You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «پاسسىپ ياخشىدىن، ئاكتىپ ياخشىغا» ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ھېسلار

«پاسسىپ ياخشىدىن، ئاكتىپ ياخشىغا» ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ھېسلار

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تۈركىيەدىكى “تەدبىر نەشىرىيات”نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىمنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن كىتابلىرى ئىچىدە، “پاسسىپ ياخشىلىقتىن، ئاكتىپ ياخشىغا” ناملىق كىتاب بار ئىدى. بۇ كىتابنى يازغۇچى مۇستاپا ئىسلام ئوغلى قەلەمگە ئالغان بولۇپ، تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا باتۇر قاراخانلىي ئەپەندى تەرجىمە قىلغان، ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىم پىلانلاپ نەشىرگە تەيارلىغان بولۇپ، بۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىباھا ئەجرىنى ئاللاھ ھەسسلەپ بەرسۇن!

كىتابنى قولۇمغا ئىلىپلا ئادىتىم بويىچە مۇندەرىجىسىگە قاراشقا باشلىدىم.

بۇ كىتاب  جەمئى ئۈچ باب، ئالتە بۆلۇم، 77 ماۋزۇ، 205 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىنى “خاتىمە” بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

مۇندەرىجىنىڭ بېشىدىكى “كىرىش سۆز” دىن كىيىنلا بىرىنچى بابنىڭ ”مەۋجۇت بولغانلىق ئاكتىپ بولغانلىق” دېگەن بىرىنچى ماۋزۇ مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلدى ۋە كىتابنى دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىم. كىتابنىڭ ھەر بىر ماۋزۇسى ئۆز ئالدىغا يېڭىچە بىر ئىلغار پىكىرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە يىڭى-يىڭى بىلىملەر ئاتا قىلىپ، كىشىنى قايتا تەپەككۇر قايناملىرىغا شۇنغۇپ كىرىشكە ئۇندەيتى.

كىتاب ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئاممىباپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى راۋان، چۈشۈنۈشلۇك تەرجىمە قىلىنغان. جۇملىلەرمۇ چۈنۈشلۈك قىسقا ئىدى. شۇڭا ئوقۇغانسىرى كىتاب مېنى ئۆزىگە تارتتى ھەمدە خاتىرەمنى ئىلىپ، ئادىتىم بويىچە مۇھىم دەپ قارالغان يەرلەرنى ۋە ئۆزەمگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلغان جۇملىلەرنى خاتىرلەشكە باشلىدىم. مەن ئادەتتە كىتاب ئوقۇغاندا، بېشىنى ئازراق ئوقۇپلا كىتابقا ئۆزەمچە باھا بىرىمەن. يەنى بۇ كىتاب ماڭا ئەسقاتامدۇ يوق؟ دېگەن سوئالغا جاۋابنى ئويلىشىمەن. ئەگەر مەنپى جاۋاپقا ئىگە بولسام كىتابنى ئاساسەن ئوقۇماي، ئاستا قاتلاپ بىر چەتكە قويىمەن. مۇسبەت جاۋابقا ئىرىشسەم كىتابنى بىر چەتتىن ئوقۇپ، بىر چەتتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا باشلايمەن. مەن ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ھەرگىز “كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئەمەس، ئۆگىنىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش” بولۇپ ھېساپلىناتتى. مانا مۇشۇنداق بولغاندا ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۇملىنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بولۇپمۇ خاتىرە قالدۇرۇش جەريانىدا كىتابتىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ماڭغىلى بولىدۇ ۋە تەپەككۇرىمىز بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىدۇ.

ئاپتور مۇستاپا ئىسلام ئوغلى “پاسسىپ ياخشىلىقتىن، ئاكتىپ ياخشىغا” ناملىق كىتابىنى مۇنداق جۇملىلەر بىلەن باشلىغان.

