• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلام دىنىدىكى ھەر قايسى فىقھە مەزھەپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى

ئىسلام دىنىدىكى ھەر قايسى فىقھە مەزھەپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى

1. قانۇن تۇرغۇزۇش ئاساسلىرى
ئىسلام دىنى قانۇنلىرى، ئەرەبچىدە «شەرئى.ئىسلام» دەپ ئاتىلىدۇ. «شەرىئەت» دېگىنىمىز «يول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دىنىدا بۇنىڭ مەنىسى كېڭەيتىلىپ، چوقۇم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك «توغرا يول»، يەنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەردە شەرھىيلەنگەن «ئاللانىڭ يولى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك دىنىي مەجبۇرىيىتى. «شەرىئەت» دېگەن بۇ سۆز ئەڭ بۇرۇن «قۇرئان» دىكى :«سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق. شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپىسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن» (45- سۈرە، 18- ئايەت)، «مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ھەر بىر مىللەتكە بىر خىل دىنىي ئەھكام ۋە قانۇننى بەلگىلەپ بەردىم». بۇنىڭ ئىچىدىكى «توغرا يول»، «دىنىي ئەھكام ۋە قانۇن» دېگەنلەر «شەرىئەت» بولۇپ، شۇندىن كېيىن «شەرىئەت» ئاللانىڭ قانۇنى ياكى ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي قانۇنىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى، دەپ ئاتالدى. ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي قانۇنى ئەرەب تىلىدا «فىقىھ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆز ئەسلىدە قۇرئاندىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى سۆز مەنىسى «ئىگىلەش»، «چۈشىنىش» تىن ئىبارەت. ئۇ ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى تولۇق بىلىشكە قارىتىلغان. كېيىن بۇ سۆز «ئىسلام دىنى دىنىي قانۇن ئىلمي» نىڭ مەخسۇس تېرمىنىغا ئايلانغان.
ئىسلام دىنىنىڭ فىقىھ ئىلمي ئاساسەن دىنىي قانۇنلارنىڭ پرىنسىپ قائىدىلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ قانۇنىي پرىنسىپلار ئەرەب تىلىدا «ئۇسۇلى فىقىھ» دەپ ئاتىلىپ، دىنىي قانۇنلارنىڭ ئاساسى مەنبەسى (كېلىپ چىقىشى)، قانۇنىي ئاساسى ۋە ئىپادىلەش شەكلى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇسۇلى فىقىھ ئەمەلىي مەنبە ۋە نەزەرىيىۋى مەنبەدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئەمەلىي مەنبە: ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، دەسلەپكى دەۋرلەردىكى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئۇمەييە سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر، مەمۇرىي قانۇن-تۈزۈملەر، ئەدلىيە ئەمەلىيىتى ھەمدە ۋىزانتىيە، پىرىسىيە ساسانىلار سۇلالىسى قاتارلىقلاردىن قوبۇل قىلىنغان، سىرتتىن كەلگەن قانۇنلار ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەزەرىيىۋى مەنبەسى بولسا، ئىسلام دىنى قانۇنىدا بېكىتىلگەن قانۇن ئاساسى، «قۇرئان كەرىم» ئەھكاملىرى، «ھەدىس شېرىپ» ئەھكاملىرى، قىياس، ئىجمائى قاتارلىق تۆت چوڭ قانۇنىي مەنبەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى، «قۇرئان كەرىم» ئەھكاملىرى. «قۇرئان كەرىم» بولسا ئاللادىن كەلگەن «ۋەھىي»، ئىنسانلارنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى، شۇڭلاشقا ئۇ ئىسلام دىنى قانۇنلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى ۋە ئاساسى ھىسابلىنىپ، ئەڭ ئالى نوپۇزغا ئىگە. ھەر قانداق قانۇن ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەھكاملىرى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئەھكاملىرى بىلەن ئىسلام دىنى قانۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇنداق: فونكسىيە جەھەتتە، ھازىرقى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى قانۇنى بىلەن ئادەتتىكى قانۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ئورنى ئاساسى قانۇننىڭ ئورنىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، ئاساسى قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلق ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولغاچقا، ئادەتتە ئۇ ۋاكالىتەن مۇزاكىرە قىلىپ بىجىرگۈچى ئورگان تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەمدە ۋاكالىتەن مۇزاكىرە قىلىدىغان ئورگاننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزىشىگە بويسۇنىدۇ. ئەمدى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئەھكاملىرى بولسا پۈتۈن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى «ئاللا» بېكىتكەن بولۇپ، ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. ئۇ ئېلان قىلىنىش بىلەنلا، زامان، ماكاندىن ھالقىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ھېچقانداق ئادەم ياكى ھېچقانداق تەشكىلاتنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ روھى ۋە پرىنسىپى ھەمدە كونكىرىت بەلگىلىمىلىرى بىلەن قارمۇ-قارشى بولغان ھەر قانداق قانۇن كۈچىدىن قالىدۇ.
ئىككىنچى، «ھەدىس» ئەھكاملىرى. ھەدىس بولسا ئىسلام دىنىنىڭ «قۇرئان» دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قانۇن مەنبەسى ۋە ئاساسى. «ھەدىس» «قۇرئان كەرىم» مەزمۇنلىرىنىڭ كونكىرىتلاشتۇرۇلۇشى ۋە قانۇنلاشتۇرۇلىشىدۇر. «قۇرئان كەرىم» تۈپكى دەستۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا ئۇلۇق-ئۇششاق جىمىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا بەلگىلىمىلەر تۈزىلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇن تەرەپلەردە «قۇرئان» دا پەقەت بىر خىل نىشان، بىر خىل پرىنسىپ كۆرسىتىلىپ، كونكىرىت ئەمەلىيەتتە «ھەدىس» كە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، «ھەدىس» نىڭ فىقھە تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم . ئومۇمەن، «قۇرئان كەرىم» دە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى «ھەدىس» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، قىياس. بۇ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەكۈن چىقىرىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئادەتتە، ئادەتتىكى شەيئىلەر ئىچىدىن ئالاھىدە شەيئىي قىياس قىلىپ چىقىرىش، بىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سەۋەب، شەيئىلەر ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ياكى ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدىن نامەلۇم ھۆكۈم ۋە يەكۈن چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇل «سېلىشتۇرۇپ ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش» ياكى «سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قىياس» نىڭ ئەسلى مەنىسى مەلۇم نەرسىنىڭ ئۇزۇنلىقى، سۈپىتى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى ئۆلچەشتىن ئىبارەت. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر نەرسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقنى تېپىپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. كېيىنچە، فەقىھلەر «قىياس» نى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرسىتىدىغان مەخسۇس تېرمىنغا ئايلاندۇرغان. قىياس ئوسۇلىنى قوللىنىش قۇرئاننىڭ سۈرە-ئايەتلىرىدە، ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنمىغان يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، ئەگەر فەقىھلەر ۋە قازىلار «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان مەسىلىلەرگە يولۇقسا، ئۇلار «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە بار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاساسەن سېلىشتۇرۇش، تەدبىقلاش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سېلىشتۇرۇپ تەدبىقلاش ئۇسۇلىنى ئەڭ ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلغۇچىدۇر. ئۇ بۇرۇن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، مەسىلە ھەل قىلغان: بىر ئايال ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ياشقا چوڭ بولۇپ قالغان دادىسىغا ۋاكالىتەن ھەج تاۋاپ قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام :«بولىدۇ، بۇ خۇددى ئاتىغا ۋاكالىتەن قەرز تۆلگەنگە ئوخشايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابىلەر مەسلىھەت قىلىشپ، ئەبۇ.بەكرىنى خەلىپىلىككە كۆرسەتكەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەسلىھەتى سىلىشتۇرۇپ تەدبىقلاشنى ئاساس قىلغان: چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئەبۇ.بەكرىگە ئىماملىق قىلىشنى ھاۋالە قىلغان. شۇڭلاشقا، ساھابىلەر دىنى ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلغان ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما فەقىھلەر كىشىلەرنىڭ «سېلىشتۇرۇش» پرىنسىپلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتتىق شەرتلەرنى بەلگىلىگەن، بىرىنچى: «قۇرئان» ياكى «ھەدىس» لەردىكى ئېنىق بەلگىلىمىلەر سېلىشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىنىشى، ئىككىنچى، ھەل قىلىنماقچى بولغان مەسىلىگە قارىتا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە ئاساسلىنىدىغان بىۋاسىتە بەلگىلىمىلەر يوق بولۇشى، ئۈچىنچى، ھەل قىلىنماقچى بولغان مەسىلىنىڭ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى ئەھۋاللار بىلەن ئورتاق باغلىنىشلىق سەۋەبى بولۇشى، تۆتىنچى، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چىقىرىلغان يەكۈن «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرنىڭ روھى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
تۆتىنچى، ئىجمائى. جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ خەلىپە دۆلىتىنىڭ زېمىنى بىپايان، مىللەتلەر كۆپ، دۆلەت ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغاچقا، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە يوق بولۇپ، ھېچقانداق سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، فەقىھلەر «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرنىڭ تۈپكى پرىنسىپى، ئاساسى روھىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. ئەگەردە نوپۇزلۇق فەقىھلەرنىڭ بۇ يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر، كۆز قاراشلىرى بىردەك بولسا، ئۇ چاغدا بۇ يەكۈن دېلوغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىپ، قازىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ بېرىلەتتى. مانا بۇ ئىسلام دىنى قانۇنىنىڭ مەنبەئى ۋە ئاساسى، يەنى ئىجىمائىدۇر. ئىككى ھەدىس ئىجمائىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچىسى:«مېنىڭ قۇۋمىم سەپسەتە بىلەن چىشالمايدۇ»، ئىككىنچىسى:«مۇسۇلمانلار ئادىل دەپ قارىغانلىكى نەرسە ئاللانىڭ نەزىرىدىمۇ ئادىلدۇر». «ئىجمائى» ۋە سېلىشتۇرۇش» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دىنىدىكى فىقھە قاتماللىق ۋە بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، جانلىقلىق ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت مەنبەدىن سىرت، ئىسلام دىنى قانۇنىدا يەنە بىر بەزى مەنبەلەرمۇ بار. مەسىلەن:«ياخشىنى تاللاش» (ئىستىھسان)، پاراۋانلىق (ئىستىسلاھ ياكى مەسلەھە)، «پىكىر» (راي) قاتارلىقلار. بۇ قوشۇمچە مەنبەلەر فىقھە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
فەقىھلەرنىڭ يۇقىرىقى مەنبە ۋە قانۇنىيەتلەرنى قوللىنىپ قانۇن ئىلمي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، دىنىي قانۇنلارنى بېكىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشى—«ئىجتىھاد» دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى تىرىشچانلىق، تىرىشىش بولۇپ، فەقىھلەرنىڭ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرنىڭ ئومۇمى روھىغا ئاساسەن، ئىدراك قىلىش، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش، سېلىشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يېڭى تارىخى شارائىت ئاستىدا پەيدا بولغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى شەيئىلەر ھەمدە ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا، فىقىھ روھىغا زىت كەلمەيدىغان قانۇنى يەكۈن ۋە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشتىن ئىبارەت پۈتكۈل تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدار ۋە سالاھىيەتكە ئىگە نوپۇزلۇق ئالىملار «مۇجتەھىد» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلاردا سەمىمىي ئېتىقاد، يۈكسەك ئابروي بولغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە شەرتلەرنى ھازىرلىشىشى كېرەك:1) ئەرەب تىلى ۋە گرامماتىكىسى، ئىملا قائىدىلىرىغا پىششىق بولۇشى، ئىسلام دىنى دەستۇرلىرىنىڭ مەنىسىنى توغرا ئىگەللىيەلەيدىغان بولۇشى، 2) «قۇرئان» ھەمدە قۇرئانشۇناسلىققا پىششىق بولۇشى، بىكار قىلىدىغان ھەم بىكار قىلىنىدىغان دەستۇرلارنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان بولۇشى، 3) «ھەدىس» ۋە ھەدىسشۇناسلىقنى تولۇق بىلىشى، شۇ ئارقىلىق «قۇرئان» نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئائىت ئەھكاملارنى ئېنىق يېشىپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، 4)فىقىھ قانۇنىيەتلىرىگە پىششىق بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئەھكاملارنى تۈزەلەيدىغان بولۇشى، 5) ئەھكاملارنى تۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئوبىكتىپ ھالدا ئىجادىي تۈزۈش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشى لازىم.
يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار ئەھكام تۈزۈش مەجبۇرىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، كونا قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، تەييار ئەھكاملار بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. سۈننىي مەزھىپىدە تۆت چوڭ فىقىھ ئىلمينىڭ ئاساسچىلىرى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى مۇنەۋۋەر ئابرويلۇق مۇددەرىس ئالىملارنى ھۆرمەتلەپ، «مۇجتەھىد» دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ئەشرىلى، ئەنسال قاتارلىقلار. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، بۇنداق بىلىملىك زاتلار ھەر بىر دەۋردە مەۋجۇت، ئۇلار «غايىب ئىمام» لارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەكىلى، كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روھى داھىيسى، ئۇلارغا بويسۇنۇش ئىمامنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالغانلىق، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى ۋە چىقارغان «پەتىۋا» سى قانۇنىي كۈچكە ئىگە، دەپ قارايدۇ.
2 . فىقىھ مەزھەپلىرى
فەقىھلەرنىڭ ھەر خىل قانۇنىي مەنبەلەرنى قوللىنىشىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇللىرى بار. بەزى فەقىھلەر «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» نى قانۇن ئاساسىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا، ساختا ھەدىسلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ھەدىسنى قوللىنىشقا جىق قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، دەپ قاراپ، «ئىجمائى»، «سېلىشتۇرۇش»، «ياخشىنى تاللاش» (ئىستىھسان) ۋە مەسلەھەلەرگە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر خىل ئادەملەرنىڭ مەسىلىلەرگە قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىلمي فىقىھ مەزھەپلىرى مەيداندا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، بەزىلىرى بولسا كەڭ تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان، كەڭ مۇسۇلمانلار ھازىرغىچە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. سۈننىي مەزھىپى ئىچىدە ئەڭ داڭلىق، تەسىرى ئەڭ زور تۆت فىقىھ مەزھىپى بار. ئۇلار: ھەنەفىيە مەزھىپى، مالىكىيە مەزھىپى، شافىئى مەزھىپى ۋە ھەنبەلىيە مەزھىپىدىن ئىبارەت.
(1) ھەنەفىيە مەزھىپى
مەزكۇر مەزھەپنى مىلادىي 8- ئەسىردە ئەبۇ.ھەنەفىي ئىمام ياراتقان. ئەڭ دەسلەپتە ئىراق، كۈفە قاتارلىق جايلاردا تارقالغاچقا، ئىراق مەزھىپى، كۈفە مەزھىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت چوڭ فىقىھ مەزھىپى ئىچىدە بۇ مەزھەپنىڭ تەسىرى ئەڭ زور، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولۇپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېرىمى بۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىدۇ. جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇ مەزھەپكە تەۋە.
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئىجادچىسى ئەبۇ.ھەنىفە (700-767) نىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ.ھەنىفە.نۇرمان.بىن.سابىت.بىن.پارىسى بولۇپ، پىرىسىيەلىك. ئىراقنىڭ كۈفە شەھرىدە تۇغۇلغان. كۈفە ئەينى چاغدا داڭلىق مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇپ، ئىلىم-پەن ھاۋاسى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. ئەبۇ.ھەنىفە ئىنتايىن تالانتلىق بولۇپ، كىچىك چېغىدىلا «قۇرئان» نى پىششىق يادلىۋالغان ئىدى. ئەمما دەسلەپتە ئۇ مەخسۇس ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولماي، سودىگەرچىلىك قىلاتتى. ئۇ سودىگەرچىلىك قىلغاچ، ھەر خىل ئىرىقتىكى ئادەملەرنى كۆزىتىپ، جەمئىيەتنى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەيتتى. سودىگەرچىلىكتىن بىكار بولغان چاغلىرىدا، ئۇ ئاندىن شۇ يەردىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ، تىل، ئەدەبىيات، ئىملا قائىدىسى، پەلسەپە، دىنىي يوسۇن، فىقىھ قاتارلىق ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن فەقىھ ھامادىي، دىنىي يوسۇنشۇناس، پەيلاسوپ ئىبنى.ئاتا، كۈفەدىكى مۇھەددىس ئامىر.سەربىي، 4- قارار خەلىپە ئەلىنىڭ نەۋرىسى 5- ئەۋلاد شىئە مەزھىپىنىڭ 6- ئەۋلاد ئىمامى جاففار.سادىق قاتارلىق ئادەملەردىن تەلىم ئالغان. ئۇ گەرچە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ بېسىپ چۈشىدىغان تالانتى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى داڭلىق ئالىم ئامىر.سەربىي ئۇنى سودىگەرچىلىكتىن قول ئۈزۈپ ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان. شۇندىن تارتىپ، ئەبۇ.ھەنىفە پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپى ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ زور فەقىھ بولۇپ چىقىپ، «چوڭ ئىمام» دەپ ئاتالغان. ئۇ ياراتقان مەزھەپمۇ «چوڭ ئىمام مەزھىپى» دەپ ئاتالغان.
ئەبۇ.ھەنىفە، ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى، ئەمما ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، شەكىللىنىشى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئارقىلىق تاماملانغان. بۇ مەزھەپ سىستېمىسى يېڭى بارلىققا كەلگەن مەزگىللەردە ئەبۇ.ھەنىفە دىنى ئېتىكا ئۆلچەملىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىگە سەل قارىغان، ئابباسىلار سۇلالىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى رەت قىلىپ، مۇشۇ سەۋەب بىلەن زىيانكەشلىككىمۇ ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئاتاقلىق شاگىرتى ئەبۇ.يۈسۈپ (731-798) ۋە مۇھەممەد.شەبانى (749-805) لار ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان ھەمدە ھۆكۈمرانلار بىلەن ھەمكارلاشقان، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەزھەپ ئابباسىلار سۇلالىسى ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ زور تۈركۈمدىكى فەقىھلەر ئەدلىيە خىزمەتلىرىگە ئەمەلدارلىققا قويۇلغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ مەزھەپ بىردىنلا تەسىرى ئەڭ كەڭ تارقالغان فىقىھ مەزھىپىگە ئايلانغان.
ھەنەفىي فىقىھ مەزھىپى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
بىرىنچى، ئىدراك ۋە رايغا ئەھمىيەت بېرىش. ھەنەفىي مەزھىپى: فىقىھ، قانۇنى ئەھكاملارنى يارىتىش جەريانىدا، ئاساسلىقى «قۇرئان» نى ئاساس قىلىپ، «ھەدىس» نى ئېھتىيات بىلەن قوللىنىش، ئىجمائى ۋە سېلىشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىجمائى ۋە سېلىشتۇرۇشنى قوللىنىشقا نىسبەتەن بىر قەدەر جانلىق بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى شەخسنىڭ راي ۋە ھۆكۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭلاشقا مەزكۇر مەزھەپنىڭ «رايچىلار» دېگەن نامى بار. فىقىھنى چۈشەندۈرگەندە، بۇ مەزھەپتىكىلەر فىقىھنىڭ سۆز-جۈملىلىرىگە قارىغاندا، فىقىھ روھىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، ھەر قانداق سېلىشتۇرۇش ۋە ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشنىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىماي، قازىنىڭ تاللاش پرىنسىپىغا ئاساسلىنىپ، تېخىمۇ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەبۇ.ھەنىفەنىڭ كاللىسى سەگەك، شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ فىقىھشۇناسلىق ئاساسى پۇختا بولغاچقا، ئۇ قانۇنى مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەل قىلالايتتى. مەسىلەن: «قۇرئان» دا ئالتۇن،كۈمۈش قاچىلاردا سۇ ئىچىش مەنئى قىلىنغان. بىر ئادەم ئەبۇ.ھەنىفەدىن گىرۋىكىدە كۈمۈش ئورنىتىلغان قاچىدا سۇ ئىچىشكە بولامدۇ-يوق؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ:«بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەريا بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇسساپ كەتكەن بىرسىنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سالغان قولى بىلەن سۇنى ئۇچۇملاپ ئىچىشىگە رۇخسەت قىلغان، دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ھەنەفىي مەزھىپى فىقىھنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولغان «ھەدىس» نىڭ رولىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇقۇشماي ساختا «ھەدىس» نى ئىشلىتىپ سېلىپ، خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەيدۇ. ئەبۇ.ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ھەدىسشۇناسلىقنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ، «ھەدىس» نى قوللىنىش جەھەتتە، ئەبۇ.ھەنىفەگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ قوللانغان. ئەبۇ.ھەنىفە:«توغرا «ھەدىس» مېنىڭ مەزھىپىمدۇر» دېگەن. شۇڭلاشقا، ھەنەفىي مەزھىپى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندە، «ھەدىس» چىلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپمۇ تەدرىجىي كىچىكلەپ بارغان. بىر تەرەپتىن ھەنەفىي مەزھىپى «ھەدىس» چىلەرنىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، «ھەدىس» لەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ، «ئىجمائى» ۋە سېلىشتۇرۇشنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىگە قاتتىق شەرتلەرنى قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ھەدىس» چىلەرمۇ تەدرىجىي ھالدا ھەنەفىيلەرنىڭ نۇرغۇن تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلشىقا باشلىغان. بەزى ئەھۋاللار ئاستىدا، ھەدىستىكى يۈزەكى سۆز-جۈملىلەرگە ئۆلۈك ئېسىلىۋالغان بىلەن، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىنى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، «ئىجمائى» ۋە «سېلىشتۇرۇش» ئەڭ ئاخىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سىرتىدىكى ئىسلام دىنى فىقىھلىرىنىڭ باشقا ئىككى مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۆت چوڭ ئىلمي فىقىھنىڭ ھەممىسىنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلالىشى، ئۇلارنىڭ ئۆ-ئارا بىر-بىرىگە يول قويۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ساقلاپ، ئورتاق راۋاجلانغانلىقىدا.
