سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » مەدىنىگە ھىجرەت

مەدىنىگە ھىجرەت

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار

ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
مەدىنىگە ھىجرەت
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت دېگەن، كىشى يول باشچى بولۇپ ھازىر بولدى. بۇلارنىڭ كېلىشىنى پەيغەمبىرىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. تۆگىنىڭ تاۋۇشى ئاڭلىنىشى بىلەن غاردىن چىقىپ، پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئامانەتلىرىنى بېرىش ئۈچۈن يول بويىدا ساقلاپ تۇرۇشقان ئىدى. ئۇلارنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلىنى مەسئۇل قىلدى. بۇ ئۈچ كۈنلۈك يول بولۇپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ تۆگىگە ئۈچ كىشى مىنىپ يولغا چىقتى. بۇلار پەيغەمبىرىمىز، ئەبۇبەكرى سىددىق ۋە يول باشلىغۇچى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىت ئىدى. ئامىر ئىبنى فۇھەيرنى ئەبۇبەكرى سىددىق ئۆز تۆگىسىگە مىندۈرۋالدى. يېرىم كىچە بولغان چاغدا بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەدىنەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يولباشچى ئابدۇللاھ تاغ يولىنى تاشلاپ، دېڭىز بويلاپ يۈرۈشكە باشلىدى. بۇ يولدىن يۈرگەندە يەنبۇئ، روبىھ يېزىلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. قۇرەيش كاپىرلىرى پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈكىنى كەلتۈرگەن كىشىگە ئىككى يۈز تۆگە بىرىمىز دەپ داۋراڭ سېلىشقان ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەرەب باھادىرلىرى مالغا قىزىقىپ، ھەر تەرەپتىن يول توسۇشقا ئادەم بەلگىلىگەن ئىدى. شۇ قاتاردا بەنى مۇدلىج قەبىلىسىنىڭ باھادىرلىرىدىن سۇراقە ئىبنى مالىك دېگەن كىشىگە بىرسى: «يىراقتا تۆگىلىك كېتىۋاتقان ئۈچ كىشىنى كۆردۈم، مۇھەممەدتىن باشقىسى بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن» دېدى. سۇراقە بۇنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. خەبەرچىگە: «باشقا بىرسى ئوخشايدۇ، دەپ ئۇلارنى يولدىن توسما» دېدى. ئۆزى تېزلىك بىلەن قۇراللىنىپ، يۈگرەك ئاتقا مىنىپ چاپا – چاپا يېقىنلىشىپ كەلدى. ئارىلىقى ئون چاقىرىمچە قالدى. پەيغەمبىرىمىز تۆگە ئۈستىدە قۇرئان ئوقۇپ كېتىۋاتاتتى. قۇرئان ئوقۇغان تاۋۇشلىرى قوغلاپ كەلگەن كىشىگە ئاڭلاندى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇياققا بۇ ياققا قاراش ئادىتى يوق ئىدى. ئولجا ئېلىش خىيالىدا بولىۋاتقان سۇراقە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئېتىنى تېپىپ، نەيزىسىنى توغرىلاپ كېتىۋاتقاندا، بىردىنلا ئېتى قىقېلىپ يىقىلدى. ئۆزىمۇ ئات ئۈستىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، يەرگە چۈشتى. ئورنىدىن ئاران تۇرۇپ ئەرەب ئادىتىچە، يان خالتىسىغا سىلىنغان «يۈلگە» (پال) غا قارىسا، يۈلگەسى قولىغا تەتۈر چىقتى. ئولجىغا قىزىققانلىقتىن، بۇنىڭغا قارىماي، قايتىدىن ئات ئۈستىگە مىنىپ، يەنە ئات قويدى. پەيغەمبىرىمىز ئۆز ئادەتلىرى بويىچە، ئارقىسىغا قارىمايتتى. ئەبۇ بەكرى سىددىق شۇنداق ئارقىغا قارىسا ئوقتەك ئاتلىنىپ كېلىۋاتقان، ئاتنىڭ ئايىغى قاققان قوزوقتەك تىزىغىچە يەرگە پېتىپ كېتىپتۇ. ئەپسۇس ئۇ يەر تېگى تېگىدىن قاتتىق تاشلىق يەر ئىدى. ئات ئايىغىنى يەردىن سۇغۇرۇپ ئېلىشقا كۈچى يەتمىدى. ئاتنىڭ تۇۋىقى پاتقان ئىزدىن كۈك تۈتۈنگە ئوخشاش توزوندا كۆككە كۆتۈرۈلدى. يەنە «يۈلگەسىگە» قولىنى سېلىپ قارىسا يۈلگىسى يەنە توغرا چىقمىدى.
