• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتى

ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتى

ئابباسىلار دەۋرىدىكى ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارغا باغلىق.
1. «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» نىڭ ئىلھامى
ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە، يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاڭ فورماتسىيىسى بىلەن قىممەت قارىشى، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىي بىلىمنى ئۇلۇغلاپ، بىلىم ئۆگىنىشنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنى بىلىم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» كىشىلەردىن نەزىرىنى تەبىئەتكە قارىتىپ، تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىش، تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى ئېچىپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى، تەبىئەتتىكى بايلىقلارنى ئېچىپ، كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە:«كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللا ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللادىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار» (10-6) دېيىلگەن. «قۇرئان» دا يەنە كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن:«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللا بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زىمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنىلىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللانىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر». (2-164) «قۇرئان كەرىم» يەنە بەزى سوراق جۈملە شەكلى بىلەن كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئېچىپ، ئەقلىنى ئىشلىتىش، كۆپ ئويلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇلغان ۋە بېشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق ئايەتلەر بار:«بىلىدىغان بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» (39-9)، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولمايدۇ. زۇلمەت بىلەن نۇر باراۋەر بولمايدۇ، سايە بىلەن ئىسسىق باراۋەر بولمايدۇ، تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر باراۋەر بولمايدۇ.» (35-19-22)، بۇنداق دېيىشتىكى مەقسەت — بىلىمسىز ئادەمنىڭ نادان كورغا ئوخشايدىغانلىقى، بىلىملىك ئادەمنىڭ كۆزى روشەن، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بىلىملىك ئادەملەر، بولۇپمۇ ئالىملار ئالەمنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا «قۇرئان» دا:«ئاللانىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللادىن پەقەتلا ئالىملارلا قورقىدۇ.» (35-28) دېيىلگەن. «قۇرئان» دا ئەقىل-ئىدرەك تەشەببۇس قىلىنىپ، قارغۇلارچە ئەگىشىش، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇلغان:«ئاللانىڭ نەزىرىدە، ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولىۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولىۋالغان، (ياخشى-ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.» (8-22) بىلىمنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر بىلىم ئېلىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى دەپ قاراپ:«بىلىم ئېلىش ھەر بىر ئەر-ئايال مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر.» دېگەن. ئۇ يەنە:«بىلىم ئېلىڭلار، ھەتتاكى ئۇ يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ» دېگەن. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا دېگەن بىلىم دىنىي بىلىمنى، شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتكە پايدىلىق تەبىئى ۋە ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇستازنى ھۆرمەتلەپ بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «قۇرئان» دا:«ئاللا سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئاللا سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار» (58-11) دېيىلخۇراساندا گەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالىملارنىڭ رولىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ:«ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسىدۇر، پەيغەمبەرلەر ئىلىمنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان، ئىلىم ئىگىلىگەن ئادەم باھاسىز بايلىققا ئېرىشىدۇ»، «ئالىملار ئىشلەتكەن سىياسىنىڭ قىممىتى شەھىتلەرنىڭ قېنىدىن كام ئەمەس»، «بىر ئالىمنىڭ ئۆلۈمىگە چىداش بىر قەبىلىنىڭ ئۆلۈمىگە چىداشتىن تەس» دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالىملارنى ئۈستىن كۆرۈپ:«ئاي يۇلتۇزلاردىن ئۈستۈن تۇرغاندەك، ئالىملار ئابىدلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ» دېگەن. ئىككىنچى قارار خەلىپە ئۈمەرمۇ ئالىملارنى قەدىرلەپ، ئالىملارنى «مىللەتنىڭ تۆۋرۈكى» دەپ بىلگەن. ئۇ:«بىر ئالىمنى يوقۇتۇش بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان زىياندۇر» دېگەن.
«قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەر ئېتىقاد يۈكسەكلىكىدىن كىشىلەرنىڭ ئىلىم ئېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن-مەدەنىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاشقا دەۋەت قىلغاچقا، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئالغاندا، بۇ خىل خىزمەت ھەر خىل پاراۋانلىقلارنى ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، بەلكى يەنە ئۇنى بىر خىل «ئىبادەت» قاتارىدا، ئاللا ياقتۇرىدىغان يول قاتارىدا كۆرۈپ، زېرىكمەي ئۆگىنىش بىر خىل كەيپىياتقا ئايلانغان. كىشىلەر ئىلىم ئېلىشنى شەرەپ، ئىلىم ئۆگەنمەسلىكنى نومۇس دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئىسلام دىنى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىشىدىكى قۇدرەتلىك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان.
2.كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇكاپاتلاش
ھەر قانداق بىر دەۋردە پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى— كۆڭۈل بۆلۈش ياكى بۆلمەسلىككە باغلىق. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە، پۈتۈنلەي مۇشۇنداق بولۇپ، ئابباسىلار دەۋرىدىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ئابباسىلار دەۋرىدىكى خەلىپىلەر، بولۇپمۇ دەسلەپكى خەلىپىلەرنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، بىر نىيەتتە دۆلەتنى قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىغان بولغاچقا، ئۇلار مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئىلىم ئۆگىنىشنى مۇكاپاتلاپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغان. خەلىپە مەنسۇر ئاسترونومىيە ۋە تىببى ئىلميگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. خەلىپە ھارۇن.راشىد پەلسەپە ۋە تەبىئى پەنلەرنى ياخشى كۆرگەچكە، باغداد دوختۇرخانىسىنى قۇرغان ھەمدە ناسارا باختىشۇنى دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى قىلغان. ۋىزانتىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، مۇسۇلمانلار قوشۇنلىرى نۇرغۇنلىغان گېرىك يېزىقىدىكى قوليازمىلارنى يىغىپ كېلىپ، مەخسۇس ئالىملارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ تەتقىق قىلغان. 7- ئەۋلاد خەلىپە مەئمۇن دەۋرىگە كەلگەندە، ئىلىم-پەن مەدەنىيەت ئىشلىرى يېڭى بىر باسقۇچقا تەرەققىي قىلغان. مەئمۇن كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە ئالغاچقا، بىلىمى مول بولۇپ، ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زور مەبلەغ سېلىپ مەكتەپ، رەسەتخانىلارنى سالدۇرغان، ئاتاقلىق «ئەقىل سارىيى» (پەلسەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان) نى تەسىس قىلغان. «ئەقىل سارىيى»، پەنلەر ئاكادىمىيىسى، تەرجىمە ئىدارىسى ۋە كۈتۈپخانىدىن تەشكىل تاپقان. مەئمۇن ئەقىل سارىيىنىڭ مەسئۇلى سالام قاتارلىق كىشىلەرنى كونىستانتىنوپولغا ئەۋەتىپ، گېرىك يېزىقىدىكى دەستۇرلەرنى تاپقۇزۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىۋكىلىتنىڭ «گىئومىتىرىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىمۇ بار ئىدى. ئالىملارنىڭ بۇ دەستۇرلەرنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، مەئمۇن تەرجىمانلارغا تەرجىمە ئورگىنالىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ ئالتۇن ھەق بەرگەن. تارىختا ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىلىم-پەن ئىگىلىرىنى قەدىرلىگىنىگە ئائىت ھىكايىلەر نۇرغۇن. ئەمما ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئايىماي ئالتۇن خەجلىگەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.
ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەچكە، ئەينى چاغدا، ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. بىر قېتىم، خەلىپە ھارۇن.راشىد بىر نەرسىنى سورىماقچى بولۇپ چوڭ ئالىم ئەنەس.مالىكنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. مالىك ئاڭلىغاندىن كېيىن ھودۇقۇپ پايپاسلاپ كەتمەي، تەمكىنلىك بىلەن:«كېلىپ سورىسۇن، بارالمايمەن» دەيدۇ. خەلىپە ھارۇن مالىكنى «ئىززىتىنى بىلمىدى» دەپ چالۋاقاپ كەتمەي، ئۆزى مالىكنىڭ يېنىغا بېرىپ سورايدۇ. ئابباسىلار سۇلالىسى بىلەن بىر دەۋردىكى ئىسپانىيە كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسىدىمۇ، ئالىملارنىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. بىر قېتىم، ئىبراھىم دېگەن بىر ئالىم مەسچىتتە تالىپلىرىغا دەرس ئۆتىۋاتقاندا، خەلىپە تۇيۇقسىزدىن ئادەم ئەۋەتىپ ئوردىغا چاقىرتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن:«پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ. لېكىن خەلىپىگە ئېيتىپ قويغىن، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن دەرس ئۆتۈپ بولمىغىچە ئۇنىڭ يېنىغا بارالمايمەن» دەيدۇ.
ئابباسىلار دەۋرىدە زىيالىيلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ماددىي تەمىناتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. ئەينى چاغدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 30 دىناردىن 60 دىنارغىچە، بىر تامچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بولسا 1.5 دىنار بولۇپ، بۇنىڭدىن زىيالىيلارنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى يەنە ئۇلارنىڭ مائارىپنى قوللىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھۆكۈمرانلار ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربى ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئىختىساسلىق خادىملارغا موھتاج بولىدىغانلىقى، ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش ئۈچۈن مائارىپقا تايىنىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، «قۇرئان»، «ھەدىس» لەردە بىلىم ئېلىش، مەدەنىيەت تەشەببۇس قىلىنىپ، تۆت بۈيۈك خەلىپە دەۋرىدە ۋە ئۇمەييەلەر دەۋرىدە، مائارىپ دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلىپىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، مائارىپ ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگونىڭ خۇسۇسىي مەكتەپلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان دىنىي مەكتەپلەر مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ دەرسلىكلىرى «قۇرئان» نى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە «ھەدىس»، گرامماتىكا، ھېساب، شېئىر، خەتتاتلىق قاتارلىقلارنى ئۆگىتەتتى. مەسچىتلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان بولۇپ، 9- ئەسىردە، پەقەت باغداد شەھرىدىلا 10 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار ئىدى. نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ياشلارغا ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق خادىملارنى تەربىيلەپ بېرەتتى.
ئەينى چاغدىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى خەلق باشقۇرۇپ، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيىلەش، ئوقۇش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچى ئۆزى قارار قىلىپ بېكىتەتتى، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئارىلاشمايتتى. بەزىبىر نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە خەلىپە ياكى خان-پادىشاھ، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئىقتىسادىي ياردەم بېرەتتى. ئادەتتىكى مەكتەپلەر بولسا باي سودىگەرلەر ۋە ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ ئىئانە قىلغان ياردىمىگە تايىناتتى. خەلىپىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن، يۇقىرى-تۆۋەندىكى ئەمىر، ئاقسۇڭەكلەر ۋە باي سودىگەرلەر ياردەم بېرىپ مەكتەپ قۇرۇش، مائارىپنى قوللاش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئەييۇب سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سالاھىدىن 32 دۇكاننى سۇفىيە مەكتىپىگە ۋەخپى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىپ بەرگەنىدى. باغداد، دەمەشىق، ئىروسالىم قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ فوندى بار ئىدى. ئىقتىسادىي كاپالەت بولغاچقا، ئائىلىسى نامرات، ئەمما ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالايتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار قېتىرقىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئالىملاردىن بولۇپ چىققان ئىدى. مەسىلەن: ئاتاقلىق شائىر ئەبۇ.ئاتاس بۇرۇن كۇلالچىلىق قىلغان، داڭلىق ئەدىب ئەبۇ.تامام بۇرۇن مىسىردىكى ئەمىر مەسچىتىدە جارۇپكەشلىك قىلغان، داڭلىق قازى ئەبۇ.يۈسۇف كىچىك ۋاقتىدا بوياقچى بولغان. داڭلىق فەقىھ ئەنسال نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بابكار ئىكەنمىش.
خەلىپە مەئمۇن باغدادقا سالدۇرغان «ئەقىل سارىيى» ھەم بىر ئىلمي ئورگان، ھەم بىر ئالىي مەكتەپ ئىدى. بۇ مەكتەپ گېرىك پەلسەپىسى ۋە ئىلىم-پەن دەستۇرلىرىنى تەرجىمە قىلىش جەھەتتە زور تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە زور تۈركۈمدىكى ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە، لوگىكا قاتارلىق تەبىئى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە پىششىق ئاتاقلىق خادىملارنى تەربىيلەپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن، ھەر قايسى جايلاردىكى خانلىقلاردىمۇ كەينى-كەينىدىن مۇشۇ خىل ئالى مائارىپ ئورگانلىرى ۋە ئالى مەكتەپلەر قۇرۇلغان. مەسىلەن: 10- ئەسىردە كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى ئىسپانىيىدە كوردوۋا دارىلپۇنۇنىنى قۇردى. 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پاتىمە سۇلالىسى مىسىردا پەنلەر ئاكادېمىيىسى «دارىل.ئۇلۇم» نى قۇردى.
ئەمما، ئىسلام دىنى تارىخىدىكى ھەقىقى مەنىدىكى ئالى مەكتەپ—نىزامىيە دارىلپۇنۇنىدۇر. 1065- يىلىدىن 1067- يىلىغىچە، سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى نىزامۈلمۈلۈك (1018-1092) سۇلتان ئالپ.ئارسلاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، باغدادتا نىزامىيە دارىلپۇنۇنىنى قۇرغان. نىزامىيە دارىلپۇنۇنى ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي يوسۇن تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلام ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، ئالى دەرىجىلىك دىنىي ئالىملارنى، قازى ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. غەرب تارىخشۇناسلىرى بۇ دارىلپۇنۇننى «ئىسلام دىنى ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئۈلگىسى» دەپ مەدھىيلىگەن. مەكتەپكە ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان، كۆلىمى زور، قۇرۇلۇشلىرى ئېسىل، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مەكتەپتە قوشۇمچە مەسچىت ۋە كۈتۈبخانا تەسىس قىلىنغان. تەسىس قىلىنغان دەرسلىرى دىن دەرسى ۋە مەدەنىيەت دەرسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن. دىن دەرسلىرى قۇرئان، ھەدىس، كالام شېرىپ، ئىلمي فەقىھ، پەلسەپە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىقى ئەشرىلى مەزھىپىنىڭ يېڭى كالام شېرىپ ۋە سوفىزىم مەزھىپىنىڭ فىقىھشۇناسلىقى ئۆتۈلىدۇ. مەدەنىيەت دەرسلىرى ئەرەب تىل گرامماتىكىسى، ئىملا قائىدىسى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات، ئاسترونومىيە كالىندارشۇناسلىق ۋە تېبابەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپتە يەنە مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى لىكسىيىلىرى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋەزىر نىزا مۈلمۈلۈك خاندانلىققا ۋاكالىتەن بىۋاسىتە تەيىنلەيتتى ھەمدە مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇشقا ئائىت بىر يۈرۈش قائىدە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققانىدى. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. مەكتەپ سەر خىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، خەلىپىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەكتەپ يۇقىرى مائاش بېرىپ بىر تۈركۈم داڭلىق سۈننىي مەزھىپى ئالىملىرىنى ۋە ئەللامىلەرنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلغانىدى. مەشھۇر ئالىم ئەنسال، سوفىزىم مەزھىپىنىڭ فىقىھشۇناسى ئەبۇ.ئىسھاق، شىرازى، ئىروسالىمدىكى ئاتاقلىق قازى باھائىدىن.ئىبنى.ساداد قاتارلىقلار بۇرۇن مۇشۇ مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنغانلار ئىدى. ھەربىر ئەللامىغا 2 دىن 3 نەپەرگىچە ياردەمچى سەپلەپ بېرىلەتتى. مەكتەپ ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى، ئالىملارنىڭ كىتاب يېزىپ ھەر خىل تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى مۇكاپاتلايتتى. دائىم ھەر خىل ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ، ئىلمي ئالماشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باراتتى. مەكتەپنىڭ راسخوتى كۆپىنچە خانلىق خەزىنىسىدىن ئاجىرتىلاتتى. ئۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭمۇ زور مىقتاردا مەبلىغى ۋە كۆچمەس مۈلۈكلىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوشۇمچە ياردەملىرىنىڭ مەنبەئى ئىدى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ھەقسىز ياتاق-تاماقتىن بەھرىمەن بولالايتتى، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشقۇرۇش شەكلى ۋە بەزىبىر قائىدە-تۈزۈملىرىنى كېيىن ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر قوبۇل قىلغان ئىدى. نىزامىيە دارىلپۇنۇنى 300 يىل داۋام قىلىپ، 1395- يىلى، باغدادتىكى مۇستەسلى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن. مۇستەسلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئابباسىلار دەۋرىدىكى 36- قارار خەلىپە مۇستەسىر.بىلا 1234- يىلى قۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا مەخسۇس تۆت چوڭ فىقىھ مەزھىپىنىڭ فىقىھ ئىلمي سۆزلىنەتتى.
زەنگىد سۇلالىسى (1127-1262) نىڭ 2- قارار ھۆكۈمرانى نۇرىدىن.مەخمۇد (1118-1174)، دەمەشىقتە ئەڭ بۇرۇن مەخسۇس ھەدىس ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپ—نۇرىدىن ھەدىس مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئاتاقلىق مۇھەدىس ئىبنى.ئاساگىر قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھەدىسشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتكۈزگەن. نۇرىدىن ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى، سوفىزىم ئېتىكاپخانىلىرىنى، مەدرىسلەرنى، دوختۇرخانا ۋە كارۋان سارايلىرىنى سالدۇرغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن ئالىب، ھورمۇز، ھەما، بەلى بەكرى قاتارلىق جايلاردا، مەسچىتلىرى بار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، «مەدرىس» دەپ ئاتىغان. شىئە مەزھىپىنىڭ سۈرىيە رايونلىرىدىكى تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، باغدادتىكى نىزامىيە دارىلپۇنۇنىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ياتاق-تاماق بىلەن تەمىنلەپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىنى ۋە سوفىزىم مەزھىپىنىڭ ئىلمي فىقىھ تەلىماتلىرىنى ئۆگەتكەن. نۇرىدىن دەمەشىقتە يەنە ئاتاقلىق نۇرىدىن دوختۇرخانىسىنى سالدۇرۇپ، ئەسكەرلەر ۋە نامراتلارنى ھەقسىز داۋالىغان. بۇ دوختۇرخانا كېيىن بىر ئالى تىببى ئىنىستىتۇت بولۇپ تەرەققىي قىلغان. غەربى ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇغان.
ئەييۇب سۇلالىسىنىڭ (1171-1250) قۇرغۇچىسى، شەرققە تاجاۋۇز قىلغان ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرغان مىللى قەھرىمان كورد سالاھىدىن.ئەييۇب (1138-1193)، مەدەنىي مائارىپقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئىلىم-پەن، مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئالىملارنى قوغدىغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن دەمەشىق، مىسىر، يەمەن، ئىروسالىم قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن مەكتەپلەرنى ئاچقان. پەقەت دەمەشىقتىكى ئالى مەكتەپلەرلا 20 دىن ئاشقان. ئەزھەر دارىلپۇنۇنى ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە كېڭەيتىلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەمدە ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇللىرى ئىسلاھ قىلىنغان. ئۇ دوختۇرخانىلارنى قۇرۇپ، تىببى خادىملارنى تەربىيلەپ، داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ يەنە ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش بېرىپ ئاتاقلىق ئالىملارنى تەكلىپ قىلغان. كىتاب يېزىپ تەلىمات ياراتقانلارنى مۇكاپاتلاپ، ئىلمي مەسىلىلەرنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. نەتىجىسى بار ئالىملارنى ۋەزىرلىككە ياكى ئەمەلدارلىققا قويغان. دىنىي جەھەتتە، ئۇ سۈننىي مەزھىپىنىڭ دىنىي يوسۇنلىرى ۋە تەلىماتلىرىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئۆلىمالىرىنى ھەر قايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرگە ئەۋەتىپ دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلدۇرغان. ئەييۇب سۇلالىسىدا شەيخۇلئىسلام تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى باشقۇرغان. سالاھىدىن تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە، نۇرغۇن مەسچىتلەر سېلىنىپ، ھەدىس، دىنى يوسۇنلار ئۆگىتىلگەن. ئۇ يەنە ئالىملارغا «جىھاد» نى تەشۋىق قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىشنى تاپشۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىكتە ئاللانىڭ يولىنى تۇتۇپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سىرتقى تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.
ئابباسىلار دەۋرى بىلىم ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇلۇغلانغان دەۋر بولۇپ، پۈتكۈل سۇلالە مەزگىلىدە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلغاندىن سىرت، مۇسۇلمانلارنى يەنە كىتاب ئوقۇپ، كىتابنى گۆھەر دەپ بىلىشنى چاقىرىق قىلغان. مۇسۇلمانلار ھەربىر يەرنى فەتىھ قىلغاندا، ئۇ يەردىكى ھەر خىل كىتابلارنى كەڭ كۆلەمدە يىغقان. ئەڭ دەسلەپكى ئىشغالىيەتچىلەر نۇرغۇنلىغان گىرىك، پارس، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقلىرىدىكى تارىخ، تېبابەت، پەلسەپە، ماتېماتىكا قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى توپلىغان. قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتە كىتاب كۆچۈرۈش دولقۇنى قوزغىلىپ، كىتاب سودىگەرلىرى، كىتابخانىلار ۋە كۈتۈبخانىلار تەرەققىي قىلغان. خەلىپە مەئمۇن تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پەقەت باغداد شەھرىدىلا 30 نەچچە كۈتۈبخانا ۋە 100 دىن ئارتۇق كىتابخانا قۇرۇلغان. بۇندىن سىرت، دەمەشىق، قاھىرە، بەسىرە، بۇخارا، مەرۋ ھەمدە ئاندىروزىيە (ئىسپانىيە) ۋە ماراكەش قاتارلىق رايونلاردىمۇ نۇرغۇن كۈتۈبخانىلار قۇرۇلغان.
11 – ئەسىردە، قاھىرەدىكى ھەر قايسى كۈتۈبخانىلاردا ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان خانلىق كۈتۈبخانىسىدا ساقلانغان كىتاب سانى 200 مىڭ پارچىغا يەتكەن. 2400 جىلدلىق ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغان «قۇرئان كەرىم» مۇ مۇشۇ كۈتۈبخانىدا ساقلانغان. ئسپانىيىنىڭ كۈتۈبخانىچىلىق ئىشلىرىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پەقەت كۇلۇرادۇ شەھرىدىلا 70 دىن ئارتۇق كۈتۈبخانا بولغان. مەسچىت ھەر كۈنى ناماز ئۆتەيدىغان ئورۇن، ئەمما ئەينى چاغدا، كۆلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە مەسچىتلەردە كۈتۈبخانا ۋە كىتاب ئۆيلىرى بولۇپ، ساقلانغان كىتابلىرىمۇ خېلى كۆپ بولغان. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە كىتاب ئوقۇشى بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان. ئازراق ئېشىنچا پۇلى بار ئادەم بولسىلا، بەس-بەستە كىتاب سېتىۋالاتتى، كىتاب ساقلايتتى ۋە كۈتۈبخانا قۇراتتى. كىشىلەر كىتابنى بىر خىل بايلىق دەپ قاراپ، كىتابنىڭ كۆپ بولۇشىدىن شەرەپ ھېس قىلاتتى. 10- ئەسىردە، بىر نەپەر ئادەتتىكى باغداد ئاھالىسى، كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى 600 پارچە ھەر خىل كىتابلىرىنى مىراس قىلىپ ئوغلىغا قالدۇرغان. ئالىملارنىڭ خۇسۇسىي كىتابلىرى بولسا تېخىمۇ كۆپ ئىدى. تارىخشۇناس، «ھەدىس» ۋە فىقىھشۇناس ۋاجىد (747-823) نىڭ ساقلىغان كىتابلىرىنى يۆتكەش توغرا كەلسە، 120 تۆگىگە ئارتىپ توشۇغىلى بولىدىكەن. باغدادلىق ئالىم ئىبنى.ئابادنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلىرى 400 تۆگىگە يۈك بولىدىكەن. ئادەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى كىتابلارنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مىسال ئۈچۈن ئالساق، 971- يىلىدىكى ئىبنى.ئامىد دەپ ئاتىلىدىغان ئادەتتىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلىرى 100 تۆگىلىك چىقىدىكەن. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەينى چاغدىكى كۈتۈبخانىلاردا، مەيلى خۇسۇسىيلارنىڭ ياكى ئومۇمنىڭ بولسۇن، ساقلىنىدىغان كىتابلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەر خىل قوليازما كۆچۈرۈلمىلىرى، تەفسىرلىرى ۋە «ھەدىس» توغرىسىدىكى دىنىي يوسۇن، فىقىھشۇناسلىق كىتابلىرىدىن سىرت، يەنە دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ھەر خىل كىتابلىرى بار بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە گېرىكلارنىڭ ئىلىم-پەن دەستۇرلىرىدىن تارتىپ ھىندىستاننىڭ سانسىكىرىت يېزىقىدىكى ئەسەرلىرىگىچە، رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرلىرىدىن تارتىپ فرانسىيىنىڭ مۇھەببەت شېئىرلىرىغىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نەسىرلىرىدىن تارتىپ پارسلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىغىچە ھەممە تۈردىكى كىتابلار بار ئىدى. پەن تۈرلىرىدىن ئالغاندا، دىن، سىياسىي، ئىقتىساد، تارىخ، پەلسەپە، لوگىكا، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق (تەقۋىم)، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تېبابەت، بىئولوگىيە، زوئولوگىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. گۈللەنگەن كۈتۈبخانا ئىشلىرى ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى.
ياتلارنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش «100 يىللىق تەرجىمە ھەرىكىتى». ئابباسىلار دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، يات رايون، يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىگە قارىتا ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، قەدىمكى يۇنان، رىم، پىرىسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگونىڭ ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى پائال تۈردە قوبۇل قىلىپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنى بېيىتتى.
مۇسۇلمانلار ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتىرىپ، يېڭى زېمىنلارنى ئېچىپ، شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، 100 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپالاردىن ھالقىپ ئۆتكەن غايەت چوڭ بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىپ، نۇرغۇن قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ پەيدا بولغان مەنبەلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىلكىگە ئالدى. پايانسىز قوملۇقلاردىن كەلگەن دەسلەپكى مۇسۇلمانلار سەزگۈر ھېسىياتى بىلەن، كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بىلىم ئىگىلەش ئارزۇسىدا، ئىشغال قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى تەشنالىق بىلەن ئۆگەندى ۋە قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىختىكى خەلىپىلەر، بولۇپمۇ ئابباسىلار دەۋرىدىكى مۇشۇنداق چوڭ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەتنى پەقەت ئەنئەنىۋى ۋە كونا تەجرىبىلەرگە تايىنىپلا ئىدارە قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، پەلسەپە ۋە ئىدارە قىلىش پاراسىتىنى ئەينەك قىلىش كېرەكلىكىنى، ئىقتىسادنى، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىككىنچىدىن، ئۇمەييە دەۋرىدىن (ئېھتىمال ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولۇشى مۇمكىن) تارتىپ، خەلىپە دۆۋلىتى ئىچىدە، نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان دىنىدىكى مۇرتىلار ياشىغان ئىدى. ئۇلار «زىممىيىلەر» سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدە-يوسۇنلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەتتاكى، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇنازىرىلەر ئىلىپ باراتتى. مۇنازىرە جەريانىدا، مۇسۇلمانلار قارشى تەرەپنى مۇنازىرىدە يېڭىش ۋە قايىل قىلىش ئۈچۈن، پەلسەپە ۋە لوگىكىنى ئىگەللىمىسە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. چۈنكى، قارشى تەرەپ يەنى جوھۇتلار ۋە ناسارالار مۇنازىرىدە ئاللىقاچان پەلسەپە ۋە لوگىكىنى قوللىنىشقا باشلىغان ئىدى. خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئالىملار يۇنانلارنىڭ پەلسەپە ۋە لوگىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. يۇقىرىقى ئامىللار مۇسۇلمانلارنىڭ يات رايون، يات مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى. «100 يىللىق تەرجىمە ھەرىكىتى» بولسا مۇشۇ خىل قوبۇل قىلىشنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىنىشى ئىدى.
3. ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى
بۇرۇن ئۇمەييە دەۋرلىرىدىلا ئاز ساندىكى تېبابەت، ئاسترونومىيە ۋە ئالتۇن تاۋلاش توغرىسىدىكى كىتابلار ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ چاغلاردىكى تەرجىمە خىزمىتى كۆپىنچە شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، پىلانلىق، تەشكىللىك ئىلىپ بېرىلمىغان پارچە-پۇرات تەرجىمىلەر ئىدى. ئابباسىلار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، كىتاب تەرجىمە قىلىش دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك ئىشىغا ئايلىنىپ، تەشكىللىك، پىلانلىق ئىلىپ بېرىلدى. دۆلەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، كۈچ تەشكىللەپ، كەڭ كۆلەملىك تەرجىمە ھەرىكىتى ئىلىپ بارغان. خەلىپە مەئمۇن دەۋرىگە كەلگەندە، تەرجىمە خىزمىتى ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويدى. مەئمۇن باغداد شەھرىدە قۇرغۇزغان «ئەقىل سارىيى» دا كونىستانتىن ۋە سىپروسلاردىن يىغدۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان گېرىك تىلىدىكى قەدىمىي ئەسەرلەر بار ئىدى. مەئمۇن ئىلىم-پەن جەھەتتە ياردەم بېرىش، تەڭ ئېتىبار بېرىش ۋە ئىلمي مۇنازىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش فاڭجىنىنى قوللانغان ئىدى. ئۇ يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن نەچچە ئونلىغان ئالىملار ۋە تەرجىمانلارنى «ئەقىل سارىيى» غا كېلىپ تەرجىمە ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبلەر، غەيرى ئەرەبلەرمۇ بار ئىدى. يەنى مۇسۇلمانلارمۇ، ناسارالار، يەھۇدىلار، سابى دىنى مۇرىتلىرى ۋە مەجۇسىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇ «ئەقىل سارىيى» نىڭ بىرىنچى قېتىملىق ساراي باشلىقلىقىغا ئاتاقلىق ناسارا، تىببى ئىلىم ئالىمى، تەرجىمانشۇناس يەھيا.ئىبنى.مەسەۋىي (777-857) نى قويغان ئىدى. ئاتاقلىق مۇسۇلمان ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم خارازىمى (770-850) مۇ كۈتۈبخانا باشلىقى ۋە رەسەتخانىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
«ئەقىل سارىيى» ئەرەب ئىسلام ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
«ئەقىل سارىيى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قەدىمكى يۇنانلارنىڭ پەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىلىپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. ھەر قايسى جايلاردىن يىغىپ كېلىنگەن نەچچە يۈز خىل قەدىمكى يۇنانسىتاننىڭ پەلسەپە ۋە پەننى ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە قوليازما نۇسخىلىرى ئەستايىدىل رەتلىنىپ ۋە تەھرىرلىنىپ ساقلانغان. ئېسىل كىتابلارنى يىغىش ئۈچۈن، مەئمۇن تەرجىمىشۇناس سالامنى ئالدى بىلەن كونىستانتىنوپولدىكى ۋىزانتىيە پادىشاھسىنىڭ ئوردىسىغا نۇرغۇن ئالتۇن بىلەن گېرىك تىلىدىكى ئەسەرلەرنى سېتىۋىلىشقا ئەۋەتكەن. يەنە ھۈنەيىن.ئىبنى.ئىسھاقنى ئىراق، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق جايلارغا قەدىمىي كىتابلارنى سېتىۋىلىشقا ئەۋەتكەن. «ئەقىل سارىيى» نىڭ ئىچىدە گېرىك تىلى، قەدىمكى سۈرىيە تىلى، پارس تىلى، ھېبىرىۋ تىلى، سانسىكىرىت تىلى ۋە ئەرەب تىلىدىكى پەلسەپە، تەبىئى پەنلەر، ئىجتىمائىي پەنلەر، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىققا دائىر كىتاب ۋە قوليازمىلار بىر قانچە 10 مىڭ پارچىغا يېقىن يىغىلغان بولۇپ، ئالىملارنىڭ تەرجىمە قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.
«ئەقىل سارىيى» دا دائىم ھەر خىل پەنلەرنىڭ ئىلمي دوكلات ۋە مۇنازىرە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، مەزمۇنلىرى پەلسەپە، دىنشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، تېبابەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلغان. مۇنازىرە يىغىنلىرىدا، ھەر قايسى مەزھەپ-گورۇھلار كەڭ-كۇشادە پىكىر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەركىن مۇلاھىزە ئىلىپ بارغان. ئىلمي كەيپىيات ئىنتايىن قويۇق بولغان. «ئەقىل سارىيى» ئالىملارنى كىتاب، ئەسەر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلمي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلىغان.
«ئەقىل سارىيى» يەنە ئىلمي خادىملارنى تەربىيلەش مەركىزى بولۇپ، سارايدا يەنە رەسەتخانا، تېبابەت ۋە ئاسترونومىيە مەكتەپلىرى بولۇپ، جايلاردىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ئەقىل سارىيىغا كېلىپ داڭلىق ئالىملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەر خىل كەسپى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. بەزى داڭلىق ئالىملار ئۆگەنگىلى باغدادقا بارغان. مەسىلەن: پەيلاسوپ كىندى، ئەدىب جاھىز، تارىخ، جۇغراپىيىشۇناس مەسئۇد، ماتېماتىك خارازىمىي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە دەرس ئۆتكەن. بۇ يەردە تەربىيلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئەلا، بىلىمى مول بولۇپ، ئىختىساسلىق خادىملار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان.بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتىرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ دىن پېنىمۇ بۇ خىل تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ بانىسىدا، زور تۈركۈمدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىدىيىۋى ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلغان. كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئالىملار «ئەقىل سارىيى» غا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب «ئىلىم پېنىنىڭ بۇلىقى، بېلىم خەزىنىسى، ئالىملارنىڭ ماكانى» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.
«ئەقىل سارىيى» مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئىلمي تەرجىمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. تەرجىمە مەھكىمىسىدىكى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قانچە خىل تىل ۋە يېزىقنى بىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ھەم تەرجىمان، ھەم ئىلمي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسىسلەر ئىدى. ئۇلار 100 خىلدىن ئارتۇق قەدىمكى يۇنان، پارس ۋە ھىندى تىلىدىكى ئىلمي قەدىمكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، دەسلەپكى دەۋرلەردە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە قارىتا يەنە رەتلەش، تەھرىرلەش، ئىزاھلاش، تولۇقلاش، توغرىلاش، باھالاش، گۇمانىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، تەرجىمە مەھكىمىسى بىر نەچچە يۈز پارچە پەننى ئەسەرنى ئەرب تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، گېرىك تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپە، تېبابەت، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ئەسەرلىرى 100 پارچىدىن ئارتۇق؛ پارس تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان تارىخ، تىل، ئەدەبىي ئەسەرلىرى 20 دىن كۆپ، ھىندى سانسىكىرىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان تېبابەت، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ئەسەرلىرى تەخمىنەن 30 پارچە، نابىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك جەھەتتىكى ئەسەرلەر تەخمىنەن 20 پارچە بولۇپ، قەدىمكى سۈرىيە تىلى، ھېبىرىۋ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكىغا دائىر ئەسەرلەرمۇ بىر قانچە ئون پارچىگە يەتكەن. تەرجىمە مەھكىمىسىدە ئەڭ ئاتاقلىق ئىككى تەرجىمىشۇناس بولۇپ، بىرسى تەرجىمە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نېستورىيان دىنى مۇرىتى ھۈنەيىن.ئىبنى.ئىسھاق (809-873)، يەنە بىرسى سابىت.ئىبنى.قۇرەي (836-901) ئىدى.ھۈنەيىن نۇرغۇن يۇنان قەدىمكى كىتابلىرىنى ئەرەبچىگە ۋە سۈرىيە تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئارىستوتىلنىڭ نەچچە ئون پارچە ئەسىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇ يالغۇز ئۆزى تەرجىمە قىلغان ئىدى. سابىت بولسا ئاساسەن يۇنان ماتېماتىكىسى ۋە ئاسترونومىيە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. ئومۇمەن ئابباسىلار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تەرجىمە قىلىنغان يۇنان كلاسسىك دەستۇرلىرىدىن ئارىستوتىلنىڭ «قورال ئىلمي» ئىچىدىكى لوگىكىلىق ئەسەرلىرى «كاتىگورىيە»، «مۇنازىرىلىشىش ھەققىدە»، «ئىزاھلاش توغرىسىدا»، «سەپسەتىگە رەددىيە» قاتارلىقلار، ئەپىلاتوننىڭ «سىياسىشۇناسلىق ھەققىدە»، «قانۇن توغرىسىدا»، «غايىۋىي دۆلەت»، «ئەقىل توغرىسىدا»، «مۇنازىرە يېشىمى قىسمى» قاتارلىقلار، گايرونىنىڭ «ئاناتومىيە» (7 جىلد)، «كىچىك تېخنىكا» قاتارلىق بارلىق تېبابەت ئەسەرلىرى، ھىپپوگرات ۋە پائولنىڭ كۆپ قىسىم تىببى كىتابلىرى، پىتولمىنىڭ «ئاسترونومىيە توپلامى»، «تۆت توپلام»، «جۇغراپىيە»، «ئوپتىكا» قاتارلىقلار، ئاپوللو نىروسنىڭ «كونۇس ئەگرى سىزىقى»، «چەكلىك چەكسىز سانلار» قاتارلىقلار، ئىۋكىلىدنىڭ «گىئومىتېرىيە ئاساسلىرى»، «سانلىق ئاساسلار»، «ھادىسە»، «ئوپتىكا» قاتارلىقلار، ئارخىمىدنىڭ «شار ۋە سېلىندىر توغرىسىدا»، «چەمبەرنى ئۆلچەپ بېكىتىش»، «تۈز تەكشى تاختىنىڭ مۇۋازىتى توغرىسىدا»، «لەيلىمە جىسىم توغرىسىدا»، «ئاكسىيوما» قاتارلىقلار، بىداگىلاسنىڭ «ئالتۇن ھىممەتلىك سۆزلەر» ھەمدە مۇزىكىغا ئائىت ئىلمي ماقالىلىرى بار ئىدى. ئالىملار بۇ قەدىمىي كىتابلارنى تۈزىتىپ، تولۇقلاپ، كۆپلىگەن شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى ئېلىپ قىلىش، ساختىسىنى تاشلاپ ھەقىقىسىنى ئېلىپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
پىرىسىيە يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت بولۇپ، پارسلار ئابباسىلارنىڭ ئەرەب ئىمپىرىيىسىنى تارتىۋېلىشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شۇڭلاشقا ئابباسىلارنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى خەلىپىلەر پارس مەدەنىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىملارنىڭ پارس قەدىمىي دەستۇرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن. ئەينى چاغدا، ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان پارسلارنىڭ قەدىمىي كىتابلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. مەسىلەن: «پىرىسىيە خانلىرى خاتىرىسى»، «پىرىسىيە خانلىرى تارىخى»، «ئەيىننامە»، «خان تاجى»، «كەلىلە ۋەدىمىنە»، «ھىزار ئەپسانىلىرى» قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدىكى «پارس خانلىرى خاتىرىسى» دە پارس خان پادىشاھلىرىنىڭ گۈللىنىش-زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخلىرى بايان قىلىنغان. ئاتاقلىق مۇسۇلمان تارىخشۇناس تەبەرى (838-923) نىڭ ئەسىرى «پەيغەمبەرلەر ۋە خان-پادىشاھلار تارىخى» ئىچىدىكى پارس ساسانىلار سۇلالىسىگە ئائىت قىسمەن تارىخى ماتېرىياللار دەل ئاشۇ كىتابتىن ئېلىنغان. «ئەيىننامە» پارسلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كىتاب بولۇپ، مىڭ بەتتىن ئارتۇق ئىكەن. «كەلىلە ۋە دىمىنە» نىڭ يەنە بىر ئىسمى «ھىندى مەسەللىرى»، بۇ داڭلىق بالىلار ھىكايىلىرى كىتابى. «ھىزار ئەپسانىلىرى» بولسا «مىڭبىر كېچە» كىتابىنىڭ خېمىر تۇرۇچىدۇر.
ئىسلام مەدەنىيىتىگە پارس مەدەنىيىتىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن روشەن، گەرچە كۆپ ساندىكى پارسلار ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان زورۇئاستېر دىنى، مانى دىنى، مازداك دىنلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. مەسىلەن: پارس شىئە مەزھىپىنىڭ بەزىبىر تارماق مەزھەپلىرىنىڭ ئەلىگە بولغان غايىۋىلاشتۇرۇش ۋە چوقۇنۇشلىرى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن. ئەلۋەتتە، پارسلار ئىچىدىمۇ زور بىر تۈركۈم بىلىملىك ئالىم، شائىرلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئەرەب تىلى ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن پارسچە تېرمىنلار بار.
مۇسۇلمانلار يۇنان مەدەنىيىتى ۋە پارس مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلىكتە، قەدىمىي ھىندى مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇمەييە دەۋرىدىكى خەلىپە ۋالىدⅠ (705-715) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا، چوڭ سەركەردە قاسىمنى ھىندىستاننى فەتىھ قىلىشقا ئەۋەتكەن. 709- يىلى سىند قاتارلىق جايلار ئىشغال قىلىنىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسىملىرى خەلىپە ئىمپىرىيىسىنىڭ تىرىتورىيىسىگە قوشۇلغان. شۇندىن تارتىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلار ئارىسىدا زىچ ئالاقە ۋە باردى-كەلدى مۇناسىۋەت بارلىققا كەلگەن. ئابباسىلار دەۋرىدىكى خەلىپە مەنسۇر 770- يىلىدىن 771- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغان. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدىكى ئىلمي نۇجۇم ۋە ماتېماتىكىغا پىششىق بىر ئالىم، ھىندىستانلىق ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم بەلخ مۇقاتىنىڭ بىر ئاسترونومىيىگە ئائىت كىتابىنى ئالغاچ كەلگەن. مەنسۇر خەلىپە بۇ كىتابقا ئىنتايىن قىزىقىپ، ھېلىقى ئالىمنى بۇ كىتابتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى يېزىپ چىقىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەينى چاغدا ئاسمان ھادىسىلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل فەززالنى (تەخمىنەن 796- يىلى ۋاپات بولغان)، بۇ كىتابنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. كىتابنىڭ ئىسمىنى «سىندىباد» دەپ ئاتىغان. بۇ كىتابتا سەييارىلەرنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن، يۇنانلىق تولېمى بىلەن ئىۋكىلىدنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ ئىككى پەنگە قارىتا ئىنتايىن چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئىلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە بۇتانىي، بىرونى، خارازىمىي قاتارلىق ئاسترونوم ۋە ماتېماتىكلار مەيدانغا كەلگەن. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان «ئەرەب رەقىمى» (0،1،2،3،4،5،6،7،8،9 ) نى ئەسلىدە ھىندىلار ئىجاد قىلغان. بۇ سانلارنى ئەرەبلەر ھىندىستاندىن قوبۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ، ئاندىن كېيىن ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بۇ سانلارنى ياۋروپاغا تارقاتقان. شۇڭا ئەرەبلەر بۇ سانلارنى «ھىندى رەقىمى» دېسە، ياۋروپالىقلار «ئەرەب رەقىمى» دەپ ئاتايدۇ. تېبابەتچىلىك جەھەتتە، مۇسۇلمانلار ھىندىستاننىڭ «سۇسرودۇ» ۋە «رۇججا توپلىمى» دېگەن مۇھىم تېبابەت كىتابىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. ئەينى چاغدا، ھىندىستانلىق دوختۇرلار باغداد قاتارلىق جايلاردا كېسەل داۋالاپ، زور ئابروي قازانغان. ئەدەبىيات جەھەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بەك ئۇچرىغان تەرەپلىرى، مەسەل ۋە ھىكايىلەردە كۆرۈلىدۇ.مەسىلەن: داڭلىق «كەلىلە ۋە دىمىنە»، «سىندىبادنىڭ ساياھىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام :«بىلىم، يىراق چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار» دېگەن. بۇ مەشھۇر «ھەدىس» ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارغا چوڭقۇر مەدەت بېرىپ كەلگەن. جۇڭگو 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە دۆلەت. جۇڭگو بىلەن خەلىپە دۆلىتىنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، مۇسۇلمانلار جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ كېتەلمىگەن. ئەمما ئۇلار ھەر خىل ئامال-چارىلەرنى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېسىل مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ تۆت چوڭ كەشپىياتنى ۋەكىل قىلغان جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ كىرگۈزىلىشى، ئالىملارنىڭ ھەر خىل خىزمەتلىرىگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەرەب ئىسلام ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى، ئابباسىلار دەۋرىدىكى پەن مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك. «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەر بۇ دەۋردىكى پەن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەچكە، ئۇلار كىشىلەرگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولغان. سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئالغا بېسىشى، مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئوبىكتىپ تەلىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئالىملارنىمۇ ئىلمي تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. خەلىپە دۆلىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قىتئەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقاندەك ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى چېگرا ئىچىدىكى ھەر خىل مىللەتلەرنى ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق مەدەنىيەتلەرنى ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، ئارتۇقچىلىق-يىتەرسىزلىكلىرىنى ئۆز-ئارا تولۇقلاشتەك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن. مۇشۇ ئۈچ تەرەپتىكى ئامىللار ھازىرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئابباسىلار دەۋرىدىكى پەن مەدەنىيەت تەدرىجىي ھالدا گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلىيالىغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top