ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » رامزان ئېيى ياخشىلىق ئېيىدۇر

رامزان ئېيى ياخشىلىق ئېيىدۇر

رامزان ئېيى ئايلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: رامزان ئېيىنى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنمىغان ھالدا چىقىرىۋەتكەن كىشى خارۇ زار بولسۇن! (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

بۇ ئايدا شەيتانلارغا كېشەن سېلىنىدۇ، ئەتراپنى ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان تىلاۋەتلىرى قاپلىغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە نەپسنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان، ئۇ رازى بولىدىغان ئىشلارغا يۈزلەندۈرۈش ئاسانغا توختايدۇ. مانا بۇ ئىماننى ئويغۇتۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاستىلەردىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرىمىزنىڭ بۇ ئاينىڭ ھەربىر دەقىقىلىرى ۋە ھەربىر لەھزىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇئەييەن پىلان تۈزۈشى ۋە بۇ ئاي ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق كۆرىشى ئىنتايىن مۇھىم.

ھەج ۋە ئۆمرە ئارىسىنى جەملەش

شارائىتىمىز ۋە ھال-ئەھۋالىمىز يار بەرسىلا ئاللاھنىڭ بەيتىنى ساياھەت نىشانىمىز قىلايلى! چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەج بىلەن ئۆمرىنى تەڭ ئادا قىلىڭلار! چۈنكى ئىككىسىنى تەڭ ئادا قىلىش كەمبەغەللىكتىن ساقلايدۇ ۋە گۇناھلارنى خۇددى تۆمۈرچىنىڭ كۆيىكى تۆمۈرنىڭ كىرىنى كەتكۈزۈۋەتكەندەك كەتكۈزۈۋېتىدۇ.(ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)

خەيرلىك ئىشلار مەۋسىمىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى

ئاخىردا قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز شۇكى، ياخشىلىق مەۋسىملىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بار بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ئاساسەن ئۇنىڭ قەلبنى ئويغىتىش، ئۇنىڭغا ھاياتلىق بىرىش ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرەپكە يول ئالدۇرشتىكى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشىدا گەۋدىلەنگەن. بۇ ئايلاردا ئىمان كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان دەرىجىدە كۈچىيىدۇ، نەپس ئىتائەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشقا ئادەتلىنىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۇن قولىمىزدىكى بۇ پۇرسەتنى ئەسلا قولدىن بەرمەسلىكىمىز لازىم.

روزا تۇتۇش

يۇقىرىقى بابلاردا مۇئمىن كىشىنى ئەمەل قىلىشقا ئۈندىگۈچى ئامىلنىڭ ئىمان ياكى ھاۋايى-ھەۋەس بولىدىغانلىقىنى، ئىمانىمىزنى سەگەك تۇتۇش ئۈچۈن ئىمانىمىزنىڭ قۇۋۋىتىنى نەپسىمىزدىكى ھاۋايى-ھەۋەسنى بېسىپ چۈشىدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئەمەللىرىمىزنىڭ ئىمانىمىزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق.

شۇنداقلا يەنە ئىمان تارازىسىنى ئېغىرلىتىدىغان ۋاستە-تەدبىرلەر توغرىسدا مۇلاھىزىلەرنى يۈرۈتتۇق. ئەمدىكى تېما روزا تۇتۇش ھەققىدە بولۇپ، روزا ئىبادىتى نەپسنى پاكلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى تارتىپ چىقىرىش جەھەتلەردە تەسىرى كۈچلۈك ئىبادەتتۇر. بۇ ئارقىلىق ئىماننى كۈچەيتىش ئىشى ئىشقا ئاشىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ ئىدى: ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بەقەرە سۈرىسى 183 ئايەت)

روزا ئىبادىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ئاللاھ يولىنى زېمىنىدا قارار قىلىشى، تەننىڭ بارلىق جىددى ئېھتىياجلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر ۋە تېكەنلەر بىلەن تولغان يولنىڭ مۇشەققەتلىرىگە بەرداشلىق بىرىشى ۋە ئەتراپىنى قاماپ تۇرغان نەپس رىغبەتلىرى ۋە شەھۋەتلىرىنى يېڭىشى ئۈچۈن ھازىرلىقتۇر.