“ئاخىرقى پەيغەمبەرگە كەلگەن بۇ ئىلاھىي ئەمىرنىڭ مەنىسى مۇنداق:”ئورنۇڭدىن تۇر ۋە تۇرغۇز. ئاكتىپ بولغىن ۋە باشقىلارنىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلتۇر. ھەركەتكە ئۆت ۋە باشقىلارنىمۇ ھەركەتلەندۇر”

يەنى بۇ يەردە ئۇلۇغ تەڭرى ئاكتىپ بىر ئېنىرگىيەنى ئىنسانىيەتكە پەغەمبېرىمىزنىڭ قولى ئارقىلىق يەتكۇزىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئاكتىپ ھەركەت قىلىشقا چاقىرۋاتىدۇ.

ئاپتور يەنە “ياخشىلار ياتسا، ياخشىلىقمۇ ياتىدۇ” دەيدۇ. مانا بۇ ئالتۇن جۇملىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ.

بىز نورمالدا كىتاب ئوقۇغاندا يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە  يازغۇچى ئۆزىنىڭ روھى پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلىگەن سۆز ۋە جۈملىلەرگە ئەگىشىپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيەنىڭ ئەتراپىنى چۆگىلەيمىز. ئوقۇرمەنلەر جاپا تارتماي شۇ تەپەككۇر بويىچە كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. بۇنداق ئوقۇرمەنلەر شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئازراق  بىلىملەرگە ئىگە بولغاندەك قىلىدۇ ۋە ئازراق ئىستېتىك زوقمۇ ئالىدۇ. ئەمما، ئۇ بىلىملەرنى ھەقىقى ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئايلاندۇرالمايدۇ. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىنلا ئۇنتۇپ كىتىدۇ.

ھەققى ئۇستۇن ئوقۇرمەن، كىتابنى ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يازغۇچى شەھىرلىگەن مۇھىم يەرلەرنى خاتىرلەپ، ئانالىز قىلىپ، ئۆز تەپەككۇرىنى  ئىشقا سالىدۇ. ئاكتىپ ئېنىرگىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشۇ ئوقۇۋاتقان كىتابنى خۇددى ئۆزى قايتىدىن يىزىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە خاتىرە قالدۇرىدۇ. قالدۇرغان خاتىرلەرنى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز قەۋمىنىڭ ھازىرقى سىياسى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ قايتا تەپەككۇر قىلغاندا ئاندىن ھەقىقى ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئايلاندۇرغىنى بولىدۇ. يەنى يانپاشلاپ يىتىپ ئوقۇماي، ئەكسىچە  راۋۇرۇس تىك ئولتۇرۇپ ئوقۇپ، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغان كىتابتىن ھەقىقى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەم ئوقۇرمەن ھەم ئاپتور ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەد – مۇددىئاسىغا يەتكەن بولىدۇ.

گېرمان پەيلاسوپى ئارتۇر شوپېنخاۋىر مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرەرسى كۈنلەپ-كۈنلەپ كىتاب ئوقۇسا، ھەمدە ئوتتۇرىلىقتىكى ئارام ۋاقتىنى تەپەككۇرسىز ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ بارا-بارا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى توختىماي ئات مېنىدىغان كىشى ئاخىرىغا كىلىپ يول مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا بىر ئىش.»

كىتابنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇغاندا ۋە كىتابى بىلىملەرنى ئۆز بىلىمىمىزگە ئايلاندۇرغاندا ئۆزىمىزدىكى يۇشۇرۇن، پاسسىپ ھالەتتىكى ئىقتىدارنى، ئاكتىپ ھالەتتە جارى قىلدۇرغىنى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاڭلىق تۇيغۇمىزغا خىتاب قىلىپ ۋە ئۇنى يىتەكلەپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى جۇرئەتلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىمىز ۋە ئۆزىمىزدە بار بولغان تالانتنى قانداق يەردە ئىشلىتىشنى ئۆگۈنىۋالىمىز.

ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن تەپەككۇرنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بۇنداق دېگەن: ”تەپەككۇر ئىقتىدارى ھەممىگە تەئەللۇق. ئەمما، تەپەككۇر قىممىتى ھەر كاللىدا ھەر خىل. ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇر مۇجەسسىمى بولمىغان مىللەت ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولمىغان مىللەتتۇر”. يەنە بۇ توغرىسىدا بۇنداق روبايى يازغان:

بەخت-سائادەتنى دەسلەپ ئەلگە تىلە،

بەخت ئەمەس ئالتۇن بولسا يالغۇز تەڭلە.