بۇنى كۆرۈپ ئۆز ئۆزىگە قورقونچلۇق چۈشتى. ئېتى يەرگە پاتقان پېتى تۇرالماي تىترەپ قوپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتىپ توۋلىدى:
− مەن سۇراقە تەۋبە قىلدىم، ئەمدى سىزلەرگە ھېچ بىر زىيىنىم يەتمەيدۇ، پايدا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىلەرگە ۋەدە بېرىمەن، يا مۇھەممەد ئاللاھتىن سورا، ئېتىمنىڭ پۇتى بۇشانسۇن، دېدى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز:
ئەگەر ئېيتقىنىڭ ئېنىق بولسا، سورىغىنىڭ بولسۇن دېدى. شۇ ھامان ئېتى بۇشىنىپ رەسۇلۇللاھ ئالدىغا كەلدى.
ئاندىن دېدىدكى:
يا مۇھەممەد، ئەگەر مېنىڭ كېلىشىمنى قەبىلە باشلىقلىرى بىلگەن بولسا ئارقامدىن يېتىپ كېلىشكەن بۇلار ئىدى. ئەمدى مەن بۇيەردىن كىتىمەن. ئەگەر بۇ يولدا سىزنى قوغلاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بولسا ھەممىنى يولدىن قايتۇرىمەن. مەندىن باشقا ئارقىڭىزدىن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قوغلاپ كەلمەسلىگىگە چارە قىلىمەن. مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان ياخشىلىقىم شۇ بولسۇن. دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە سۇراقە مۇنداقمۇ دىگە ئىكەن:
― ئەي مۇھەممەد، مېنىڭ كۆڭلۈم شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇركى: سېنىڭ بۇ ئىشىڭ بىر كۈنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا پۈتۈن ئالەم بويسۇنىدۇ. ئاشۇ كۈندە ئالدىڭغا كەلسەم گۇۋاھلىقىم ئۈچۈن ماڭا ئىمانلىق يېزىپ بەرگىن. دەپ سورىدى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز ئامىر ئىبنى فۇھەيرنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى.
ئۇ بۇ ئەھدەنامە خەتنى بىر پارچە سۈڭەككە ياكى مەش پارچىسىگە يېزىپ، سۇراقەگە بەردى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى: «ئەي سۇراقە، ئىران پادىشاھى كىسرانىڭ قولىدىكى يۈزۈكىنى قولوڭغا تاقىساڭ قانداق بولۇپ كېتەرسەن»دېدى.
پەيغەمبىرىمز مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ كەلگەندىن كېيىن، سەككىزىنچى يىلى مەككە شەھىرى پەتھى قىلىندى. پۈتۈن قۇرەيش قەبىلىسى، ئىتائەت قىلدى. بۇنىڭ ئاخىرىدا تائىف، ھۇنەين غازاتلىرى بولۇپ، تامام دۈشمەنلەر تەسلىم بولدى. مانا شۇ سەپەردىن قايتقاندا، جۇھراتا دېگەن جايدا، سۇراقە ئىبنى مالىك رەسۇلۇللاھ ھۇزۇرىغا كەلدى. سەككىز يىل بۇرۇن يېزىپ بەرگەن ئامانلىق خېتى قولىدا ئىكەن. يىراقتىن سۇراقەگە كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى تونۇدى. «مەرھەبا ئەي سۇراقە، خوش كەلدىڭ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان كۈنلىرىمىز ئەمدى بىزگە كەلدى، ساڭا ئىمان كەلتۈرىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدىمۇ؟» دېدى. سۇراقە شۇ زامان ئىمان ئېيتىپ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولدى. ئاخىرىدا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىك قىلغان دەۋرلىرىدە پۈتۈن ئىران مەملىكىتى فەتھى قىلىندى. بۇ دۆلەتنىڭ تامام خەزىنىلىرى، ئىسلام ئەسكەرلىرى قولىغا چۈشتى. ئىران پادىشاھى كىسرا ئىبنى ھۇرمۇزنىڭ تاجى كەمەرى، ئۈزىكى، ھەر تەرىپى ئاتمىش گەزلىك «باھار» ناملىق