You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە كۇرسى

ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە كۇرسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى ئىستانبۇلدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولغان ۋە ئىنگلىزچە ئۆگىنىشنى خالىغان ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ 5 ئايلىق ھەقسىز ئۇيغۇرچە ساۋات چىقىرىش، ئانا تىلدا سۆزلىشىش، ئۇيغۇرچە بالىلار ۋە دىنى ھىكايىلەرنى ئوقۇش كۇرسى بىلەن بىرلىكتە، ئىنگلىزچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنگلىزچە ئوقۇتقۇچىسى دەرس بېرىدۇ. كۇرسىغا قاتناشقان ياش – ئۆسمۈرلەر  قىسقىغىنا 5 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش ۋە يېزىشتىن باشقا، ئۇيغۇرچە راۋان سۆزلەش، بالىلار ھىكايىلىرى، دىنى ھىكايىلەر ۋە قىسقىچە ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرلىكتە ئىنگلىزچىنىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن ئۆگىنىدۇ.

ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 

كۇرس مۇددىتى: جەمىئىي 5 ئاي

كۇرس كۈنلىرى: شەنبە – يەكشەنبە

دەرس ۋاقىتلىرى:

17 – 12 ياش گۇرۇپلىرى ئۈچۈن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئەتىگەن سائەت (12:00 – 09:30) ئارىلىقى

11 – 7 ياش گۇرۇپلىرى ئۈچۈن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن سائەت (04:30 – 02:00) ئارىلىقى

تىزىملىتىش شەرتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن بولغان 7-17 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

دەرسلىكلەر: ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، ئۇيغۇر بالىلار ھىكايىلىرى، سىرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىدىكى دىنى ھىكايىلەر ۋە باشلانغۇچ سەۋىيە ئىنگلىزچىسى

سان چەكلىمىسى: ھەربىر ياش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن 12 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شەنبە (1- گۇرۇپ ئەتىگەن سائەت 09:30 دا ۋە 2- گۇرۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە)

كۇرس ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 9- ئاينىڭ 24- كۈنى يەكشەنبە (جەمىئىي 20 ھەپتە)

تور ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق تىزىملىتىش ۋاقتى: 4 – ئاينىڭ 25- كۈنى سەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 5:30 غىچە

تېلىفۇندا تىزىملىغۇچى:  مەمتىلى مەمتىمىن (يانفۇن: 05312763291)

ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە كۇرسىدا ھەپتىدە 2 كۈن، كۈندە 3 دەرس سائىتى ۋە ئايدا جەمىئي 24 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار تۆۋەندىكى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ uyghuracademy@gmail.com ئېلخەتىگە ئەۋەتىپ بەرسە ياكى تېلىفۇندا تىزىملاتسا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

5 ئايلىق ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

كېيىنكى قېتىملىق ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىش ۋاقتى: 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شەنبە

ئادرىس: مىللەت كوچىسى، بۆرەكچى ۋەلى تار كوچىسى 38/4-نۇمۇر، چاپا، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنى ۋە ئىستانبۇل تىبابەت فاكۇلتىتى قارشىسىدا)

ئاكادېمىيە ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top