تەپەككۇرسىز سائادەتتىن ئۇمىد كۈتمە،

ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇرسىز ئىنسان – تەلۋە.

مەسىلە شۇ قەدەر ئىنىقكى كىتاب ئوقۇشتىكى ئاساسى مۇددىئا ئىنسان ئالدى بىلەن روھنى ساغلاملاشتۇرۇپ پاسىقلىقتىن ئارىفلىققا، زالالەتتىن سائادەتكە يۈزلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر قىياپىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتۇر.

كىتاب ئوقۇغاندا ،“پاسسىپ ياخشىلىقتىن، ئاكتىپ ياخشىغا” ناملىق كىتابلاردەك ياخشى كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشىمىز لازىم. ئەسكى كىتاب روھقا زەھەر، ۋاقىتقا قاتىل. بىز ياخشى كىتابنى تاللاپ ئوقۇشىمىزدىكى مەقسەت روھىمىزنى تولۇقلاش ۋە تازلاش. ئەڭ مۇھىمى روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش. ئۆزىمىزنى ئۆزلۇكسىز يىتىلدۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ داۋاملىق ئالغا قاراپ ئالغا بېسىپ، “پاسسىپ ياخشىتىن، ئاكتىپ ياخشىغا” ئۆتۇش.

كىتابنىڭ ئىككىنچى باب 2-بۆلۇمى”بېغىشلاش”. ئاپتور بۇ بۆلۈمنى “ئاكتىپ ياخشىلار ئۆزىنى بېغىشلايدۇ”  دېگەن ماۋزۇ بىلەن باشلايدۇ ۋە بۇنداق دەيدۇ:

”ئەي تالىپ! سەن ئالدانغانلاردىن بولۇپ قېلىشنى خالىمىساڭ، ئۆزىنى ئاتىغانلاردىن بول! چۈنكى، ئۆزىنى ئاتىغانلار مەنپەئەتى بولغانلار ئەمەس، نىيىتى خالىس بولغانلاردۇر. مەنپەئەتى بولغانلار پايدا-زىيان ھېسابىنى قىلىدۇ.”

كىتابنى ئوقۇغانسىرى ئوقۇرمەن ئۆز-ئۆزىنى ئويلاشتىن باشقا يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش كۈچىگە ئىگە ۋە جاسارەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئىنسان ئىجادىيەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇش لازىم. مەن بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پىلە قۇرۇتىغا ئوخشىتىئەمەن. پىلە قۇرۇتى شۇنداق بىر يۇكسەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگىكى، ئۇ ئۆز مىھنەت تەرى بىلەن بىر بىرلەپ توقۇپ چىققان غوزىكىنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. ئىنسانىيەتكە قىممەت يارىتىپ ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ. بىر پارچە نەپىس يىپەك قولياغلىقى ئۈچۈن يۇزلەرچە پىلە قۇرۇتى كىچە كۈندۇز ئەمگەك قىلىدۇ ۋە غوزېكىنىڭ ئىچىدە قىلىپ ئۆلىدۇ. پەقەت پىلە قۇرۇتى باققۇچى داۋاملىق يىپەك ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،پىلە قۇرۇتىنىڭ ئۆز ئەجرى بىلەن توقۇپ چىققان غوزىكىنى يىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگىگىنى بىتچىدە قىلىش ئارقىلىق ئاز بىر قىسمىنىڭ ھايتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئۆز ھاياتىنى ئۆز مىھنەت تەرىنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن، مىلەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىدىغان، پىلە قۇرۇتىدەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئىنسانلارنىڭ ئۆلمەس روھى بىلەن بۇ قەۋم، بۇ مىللەت ۋە بۇ دۇنيا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ. ئەگەر ئادەم “تۇرمۇشنىڭ ئازاپ دېڭىزىدىن” ئۆتۇش ئۈچۈن بىر ئومدان “نوھنىڭ كىمىسىنى” بۇزۇپ، ھەر بىرى بىر تالدىن تاختىغا چىقىۋىلىپ ئۆزلىرىچە ئۆزىنىلا قۇتۇلدۇرسا، روھى ئەمىنلىك ئىچىدە كۈن ئۆتكۇزسسە، بىر پۈتۈن زامانىۋى تەپەككۇرغا، بىر پۈتۈن ئىدىيەگە ئۇيۇشىدىغان كۈچنى ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يادلاردىن ئىمپورت قىلىنغان تەپەككۇر قۇشلىرى ئادەمنىڭ مېڭىسىدا چىكىلداپ، كۆزى ئوچۇق زىيالىلارنىڭ كۆزلىرىگە كۇل چېچىپ، ئارزۇلار ئارمان پىتى قىلىپ، بۇ ئەسىرنىڭ قۇيرۇقىنىمۇ قۇم باسىدۇ.