گىلىمى، (بۇ گىلەم ساپ يىپەكتىن توقولغاچقا، ئەڭ قىممەتلىك، باھالىق، جاھاۋىرلەر بىلەن بىزىلىپ زىننەتلەنگەن ئىدى) بۇلاردىن باشقا ھەر تۈرلۈك كۆپ مىقداردىكى ئولجىغا چۈشكەن ماللىرى، مەدىنىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ماللارنىڭ بەشتىن بىرى خەزىنىگە سىلىنىپ، قالغانلىرى مۇسۇلمانلارغا تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى، شۇ قاتاردا يۇقىرىدىكى گىلەمنى پارچىلاپ، ئۈلەشتۈرۈشكە توغرا كەلدى. ئەنسار – مۇھاجىر ساھابىلەرگە ئۇنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆز ھېسابىغا تەقسىم قىلىنغان گىلەم پارچىسى، ئەللىك مىڭ تىللاغا سېتىلغان ئىدى. بۇ گىلەمنىڭ نە قەدەر قىممەت باھالىق ئىكەنلىكى شۇنىڭدىن مەلۇمدۇر. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئۆمەر خەلىفە ئىدى. غەنىمەت ئالغان ماللارنى تەقسىم قىلغاندا، سۇراقەنى چاقىرىپ:
― ئەي سۇراقە ئىران پادىشاھى كىسرا ئاللاھلىق دەۋاسى قىلغانىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن پادىشاھلىقنى ئېلىپ بىزگە بەردى. مانا ئۇنىڭ خەزىنىسى، ئوتتورىمىزدا بۆلىنىۋاتىدۇ، ئەمدى شۇ پادىشاھنىڭ قولىدىكى ئۈزىكىنى سېنىڭ قولوڭغا تاقايمەن. ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ، قولوڭنى كۆتۈر» دەپ سۇراقەنىڭ قولىغا ئۈزۈكنى تاقاپ قويدى.
بۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئىلگىرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ، «ئەي سۇراقە، ئىران پادىشاھى كىسرانىڭ قولىدىكى ئۈزۈكىنى تاقىساڭ قانداق بولۇپ كېتەرسەن؟»ـــ دېگەن مۆجىزە سۆزلىرى ھازىر ئىشقا ئىشىۋاتاتتى. بۇنداق مۆجىزىلىك ئىشلارنى ئۆز ئورنى كەلگەندە يەنە بايان قىلىمىز. ئەمدى ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك:
سۇراقە ئىبنى مالىك ئۆز ئۆيىدىن ئاتلىنىپ چىققاندا، پەيغەمبىرىمىزنى دۈشمەنلەرگە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق يامان ئىشلارنى قېلىشنى مەقسەد قېلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئېيتقىنىدەك بولدى. كۆز ئالدىدا بولۇپ تۇرغان مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىمان كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، يامانلىق قېلىشتىن پۈتۈنلەي كۆڭلى قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يول بۇيى قوغلاپ كېلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى تۈرلۈك سۆزلەر بىلەن ئىشەندۈرۈپ ئارقىغا چىكىندۈرگەن ئىدى. ئەتىگىنى دۈشمەنلىك نىيىتىدە يولغا چىققان سۇراقە كەچقۇرۇن دۇستلۇق ھالىتىدە ئۆيگە قايتقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز سۇراقەدىن ئايرىلىپ، كېچىلەپ توختىماي يول يۈرگەن ئىدى. يول بۇيى ھېچ كىم ئۇچرىمىدى. تاڭ ئېتىپ چۈشكە يېقىنلاشقاندا، بىر ئۇلۇغ تاغنىڭ دۇقمۇشىغا كەلدى. تاغ باغرى ئاستىدا، قىلىن بىر كۆلەڭگە كۆرۈندى. شۇ يەرگە كېلىپ چۈشتى. ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ سەپەر ئۈچۈن ئېلىۋالغان تىرە تونى بار ئىدى ئۇنى سايە بىرجايغا سېلىپ:
― يا رەسۇلۇللاھ نەچچە كۈندىن بىرى ئۇخلىيالمىدىڭىز، بۇ يەردە بىر ئاز بولسىمۇ ئۇخلىۋىلىڭ، مەن كۆزەتكۈچىلىك قېلىپ تۇراي، دېدى.