چۈنكى روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدىغان ۋە بوي بەرمەس ھاۋايى-ھەۋەسنى بوي ئەگدۈرىدىغان ئىبادەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۈيۈكىدۇر. شۇڭلاشقا روزا تەڭداشسىز ئىبادەت دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتقىن، ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئىبادەت يوقتۇر. (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)

روزا خاتارلىقلارغا كاپارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، مال-مۈلكى، نەپسى، پەرزەنتى ۋە قوشنىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەققىدە خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ روزا تۇتقىنى، ناماز ئوقۇغىنى، خەير-ئېھسان قىلغىنى ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقىنى خاتالىقلىرى ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

روزا تۇتقۇچىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت يوللىشى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىنىڭ ئۆزى بۇ ئىبادەتنىڭ شەرىپىنىڭ بۈيۈكلىكىگە يېتەرلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سەھەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ روزا تۇتقۇچىلارغا ئاللاھ رەھمەت يوللايدۇ ۋە پەرىشتىلەر مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. (ئىمام ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان)

شۇنىڭدەك، روزا ئىبادىتى دوزاختىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتىدىكەن. ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەم بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدا بىر خەندەكنى پەيدا قىلىدىكەنكى، ئۇ خەندەكنىڭ كەڭلىكى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدەك كېلىدۇ. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

شۇنداقلا جەننەتتىكى رەيھان ناملىق ئىشكتىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلارلا كىرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار تولۇق كىرىپ بولغاندا ئۇ ئىشك تاقىۋېتىلىدۇ.

توقلۇقنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىرى

مىقداد ئىبنى مەدىيكەرەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئادەم بالىسىنىڭ قورسىقىدىنمۇ يامانراق توشقۇزىدىغان قاچا يوق. ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك بىر قانچە لوقما كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك يېمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالسا، قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن. (ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ كېكىرگەن ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېدى: تاماقنى ئاز يېگىن، دۇنيادا كۆپلىگەن تويۇپ يېگەنلەر قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاچ قالىدىغانلاردۇر. (شەيخ ئەلبانىي، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، 1 -توم، 343 نۇمۇرلۇق ھەدىس)

شەيخ ھۇلەيمى مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق ھالال تائامنى تويغۇچە يەۋالماسلىق كىرەك. چۈنكى تويۇپ يېيىش بەدەننى ئۇيقۇغا موھتاج قىلىپ، ئىبادەتتىن توسۇپ قويىدۇ. تائامنى ئاچلىقنى باستۇرغىدەك مىقداردا يېيىش، يېگەندىمۇ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشتا بەدەنگە كۈچ بولسۇن ئۈچۈن دەپ يېيىش لازىم.

ئاچلىقنىڭ پايدىسى ۋە توقلۇقنىڭ زىيىنى

ئىمام ئەلغەززالىي ئىھيائ ئۇلۇمۇددىن ئەسىرىدە ئاچلىقنىڭ پايدىلىرى ۋە توقلۇقنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە ئۇزۇن توختالغان بولۇپ، بىز بۇلاردىن تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى، ئاچلىق قەلبنى ساپلاشلاشتۇرىدۇ، زېھىننى ئاچىدۇ ۋە پاراسەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

چۈنكى توقلۇق دۆتلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۈرەكنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. بەلكى كىچىك بالىمۇ كۆپ يەۋەتسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوقاپ، زېھنى بۇلغىنىدۇ ۋە چۈشۈنۈش ۋە ئىدراك قىلىش قابىلىيتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىدى: ئوغلۇم! ئاشقازان تويسا، تەپەككۇر ئۇخلايدۇ. ھېكمەت-پاراسەت گاللىشىپ، ئەزالار ئىبادەت قىلىشتىن يالتىيدۇ.

ئىككىنچى، قەلبنى يۇمشىتىپ، سۈزۈكلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قەلبنىڭ قەتئىيلىكى كۈچىيىپ زېكىرنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرىدۇ. ھوزۇرى قەلب بىلەن تىلدا ساناقسىز زېكىرلەر ئېيتىلىدۇ-يۇ، ئەمما قەلب بۇنىڭدىن لەززەت ئالالمايدۇ ۋە قەلبىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن گويا ئۆزى بىلەن زىكىر ئارىسىدا پەردە باردەك ھېس قىلىپ زىكىردىن كېلىدىغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. جۇنەيد ئەلبەغدادى شۇنداق ئېيتقان: ئۇلار ئۆزى بىلەن يۈرىكى ئارىسىدا بىر خالتا تائام ئېسىپ قويۇلغاندەك بولۇپ كېتەتتى-دە، مۇناجاتلىرىنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