نىزامى ئالەمنىڭ تەرتىۋى بۇزۇلغان مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە ئادەمنىڭ يۇرۇگى سىقىلىپ، ئىسيانكار بولۇپ كىتىۋاتقاندا، مۇشۇنداق  بىرەر ئېسىل كىتابنى ئوقۇسا، ئادەمنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىلھام بۇلاقى ئىچىلىپ، كۆڭۇلى بەختكە تولىدۇ. ھىلالنىڭ تولۇن ئايغا ئۆزگۇرىشىنى سەۋر بىلەن ساقلايدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەم پۈتۈنلەي باشقا بىر يىڭى تۇيغۇغا كىلىپ، ئىككى تىكەن ئارىسىدا ئۆسكەن قىزىل گۈلدەك جاسارەت بىلەن ئەتراپقا خۇش پۇراق چاچقۇچى،  تەسىر كۆرسەتكۇچى، ياردەم سۆيەر كىشىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. “ئىنساننىڭ روھى پاكلىشىپ”(ئارستوتىلنىڭ سۆزى)، ئۆز-ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تونۇپ يىتىپ، ئىچىمىزدە ياخشىلىق ۋە ئۇمىدنىڭ ئۇرۇقلىرى بىخلىنىدۇ ۋە “ئۆزىنى كونتورول قىلىپ ئەدەپكە قايتىدۇ” (كوڭزىنىڭ سۆزى).

كۆپ ئادەملەر قىممەت بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەزىز تەنلىرىنى، مۇقەددەس روھلىرىنى قۇللۇققا مەجبۇرلاۋاتقان ئاشۇ راھاتلىكقا، باياشاتلىققا، ئەيشى-ئىشرەتكە، مەرتىۋە-مەنسەپلەرگە، قىيا-چىيا ۋە گۇلدۇر-قاراس چاۋاكلارغا، لاك سۇركەلگەن لەۋلەرگە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىيم-كىچەكلەرگە، چاچ پاسۇنلىرىغا، ھەرخىل يىڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا، ھەشەمەتلىك داچىلارغا پىسەت قىلمايدىغان بولىدۇ ۋە ئۇلار ئەڭ كىچىك بىر قىممىتىمۇ يوق ئەرزىمەس نەرسىگە ئاينىپ قالىدۇ.

بۇگۇنكۇ ئۇچۇر دۇنياسىدا كۇندە يۇزلىگەن يىڭى-يىڭى ئۇچۇرلار مېڭىمىزغا قاچىلىنىپ تۇرىدۇ ھەتتا ئۆزىمىز تولۇق چۇشەنمەيدىغان خىيالى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ، ھەر خىل ھەر ياڭزا پۇچەك يازمىلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزىمىز ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھالىنى قويماۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بارغانسىرى پاسسىپلاشتۇرىمىز.  شۇڭا بىز ئەڭ ياخشى يازما، ئەڭ ياخشى كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇشىمىز،، ئوقۇغاندىمۇ ئۇستۇن ئوقۇرمەنلىك سالاھىتىمىز بىلەن ئوقۇشىمىز ۋە يۇقۇردا ئىزاقھلاپ ئۆتكەندەك ئوقغۇغان نەرسىنى ئۆز بىلىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقپالى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرىمىز لازىم.

“پاسسىپ ياخشىلىقدىن، ئاكتىپ ياخشىغا” غا قەدەم باسقاندىلا  بۇ دۇنيانى ئاكتىپ ناچارلارغا تاشلاپ قويماي مەنىۋى جەھەتتىن تاكاممۇللۇشۇپ، روھىمىزنى تېرىلدۇرۇپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس باشقىلار ئۈچۈن ئاكتىپ ياخشىلىق قىلىشنى ئۈگۇنۇپ،تەپەككۇر بىرلىگى ئۇستىگە ئىنشا قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىزنى “سالىھ ئەمەل” گە ئايلاندۇرغىنى بولىدۇ.

بۇ كىتابتىن قالدۇرۇلغان خاتىرلەر:

پاسسىپ ياخشىلار نەزەردىن ساقىت قىلغان بىر ھەقىقەت بار: ياخشىلىق پاسسىپ ھالغا چۇشۇپ قالغان ھەر يەردە، يامانلىق ئۆزلىكىدىن ئاكتىپ ھالغا كېلىدۇ. بۇ يامانلىقنىڭ ئەسلى تەبىئىيتى بولۇپ، ئۇ قاراڭغۇلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى زاتى يوق بولۇپ، يورۇقلۇق بولمىغان ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

يېتىۋالغان ياخشى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ.چۈنكى، پاسسىپ ياخشىنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ. ھەر پاسسىپ ياخشى، بىلىپ-بىلمەي ئاكتىپ ئەسكىنىڭ تەشۋىقچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئەي “نېسىپ” دېگۇچى! بۇ نېسىپ مەسىلىسى ئەمەس، تەلەپ مەسىلىسى! تەلەپ قىل، نېسىپ بولسۇن.

ئەڭ چوڭ مەسۇلىيەت، ئەڭ ئۇلۇغ ئالدىدىكى مەسۇلىيەت بولۇپ، بىر يەردە مەسۇلىيەت بولسا، تاللاش بولىدۇ؛ تاللاش بولسا، ئىرادە بولىدۇ. ئىرادە بولسا، ئەقىل بولىدۇ. ئەقىل بولسا، ۋىجدان بولىدۇ. بۇلار روھنىڭ ئىنساننى قوراللاندۇرغان ئۇچكېزەكى.
روھسىز ۋىجدان پاسسىپ، روھسىز ئىرادە مەجھۇل، روھسىز ئەقىل كېرەكسىز نەرسىدىن پەرقسىز.

خۇلاسە كالام، زەررىدىن كائىناتقىچە، مىكرودىن ماكروغىچە ھەممە نەرسە ئاكتىپ ھەركەت ھالىتىدە بولغان بىر ئالەمدە، ئىرادىلىك مەۋجۇدىيەت بولۇش ئىمتىيائازىغا ئىگە بولغان ئىنساننىڭ پاسسىپ ھالدا بولىشى، بىر بىنورمال ئەھۋال. بۇ ئىلاھىي ماسلىشىش قانۇنىغا قارشى چىققانلىق، بۇ تەرىتونىڭ سىرتىغا چىققانلىق ۋە ئەھمىيىتى يوق بولغانلىق بولىدۇ. رولى يوق نەرسە، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شۇ نەرسە ناھايىتى روشەن ھالدا ئوتتۇردا تۇرماقتا: ئاللاھ ئىنسانلارنى ياخشىلار ۋە يامانلار دەپ ئىككىگە ئايرىپللا قالماستىن، ياخشىلارنىمۇ ئىچىدىن، پاسسىپ ۋە ئاكتىپ ياخشىدىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىيدۇ.

23 يىل داۋام قىلىدىغان قۇرئان ۋەھىينىڭ نازىل بولىشى، ئاكتىپ بىر سۆز بىلەن باشلانغانىدى: ”ئوقۇ!”…

…دائىم ئوقۇيمىز، ئۇزلۇكسىز ئوقۇيمىز….ئاكتىپ ئوقۇش، ئوقۇغاننى تۇگىتىش ئەمەس، ئەكسىچە قىممەت يارىتىشتۇر.

ئىمان ئاكتىپ بولسا، يۇرەككە سۇلتان بولىدۇ. پاسسىپ بولسا، يۇرەك ئۇنىڭغا زىندان بولىدۇ. ئىمان ئاكتىپ بولسا يۇرىگىنى يۇدۇيدۇ، پاسسىپ بولسا ئىمان يۇرىكىگە يۇك بولىدۇ.

ئاكتىپ ياخشى ھەسەت قىلغۇچىسىنى، دۇشمىنىنى، رەقىبىنى نېمەتكە ئايلاندۇرىدۇ. قانداق قىلىپ دەمسىز؟ مەسىلەن، باسقان مۇساپىسىنى يولدا ياتقانغا قاراپ ئۆلچەيدۇ. ھەسەتچىلەر ۋە رەقىبلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى، سەپىرىنى ئاستىلاتقان ئەتراپتىكى ئىچى بوش كىشىلەرنى، شاللاپ چىقىرۋەتكەن يوشۇرۇن ئىلاھىي مۇكاپات دەپ قارايدۇ.

پاسسىپ ياخشى ھەسەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزى ياتقان بولۇپ، ياتماي توختىماستىن ياخشىلىق يارىتىۋاتقانلار ئۇنىنغا ئاغزىغا پۇتلىشىدۇ. ئاكتىپ ياخشىلار ھەسەت قىلىنغۇچىلاردۇر. چۈنكى، ئۇ ئاكتىپ بولۇپ، تىرىشچانلىق ئىچىدە. ئۇ ئۆزى سەپەردە بولۇپ، سەپەر ئۇستىدىكى يولۇچى. يولۇچىنىڭ پۇتى يارىلىنىدۇ، قاپىردۇ، بىلىكى قايرىلىدۇ، تىزى ئاغرىيدۇ. يولۇچىنىڭ بۇ ئەھۋالى پاسسىپ ياخشىنىڭ غەيۋەت دەسمىسى بولىدۇ.

مەن تۇيغۇسى، ئىگىسىنى شەخسىيەتچى قىلىدۇ. شەخسىنىڭ بەندىچىلىكى ۋە ئىبادىتىگىمۇ شەخسىيەتچىلىك سىڭىپ كېتىدۇ. مەنپەئەت ئۈچۈن بەندىچىلىك قىلىدۇ، جەننەت ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ.

پاسسىپ ياخشىنىڭ ئەقلى، ئىرادىسى ۋە ۋىجدانىمۇ پاسسىپ بولىدۇ.

پاسسىپ ياخشى خەيرىسىز، ئاكتىپ ياخشى خەيرىلىكتۇر.

پاسسىپ ياخشى تەقلىتچى، ئاكتىپ ياخشى تەھقىقچى(ئىزدەنگۇچى) ياخشى.

پاسسىپ ياشىلار، ئۆزىگە ياخشى بولغۇچىلار بولۇپ، ئاكتىپ ياخشىلار ھەم ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ياخشى بولغان ياخشىلاردۇر.

ھەسانتنىڭ(ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىق) مۇكاپاتى ئۈچۈن بەلگىلىك مىقدار بېكىتىلگەن، لېكىن سالىھاتنىڭ مۇكاپاتى چەكسىز.

يامانغا ئاشىق بولۇش، ياماننى ياخشى قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئاشىقتەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر تۇيغۇنىئى زەھەرلەيدۇ، ئاشىقنى سەلبىي تەسىرگە ئىگە قىلىدۇ، سەۋدانى بالاغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاشىق گۇناھنى يۇمايدۇ، لېكىن گۇناھ ئىشقىنى بۇلغايدۇ.

مۇھەببەت ئەبەدىي بولغان چاغلاردا، نەپرەتمۇ ئاشىققا ھامىلە بولغان. سۆيگۇ پەقەت تەڭە مەھكۇم قىلىنغان زامانىۋى دەۋرلەردە،ئاشىق نەپرەتكە ھامىلە بولماقتا.

ھەققىي سۆيگۇ، سۆيگۇدە ئېرىپ يوقاپ كېتىش ئەمەس، بەلكى سۆيگۇنىدە گۈللەپ ياشناشتۇر.

مۇھەببەت ئاق سەۋدا، خۇمار قارا سەۋدا بولۇپ، سۆيگۇ ھۆرلۇككە ئېرىشتۇرىدۇ، خۇمار قۇل قىلىدۇ.

ياخشىغا بولغان ئاشىق، ئاشىقنى ياخشى نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئەي ئاشىق! ئەگەر ھەقكە ۋە ھەقىقەتكە ئاشىق بولساڭ، بىلگىنكىئى ھەق ۋە ھەقىقەتمۇ ساڭا ئاشنا بولىدۇ. ئاشىقىڭ ھەق، جنابى ھەق ئاشىقىڭ بولىدۇ. يەر ۋە ئاسمان ئەھلىمۇ ساڭا “ئاشىق بولسۇن” دەيدۇ.

ھەبىبۇللا…بۇ قۇرئانى ئاتالغۇ ھەم “ئاللاھنىڭ ياخشى كۈرىشى” ھەم “ئاللاھنى ياخشى كۆرۇش” مەنىسىنى بىلدۇرىدۇ….

بەزىلەرنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى سالىھ ئەمەللەرنى، سالىھ ئەمەللىرى مېھرى-مۇھەببىتىنى ئاشۇرىدۇ.

ئىنساننىڭ قىممىتى، ئۆزىنى بېغىشلىغان نەرسە بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان نەرسىلەرگە ئاتىغاندا ۋاقىتتا، قىممىتىنى ئۆز قولى بىلەن چۇشۇرگەن بولىدۇ.

سوقرات بىر ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى ئىدى…….ئۇ زەھەرنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىسى كىرىتوغا مۇنداق دەپ ۋەسىھەت قالدۇردى:”ئاسكلەپ ئوسقا بىر خوراز قەرزىم بار، ئۇنى قايتۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغىن..” ئاخىرقى سۆزى مۇنداق ئىدى:”تەڭرىنىڭ نەزىرىدە قىلغانلىرىم قوبۇل بولامدۇ-بولمامدۇ ئۇنى بىلمەيمەن.لېكىن، شىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇنى رازى قىلىش ئۈچۈن چىن دىلىندىن تىرىشتىم، بۇ تىرىشچانلىقىمنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئۇمىدىن بار”…. ئۇ جېنىنى سەمىمىيىتىگە شاھىت قىلىش ئۈچۈن پىدا قىلغانىدى.

دوستۇم! يوللار مېڭىش ئۈچۈن بار. لېكىن شۇ ھەقىقەتنى ھەرگىز ئېشىڭدىن چىقارما: مېڭىش بىلەنلا مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما مەنزىلگە يېتىپ بارغانلار ماڭغانلاردۇر.

توغرا يول، ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىگى مانغان يولى ئەمەس، تەپەككۇر قىلغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ يولىدۇر.

يول خەرىتېڭنى ئامانەت قىلالايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك يەر قەلبىڭدۇر.

ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقى قەلبىدىكى ئۇمىدكە مۇناسىۋەتلىك. ھاياتتا ئۇمىدى بولمىغان بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش سەۋەبى قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى يوقۇتۇپ قويغان.

ئەگەر باشقىلارغا ئۇمىد بەرسىڭىز، دۇنيانىڭ نەزىرى سىزدە بولىدۇ.

ئۇمىد بىر ئىبادەتتۇر.

ئۇمىد بىر خىل ئىجتىمائىي قىممەتتۇر.چۈنكى، قەلبىدە ئۇمىد بولغان بىر شەخسىيەت، ئۆزى تەۋە بولغان شۇ جامائەت ئۈچۈن كۈچ مەنبەسىدۇر.

بەدەن ئۈچۈن ھاياتلىقۋە جانلىق بولۇش قانچىلىك مۇھىم بولغان بولسا، ئۇمىدمۇ روھىمىز ئۈچۈن شۇنداق مۇھىمدۇر. ئۇمىدسىز بەدەن خۇددى روھى بولمىغان بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ.

نادانلىق بىلمەسلىك ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزىنى بىلمەسلىكتۇر.

كىشى ياخشى گۇمان قىلىدۇ. چۈنكى يامان گۇمان ۋابالنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئىنسان ياخشى گۇمان سەۋەپلىك خاتالاشقان بولسا، جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ.لېكىن يامان گۇمان قىلىپ خاتالاشقان بولسا، جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.

كەمتەر بولۇش ئۇيۇمچانلىقنىڭ سۇغۇرتىسى.

بىردەك بولىمىز دەپ ئەركىن پىكىر ۋە چۇشەنچىلەردىن ۋاز كەچمەسلىك لازىم.

ھېرىپ قالغانلار ئارقىدىن كېلىۋاتقانلارغا يول بېرىشى كېرەك.

06.04.2017، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top