رەسۇلۇللاھ يېتىپ ئۇخلىدى. شۇ ئارىدا قوي بېقىپ يۈرگەن بىر پادىچى كۆرۈندى، ئۇنىڭ قوي، ئەچكۈلىرى ئىچىدە سۈتلۈك ساغلىقلاردىن بار ئىدى. ئەبۇبەكرى سىددىق ئۇ پاتىچىدىن بىر قاچا سۈت سوراپ ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن سۈتنى ئىچتى. ماڭىدىغان ۋاقتى كېلىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرغان ئۇممى مەھبەد ناملىق ئەرەبلەر ئىچىدە داڭقى بار بىر ئايال بار ئىدى. شۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چۈشتى. شۇ يىللىرى ئاچارچىلىق بولغانلىقتىن ماللىرى ئورۇق، سىغىنلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئايالدىن ئىچىشكە سۈت سورىدى، ئەگەر سىلەردە گۈش، خورما بولسا سېتىپ ئالاتتۇق، دېدى. ئەپسۇس بۇ خوتۇن بۇ مۇبارەك مىھمانلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ ئايال دېدىكى: «ئەگەر بىزدە يىگىدەك بىرەر نەرسىمىز بولسا، سىزلەردىن ئايىمايتتۇق. يوقچىلىق يامان ئىكەن، ھەر بىرلىرى ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالدىم، دېدى. ئاچلىقتىن ماڭالمىغان، ئوروقلوقتىن ئوتلاققا چىقالمىغان بىر ساغلىق قويى ئىغىلدا ياتقان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆزى ئاشۇ قويغا چۈشتى.
― ئەي ئۇممى مەھبەد، ئەگەر رۇخسەت قىلساڭ شۇ قوينى سىغىپ كۈرەيلى، دېدى. ئۇممى مەھبەد:
― ئورۇقلوقتىن قاقتەك بولۇپ قالغان سۆڭىگى تېرىسىدىن كۆرۈنۈپ قالغان، ئاچلىقتىن ماغدۇرى قالماي قوپالمىغان، قوچقار كۆرمىگەن بۇ ساغلىقتا سۈت نېمە قىلسۇن. ئەنە تۇرۇپتۇ، خالىسىڭىز سىغىپ كۆرۈڭ، ― دېدى.
رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، قوينىڭ ئالدىغا كەلدى. «بىسمىللاھ» دەپ، قوينىڭ ئارقا ئالدىنى بىر سىلاپ قويۇۋىدى، قوي دەرھال ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ باشقا بىر ھالغا كەلدى. پۇلۇشۇپ، يىپىشىپ كەتكەن ئەمچەكلىرىنى قاتتىق قوللىرى بىلەن تۇتۇپ، «ئى ئاللاھ، بۇ قويىمىزغا بەرىكەت بەرگىن» دەپ، دۇئا قىلدى. شۇ ئاندا ئۇ قوي سەمرىپ، يىلىنى چاتىرقىغا پاتماي، ئىككى تەرپگە ساڭگىلاپ چىقتى. بىر چوڭ ئىدىش ئېلىپ كېلىپ ئۆزى ساغدى. ھايال ئوتمەي بۇ چوڭ ئىدىش لىقمۇلىق تولوپ، ئون – ئون بەش كىشى ئىچسىمۇ يەتكۈدەك سۈت چىقتى. ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىسى ئۇممى مەھبەدكە سۇنۇپ ئىچكۈزۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ چوڭ – كىچىك ئائىلە ئەزالىرىغا بېرىپ ئاندىن ئەبۇ بەكرى سىددىق باشلىق ھەممەيلەنگە بېرىپ ھىممەيلەننى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇردى. ئەڭ ئاخىرى ئۆزى ئىچىپ: «قۇيغۇچى كىشى ئەڭ ئاخىرىدا ئىچىش كېرەك» ― دەپ ئۇممەتلىرىگە ئەدەپ ئۆگەتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ قىلغان ئىشلىرىدا بىزلەرگە نەچچە تۈرلۈك مەسىلە مەلۇم بولدى. بىرىنچىسى، قوينى ئۆزى ساغدى. ئۆزى قۇيۇپ ھەممە ئادەمگە ئىچكۈزدى. بۇ خىزمەتنى باشقا بىرسىگە بۇيرۇمىدى. بۇ ئىشى ئۇممەت باشلىقلىرىغا تەلىم بۇلغسى.
يەنى ئۇلۇغلارنىڭ تەۋازۇ ئەھلى بولىشى، كىچىكلەرگە خىزمەت قېلىش يولىنى كۆرسەتىتى. ئىككىنچىسى، ئەگەر مىھمانلار بىراۋنڭ ئۆيىدە يىمەك تەييارلاپ يېمەك ئىچمەكتىن يېمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىسىگە بېرىپ ئاندىن ئۆزى يېيىشى لازىم. ئۈچىنچىسى، قۇيغۇچى كىشىنىڭ ئاخىرىدا ئىچىشىنى ئوچۇق قېلىپ ئۆگەتتى. چۇڭقۇرراق قارىغان ئادەمگە بۇنىڭدىنمۇ يەنە باشقا ئەدەپلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىدۇر. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئۆيدىن قوزغىلىپ يولغا چىقتى.
بۇنداق ئۇلۇغ مۆجىزىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇممى مەھبەد ھەيران بولۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇنىڭ ئېرى ئەقسەم دېگەن كىشى ئاخشىمى بىر قانچە ئوروق قوي – ئەچكۈلىرىنى ئۆيگە ھەيدەپ كېلىپ يىراقتىن كۆزى ئۆيدە ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان سۈتگە چۈشتى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ:
ئەي ئۇممى كەل دەپ قىچقاردى. ئوروقلۇقتىن مېڭىشقا ھالى قالمىغان قويدىن باشقا قوي يوق ئىدى، ئىدىش تاۋاقتا لىقمۇلىق سۈت كۈرەۋاتىمەن، بۇنى نەدىن تاپتىڭ؟ دېدى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇممى مەھبەد:
ھېچ كىشىدىن سۈت ئالمىدىم، سەن بولغان بولساڭ ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرەتتىڭ، بىر مۇبارەك كىشى بۈگۈن بىزىڭ ئۆيگە مېھمان بولۇپ قونوپ كەتتى، ئۇنىڭ بەرىكەت قولىدىن ئۆيىمىز سۈتگە تولدى. قوپالماي ياتقان قويوڭ ئەمدى قانداق بولۇپ كېتىپتۇ، ئۆزۈڭ بىر قاراپ باققىنە! دەپ بولغان ئىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىرى:
«ئەي ئۇممى بەھبەد ئۇنىڭ يۈزى كۆزى قانداق ئادەم ئىكەن؟ سۈپىتىنى ماڭا ئىنىق بىر چۈشەندۈرۈپ بەرگىن ئاڭلاپ باقاي» ― دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇممى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەددى قىياپىتى، سۈپەتلىرىنى شۇ يوسوندا تەرىپلەپ بەردى.
ئۇ كىشى ئوچۇق – يوروق، كۈلەر يۈزلۈك، كۆزىنىڭ ئىقى ئاپپاق، قارىسى تۇم قارا، كىرپىكلىرى قويۇق، بويى ئېگىزرەك، ئۈنى ئارتۇقچە ئۈتكۈر ئەمەس، كۆپ پەسمۇ ئەمەس، تاۋۇشى قۇلاققا بەك يېقىملىق، ئوتتۇرا بويلۇق، قىلىچ بويۇنلۇق، قىيپاش قاشلىق، ئۇلۇغ باشلىق، قورسىقى تۈز، سۆز قىلسا سۆلەتلىك، سۆزلىمىسە ھەيۋەتلىك، گەپلىرى تىزىلغان گەۋھەردەك، ئۇنىڭ ئالدىدا، ئۈچ نەپەر يولداشلىرى بار، سۆز قىلسا، جان قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىكەن، ئىشقا بۇيرىسا، باراۋەر تالىشىپ قېلىشىدىكىن، دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
ئاللاھ ھەققى بۇنداق ئۇلۇغ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشى شۇ كۈنلەردە پەيغەمبەرلىك، دەۋاسى بىلەن قۇرەيشتىن چىققان كىشىدىن باشقىسى بۇلمىغاي. ئەگەر مەن ئۇنى كۆرگەن بولسام دەرھال ئىمان كەلنۈرۈپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان بولاتتىم، ھېلى ھەم بولسا بۇ ئىشنى بىجىرىشىم كېرەك، دېدى.
مۆتىۋەر تارىخ كىتابلىرىدا يېزىلىشىچە، شۇ مۇبارەك مۆجىزە، ـــ ساغلىق قوي، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكى زامانىسىغىچە مەۋجۇدتۇر. شۇنداقكى ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە تارىخى ھېچرىيەنىڭ، 17- 18 – يىللىرىدا، يىل قۇرغاقچىلىق كېلىپ، قەھەتچىلىك باشلاندى، تاغ باياۋانلاردا، ۋەھشى ھايۋانلارمۇ، يېگۈدەك بىرەر نەرسە تاپالماي، ئاچ قېلىشتى. ئاچلىققا چىدىمىغانلىقتىن شەھەرگە، يېزىلارغىچە كېلىپ، ئادەملەرگە خىرىس قېلىشاتتى. شۇنداق كۈنلەردە، ئاسماندىن كۈل رەڭلىك، بىر تۈرلۈك توپا ياغقان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەبلەر شۇ يىلنىڭ ئىتىنى، «ئۇمۇررىماد» دەپ ئات قويوشقان ئىدى. مەنىسى. «كۈل يىلى» دېگەن بولىدۇ. پۈتۈن خەلقنى ئاچلىق قاپلىدى. سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى ئوروقلۇقىدىن يېگىلى بۇلمايتتى. مانا شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، ئۇممى مەھبەدنىڭ ئاشۇ مۆجىزە قويى پۈتۈن ئائىلىنى بەرىكەت سۈتى بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. باشقا ھايۋانلار ئاچلىقتىن ئۈلمەكتە ئىدى. ئەمما بۇ قۇتلۇق قوينىڭ قەيەردىن نېمەلەرنى تېپىپ يېگەنلىكىنى ھېچ كىم بىلمەيتتى. ھەزرىتى ئۆمەر خەلق بېشىغا چۈشكەن بۇ ئىغىرچىلىقنى كۆرۈپ، قاتتىق قايغۇردى. بۇ ئاچارچىلىق بالاسىدىن بارلىق خەلق قۇتۇلمىغۇچە، ئۆزى سۈت ئىچمەسلىككە، گۆش – ياغ يېمەسلىككە قەسەم قېلىپ، «باشقا ئادەملەر يېگۈدەك نەرسە تاپالمىسا، بىزلەرنىڭ لەززەتلىك نەرسىلەرنى يېيىشىمىز قايسى ئىنساپتىن بولغان، كۆپچىلىك خەلق تارتقان ئاچلىق ئەلەملەرنى، بىللە تارتمىسام ئاللاھ ئالدىدا نېمە دەيمەن؟» ـ دېدى. ئاندىن كەئبۇا ئەھبەر:
يا ئەمرۇلمۆمىنىن بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە يامغۇر ياغماي، قەھەتچىلىك بولغاندا، ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلاد ئۇرۇغلىرىنى شەفى كەلتۈرۈپ يامغۇر تىلەپ، دۇئا قىلسا قوبۇل بولغان ئىدى، ــ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر خەلقنى يىغىپ يامغۇر تەلەپ قېلىپ، سەھراغا چىقتى. خۇتبە ئوقۇپ، دۇئا قېلىپ تۇرغاندا، «ئى ئاللاھ، نېمە ھاجىتىمىز بولسا، ئىلگىرى سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ رەسۇلۇللاھنى ۋاسىتە قىلاتتۇق، ئەمدى ئۇزات بولمىغاچ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھامما ئاكىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبنى شەفى كەلتۈردۇق، ئى ئاللاھ، شۇ بەندىلىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدە، دۇئايىمىزنى قوبۇل قېلىپ، رەخمەت يامغۇرىنى ياغدۇرساڭ» دېيىشى بىلەن چىلەكتە قۇيغاندەك يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. يىغىلغان خەلق تارقېلىپ ئۆي جايلىرىغا تېخى يەتمەستىن ئىلگىرى، كوچىلاردا سۇ سەل بولۇپ ئاقتى. شۇنىڭ بىلەن قەھەتچىلىك خەلق ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى.
سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىزدە دۇئايىمىز ئىجابەت بولدى، ــــ دېيىشىپ: ئادەملەر ھەزرىتى ئابباسنى ئارىغا ئېلىشىپ زىيارەت قېلىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرىمۇ، نەچچە قېتىم يامغۇر تەلەپ قېلىپ، دۇئا قىلغاندا ھېچ بىر ئەسىرى كۆرۈلمىگەن ئىدى. ئەرەبىستان زېمىنىدا تاغدىن كەلگەن ئۇلۇغ سۇلار بۇلمىغاچقا ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىقچىلىق ئىشلىرى پەقەت يامغۇر سۈيىگىلا قاراشلىق ئىدى. يامغۇر ياققان يىللىرى تىرىقچىلىق ياخشى بولۇپ، ئەزانچىلىق بولاتتى. ئەگەر قۇرغاقچىلىق يىللىرىغا دۇچ كەلسە خەلق قاتتىقچىلىققا ئۇچرايتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك يىللىرىدا شۇنداق قۇرغاقچىلىق بولغان ئىدى. يامغۇر تەلەپ قېلىپ مۇنبەر ئۈستىدە، ئوقۇغان خۇتبىلىرى تېخى تامام بولماي تۇرۇپ، يامغۇرلارنىڭ ياغقانلىقى ھەدىس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قەھەتچىلىك كۈنلىرىدە ئىككى رەكئەت «تەلەپ نامىزى» ئوقۇپ، كۆپچىلىك بىلەن دۇئا – ئىستىغفار قېلىپ، ئاللاھتىن يامغۈر تەلەپ قىلماق، ــــــ بىزلەرگە سۈننەت بولۇپ قالغان. ئەمدى پەيغەمبىرىمىز مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ چىقىپ، شۇ ماڭغىنىچە ئاللاھ رازىلىقى بىلەن ئامان ـ ئىسەن ماڭماقتا ئىدى. ئەمما قۇرەيش خەلقى ۋە مەككە شەھىرىدىكى بەزى مۆمىنلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھىجرەتلىرىنىڭ قايسى ياققا بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى. گۇمان بىلەن ھەرتۈرلۈك سۆزلەر خەلق ئالدىدا كۆپەيگەن ئىدى. مانا شۇ ئارىدا مۆمىن جىنلاردىن بىرسى، تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ مەككە شەھىرىنىڭ ئاسمېنىدىن ئۆتتى، پۈتۈن خەلق ئۇنىڭ بۇ قوشىقىنى ئاڭلىدى. شېئىردا:
جازاللاھۇ رەببۇننوسى خەيرا جازائى شۇ
ھۇمو نازالو بىل بررى سومما تاراففاخا
رافىقاينى ھاللا خايماتا ئۇممى مەھبادى
فائافلاھا مەن ئامسا رافىقا مۇھەممەدى.
بۇ قوشاق ئاسماندىن ئاڭلاندىيۇ ئېيتقان ئادەمنىڭ ئۆزى كۆرۈنمىگەنتى. ئاۋازىنى بىر مۇنچە ئادەملەر توپلىشىپ ئاڭلىغان. ئاۋازىدىن ھەتتا ئەگىشىپ ماڭغان. يۇقىرىدىكى شېئىرنى ئوقۇپ مەككە شەھىرىنىڭ بۇ بېشىدىن كىرىپ ئۇ بېشىدىن چىقىپ كەتكەن. شېئىرنىڭ مەنىسى: «ئۇممى مەھبەدنىڭ ئۆيىگە چۈش ۋاقتىدا چۈشكەن ئىككى يولداشكەن، ئاللاھ ياخشىلىق بەرسۇن، بۇلار ئۇجايغا ياخشىلىق بىلەن چۈشتى، يەنە ئۇ جايدىن ياخشىلىق بىلەن چىقتى، ھەر كىم مۇھەممەدگە يولداش بولسا ياخشىلىقتىن باشقىنى كۈرمىگەي، ئۇ ئادەم بەختلىك كىشىلەردىن بولغاي.» مەككە خەلقى بۇ شېئىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقىنى بىلدى. چۈنكى ئۇممى مەھبەدنىڭ تۇرغان جايى مەدىنىگە ماڭىدىغان يول ئۈستى ئىدى. بۇ جايدىن ئۈتكىنىنى ئاڭلاپ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
يولباشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرايقىت ئەرەبلەر ئىچىدە داڭقى چىققان يول باشلىغۇچىلاردىن ئىدى. دۈشمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن، ھېچ كىم بىلمىگەن يول بىلەن مېڭىپ، مەدىنىگە يېقىن «ئەسلەم» قەبىلىسىگە قاراشلىق، بىر مەنزىلگە يېتىپ كەلدى. شۇ قەبىلىنىڭ رەئىسلىرىدىن بەنى داۋىخ ئىبنى ھاسىف دېگەن كىشى ئولجا ئېلىش ئۇمىدى بىلەن قۇراللانغان سەكسەن ئادەم ئېلىپ يول توسوپ چىققان ئىدى. بىر جىلغا ئېغىزىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇدۇلىغا سەپ تارتىپ چىقتى.
لېكىن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھقا كۆزى چۈشۈشى ھامان ئەھۋالى ئۆزگەردى، يامان نىيىتىدىن كۆڭلى قالدى. يولداشلىرىغا قاراپ:
― بۇنداق ياخشى يۈزلۈك كىشى ئاللاھقا يالغان ئېيتىپ، يوق تۈھمەت سۆزنى قانداق قىلسۇن؟ بۇ ئىشنى بايقىماستىن ئۇنىڭغا بىرەر ئازار يەتكۈزۈپ قويسام ئۇلۇغ خاتا قىلغان كىشىلەردىن بولۇپ قالىمەن، ئۇنىڭ ئاغزغدىن سۆز ئاڭلىشىم كېرەك دەپ ئەرەب قائىدىسى بويىچە پەيغەمبىرىمىزگە «ھەيياكەللاھ» ــــ دەپ سالام بەردى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ― «كىم بولىسەن، ئېتىڭ كىم؟» ― دېدى. ئېتىم بۇرەيدەدۇر، ئۆزۈم ئەسلەم قەبىلىسىدىن ـ دېدى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز ئەبۇ بەكرىگە قاراپ: «ئىنشائاللاھ ئۆزىمىز سالامەت تۇرپتۇمىز، بۇ ئىشىمىز بىزنى راھەتگە چىقارغاي»، ― دېدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ئادىتى ـــــــ كىشىنىڭ ياخشى گېپىدىن فال ئالالايتتى. بۇ كىشىنىڭ ئېتى بۇرەيدە، قەبىلىسى ئەسلەم ئىدى، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى: بىرىنچىسى «سالقىن»، ئىككىنچىسى «سالامەت» دېگەن مەنىدىكى سۆز ئىدى. ئەرەب ئەرلىرى ئىسسىق بولغاندا سالقىنداشنى راھەت ھېس قىلاتتى. شۇ ئىككى ئېغىز سۆزدىن پەيغەمبىرىمىز ياخشى خۇلاسە چىقىرىپ، «ئۆزىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز راھەتلىك» ـــ دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتىدە، ياخشى سۆز، ياخشى ئىشلاردىن، ياخشى خۇلاسە چىقىرىش سۈننەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. بولمىغۇر كەلسە – كەلمەس ئىشلاردىن چۇچۇپ قارىسىغا خۇلاسە چىقىرىش شەرىئەتگە ئۇيغۇن ئەمەستۇر.
ئەگەر بىر ئادەم يامان بىرەر نەرسىدىن يامان خۇلاسە چىقىرىپ، كۆڭلى چۇچىسا، «ھەر ياخشىلىقنى بەرگۈچى، ھەر يامانلىقتىن قۇتقازغۇچى ـــــ ئاللاھتۇر ــــ دەپ ئۆز ئىشىنى قېلىشى لازىم، دېگەن ھەدىس پەيغەمبىرىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك.
پەيغەمبىرىمىز: «ئى بۇرەيدە، مەن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇرمەن. پۈتۈن ئالەم خەلقىگە توغرا يول كۈرسەتكىلى، ئۇلارغا ھەق دىن ئۆگەتكىلى كەلدىم، سېنىمۇ شۇ دىنغا دەۋەتەقىلىمەن، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بۇرەيدەنىڭ كۆڭلىگە ئىمان نۇرى كېلىپ، تەۋپىق ئىلاھى يەر ئالدى. دەرھال شاھادەت ئېيتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولجا ئىزدەپ چىققان سەكسەن كىشىنىڭ ھەممىسى بارۋەر مۇسۇلمان بولدى. ھەزرىتى بۇرەيدە ئېيتتكى:
― يا رەسۇلۇللاھ، بىز ئەسلەم قەبىلىسى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدۇق. بۇ دۆلەتتىن بىزگە نەسىپ قىلغۇچى ئاللاھ تەلاغا ھەمدىلەر بولسۇن. ئەمدى شۇ كۆپچىلىك بىلەن بىللە شۇ مەدىنە شەھىرىگە كىرەيلى. كۆپچىلىك ئەسكەرنىڭ قولىدا بايراق بار، ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز ئالدىڭىزدا بايراق كۈتۈرۈپ كىرسەم، دېدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشقا ماقۇل بولۇپ، رۇخسەت بەردى. دەرھال بېشىدىكى باغلاقلىق دەستورىدىن يىرتىپ بايراق ياسلىپ كۆتۈرگەن ھالدا مەدىنەگە كىردى. رەسۇلۇللاھ ئالدىدا ئىسلام ئالەمىدە بىرىنچى نۆۋەت كۆتۈرۈلگەن بايراق شۇ ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش