ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى
ئابباسىلار سۇلالىسى (750-1258)
1. سۇلالىنىڭ قۇرۇلۇشى
مىلادىي 750- يىلى، ئابباسىلار پەيغەمبەر جەمەتىدىن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارس ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋېلىپ، ئۇمەييەلەر ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ئابباسىلار سۇلالىسىنى قۇردى. ئۇلارنىڭ بايرىقى قارا رەڭلىك بولغاچقا، جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئۇلار «قارا كىيىملىك ئەرەبلەر» دەپ ئاتالغان. ئابباسىلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزىنى سۈرىيەدىن ئىراققا يۆتكەپ، دەسلەپتە كۇفەنى پايتەخت قىلغان. 762- يىلى، مەنسۇر يېڭى پايتەخت باغدادنى قۇرۇشقا باشلىغان. كېيىنكى بەش ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، باغداد ئىزچىل تۈردە ئىمپىرىيەنىڭ پايتەختى بولغان.
ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى قارا خەلىپىسى ئەبۇ.ئابباس (مىلادىيە 702-754 يىللار) ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە ئېتىقادىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئىمپىرىيەنى مۇقەددەس دىنىي كەيپىيات ئىچىگە چۆمدۈرىۋەتتى. ھەر قېتىملىق چوڭ بايرام ۋە جۈمە نامىزى كۈنى، ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر كىيگەن توننى كېيىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ بۈيۈك ۋە قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلاتتى. ئۇ بىر تۈركۈم فەقىھلەرنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، ئومۇمەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان. مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇ كەڭ ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ھاكىمىيەت قانۇنلۇق ھالدا پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئابباسىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، بۇ خىل ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى مەڭگۈ داۋاملىشىپ، ياكى ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانى قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا تاپشۇرۇپ بەرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، يۈكسەك تەشكىلچانلىققا ئىگە تەشۋىقات ئورگىنى ئارقىلىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، ئۇمەييەلەرنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈردى. ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇ داۋاملىق تۈردە بۇ تەشۋىقات ئورگىنىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ئەبۇ.ھاشىمنىڭ «ۋەسىيىتى» گە ئاساسەن، قانۇنلۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ساختا «ھەدىس» پەيدا قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇرۇن ھاكىمىيەت ھامان ئابباسىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدۇ، دېگەن، دەپ ئەلىنى:«بۇنىڭغا قايغۇرۇپ كەتمە» دەپ تەسەللى بەرگەن. ئۇ يەنە ئۆزى ساختىلىق بىلەن پەيدا قىلغان «نەزىرىيە» سىنى بازارغا سېلىپ، ئەگەردە ئابباسىلار ھاكىمىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، دۇنيا تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ ۋەھاكازالار، دېگەن.
ئابباسنى ھەقىقى ئېتىبارغا ئېرىشتۈرگىنى يەنىلا قورال كۈچىدۇر. ئۇ ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى بىلەن تارتىۋالغان. ئەلۋەتتە، ئۇ يەنە ھاكىمىيەتنى قورال كۈچىگە تايىنىپ قوغداشنى ئۈمىد قىلاتتى. 749- يىلى، ئۇ كۇفەدىكى چوڭ مەسچىتتە خوتبە ئوقۇۋاتقاندا، ئۆزىنى «سافاخ» (قاسساپ) دەپ ئاتىغان. كېيىن «سافاخ» ئۇنىڭ لەقىمىگە ئايلىنىپ قالغان. سافاخ ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئوت-خەسنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، دەھشەتلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇمەييە نەسەبىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتقان. 750- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۇمەييەلەردىن 80 ئادەم تەكلىپ بىلەن يافانىڭ ئەتراپىدىكى بىر دەريا بويىغا زىياپەتكە بارىدۇ. زىياپەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلۈپ، كاللىسىدىن ئايرىلىدۇ. ئارقىدىن، سافاخ يەنە ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر قايسى جايلاردا يۈرگەن ئۇمەييەنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئابدۇراخمان.ئىبنى.مۇئاۋىيە دېگەن بىر ياش (يەنى كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسىدىكى ئابدۇراخمان Ⅰ) ئوڭۇشلۇق قېچىپ چىقىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ، ئىسپانىيىگە بېرىپ، مۇۋەپەققىيەتلىك ھالدا يېڭى ئۇمەييەلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سافاخ يەنە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشىغا ياردەم بەرگەن ۋە ئىتتىپاقداش بولغان گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. شۇڭلاشقا ئابباسىلار ھاكىمىيىتى باشلىنىشىدىنلا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا، ئوممان، سېند، خۇراسان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يېڭى خەلىپىنى ئېتىراپ قىلمىغان. مىسىردىمۇ ئاتاقتا ئېتىراپ قىلغانلار ئەمەلىي ئېتىراپ قىلغانلاردىن كۆپ بولغان. ئۇمەييەلەر ئىراقنىڭ پايتەختى ۋاسدۇي شەھرىدە ئابباسىلارغا 11 ئاي قارشىلىق كۆرسەتكەن. سۈرىيە ھەرخىل ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن باشتىن-ئاخىرغىچە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرغان. ئەسلىدە ئابباسىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ئەلى گورۇھى، ئابباسىلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزلىرىنىڭ خام-خىيالىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى سەزگەن. شۇندىن تارتىپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلمىگەن خەلىپىلىك ئورنىنىڭ گېپى ئىسلام دىنى بىلەن بىر يەردىن چىقالمىدى. بۇ، ئابباسىلار ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇمەييە ھاكىمىتىنىڭ ئەڭ زور پەرقىدۇر.
ئەبۇ.ئابباس پەقەت تۆت يىللا ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى ئەبۇ.جاففار (707-775) خەلىپە بولدى. نامى «مەنسۇر» (دائىم غەلىبە قىلغۇچى) دەپ ئاتالدى.ئۇ ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئابباسىلار سۇلالىسى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 35 قارار خەلىپىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرىدىن بولدى.
ياتلارنى چەتكە قېقىش، تۆھپىكار ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقىتىش، سىياسىي يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى يوقۇتۇش قاتارلىقلار مەنسۇرنىڭ زور مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تاغىسى ئابدۇللا.ئىبنى.ئەلى بىر نەپەر ئاتاقلىق سەركەردە بولۇپ، قوشۇنلىرىنى باشلاپ سابۇ غازىتىدا مەرۋان Ⅱ نى مەغلۇپ قىلغان، ھەمدە ئۇمەييە قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلغان ئىدى. ساباخ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئابدۇللا سۈرىيەگە ۋالى بولغان. مەنسۇر خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا خەلىپىلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇسى بار ئابدۇللا ئىسيان كۆتىرىپ قارشى چىققان. 754- يىلى 11- ئايدا مەنسۇر ئەبۇ.مۇسلىمنى ئەسكەرلىرى بىلەن ئەۋەتىپ نەسبىن ئۇرۇشىدا ئابدۇللانى يېڭىپ، ئۇنى تۈرمىگە تاشلىغان. يەتتە يىلدىن كېيىن، قاماقتىن بوشۇتۇپ، قەستەن شورتاڭلىققا سېلىنغان بىر يېڭى ئۆيگە زور داغدۇغا بىلەن كۆچۈرۈپ قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەنسۇر ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىغا سۇ قويدۇرۇپ، ئۆينى ئۆرۈپ، ئابدۇللانى تامغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن.
ئۇنىڭ ئارقىدىن، بالا-قازا يەنە بىر تۆھپىكار باھادىر ئەبۇ.مۇسلىمنىڭ بېشىغا كەلگەن. خۇراساننىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بولغان ئەبۇ.مۇسلىم ئابرويلۇق، نوپۇزلۇق ھەربى سەركەردە بولۇپ، بۇرۇن ئابباسىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىش ۋە مۇستەھكەملىشىدە زور تۆھپە قوشقان. نەسبىن ئۇرۇشىدا، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خۇراسانغا قايتىش يولىدا، مەنسۇر ئۇنى پايتەختكە چاقىرتىپ، ئىسيان كۆتۈرمەكچى دېگەن گۇمان بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئەبۇ.مۇسلىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ ئۆچىنى ئالىمىز دەپ، خۇراساندا ئىسيان كۆتۈرگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە باستۇرۇلغان.
باستۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ باشلىقى ھەسەننىڭ ئىككى نەۋرىسى مۇھەممەد.ئىبنى.ئابدۇللا (؟-762) ۋە ئىبراھىم (؟-763) لار بار ئىدى. ئۇلار شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. ئابباسىلار ھەقىقى خەۋپنىڭ ئەلى گورۇھىدىكىلەردىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەچكە، ئابباسىلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىنلا، شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ھەم «ھەدىس» چىلەر بىلەن بىرلىشىپ شىئەلەرگە قارشى تۇرغان. شىئە مەزھىپىدىكىلەر يەنىلا مەدىنىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەركىزى قىلغاندىن سىرت، ئىراققا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە لەييى، قوقان، خۇراسان قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ تەسىر دائىرىسى كەڭ ئىدى. مەنسۇر پىلانلىق تۈردە چارە-تەدبىر قوللىنىپ ئەلى گورۇھىدىكىلەرنى يوقاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە ئەلى جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ۋە قولغا ئېلىشقا مەخپى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەلى جەمەتىنىڭ زور تۈركۈمدىكى ئەزالىرىنى تۈرمىلەرگە نەزەر بەند قىلدى. ھەسەننىڭ ئەۋرىسى «پاك دىل» دەپ ئاتالغان مۇھەممەد.بىن.ئابدۇللا ئالدى بىلەن مەدىنىدە ئىسيان كۆتىرىپ، ئابباسىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇردى. ئۇ نەزەر بەند قىلىنغان ئەلى جەمەتى ئەزالىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى ھەمدە چوڭ فەقىھ مالىك.ئەنەسنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن سۇلالىگە سادىق بولۇش ھەققىدە بەرگەن قەسىمىنى ياندۇرۇپ، ئابباسىلار سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزدى. 762- يىلى، ئىسيان مەغلۇپ بولۇپ، مۇھەممەد.بىن.ئابدۇللانىڭ جەسىتى مەدىنىگە ئېسىپ سازايى قىلىندى. ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىئەلەر مۇھەممەد.بىن.ئابدۇللانىڭ ئاكىسى ئىبراھىمنىڭ رەھبەرلىكىدە تەڭ بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك ئىسيان كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇلار بەسىرەنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە پىرىسىيە، سۇشىئەنلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما مۇداپىئەسى بوش قالغان كۈفەگە خېلى ئۇزۇنغىچە ھۇجۇم قىلماي، ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتتى. كېيىن ئۇ كۇفەگە ھۇجۇم قىلغاندا بولسا، مۇھەممەد.بىن.ئابدۇللانىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇپ بولغان مەنسۇر ئاللىقاچان زور قوشۇننى يۆتكەپ تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدى. ئاخىرىدا ئىبراھىم يېڭىلدى. كۇفەنىڭ ئەتراپىدا كاللىسى چېپىلىپ، بېشى خەلىپىنىڭ سارىيىغا ئەۋەتىپ بېرىلدى.
مەنسۇر دەۋرىدە ئىسپانىيە ۋە غەربى-شىمالىي ئافرىقىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن سىرت، ئىمپىرىيىنىڭ زور قىسىم جايلىرى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلدى ھەمدە سىرتقا قارىتا يۈرۈش قىلىش قايتا باشلاندى. ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئەرەب ئىمپىرىيىسى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. بۇ مەزگىلدىكى ئىمپىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ساپ ئەرەبلەرلا بولماي، ئاقسۇڭەكلەرنىڭ ئالى ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئەرەبلەردىن باشقا يەنە ئىنتايىن نۇرغۇن غەيرى ئەرەبلەر بار ئىدى. ساپ ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئاياغلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەب ئاقسۇڭەكلىرى ۋە غەيرى ئەرەب ئاقسۇڭەكلىرى بىرلىشىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش دەسسىگەن ئىدى. بۇ دەۋردە ئەرەب قانداشلىقى ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان، ھەممىنى ھەل قىلىدىغان ئامىل بولماي قالدى. ئىرقى چەتكە قېقىش ۋە ئىرقى كەمسىتىش تەدرىجىي يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئەرەبلەر بىلەن غەيرى ئەرەبلەرنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، ئورتاق ئالغا بېسىشى ئالدى. بۇ نۇقتا مەدەنىيەت جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.
ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىن باغدادقا يۆتكەلگەندىن كېيىن، قەدىمكى شەرقنىڭ ئامىلى بولۇپمۇ پارسلارنىڭ ئامىلى ئىمپىرىيىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. پارسلارنىڭ كەيپىياتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. ئىمپىرىيىنىڭ سىياسىي گەۋدىسى، قائىدە-يوسۇنلىرى پارسچە بولدى. دۆلەت دىنى بولغان ئىسلام دىنى ھۆكۈمەت تىلى بولغان ئەرەب تىلىدىن باشقا، پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تەدرىجىي ھالدا خەلىپە جەمئىيىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭىپ كىردى. ئابباسىلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغىچە پارسلارغا تايانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشتىمۇ پارسلارغا تاياندى. ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىمپىرىيىنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە پارسلارنىڭ نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولدى. بىر قىسىم پارس ئاقسۇڭەكلىرى ئابباسىلار ھۆكۈمىتىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئابباسىلار خان جەمەتى بىلەن پارس ئاقسۇڭەكلىرىنىڭ بىرلەشمە دىكتاتۇرىسىنى شەكىللەندۈردى.
مەنسۇر دەۋرىدە، ئىسلام ھۆكۈمىتى ئىچىدە «ۋەزىر» ئەمىلى بارلىققا كەلدى. بۇ پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىدە بۇرۇندىنلا بار ئەمەل نامى ئىدى. بۇ چاغدا، «خەلىپە» دېگەن ئەمەل ئەرەبلەرنىڭ بۇرۇنقى قەبىلە باشلىقلىق تۈزۈمىگە پۈتۈنلەي ئوخشىماي، بەلكى پىرىسىيە فېئودال دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. خەلىپە ئىچكىرى ئوردىغا بېكىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ۋەزىر باشقۇرىدىغان بولدى. ھۆكۈمەت پارسلاردىن خىزمەتچى ۋە كاتىپ قوبۇل قىلىپ، پارسلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تەجرىبىسىنى قوللاندى. مۇراسىم شەكىللىرىدىمۇ پارسلارنىڭ تازىم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ۋەزىرلىكتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەمەلنى تۇنجى قېتىم پارس خالىد.ئىبنى.بەرمەك ئۈستىگە ئالدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەبۇ.ئابباس بىلەن باردى-كەلدىسى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنى ئىلىمداش قىلىپ ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئېمىتكەنمىش. 752- يىلى، خالىد ئوردىنىڭ مالىيىسىنى باشقۇرغان ھەمدە تەبەرىستان ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. مەھدى (775-785) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوغلى ھارۇننى تەربىيلەشنى خالىدنىڭ ئوغلى يەھياغا تاپشۇرغان. ھارۇن ئاكىسى ھادىنىڭ (786-785 يىللىرى تەختكە ئولتۇرغان) ئورنىغا تەختكە چىققاندىن كېيىن، يەھيانى ئىنتايىن ھۆرمەتلەپ ئۇنى «ئاتا» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپ، چەكسىز ھوقۇق بەرگەن. 786- يىلىدىن 803- يىلغا قەدەر، يەھيا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى فادەر بىلەن جاففار ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقىنى ئىگەللەپ، بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانلىرىدىن بولۇپ قالغان. 803- يىلى، جاففار ئۆلتۈرۈلۈپ، يەھيا ۋە فادەر قاتارلىقلار تۈرمىگە تاشلىنىپ، مال-مۈلكى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىنغان. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، پارسلار ئابباسىلار دەۋرىدە يەنىلا مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇ مەزگىلدە، مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىزانتىيىلىكلەر ئارىسىدىكى چېگرا ئۇرۇشلىرى ئىلگىرى-ئاخىرى 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا ئاساسەن، بەزىدە ھۇجۇم قىلىپ، بەزىدە چېكىنەتتى. مەنسۇر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قوشۇن ئەۋەتىپ ۋىزانتيىلىكلەرنى چېكىندۈرۈپ، ئەرمىنىيە ۋە سېتسىلىيىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرنى تارتىۋالدى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى يەنە كافكازغىچە قىستاپ بېرىپ كاسپىي دېڭىزىنىڭ ياقىلىرىغىچە ئىچكىرىلەپ كىردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى قەندىھار ۋە باشقا رايونلارنى ئىشغال قىلىپ، كابۇل تاغ ئېغىزىدىن ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىردى ۋە مۇنبەت كەشمىر ۋادىسىنى ئىگەللىدى.
3- قارار خەلىپە مەھدى دەۋرىدە، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ۋىزانتىيىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپولغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ قېتىمقى يىراققا يۈرۈش قىلىشقا مەھدىنىڭ كىچىك ئوغلى، كېيىنكى ۋەلىئەھدى ھارۇن قوماندانلىق قىلدى. 782- يىلى مۇسۇلمان قوشۇنلىرى بوسفور دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتتى. كونىستانتىن Ⅳ كە ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت باشقۇرىۋاتقان شاھسانىيە ئېيلىن مەجبۇرىي سۈلىھ تەلەپ قىلىپ، ئىنتايىن ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ خەلىپە ئىمپىرىيىسىگە 70 مىڭ ۋە 90 مىڭ دىنار ئولپان تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن ئىدى. ھارۇننىڭ ئىناۋىتى بۇ قېتىمقى غەلىبە بىلەن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دادىسى ئۇنىڭغا «راشىد» (توغرا) دېگەن شەرەپلىك نام بەردى ھەمدە ئۇنى ئىككىنچى شاھزادە قىلىپ، ئاكىسى ھادىدىن كېيىن خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.
802- يىلى، ۋىزانتىيىنىڭ نېسپۇرۇس Ⅰ (802- يىلىدىن 811- يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئايال پادىشاھ بۇرۇن تۈزگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھارۇن.راشىدكە خەت يېزىپ، بۇرۇن تاپشۇرغان ئولپانلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھارۇن.راشىد خەتنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىگە قارىتا بىر قاتار ھەربى جازا يۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئەسكەر ئەۋەتىپ كىچىك ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرىدۇ. مىلادىي 806- يىلى ھىراقلىيە ۋە تىئىرنا قاتارلىق جايلارنى ئىگەللەيدۇ. مۇسۇلمانلار قوشۇنلىرى يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 805، 806- يىللىرى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى سىپرۇس ۋە رۇد ئاراللىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. نىسپۇرۇس مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ھالدا قايتىدىن سۈلىھ تۈزۈپ، بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. شەرتلەرنىڭ ئىچىدە ۋىزانتىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئابباسىلار سۇلالىسىگە تاپشۇرىدىغان ئەسلىدىكى ئولپانلاردىن تاشقىرى، يەنە پادىشاھنىڭ شەخسەن ئۆزى ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئابباسىلار سۇلالىسىگە تاپشۇرىدىغان ھاقارەت خاراكتېرلىك جىزيە بەلگىلەيدۇ. بۇ ۋەقە ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
ھارۇن.رەشىد ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدۇ. سىرتقا قارىتا ئۇرۇشلار بىر مەزگىل توختاپ قالىدۇ. تۆت يىل دەھشەتلىك ئىچكى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق مەئمۇن (813- يىلىدىن 833- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) پارس سەركەردە تاھىرنىڭ ياردىمىدە ئاكىسى ئەمىننى (809- يىلىدىن 813- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) يېڭىپ خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرىدۇ. مەئمۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلى، ئىسلام دىنى گۈللەپ ياشنىغان مەزگىل بولۇپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئەرەب ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىچكى كۆلىدەكلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار مىسىردىن ئاتلىنىپ يولغا چىقىپ، كىرىد ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، 825- يىلى مەزكۇر ئارالنى ئىشغال قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن سېتسىلىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلىدۇ. مۇئاتەسىم (833- يىلىدىن 842- يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، يەنە ۋىزانتىيىگە ھەربى ھەرىكەت قوللاندى. 838- يىلى، تورۇس تېغىدا بازا قۇرۇشنى ئويلاپ، خىل قوراللانغان زور بىر قوشۇن بىلەن ۋىزانتىيىنىڭ زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئامۇرېم شەھرىنى 50 كۈن قامال قىلغاندىن كېيىن، ئىشغال قىلدى. مۇئاتەسىم ئەسلىدە داۋاملىق كونىستانتىنوپۇلغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە توپىلاڭ چىقىپ، قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇئاتەسىم تەختكە ئولتۇرغاندىن تارتىپ، ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ كۈچى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ.
ئابباسىلار خاندانلىقى مالىيە كىرىمىگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلەتتى. مالىيە ۋەزىرى خەلىپە ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەربابلارنىڭ بىرى ئىدى. دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى ئاساسەن زاكات، جىزيە، يەر بېجى ۋە ئۆشرىدىن كىرەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە غەيرى مۇسۇلمانلار تاپشۇرىدىغان يەر بېجىنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ ئىدى. ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدە قاتناش ئەڭ ئالدىراش بولۇپ، كارۋانلار توختىماي مېڭىپ تۇراتتى. شۇڭلاشقا، ھۆكۈمەت ئالاھىدە پوچتا تارماقلىرىنى قۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پوچتا ئالاقە ۋە قاتناش ترانسپورت خىزمىتىنى ھەمدە يول مەمۇرىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشقۇراتتى. ئەدلىيە بىلەن دىن ئورگىنى زىچ بىرلەشكەن بولۇپ، قازى چوقۇم ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان، ئىلىم-پەزىلەتتە تەڭ يېتىشكەن، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى. باغدادنىڭ قازىلىقىنى خەلىپە ئۆزى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ قازىلىرىنى قازىكالان ئۆزى تەيىنلەيتتى. قازى پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى سورايتتى. غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دېلولىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى داھىيسى ياكى قازىلىرى بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەمىر دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ئىدى. خەلىپىنىڭ ياساۋۇللار قوشۇنى قاتتىق مەشقلەندۈرگەندىن كېيىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خەلىپە ھاكىمىيىتىنى قوغداشنىڭ تۆۋرۈكى ئىدى. ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ياساۋۇللار قوشۇنى ئۇمەييە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان خۇراسانلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. كېيىن يەنە تۈرك قۇللاردىن بىر يېڭى ياساۋۇللار قوشۇنى تەشكىللەندى. ياساۋۇللار قوشۇنىدىن سىرت، خەلىپە يەنە ھەر قايسى قەبىلە ۋە رايونلاردىن قوشۇنغا ئادەم ئېلىپ پىدائىيلارنى تەشكىللىگەن ئىدى. مەئمۇن دەۋرىدە، پەقەت ئىراق ئۆلكىسىدىكى قوشۇنلارنىڭ سانىلا 120 مىڭغا يېتەتتى.
2. سۇلالىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت 24 ئۆلكىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىلىرىنى ۋەزىر كۆرسىتىپ، خەلىپە تەيىنلەيتتى. ۋالىلار ئۆز تەۋەلىكىدە مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە ئىدى. ھەر قايسى ئۆلكىلەر كىرىمىنى ئۆزلىرى ئىشلەتكەندىن سىرت، ئاشقان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇراتتى. خەلىپىنىڭ يوليورۇقلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ۋالىنىڭ بىر ۋەكىلى دائىم باغدادتا تۇراتتى. خەلىپىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتكەن خان مۇپەتتىشى خەلىپىنىڭ بۇيرۇق ۋە ئىرادىسىنى يەتكۈزگەندىن سىرت، سىياسىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشقىمۇ ھوقۇقلۇق ئىدى. بەزىدە يەنە ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولاتتى. ۋالىلار كىچىككىنە خاتالىق سادىر قىلسىلا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىناتتى. ئادەتتە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ نىسبەتەن قىسقا ئىدى.
ئابباسىلار سۇلالىسى ۋاقتىدا، ھەم پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە، ھەم باشقا جەھەتلەردىكى تەسىرلەرگە ئۇچرىغان ئىدى. چۈنكى، ئىمپىرىيىنىڭ ئىچىدىكى بەزى رايونلار ئىستېلا قىلىشتىن ئىلگىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان رايونلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى. ئۇ چاغدا، پارس مەدەنىيىتىنىڭ ئەرەب ئىمپىرىيىسىگە بولغان تەسىرى كۆپ تەرەپلىك بولۇپ، مەيلى سىياسىي تۈزۈلمە ياكى مەدەنىيەت ئىدىيە تەرەپتە بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ۋەزىرلىك ئەمىلىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىدى. خەلىپە ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ۋەزىرگە ھاۋالە قىلاتتى، ئەدلىيە ھوقۇقىنى قازىلارغا ھاۋالە قىلاتتى. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولسا خەلىپىنىڭ ئۆزىدە ئىدى. ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، خەلىپىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاپ، بىر مەزگىل ۋەزىرنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدە زورىيىپ، خەلىپە ئەمەلىيەتتە بىر قورچاققا ئايلىنىپ قالغانىدى.
ئابباسىلار سۇلالىسى ئېنىق بولمىغان تەخت ۋارىسى مىراسخورلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، تەختتىكى خەلىپە ئۆزىنىڭ ئورنىغا چوقۇم بىر ۋارىسنى (ۋەلىئەھدىنى) بېكىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان چوڭ ئوغلى ياكى باشقا ئوغۇللىرى، ياكى ئۆزى قابىلىيىتى بار دەپ قارىغان باشقا تۇغقانلىرىنى بېكىتسىمۇ بولاتتى. ئەبۇ.ئابباس ئۆزىنىڭ ئىنىسى مەنسۇرنى خەلىپىلىككە كۆرسەتتى. مەنسۇر ئۆلگەندىن كېيىن . ئۇنىڭ ئوغلى مەھدى خەلىپە بولدى، مەھدى ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى ھادى تەختتە ئولتۇردى. ھادىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ھارۇن.راشىد خەلىپە بولدى. ھارۇن.راشىد ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەمىننى بىرىنچى تەخت ۋارىسى، ئىككىنچى ئوغلى مەئمۇننى ئىككىنچى تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتتى. كېيىن دەھشەتلىك ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق مەئمۇن تەختنى تارتىۋالدى. تۆت يىلدىن كېيىن، مەئمۇن شىئەلەرنىڭ يېشىل بەلگىسىنى ئابباسىلارنىڭ قارا بەلگىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى ھەمدە ئەلى گورۇھىدىكى ئەلى.رىدانى ۋەلىئەھدى قىلىپ بېكىتتى. باغداد ئاھالىلىرى غەزەپلىنىپ، 817- يىلى 7- ئايدا، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقتى ھەمدە مەئمۇننىڭ تاغىسى ئىبراھىمنى خەلىپە قىلىپ سايلىدى. مەئمۇن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئوغلىنى تەخت ۋارىسى قىلماي، ئىنىسى مۇۋاتەسىمنى ۋارىس قىلىپ بەلگىلىدى. مۇۋاتەسىم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ۋاشىگ (؟-847) تەخت ۋارىسى بولدى. ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ سەلتەنەت دەۋرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. تارىخشۇناسلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى 24 خەلىپىسى 250 يىلدەك دەۋر سۈرگەن. (750-991) ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 6 خەلىپىلا ئوغلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغانلاردىن ئىدى.
ئابباسىلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدە، ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك ۋە قول سانائەت تەرەققىياتى ئاساسىدا، سودىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ئىدى. باغداد ئىمپىرىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىشى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى رايونلارنىڭ سودا ئالاقىسىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنىدى. شۇنداقلا تاشقى سودىغىمۇ يول ئېچىپ بەرگەنىدى. ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، خان جەمەتىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلىپە ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى. ئابباسىلار سۇلالىسى راسا گۈللەنگەن مەزگىللەردە، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، سودا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئىمپىرىيە ئىقتىسادىي ئالاھىدە گۈللەنگەن ئىدى.
3. سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە سودىنىڭ تەرەققىياتى
يېزا ئىگىلىكى بولسا دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەئى. شۇڭلاشقا، خەلىپە ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىققا ئىلھام بېرىپ، پائال تۈردە سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساتقان. ھەر قايسى جايلاردا نۇرغۇن دەريا-ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلدۇردى ۋە يېڭىدىن قازدۇردى. سۇغۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. قاقاس يەرلەردىمۇ تېرىقچىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، گىياھ ئۈنمەيدىغان يەرلەرمۇ تېرىلىپ ھوسۇل ئېلىندى. مىسىر قەدىمدىن تارتىپ «ئاشلىق كانى» دېگەن نامى بولۇپ، ئابباسىلار دەۋرىدە تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ باي ئۆلكىگە ئايلاندى. ئىراقتىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ بايلىقى مول بولۇپ، ئەرەبلەر ئىراقنى «ياپيېشىل گىلەم» دەپ سۈپەتلەيتتى. ئىراق ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىدىن سىرت خۇراسان، دەريانىڭ سىرتىدىكى جايلار، پىرىسىيە ۋە دەمەشىقلەرنىڭمۇ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار ئىدى. ئەينى چاغدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئارپا، پاختا، شىكەر قومۇشى، سېرىق كەندىر قاتارلىقلار بار ئىدى. باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، شاپتۇل، ئەينۇلا، ئۆرۈك، ئاپېلسىن، خورما، ئالما، ئۈزۈم، تاۋۇز، ئەنجۈر، مايلىق زەيتۇن، شىكەر قومۇچى ھەمدە ياڭاق، بادام، پىستە قاتارلىق قاتتىق پوستىلىق مىۋىلەر ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەنىدى. گۈل ئۆستۈرۈشكىمۇ ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، ئەتىرگۈل، ياتما نىلوپەر، بىنەپشە، نەرگىس، گۈلسامساق، رۇخسىگۈل، ياسىمەن، كۆكنار، قىزىل گۈل قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلەر بۇ گۈللەردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل ئەتىر ۋە پۇراقلىق مايلارنى ئىشلەپچىقىراتتى.
ئىمپىرىيىنىڭ قول-سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق كەسپى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. مىسىر، پىرىسىيە ۋە ئىراقلارنىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى ھەر خىل ئالى دەرىجىلىك يىپەك توقۇلمىلارنى ئىشلەپچىقىراتتى. مىسىرنىڭ كەندىر رەختلىرى، كۈفەنىڭ ياغلىقلىرى، پارسلارنىڭ يوللۇق تاۋارلىرى ھەر قايسى جايلاردا باس-باس بازارلىق ماللاردىن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت دەمەشىقنىڭ دۇردۇن رەختلىرى ۋە بۇخارانىڭ پالازلىرىمۇ بازاردىكى داڭلىق ماللاردىن ئىدى. ئەينى چاغدا، ئەرەبلەرنىڭ يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى غەربتە ناھايىتى قارشى ئېلىناتتى. سۈرىيىنىڭ ئەينەكلىرى دۇنياغا داڭلىق ئىدى. دەمەشىق زىبۇ-زىننەت ۋە فار-فۇر بۇيۇملار سانائىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان ئىدى. بەسىرەنىڭ سوپۇن زاۋۇتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغانىدى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جۇڭگونىڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان. ئەرەبلەر ئالدى بىلەن سەمەرقەندتە قەغەز زاۋۇتى قۇرغان. ئىشلەپچىقارغان قەغىزىنىڭ سۈپىتى تەڭداشسىز سىپتا، ياخشى ئىدى. كېيىن، باغداد، دەمەشىق، مىسىر، ماراكەش قاتارلىق جايلاردىمۇ كەينى-كەينىدىن قەغەز زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان. دەمەشىقتە ئىشلەپچىقىرىلغان قەغەزنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، يەنە ياۋروپاغا سېتىلاتتى. كان ئېچىش جەھەتتە، ئابباسىلار سۇلالىسى ئۇزۇندىن بۇيان شەرقى ئافرىقىدىن نېگىر قۇللارنى كىرگۈزۈپ، ئىفرات دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سېلىترا كېنىنى ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە كەڭ كۆلەمدە ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىماب، سۇمۇق، گۈڭگۈرت، تاشپاختا، مەرمەرتاش ۋە ھەر خىل گۆھەرلەرنى قېزىپ چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق سانائەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گۆھەر-ياقۇتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىمۇ ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ، مەرۋايىت، گۆھەر، ياقۇت، زۈمرەت، ئالماس قاتارلىقلار ئوردا ئاقسۇڭەكلىرىنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. پارقىراق قىزىل قاشتېشى، قەھرىۋالارنى بولسا كەڭ خەلق ياخشى كۆرەتتى. نەچچە ئەۋلاد پىرىسىيە پادىشاھلىرىنىڭ قولىدا تۇرغان بىر چوڭ قىزىل ياقۇتنى خەلىپە ھارۇن.راشىد 40 مىڭ دىنارغا سېتىۋىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئويدۇرغان ئىدى.
سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى تاۋار ئالماشتۇرۇشنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. قاتناش ترانسپورتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تاۋار ئالماشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئابباسىلار سۇلالىسى گۈللەنگەن چاغلاردا، يالغۇز مەملىكەت ئىچىدىكى بازارلار ئاۋات بولۇپلا قالماستىن، سىرتقا قارىتا تاشقى سودىمۇ مىسلىسىز جانلانغان ئىدى. ئەرەب سودىگەرلىرى دېڭىزدىكى سودىغا ماھىر بولۇپ، ئۇلار دېڭىزلاردا يىراققا سەپەر قىلىپ، ياۋروپا ۋە ئافرىقىلارغا بېرىپ، ھەر خىل توقۇلما بۇيۇملار، گۆھەر، مىس كۆرگۈ، ئەينەك قاچىلار، پۇراقلىق ماتېرىياللار، شىكەر، پولات ۋە پولات-تۆمۈردىن ياسالغان سايمانلارنى سېتىپ، ئۇ يەرلەردىن ئىمپىرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە ئوردىدىكى خان جەمەتى ئىشلىتىدىغان ئالى دەرىجىلىك تاۋارلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇ چاغدا شەرق ۋە غەربنىڭ خەلقئارا بازارلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەرەبلەر كونترول قىلاتتى. كاسپىي دېڭىزى، ۋولگا دەرياسى ۋادىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالار ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ مۇھىم سودا قىلىدىغان رايونلىرى ئىدى. ھىندىستان، مالاي، سۇماتېرا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ ئىزى بولۇپ، جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ، چۇەنجۇ، ياڭجۇ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ زور تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار جايلاشقان ئىدى.
ئىشلەپچىقىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. باغداد، بەسىرە، شىراز، قاھىرە، ئالىكساندىرىيە قاتارلىق شەھەرلەر سۇ ۋە قۇرۇقلۇق سودىسىنىڭ مەركەزلىرىگە ئايلاندى. باغداد يالغۇز ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنياغا داڭلىق سودا-سانائەت شەھىرى بولۇپ، باغدادتا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار، قەغەز، خۇرۇم، ئەتىر، جاۋاھىراتلار قاتارلىق قول سانائەت بۇيۇملىرى ئىنتايىن مەشھۇر ئىدى. باغدادنىڭ پورتلىرى بىر قانچە ئىنگلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، دائىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل كېمە-پاراخوتلىرى توختاپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە جۇڭگونىڭ پاراخوتلىرىمۇ بار ئىدى. ئىمپىرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ماللىرى سۇ ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق، كەينى ئۈزۈلمەي باغدادقا توشۇلاتتى. بازارلاردا ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ماللىرىدىن سىرت، يەنە جۇڭگونىڭ فار-فۇر قاچىلىرى ۋە يىپەكلىرى، ھىندىستان ۋە مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ پۇراقلىق ماتېرىياللىرى، كان مەھسۇلاتلىرى ۋە بۇياقلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىزىل ياقۇتلىرى، يىپەك توقۇلما ھەم قۇللىرى بار ئىدى. باغداد شەھرىدە ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ بازىرى بولۇپ، يەنە مەخسۇس جۇڭگونىڭ ماللىرىنى ساتىدىغان بازار بار ئىدى. ئومۇمەن، باغداد ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىنتايىن گۈللەنگەن بىر شەھەر ئىدى.
4. سۇلالىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشى
9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئابباسىلار سۇلالىسى تەدرىجىي ھالدا بۆلۈنۈش ۋە ئاجىزلىشىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. تۈرك قۇللاردىن چىققان سەركەردىلەر قولىدا ھەربى ھوقۇق بولغاچقا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، خەلىپىنى خالىغانچە يۆتكەپ ياكى ئۆلتۈرۈپ، باشباشتاقلىق قىلىشقا باشلىدى. 836- يىلى خەلىپىنى مەجبۇرلاپ پايتەختنى ساماراغا كۆچۈرۈپ 56 يىلغىچە كەلتۈرمىدى. ھەر قايسى جايلاردىكى فىئوداللار ۋە ۋالىلار ئۆز ئالدىغا ئەسكەر تۇتۇپ يەر بۆلۈۋېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولۇشقا باشلىدى. پىرىسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيالاردا ئىلگىرى-كېيىن تاھىر خانلىقى، سەپەر خانلىقى، سامانىلار سۇلالىسى، كاسانى سۇلالىسى، بۇۋىش خاندانلىقى، سالچۇق ئمپىرىيىلىرى قۇرۇلدى. شىمالىي ئافرىقىدا ئىدرىس خانلىقى، ئاگرېب خانلىقى، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا ھەمەدان خانلىقى، زەنگىد خانلىقى قاتارلىقلار قۇرۇلدى. مىسىردا تۇران، ئەييۇب خانلىقى، يەنە شىمالىي ئافرىقا ۋە مىسىرلاردا پاتىمە خانلىقى، ئىسپانىيىدە كېيىنكى ئۇمەييە خانلىقى قۇرۇلدى. بۇ خانلىقلار خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئابباسىلار سۇلالىسى بىلەن قارشىلىشىپ، تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە قارىتىلغان دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە ئېزىشى مىللى ۋە سىنىپى زىددىيەتلەرنى ئىنتايىن ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى. سۇلالىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىمۇ، ئىمپىرىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ھەممە يەرنى كىرىزىس قاپلاپ، كەينى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان ئىجتىمائىي مالىمانچىلىقلار ۋە خەلق قوزغىلاڭلىرى خەلىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان ئىدى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سىنىپىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەرمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرى ئۈزۈلمەي، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتاقلىقلىرى موگانار قوزغىلىڭى، بابۇك قوزغىلىڭى، زەڭگىلەر قوزغىلىڭى ۋە كارماتلار قوزغىلاڭلىرى بولۇپ، بۇ قوزغىلاڭلار ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەشەمەتلىك، چىرىك تۇرمۇشى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرى ئىمپىرىيىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، مالىيە مەنبەلىرىنى قۇرۇتتى. دۆلەت خەزىنىسى كۈنسايىن قۇرۇقدالدى. ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى، جەمئىيەت قالايمىقانچىلىقى، تەبىئىي ئاپەت ۋە ۋابانىڭ تارقىلىشى بىلەن كىشىلەر يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ سىرتلارغا قاچتى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايون پەقەت باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىككىنە يەرلەرلا قالدى. 945- يىلى، بۇۋىشلار باغدادقا كىرىپ، خەلىپىنى ئۇنىڭغا «ئەڭ ئالىي قوماندان» نامىنى بېرىشقا مەجبۇرلاپ، خەلىپىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى تارتىۋالدى. ئۇنىڭ پەقەت «دىنىي داھىي» لىق ئورنىلا قالدى. 1055- يىلى، سالجۇق تۈركلىرى قوشۇن تارتىپ كېلىپ باغدادنى بېسىۋېلىپ، خەلىپىنى ئۇلارغا «سۇلتان» نامىنى بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئوچۇق-ئاشكارا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە باشلىدى. خەلىپە پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا قالدى. 1258- يىلى، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى سۈلەيئۇ زور موڭغۇل قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ باغدادنى بېسىۋالدى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابباسىلار سۇلالىسى ھالاك بولدى.