You Are Here: Home » ئومۇمى » قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت

قۇتلۇق شەۋقىگە قىلىنغان تۆھمەت

ئۆمەرجان نۇرى

مەن ئۇيغۇرلاردىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتتا كۆرۈلگەن بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار، سەۋەنلىكلەر ۋە بۇرمىلاشلارنى بايقىدىم. بۇ مەسىلىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇيغۇر جەدىتچىلىك تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي سۈپىتىگە تۈرتكە بولىدىغان بەزى ماقالىلەرنى يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم. يېقىنقى يىللاردا مۇشۇ مەقسەتتە بەزى تېمىلاردا ماقالىلەرنى يېزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدىم.  بۇ قېتىم 20-ئەسىرنىڭ 20- ۋە 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن مەرىپەتچى، سىمالاردىن بىرى قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەتقىقاتنىڭ ئەستايىدىل بولماسلىقى سەۋەبىدىن ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە قىلىنغان بىر قانچە تۆھمەتنى بايقىدىم. يەنى، ھاياتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەمەلىي پاكىتقا ئەمەس، تەسەۋۇرغا تايىنىپ يېزىلغان، تارىخى بايانلار يىل تەرتىپى بويىچە ئەمەس بەلكى، توقۇلما ھېكايىنىڭ مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ قەلىمىگە تەۋە بولمىغان ئىككى شېئىر ئۇنىڭغا تەۋە قىلىپ ئېلان قىلىنغان. قىلمىغاننى قىلدى دېيىش تۆھمەتتۇر. شۇڭا، خاتانىڭ داۋاملىق تەكرارلىنىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ھازىرچە بايقىغان تۆھمەتلەرنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرغا قويىمەن:

1. ”ئاڭ“ گېزىتى: پاكىتلىق ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە گېزىت 1910-يىلى 10-مارتتا كۈرەدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىتنىڭ نامى “ ئېلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى“ دۇر①. قەشقەردە نەشر قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇرچە گېزىت بولسا شىۋىت مىسسىيونىرلىرى بىرلا سان نەشىر قىلىپ توختىتىلغان ”يارۇغلۇق-ئالتە شەھەرنىڭ رۇزنامەسى“دۇر②. بىز ھۈسەيىن مۇسابايىفنىڭ ”كاشغەردىن مەكتۇپ“ ناملىق ماقالىسىدىن 1911-يىلىغىچە قەشقەردە گېزىت باسىدىغان باسمىخانا يوق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.③ شۇنداق بولغاچقا ، 1910-يىللارنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ رىسالىلىرى ۋە ئەھمەد كامال تۈزىگەن دەرسلىكلەر قازاندا بېسىلغان ئىدى. ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىنغان كۆپىنچە ماتىرىياللاردا قۇتلۇق شەۋقىنىڭ 1918-يىلى ”ئاڭ“ گېزىتىنى نەشر قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلدى. ئەمما ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىدى. ئەمەلىيەتتە قۇتلۇق شەۋقى 1933-يىلى 21-ئىيۇلدا، كېيىنچە ”يېڭى ھايات“ دەپ ئاتالغان گېزىتنىڭ تۇنجى سانىنى شىۋىت باسمىخانىسىدا نەشر قىلغان. ”ئېلى ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى “ بىلەن “ يارۇغلۇق- ئالتە شەھەرنىڭ رۇزنامەسى“ دىن كېيىن “ يېڭى ھايات “ گېزىتى نەشىر قىلىنغىنىغا قەدەر قەشقەردىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە گېزىت نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات ياكى ئەينى زاماندا يېزىلغان ھېچبىر خاتىرە يوق. شۇڭا ، بەزىلەرنىڭ كىتابلىرىدا يېزىلغاندەك، 1910_ 1933- يىللار ئارىسىدا مۇسابايىفلارنىڭ قەشقەردە زامانىۋىي مەتبەئەسى بولغان، قۇتلۇق شەۋقى 1918-يىلى ”ئاڭ“ گېزىتىنى نەشر قىلغان دېگەن بايانلىرى ئاساسسىزدۇر، بۇ خىل ئاساسسىز بايانلارنى سۈرۈشتۈرمەي ئىشىنىۋېرىش ئىلمىي پوزىتسىيە ئەمەستۇر. “ ئاڭ“ دېگەن نامدىكى گېزىت-ژورنالنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرى مەسىلىسىگە كەلسەك، تاتارلار قازاندا 1912-يىلدىن 1918-يىلغىچە ئەخمەت غەرەي خەسەنى تەرىپىدىن ئىككى ھەپتىدە بىر سان چىقىرىلغان پەنننىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رەسىملىك ژۇرنالنى كۆرسىتەلەيمىز. يەنە بىرى، 1987-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان “ ئەھمەد زىيائى ئەسەرلىرى“ نىڭ 3-بېتىدىكى ”47-يىلى 11 بېتىمدىن كېيىن ”قەشقەر گېزىتى توختىتىلغان، ”ئاڭ“ گېزىتى نەشر قىلىنىپ ئەھمەد زىيائى باش مۇھەرىرى بولغان. بۇ گېزىتنىڭ 1947-يىلى نەشر قىلىنغان باش بەتكە < شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ ئەپەندىگە> دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئۇچۇق خەت بېسىلغان بىر نۇسخىسى مېنىڭ قولۇمدا ساقلاقلىق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ”ئاڭ گېزىتى“ نەشردىن توختاپ، <قەشقەر گېزىتى> دېگەن نامدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان“ دېگەن ئۇچۇرنى كۆرسىتەلەيمىز. ھەقىقەتەنمۇ ئەھمەد زىيائىنىڭ ”ۋىجدان مۇھاكىمىسى“ دېگەن نېپىز كىتابى ”ئاڭ گېزىت مەتبەئەسىدە بېسىلغان. شۇڭا، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامى بىلەن باغلانغان ئۇ خىل نامدىكى گېزىتنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىمىز.

2. ھاجى ئەھمەت قاتارلىقلار تۈزىگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى نەشر قىلغان ”سامانيولى“ دېگەن شېئىر توپلىمىدا قۇتلۇق شەۋقىگە تەۋە قىلىپ قويۇلغان. مەسىلەن، مەزكۇر كىتابنىڭ 47-،48- بەتلىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىككى شېئىر ئەمەلىيەتتە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ شېئىرى ئەمەس. بۇنىڭ بىرى ئالتە مىسىرادىن تەركىب تاپقان ”ئانا تىل “ دېگەن شېئىر بولۇپ، بۇ شېئىر شۇنىڭدىن بېرى دەرسلىكلەردە، ئانا تىل ھەققىدىكى ھاياجانلىق نۇتۇقلاردا قۇتلۇق شەۋقىنىڭ شېئىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان، ئاھاڭغا سېلىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغاندىمۇ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئالتە مىسرالىق شېئىرنىڭ كىشىلەرگە تونۇش بولغان ۋارىيانتى مۇنداق:

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،

سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئەي، ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

 بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى قۇتلۇق شەۋقى بولماستىن بەلكى، تۇرپانلىق ئابدۇللا نەئىمى (1938-1896) دۇر. ئابدۇللا نەئىمى بۇ شېئىرنى قەشقەردە مەھمۇد موھىتىنىڭ دېۋىزىيە ئىشتابىدا باش كاتىپلىق قىلىۋاتقان چېغىدا يازغان.

ئابدۇللا نەئىمى 1896-يىلى تۇرپان شەھرىدە شۆھرەتلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنى مەلۇماتنى تۇرپاندا ئالغاندىن كېيىن، قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقۇغان. ئابدۇقادىر داموللام 1924-يىلى 8-ئايدا قەستكە ئۇچىرىغاندىن كېيىن، ئابدۇللا نەئىمى تەھسىلنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، چۆچەككە بېرىپ، تاتار ئالىمى مۇراد ئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇغان. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەل ئارىسىدا ”ئابدۇللا داموللام“ دېگەن نام بىلەن تونۇلغان.

1933-يىلى تۇرپاندا مەخسۇت مۇھىتى بىلەن مەھمۇد مۇھىتىلار باشلىغان ئىنقىلابقا قوشۇلۇپ مىرئالاي ( پولك قۇماندانى) لىق مەنسەپ بىلەن پۈتۈن ئىنقىلاپ جەريانىدا ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلغان.

خوجىنىياز ھاجى شىڭشىسەي بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك مەنسىپىگە ئولتۇرغىلى كەلگەندە، مەھمۇد مۇھىتى قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە دېۋىزىيە قۇماندانى (تۈمەنبېشى) بولۇپ ئورۇنلاشقاندا، ئابدۇللا نەئىمى دېۋىزىيە ئىشتابىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئىستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ ھەم شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە بارلىق مەخپىي ھەرىكىتى ئابدۇللا نەئىمىنىڭ قولى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈلگەن. مەھمۇد مۇھىتىغا سىرتقى دۇنيانىڭ خەۋەرلىرىنى مەجىدىن ئەپەندى تەمىنلىگەن. بۇ ئىككى كىشى مەھمۇد مۇھىتىغا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزچىل يەتكۈزۈپ تۇرغان.

ئابدۇللا نەئىمى ئەسكىرى ۋەزىپىلىرىنى كامىل ئۆتىگەننىڭ ئۈستىگە دىننىي، مىللىي، ئىلمىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىمۇ زور ئىشلارنى ئىشلىگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى، مۇئەللىملەر كۇرسى، دارلمۇئەللىمىن، دارىلئۇلۇم ۋە نەشرىياتقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئىككىنچى قېتملىق جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقارغان. ئابدۇللا نەئىمى ”ئىسلاھ مەدارىس ۋە مەساجىت ھەيئىتى“ گە رەئس بولۇپ، مەدرەسە ۋە مەسچىدلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ، ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئىشلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرغان.

1936-يىلىغا كەلگەندە، غوجىنياز ھاجىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى ۋە شىڭشىسەينىڭ مەھمۇد مۇھىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يېقىن كىشىلىرىنى ئۆزىگە تارتىشى سەۋەبىدىن مەھمۇد مۇھىتى قەشقەردە تۇرۇۋېرىشكە ئىمكانىيەت قالمايدۇ. ھەتتا ئابدۇللا نەئىمىنىمۇ ئۈرۈمچىگە نەچچە قېتىم چاقىرتقاندا، مەھمۇد مۇھىتى باھانە كۆرسىتىپ توسۇپ قالىدۇ. ئامالسىز قالغان مەھمۇد مۇھىتى يېقىن كىشىلىرى بىلەن 1937-يىلى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندە، ئابدۇللا نەئىمىمۇ بىللە چىقىپ كېتىدۇ. ئابدۇللا نەئىمى ھېندىستاندا بىر مۇنچە شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىدۇ، 1938-يىلى مەھمۇد مۇھىتىغا ھەمراھ بولۇپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ، مىسىر ۋە سۈرىيەلەرنى ساياھەت قىلىپ، تۈركىيەگە بېرىپ ئىستانبۇلدا بىر نەچچە كۈن تۇرىدۇ، كېيىن ھىندىستانغا قايتىپ كېلىدۇ. ئىنگىلىزلار مەھمۇد مۇھىتىنى جۇڭگۇغا كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەندە، مەھمۇد مۇھىتى باشلىق ئالتە كىشى شاڭخەيدىكى تېۋىپ باي ئەزىزىنىڭ قېشىغا كېلىش ئۈچۈن، 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كالكۇتتادىن پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز سەپىرىدە ئاغرىپ قالغان ئابدۇللا نەئىمىي 21-نويابىر كۈنى شاڭخەيگە ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا يېتىپ كېلىدۇ، 25-نويابىر كۈنى 42 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. جەسىدى شاڭخەيدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ خانىمى ۋە بىر ئوغلى تۇرپاندا قالغان ئىدى. ئابدۇللا نەئىمىنىڭ بۇ ئوغلى كېيىن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان.

ئابدۇللا نەئىمى ئۇچۇق پىكىرلىك،ئەستايىدىل، شائىر تەبىئەت كىشى ئىدى، ئۇ ئانا تىلدا شېئىر يازغاندىن باشقا ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىدىمۇ شېئىرلارنى يازاتتى. باشقا مەدىرىسە موللىلىرىدەك ئەرەب –پارىس تىلىنى زىيادە ئۇلۇغلاپ كەتمەيتتى. ئانا تىلدا شېئىر يېزىشنى شەرەپ دەپ بىلەتتى. 1930-يىللاردىكى ئىنقىلاب جەريانىدا ئوقۇلغان مارشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئابدۇللا نەئىمى يازغانىدى. ھەتتا قۇتلۇق شەۋقى باش مۇھەرىرلىك قىلغان ”يېڭى ھايات“ گېزىتىدىمۇ شېئىرلىرى بېسىلغان ئىدى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ”ئانا تىل“ دېگەن شېئىرمۇ دەل قۇتلۇق شەۋقى سەر (باش) مۇھەرىرلىك قىلىدىغان ”يېڭى ھايات“ گېزىتىنىڭ 1935-يىلى 12-ئاۋغۇستتىكى 81-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ شېئىردا ئەينى يىللاردىكى موللا ئۆلىمالارنىڭ ئەرەب، پارس تىلىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى تۆۋەن كۆرۈشتەك مەدەنىيەت پىسخىكىسى قاتتىق تەنقىدلەنگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئانا تىلنى قەدىرلەش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ شېئىرنىڭ “ يېڭى ھايات “ گېزىتىگە بېسىلغان ئەسلى تېكىستى مۇنداق:

ئانا تىل

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

يۇرتىمىزدا قەدرى يوق نەرسە ئانا تىلدۇر بۈگۈن،

بىلمىگەنلەرغە ئانىڭ قەدرىنى بىلدۈرگۈم كېلۇر.

بىز بالالارغا ئاتالاردىن قالىپدۇر يادىگار،

ياخشى ئاسراپ نەسل ئەۋلادلارغا قالدۇرغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامىرىكا ۋە ئافرىكادا،

سەرف ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.

ئەي ئانا تىل بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىفتىخار ئەتكۈم كېلۇر.

سەن قىزىل گۈل ياكى بۇلبۇل كۆڭۈل گۈلزارى سەن،

ئۇشبۇ سۈرەتلەردۇر سەن ھەر زامان كۆرگۈم كېلۇر.

ئالما سەن ياھۇد ئانا سەن ياكى سەن شەمامى شام،

ئەتىرگۈلدەك بۇي ئالىپ باشىمغا قىستۇرغۇم كېلۇر.

قىزمۇسەن قۇزىمۇسەن ياكى قېزى بىلەن قىمىز،

ياخشى كۆرگەن ياخشىدىن ياخشىغە ئوخشاتقۇم كېلۇر.

ئۆز تىلىنى تاشلىغان ئاغزى بۇزۇقنىڭ ئاغزىغا،

تازا قاتتىغ چەرملىك كەفشىم ئىلە ئۇرغۇم كېلۇر.

ئۆز تىلىدىن ئۆزگە تىلنى ئىستىگەنلەر تىلىنى،

ئارادەك تىلغۇچ بىلەن نەچە تىلىم تىلغۇم كېلۇر.

ئۆز ئاتاسى ئۆز تىلى ئۆز دىنىدىن ئۆز يۇرتىدىن،

بىرسىدىن تانغان بىرىگە ئوخشادۇر دېگۈم كېلۇر.

ئۇشبۇ تىلنى تاشلاغان ئادەم ۋەتەنغە دوست ئېمەس،

بىلكى ھەممە يۇرتىدىن بىگانە دەپ ئېيتقۇم كېلۇر.

ئانا تىلە ھەممىنى يازماقىغە مۈمكىن بولمادى،

ۋەر نە ھەممە سۆزنى مەن ئۇيغۇرچەلەپ يازغۇم كېلۇر.

_ ئابدۇللا نەئىمى

“ سامانيولى“ دېگەن شېئىرلار توپلىمىدا قۇتلۇق شەۋقى نامىدا بېرىلگەن مۇنداق بىر غەزەل بار:

ئۈمىد ئەتمەك ۋاپا ھەر سەيلىلەردىن ئەينى نادانلىق،

دېسەم بولغاي تېپىلماس ئەھدى يالغانلاردىن ئىنسانلىق.

ۋاپا ئەھدىڭگە ئەيلە قەۋل بىلەن پەيلىڭدە سادىق بول،

مۇناپىقلىق نىشانىدۇر كىشىدە ئەھدى يالغانلىق.

ھەر ئىش ئەيلەردە ئەۋۋەل ئېھتىيات ئەيلەپ تەپەككۇر قىل،

قولۇڭدىن ئۆتسە ۋاقتى سوڭرە سۇد ئېمەس پۇشايمانلىق.

پانى دۇنيادىن غەمسىز كېتەرنىڭ يوقتۇر ئىمكانى،

بولۇر ھەر كىمسىنىڭ تەبئىگە باقساڭ پەرىشانلىق،

قەلەم يازغان قەدەردىن سەئىيئىلە ئۆتمەك مەھەل ئولغاي،

دىلىڭنى راست تۇتقىل ھەر كىمسە تاپقايمۇ سۇلايمانلىق؟

دىلىڭنى راست تۇتقىل، زاھىرۇ باتىنىڭدە بىردەك بول،

ئايا شەۋقى، بۇدۇر پەھىملىسەڭ رەسمىي مۇسۇلمانلىق.

بۇ غەزەل ئەسلى مۇللا مۇھەممەد ئابىد نەمەنگانىنىڭ “ تۆھفەتۇل ئابىدىن“ ( مەتقاسىم ئەكرەم، ئىمىن تۆمۈر نەشرىگە تەييارلىغان، خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، نەشرىگە تەييارلاش رەھبەرلىك گۇرپپا ئىشخانىسى 1908-يىلىدىكى چاپى نۇسخىسىغا ئاساسەن، 1993-يىلى نەشر قىلىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان نۇسخىسىنىڭ 213-بەت) دېگەن دىۋانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇنداق ئىدى:

غەزەل شەۋقى

ئۈمىد ئەتمەك ۋەفا سىفلەلەردىن ئەين نادانلىغ،

دېسە بولغاي تاپىلماس ئەھدى يالغانلاردىن ئىنسالىغ،

ۋەفا ئەھدىڭگە ئەيلە قەۋل ئىلە فىئلىڭدە سادىق بول،

مۇنافىقلىق نىشانىدۇر كىشىدە ئەھدى يالغانلىغ.

ھەر ئىش ئەيلەردە ئەۋۋەل ئىھتىيات ئەيلەپ تەپەككۇر قىل،

قولۇڭدىن ئۆتسە ۋەقتى سوڭرە سۇد ئەتمەس پۇشەيمەنلىغ،

بۇ فانى دۇنيادىن غەمسىز كېتەرنىڭ يوقتۇر ئىمكانى،

بولۇر ھەر كىمسەنىڭ تەبئىگە باقساڭ بىر پەرىشانلىغ.

قەلەم يازغان قەدەردىن سەئىيلە ئۆتمەك مەھەل ئولغاي،

نەگىن تۇتماق بىلە بىر كىمسە تاپقايمۇ سۇلەيمانلىغ.

دىلىڭنى راست تۇتقىل، زاھىرۇ باتىندە سۇدەك بول،

ئەيا شەۋقى بۇدۇر فەھىم ئەيلەسەڭ رەسىم مۇسۇلمانلىغ.

بۇ غەزەلنى يازغان شەۋقى، ئېنىقكى ”شەۋقى“ تەخەللۇسىنى قوللانغان نەمەنگانلىق شەمسى ھۈسەيىن (1805-1889) دۇر④. موللا مۇھەممەد ئابىد نەمەنگاننىڭ 1908-يىلى چاپى قىلىنغان دىۋانىغا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ”شەۋقى“، ھەرگىزمۇ قۇتلۇق شەۋقى ئەمەسلىكى ، كېيىنكى كۈنلەردە بۇ غەزەلنىڭ خاتا ھالدا قۇتلۇق شەۋقى نامىغا تەۋە قىلىپ قويۇلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ غەزەلنىڭ تىلى قۇتلۇق شەۋقى ”يېڭى ھايات“ گېزىتىنىڭ 1937-يىلى 18-مارت، 69-سانىدا ئېلان قىلىنغان ”ئەرتىياز تەسىراتى“ دېگەن شېئىرنىڭ تىلى بىلەن خېلى پەرقلىنىدۇ. قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بۇ شېئىرىنىڭ تىلىغا قاراپ باقايلى:

ئەرتەياز تەسىراتى

ئەرتەياز ۋاقتى يېتىپ كەلدى، چىقىپ خۇشبۇي شامال،

غەم تۈنى –قىش كەتتى، كۆرسەتتى باھار شىرىن جامال.

ئەي ۋەتەن! سەن نە چىرايلىق بەك يېقىملىق ئانامىز،

بۇ غېرىب ئەۋلادلىرىڭنى شاد قىل، شەفقەتلە ئال.

كۆپ زامان غەملىك قارا كۈنلەردە ئۆتكەن بالالارىڭ،

بىھايا زالىم ئاستىدا بولغان ئېدىلەر پەيمال.

ئەمدى كۆز ئاچدى سەنىڭ رۇشەن ھاۋايىڭ كۆرگىلى،

خۇش بولۇپ تافسۇن سېنىڭ مۇڭلۇق قۇچاغىڭدا كامال.

ياز بولۇپ ئاچىلغۇسى رەڭ-رەڭدە گۈللەر نۇر ساچىپ،

باغى سەھرا مايسا يافراقلار يەشىل رەڭ خۇشمۇ ھال.

سايراشۇر كۆك تالغۇ بىرلە قالدۇرغاچ ھەم سوفىياڭ،

ئول چىرايلىق قۇشلار ئاۋازى قىلۇر ئىنساننى لال.

خۇش ھاۋايىڭ ئەي ۋاتەن ھىجران غېمىڭ دارۇسى،

سەن ياشا ئىززەتۇ بىدارلىق ئىلە تافماي زاۋال.

_ شەۋقى

دېمەك يۇقىرقى غەزەل، شەۋقى نەمەنگاننىڭ شېئىرى بولۇپ، قۇتلۇق شەۋقى ئىجادىيىتىگە قىلىنغان تۆھمەتتۇر.

بىزنى تەققازا قىلىۋاتقان بىر مەسىلە شۇكى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان نەشرىياتچىلىقىنىڭ بايراقدارى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ تولۇق ئەسەرلەر توپلىمى تېخىچە نەشر قىلىنمىدى. بىز باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نامىغا يېزىپ ئاۋارە بولمىساقمۇ، قۇتلۇق شەۋقى باش مۇھەرىرلىك قىلغان “ يېڭى ھايات“ ۋە “ قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى“ قاتارلىق گېزىتلەردە قۇتلۇق شەۋقى نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە شېئىرلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر توپلام قىلىشقا يىتەرلىك مەنبەدۇر. شۇڭا، ئەستايىدىللىقى ئاجىز، چوڭقۇر ئىزدىنىشتىن ئېرىنىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى بىر-بىرىنىڭ ئويدۇرما تەتقىقاتىنى كۆچۈرۈپ يۈرمەي، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن بىۋاستە تونۇشۇپ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئەسىرى ئىدى، دېگەن ئەسەرنى ئەسلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بۆھتان تۈسىنى ئالغان ئاتالمىش تەتقىقاتنىڭ كۆپ بولىشى، ئىجادىي ھەم ئىلمىي ئەمگەك قىلغان قۇتلۇق شەۋقىدەك مۆتىۋەر زاتلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزىدۇر. شۇڭا ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە باھا بەرگەندە، يۇقىرقىدەك تۆمەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.

ئىلاۋە: ئاپتۇر ئۆمەرجان نۇرى خوتەن مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى.

ماقالە مەنبەسى: شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2013-يىللىق سان (ئومۇمىي 47-سان)

تەھرىرلىگۈچى: يالقۇن روزى

مەنبەلەر:

① ”چىندە تۈركچە گېزىت“ دېگەن نامدىكى ماقالە بېسىلغان ژۇرنال_ ”سىرەتەل مۇستەقىم“، 1910-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سانى، ئىستانبۇل

②YARRING,Gunnar Alferd: Printis from Kashghar, The Printing Office of the Swedish Mission in Eastan Turkistan, History and Production with an Attempt at a Bibliografhy ,1991 ,Stockholm: Sevensca Forsking sinistitutet Istanbul.

③ ھۈسەيىن مۇساباي : ”كاشغەردىن مەكتۇب“، ”سىرەتەل مۇستەقىم“ (ژۇرنال)، 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 11 -كۈنىدىكى سانى، ئىستانبۇل

④ “ تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئانتولوگىيىسى“ . 15-توم، ”ئۆزبىك ئەدەبىياتى-2″، 187-بەت، 2000-يىلى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى نەشرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top