ئىككىنچى، «ياخشىسىنى تاللاش» ئۇسۇلىنى قولىنىش. «ياخشىسىنى تاللاش» دېگىنىمىز—ھەدىسلەردە بەلگىلەنمىگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، داۋالاشقۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئادىل، ئەڭ پايدىلىق پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 2- قارار خەلىپە ئۈمەرنىڭ ۋاقتىدا، بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئېرىقىنى قوشنىسىنىڭ يېرىدىن ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا،ئۇ :«بولىدۇ» دېگەن. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە «قۇرئان» دا بۇنداق بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش قوشنىلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پايدىلىق. ھەنەفىي ئۈمەرنىڭ ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە كېڭەيتكەن. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسى «قۇرئان» دىكى:«ئاللا سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» (2-185) دېگەن ئايەتتۇر.
ئۈچىنچى، «قانۇن ماھىيىتى» نى قوللىنىش فىقىھلەرنىڭ بەزىبىر قانۇنلارنىڭ مىخانىكىلىق بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن، قانۇننى جانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق، قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە يوق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ماھارىتىدۇر. ئەبۇ.ھەنىفەنىڭ «قانۇن ماھارىتى» نى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھىكايىلەر ئىنتايىن نۇرغۇن. مەسىلەن: بىرەيلەن، ئەگەردە خوتۇنۇم ئۇن تۈگىدى دېسە (مەيلى ئاغزاكى، يازمىچە دېسۇن، ياكى باشقا ئادەملەر ئارقىلىق دېسۇن) مەن خوتۇنۇمنى دەرھال تالاق قىلىۋېتىمەن، دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ خوتۇنى ئەبۇ.ھەنىفەنىڭ ئالدىغا دەرت ئېيتىپ كېلىپتۇ. ئەبۇ.ھەنىفە ئۇ ئايالغا، ئۇن تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇن خالتىسىنى ئېرى ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنىڭ چاپىنىغا باغلاپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. ئېرى ئويغىنىپ ئۇننىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلىپتۇ، ئەمما ئۇنى ياكى خوتۇنى دېمىگەن، ياكى باشقىلار ئارقىلىقمۇ ئۇقتۇرمىغان بولغاچقا، ئۇ ئادەم خوتۇنىنى تالاق قىلالماپتۇ. يەنە بىر مىسال: بىر ئايال تامغا يۆلەكلىك شوتىنىڭ يېرىمىغا چىققاندا، ئېرى خوتۇنى شوتىدىن يۇقىرىغا چىقسىمۇ، ياكى پەسكە چۈشسىمۇ بەرىبىر تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. ئەبۇ.ھەنىفە بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادەملەرنى شوتىنى ھېلىقى ئايال بىلەن قوشۇپ يىقىتىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئايال شوتىنىڭ ئۈستىگىمۇ چىقماي ۋە پەسكىمۇ چۈشمەي، بىخەتەر ھالدا يەرگە چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ قەسىمى يېشىلىپ، خوتۇنىنى تالاق قىلالماپتۇ. ئەبۇ.ھەنىفە توغرۇلۇق يەنە مۇنداق بىر ھېكايە تارقالغان. رامىزان ئېيىدا، بىر ئادەم دىققەتسىزلىكتىن، خوتۇنۇم بىلەن كۈندۈزى يېقىنچىلىق قىلىمەن، دەپ قەسەم ئىچىپ ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. چۈنكى رامىزاندا كۈندۈزى ئەەر-خوتۇنچىلىق قىلسا روزىسى ئېچىلىپ كېتىپ، گۇناھكار بولىدۇ. ئەبۇ.ھەنىفە بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئادەمنى خوتۇنىنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىشقا بۇيرۇپتۇ. چۈنكى سەپەر ئۈستىدىكى ئادەم ۋاقتىنچە روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارغا قارىتا بەزى ئالىملار، بۇنداق قىلىش پۇرسەتپەرەسلىك قىلغانلىق دەپ قاراپ، ھەر خىل سۆزلەرنى قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئەبۇ.ھەنىفە بولسۇن، ياكى ھەنەفىي مەزھىپىدىكى باشقا ئالىملار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل «قانۇن ماھارىتى» نى ئىشلىتىشى ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدە بولۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى باش قاتۇرىدىغان بەزى قانۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي قوللانغان ئۇسۇلىدىن ئىبارەت،خالاس. ئۇلار پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئىسلام دىنى كىشىلەرگە ئوڭايلىق يارىتىدىغان، كىشىلەرنى جاپاغا قويىدىغان دىن ئەمەس، دەپ قارىغان. ئەمدى نىيىتى دۇرۇس ئەمەس، قانۇننىڭ جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل «ھىلە-مىكىر» لەرنى ئويلاپ تاپىدىغان ئادەملەرگە كەلسەك، ئۇ باشقا بىر گەپ.
تۆتىنچى، «قىياس فىقىھ» نى تەتقىق قىلىش.
«قىياس فىقىھ» دېگىنىمىز—تېخى يۈز بەرمىگەن، ئەمما يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان فىقىھ مەسىلىلىرىى ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلەكتۇر. بۇ بىر خىل ئالدىن ئويلانغان، نەزەرىيە ئالدىدا ماڭىدىغان فىقىھ مەسىلىسىدۇر. بۇنداق بولغاندا فەقىھلەر مەسىلە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالدىراپ جاۋاب ئىزدەپ يۈرمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئىزدەنگەن مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: ھەج تاۋاپ قىلغۇچىلار مەككىگە بېرىش يولىدا، ئىھرام باغلايدۇ. ئەگەردە ھەج قىلغۇچىلار قۇشقا ئوخشاش ئاسماندا ئۇچۇپ كەلسە، ئۇنداقتا ئۇلار نەدە ئىھرام باغلايدۇ؟ مانا بۇلار قىياسى فىقىھنىڭ تەتقىق قىلىدىغان مەسىلىلىرىدۇر. بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇ خىل مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ئەينى چاغدا تەبىئىي ھالدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان مەسىلە، دەپ قارالغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ھەج تاۋاپ قىلىشقا بارىدىغان مۇسۇلمانلار دەل مانا مۇشۇ ئەمەلىي مەسىلىگە دۇچ كەلدى. ئەگەردە ھەنەفىي مەزھىپى ئەينى چاغدا بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ قويمىغان بولسا، ئېھتىمال ھازىرقى كىشىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىمىز دەپ ئالدىراپ يۈرگەن بولاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەبۇ.ھەنىفە بىر قانچە ئونمىڭ مىسالنى قىياس قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تەييار جاۋابلارنى تېپىپ قويغان ئىكەن.
ھەنەفىي مەزھىپى نىسبەتەن مۇكەممەل ھالدا پرىنسىپاللىق بىلەن جانلىقلىقنى، مۇقىملىق بىلەن ئۆزگىرىشچانلىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ فىقىھ كۆز قاراشلىرى كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىنىپ، يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئابباسىلار سۇلالىسى ۋە كېيىنكى ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىرى ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىنى قوللانغاچقا، ھەنەفىيە مەزھىپى باشقا مەزھەپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ تارقالغان، تەسىرى تېخىمۇ زور بولغان.
(2) مالىكى فىقىھ مەزھىپى. مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئاساچىسى ئەنەس.مالىك (715-795) مەدىنىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرلىرىدە ئىبنى.شىھاب، زۇھەيىر قاتارلىق مەدىنىدىكى داڭلىق ئالىملاردىن تەلىم ئالغان. مەدىنىدە قازى ۋە مۇپتى بولۇپ، نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيلىگەن. ئەڭ دەسلەپكى داڭلىقفەقىھلەر ئۇزايى ۋە شافئىي قاتارلىقلار ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدۇر. ئۇ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرگە ئىنتايىن پىششىق بولۇپ، «مۇۋەتتا ھەدىسلەر توپلىمى» دېگەن كىتابى بار. بۇ كىتاب ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىلمي فىقىھ كىتابى، ھەم ئەڭ قەدىمىي «ھەدىسلەر توپلىمى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئىلمي فىقىھ ئىلمي ھەدىسنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ زور قىممەتكە ئىگە تارىخى ھۆججەتلەرنىڭ بىرسىدۇر. مالىكى ئەڭ دەسلەپكى ئاتاقلىق فەقىھلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمي فىقىھ ئىدىيەلىرى كېيىنكى ئالىملارغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇ نوپۇزلۇق ئۇستاز دەپ ئاتالغان. ئۇ ياراتقان مەزھەپمۇ ئىسلام دىنى تارىخىدىكى بىرىنچى فىقىھ مەزھىپى بولۇپ قالغان. مالىكى مەزھىپىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى بار:
بىرىنچى، «ھەدىس» كە ئەھمىيەت بېرىش، مالىكى مەزھىپى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئىككىنچى يۇرتى ھىجاز رايونىنىڭ مەدىنە شەھرىدە بارلىققا كەلگەچكە، «ھىجاز مەزھىپى» ياكى «مەدىنە مەزھىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ فىقىھ سىستېمىسى بىۋاسىتە «ھەدىس» ئۈستىگە، مەدىنىدىكى ئالىملارنىڭ ئىجمائىسىي ئېتراپ قىلغان رىۋايەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر ھەتتا مەدىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار «ھەدىسچىلەر» ياكى «رىۋايەتچىلەر مەزھىپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالىكى مەزھىپىدىكىلەر «ھەدىس» نى ئىشلىتىشتە ئۆلچىمى ھەنەفىيە مەزھىپىدىكىلەردەك قاتتىق ئەمەس. ئۇلار «ھەدىس» نىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىپ، ھەدىسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى ئۇنچە بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت مەزمۇنى توغرا بولسىلا، ھەتتا بىر ئادەم رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولسىمۇ، قوللىنىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما بەزىدە ئۇلار «قۇرئان» نى ئاساس قىلىپ، مەدىنىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان «ھەدىس» لەرنى چەتكە قاقىدۇ. مالىكى قانۇن مەسىلىلىرىنى شەرھىيلىگەندە ئالدى بىلەن بىر ئابزاس «ھەدىس» نى مىسال كەلتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن «ھەدىس» نى چۈشەندۈرۈش ئاساسىدا قانۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلىق مەسىلىسىدە، ئۇ ئوغرىلىق قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى «ھەدىس» نى مىسال كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئوغرىنىڭ مەقسىتىگە يەتكەن بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئوغرىنىڭ قولىنى كەسمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ مەزھەپتىكىلەر سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۇ ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي رەت قىلمايدۇ، «ھەدىس» نى مىسال كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇللىرى بىلەن يەكۈن چىقىرىدۇ، پەقەت ئىشلىتىش دائىرىسى بىر قەدەر تار، ئۆلچىمىمۇ نىسبەتەن چىڭ.
ئىككىنچى، مەدىنىنىڭ ئەدلىيە ئەمەلىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش. مالىكنىڭ قارىشىچە، مەدىنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئۈممە» نى ياراتقان جاي، شۇنداقلا «قۇرئان» دىكى قانۇن توغرىسىدىكى ۋەھىيلەر ئەڭ كۆپ نازىل بولغان جاي، شۇڭا مەدىنىلىكلەرنىڭ «قۇرئان» نىڭ قانۇنىي بەلگىمىلىرى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئىگەللىشى باشقا جايدىكىلەرگە قارىغاندا بەكرەك تولۇق، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئېسىدە تۇتىشىمۇ توغرا. شۇڭا، ئۇ، مەدىنىلىكلەر بىردەك قوشۇلغان ئۇسۇل، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمەلىيىتى، ئۇلارنىڭ شەكلى مەدىنىلىكلەرنىڭ ئىجمائىسى بولۇپ،ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىلىكلەرنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇللىرى بولۇپ، بۇ ئۇسۇللارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار «ھەدىس» دەرىجىسىگچە كۆتۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى، «ئىستىسلاھ» پىرىنسىپىنى قوللىنىش. ئىستىسلاھ پىرىنسىپى دېگىنىمىز، قانۇن مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئومومنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئويلۇنىش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسىي ئىككى تۈرلۈك: بىرىنچى، «قۇرئان» پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، تۆت بۈيۈك خەلىپە «ئىستىسلاھ» پىرىنسىپىنى قوللانغان. مەسىلەن، ئۇمەر ھۆكۈمەتنى مالىيە مەنبەسىگە ئىگە قىلىش، ھەم بويسۇندۇرۇلغانلارنىڭمۇ تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان سۈرىيە ۋە ئىراقلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تېرىشىغا بېرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىدەك يەرلەرنى غەنىيمەت قاتارىدا مۇسۇلمانلارغا بۆلۈپ بەرمىگەن. مالىكى مۇشۇ خىل مىسالى بار ئۇسۇللارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا جارىي قىلدۇرغان. ھەمدە ئۇلارنى قانۇن بەرپا قىلىشنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرى قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، ئومومنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئويلۇنۇپ، ئوغرىلىق گۇماندارلىرىنى قامچا بىلەن ئۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان. ئېرى يوقاپ كەتكەن ئاياللارنى تۆت يىلغىچە ساقلاپ خەۋىرى بولمىسا باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. مالىكنىڭ ئىستىسلاھ پىرىنسىپى بىلەن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ياخشىسىنى تاللاش پىرىنسىپىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى بار. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان ياكى «ھەدىس» نى مېخانىكىلىق ھالدا ئىشلىتىپ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا فەقىھلەر ئەقلىي ھۆكۈم ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇللىرى بىلەن مەسىلىلەر ھەل قىلىشقا تەۋە بولۇپ، نەتىجىنىڭ ئىلاجى بار «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەرنىڭ ئومومىي روھى بىلەن ئوخشاش بولۇشىدا بىردەكلىككە ئىگە. ئۇلار ئىككىسىنىڭ پەرقى پەقەت ھەنەفىينىڭ سېلىشتۇرۇش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، مالىكىنىڭ بولسا ئۇنداق ئەمەسلىكىدە. مالىكى مەزھىپى ئاساسەن شىمالىي ئافرىقىغا تارقالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسپانىيىدىمۇ بىر مەزگىل كەڭ تارقالغان.
(3) شافىئى فىقىھ مەزھىپى. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى شافىئى(767-820) نىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد. بىن. ئىدرىس.بىن. ئابباس. شافىئى. پەلەستىننىڭ غەززەدە تۇغۇلغان. مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىگە تەۋە. ئېيتىشلارغا ىارىغاندا، ئۇ پەيغەمبەر جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپىسىغا ئەگىشىپ مەككىگە كۆچۈپ كەلگەن. بىدوئىن كۆچمەن چارۋىچىلىرى ئارىسىدا ياشىغان. كېيىن مەككىگە قايتىپ كېلىپ فىقىھ ئىلمينى ئۆگەنگەن. مەككىنىڭ مۇپتىسى مۇسلىم. بىن. خالىدنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق ئۆگىنىپ، مەدىنىنىڭ قازىسى-ئاتاقلىق فەقىھ مالىكنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شافىئى بىر مەزگىل يەمەن ۋالى مەھكىمىسىگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 803- يىلى «خائىن» دېگەن گۇناھ بىلەن باغدادقا يالاپ كېلىنىپ سوراق قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئاساسلىقى باغداد ۋە قۇستات شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە مىسىر قاھىرەدىكى ئەمىر مەسچىتىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ فىقىھ ئىلمي كۆز قاراشلىرىنى تارقاتقان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەزكۇر شەھەردىكى موگاتام تاغ باغرىغا دەپىن قىلىنغان. شافىئىينىڭ ئاساسلىق كۆز قاراشلىرى ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى «قانۇن ئاساسلىرى ھەققىدە» دە بايان قىلىنغان. ئالدىنقى كىتابىدا ئاساسەن قانۇننىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن. كېيىنكىسىدە باشقا مەزھەپلەر بىلەن بولغان مۇنازىرە، تالاش-تارتىشلىرى خاتىرلەنگەن. ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەنەفىيە بىلەن مالىكى مەزھىپىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاندىن كېيىن مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ، ئۆز تەلىماتىنى ياراتقان، شۇڭا «ماداراچىلار مەزھىپى» دېگەن نامىمۇ بار. مەسىلەن، «ھەدىس» كە بولغان پوزىتسىيە مەسىلىسىدە، شافىئىي، مالىكى مەزھىپىنىڭ ئۆلچىمى بەك كەڭ، بۇنىڭدا «ھەدىس» تىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھەتتا ساختا ھەدىس ياساش نۇقسانلىرىدىن ساقلىنىش تەس، ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ ئۆلچىمى بولسا بەك چىڭ، بۇ ئىشەنچىلىك ھەدىسلارنىڭمۇ ئىشلىتىلمەي سېلىشتۇرۇش كۆپرەك قوللىنىلىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆلچىمى پەقەت بىرلا بولۇپ، ئۇ ئىشەنچىلىك ئادەملەر رىۋايەت قىلغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىسلىرى» دىن ئىبارەت. بەزى ساھابىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشى ياكى ئىنكار قىلىشى «ھەدىس» نىڭ نوپوزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. قانداق ئادەملەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ قارىلىدىغانلىقى ھەققىدە شافىئىي كىتابىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بۇنداق ئادەملەر جەزمەن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە ياخشى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى؛ كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە «ھەدىس» نىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم. بۇ ئادەملەر ھەدىسنى ئۆز پېتى رىۋايەت قىلىپ، ھەدىسنىڭ تەخمىنەن مەنىسىنى ئۆز گېپىگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلىمەسلىكى، نوپۇزلۇق ئادەملەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ھەدىس تارقاتماسلىقى، رىۋايەت قىلغان «ھەدىس» نىڭ مەزمۇنى مۇھاپىزىسى ياخشى ئادەملەر رىۋايەت قىلغان «ھەدىس» بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. شافىئى ئىدراك قوللىنىش شەكلىگە قارىتا قاتتىق بەلگىلىمە تۈزۈپ چىققان. ئۇ سېلىشتۇرۇش بىردىن-بىر قانۇنلۇق شەكىل دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ راي، يارىتىش، تاللاش، ئىجتىمائىي قاتارلىق پىرىنسىپلارنى تەھلىل قىلىپ، يارىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇ ئىجتىمائىيلىققا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، پەقەت پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسىلا سەپسەتە ئەمەس، دەپ تونىغان. ئۇنىڭ قانۇنىنىڭ مەنبەئەسى نەزەرىيە سىستېمىسى «ھەدىس» نىڭ قۇرئاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قانۇن مەنبەئەسىلىك ئورنىنى تىكلىگەن. ئۇ يەنە «ھەدىس» نىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش فۇنكىسىيىسى شەرھىيلەش، «قۇرئان» نىڭ ئەھكاملىرىنى تولۇقلاش دەپ قاراپ، فىقىھىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىنى كېڭەيتىپ، فىقىھىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغان.
شافىئىينىڭ ئاساسى تۆھپىلىرى شۇ يەردىكى: بىرىنچىدىن، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەر قايسى ئوخشىمىغان قانۇن تەلىماتلىرىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر تەھلىل، تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ئاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەر قايسى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى زور دەرىجىدە ئازايتقان، ئىككىنچىدىن، ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئاساسىدا، رەسمىي ھالدا نىسبەتەن سىستېمىلىق ۋە پۇختا بولغان تۆت چوڭ قانۇن مەنبەسى نەزىرىيە سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى «قۇرئان»، «ھەدىس» نى سېلىشتۇرۇش ۋە ئىجمائىي ئارقىلىق قانۇن تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، قانۇننىڭ مەنبەئەسى جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فىقىھنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرغان؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇ ئىسلام فىقىھ قائىدىلىرى ۋە قانۇن سىستېمىسىنى سىستېمىلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تىرىشىش ئارقىلىق ئىسلام قانۇنىنى زور دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرگەن.
(4) ھەنبەلىي فىقىھ مەزھىپى. مەزكۇر مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى ئىبنى. ھەنبەلىي(790-855) تولۇق ئىسمى ئەخمەد. بىن. مۇھەممەد. بىن. ھەنبەلىي باغدادتا تۇغۇلغان. دادىسى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىپ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا دىنىي بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنلىكى، قەيسەرلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ئۇنىڭ «ھەدىس» نى ئۆگىنىش ۋە توپلىشىدا چوڭ رول ئوينىغان. ھەنبەلى «ھەدىس» ئۆگىنىش ۋە توپلاش ئۈچۈن، مەككە، مەدىنە، كۇفە، بەسرە ھەمدە سۈرىيە، ماراكەش، يەمەن قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بارغان. باغدادتا ئۇ شافىئىي مەزھىپىنىڭ باشلىقىدىن فىقىھ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگەنگەن. ھەنبەلىي كىشىلەرگە سەمىمىي. پاك، ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەت بىلەن «ھەدىسكە قەتئى ئەمەل قىلىدىغان ئادەم» دەپ تەرىپلىگەن. فىقىھ يارىتىش جەريانىدا، ھەنبەلىي ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرخىل سەپسەتىلەرگە قارشى تۇرغان. ئۇ ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ خەلپىسى مۇتەۋەككىلىنىڭ يۇقىرى ھەق بىلەن تەكلىپ قىلغان خىزمىتىنى سىلىقلىق بىلەن رەت قىلغان. ئۇ مەئمۇن، مۇۋاتەسىم ئىككى ئەۋلاد خەلىپە دەۋرىدە، قۇرئان يېزىپ چىقىلغان دېگەن نەزىرىيىگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، قاتتىق تاياق يەپ تۈرمىگە تاشلانغان، ھەمدە ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇ قەتئىي باش ئەگمەي، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىناۋىتى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. خەلىپە مۇتەۋەككىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىكىدىكى ئالىملارغا بولغان زىيانكەشلىكىنى توختۇتۇپ، قۇرئان يېزىپ چىقىلغان، دېگەن كۆز قاراشنى «قانۇنسىز تەشەببۇس» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھەنبەلنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
ھەنبەلىنى فەقىھ دېگەندىن، مۇھەددىس دېگەن دۇرۇسراق. ئۇنىڭ فىقىھ ئىلمينىڭ كۆپ قىسمى «ھەدىس» ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەگەردە ئۇ بىر توغرا «ھەدىس» تېپىۋالسا، باشقىسىغا قارىمايتتى؛ ئەگەر ساھابىلەرنىڭ بىرەر ھۆكمىنى تېپىۋالسا، ئۇ شۇ بويىچە ئىجرا قىلاتتى؛ ئەگەردە ساھابىلەر بىر دېلوغا ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھۆكۈم چىقارغان بولسا، ئۇ ھەر ئىككىلا ھۆكۈمنى رىۋايەت قىلاتتى؛ ئەگەر پەقەتلا تابىئىنلار رىۋايەت قىلغان «ھەدىس» بولۇپ ياكى ئانچە ئىشەنچىلىك بولمىغان «ھەدىس» بولغان بولسا، ئۇ مۇشۇ خىل ھەدىسلەرنى ئىشلەتسە ئىشلىتەتتىكى، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانمايتتى، ھەنبەلىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە فىقىھ تۈزۈشتە «قۇرئان» نىڭ مەنىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «ھەدىس» نى كەڭ كۆلەمدە قوللۇنىش كېرەك، دەپ قارايتتى. ئۇ ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ھۆكۈم مىساللىرىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ، ئىلاجى بار «سېلىشتۇرۇش» نى ئاز ئىشلىتەتتى. «ئىجمائىي» نى ئىشلىتىشنى كەمسىتىپ، فىقىھ مەسىلىلىرىنى شەخسى راي بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قارشى تۇراتتى. بولۇپمۇ مۇرتەيجىلە مەزھىپىنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكى نەزەرىيىسىگە قارشى تۇراتتى، ھەتتاكى ئەشىرىلىنىڭ دىنىي يوسۇن ئىلمي تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلىشنىمۇ رەت قىلاتتى. ھەنبەلىي قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن كەلگەن بىلىملەرنىڭ يالغىنى يوق، ئەقلىي ھۆكۈمدىن كەلگەن ۋاستىلىق بىلىملەر بولسا ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارايتتى. شۇڭا ھەنبەلىي مەزھىپىدىكىلەر قۇرئان، ھەدىسلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى دەستۇر بويىچە مەنبەئەسىنى ئېنىقلاشنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار «ئەسلىيەتچىلەر مەزھىپى» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ مەزھەپنىڭ ئاتاقلىق فەقىھىلەرىدىن: ھاراج، جاۋۇش قۇتەيما، ئىبنى تەيمىي قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىبنى. تەيمىي سوفىزىمغا چوقۇنۇش قاتارلىق بىدئەت قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىپ، ساپ بىر خۇدالىق دىنىي ئەقىدىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكىلەر تەرىپىدىن يېڭى ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇلغان، ئۇنىڭ ئىدىيىسى يېقىنقى زاماندىكى ۋاھابىي مەزھىپى ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. ھەنبەلىي مەزھىپى يېڭى مەيدانغا كەلگەن چاغدا، سۈرىيە ۋە ئېراقلاردا ئاز ساندىكى ئەگەشكۈچىلىرى بارلىققا كەلگەن. ھازىر بولسا سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق رايونلاردا كەڭ تارقالغان.
ھەنبەلىنىڭ فىقىھ مەزھىپى «ھەدىس» چىلەر ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ بارلىققا كەلگەن. ھەنبەلىنىڭ ھەدىسشۇناسلىق بىلىمى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 28 مىڭ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « مۇسنەد ھەدىسلەر توپلىمى» نى ئۇ تۈزگەن ئىكەن. سۈننى مەزھىپىدىكىلەر ئۇنىڭ نوپۇزى ئالتە چوڭ «ھەدىس توپلىمى» دىن كېيىنلا تۇرىدۇ. دەپ قارايدۇ. لېكىن ئۇ «ھەدىس» كە ھەددىدىن تاشقىرى ئەھمىيەت بېرىپ، «ھەدىس» نىڭ سۆز-جۈملىرىگە بەكرەك ئېسىلۋالغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ئانچە ئىشەنچىلىك بولمىغان گۇمانلىق «ھەدىس» لەرنى ئېتراپ قىلىپ، ئىشلەتكەن. سۈننى مەزھىپىدىكىلەر يۇقىرىقى تۆت چوڭ فىقىھ مەزھىپى باراۋەر ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۇلار قانۇن ئىلمي جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە، پەقەت قانۇننى ئىشلىتىش ۋە كونكېرىت قوللۇنۇشتا بەزى پەرقلىرى بار. مالىكى مەزھىپى بىلەن ھەنبەلى مەزھىپى قۇرئان، ھەدىسلەرنىڭ خەت مەنىسىگە بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ. ھەنەفىيە مەزھىپى بىلەن شافىئىي مەزھىپى بولسا قۇرئان، ھەدىسلەرنىڭ روھى ماھىيىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. سۇننىي مەزھىپىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان ئەركىن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى تاللاپ ئەمەل قىلسا بولىدۇ. ھازىرقى ئىسلام دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتى- ئەزھەر دارىلپۇنۇنىدا تۆت فىقىھ ئىلمينىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بار. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چوڭ ئىمام ئەبۇ. ھەنىفەنىڭ ئىلمي فىقىھە تەشەببۇسلرىغا ئەمەل قىلىدۇ. بۇ ھەنەفىيە مەزھىپىگە تەۋە.
3. چوڭقۇر تەسىرى
ئىسلام دىنىنىڭ فىقىھە ئىلمي ئىككى ئەسىر (8-ئەسىردىن 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە) تەرەققى قىلىش ۋە گۈللىنىش ئارقىلىق، 10- ئەسىرگە كەلگەندە (بەزىلەر مىلادىيە 1258- يىلى دېيىشىدۇ) «تەقلىد دەۋرى» گە قەدەم قويدى. «تەقلىد» دېگىنىمىز فىقىھە ئىلمينىڭ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ سۈننىي مەزھىپىدىكى كۆپ سانلىق فەقىھىلەر فىقىھە ئىلمي سىستېمىسىنى يارىتىش ئىشى تاماملاندى، بۇندىن كېيىنكى ۋەزىپە ئەنئەنىلەرنى ساقلاپ ۋە ئۇلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دوراپ ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىش، بۇندىن كېيىن ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلەن قانۇن ياراتماسلىق كېرەك، دەپ قارىغان. مانا بۇ ئاتالمىش «يارىتىش» (ئجتىھاد) ئىشىكىنى يېپىش تەلىماتىدۇر. بولۇپمۇ، 13- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ئابباسىلار سۇلالىسىنى ھالاك قىلىپ، ئىسلام دىنى فىقىھە ئىلمينى داۋاملىق تەرەققى قىلىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئىسلام دىنى فەقىھىلىرى ئىسلام مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، قەدىمكى فەقىھلەرنىڭ تەلىماتلىرىنى ۋە ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىجتىھاد ئىشىكىنى ئەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن فىقىھ يارىتىش ئىنتايىن زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى، مەسىلەن: جۇڭگو، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان «ۋەقايە» دېگەن بىر كىتاب بۇنىڭ بىر مىسالى. گەرچە كېيىنكى فەقىھىلەر «پەتىۋا» نى قوللىنىپ، قانۇن تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئالغا سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئابباسىيلار دەۋرىدىكىدەك گۈللەنگەن مەنزىرە قايتا مەيدانغا كەلمىدى. بۇخىل ھالەت تاكى 19- ئەسىرگىچە داۋاملاشتى. بۇخىل ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل شۇكى، بەزى فەقىھىلەر: تۆت چوڭ مەزھەپ قانۇنلارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ خېلى مۇكەممەل دەرىجىگە يەتكۈزدى، كېيىنكىلەر پەقەت شۇ بويىچە ئېجرا قىلسىلا كۇپايە قىلىدۇ، تەتقىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىغان، يەنە بەزى فەقىھىلەر بولسا قانۇن ئىلمينىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتى كۆز قاراش ۋە قائىدىلەرنىڭ پەرقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەردە داۋاملىق تەرەققى قىلىۋېرىدىغان بولسا، ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ خىل پەرقلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇ يالغۇز ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكىگە توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاللا ياراتقان قانۇن ئىكەنلىگىدەك مۇقەددەسلىكى ۋە نوپۇزى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دەپ قارىدى. يەنە بەزى ئالىملار تۆت چوڭ فىقىھە ئىلمينىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى فىقىھە ئىلمينى تەرەققى قىلدۇرۇپ چېكىگە يەتكۈزدى. كېيىنكى ئالىملارنىڭ يەنە يېڭى قانۇنلارنى يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سالاھىيىتى يوق، دەپ قارىغان. مۇشۇ خىل ئىدىيىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەزىلەر «ئىجتىھاد ئىشىكى تاقالدى» دەپ جاكارلىغانىدى. بۇ خىل قاراشلار يالغۇز قانۇن ئىلمينىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى بوغۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى چۈشەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە، كىشىلەر يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا ئامالسىز قېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،
يېقىنقى زاماندىن بۇيان، ئالىملار تۇشمۇ-تۇشتىن ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «ئىجتىھاد ئىشىكى تاقالدى» تەلىماتىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. سانا (يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش قازىسى) زامانىۋى فەقىھ شەكانى (؟- 1834) :«ئىجتىھاد ئىشىكىنى تاقاشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش-پۈتكۈل فىقىھ ئىلمينىڭ بىكار قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىسىردىكى داڭلىق ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى مۇھەممەد. ئابدۇل (1849-1905) :«ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىگە ئەقىل-ئىدراك ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش، قۇرئان-ھەدىسلەردىكى قانۇنىيەتلەرنى قايتىدىن شەرھىيلەشنى فىقىھ ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي قىلىش كېرەك.» دېگەن كۆز قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. پاكىستانلىق داڭلىق پەيلاسوپ ئىقبال (1877-1938): «ئىجتىھاد ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى پىرىنسىپى، ھەرىكەت قانۇنىيىتى، ھەمدە ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى.» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئىسلام دىنىنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى نۇرغۇن ئالىملار كەينى-كەينىدىن كىتاب يېزىپ، كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كونىلىقنى ساقلاش ئىدىيەسىنى تەنقىد قىلدى. «ئىجتىھاد» ئىشىكىنى قايتا ئېچىپ، ئىسلام دىنىدا ئەسلىدە بار بولغان ئىدراكى ئەنئەنىلەرنى جارىي قىلدۇرۇپ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلغان فىقىھە تۈپكى قانۇنىيەتلىرىنى ھازىرقى زامان كۆز قاراشلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ھازىرقى شارائىت ۋە دۆلەتنىڭ زامانىۋېلىشىش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسلارنى چاقىرىق قىلدى. كۇۋەيىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى مۇھەممەد. فارۇق. نابۇھان يۇقىرقىلارغا ئاساسەن، مەخسۇس «ئىسلام قانۇنى ئىلمي جەمئىيىتى» قۇرۇپ چىقىپ، ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ئاساسەن. كوللىكتىپنىڭ ئەقلىي-پاراسىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئەھكاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، پۈتكۈل ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ تولۇقلىمىسى قىلىش، ھەمدە مەخسۇس فىقىھە قامۇسى تۈزۈپ، ئۇنى يېڭى فىقىھە ئىلمي مەنبەلىرىدىن بىرى قىلىشنى، تەشەببۇس قىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top