سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » نەسىردىن ئەپەندى كىم؟

نەسىردىن ئەپەندى كىم؟

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

نەسىردىن ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە جاسارىتىنى، ئۆتكۈر زىھنى قۇۋۋىتى بىلەن يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنى، مۇھەببەت ۋە نەپرىتىنى، ئاق كۆڭۈل ۋە ئەمگەكچانلىقىنى، خۇشچاقچاق، ھەققانىيەتچى، ۋە ئالىيجاناپ خىسلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك ئوبرازدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى نەسىردىن ئەپەندى نامىغا توقۇلغان.

نەسىردىن ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئۇنىڭ نامىغا توقۇلغان نەتىجىلەر ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، تۈركمەن، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە،ئانادولۇ، ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق ئەللىرىگە، قىسقىسى، ئىسلام دىنى مۇھىتىدىكى خەلقلەرگە ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن چاغلاردا، قەدىمى يەتكەن شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىگىچە تارقالغان نەسىردىن ئەپەندى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەتقىقاتچىلار قىزىقىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەسىردىن ئەپەندى تارىختا ئۆتكەنمۇ يوق؟ ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بىرلا شەخىسنىڭ ئىجادىيىتىمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار مۇنازىرە تېمىسى بولغان. ئەينى چاغدا تۈركىيىلىك تەتقىقاتچىلار نەسىردىن ئەپەندى 13-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان، شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان، تۈركىيىنىڭ ئاقشەھىر دېگەن يېرىدە ئۇنىڭ قەبرىسى بار… دەپ مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. «نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ل.ۋ سولۇيۇف ئۆز ئەسىردە: نەسىردىن ئەپەندى بۇخارالىق بولۇپ، ئۇ شۇ يەردىكى شىر مۇھەممەد ئىسىملىك بىر كوزىچىنىڭ بېقىۋالغان بالىسى ئىدى، ئۇ ئۆز ھاياتىدا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا بارغان، ئۇ بارغانلا يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكۈمالارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە، ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭغا چىش- تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان، شۇ سەۋەبتىن نەسرىدىن ئەل ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلۈپتۇ دېگەن خەۋەرنى پەيدا قىلغان…شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىدا سەككىز  يەردە ئۇنىڭ قەبرىسى پەيدا بولغان، لېكىن ھېچكىم شۇ قەبرىلەرنىڭ قايسىبىرىنىڭ نەسىردىن ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ نەسىردىننىڭ قەبرىسى يوقتۇر. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەل ئىچىدە ناھايىتى يوشۇرۇن ياشىغان، ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە قانداق ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق دەپ يازىدۇ.

يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ شەخسنىڭ دۇنيادىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى تېخى ئىسپاتلانغىنى يوق. بەلكىم ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان ئوبراز بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ.  رۇس شەرقشۇناسى بۇرۇكنىكىي: بىزمۇ بۇ ئوبرازنىڭ پەيدا بولۇشىنى چوقۇم مۇشۇ رايوننىڭ دائىرىسىدە دەپ چەكلەپ قويالمايمىز، بۇ ئوبراز ئوخشاش تارىخىي شارائىتتا، ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئەرەبلەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە ئوخشاش پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاتالمىش مۇسۇلمان شەرقىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزائارا مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز ئارا مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بۇ ئوبراز تېخىمۇ بېيىدى ۋە تولۇقلاندى ھەمدە بارلىق مىللەتلەر بۇ ئوبرازغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى. يەنى بۇ ئوبراز ئەرەبلەر،تۈركلەر، پارسلار، كافكازىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقى، ئالبانىيىلىكلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا راۋاجلاندى ۋە مۇكەممەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوبراز ھەر قايسى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بىلەن جانلاندۇرۇپ كۆرسىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا خوجا نەسىردىن ياكى نەسىردىن ئەپەندى، ئەپەندى، موللا نەسىردىن دەپ ئاتالدى دەيدۇ.

دۇنيادا لەتىپە بابىدا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدەك بۇنداق كۆپ دۆلەت ۋە كۆپ مىللەت ئىچىگە تارقالغان لەتىپىلەر تۈركۈمى ۋە نەسىردىن ئەپەندىدەك ئۆلمەس خىلمۇ-خىل خاراكتېرگە ئىگە لەتىپە ئوبرازى يوق دېيەرلىك. شۇنداق بولغاچقا، تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مانا مۇشۇ چىگىش مەسىلىنى ھەل قىلالماي ئۇنى بىر غايىۋى ئوبراز دەپ يەكۈن چىقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بىر ئوبرازنى يارىتىشتا رېئال بىر تارىخىي شەخسنىڭ ئەمەلىي رول ئوينىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. نەسىردىن ئەپەندىدەك بۇنداق سۆيۈملۈك ئوبرازىنى ئۇنىڭ لەتىپىلىرى تارقالغانلىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىدىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ ئۆتكەن دەپ يەكۈن چىقارغۇسى بار بولسىمۇ، ئەمما ئىلىمگە ۋە پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش ئەخلاق جۈملىسىدىن بولغاچقا، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.

يېقىنقى يىللارغا كەلگەندىلا، تەتقىقاتچىلار نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەرگىزمۇ غايىۋى ئوبراز ئەمەس، بەلكى تارىختا ھەقىقەتەن ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، نەسىردىن ئەپەندى سەلچۇقيلار ئىمپېرىيىسى يىمىرىلىپ، ئانادولۇدىكى سەلچۇق دۆلىتى كىچىك بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن دەۋردە، يەنى 1208-يىلى ھازىرقى ئانادولۇدىكى سىرۋىھىسارنىڭ خورتو يېزىسىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتىسى خورتو يېزىسىنىڭ ئىمامى ئابدۇللا، ئانىسى شۇ يېزىدىكى سىدىقا خانىم بولغان. ئۇ دەسلەپتە سىرۋىھىساردا مەدرىسە تەربىيىسى ئالغان، ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خورتوغا قايتىپ كېلىپ ئىمام بولغان، 1237- يىلى ئاقشەھىرگە يەرلىشىپ، سەئىد مۇھەممەد ھەيرانى ۋە سەييىد ھاجى ئىبراھىم قاتارلىق داڭلىق ئۆلىمالاردىن تەلىم ئالغان ۋە مەدرىسىدە مۇدەررىس بولغان. شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بېشىدىن مۇنداق بىر ۋەقە ئۆتكەن: نەسىردىن ئەپەندى ئاقشەھىرگە كەلگەن چاغلاردا پۇقرالارنىڭ شەھەردە پىچاق ئېسىپ يۈرۈش چەكلىنەتتى، كەچلىكى شەھەر چارلىغۇچى يېنىغا ئۇزۇن خەنجەر ئېسىۋالغان نەسىردىن ئەپەندىنى تۇتۇۋالىدۇ، ئەپەندى: مېنى كەچۈرۈڭ، مەن مەدرىس تالىپى بولىمەن، بۇ خەنجەر بىلەن كىتابلاردىكى خاتالىقلارنى قىرىپ تۈزۈۋاتىمەن دەيدۇ. چارلىغۇچى ھەيران بولۇپ: كىتابلاردىكى كىچىككىنە خاتالىقلارنى قىرىپ تۈزىتىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن خەنجەر ئىشلىتىش ھاجەتمىكەن؟ دېگىنىدە، نەسىردىن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: بېگىم، بەزى كىتابلاردا شۇنچىلىك كۆپ خاتالىق باركى، ئۇنى قىرىپ تۈزىتىشكە ھەتتا مۇشۇ خەنجەرمۇ كىچىكلىك  قىلىدۇ، دەيدۇ.

كېيىن نەسىردىن ئەپەندىنى مەھكىمەئى شەھىرىدە قازىلىق قىلغان. بىر ئوتۇنچىنىڭ شەھەرگە كىرىپ بىر ئاشخانىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوتۇن ساتقانلىقى، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئوتۇنچى تاماقلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىۋالدى، ماڭا ھەق تۆلىشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالغانلىقى، ئوتۇنچى پۇل بەرمىسە مەھكىمىگە ئەرز قىلغانلىقى، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بۇ دەۋانى قوبۇل قىلىپ بىر كاسا تەڭگىنى خوجايىننىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىتىپ تۇرۇپ «تائامنىڭ پۇرىقىغا تەڭگىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭ يېتەر» دەپ ھۆكۈم قىلىشى ئۇنىڭ قازىلىق قىلغان كۈنلىرىدىكى خاتىرىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مۇشۇ جەرياندا ئۇ جەمىيەتتىكى نۇرغۇن بولمىغۇر ئىشلارنى ئۆتكۈر تىلى بىلەن سۆكۈپ ۋە ھەجۋىي قامچىسى ئاستىغا ئېلىپ تېزلا نام چىقىرىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىغا خوجا، ئەپەندى، تاپقاق، موللا دېگەن  نام قوشۇلغان، ئۇنىڭ لەتىپىلىرى خەلقنىڭ كۈلكىسىنى كۈلگەن، يىغىسىنى يىغىلغان ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى چىقىش قىلغاچقا، تېزلا جەمىيەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئۆتكۈر لەتىپىلىرى خەلق ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن خەلق ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، كېيىنكى يىللاردا نەسىردىن ئەپەندى نامىدا ئېيتىلغان لەتىپىلەردە، ئۇنىڭ سەلچۇق سۇلتانلىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكى، مەۋلانە جالالىدىن رۇمى بىلەن تونۇشقانلىقى ۋە يېقىن بۇرادەرلىك ئورناتقانلىقى، ئۆزىدىن 70 نەچچە يىل كېيىن ياشىغان ئەمىر تۆمۈر بىلەن سۆزلەشكەنلىكى، بىر نەچچە قېتىم ئۇنى گەپتە قاتتىق چۈشۈرۈپ مەسخىرە قىلغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تېخىمۇ بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان.

نەسىردىن ئەپەندى ئاقشەھىرىدە ئۆيلەنگەن ۋە بالا چاقىلىق بولغان، ئۇنىڭ پاتىمە خاتۇن ۋە دۈررى مەلەك ئاتلىق ئىككى قىزىنىڭ قەبرە تاشلىرى كېيىنكى يىللاردا تېپىلغان ۋە ئاقشەھىر مۇزېيغا قويۇلغان، نەسىردىن ئەپەندى 1284-يىلى يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان چاغدا ئاقشەھىردە ۋاپات بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭ قەبرىسىنى گۈمبەزلىك قىلىپ ياساپ چىققان، گۈمبەزنىڭ ئىچىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى قىسقىچە خاتىرلەنگەن قەبرە تېشى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھىجرىيە 683- يىلى قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ تەتۈر يېزىپ قويغان. نەسىردىن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەمىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ساغلام ۋە ئادالەتلىك پىكىرلىرى ئەسىرلەر بويى يادلىنىپ، ئۇنى ئەبەدىي تىرىكلىككە ئېرىشتۈرگەن، ئۇنىڭ شۆھرىتى ئانادولۇ چېگرىسىنى ھالقىپ ئۆتۈپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان.

تارىختىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇنداق ئاددىي ئۆتكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى دەپ نام ئالغان موللا زەيدىن بىلەن سەلەي چاققاننىڭ ياكى بولمىسا ھايات نەسىردىن ئەپەندى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ھېسام قۇرباننىڭ ھاياتىدەك ئۆتكەن. ئەمما نېمىشقا ئۇنىڭ لەتىپىلىرى شۇنچىۋالا كەڭ  رايون ۋە كۆپ مىللەتلەرگە تارقىلىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولالىغان؟ مانا بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە. بىز بىلىمىزكى، نەسىردىن ئەپەندى ياشىغان ئانادولۇ، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ كېسىشمە بەلبېغىغا جايلاشقان، تارىختا نۇرغۇن ئىمپېرىيەلەر مۇشۇ يەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئاسىيا،ياۋروپا،ئافرىقىغا كېڭەيگەن. مانا بۇ جۇغراپىيەلىك شارائىت نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئەتكەن، تارىخىي شارائىت جەھەتتە، نەسردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تازا تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە ئانادولۇدىكى ئوسمانلى بەگلىكى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئوسمانلىلارنىڭ قەدىمىي قەيەرگە يەتكەن بولسا ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى مۇشۇ يەرگە تارقالغان. ئون بەشىنچى ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمانلى دۆلىتى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىغا كېڭىيىپ بۈيۈك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ بىپايان ئەرەب ۋە ئەجەم زېمىننى كونترول قىلىشى بىلەن نەسردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئەرەبلەرگە بېرىپ ئارىسىغا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان، كېيىن دىنىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە تارقالغان، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تارقىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك لەتىپىلى بىلەن تېخىمۇ بېيىپ، مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە بۈيۈك ئابىدىنى تىكلىگەن مۇكەممەل ئوبرازغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە نەسىردىن ئەپەندى نامىغا توقۇلۇۋاتقان نۇرغۇن لەتىپىلەرنىڭ ئەسلىدە موللا زەيدىن، سەلەي چاققان، موللا مەتيار خەلپىتىم قاتارلىقلارغا مەنسۇپ بولۇشى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى مىللىيچە پۇراققا ئىگە قىلغان ۋە ئۇنى بېيىتىش رولىنى ئوينىغان.

نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدى، ئۇ ھەقتە توم توم تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى، شۇنداقلا20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر يىلى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يۇرتى ئاقشەھىرىدە، «ناسىرەتتىن خوجا  كۈنلۈكى» ئۆتكۈزۈلۈپ بۇ لەتىپە خاتىرىلەنمەكتە ۋە خۇشال-خۇرام ھاياتقا تەلپۈنىدىغان يۈز مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

مەنبە: http://www.jezir.com/?p=2097

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش