ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئەھلى سەلىپ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى

ئەھلى سەلىپ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى

1.شەرققە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ سەۋەبى
ياۋروپا ۋە شەرىقتىكى بەزى تارىخشۇناسلار ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرىققە تاجاۋۇز قىلىشىنى ناسارالار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جاي ئېرۇسالىمنى تالىشىش كۆرىشى، دەيدۇ. بۇ خىل گەپلەر توغرا ئەمەس. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرىققە تاجاۋۇز قىلىشى ھەرگىزمۇ نوقۇل دىنىي ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى دىنىي تون ئاستىغا يوشۇرۇنغان ياۋرۇپادىكى دىن ۋە دىنىدىن خالى ئىككى ساھەدىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ شەرىققە قارىتا قوزغىغان بىر مەيدان كەڭ كۆلەمدىكى تاجاۋۇزىدۇر. 11- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى غەربىي ياۋرۇپادا، فىئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كۆپ ساندىكى دېھقانلار يانچىلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. دېھقانلار مال ۋە پۇل بىلەن تۆلىنىدىغان ئېغىر يەر ئىجارىسىنى تاپشۇرغاندىن سىرت، يەنە جىزيە، ئورمان بېجى، ئەسكەر بېجى، كۆۋرۈك بېجى، بازار بېجى ۋە ئۆشرە بېجى قاتارلىق ھەرخىل باجلارنى تۆلەشكە مەجبۇر ئىدى. دېھقانلارنىڭ فېئودال يەر ئىگىلىرىگە ھەقسىز ئىشلەپ بېرىدىغان كۈن سانى ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈنگە يېتەتتى. فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فېئودال يەر ئىگىلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش بولۇپ تۇراتتى. 1087- يىلىدىن 1095- يىلىغىچە، غەربىي ياۋرۇپادا كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ھەمدە ئاچارچىلىققا ئۇلۇشۇپ، ۋابا تارقىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئېتىزلار ئاق تاشلىنىپ، يۇرتلار ئادەمسىز خارابىلىكلەرگە ئايلانغان، يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى غايەت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. دېھقانلارنىڭ ئىنتايىن تەس كۈنگە قالغان، يەرگە ئېرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلدىغان دېھقانلار دائىم قۇراللىق قوزغىلاڭ ياكى سىرتلارغا قېچىپ كېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق فېئودال يەر ئىگىلىرى بىلەن كۈرەش قىلاتتى.
غەربىي ياۋرۇپادىكى فېئودال يەر ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە شەرىقنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇملىرىغابولغان ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دېھقانلارنى كۈچىنىڭ بېرىچە ئېزىپ، تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋالاتتى. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ يېڭى زىمىنلارنى ۋە بايلىقلارنى بۇلاشقا تەقەززا ئىدى. يېرى يوق رېتسارلار بولسا، دېھقانلارنى بۇلاش، فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ قورۇقلىرىغا ۋە مۇناستىرلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، قىلمىغان ئەسكىلكى قالمىغان ئىدى. ئۇلار تېزدىن يەر-زېمىن ۋە يانچىلارغا ئېرىشىپ، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەشنا ئىدى. فېئودال يەر ئىگىلىرى بىلەن يەرسىز رىتسارلار ئاچكۆزلىرىنى باي شەرىققە تىككەن ئىدى.
رىم خرىستىيان ۋاتىكانى يالغۇز ئەڭ چوڭ فېئودال يەر ئىگىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ياۋرۇپادىكى فېئودال تۈزۈمىنىڭ قورغىنى ئىدى. رىم پاپاسى فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ قوزغۇلاڭلىرىنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، كاتولىك دىنى چېركاۋلىرىنى يۈتىۋېلىشنى قەستلەيتتى. شۇ ئارقىلىق ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەسىنى كونترول قىلىپ، شەرق بىلەن غەرب بىرلىككە كەلگەن رىم ۋاتىكانى ھۆكۈمرانلىقىدىكى يۈكسەك ھوقوققا ئىگە فېئودال دۆلەت قۇرۇشنى كۆزلەيتتى. رىم پاپاسى ۋە دىنىدىن خالىي فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ غەربىي ياۋرۇپادىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ جىددى تەرەققىياتى ۋە جەمىئيەتتىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن قاتتىق ئەنسىرەپ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزلىرىنىڭ تۈپكى مەنپەئەتىگە خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار توختىماي خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيتتى. بۇئارقىلىق ئۇلار ھەم دېھقانلارنىڭ فېئوداللارنىڭ ئىكىسپىلاتاتسىيىسىگە بولغان قارشىلىقىنى يوقۇتۇپ، يەرسىز رېتسارلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى بۇرىۋىتەلەيتتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ماددى تەلەپلىرىنى قاندۇرالايتتى.
1091 – يىلىدىن تارتىپ، ۋىزانتىيە پادىشاھى كۆپ قېتىم رىم پادىشاھى بىلەن پىروسسىيە پادىشاھسىدىن ئەسكەر چىقىرىپ، سالجۇقىلارنى قوغلىتىۋېتىپ، سالجۇقىلارنىڭ كونستانتىنوپۇلغا تەھدىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. رىم پاپىسى شەرىقنىڭ مال-دۇنياسى ۋە مۇنبەت تۇپراقلىرىغا شۆلگىيىنى ئېقىتىپ تەلمۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى سالجۇقىلارنىڭ ئېمپىرىيىسىمۇ بىر قانچە يەرلىك خانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئاجىزلاپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي ياۋرۇپانىڭ ئىجتىمائىي كىرزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئاخىرى تېپىلدى. ئۇلار ۋىزانتىيىگە ياردەم بېرىپ، سالجۇقىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى باھانە قىلىپ، غەربىي ياۋرۇپادىكى ھەرخىل كۈچلەرنى توپلاپ شەرىققە تاجاۋۇز قىلدى.
رىم پاپاسى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشىدا، ئاساسلىق رولنى ئويناپ، قۇترىتىش ۋە تەشكىللەش رولىنى جارى قىلدۇردى.
غەربىي ياۋرۇپادىكى شەھەرلەر بولۇپمۇ ۋېنىتسىيە، رىنايا. پىسسا قاتارلىق شەھەرلەردىكى سودىگەرلەر ئۇزۇندىن بۇيان، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى پورت ۋە بازارلارنى تارتىۋېلىپ، سودا رەقىبى بولغان ئەرەبلەر ۋە ۋىزانتيىلىكلەرنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز ۋادىسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىشنى ئويلايتتى. شۇڭا ئۇلار ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشىدىكى ئاكتىپ قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
1095 – يىلى 11- ئايدا، رىم پاپاسى ئوربانⅡ فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كىرايمىنىدا دىنىي قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتايغا 14 نەپەر ئارخىئىپسىكوپ، 200 دىن ئارتۇق ئېپىسكوپ، 400 دىن كۆپ مۇناستىر باشلىقى ھەمدە پوپ، فېئودال يەر ئىگىسى، رېتسار ۋە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئاۋام پۇقرا قاتناشتى. 11- ئاينىڭ 26- كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقان كۈنى، پاپا نۇتۇق سۆزلەپ، فېئودال يەر ئىگىلىرىنى قالايمىقان ئۇرۇشلارنى توختۇتۇپ، شەرقتىكى يات دىندىكىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، مۇقەددەس قەبرىنى تارتېۋىلىپ، ئېروسالىمنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى. ئۇ، يىراققا يۈرۈش قىلغان ئادەملەر گۇناھدىن ساقىت بولۇپ، جەننەتنىڭ بەخىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ جار سېلىپ، شەرقنى ھەممە يەردە ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەل ماكان، ئېرۇسالىم خۇددى ئىككىنچى جەننەت دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ كەمبەغەللەرنى ئۇلار شەرققە بارسىلا دەرھال باي بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئالدىدى. پاپانىڭ نۇتقى ھەر ساھەدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، دېھقانلارمۇ ئۇنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ قالدى.
كىرايمىن يىغىنىدىن كېيىن، فرانسىيە، پروسسىيە ئىككى دۆلەتتىكى دېھقانلارنىڭ فرانسىيىلىك پوپ پېتىر ۋە پروسسسىيىلىك نامرات رىتسار ۋارتىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى بىر قانچە يولغا بۆلۈنۈپ، ئۇدۇل كونستانىتىنغا يۈرۈش قىلدى. بۇ قوشۇنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە يەنە ئۆزىنىڭ يېرى يوق رىتسارلار، قاراقچىلارر، ئوغرىلار، جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى قاتارلىق كاللا كېسەرلەر بار ئىدى. ئۇلار يول بويى بۇلاڭچىلىق قىلىپ ماڭدى. ئەمما كىچىك ئاسىياغا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار سالجۇقىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
2. شەرققە تاجاۋۇز قىلىش جەريانى
1096 -يىلى كۈزدە، ياۋروپا فېئودال يەر ئىگىلىرى ۋە رىتسالارنى ئاساس قىلغان 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، كونىستانتىنوپولدا ئۇچرۇشۇپ، بىرىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈش قىلىشنى باشلىدى. تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھەممىسى كىرىست بەلگىسىنى تاقىغاچقا، بۇ قوشۇن «كرىست» بەلگىلىك (ئەھلى سەلىپ) قوشۇنى دەپ ئاتالغان. 1109-يىلى 7- ئايدا، ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى تار بەلۋاغنى ئىگىللىدى. ھەمدە ئۇ يەردە ئېرۇسالىم خانلىقىنى قۇردى. بۇ خانلىق غەربىي ياۋرۇپادىكى فېئودال تۈزۈمگە تەقلىد قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرى بىر قانچە بارۇننىڭ يېرىگە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە بىر قانچە رىتسارلار سۇيۇرغاللىققا بۆلۈنگەن بولۇپ، فېئودال ۋارىسلىق تۈزۈمى ۋە يانچىلارنىڭ فېئودال يەر ئىگىلىرىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىمىلىلەر چىقىرىلغان. ۋېنىتسىيە، رىنايا، پىسا قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ كېمە ئەترەتلىرى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ئۈچۈن ئاشلىق، قۇرال-ياراق ۋە ئەسكەرلەرنى توشۇپلا قالماستىن، يەنە ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، بېيرۇت، سىدون، تىئىر، ئاكرېنى، خەيفا قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىۋالغان. ئۇلار نۇرغۇن ئولجىلارغا ئېرىشكەن، يەنە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى شەھەرلەر ۋە ئېرۇسالىمدا سودا ئالاھىدە رايونى قۇرۇش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.
ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى بارغانلا يەردە، ئىنسان قىلىپىدىن چىقىپ كۆيدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭ بىلەن شۇغۇللانغان. 1099- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغاندىن كېيىن پۈتۈن شەھەردىكى ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيالارنى پاك-پاكىزە بۇلاپ بولۇپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش 70 مىڭ ئادەمنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۋەتكەن.
غەربىي ياۋرۇپالىق فېئودال يەر ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئەرەب ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرىدىن ئېغىر باج ئېلىپ يەنە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئالۋاڭ-ياساققا تۇتقان، ئېرۇسالىمدىكى دېھقانلارنىڭ تۆلەيدىغان يەر ئىجارىسى ئومومىي ھوسۇلنىڭ يېرىمىغا يېتىپ بارغان، يەنە ھەر ئايدا يەر ئىگىلىرى ئۈچۈن تۆت كۈندىن ئالتە كۈنگىچە ھەقسىز مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان.
ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىق قىرغىنچىلىق، زوراۋانلىق، دىنىي زىيانكەشلىق ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى، شەرقتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلار تۇشمۇ-تۇشتىن قوللىرىغا قورال ئېلىپ، تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بەردى. 1113-يىلى، سەمەرىيە دېھقانلىرى مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، نابۇلىسقا ھۇجۇم قىلدى. 1125- يىلى، بېيرۇت ۋە سىدۇن كەڭ كۆلەمدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. 1131-يىلى، تىرىپولى خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىق قىلدى. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرغانلار ئىچىدە يالغۇز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى نامرات ناسارالارمۇ بار ئىدى. خەلق قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ھەممە يەردە زەربىگە ئۇچرىدى. خەلقنىڭ باتۇرانە قارشىلىقى ۋە مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى قوللىغانلىقى نۇرىددىن ۋە سالاھىدىنلارنىڭ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلالىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب.
1144 – يىلى، تۈرك زەنگىد سۇلالىسىنىڭ دۆلەت قۇرغان بېگى ئىماددىن ئېدىسا شەھرىنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىستىلا قىلىش دەۋرىنىڭ ئاياقلىشىپ، غەربىي ئاسىيا خەلقنىڭ قايتارما ھۇجۇم دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. زەنگىدنىڭ ئوغلى نۇرىدىن. ماخمۇت (1118- 1174) ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى بىلەن بولغان جەڭدە زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. نۇرىدىن باتۇر، جەڭگە ماھىر بولۇپ، ئۇرۇش تاكتىكىسىغا پىششىق ئىدى. 1149- يىلىدىن 1164- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئىلگىرى-كېيىن، ئېدىسا بەگلىكى، دەمەشىق ۋە ئانتۇك كېنەزلىگىنىڭ بىر قىسمىنى تارتېۋىلىپ، ئودىسسا بەگلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى زور ساللىن Ⅱ، تىرىپولى بەگلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى رىلموند Ⅲ ۋە ئانتوك كېنەزلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى پۇشىموند Ⅲ لەرنى ئەسىرگە ئالغان.
نۇرىدىنىدىن كېيىن، يەنە كۆپچىلىكنى باشلاپ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان قەھرىمان شەخىس ئايۇپ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سالاھىدىن. ئايۇبى مەيدانغا كەلدى.
سالاھىدىن. ئايۇبى (1138-1193) تېگرىس دەرياسى بويىدىكى تىكرىتتە تۇغۇلغان. مىللىتى كورد. ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئايۇب بۇرۇن بەلى بەكرىنىڭ قوماندانى بولغان. نۇرىدىن دەۋرىدە، دەمەشىقنىڭ ئەمەلدارى بولغان.
1164 – يىلى، پاتىمىلەر سۇلالىسىنىڭ خەلپىسى ئادىد ئايۇپنىڭ ئىنىسى ھەر كۈنى 8000 كىشلىك قوشۇن بىلەن مىسىرغا ئۇيەردىكى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى يوقىتىشقا ئەۋەتكەن. سالاھىدىن تاغىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈشكە قاتنىشىپ، تۇرشاۋۇل قوشۇنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ دۈشمەننى قىرىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1169- يىلى 1-ئاينىڭ 18- كۈنى، ئادىد ھىركۈنى ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى ھىركۇ ئۆلۈپ، سالاھىدىن تاغىسى ھىركۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان.
1174- يىلى، سالاھىدىن ئادىد ھاكىمىيىتىنى تارتېۋىلىپ، ئۆزىنى خان قىلىپ تىكلەپ، ئايۇب سۇلالىسىنى (1171-1250)قۇرغان. 1174- يىلى زەنگىد سۇلالىسىدىن نۇرىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. سالاھىدىن مۇستەقىللىق جاكارلايدۇ، ھەمدە يەمەن ۋە ھىجازلارنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، سۈرىيەگە لەشكەر باشلاپ كىرىپ، نۇرىدىنىنىڭ ئوغلى سالىخنى ئايۇب سۇلالىسىنىڭ سۈرىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. 1185- يىلىدىن كېيىن، ئايۇب سۇلالىسىگە قاراشلىق يەرلەر شەرققە مىسسۇپوتامىيەدىن باشلىنىپ غەربتە مىسىرغىچە يېتىپ بېرىپ، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا قورشاۋ ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
1176 – يىلى، سالاھىدىن ھەششاشۈنچىلارنىڭ ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈشكە قەستلىمەسلىك، سۈرىيىگە قايتا پاراكەندىچىلىك سالماسلىق كاپالىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى بىكارلاپ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا ھوجۇم قوزغاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئېرۇسالىم خانلىقىنىڭ قاراق قورغىنىنى ساقلاپ ياتقان قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى لىدىنارە ئۇرۇش قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەرەبلەرنىڭ سودا كارۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەمدە كېمە ئەترەتلىرىنى ئەۋەتىپ ھىجاز دېڭىز بويلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، ھەج تاۋاپ قىلىغۇچىلارنى بۇلايدۇ. سالاھىدىن ئېرۇسالىمنىڭ پادىشاھى جۇيى دىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەت قىلىنىدۇ. بۇ چاغدىكى سالاھىدىن ئاللابۇرۇن ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. 1187- يىلى 6- ئايدا، سالاھىدىن سۈرىيە ۋە مىسىرنىڭ 60 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنىنى باشلاپ ئالىب قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىپ، ئۇدۇل پەلەستىنگە يۈرۈش قىلىدۇ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ تىنىرىيەنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئېرۇسالىم پادىشاھى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ جەڭگە تەييارلىنىدۇ. سالاھىدىن تىبىرىيە كۆلى ئەتراپىدىكى ھادىن دېگەن جاينى تاللاپ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا ھازىرلىق قىلىدۇ.
7 -ئاي، ئىسسىق قاتتىق بولىدىغان پەسىل بولۇپ، مىسىر، سۈرىيىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنلىرى سۇ مەنبەسى مول، يېشىل ئوتلاققا بازا قۇرۇپ، پايدىلىق يەر شارائىتىنى ئىگەللەيدۇ. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ھادىنىغا يېتىپ كەلگىچە، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەستىدىن ئادەم ۋە ئات-ئۇلاقلىرى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزى ئەسكەرلىرى كۆل بويىغا سۇ ئالغىلى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن زەربە يەپ چېكىندۈرىلىدۇ. جۇيىنىڭ قوشۇنلىرى سۇ يوق بىر ئېگىزلىككە قاپسىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى قورقۇنچ قاپلاپ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ. كەچ كىرىشى بىلەن بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ گازارمىلىرىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن جاراڭلىق تەكبىر ئاۋازلىرى ياڭراپ، ئۇلارنىڭ جۇشقۇن كۈرەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدۇ. سالاھىدىن تۆت ئەتراپتىكى چاتقاللارغا ئوت قويۇۋېتىشنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تۆپىلىكنى ئوت يالقۇنى، قويۇق ئىس قاپلاپ ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى كۆزىنىمۇ ئاچالماي قالىدۇ. ئەتىسى، تاڭ سەھەردە سالاھىدىن ئومومى ھوجۇمنى باشلايدۇ.جۇيى بىر قانچە قېتىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغان بولسىمۇ. لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرى، ئېرۇسالىم پادىشاھى جۈيىنىڭ ھالرەڭ بارىگاھى بىتچىت قىلىنغاندا سالاھىدىنىنىڭ ئۇلۇق ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، ئاتتىن سەكرەپ كۆزىدىن خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ.
ھادىن جېڭىدە ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ. جۈيى قوماندانلىق قىلغان 20 مىڭ كىشلىك خىللانغان قوشۇندىن ئىسسىقتىن، ئاچلىقتىن ۋە جەڭدە ئۆلگەنلىرىدىن سىرت قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەسىرگە چۈشىدۇ. جۈيى بىلەن لىدىنارد سالاھىدىنىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. سالاھىدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ سالپىيىپ تۇرغان جۈيىگە بىر ئىستاكان مۇز سۈيىنى ئۇزىتىدۇ. ئۇ ئىككىنچىلەپ سالاھىدىن بىلەن دۈشمەنلەشمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. سالاھىدىن لىدىناردنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، تېنىچلىقنى بۇزغان جىنايەتلىرىنى بىرمۇ-بىر يۈزىگە سېلىپ، ئارقىدىن جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ مەلئۇننى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.
ھادىن جېڭىدىن كېيىن ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ كۈچى قالمىدى. ھەرمىللەت خەلقىنىڭ پائال ياردىمى ئاستىدا، سالاھىدىنىنىڭ قوشۇنى كەينى-كەينىدىن بېيرۇت، سىدۇن، ئاكرېنى، خەيفا، قەيسەرىيە، يافا، ئاشكىرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ئېلىپ، ئېرۇسالىمنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان قاتنىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 9-ئاينىڭ 25- كۈنى، سالاھىدىن ئېرۇسالىمغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. 10- ئاينىڭ 2- كۈنى شەھەرنى ئالدى. ئاقسا مەسچىتىدىن ياڭرىغان ئەزان ئاۋازى ناسارالارنىڭ دۇمباق ئاۋازىنىڭ ئورنىنى ئالدى. مەسچىت گۈمبىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن كىرىست بەلگىسىمۇ بۇزۇپ تاشلاندى. سالاھىدىن قول ئاستىدىكىلەرگە ناسارالارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنى قوغداشنى بۇيرىدۇ. ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدىكى قېرى-ئاجىز، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تۆلەم پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ خىل رەھىمدىل پەزىلىتى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرگەن جىنايى قىلمىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. سالاھىدىن شەرق ۋە غەرب تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن «چەۋەندازلىق خىسلىتىگە ئىگە ھۆكۈمران» دەپ مەدھىيلەندى.
سالاھىدىن ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان شەھەر ۋە قورغانلارنى ئالغان، پەقەت ئانتىۋوك، تىرىپولى، تىئىر ھەمدە بەزى كىچىك بازارلارلا ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا ئىدى.
ئېرۇسالىمنىڭ قولدىن كېتىشى ياۋرۇپانى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى. رىم پاپاسى يېڭى ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى تەشكىللەشنى چاقىرىق قىلدى. شەرققە ھۇجۇم قىلىدىغان قوشۇنلارنىڭ ھەربىي تەمىناتىنى غەملەش ئۈچۈن پاپا ئەنگلىيە، فرانسىيەلەردىن مال-مۈلۈكتىن «سالاھىدىن ئۈشرە بېجى» يىغىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى (1189-1192) دىكى مەركەزلىك شەخسلەر پروسسىيەنىڭ پادىشاھى پېتىر Ⅰ، ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅰ ۋە فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ لەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆزلىرىنىڭ سوققان چوتى بولۇپ، زىددىيەتلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما پېتىر Ⅰ كىچىك ئاسىيادا دەريادىن ئۆتۈۋاتقاندا سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى ئاكرېنى جېڭىگە مەركەزلەشكەن. 1189-يىلى 8- ئايدا، ئېرۇسالىمنىڭ پادىشاھى جۈيى ئۆزى ۋەدە قىلغان كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاكرېنى شەھرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. 1191- يىلى، فرانسىيە، ئەنگىلىيىلەرنىڭ قوشۇنلىرى ئىلگىرى-كېيىن يېتىپ كېلىپ، ئاكرېنى شەھرىنى قاتمۇ-قات قورشىۋالىدۇ. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلاردا سېپىلغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەڭ يېڭى تاش ئاتىدىدىغان قوراللار بولۇپ، دېڭىزدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. ئاكرېنى خەتەر ئىچىدە قالغاندا، سالاھىدىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ ياردەمگە كېلىدۇ. ئۇ قوماندانلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەر ۋە سەردارلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭ توغرىسىدا، سالنامىچىلەر تىللاردا داستان بولغىدەك نۇرغۇن قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشقان. سالاھىدىن بىر تەرەپتىن كەپتەر ۋە سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا ئادەملەر ئارقىلىق شەھەر ئىچىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشسا، يەنە بىر تەرەپتىن باغدادتىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما خەلىپە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتمەيدۇ. 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، شەھەرنى قوغداۋاتقاندا قوشۇنلار تەسلىم بولىدۇ. چارلىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۆز ۋاقتىدا تۆلەم تۆلىيەلمىگەن 2700 نەپەر ئۇرۇش ئەسىرىنى قىرىپ تاشلايدۇ. بۇ سالاھىدىنىنىڭ ئەسىرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالىدۇ.
ئاكرېنى ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، فرانسىيە پادىشاھى فىلىپⅡ كېسەلنى بانا قىلىپ قايتىپ كېتىدۇ. سالاھىدىن ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅰ نىڭ ھۇجۇمىنى زور كۈچ بىلەن توسۇپ قالىدۇ. چارلىز Ⅰ نىڭ ئەسكەرلىرنىڭ تالاپىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەچكە، 1192- يىلى 11-ئاينىڭ 2- كۈنى سالاھىدىن بىلەن ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمىنى تۈزىدۇ. كېلىشىمدە ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى تىئىردىن تارتىپ يافاغىچە بولغان دېڭىز بويى رايونلىرىنى ساقلاپ قېلىش، ئىچكىرىدىكى جايلار ۋە ئېرۇسالىم سالاھىدىنگە تەۋە بولۇش، ناسارالار ئەركىن ھالدا ئېرۇسالىمغا تاۋاپ قىلىغىلى كەلسە، دەخلى-تەئەررۇزغا ئۇچرىماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلار بەلگىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە قېتىمدا ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى ھۇجۇم نىشانىنى ئۆزگەرتتى. تۆتىنچى قېتىملىق (1202-1204) ھۇجۇمىنىڭ نىشانى ۋىزانتىيە، بەشىنچى (1217-1221) قېتىملىق، ئالتىنچى قېتىملىق (1228-1229) ۋە يەتتىنچى قېتىملىق (1254-1248) ھۇجۇمىنىڭ نىشانى مىسىر، سەككىزىنچى قېتىملىق (1270) ھۇجۇمىنىڭ نىشانى تۇنىس بولدى. ئەمما بۇ بىر قانچە قېتىملىق ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى كىرىچى بوشاپ كەتكەن ئوقيادەك داغدۇغۇسى ۋە جەڭگىۋارلىقى بۇرۇنقىلىرىدىن زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى.
1193 – يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، سالاھىدىن دەمەشىقتە 55 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. شۇم خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت ماتەمگە چۆكىدۇ. سالاھىدىن ئۈمەييە جامئەسىنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىنىدۇ. 700 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ قەۋرىسى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر ھۆرمەت بىلەن تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ كەلمەكتە.
ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى شەرق زېمىنىنى دەپسەندە قىلغان چاغدا، سالاھىدىن ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ياۋروپا فېئودال كۈچلىرىنىڭ شەرققە بولغان تاجاۋۇزىنى توسۇپ، شەرقنىڭ ماددى مەدەنىيىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنى قوغداپ قېلىپ، ئۇلۇغ تارىخى تۆھپە ياراتقان. خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھۆرمەتلىنىدىغان قەھرىمان شەخىسكە ئايلانغان.
ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىپ، سانسىز يېزىلارنى يەر يۈزىدىن يوقاتتى. شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىگە چوڭقۇر، ئېغىر ئازاب، ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ياۋروپا خەلقىمۇ زور قۇربانلارنى بەردى.
3 . شەرققە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تەسىرى
ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى شەرققە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە ۋىزانتىيە سودىگەرلىرى شەرق، غەرب سودىسىدىكى مونۇپۇللۇق ئورنىدىن مەھرۇم بولدى. ۋېنىتسىيە، رىنايا، پىسا، مارسېل، بارسېلۇنا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزدىكى سودا ئەۋزەللىكى تۇرغۇزۇلدى. ئەينى چاغدا، شەرقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ياۋرۇپادىن جىق ئىلغار ئىدى. ياۋرۇپالىقلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلارغا كېرەكلىك سانائەت يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى شەرقتىن چىقاتتى. ئۇلار مارجان، قاشتېشى، گۆھەر، پىل چىشى، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، پار-پۇر قاچىلار، ئەينەك بۇيۇملار، مامۇق، تۆگە تىۋىتى، تېرە، يىپەك، پاختا، توقۇلما بۇيۇملار، بوياق، خۇشپۇراق ماتېرياللار، ئەتىر، قومۇش شېكىرى، زەمچە، ئالوي قاتارلىقلارنى زور كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشى ئاياقلاشقاندا شەرقتىن غەربىي ياۋرۇپاغا توشۇغان تاۋارلار ئىلگىركىدىن ئون ھەسسە ئۆپچۆرىسىدە كۆپەيگەن. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى شەرققە تاجاۋۇز قىلىشتىن بۇرۇنلا شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى مەۋجۈد ئىدى. ئەرەبلەر بىلەن ۋىزانتىيىلىكلەر بولۇپمۇ ئەرەبلەر مۇشۇ خىل ئالماشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەلچىلىرى ئىدى. ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىلىرىنىڭ تىنچ، دوستانە بېرىش-كېلىشنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش