقىدىكى خەلىپە مۇتەۋەكىلىنى ئۇنىڭغا «رۇم سۇلتانى» دەپ نام بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. 1402- يىلى، تېمۇر قوشۇن تارتىپ كىرىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ بايجىد Ⅰ نى ئەسىرگە ئېلىۋىلىپ، ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ كونستانىتنوپولغا بولغان ھۇجۇمىنى كەينىگە سۈرۈۋەتتى. ئەمما، 16- ئەسىرلەرگە كەلگەندە سۇلتان سەلىم Ⅰ(1520-1566) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرلىرىدە، ئوسمانلى ئىمپىريىسىنى گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان ئىدى.
ئوسمان Ⅰ نىڭ ئوغلى ئورھان جانلىق سىياسەت قوللۇنۇپ، قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىدى. ئالدى بىلەن كۈچىنى مەكەزلەشتۈرۈپ ۋىزانتىيە ئىمىريىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئاندىن كېيىن كىچىك ئاسىيانىڭ غەربى شىمالىي قىسمىدىكى سېلىسنىڭ گارىبالدىنى ئىشغال قىلدى. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ مۇنتىزىم پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارنى قۇرۇپ چىقتى. ئوسمانلى قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق تەشكىلى قىسمى ئىنتايىن جەڭگىۋار بالىلار گارمىزونى قوشۇنى («گۋاردىچىلەر») دىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ قوشۇندىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى خرىستىيان ئائىلىلىرىدىن كەلگەنلەر ئىدى. قۇدرەتلىك مۇشۇ قوشۇننىڭ كۈچى بىلەن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىكى توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، مەركەزدە پارلامىنت تەسىس قىلىپ «دىۋان» تەشكىللىدى. ئاكىسى ئالائىددىنىنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. ھەر قايسى جايلارغا مەمۇرىي، ھەربىي بەگ («بەي») ۋە قازىلارنى ئەۋەتتى. بىرلىككە كەلگەن پۇل قۇيدۇردى. ئورھان يەنە داڭلىق فەقىھلەرنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، قانۇن دەستۇرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. قانۇن تەرتىپى ۋە ئەدلىيە نىزاملىرىنى بەلگىلىدى. ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلاردا مەسچىتلەرنى سالدۇردى. بۇرسادا تۇنجى ئىسلام مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئاتاقلىق فەقىھ داۋۇد. قايسالنى مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ تەيىنلەپ، قازى ، دائى (دىن تارقاتقۇچىلار) ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەربىيلەپ چىقتى. شۇڭلاشقا، سۇلتان ئورھاننى ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ.
1360-يىلىدىن 1389- يىلغىچە ئىمپىرىيىنىڭ 3- قارار سۇلتانى مۇراد Ⅰ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 30 يىل ئىچىدە، ئۇ ئىچكى توپىلاڭلارنى تىنجىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋاملىق تۈردە سىرتقا كېڭەيدى. 1362- يىلى، ئوسمانلى قوشۇنلىرى ئادىرىناينى بېسىۋالدى. ھەمدە 1365- يىلى مەزكۇر شەھەرنى پايتەخت قىلىپ بېكىتتى. 1366- يىلى ئوسمانلى ئىمىريىسى شەرقى، جەنۇبى ياۋرۇپالاردا مۇستەھكەم بازىغا ئېرىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن ماكىدونىيە، بۇلغارىيە ۋە سىبىرىيەلەرنى ئىشغال قىلدى. خرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بالقان خانلىقى ۋە ۋىزانتىيە پادىشاھىنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. مۇراد Ⅰ ئۆزى قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ سېربىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگىرىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەڭ مەيدانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
مۇراد Ⅱ (1421-1451- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ۋىزانتىيە پادىشاھى ئاستىرتىن قوللاپ قوزغىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكى توپىلاڭنى تىنجىتتى، يەنە ياۋرۇپادىكى خىرىستىيان خالىقلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بوسىنىيە، سېربىيەلەرنى يەنە بىر قېتىم بويسۇندۇرۇپ ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ ياۋروپا، ئاسىيادىكى ئۆزىگە قاراشلىق رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. دۆلەت ئىچىدە ئۇ ئىلىم-پەنگە مەدەت بېرىپ، مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى تەشەببۇس قىلدى.
مۇھەممەد Ⅱ (1451- 1481- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ئىنتايىن تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئەرەب، پارس، گېرىك، ئىتاليان تىلى قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنى پىششىق بىلەتتى. پارس، رىم ۋە گېرىك ئەدەبىياتى، پەلسەپە ۋە ھەربىي ئىشلار ئىدىيىسى بىلەن تونۇش ئىدى. 1453- يىلى 3-ئايدا، مۇھەممەد Ⅱ خىللانغان 170 مىڭ كىشلىك قوشۇن، 300 ئۇرۇش كېمىسى، نۇرغۇن زەمبىرەكلەر بىلەن، ئىككى ئاي جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 5- ئاينىڭ 29- كۈنى كونسىتانىتنوپولنى ئالىدۇ. شۇندىن تارتىپ، مەزكۇر شەھەر ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ پايتەختى قىلىنىپ، ئىسمى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىلىدۇ. داڭلىق سان سوفىيە چوڭ چىركاۋى مەسچىتكە ئۆزگەرتىلىدۇ. مۇھەممەد Ⅱ ئىسلام قانۇن دەستۇرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئىلغار قۇرال-ياراقلارنى ئىشلىتىدىغان ھەربى قوشۇننى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ. يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان رايونلارغا قارىتا ئىسلاملاشتۇرۇلغان ھەرخىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، باشقا دىنىي تەشكىلاتلارغا ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرىدىغان «مىللەت تۈزۈمى» نى يولغا قويىدۇ. ئۇ ئىقتسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، سىرتقا قارىتا كېڭىيىدىغان ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 1459- يىلدىن 1478- يىلغىچە، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان زېھنى كۈچى بىلەن زېمىنىنى كېڭەيتىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلدى. ئۈزلۈكسىز تۈردە باشقا تۈرك ھاكىمىيەتلىرىنى يۈتىۋېلىپ، ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنى يوقۇتۇپ، ياۋرۇپانى زىلزىلىگە سالدى. ئۇ پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، قىرىمنى بېقىندۇردى، قارا دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى كونترول قىلىپ، كاسپى دېڭىزى تاقىم ئاراللىرىنى بېسىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ «ئىككى يەر (رۇمىنىيە ۋە ئاناتولىيە) ۋە ئىككى دېڭىز (كاسپى دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز) نىڭ ئىگىسى» دەپ ئاتالدى.
16- ئەسىردە، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. 1514- يىلى، سەلىم Ⅰ پىرىسىيە سافاۋىي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلدى. 1516- يىلدىن 1517- يىلغىچە ، ئۇ يەنە كۆپ قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ مىسىر مەملۇك سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېڭىپ، قاھىرەدە ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ خەلپىسى مۇتەۋەككىلنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئۇنى نەزەربەند قىلىدى. سەلىم Ⅰ ئۆزنى خەلىپەدەپ ئاتاپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، ئىلگىرى-كېيىن مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق ئەرەب رايونلىرىنى بېسىۋالدى. مۇقەەدەس جاي مەككىدىكى شېرىپ بويسۇنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ئىسلام دىنى مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى ئىمپىرىيەگە تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەلىم Ⅰ سۇلتان «ئىككى مۇقەددەس جاينىڭ قوغدىغۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
سۇلايمان Ⅰ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، دۆلەت كۈچى تېخىمۇ زورايدى. سۇلايمان ياش ۋاقتىدا ئىستانبۇل ئوردا مەكتىپىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان، كافا قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولغان، مول باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىدى. ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇ تۈزەشنى باشلاپ، ئوردا نىزاملىرىنى تەرتىپكە سالدى، مەركەزنىڭ ھوقوقىنى كۈچەيتتى. ھەربىي ئىشلار، مالىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلدى. ئىقسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دۆلەت غەزىنىسىنى تولدۇردى. ئۇ قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، غايەت زور بىر قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ، «قانۇن تۇرغۇزغۇچى» دەپ ئاتالدى. ئۇ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئىمپىرىيىنى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى كۈچىگە ئىگە قىلدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن ئىراق، لىۋان، ھىجاز، يەمەن قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، مەغرىبتىكى ماراكەشتىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزدى. ھەمدە شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپاغا ھەربىي ئەمەلدار، ئىسلام دىنى قازىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇپ، شەرقى-جەنۇبى ياۋرۇپادا ئىسلام دىنىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتتى. ئىمپىرىيە راسا گۈللەنگەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە كافكاز ۋە پارس قولتۇقىغىچە، غەربى ئافرىقىدىكى ماراكەشكىچە، جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغىچە، شىمالىي ئاۋستىرىيەنىڭ چىگرىسىدىن تارتىپ روسىيەنىڭ چىگرىسى ئىچىگە يېتىپ بېرىپ ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان، 40 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 6 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر يېرىنى ئۆز ئىچگە ئالدى. بۇ چاغدىكى ئوسمانلى ئىمپىريىسى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان ئىدى.
سۇلايمان Ⅰ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئوسمانلى ئىمپىريىسى تەدرىجى زەئىپلەشتى. ئىچكى قىسمىدا، يەرلىك فېئوداللارنىڭ تەپرىقىچىلىكى كۈچەيدى. يەرلەر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىپ، دېھقانلارنىڭ يەلكىسىدىكى ئالۋاڭ-سېلىقلار ئېغىرلاشتى. دۆلەت مالىيەسى كىرزىسقا دۇچ كەلدى. دۆلەت ئىچىدىكى مىللى ئىكىسپىلاتاتسىيە ئېغىرلىشىپ، سىنىپىي ۋە مىللى زىددىيەتلەر كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. كىچىك ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن نەچچە ئون قېتىم دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە دىنى مەزھەپ قوزغۇلاڭلىرى پارتلىدى. مەسىلەن، 16- ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە يۈز بەرگەن جەلال ھەركىتى، 18- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىستانبۇلدا پارتلىغان پاترونا، مەسىل قوزغىلىڭى قاتارلىقلار ئىمپىرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىككى قېتىملىق روسىيە-تۈركىيە ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن، ئىمپىرىيىگە تەۋە قارا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلىرىنى روسىيەگە ئايرىپ بەردى. 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىمپىرىيە چىگرىسى ئىچىدە مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرى باش كۆتۈردى. مىسر، يەمەن، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئىمپىرىيىنىڭ كونتىروللىقىدىن ئايرىلدى. بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن مۇستەقىل بولدى. گەرچە بەزىبىر سىياسيونلار ئىمپىرىيەنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرىدىغان چىقىش يوللىرىنى تېپىش ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بەزى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى. ئىمپىرىيىنىڭ لىڭشىپ قالغان ھاكىمىيتىنى قوتۇلدۇرمايلا قالماستىن، بەلكى تەدرىجىي ھالدا غەربتىكى زوراۋانلارنىڭ تۈركىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتسادىغا بولغان تەسىرىنى كېڭەيتىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋستىرىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىمپىرىيىنىڭ ياۋروپا، ئافرىقا، غەربى ئاسىيادىكى كەڭ زىمىنلىرىنى تالىشىش ۋە بۆلۈۋېلىشنى تېزلەشتۈردى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىمپىرىيە قاتناشقان ئىتتىپاقداش دۆلەت جېڭىدە يېڭىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قاراشلىق يەرلەردىن پەقەت تۈركىيە ئۆز زېمىنىلا قالدى. 1919- يىلى، دۆلەت ئىچىدە مۇستاپا كامال رەھبەرلىك قىلغان بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى پارتلىدى.ھەمدە مۇۋەپىقىيەت قازاندى. 1922- يىلى، خەلق ھۆكۈمىتى سۇلتان مۇھەممەد Ⅵ نى ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلاپ، سۇلتانلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن ئوسمانلى ئىمپىريىسى ئاخىرى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگىتىپ تارىخى خاتىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

§2 ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ سىياسىي، ئىقسادىي، ھەربىي ۋە مائارىپ، مەدەنىيىتى

1. سىياسىي
ئوسمانلى ئىمپىريىسى سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فېئودال ھەربى ئىمپىرىيە بولۇپ، مۇكەممەل، ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى تەسىس قىلىنغان. سىياسىي، ھەربىي، ئەدلىيە، دىنىي ھوقوقلار بىرلا سۇلتانغا مەركەزلەشكەن، ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھۆكۈمران بولۇپ، ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سۇلتان دىنىي داھىي سۈپىتىدە «ئەمرى مۆمىن» (مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى باشلىقى) دېگەن ئاتاقنى قوللىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ غوللۇق مەزھەپلىرىنىڭ داھىيسى سالاھىيىتىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلدى. سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغىدى. سەلىم Ⅰ ھىجازغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ «خەلىپە» سى، «ئىككى مۇقەددەس جاينىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتاپ، پەيغەمبەرنىڭ تونى قاتارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ساقلاپ، يەنە كەئىبە بەيتۇل ھەرەمنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقان ئىدى. ھۆكۈمەت ۋە ئوردا سۇلتانغا بىۋاسىتە مۇلازىمەن قىلسا، ۋەزىرلەر، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىلىرى ھەمدە ھەربىي قوشۇن، سودىلار سۇلتانغا سادىق ئىدى.
سۇلتاندىن تۆۋەن تۇرىدىغىنى ۋەزىر بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا باشچىلىق قىلىپ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، سۇلتاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىگە ياردەم قىلاتتى. ۋەزىرلەر، شەيخۇل ئىسلام، يۇقىرى ھەربى باشلىقلار، مالىيە ئەمەلدارلىرى ھەمدە پەرمانلارنى جاكارلايدىغان، ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كاتىپلاردىن تەشكىل قىلىنغان دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلاتتى. ۋەزىرلەر، قازى كالان ۋە ئەمىرلەر سۇلتانغا ۋاكالىتەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مەمۇرىي، مالىيە ۋە دىنىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقوقىغا ئىگە ئىدى. ئىمپىرىيە ئۆزىگە قاراشلىق ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە قارىتا ھوقوقىنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى دەرىجىگە ئايرىپ ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ۋالى مەسئۇل ئىدى. ۋالى «پاشا» ياكى «باي» دەپ ئاتىلاتتى. پۈتۈن مەملىكەت 31 ئۆلكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ۋالىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى نىسبەتەن قىسقا ئىدى. ۋالىنىڭ قول ئاستىدا ھەر قايسى ناھىيىلەرنىڭ ناھىيە باشلىقلىرى تۇراتتى. پۈتۈن مەملىكەتتە جەمئىي 200 دىن ئارتۇق ناھىيە بار ئىدى. ئۆلىمالار ۋە فەقىھلەر مۇئەييەن ھوقۇق ۋە تەسرى ئىنتايىن زور ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە ئىدى.
ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئەمەلدار تاللاشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسۇلنى قوللىناتتى. ھۆكۈمەت خىرىستىيان ئائىلىرىدىن كېلىپ چىققان ئوغۇل بالىلاردىن بالىلار گارنىزونى تەشكىللەپ، مەخسۇس مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى دۆلەت ئېھتىياجلىق باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە باتۇر ئوفىتسىر-ئەسكەر قىلىپ تەربىيلەپ چىقىپ، ھەربىي ئىشلار، مەمۇرىي ۋە تاشقى ئالاقە خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلدۇراتتى. ئۇلار گەرچە قۇللار قاتلىمىغا تەۋە بولسىمۇ. لېكىن شان-شەرەپ، مال-مۈلۈك، ئورۇن-مەرتىۋە ھەمدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولاتتى، ھېچقانداق باج-سېلىق تاپشۇرمايتتى. ئۇلار ئۈستىگە ئالىدىغان مەمۇرىي ۋەزىپىلەر، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ۋەزىرلىككە يېتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بويتاق بولۇپ، سۇلتانغا مۇتلەق سادىق ئىدى. ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلار، فېئودال يەر ئىگىلىرى، تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى ياكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ بالىلىرىنىڭ بالىلار گارنىزونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايتتى. ئىمپىرىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىدىيىسى ئازاد بولغان بولۇپ، دائىم يات مىللەتلەردىن ئەمەلدارلىققا ئادەم تەيىنلەيتتى. ئىمپىرىيىنىڭ ئەڭ ئالى خىزمىتى بولغان ۋەزىرلىككە، گىرىكلاردىن ياكى دىنىنى ئۆزگەرتكەنلەردىن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلەر بار ئىدى. ئوسمانلى ئىمپىريىسى راسا گۈللەنگەن چاغلاردا ۋەزىرلەر كۆپىنچە يېڭى دىنىغا كىرگەنلەردىن قويۇلغان ئىدى.
باج يىغىشنى ئەڭ دەسلەپتە، مەركىزى دۆلەت غەزىنىسى بىۋاسىتە باشقۇرغان. كېيىن باج يىغىش قىيىن بولغاچقا، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئۆزى يىغىپ، ئۆزى ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىلگەن. يەرلىك ئەمەلدارلار، فېئودال يەر ئىگىلىرى، قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى، يۇقىرى قاتلامدىكى دىنىي ۋە ھەربىي داھىيلار قاتارلىق باجنى ھۆددىگە ئالغۇچى «مۇلتىسسىم» لەر شۇ ئورۇننىڭ تاپشۇرىغا تېگىشلىك بېجىنى ئالدىن تۆلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالىدىن باجنى خالىغانچە ئۆستۈرۈپ، ئەسلى يېغىشقا تېگىشلىك باج ئۆلچىمىدىن بەك جىق ئاشۇرۇپ يىغىۋالاتتى.
پايتەخت ۋە جايلارنىڭ ھەممىسىدە قازى ۋە مۇپتىلار تەيىنلەنگەن بولۇپ، قازى سوتچى بولۇپ، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەرز-داۋالارنى بىر تەرەپ قىلاتتى؛ مۇپتى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى چۈشەندۈرگۈچى ئەمەلدار بولۇپ، بىلىمى مول فەقىھلەردىن تەيىنلىنەتتى. ئۇلار ئىسلام شەرىئەتلىرىنى تەپسىرلەشكە مەسئۇل بولۇپ، قانۇن تورغۇلۇق سورالغان مەسىللەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ئۆمۈر بويى ئاتقۇراتتى، ئەمما، سالاھىيىتى يەنىلا ئادەتتىكى پۇقرا ئىدى. سەلىم Ⅰ دىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ باش مۇپتىسى قانۇنى جەھەتتە ئەڭ ئالى نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، «ئىسلامنىڭ پېشۋاسى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن ئىدى.
غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارغا نىسبەتەن دىنىي تەشكىلاتلار ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرىدىغان «مىللەت تۈزۈمى» يولغا قويۇلغانىدى. بۇ، يەھۇدىي دىنى، پىراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستيان دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىنى، مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقوقى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سوتى بار ئىدى. ئەرز-دەۋالارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە سورايتتى. مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، 14-ئەسىردە ئىمپىرىيىدە تىزىملاش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان.
2. ئىقتساد
ئوسمانلى ئىمپىريىسى سالجۇقىلار ئىمپىرىيىسىگە تەقلىد قىلىپ يەرنىڭ «ئېتىكا تۈزۈمى» نى يولغا قويغان ئىدى. «ئىتىكا» ئىسلام فېئودال دۆلەتلىرىدە قوللىنىلىدىغان يەر تەقسىمات سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىدۇر. سۇلتان «ئاللانىڭ يەر يۈزىدىكى نائىبى» دەپ ئاتالغاچقا، ئۇنىڭ ھوقوقى ئاللادىن كېلىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مۇتلەق بويسۇنىشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىناتتى. مۇشۇنداق ئىلاھى ھوقۇق سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىمپىرىيە يەرلىرىنىڭ %80 ى دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، «مىل» دەپ ئاتىلاتتى. يەرلەر نامدا دۆلەتكە تەۋە دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، سۇلتان ئەڭ يۇقىرى يەر باشقۇرۇش ھوقوقىغا ئىگە ئىدى. دۆلەت يەرلىرى، خاس، زىمىد، تىمال دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنەتتى. خاس يەرلەر خان جەمەتى ئەزالىرى ۋە ئالى دەرىجىلىك مۇلكى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ يېرى بولۇپ، كىرىمى 100 مىڭ ئاقچا (كۈمۈش پۇل بىرلىكى) دىن يۇقىرى ئىدى. زىمىد ۋە تىمال يەرلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش شەرتى ئاستىدا، تۆھپىكار ھەربىيلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىڭ ئاقچىدىن يۇقىرى ۋە 20 مىڭ ئاقچىدىن تۆۋەن دەپ پەرقلىنەتتى. سۇلتان كەڭ كۆلەمدىكى مۇنبەت يەرلەرنى ئەمەل دەرىجسى ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى تۆھپىلىرىگە قاراپ ۋالى، ھەردەرىجىلىك ھەربى ئەمەلدارلار ۋە تۆھپە ياراتقان ئەسكەرلەر، ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلىپ بۆلۈپ بېرەتتى. يەر ئالغانلار سۇلتانغا سادىق بولۇپ، ھەر يىلى سۇلتاننى مەلۇم مىقتاردىكى ئەسكىرى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى ياكى چاقىرىققا بىنائەن ئۇرۇشقا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. ئەڭ تۆۋەن ساندىكى يەر «تىمال» ئۈچۈن بەش ئاتلىق ئەسكەر بىلەن تەمىنلەش لازىم ئىدى. چوڭ يەر ئىگىلىرى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئەسكىرى كۈچ چىقىراتتى. بۇخىل تۈزۈم ئىسلام دۆلىتى ۋە جەمئىيىەت تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇندىن سىرت، يەنە بىر قىسىم يەرلەر «ۋەخپە» بولۇپ، مەسچىد ياكى دىنىي تەشكىلاتلارغا تەۋە ئىدى. بۇ خىل يەرلەرنى ياكى سۇلتان سۇيۇرغال قىلىپ بېرەتتى ياكى بايلار ئىنئام قىلىپ بېرەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىر قىسىم يەرلەر خۇسۇسىي يەرلەر يەنى «مۈرىك» ئىدى. ئىمپىرىيەنىڭ ئاساسلىق مالىيە كىرىمى يەر بېجى، ئولپان. زاكات، جىزيە ۋە ئۇرۇش غەنىمەتلىرىدىن كىرەتتى. ئىمپىرىيە سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىدىن مول ئولجىلارغا ئېرىشەتتى. بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ئولجىلىرىنىڭ %20 ى دۆلەت غەزىنىسىگە كىرگۈزىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەربىي قوشۇندىكى كوماندىر-ئەسكەرلەرگە مائاش بېرىلەتتى. ئىمپىرىيە ھۆكۈمرانلىرى يەنە بۇيرۇق بىلەن پۇل قۇيدۇرۇپ، ئىقسادنى راۋاجلاندۇراتتى. ھەمدە خرىستىيان مۇرىتلىرى (ناسارالار) ياكى ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن يات مىللەتلەرگە ئىقتسادىنى باشقۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇراتتى.
ئىمپىرىيىنىڭ ئىقتسادى مەنبەئەسى ئاساسىدا سودا، قول سانائەت ۋە دېھقانچىلىقتىن كىرەتتى. مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلار باشقۇرغان سودا، قول-سانائەت ئىشلىرى ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى، توقۇمىچلىق، گىلەمچىلىك، دورا ياساش، تۆمۈر تاۋلاش قاتارلىقلار ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ئىدى. مىسىر بىلەن سۈرىيە شۇ يەردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىردىن پايدىلىنىپ، يىمەكلىك ياغ پىشىققلاپ ئىشلەش كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرغان ئىدى. مىسىردا يەنە شىكەر ۋە مۇراببالار ئىشلەپچىقىرىلاتتى. يەھۇدىيلار كۆپرەك مېتال سايمانلار كەسپى بىلەن شۇغىللىناتتى. شەھەرلەردىكى قول-ھۈنەرۋەنلەر كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ، ھۈنەرۋەن شاگرىت ئېلىپ ھۈنەر ئۆگىتىپ، مۇددىتى توشقاندا، ئۇستىسى رۇخسەت قىلغاندا ئاندىن كېيىن ئايرىم دۇكان ئاچالايتتى. دۇكاندارلارنىڭ سانىنى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى باشقۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قازى مەسئۇل ئىدى.
يېزا-ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى سانائەتنىڭ گۈللىنىشنى، سودىنىڭ گۈللىنىشى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئوسمانىلار ھىندىستان بىلەن جۇڭگوغا بارىدىغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق قاتناشلىرىنى كونترول قىلىپ، دېڭىز سودىسىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ياۋرۇپادىكى ئىمپىرىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قۇرۇق يەل- يېمىش، تېرە، قاراماي، ياغاچ ماتېرياللىرى، قورال-ياراق، شال، بۇغداي قاتارلىق ھەرخىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيالار، ھىندىستان ۋە سۇداننىڭ ماللىرى ياۋرۇپاغا توشۇلاتتى، خۇشپۇراق ماتېرياللار، خام يېپەك، پىل چىشى، ئەلتېرە ھەمدە قۇل سودىسى سۇلتان ئۈچۈن مول بايلىق ئېلىپ كىلەتتى.
3.ھەربىي ئىشلار
ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى قۇدرەتلىق ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئاتلىق ئەسكەر، پىيادە ئەسكەر ۋە دېڭىز ئارمىيىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي ئىنتىزامى چىڭ ئىدى. ھۆكۈمرانلار سىرتقا قارىتىلغان سىياسىي، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكلەرنى يات دىندىكىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان «غازات» دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتاتتى.
ئىمپىرىيە ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، سۇلتان ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ فېئودال يەر ئىگىلىرى، خرىستىيان ئاقسۈڭەكلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە سىياسىي، ئىقسادىي ئىمتىياز بېرىپ ئۇلارنى ھاكىمىيەتكە، پۇقرالارنى باشقۇرۇشقا قاتناشتۇراتتى. ئۇلار سۇلتانغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ دۆلەت ئېھتياجلىق بولغان ھەربىي تەمىنات ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەيتتى، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر، يەر ئىگىلىرى تىنچلىق مەزگىللىرىدە ھەربى قوشۇننى مەشىق قىلدۇراتتى، ئۇرۇش ۋاقتىدا مەجبۇرىيەت بەلگىلىمىسى بويىچە، سۇلتاننى مۇئەييەن ساندىكى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن تەمىنلەيتتى. مەسىلەن، سۇلايمان Ⅰ نىڭ مەزگىلىدە، ياۋروپا قىسمىدىكى فېئودال يەر ئىگىلىرى 80 مىڭ كىشلىك يەرىك ئاتلىق ئەسكەر، ئاسىيا قىسمىدىكى فېئودال يەر ئىگىلىرى 50 مىڭ كىشلىك يەرلىك ئاتلىق ئەسكەر چىقىرىپ، ئۇلارغا «باي» لەر قوماندانلىق قىلاتتى. ياۋروپا، ئاسىيالاردىن كەلگەن ئاتلىق ئەسكەرلەر يىل بويى توختىماي ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ تۇرغاچقا، ئۇلار ئۇرۇش تەجرىبىسىگە باي، جەڭ ماھارىتى ئۈستۈن، باتۇر ئىدى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى ئىدى.
بالىلار گارنىزونى بىر مەھەل ئىمپىرىيە ھەربىي كۈچىنىڭ يادروسى بولغانىدى. سۇلتان مۇرات Ⅰ ۋاقتىداپەقەت 3000 ئادەم بولغان بولسا، سۇلايمان Ⅰ دەۋرىگە كەلگەندە 20 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. بۇ گارنىزوننىڭ ئەزالىرى كۆپىنچە بالقان رايونىدىكى ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ خرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دېھقان، چارۋىچى ئائىلىلىرىدىن كېلەتتى، ئۇلار 10ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ۋاقتىدا ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ئەنئەنە مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەت قاتتىق تەربىيلەش ئارقىلىق سۇلتانغا يۈكسەك سادىق مۇنەۋۋەر ھەربىي ياكى مەمۇرىي خادىم بولۇپ يېتىشىپ چىقاتتى. ئۇلار ئۆمۈر بويى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، كولىلىكتىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ھەرخىل ئالاھىدە تەمىنات ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايتتى. كېيىن بالىلار گارنىزونى تەدرىجىي چىرىكلىشىپ، سۇلتان مۇرات Ⅳ (1623-1640) دەۋرىدە، ئۇلار توپۇلاڭ قىلىپ، پايتەخت ئىستانبۇل ھەمدە قىسمەن ئۆلكىلەر قالايمىقانلىققا پېتىپ قالغان. سۇلتان ياساۋۇللار قوشۇنى ۋە كوماندىرلارنىڭ ياردىمىدە توپىلاڭنى تىنجىتقاندىن كېيىن، بالىلار گارنىزونىنى تارقېتىۋېتىپ، يېڭى قوشۇن تەشكىللىگگن، ھەمدە خرىستىيان رايونلىرىدىن بالا ئەسكەر ئېلىپ قوشۇن تولۇقلاش قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ زېمىنى بىپايان، ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان بولغاچقا، مۇراد Ⅱ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، دېڭىزدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ھېسابلانغان ئىسپانىيە، فرانسىيە، ۋېنىتسىيە قاتارلىقلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەسلىھەلىرى خىل، قۇراللىرى ئىلغار بىر نەچچە يۈز كېمىسى بولۇپ، تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرى ۋە ماتروسلىرى بار ئىدى. 16- ئەسىرگە كەلگەندە، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى قىزىل دېڭىز، قارا دېڭىز، ئوتتۇرا يەر دېڭىزلىرىدىكى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلىنىپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيالارنى تىترەتكەن ئىدى.
يۇقىرقىلاردىن تاشقىرى، ئىمپىرىيەنىڭ يەنە قۇدرەتلىك توپچىلار ئەترىتى ۋە مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە غەيرى مۇنتىزىم پىدائىي ئەسكەرلىرى بار ئىدى. ئۇلارغا ھەربىي خىراجەت بېرىلمەيتتى، ئات ۋە قۇرال-ياراقنى ئۆزلىرى ھازىرلاپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا غەنىمەت ئېلش ئۈچۈن پىدائى بولۇپ، چاقىرققا ئاساسەن ھەربىي مەجبۈرىيەت ئۆتەيتتى.
4. قانۇنى
ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە مۇكەممەل ئەدىلىيە ۋە تىزىملاش تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئىمپىرىيە ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى دۆلەت دىنى قىلىپ، ھەنەفىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش، ئەدىلىيە ئۆلچىمى قىلىندى. ئىسلاملاشتۇرۇشقا دائىر ھەر خىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مەركەزدە «ئىسلام كومىتېتى» قۇرۇپ، ئالى دىنىي ھوقۇقلۇق ئورگان قىلدى. بۇ ئورگان شەيخۇلئىسلام، قازى، مۇپتى، ئولىمالاردىن تەركىب تاپتى، بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى شەرىئەتكە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش، مەسچىتلەرنى، دىىني فوندىنى ۋە خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، مەدىرىسلەرگە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. سۇلتان شەيخۇلئىسلامنى دىنىي ياردەمچىلىككە تەيىنلىدى. شەيخۇلئىسلامنى سۇلتاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن دىنىي پەرمان ۋە پەتىۋار چىقاردى. ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرىنى تەكشۈردى، سۇلتاننىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ئاستىدا «ئۆلىمالار كېڭىشى» ۋە «شەرىئەت ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش كومىتېتى» تەسىس قىلىندى. شەيخۇلئسلام باشچىلىقىدىكى ئۆلىمالار تەبىقىسى يۇقىرى ئىجتىمائىي ئورۇندىن ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولدى. ئىمپىرىيە شەرىئەتنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ، ھەق- تەلەپ، جىنايى ئىشلار، ۋەخپى، سودا ۋە مەمۇرىي ئىشلارغا دائىر قانۇن- قائىدىلەرنى تۈزۈپ، شەرىئەتنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ئەدليىدە نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. مۇھەممەد П قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز نامىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۈنجى قانۇن دەستۇرىنى ۋە ھەر خىل قانۇن- تۈزۈملەرنى ئېلان قىلدۇردى، بۇ قانۇن دەستۈرىنىڭ مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش، ئوردىنىڭ مۇراسىم قائىدىلىرى، مالىيە تۇزۇمى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، سۇلايمان Ⅰ ھاكىميىتى مەزگىلىدە، ئوردا نىزاملىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەربىي ئىشلار، مالىيە ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلدى، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام مەھكىمە شەرىئلىرىنى ئاساس قىلىپ، مەركەزدىن جايلارغىچە مۇكەممەل ئەدلىيە تۈزۈملىرىنى ئورناتتى، ھەنەفىيە مەزھىپى ئاساسىدا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي قانۇن چىقىرىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۇشكە تىرىشتى .
دۆلەت پەرمانىنىڭ مەزمۇنلىرى- ئەمەلگە ۋارىسلىق قىلىش، تەمىنات، دەرىجە ۋە قائىدە- يۇسۇن، سودا ئىشلىرى ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزىتىش، جىنايى ئىشلار قانۇنىنى تولۇقلاش قاتارلىقلارغا چېتىلدى. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ نۇرغۇن قانۇنلارنى تۈزدۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «سۇلايمان قانۇن دەستۇرى» ئەڭ مۇكەممەل قانۇن دەستۇرى بولۇپ، مەزمۇنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى، غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ ئورنى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، جىنايى ئىشلار قانونى، يەر قانۇنى، ئۇرۇش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي قانۇن چىقىرىشى ئىسلام شەرئىتىگە ماس كېلىشى كېرەكلىگى، قازىلارنىڭ ئورنى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۇلارنىڭ ئەدلىيىدىكى داھىيلىق ئورننى تىكلەش، سۇلتاننىڭ بەرگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقى قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
5. مەدەنىيەت مائارىپى
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئىسلام ئىلمي مەدەنيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، ئىسلام مەدەنيىتىگە ئالاقىدار ئاسار- ئەتىقىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى. ھۆكۈمەت نۇرغۇن دىنىي فوند سەرىپ قىلىپ مۇھىم شەھەرلەردە ھەيۋەتلىك چوڭ جامەلەرنى، دىنىي دارىلپۇنۇن ۋە كۇتۇبخانىلارنى سالدۇردى. پايتەخت ئىستانبۇلدىلا 400 دىن ئارتۇق مەسچىت سېلىندى، سۇلتان غايەت زور مەبلەغ سېلىپ مەسچىدى ھەرەمنى، مەسچىدى نەبىنى كېڭەيتىپ سالدۇردى. ھەزىرىتى ئەلىنىڭ مەقبەرىسىنى ياساتتى، سۇلتان يېڭىدىن بويسۇندۇرۇلغان شەرقىي- جەنۇبىي ياۋرۇپادىمۇ نۇرغۇن مەسچىت سالدۇردى. مەسىلەن، سېربىيەنىڭ سەراجىپ شەھرىدىكى داڭلىق «غازى مەسچىتى»نى، ئالبانىيىدە نۇرغۇن مەسچىت ۋە مەدىرسە سالدۇردى.
بۇداپىشتتا 61 مەسچىت، 10 مەدىرىسە ۋە كۈتۈپخانە سالدۇردى، گىرىتسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 300 دىن ئارتۇق مەسچىت سالدۇردى، يوگۇسلاۋىيىدە 20 نەچچە مەسچىت ۋە مەدىرىسە سالدۇردى. 16- ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىمپېرىيىدە ئىسلام مەدەنىيىتى زور تەرەققى قىلغان دەۋر بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ھەدىس، ھەنەفىيەلەرنىڭ فىقھە كىتابلىرى ۋە ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيىگە دائىر ئەرەپچە كىلاسسىك ئەسەرلەر تۇركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى، تۈرك ئۆلىمالىرى 17- ئەسىردىن باشلاپ تۈرك تىلىدا ئەسەر يېزىشقا كىرىشتى. ئوردا ۋە جايلاردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، ئىلمي تەۋھىد، ئىلمي فىقىھە، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن مەشھۇر ئۆلىمالار بارلىققا كەلدى. دۆلەت ئۆلىمالارنى «تۈركىيە ئىسلام قامۇسى»نى يېزىشقا ۋە «ئۇلۇغ شەرق» ژۇرنىلىنى چىقىرىشقا ئۇيۇشتۇردى.
ئىمپىرىيىدىكى سۇلتانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بەردى. مۇراد Ⅰئىلىم-پەنگە ئىلھام بەرگەنىدى، ئالىم، شائىر، مۇزىكانتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. مۇراد Ⅱتۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرجىمە پائالىيەتلىرىنى قوللىدى. سۇلايمان Ⅰئالىم، ئەدىپلەرگە ئېتىبار بەردى ۋە ئۇلارنى قوغدىدى. ئاتاقلىق فەقىھ ئەبۇ. مەسئۇد، تارىخشۇناس كامال. پاشازادە، شائىر ئابدۇللا. باجى ۋە ئارخىتىكتور سىنان قاتارلىقلار ئۇنىڭ دائىملىق مىھمانلىرى ئىدى. سۇلايمانⅠبىلەن سەلىم Ⅱھەر ئىككىلىسى شائىر بولۇپ، سۇلايمان Ⅰيەنە «ئۇرۇش خاتىرىلىرى» دېگەن بىر كىتاب يازغان ئىدى.
ئەدەبىيات جەھەتتە، ئىپىرىيە دەۋرىدە شېئىر ژانىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. 16- ئەسىردە، تۈركىيىدە شېئىرىيەت گۈللەندى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە شائىرلانىڭ 4/1 قىسمى مانا مۇشۇ دەۋىرگە تەۋە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەد يەسەۋىنىڭ شېئىرلىرى كەڭ تارقالغان. سۇلايمان دەۋرىدە، شائىر ئابدۇللا، باجى تۈرك تىلى بىلەن ئىجاد قىلغان. ئەينى چاغدا ئۇ ئەرەب شائىرى مۇتەنەبى ۋە پارس شائىرى ھاپىز شرازي بىلەن تەڭ قاتاردا تۇراتتى. بالىلار گارنىزونىدىن كېلىپ چىققان يەھيا بولسا، مۇھەببەت شېئىرلىرى ۋە لېرىك نەسىرلەرنى يېزىشقا ئۇستا ئىدى. يەنە بىر شائىر قايالى مول تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغانىدى. ئەپرىيا. چەلەبى پۈتكۈل ئوسمانلى ئىپېرىيىسىنى ۋە مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كېزىپ چىققان بولۇپ، روسىيە، ۋىنگىرىيىلەرگە قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. ئۇنىڭ «بىر ساياھەتچىنىڭ يىلنامىسى» دېگەن كىتابى كەڭ تارقالغان.
تارىخشۇناسلىق جەھەتتە، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى كۆپ جىلدلىق تارىخ كىتابى— «تارىخنىڭ خانتاجى» ئەڭ داڭلىق بولۇپ، بۇ كىتابتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ باش كۆتىرىشى ۋە تەرەققى قىلىشى تەپسىلى بايان قىلىنغانىدى.
جۇغراپىيە جەھەتتە، ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنى بىپايان بولغاچقا، دېڭىز قاتناش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، جۇغراپىيە بىلىملىرى مول، نەتىجىلىرى كۆزگە كۆرىنەرلىك ئىدى. ئىمپىرىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئادىمىرالى پىر. رېىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ۋە سىزغان خەرىتىلىرىدە، ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويلىرىنىڭ يەر شەكىللىرى تەپسىلى خاتىرلەنگەن بولۇپ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىدى.
بۇ مەزگىلدە مىمارچىلىقمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. سۇلتان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەرقايسى جايلاردا ياساتقان كۆۋرۈك، مەدىرىسە، دوختۇرخانا، ئۆتەڭ، مېھمانخانا، مونچا قاتارلىقلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇراتتى. پايتەخت ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ئىنتايىن رەتلىك بولۇپ، ئاتاقلىق مىمار (ئارختېكتور) سىنان لايىھىلىگەن ۋە نازارەت قىلىپ سالدۇرغان چوڭ قۇرۇلۇشلار نەچچە يۈزگە يېتەتتى. چوڭ-كىچىك مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستانبۇلدىكى سۇلايمان مەسچىتى دۇنياغا مەشھۇر، ئىمپېرىيىدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش ئىدى. سىناننىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد. ئاتا لايىھىلىگەن كۆك مەسچىت 1606-يىلىدىن 1616-يىلىغىچە سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەدىرسىلەر، كۈتۈبخانا ۋە دارىلئاجىز قاتارلىقلارنىڭ نەپىس بىزەلگەن سەينالىرى ۋە ئالاھىدە ئۇسلۇپتىكى گۈمبەزلىرى كىشىلەرنى ھازىرغىچە ئۆزىگە تەلپۈندۈرىدۇ.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى بىپايان، نوپۇسى كۆپ، مىللەتلەر مۇرەككەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئىنتايىن قاتىلاڭ بولغانلىقتىن،ئۇلار ئىنتايىن نۇرغۇن پىشقان مەمۇرى خادىملارغا موھتاج ئىدى. شۇڭا، مائارىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. پايتەختتە ئوردا مەكتىپى ۋە ئىسلام مەدرىسلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر مەمۇرى باشقۇرغۇچى خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرەتتى. باشقا شەھەرلەردىمۇ ئالى مەدرىسىلەر قۇرۇلغان بولۇپ، دەرس ئۆتۈشكە ئىسلام دۇنياسىدىكى داڭلىق ئۆلىمالار تەكلىپ قىلىناتتى. ئوردا مەكتىپى ھەرمىللەر ياشلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ سىستېمىلىق ھالدا تىل، ئەدەبىيات، پەلسەپە، مۇزىكا، قانۇن، ھەربىي ئىشلار، دىن، مالىيە، مەمۇرى باشقۇرۇش، باج، تەنھەرىكەت قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆگىتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىتى 10 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاتاقلىق ئالىملار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار دەرس ئۆتەتتى. نەتىجىسى ياخشى بولغانلارلا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كىرەلەيتتى. بۇنداق ئادەلەر ۋەزمىن، سالماق، سۇلتانغا سادىق، ئىمپېرىيە ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ تايانچ كۈچلىرىدىن بولۇپ چىقىپ، سۇلتاننىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۈۋرىكى ھېسابلىناتتى. ئۇندىن سىرت، ئالى دەرىجىلىك دىنىي ئۆلىمالار دىنىي مەزھەپتىن خالى مەخسۇس بىر ئورگان تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچكى باشقۇرۇش، مەمۇرى ئىشلار، تىبابەتچىلىك ۋە ئالى مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.
مەسچىتلەرنىڭ قارمىقىدىكى مەدرىسىلەر ياشلارغا بىلىم ئۆگىتەتتى. مۇپتى ۋە قازى تەربىيلەش ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، سۇلتان ۋە ۋەزىرلەر نۇرغۇن مەدرىسىلەرنى قۇرغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرلەردە فىقىھە بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى. خاتىرلىنىشىچە، مۇراد Ⅱدەۋرىدە 20 مىڭ ئوقۇغۇچى فىقىھە ئۆگەنگەن بولۇپ، دەرسلەر يىللىقلارغا بۆلۈپ ئۆتۈلۈپ، 7يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «مەۋلا» دەپ ئاتالغان. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى، دائى ۋە قازى بولسا بولاتتى، ئەمما ئىمام بولىمەن دەيدىكەن، مەيلى تۆۋەن ياكى يۇقىرى يىللىقلار بولسۇن يەنە 7 يىل ئوقۇشى كېرەك ئىدى. مۇپتى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە قاتتىق يۈز تۇرانە ۋە ئېغىزچە ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈشى شەرت ئىدى.

§3 كەڭرەك تۈزۈلگەن مىللەت ۋە دىن سىياسىتى

ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ دىنلىق دۆلەت بولۇپ، زىمىنى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ ئىدى. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىدە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىيە فىقئە ئېقىمى ھۆكۈمەت ئېتىقادى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارنىڭ باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشىغىمۇ يول قويۇلدى. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى پۇقرالارنى بىرقانچە گورۇھلارغا بۆلۈپ ئىدارە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇن، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىلىرىنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى. شۇڭا دۆلەت ئىچىدە ئىسلام دىنى، پراۋۇسلاۋىيە دىنى،خىرىستىيان دىنى، يەھۇدى دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنلار تەڭ مەۋجۈد بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇرىتلىرى بار ئىدى. ئوخشىمىغان دىنىي تەشكىلاتلار، ئوخشىمىغان دىنىي مەزھەپلەر ئارىلىشىپ بىللە تۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئەنئەنە ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز-ئارا دەخلى قىلماي، ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكەن ئىدى. ئىمپىرىيە غەيرى تۈرك مىللەتلىرى ۋە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن يات قەۋمدىكىلەرگە پەرىقلىق مۇئامىلە قىلمىدى. گىرىكلار، سېربىيىلىكلەر، بۇلغارلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولدى. ئىمپىرىيە ھەرقايسى جايلاردىكى يات دىن مۇرىتلىرىغا كەڭ قورساق سىياسەت قوللىنىپ، چېگرا ئىچىدىكى بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقوقىنى بەردى. ئۇلارنىڭ ئىمپىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئۆز مىللىتىنىڭ ئۇسۇل، قانۇنى بويىچە ياشىشىغا، مىللىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.
ھۆكۈمەت ئىسلام دىنىنىڭ باشقا مەزھەپلىرىگىمۇ كەڭ قورساق سىياسەت قوللاندى. ئىمپىرىيە تەۋەسى ئىچىدە سۈننىي مەزھىپىدىن باشقا يەنە ئىراقتىكى شىئەلەر، لىۋاندىكى دىرۇزىيە، ئەلەۋىيەلەر، يەمەندىكى زەيىدچىلەر ھەمدە سۈفىزىمنىڭ ھەرقايسى سۈلۇكلىرىنىڭ مۇرىتلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا مەلۇم تەسىرى بار ئىدى. بۇ خىل مەزھەپ-گورۇھلارغا نىسبەتەن، پەقەت ئۇلار ئىمپىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بوي سۇنسىلا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئېتىراپ قىلىندى ۋە ھۆرمەتلەندى. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىمپىرىيە زېمىنى ئىچىدە سوفىزىم گۇرۇھ-مەزھەپلىرى ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى. مەۋلەۋىيە، بېكىتاشىيە، ئەل رىفائى قاتارلىق پىرقىلەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھۆرمەتلەندى. سۇلتان ئۇلارغا نۇرغۇن مەخپىي يەر ۋە دىنىي فوند ئىنئام قىلدى. قادىرىيە، يەسەۋىيە، خەلۋەتىيە، نەقشىبەندىيە، چېشتىيە قاتارلىقلار ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالدى. جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ نۇرغۇن زاۋىيەلىرى ۋە مازارلىرى سېلىنىپ، مازار-ماشايىخلارنى تاۋاپ قىلىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئىمپىرىيە مەككە ۋە جايلاردىكى سەيىدلەر (پەيغەمبەرلەر ئەۋلادلىرى)گە نۇرغۇن يەرلەرنى ئىنئام قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلدى. 1535-يىلى، ئىمپىرىيە قوشۇنلىرى باغدادنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سۇلتان سۇلايمان Ⅰ يەنە بۇيرۇق بىلەن ئاتاقلىق ئالىم، ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇھەنىفە ۋە سوفىزم قادىرىيە پىرقىسىنىڭ ئاساسچىسى جەلانىنىڭ قەبرىلىرىنى ياساتتى. ھەمدە ئۆزى شىئەلەرنىڭ مۇقەددەس جايى كەربالا، ناجىپلارغا بېرىپ زىيارەت قىلدى، ھەمدە پىرىسىيە، ھىندىستان، ئاففانىستانلاردىكى شىئە مۇرىتلىرىنىڭ ئىراققا كېلىپ ھەج تاۋاپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى دۆلەت ئىچىدىكى غەيرىي مۇسۇلمانلارغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ۋە ئەدلىيىدە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن بولۇپ، خىرىستىيان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشمىدى. خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنىدىكىلەر باج ۋە ئولپان تۆلەش شەرتى ئاستىدا، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولدى. خىرىستىيان دىنىنىڭ ئىپىسكۇپ ۋە ئاخئىپىسكوپلىرى، يەھۇدىي دىنىنىڭ رابىسى سۇلتان يارلىق چۈشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىدى. گىرىتسىيىنىڭ باش ئارخىئىپسكوپىنى سۇلتان تەيىنلىدى. لېكىن دىنىي ئىشلارغا ھۆكۈمەت ئارىلاشمىدى. ھەرخىل غەيرى مۇسۇلمان دىنىي تەشكىللەر يالغۇز قانۇنلۇق مەۋجۈد بپلۇپلا قالماستىن، بەلكى تولۇق ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇلار قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان دىنىي ئىجتىمائىي «مىللەت» رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىن، مەدەنىيەت، مائارىپ ئورگانلىرىنى تەرەققى قىلدۇردى. باج يىغىپ دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇردى. گەرچە بەزىبىر چەكلىمە خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، مەسىلەن، غەيرى مۇسۇلمانلار جەزمەن جىزيە تاپشۇرۇش، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمەسلىك، يېنىدا قۇرال ئېلىپ يۈرمەسلىك، خرىستىيانلار چېركاۋدا چوڭ سائەت ئىشلەتمەسلىك قاتارلىقلار، ئەمما ئوخشاش دەۋىردىكى ياۋروپالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زىيانكەشلىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتى ئىنتايىن كەڭرى ئىدى.
كەڭ قورساقلىق بىلەن تۈزۈلگەن مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلەر زور تۈركۈمدىكى يات دىن مۇخلىسلىرىنى جەلىپ قىلدى. 16-ئەسىردە، ئىمپىرىيە ياۋروپادىن كەلگەن نۇرغۇن يەھۇدىي مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلدى. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان يەھۇدىيلار دىنىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئوسمانلى تۈركىيىسىگە كېلىپ ماكانلاشتى. 1590-يىلى، ئىستامبۇلدىلا 20مىڭ يەھۇدىي بار ئىدى، ئۇلار ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشقان ئىدى.

§4 ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى

1.ئىسلام تۈزۈمىنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىشى
ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ھەنەفىيە فىقھەسىنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيەسىنىڭ ئۆلچىمى قىلدى. شەرئى مەھكىمىنى ئاساس قىلىپ، مەركەزدىن جايلارغىچە ھەردەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە شۇ ئاساستا، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. «ئىسلام ئۆلىمالىرى» باشچىلىقىدىكى ئىسلام كومىتېتى ئارقىلىق، ئېتىقادنى قوغداش، فىقھەنى يولغا قويۇش فونكىسىيىسىنى ۋە رولىنى جارىي قىلدۇردى. دۆلەت ھەريىلى پەسىللەر بويىچە ھەج تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، تاۋاپ قىلىش ئۆمەكلىرىنى مەككىگە ھەربىي قوشۇن قوغداپ ئېلىپ باردى.
تارىختىكى سۇلتانلار ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلىدى، بولۇپمۇ، سەلىمⅠ ۋە سۇلايمانⅠلەر، دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاملىشىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. مەركەزدىن تارتىپ جايلاردىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەھكىمە شەرئىلەر قۇرۇلدى، ئىسلام كومىتېتى ئەدلىيە، دىنىي ئەھكاملارغا ھۆكۈم قىلىش، مەسچىتلەرنى باشقۇرۇش، خەير-ساخاۋەت، دىنىي فوند ھەمدە مائارىپ پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولدى، ئىسلام كومىتېتى ئىسلام ئۆلۈمالىرى، قازى، مۇپتى ۋە دىنىي ئالىملاردىن تەشكىل قىلىنىپ، سۇلتان ئەڭ ئالىي داھىي بولدى. مەركەزدىن تارتىپ جايلارغىچە ھەممىسىدە قازى ۋە مۇپتىلار تەسىس قىلىنىپ، ئىسلام فىقھەلىرىگە قارىتا چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل قىلىندى، ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىسلام دىنى بويىچە ئىش كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. پايتەخت ۋە ئۆلكىلەردە شەيخۇلئىسلام، جايلاردا ئىماملار تەسىس قىلىندى، ئۇلار ئىسلام فىقھەلىرىگە ئاساسەن ھەق-تەلەپ، جىنايى ئىشلار ماجرالىرى، ئەرز-شىكايەت ۋە ۋەسىيەت قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلدى. مەھكىمە شەرئىي بارلىق جىنايى ئىشلار، ھەق-تەلەپ دەۋالىرىغا مەسئۇل بولدى. دۆلەت بىلىملىك، ئۇزۇن مۇددەت قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى جايلارنىڭ قازىلىقىغا تەيىنلىدى، شەيخۇلئىسلام جايلارنىڭ ئەدلىيە خىزمەتلىرىنى باشقۇردى. شەرىئەتكە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىش كومىتېتى ھۆكۈمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، يېزىپ چىقىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى. ئۆلۈمالار كېڭىشى ئاساسەن تەشۋىق-تەرغىبات، مائارىپ ۋە دىنىي ئەھكاملارغا ھۆكۈم چىقىرىشقا مەسئۇل قىلىندى.
مۇپتى فىقھەلەرنى تەپسىر قىلغۇچى ئەمەلدار ئىدى، ئەڭ ئالى مۇپتى(شەيخۇلئىسلام)نىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، سۇلتان ۋە ۋەزىرلەرنىڭ مۇھىم قارارلىرى، دۆلەت جاكارلىغان ھەرخىل قانۇن لايىھەلىرى شەيخۇلئىسلامنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇلاتتى. شەيخۇلئىسلام يەنە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى قارارلىرى توغرۇلۇق پەرمان چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق ئىدى.
2. ئىسلام دىنىنىڭ شەرقى جەنۇبىي ياۋروپادا كەڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى
ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ياۋروپاغا قارىتىلغان سىياسىي، ھەربىي مۇداخىلىسى، بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىملىرىغا بولغان نەچچە يۈز يىللىق ھۆكۈمرانلىقى، ئىسلام دىنىنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە دىنىغا ئايلاندۇرغان. سۇلتان يېڭى ئىستلا قىلىنغان رايونلاردا ھۆكۈمەت ئېتىقادىنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جايلاردا چوقۇم ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ قازىلىرىنى باش قازىلىققا تەيىنلەشنى بەلگىلىگەن. دىنىي مەدرىسلەرنى قۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي يوسۇن ۋە فىقھە ئىدىيىلىرى ئۆگىتىلىپ، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلىگەن. سۇلتان يېڭىدىن ئىستىلا قىلغان جايلاردا مەسچىتلەرنى سېلىشقا بۇيرۇق قىلىپ، ئۇ يەرلەرگە قازى ۋە دىنىي ئۆلۈمالارنى ئەۋەتكەن. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىسلام دىنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادا كەڭ تارقالغان. ئالبانىيە، يۇگۇسلاۋىيە، سېرۋىيە، ماكىدونىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئۇ يەرلەردە مۇسۇلمانلار قۇرغان مەسچىت، مەدرىسە، كۈتۈپخانە، كىتابخانا، مۇنچا، بازارلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش