You Are Here: Home » ئومۇمى » موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ھالاكىتى

موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ھالاكىتى

1. موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھالاكىتى
13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەرب قىسمىدا ئىككى خىل كۈچ مەۋجۈد ئىدى: ئۇلار موڭغۇل خانلىقى بىلەن خارازىم سۇلالىسى ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى. 13- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە تېمۇرچىن پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئالدى بىلەن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى. 1206- يىلى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى قاينۇن دەرياسىنىڭ بېشىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ، تىمۇرچىننى «چىڭگىزخان» (موڭغۇل دۆلىتىنىڭ تەڭرىقۇتى) قىلىپ كۆتۈرۈپ موڭغۇل خانلىقىنى قۇردى. موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، چىڭگىزخان قوشۇنلىرى ئالدى بىلەن جەنۇبقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئوتتۇرا ئىقلىمىنى بېسىۋىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىغىچە يېتىپ باردى. موڭغۇل ھاكىمىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسايىن ئېشىپ باردى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، چىڭگىزخان سىرتقا كېڭەيمىچىلىكىنى باشلىدى.
ئەينى چاغدا، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي قىسىملىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن خارازىملىكلەر 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىبىريىلىكلەرنىڭ قولىدىن ئىراننى تارتىۋېلىپ، قىتان دۆلىتى بىلەن گور خانلىقىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ شەرقىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. شەك-شۆبھىسىزكى، بۇ چاغدىكى خارازىمنىڭمۇ مەلۇم قارا نىيىتى بولۇپ، ئۇلار جۇڭگوغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، سودا ساھەسىدە پايدىلىق ئورۇننى ئىگەللەپ، ۋولگا دەرياسىدىن تارتىپ ھىندى دەرياسىغىچە جۇڭگودىن تارتىپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە بولغان بىپايان زىمىنلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىشنى ئويلايتتى. 1209- يىلى، چىڭگىزخان تىغ ئۇچىنى غەربكە قاراتتى. ئۇ قىتانلار بىلەن خارازىملىكلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، خۇيخېلار (ھازىرقى ئۇيغۇر رايونلىرى) دىكى بەگلىكلەرنى ئۆزىنىڭ خانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر 1216- يىلى باشلانغان. موڭغۇللار ئۇلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن قەبىلىلەرگە زەربە بېرىۋاتقاندا، قىرغىزلار زېمىنىدا خارازىم سۇلتانىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا تەڭ كېلىپ قالغاندىن كېيىن چېكىنىپ كېتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇچاغدا چىڭگىزخان ئاللىقاچان شەرق بىلەن غەربنىڭ سودىسىنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت قىلغان بولۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا كارۋان يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ بۇرۇن تونۇشۇپ قالغان مۇسۇلمان سودىگەرلەر موڭغۇللارنىڭ خارازىم بىلەن بولغان سودىسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسۇلمانلار موڭغۇللار بىلەن خارازىملىقلەر ئارىسىدا ۋاستىچىلىك رولىنى ئالدى.
1218- يىلى، چىڭگىزخان ئالدى بىلەن غەربىي لياۋنى يوقۇتۇپ، غەربكە يۈرۈش قىلىش يولىدىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.① 1219- يىلى، ئۇ 200 مىڭ كىشلىك زور قوشۇننى باشلاپ خارازىمگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ قوشۇن گەرچە سان جەھەتتە دۈشمەنلىرىدىن ئاز بولىسمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامى چىڭ، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرلەيتتى. ئۇلار خارازىم قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە روسىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرىنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. بەش يىل ئىچىدە، موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوشۇنلىرى ھەممە تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ، ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ئىراننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي ياۋرۇپالارغىچە يېتىپ بېرىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ئىككى قىتئەنى كېسىپ ئۆتكەن بۈيۈك موڭغۇل خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. 1227- يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى يەنە ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلەرگە كېڭەيتتى. 1236- يىلىدىن 1241- يىلىغىچە، ئوكتايخان روسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ھازىرقى پولشا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق جايلارغا يېتىپ باردى.1253- يىلدىن 1259- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، مۈڭگەخانسۈلەيئۇنى غەربكە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇ ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر قوشۇننى باشلاپ، 1256-يىلى، ئالدى بىلەن شىئەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ھەششاشۇن مەزھىپىگە (بۇرۇن نىزارلىيە مەزھىپى، يېڭى ئىسمائىلىيە مەزھىپى دەپمۇ ئاتالغان. ئادەتتە «يوشۇرۇن ئۆلتۈرگىچىلەر مەزھىپى» دەپ ئاتىلىدۇ. غەرب ئالىملىرى ھەششاشۈن مەزھىپى دەپ ئاتايدۇ) ھۇجۇم قىلپ، ئۇلارنىڭ بازىسى بولغان پىرىسىيەنىڭ ئەلەمۇت قورغىنى (پارسچە «بۈركۈت چاڭگىسى» دېگەن مەنىدە) تۈزلىۋېتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشلىقى ۋە نۇرغۇن مۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۈلەيئۇ ھەششاشۈنچىلەرغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئەلەمۇت قورغىنىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، سۈلەيئۇ يەنە خەلىپىگە ئۇلتىماتوم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باغدادنىڭ سىرتقى سېپىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان. رەت قىلىنغاندىن كېيىن سۈلەيئۇ ھۇجۇمنى باشلىغان. گەرچە ھۇجۇم قارشىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلپىنىڭ قوشۇنلىرى بەرىبىر موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ رەقىبى بولالمايتتى. 1258- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى، موڭغۇل قوشۇنلىرى باغدادقا بېسىپ كىردى. خەلىپە ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرى ئۆلتۈرۈلدى. شەھەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 500 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئابباسىلار سۇلالىسى يوقالدى.
①چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان غەربى يۇرتتا (يەنى شىنجاڭدا) شەرقى قىسمىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، غەربى قىسمىدا قاراخانىلار خانلىقى بار ئىدى (گەرچە قارا خانىلار خانلىقى قىتانلار تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇق كۈچلىرى مەۋجۈد ئىدى) — تەرجىمە تەھرىردىن
موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تۆت خانلىق قۇردى: چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى زېمىنى غەربتە دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغىچە، ھازىرقى ئېرتىش دەرياسىغىچە، جەنۇبى كافكازغىچە، شىمالىي بۈگۈنكى روسىيە ۋە بولغارىيىلەرگىچە يېتىپ بارغان. ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن چاغاتاي خانلىقى، ئۇنىڭ زېمىنى ئىككى لياۋ خاندانلىقىنىڭ بۇرۇنقى يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخانغا بۆلۈپ بېرىلگەن خانلىق بۈگۈنكى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چىڭگىزخاننىڭ تۆتىنچى ئوغلى تولۇيخاننىڭ ئوغلى سۈلەيئۇغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن خانلىق ئىلىك خانلىق بولۇپ، كافكاز ۋە ئەرەب دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ تۆت خانلىق موڭغۇل ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولسىمۇ لېكىن كېيىن ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم مۇستەقىل بولۇپ، 14-،15- ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئىلگىرى-كېيىن يوقالغان.
2. ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ئالماشتۇرۇلىشى
موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا ئىنتايىن زور بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈردى. خەلققە زور بالايى-قازا، ئاپەت ئېلىپ كەلدى. تارىختا بۇ ھەقتە خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇنى ھىچكىممۇ ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇخارانى موڭغۇل قوشۇنى بېسىۋالغاندىن كېيىن. خوراسانغا قېچىپ بارغان بىر ئادەم: ئۇلار كەلدى-يۇ، بۇزغۇنچىلىق باشلاندى، ئۇلار كۆيدۈردى، ئۆلتۈردى، بۇلىدى، ئاندىن كېيىن ئۇلار كەتتى، دېگەن. بۇ سۆزلەر ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ۋە يامان تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەزىلەر، موڭغۇللارنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى دۇنيانى ۋەيران قىلىدىغان ۋەھشىيانە ھەرىكەت، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دۆلەتلەر مىڭ يىلدىمۇ ئۆز ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. دېيىشىدۇ. بۇ سەل ئاشۇرۋېتىلگەن گەپ، موڭغۇل قوشۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقلار مۇئەييەن ۋاقىتئىچىدە قىسمەن رايونلاردا يۈز بەرگەن. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندا ئاللىقاچان خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جەرياندا ئۇلار ھەم خالىغىنىچە ئۆچ ئالمىدى ھەم دەريا-دەريا قان ئاققۇزمىدى. مەيلى ھەر قانداق جايدا بولسۇن، تەسلىم بولغانلار كەڭچىلىككە ئېرىشتى. پەقەت قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرلا يوقىتىلدى. ئەمەلىيەتتە، موڭغۇل ئىستىلاسىنىڭ ئاقىۋېتى ئىستىلاچىلارنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئېغىر قالايمىقانچىلىق پەيدا بولمىدى. سانى كۆپ ئەمەس ھەربىي كۈچىدىن باشقا موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئېلىپ كەلگىنى مەمۇرىي ئىشلار ۋە قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مۈلكى ئەمەلدارلار ئىدى.
موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى ئىشغال قىلىنغان جايلارنىڭ ئىقسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار مۇھىم چارىلەرنى قوللاندى. ھەر قايسى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى بىر مىللەت ۋە بىر سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئىقسادىنى ۋە شەرق غەربنىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرغۇن تارىخى پاكىتلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇندىن سىرت، موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى سىياسىي ۋە دىن جەھەتتىمۇ، ئادەتتە نىسبەتەن يول قويۇش پوزىتسىيىسىنى قوللانغان. جايلارنىڭ باشلىقلىرى موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنى ئاساس قىلسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىقتىدارى بار يەرلىك يۇقىرى قاتلام كىشىلەرنى ئەمەلدارلىققا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىگە ياردەملەشتۈرگەن. شۇڭلاشقا، مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ھەر قايسى جايلاردىكى يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. موڭغۇللار غەربكە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار جۇڭگوغا كەلدى، ئۇلار رەڭدار كۆزلۈك ئادەملەر قاتارىغا كىرگۈزىلدى، ئۇلارنىڭ ئورنى خەنزۇلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن موڭغۇللار ئىسلام دىنىغا كىردى. مەسىلەن، قۇبلەي خاننىڭ نەۋرىسى ئەنشى خانى ئانەندا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ 500 مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇسۇلمانلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاسىيانىڭ، شەرق، غەرب تەەرەپلىرى، جۇڭگونىڭ جەنۇب شىمالدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىقساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچرىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئىسلام دىنىنىڭ موڭغۇللار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى بولسا، بۇ مەزگىلدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. «جۇڭگونىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى تارىخى» نىڭ ئاپتورى «ئىسلام دىنىنىڭ موڭغۇللار ئارىسىدا تارقىلىشى» توغرىسىدا سۆزلىگەندە: ماركس:«ياۋايى ئىستىلاچىلار، مەڭگۈلۈك تارىخى قانۇنىيەت بويىچە، ئۆزلىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى مەدەنىيىتى تەرىپىدىن بويسۇندۇرىلىدۇ.» ①دەپ توغرا كۆرسەتكەنىلىكىنى قەيت قىلغان.
چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل ئىستىلاچىلىرىمۇ بۇ قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىنى يوق. ئۇلار ئات ۋە ئوقيا ئارقىلىق جاھاننى قولىغا ئالدى. ھەربىي ئىشغالىيەت ئارقىلىق بىپايان موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن «دۇنيانىڭ ئىستىلاچىسى» دەپ ئاتالدى. ھالبۇكى بۇ موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ئۆزىنىڭ تارىخى مۇساپىسىنى بېسىپ بولغاندا، كىشىلەر قۇملۇقتىن ئاتلىنىپ چىققان بۇ موڭغۇللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، خەنزۇ مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى، بۇددا مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يات مىللەت، يات دىنلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئىپادىلىنىپ چىققانلىقىنى كۆرۈشتى.
ئۇ بىر ئالاھىدە تارىخى مۇھىت بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا مەغرۇرۇلۇق بىلەن نەزەر سالىدىغان موڭغۇللارنى ئۇلار تەرىپدىن بويسۇندۇرۇلغان ئەرەبلەر، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىقساد، مەدەنىيىتىنى تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولمايتتى. ئۆز مىللىتىگە قارىغاندا كۆپ ئىلغار بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئۆزلىرىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇردى. نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى ۋە باشقۇرۇش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ھەر قايسى مىللەتلەردىن چىققان ئۆز يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئاتاقلىق شەخىسلەرنى دادىللىق بىلەن ئىشلەيتتى، ھەمدە مۇھىم ۋەزىپىلىەرگە قويدى. باشقا مىللەتلەرنىڭ يات دىن، يات مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاسىيانىڭ غەرب، شەرق، جۇڭگونىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر مەيدان كەڭ كۆلەمدىكى، چوڭقۇر ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچرىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈش، چوڭ يۇغۇرۇلۇش ھالىتى بارلىققا كەلدى. دەل مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق قەبىلىلىرىدىن كەلگەن موڭغۇللاردا بۆلۈنۈش يۈز بەردى. بەزىلىرى يېڭى مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دىنلارغا ئېتىقاد قىلدى، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى؛ بەزىلىرى بولسا ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاش ئاساسىدا تېز تەرەققى قىلىپ زورىيىپ، ھازىرقى مەنىدىكى موڭغۇل مىللىتى بولۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top