ئۈچىنچى، ئاچلىق تۈپەيلى كىبىرى سۇنۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان بولىدۇ. ھەددىدىن ئىشىش ۋە ئاللاھدىن غاپىل يۈرۈشنىڭ ئاساسى بولغان ئۆز بېشىمچىلىق، ھوزۇر ھالاۋەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق قاتارلىقلار يوقاپ، نەپسكە بوي بەرمەس بولىدۇ ۋە ھېچ نەرسىگە ئاچلىققا تەن بەرگىنىدەك تەن بەرمەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ رەببىغا تەسلىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ھالدا تۇرىدۇ.

تۆتىنچى، ئاچلىق گۇناھ-مەئسىيەت شەھۋەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، يامانلىققا بۇيرىغۇچى نەپسنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ. مانا بۇ، ئاچلىقنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىلىرىدىندۇر.

گۇناھ-مەئسىيەتلەر، شەھۋەت قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئاساسى مەنبەسى ۋە كېلىش جايى يېمەك-ئېچمەكتۇر. يېمەك-ئېچمەك ئازلىغانسېرى شەھۋەت قۇۋۋىتىمۇ ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. جىمى بەخت-سائادەتلەر كىشىنىڭ ئۆز نەپسىنى كونتىروللىقىغا ئېلىشى ۋە نەپسىنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولىۋېلىشىغا رەھىمسىزلەرچە تاقابىل تۇرۇشىدىن كەلگەندۇر. شۇڭلاشقا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان تۇنجى بىدئەت توقلۇق بولدى. كىشىلەر قورسىقى تويغانسېرى نەپسىلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاتىۋېتىشتى.

ئاچلىقنىڭ ئەقەللىي پايدىسى شۇكى، ئۇ جىنسىي شەھۋەتنى ۋە ئېغىز شەھۋەتلىرىنى بېسىقتۇرىدۇ. چۈنكى قورسىقى ئاچ كىشىنى شەھۋەتمۇ، ئارتۇق گەپ-سۆزلەرمۇ گەپكە كىرگۈزەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەيۋەت-شىكايەت، يامان گەپ-سۆز، يالغانچىلىق، تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق تىلدىن كېلىدىغان ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئاچلىق يۇقىرىقىدەك گۇناھلارنىڭ ھەممىسىدىن توسۇپ قالغۇچىدۇر.

جىنسىي شەھۋەتكە كەلسەك، ئۇنىڭ كۈتۈلمىگەن ئازدۇرۇشلىرىدىن قېچىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاچلىق ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلاپ قېلىشتا يېتەرلىكتۇر.

كىشى توقلۇق ئېچىدە يۈرسە، ئەۋرىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنى تەقۋالىقى چەكلەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، كۆزىنى باشقۇرالماي قالىدۇ. كۆزمۇ خۇددى ئەۋرەت زىنا قىلغاندەك زىنا قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كۆزىنى ھارامدىن ساقلىيالىدى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ئويلاشتىن ئۆزىنى توختىتالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەرخىل بولمىغۇر خىياللار كىرىۋالىدۇ. نەپسنىڭ شەھۋەت كەلتۈرىدىغان نەرسىلەرنى خىيال قىلىشى بەندىنىڭ مۇناجاتىنى بۇلغاشقا سەۋەبچى بولىدۇ. بەزىدە نەپس ئاشۇنداق بولمىغۇر خىياللارنى ناماز ئىچىدىمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە سېلىپ ئاۋارە قېلىشى مۇمكىن.

بەشىنچى، ئۇيقۇ قاچۇرىدۇ. تويغان كىشىنىڭ ۋە تويۇپ يەپ-ئىچىپ كۆنگەن كىشىنىڭ ئۇيقۇسىمۇ ئېغىر بولىدۇ. كۆپ ئۇخلاش ئۆمۇرنى زايە قىلىۋېتىدۇ، تەھەججۇتنى قولدىن كەتكۈزىدۇ، زېھىننى دۆتلەشتۈرۈپ، قەلبنى قاساۋەتلەشتۈرۋېتىدۇ. ئۆمۈر جەۋھەرلەر ئېچىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر. بەندىنىڭ سەرمايىسى ئۆمۈردۇر. بەندە ئۆمۈر بولغاچقا ئېلىم بىرىم قىلالايدۇ. ئۇيقۇ بولسا ئۆلۈمدۇر. ئۇيقۇنىڭ كۆپ بولۇشى بىر تەرەپتىن ئۆمۈرنى قىسقارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەھەججۇت نامازىنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قويىدۇ. ئۇيقۇدا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيانلار بار.

ئالتىنچى، ئاز يېيىش بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. كېسەل بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى كۆپ يېيىشتۇر. يەنە كېلىپ كېسەل ئادەمنى ئىبادەتتىن قويىدۇ. قەلبنى تەشۋىشكە سېلىپ زىكىر قىلىشتىن ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن چەكلەپ قويىدۇ. تۇرمۇشنى كۆڭۈلسىزلەشتۈرۈپ، كىشىنى دورا يېيىشكە ۋە دوختۇرغا موھتاج قىلىدۇ. تاماقنى ئاز يېيىشتە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى، كىرىمنى ئازايتىدۇ. چۈنكى ئاز يەپ كۆنگەن كىشىگە ئېھتىياجدىن چىققۇدەك پۇل-پۈچەك كۇپايە قىلىدۇ. تويغۇچە يەپ كۆنگەن كىشى داۋاملىق قورساق غېمىدە يۈرىدۇ. (ئىھيائ ئۇلۇمۇددىن، 3- توم، 134-بەتتىن 140 بەتكىچە)

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىركۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ ئىدى: قورساقنى تويدۇرۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى بەك تويۇپ يېيىش نامازغا ھورۇن قىلىپ قويىدۇ. تەنگە ئاغىرىق ئېلىپ كېلىدۇ. نۇرمال قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار! چۈنكى ئۇ كىبىردىن يېراق قىلىدۇ، بەدەننى ساغلام قىلىدۇ ۋە ئىبادەتكە قۇۋۋەت قوشىدۇ. كىشى شەھۋىتىنى دىنىدىن ئەلا بىلمىگەنلا بولسا، ھەرگىز ھالاك بولمايدۇ.

فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: ئىككى ئىش قەلبنى قاساۋەتلەشتۈرۋېتىدۇ. ئۇلار كۆپ گەپ قىلىش ۋە كۆپ يېيىشتۇر.

لوقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىكەن: ئوغلۇم، نېمە يېسەڭ تويۇپ يېمىگىن! تاماقنىڭ قالغىنىنى ئۆزۈڭ يەۋەتكىنىڭدىن ئىتقا تاشلاپ بەرگىنىڭ ياخشى.

ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قورسىقىنى تىزگىنلىگەن كىشىنىڭ دىنى ۋە گۈزەل ئەخلاقى كامىل بولىدۇ. قورسىقى تەرىپىدىن دىنىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى، ئابىدلار ئارىسىدىكى ئەمادۇر.

يېمەك-ئېچمەكتە ئوتتۇراھاللىق چېكى

ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: زاھىدلار ئارىسىدا ئاز يېيىشتە ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىشتە زىيادە ئاشۇرۋەتكەنلەر بار. يېمەكتىكى ئوتتۇراھاللىق چېكى تاماققا ئازىراق ئىشتاھا ئاشۇرۇپ قويۇشتۇر. ئەڭ گۈزەل ئوتتۇراھال چەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن ۋە ئۈچتىن بىرىنى نەپەسلىنىشى ئۈچۈن بوش قويسۇن دېگەن سۆزىدۇر.

نورمال تاماق يېيىش بەدەننى ساغلام قىلىدۇ ۋە كېسەلنى يوقىتىدۇ. نورمال يېيىش دېگىنىمىز تاماققا ئىشتىھاسى بار تۇرۇپ يېيىشتىن توختىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ناھايىتى ئاز يېيىشكە ئادەتلىنىش قۇۋۋەتنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، بەزىلەر تامىقى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن ئاجىزلاپ، پەرز نامازلارنىلا ئادا قىلالايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە بۇ نادانلىقىنى پەزىلەتلىك ئەمەل دەپ ئويلاپ قىلىشتۇر. ھالبۇكى، ئىش ئۇنداق ئەمەس. نۆۋەتتە ئاچلىقنى ماختاۋاتقانلار بولسا، بىز تىلغا ئالغان ئاشۇ نورمال ھالەتنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ مەدھىيەلىگەندۇر.

قورساقنىڭ شەھۋىتىنى بېسىقتۇرۇشتۇرۇش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئادەتتە تويۇپ يەپ كۆنۈپ قالغانلارنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرىجى ھالدا تامىقىنى ئازايتىپ نورمال چەككە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر. ئەڭ ياخشىسى ئىبادەتتىن مەھرۇم قىلمايدىغان ئۆلچەمدە يېگەن تۈزۈك. بۇنىڭدا بەدەنمۇ ساغلام بولىدۇ، ھىممەتمۇ كۈچىيىدۇ ۋە تەپەككۇرمۇ سۈزۈكلىشىدۇ. كۆپ يەيدىغانلار كۆپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە زېھنى داتلىشىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا ھورنىڭ دىماغ قىسمىغا كۆپرەك جايلىشىۋالغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ تەپەككۇر مەركىزىنى، ئەسكە ئېلىپ خاتىرلەيدىغان ئورنىنى توسىۋالىدۇ ۋە نىھايەت ھەرخىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يولنىڭ ياخشىسى رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدۇر

ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپسىنىڭ ھەققىنى بىرىشتە ئوتتۇراھال ئىدى ۋە ئۆزىگە ناھايىتى ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى. بىر كۈن روزا تۇتسا، بىر كۈن ئېغىزى ئوچۇق يۈرەتتى. كېچىلىرى قىيامدا تۇراتتى، ھەم ئۇخلايتتى، خوتۇنمۇ ئالاتتى. تاتلىق تۈرمە، ھەسەل، توخۇ گلاشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش پاك يېمەكلىكلەرنى يەيتتى. بەزىدە ئاچ قېلىپ قورسىقىغا تاش تېڭىۋالغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ مۇنداق دەيتتى: ماڭا رەببىم مەككىنىڭ سايلىقىنى ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇپ بەرمەكچى بولدى، ئەمما مەن: ئى رەببىم، ئۇنداق قىلمىغىن! مەن بىر كۈن ئاچ قالسام، بىر كۈن توق يۈرسەم كۇپايە. ئاچ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ساڭا تېخىمۇ يۈزلىنىپ سېنى ياد ئېتىمەن. تويغان ۋاقىتلىرىمدا بولسا، ساڭا ھەمدە ئېيتىمەن ۋە بەرگىنىڭگە شۈكرى قىلىمەن. پەيغەمبەر مانا مۇشۇنداق ئەلەيھىسسالام شۈكرى، سەبىر ۋە رازىلىق ماقاملىرى ئارىسىنى جەملەش يۈزىسىدىن ئۆزىگە ئەڭ ياخشى بولغاننى تاللىغان ئىدى.

خۇلاسە شۇكى، نەپس ھەمىشە ھەددىن ئېشىپ تۇرىدۇ، ئۇ تويغانسېرى زېمىنغا ئۆزىنى خوجايىن سانايدۇ. ئۇنىڭ بۇ نىزامىنى ئاچلىق قورالىدىنمۇ بەكرەك بۇزالايدىغان كۈچلۈك قورال يوقتۇر. بىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئالىملىرىمىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىدەك، ئاشۇ ئەيىبلەنگۈچى توقلۇق دەرىجىسىگە بېرىۋالماسلىقىمىز ۋە نەپسىمىزنى يەنىمۇ ھەسسىلەپ كونتروللۇق ئىچىدە تۇتىشىمىز ئۈچۈن ئاچلىق قورالىنى ھەر ۋاقىت ئىشقا سېلىپ تۇرىشىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى ئۈزمەي داۋام قىلىش مۇستەھەب ئەمەل سۈپىتىدە شەرىئەتلەنگەن بولۇپ، خۇددى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغىنىدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتۇشنى قولدىن بەرمەيتتى.

بۇ ئىككى كۈندە ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلى روزا تۇتۇش ئىمكانىيتىنى تاپالمىغانلار بولسا، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، خۇددى بىر ئاي ئۈزمەي تولۇق روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىمۇ ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقان ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. مەسىلەن، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملار ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەيدۇلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ماڭا ھەبىبىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ۋاپات بولغىنىمغا قەدەر تەرك ئەتمەسلىكىمنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلار: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ۋىتىر ئوقۇپ ئۇخلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

مانا بۇ مۇبارەك كۈنلەرنى قولدىن بەرمەسلىك بىلەن بىرگە ئەرەفات كۈنىدە، مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرىدە ۋە شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنىدە، شۇنداقلا شەئبان ئېيىدا ۋە زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدىمۇ روزا تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، ئەلۋەتتە!

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش