سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنەگە كىرىشى

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنەگە كىرىشى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنەگە كىرىشى
مەدىنە مۇسۇلمانلىرى پەيغەمبرىمىزنىڭ ھىجرەت قېلىشىدىن خەۋەردار ئىدى؟ كېلىدىغان كۈنلىرىنى مۆلچەرلەپ، ھەر كۈنى يولىغا قاراپ، ھەررە دىگەن تاشلىققا چىقىپ يولغا قارىشىپ تۇراتتى. كۈن قىزارغىچە شۇ يەردە كۈتۈپ ئولتۇرۇپ، كەلمىسە قايتىپ كېتەتتى. ئۈچ كۈنگىچە ھەر كۈنى يولىغا قاراپ، ئىستىقبال مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشەتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۇر غارىدا ئۈچ كۈن ئوشۇق ياتقانلىقىدىن، كېلىش ۋاقتى ئۈچ كۈن كىچىككەن ئىدى، شۇ ئۈچىنچى كۈنى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىدن ئەنسار، مۇھاجىر ساھابىلەر باشلىق ياش – قىرى، ئەر – ئايال دېمەي ھەممە ئادەم پەيغەمبىرىمىزنى كۈتۈپ، ئىستىقبال مۇراسىمى بىلەن يولغا چىقىپ قاراپ تۇرۇشتى. ھەر قانچە بولسىمۇ شۇ كۈنى كېلىشى جەزمىلەشكەن ئىدى. كۈننىڭ شۇنچە ئىسسىق بولىشىغا قارىماي يەنىلا يولدا كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. قارىسى كۆرۈنمىگەندىن كېيىن يەنە تارقېلىشقا مەجبۇر بولۇشتى.
دەل شۇ چاغدا يەرلىك يەھۇدىيلاردىن بىرى ئۆز ئىشى بىلەن ئېگىز دۈڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇيان بۇيانغا قاراپ تۇرغىنىدا، مەككە تەرەپتىن كېلىش يولنىڭ ئۈستىدە يىراقتىن تۆگىگە مېنىشكەن، بىر توپ كىشىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. بۇلارنىڭ نەچچە كۈنلەردىن بىرى، تەقەززالىق بىلەن يولىغا قاراپ كۈتكەن كىشىلىرى شۇ بولسا كېرەك دەپ:
«ئەي ئەرەبلەر بەختىڭلار كەلدى، ئىقبالىڭلار ئېچىلدى» ـــــ دەپ، ئىختىيارسىز قاتتىق توۋلىغىلى تۇردى.
يولدا ساقلاپ تۇرغان پۈتۈن خەلق ئاڭلاپ، يولغا قارىسا يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر توپ ئادەملەر ئىچىدە، ئىككى ئاق لىباس كىيگەن كىشى كۆرۈندى. بۇلارنىڭ بىرى رەسۇلۇللاھ، يەنە بىرى، ئەبۇبەكرى سىددىق ئىدى. يەنە شۇ كۈنى مەدىنە مۇسۇلمانلىرىدىن شام تىجارىتىدىن قايتىپ يولدا قوشۇلغان سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئىچىدە ئۇلۇغ ساھابىلەردىن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بار ئىدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن كەلگەن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كىرىش ۋاقتىدا، پەيغەمبىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە مەدىنىگە كىرگەنلىكى بەكمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزرىتى زۇبەير شامدىن ئالغان لىباستىن ئىككى ئاق چاپان چىقىرىپ:
«يا رەسۇلۇللاھ يېڭى كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولسۇن» ــ دەپ ھەر ئىككىيلەنگە كىيگۈزۈپ قويغان ئىدى. يىراقتىن يەھۇدىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ئىككى ئاق لىباس شۇ ئىدى. بۇ نىدا ئاڭلانغاندىن كېيىن پۈتۈن مەدىنە خەلقى، قورال – ياراقلىرى بىلەن قوزغالدى. قارشى ئېلىشقا چىققان كۆپچىلىك خەلق ئىچىدە چوڭ – كىچىك ئوغۇل – قىزلارمۇ بار ئىدى. قوللىرىدا چىلدىرما چىلىپ تۇرۇشقان ياش جارىيە قىزلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
پەيغەمبىىرىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ چىققان كىشىلەر خۇشاللىقىدىن شېئىرلار ئوقۇشماقتا ئىدى.
تالائال بادرۇ ئالاينا
مىن سانىييامۇل بادۇئى
باجاباش شۈكرو ئالاينا
مادائو لىللاھى دۇئى
ئەييۇھەل مەبھوسۇ فىنا
جېھما بىل ئەمرىل مۇمائى
مەنىسى:
تولۇن ئاي چىقتى بىزلەرگە ۋادۇ تېغىنىڭ ئۈستىدىن
كېرەكدۇر شۈكرىنى ئېيتماق بۇ دۇنياغا بارچىمىزدىن
كېلىپسىز، خۇش كېلىپسىز، ئەۋەتتىڭىز تەڭرىنىڭ نۇرىدىن
قوبۇل ئەتمەك ئىرور بىزدىن، ئاللاھ ئەمرى كېلەر سىزدىن.
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مەدىنە شەھىرىدىن تۆت چاقىرىمچە ئۇزاقلىقتىكى قۇبا دېگەن قىشلاققا كېلىپ، بەنى ئەمر ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىدە گۇلسۇم ئىبنى ھادام دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. رەەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى ياكى سەككىزىنچىسى، دۈشەنبە كۈنى ئىدى. مىسىرلىق مەھمۇد پاشائى پەلەكېيىنىڭ ھېسابىچە مىلادى تارىخى بىلەن 622 – يىلىنىڭ 20 – سېنتەبىر كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجى شۇ ھىجرەت يىلىدا باشلانغىنىچە، ھەزرىتى ئۆمەر باشلىق پۈتۈن ساھابىلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىسلام تارىخىنى شۇ ھىجرەتتىن باشلايدۇ. ئەمما ئىلگىرىكى يىللارنىمۇ ئېتىبارغا ئالماي بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىگە كېلىشى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا بولسا، ھىجرەت تارىخىنىڭ بېشى مۇھەررەم ئېيىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلماستىن ئىلگىرى ئون ئۈچ يىل مەككىدە تۇردى. بۇ مۇددەت ئىچىدە پەيغەمبىرىمىز باشلىق پۈتۈن مۇسۇلمانلىرىمىز قۇرەيش قەبىلىسى تەرىپىدىن قىلىنغان سىقىنچىلىق ئىچىدە ياشىدى. ئەركىنلىك بىلەن ئۇ يەردە ئىبادەت قېلىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ قۇتلۇق ھىجرەتتىن كېيىن پۈتۈن ئىشلار ئۆزگەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن توغرىسىدا سىقىنتى كۆرگەندىن كۆرە ئۆز جايىدىن ئايرىلىپ ھىجرەت قېلىش سۈننەت بولغان ئىدى. دىنى ھىجرەتلەر ھەر يەرنىڭ شارائىتىگە قاراپ، پەرز بۇلىشمۇ مۇمكىن. بۇ ھىجرەت قېلىش يالغۇز بىزنىڭ يەيغەمبىرىمىزگىلا خاس بولۇپ قالماي، بەلكى بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن بىر نەچچىسىمۇ ئۆز ئېلى، ئۆزىنىڭ يېرىدە ئىشلىرى راۋاج تاپماي، باشقا ياقلارغا ھىجرەت قىلغان ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بابىلدىن ـــ شامغا، ئىيسا ئەلەيھىسسالام شامدىن مىسىرغا ھىجرەت قىلغانلىقلىرى تارىخ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىدۇ. يەنە بەيتۇللاھنى ئايلىنىپ، تاۋاپ قىلغان ھاجىلارنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا تۆت يۈز پەيغەمبەرنىڭ كۆمۈلگەنلىكى ھەدىس كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇ زاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قەۋملىرىدىن كۈلپەت كۆرۈپ، كەلگەنلىكىدە شەك يوق. يەنە شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، رەسۇلۇللاھ ئون ئۈچ يىل مەككىدە تۇرغان كۈنلەردە، دىنى ئېتىقادلاردىن ئىككى ئۇلۇغ دىنى ئاساسنى خەلققە ئۆگەتتى.
بىرىنچىسى − پۈتۈن دۇنيانى ياراتقۇچى قۇدرىتى ئۇلۇغ يالغۇز تەڭرىدۇر ۋە ئۇنىڭ ئىسمى ئەرەبچە ئاللاھتۇر. سۈپىتى «ئوخشىشى، تەڭدىشى يوقتۇر» ئەرشتىن ــ پەرشگىجە زەررەدىن ـ قۇياشگىچە يەنى پۈتۈن ئالەمدە، ھەر جايدا ۋە ھەر نەرسە بولسۇن، ھېچ قاچاندا ئۇلارنىڭ ھېچ بىرسى ئاللاھتىن ئىزنىسىز، پەرۋەردىگارىدىن رۇخسەتسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئېنىق ئېيتتى. شۇ ئېيتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە شەكسىز، چىن كۆڭۈلدىن ئېتىقاد قېلىشى لازىم. مانا ئىمانى ئىسلامنىڭ ئەسلى ئاساسى، ئۇلۇغ يىلدىزى شۇدۇر. مەسىلەن، بىر دەرەخنى ئالايلى، بۇنىڭ يەتمىش نەچچە شاخ پۇتاقلىرى بار. شەرىئەت بۇيرۇغان پەرزلەر بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرىدۇر. بۇنىڭدىن كىچىكلىرى ۋاجىپلاردىندۇر. ئۇنىڭدىن ھەم كىچىكلىرى بولسا سۈننەتلەردۇر. شەرمى ــ ھايا، ئىمان دەرەخىنىڭ كۈركەملىك شاخلىرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمز: «ھاياسى يوقنىڭ ئىمانى يوق» دېگەن ئىدى. كەلىمە تەييىبەدە: «لا ئىلاھە ئىللەللاھو مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» ئىمان دەرەخىنىڭ تىنىدۇر. يەنى شۇ كەلىمىنى تىلى بىلەن ئېيتىپ، مەنىسىگە چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەك لازىمدۇر. بۇ دەرەخنىڭ ئەڭ كىچىك پۇتىقى، ئاياققا ئىلىنىپ، كۆزگە سەت كۆرۈنگەن بىر نەرسىنى يولدىن ئېلىپ يىراق يەرگە تاشلىغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۆمىن قۇللىرىغا بۇ دەرەخ تەربىيەسىنى تونوشتۇرىدۇ. مۆمىنلەرنىڭ قىلغان تائەت – ئىبادەتلىرى ئىمان دەرىخىنىڭ تەربىيەسىدىن بولدى.
ئەمدى يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاپ، خۇلاسە قىلغىنىمىزدا ئەرەبچە بىر ئېغىز كەلىمە «تەۋھىد» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت بولىدۇ. دېمەك، رەسۇلۇللاھ ئون ئۈچ يىل مەككىدە تۇرغان چاغلىرىدا، پۈتۈن خەلقنى شۇ تەۋھىدكە چاقىردى. چۈنكى ئۇ زامان ئەرەبلىرى ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن ئىدى. بىرىنچىسى، قۇرەيش باشلىق ئەرەبىستان خەلقىنىڭ ئەڭ كۆپچىلىكى مۇشرىكلار ئىدى. يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغ ئاللاھ، بارچە ئالەمنى ياراتقۇچى دەپ بىلىپ تۇرۇپ، يەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇر ئىدى. بۇلارنى پايدا ـ زىيان يەتگۈزۈشكە قۇدرىتى بار دېيىشەتتى. بۇ ھەقتە ھۆججەت بولغىدەك ئاساسى، ئېغىزغا ئاغۇدەك سۆزلىرى يوق ئىدى. يالغۇز ئاتا – بوۋىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن يوليوروقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇلارغا ئەگەشكەن قۇرۇق تەقلىدتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئىككىنچىسى، ئەرەب يەھۇدىلىرى. ئۈچىنچىسى، ئەرەب ناسارالىرى ئىدى. يەنە بۇلار ئىچىدە، ئاز ساندىكى دەھرىيلەرمۇ بار ئىدى. مانا پىكىر – ئېقىمنىڭ ھەممىسىگە قارشى «قۇل ھۇۋەللەھۇ ئەھەد» سۈرەسى نازىل بولدى. بۇ سۈرەدىكى تۆت ئايەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولغان باتىل، بۇزۇق دىنلارنىڭ ھەممىسى رەت ئېتىلگەن ئىدى.
«ئىخلاس» سۈرىسى ــ «تەۋھىد» سۈرىسى دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. تۆت ئايەتلىك قىسقىغىنا بىر سۈرىنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ كېلىشى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەن. پەيغەمبىرىمىز مەككە شەھىرىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى. شۇ مۇددەت ئىچىدە خەلقنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىككى دىنى ئاساسقا تەكلىپ قىلدى. بىرىنچىسى ــــــ تەۋھىدنى يۇقىرىدا بايان قېلىپ ئۆتتۇق. ئىككىنچىسى ـــــ قىيامەت كۈنىنىڭ بولۇشىغا چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەك. يەنى ئاللاھ تائالا ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى ياراتتى، «ئەرش كۇرسى، لەۋھۇلقەلەم» توققوز پەلەكنى يوقتىن بارقىلدى. ئالەم ئىچىدە ئادەمنى خەلق ئەتتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ياخشىلىرى بولغاندەك، يامانلىرىمۇ بولىشى تەبىئىي. بەلكى يامانلىرى ياخشىلىرىدىن كۆپتۇر. مىليون، مىليون ئىنسانلارغا پايدىلىق يەتكۈزىدىغانلەر بولغىنىدەك، بۇلارغا قارشى زىيان كەلتۈرىدىغانلارمۇ ھەم كۆپ. بۇلار ھەر كىمنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ياخشى – يامان ھەر ئىككى تائىپەگە ئەجەل يەتكەن كۈنى ئۆلىۋىرىدۇ. بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. پەيغەمبەرلەردەك نى – نى ياخشى زاتلار پۈتۈن ئۆمۈرلىرىنى خەلق غېمىدە ئۆتكۈزۈپ خەلققە قىلغان خىزمەتلىرى، ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ھاياتىدا زەررىچىلىك ئەجىر كۈرمەستىن، راھەت تاپماستىن، بۇ دۇنيادىن ئۆتتى، يەنە بىر قانچە قانخور زالىملار، زۇلۇم قېلىپ پۈتۈن دۇنيانى ناھەق قانغا بۇيىدى. تىرىكلىكىدە ھېچ بىر جازا كۆرمىدى. ئۇلارمۇ بەرىبىر ئۆلىدۇ. مانا ئەمدى باشقىنى قويۇپ، ئەقلىمىزگە كەلسەك قىيامەتنىڭ بولىشى راستۇر. ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنداق بىر جاي بولسىكەن، دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ، ئۇلارغا جازا بېرىلسە، بۇنىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن شۇنچە كۆپ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىنىڭ بولۇشىدىن خەۋەر بەردى. دېمەك: بۇ كۈننىىڭ كېلىشى ــ ھەم ئەقلى ھەم نەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاندى. يەنە ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئۇلۇغ كىتابلار − تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئان بۇلاردىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن كىتابلاردا ھەم قىيامەت، ئەرەسات ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان. ئەگەر قىيامەتنىڭ كېلىشى ئىنكار قىلىنسا مىليون كىشىگە پايدىلىق بولغان بىلەن، شۇنىڭغا باراۋەر كىشىلەرگە زىيان يەتگۈزكەن زالىملارنىڭ ھېچ پەرقى قالمايدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەلۋەتتە ئەقىلگە توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مەككىدە چۈشكەن سۈرىلەر، بىرىنچىسى ــــ «تەۋھىد». ئىككىنچىسى − ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، قىيامەتنىڭ بولۇشى شۇ ئىككى مەسىلە بىلەن ئۆتتى.
يەنەسۆزىمىزگە كەلسەك، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پەيغەمبىرىمىز مەدىنە تۇپرىقىغا قەدەم قويغاندا، دەسلەپكى چۈشكەن جايى مەدىنىدىن بەش – ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇبا قىشلىقى ئىدى، شۇ جايدا بىر نەچچە كۈن تۇردى. بىرىنچى قىلغان ئىشى ـــ شۇ ئورۇندا بىر مەسجىد بىنا قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن، ساھابىلەر كۆپ مىقداردا تاش يىغىپ كەلدى. مەسجىد ئورنى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مەسجىد قىبلىسىنى توغرىلاپ، مۇبارەك قوللىرى بىلەن شۇ مەسجىدگە ئۇل قويدى. ئىسلام ئالەمىدە يەر ئۈستى بويىچە ئەڭ ئاۋۋال بىنا قىلىنغان جامائەت مەسجىدى شۇ ئىدى. «لەمەسجىدۇ ئۇسسىسە ئەلەتتەقۋا…» دېگەن ئايەت شۇ مەسجىد ھەققىدە نازىل بولغان ئىدى. مەنىسى: ـــ تەقۋا ــ ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان مەسجىدتۇر… بۇنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقويدىغانلار زاھىردە، باتىندە پاكلىقنى دۇست تۇتۇدىغانلار، شۇنداق پاكلىقنى ئاللاھمۇ دۇست تۇتىدۇ. شۇ مەزمۇندىكى ئايەت بىلەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇ مەسجىدنى ۋە بۇ يەردە ناماز ئوقويدىغان مۇسۇلمانلارنى ماختايدۇ. ئەمدى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ يەردە نەچچە كۈن تۇرغانلىقى ھەققىدە ئىختىلاپ بار. كۆپىنچە رىۋايەتتە ـــ رەبىئەل ئاۋۋالنىڭ ئون ئىككىسى، دۈشەنبە كۈنى كەلدى، شۇ جايدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ، جۈمە كۈنى مەدىنە شەھىرىگە كىردى. بۇ كۈن ئىسلام ئالەمىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك، داغدۇغىلىق، كۈركەم، قۇتلۇق كۈن ئىدى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە، ھەقىقەت ئەھلىنىڭ بايرام قۇياشى شۇ كۈندە تۇغۇلغان ئىدى. بۇلارغا قارشى ئىبلىس مەلئۇن ۋە ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر، قارا، ماتەم كۈنى كەلگەن ئىدى. قۇبادىن چىقىدىغان چاغدا، ‹جەدھا›، ئاتلىق تۆگىگە مىنگەن ئىدى. مۇھاجىر، ئەنسار ساھابىلەر ئەتراپىدا قۇراللانغان، پۈتۈن خەلق، ياش – قىرى، ئەر – ئايال ئەگەشكەن ھالدا شەھەرگە قاراپ ماڭغان ئىدى. تۆگە چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ، يېتىلەپ مېڭىشنى قەبىلە رەئىسلىرى بىر – بىرىدىن قىزغىنىپ، تالىشىپ:
يارەسۇلۇللاھ، قەدەم شەرىپلىرىڭىز بىلەن كىمنىڭ كۈلبېسىنى گۈلىستان قىلغايسىز، نەگە چۈشۈشنى خالايسىز، ــــ دەپ سورىشاتتى.
ــــ مەن مىنگەن تۆگەمگە بۇ ئىش بۇيرۇلغان، قەيەرگە چوكىلانسا شۇ يەر بىزنىڭ مەنزىلىمىز بولىدۇ،، دېدى.
تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۆگىنىڭ بوينىغا يۈگەپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەردى. بۇ قۇتلۇق جانىۋار ئۆز ئىختىيارى بىلەن يۈرمەكتە ئىدى. چۈمپەردىدىن چىقمىغان مەستۇرە قىزلارمۇ پەيغەمبىرىمىزنى كۆرۈشكە قىزىقىپ، تام ئۈستىگە چىقىشىۋالغان ئىدى. دەسلەپكى كەلگەندە قۇباغا چۈشكەندەك شېئىرلەر ئوقۇپ، شادىيانە داپلار چېلىپ، خۇشاللانغان ھالدا قوشاقلار ئوقۇشتى. شۇ يوسۇندا خەلق كەينىگە ئەگەشكەن ھالدا، مەھەللە ئارىلاپ، كوچىدىن كوچىغا، بىرەر ئورۇن ئىزدەۋاتقان كىشىدەك، تۆگىسى تەرەپ – تەرەپكەقاراپ قوياتتى. ھەر ئۆيدىن چىققان كىشىلەرگە ـــ «تۆگە خوجايىندۇر» دەپ جاۋاب بىرەرئىدى. تۆگە شۇ ماڭغان پىتى مېڭىپ، بەنى ئەدىي ئىبنى نەججار مەھەللىسىگە كەلدى. پەيغەمبىرمىزنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ھاشىم، شۇلاردىن ئۆيلىنىپ، بوۋىسى ئابدۇلمۇتەللىب مەدىنىلىك خوتۇندىن تۇغۇلغان ئىدى. مانا شۇ تۇغۇلغان بۇ مەھەللە خەلقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى بولاتتى. تۆگە شۇ جايغا كەلگەندىە ئەبۇ ئەييوپ ئەنسارىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ چوكىلاندى. تۆگىنىڭ چۈككەن جايى شۇ كۈندىكى مەسجىد شەرىپتۇر. رەسۇلۇللاھ: ــ «بۇ جاي بىزنىڭ مەنزىلىمىز، ئىنشائاللاھ» ـ دېدى. تۆگىدىن چۈشۈشى بىلەن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:
«ئى ئاللاھ، مېنى قۇتلۇق مۇبارەك ئورونغا چۈشۈرگەيسەن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن.»
يېڭى مەنزىلگە چۈشكەن ۋاقىتتا بۇ ئايەتنى ئوقۇماق بىزگە سۈننەت بولدى. ئۆي ئىگىسى ئەبۇ ئەييوپ ئەنسارى دەرھال كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ خوجۇن قاچا يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. «كىشىنىڭ يۈكى قەيەردە بولسا، ئىگىسى شۇ يەردە بولىدۇ» دەپ پەيغەمبىرىمىز يۈكنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى. يەنە شۇ جامائەتتىن ئەسئەد ئىبنى زۇرورا دېگەن كىشى كېلىپ، تۆگىلىرىنى يېتىلەپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. شۇ چاغدا قەبىلىنىڭ ياش قىزلىرى قوشاق ئوقۇپ، خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈشەتتى.
بەنى نەججار ئەھلىنىڭ ياش قىزلىرىدىن بۇلورمىز،
مۇھەممەدنىڭ كېلىشىنى بەختىمىز دەپ بىلۇرمىز.
خۇش كەلدىڭىز بىزگە سىز، قەدىمىڭىز مۇبارەك،
ئاياق باسقان ئىزىڭىزنى كۆزىمىزگە سۈرمە قىلۇرمىز.
ئۇ ياش قىزلار شۇ شېئىرنى ئوقۇغاندا، رەسۇلۇللاھ قاراپ: «مېنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇكى سىزلەرگە مۇھەببىتىم كۆڭلۈمدە ئۇرغۇپ تۇرار» ـــ دېدى.
ئەييوپ ئەنسارىنىڭ ئاستى – ئۈستى ئىككى قەۋەت ئۆيى بار ئىدى. كېلىپ – كېتىدىغان كىشىلەرگە ئېغىرلىق بولمىسۇن دەپ پەيغەمبىرىمىز ئاستىنقى ئۆينى ئىختىيار قىلىدى. لېكىن ئەييوپ ئەنسارى رەسۇلۇللاھ خىزمەتلىرىگە، بۇنى لايىق كۆرمەي، يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنىمىسا ئۇنىماي يۇقىرىدىكى ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويدى. مۇھاجىر، ئەنسارلارنىڭ كۆپچىلىكى پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىرگە ئىدى. ئەنسار ساھابىلەر ئۇلارنى قىزغىنىشىپ، ھەركىم ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە چۈشۈررش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئاخىرى بۇ ئىشنى بىجىرىشكە چەك تاشلاپ بىكىتمەكچى بولدى. ھەر مۇھاجىر قايسى ئەنسارنىڭ چېكىگە چىقسا شۇ ئۆيگە ماكانلىشىدىغان بولدى. مەككىدىن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن مۇھاجىر بالا – چاقىلىرى يوق ھېسابتا ئىدى. ئاللاھ يولىدا ھەممە نەرسىلەرنى تاشلاپ چىققان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇبادىن چىققان كۈنى جۈمە كۈنى بولۇپ، جۈمە نامىزىنىڭ ۋاختىغا يېقىن بولغانلىقتىن مەدىنە ئىچىگە كىرىشتە بەنى سەلىم ئىبنى ئەۋف مەھەللىسىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا توغرا كەلدى. خۇسۇسى بىر مەسجىدگە يىغىلىپ تۇرغان يۈزچە كىشىگە ئىمام بولۇپ جۈمە نامىزىدا شۇ خۇتبىنى ئوقۇدى. كۆپرەك رىۋايەتكە قارىغاندا بىرىنچى ئوقۇغان جۈمە نامىزى، بىرىنچى ئوقۇغان خۇتبىسى شۇ ئىدى. ئەرەبچە ئىبارىلىرىنى يازماي پەقەت تۈركچىسىنىلا يازدم. دەسلەپ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئېيتىپ، ئاندىن مۇنداق دېدى:
’«ئەي ئادەملەر دۇنيادا تىرىك تۇرغان چىغىڭىزدا، ئاخىرەتكە بېرىش ئالدىدا ئالدىنراق ئوزوق ئەۋەتىڭلار، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەر بىر كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئالدىغا بارىدۇ. تاپقان بارلىق مال – دۇنيالىرىنى بۇ جايدا قالدۇرمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تەرجىمان ئىشلەتمەيمۇ ھېچ كىمنى ئارىغا سالماستىن ئۇ قۇلىغا:
دۇنيادا ياشىغان چىغىڭدا ساڭا پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ئىدىم، بۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ساڭا بىلدۈرگەن ئىدى، پەزل ـ كەرەمىم بىلەن سېنى يوقتىن بار قىلدىم، رىزىق بېرىپ سېنى تەربىيەلىدىم. بۇ كۈنكى ھالدا ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە نېمىنى ئېلىپ كەلدىڭ؟
― ئاندىن ئۇ كىشى خىجىل بولغاندىن كېيىن، ئۇيانغا بۇ يانغا قاراپ، ئالدى – ئارقىسىغا قاراپ، تامغۇدىن (دوزاخ) دىن باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمەيدۇ. ئەمدى ئالدىڭلاردا شۇنداق ئىشنىڭ بارلىقى ھەقتۇر. بۇ ئىش بىر كۈنى كۆز ئالدىڭلارغا كېلىدۇ. ھەركىشى ئارتۇقچە تاپالماي، يىرىم خورمىسى بولسىمۇ، شۇنى ئاز كۆرمەي ئاللاھ يولىدا موھتاجلارغا سەدىقە قىلسۇن، دوزاخ ئوتىدىن يىراقلاشقاي، ئەگەر بۇنچىلىك نەرسىسىمۇ بولمىسا، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئالغىدەك بىر ئېغىز ياخشى سۆز قىلسۇن. بۇمۇ ئىھسان قاتارىدا سانالغاي. مۆمىننىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئەڭ ئاز بۇلغاندا، ئون بارابەر بولۇپ سۆزى يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىخلاسىغا قاراپ، ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ياخشىلىقنىڭ ساۋابى بولىدۇ. ھېچ كىمنىڭ ئالدىرىغىنىغا قاراپ ئاللاھ ئالدىرىمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ھەر قانداق بىر ئىش كىچىكتۈرۈلمەيدۇ. كىشى بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇنى ئاللاھمۇ قىلىدۇ. كىشىنىڭ دېگىنىچە بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ تىلىگىنىچە بولىدۇ. ئاللاھ يىراقلاشتۇرغان ئىشنى ھېچ كىم يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھدىن ئىزنىسىز ھېچ بىر ئىش بۇلماس. كۆرۈڭ «سۇبھانەللاھ،، قانداق دېگەن ئۇلۇغ سۆز.. بېيىت:
سۆزى سۆزلەر ئىچىدە گەۋھەردۇر،
ئۆزى سۆزلىگۈچىلەر سەرۋەرىدۇر.
ئەي مۆمىن جان، ئىبرەت ئال بۇ سۆزدىن،
ئالۇر جان ھەر بىرىگە يەتتە يۈزدىن.
رەسۇلۇللاھ مۇھاجىر، ئەنسار ساھابىلەر بىلەن بىر دىنى قېرىنداشلىق ئورناتتى، دېدىكى:
― ئاللاھ دىمىگەن سۆزنى ئاللاھ دېدى، دېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىماق لازىم. ئاللاھ يولىدا ئىككى – ئىككىدىن قېرىنداش بۇلايلى دەپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، مېنىڭ قېرىندىشىم شۇ دېدى. ئىككىسى ئاخىرەتلىك دۇست بولدى.
ھەزرىتى ھەمزە ــــ شېھىتلەر سەييىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھامما ئاكىسى ئىدى. زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن چىن دۇستلوق ئورناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇھۇد تېغىدىكى ئۇرۇش ئالدىدا ھەزرىتى ھەمزە زەيد ئىبنى ھارىسەگە ۋەسىيەت قىلغان ئىدى. زەيد ئىبنى ھارىسە بولسا قۇرئاندا ئىسىملىرى زىكرى قىلىنغان، رەسۇلۇللاھنىڭ بىقىۋالغان بالىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئاغىسى جەئپىرى تەييار شۇ كۈنلەردە ھەبەشىستاندا بولغانلىقتىن، ھەزرىتى مۇئاز ئىبنى جەبەل بىلەن غايىبانە دىنى بۇرادەر بولدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى سىددىق خارىجە ئىبنى زۇھەيىر بىلەن، ھەزرىتى ئۆمەر ئۇتبان ئىبنى مالىك بىلەن، ھەزرىتى ئوسمان ئابىس ئىبنى سابىت بىلەن، ھەزرىتى ئەبۇ ئۇبەيدە سەئىد ئىبنى مۇئاز بىلەن، سەلمان فارسىي ئەبۇ دەردا بىلەن، ھەزرىتى بىلال مۇئەززىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان بىلەن، بۇلاردىن باشقا يەنە بىر مۇنچىلىرى بار ئىدى، سۆز ئۇزىراپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئىسىم شەرىپلىرىنى يازمىدۇق. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەمرلىرىچە، ئەنسار، مۇھاجىر ساھابىلەر بىر – بىرى بىلەن دىنى بۇرادەر، ئاخىرەتلىك دۇست بولۇشتى. دىنى دۇستلۇقتىن چىققان مۇھەببەت بىر تۇغقان قېرىنداشلىق مۇھببىتىدىنمۇ بىر قانچە ھەسسە كۈچلۈك ئىدى. چۈنكى ئەنسار ساھابىلەر، مۇھاجىر بۇرادەرلىرىنى ھەر ئىشتا ئۆزلىرىدىن ئالدىن تۇتتى. ھەر بىر نەرسىلەرنى ئۇلاردىن ئايىماي پۈتۈن مال – دۇنيالىرىنى ئوتتۇرىغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دىنى دوستلۇق ئاخىرەت بۇرادەرلىك باغلانغان دۇستلۇقىدا، سەئىد ئىبنى رەبىئ دوستى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
― ئەي ئابدۇرەھمان، مېنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، مەدىنە ئەھلىنىڭ مالدار ۋە بايراقى مەن بولىمەن، قولومدا بار بايلىق مېلىمنىڭ يېرىمى سېنىڭ بولسۇن، يەنە مېنىڭ نىكاھىمدا ئىككى خوتۇنوم بار، بىرىنى تالاق قىلىمەن، ئىددىتى پۈتكەندىن كېيىن خوتۇنلۇققا سەن ئالغىن، ــــ دېدى. ئاندىن بۇرادىرى ئابدۇرەھمان:
― سېنىڭ ئەھلى – ئاياللىرىڭ، بارلىق مالۇ جانۋارلىرىڭغا ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن، بۇ يەرلەرنىڭ بازارلىرى بىلەن مېنى تونوشتۇرۇپ قويغىن، تىجارەت كەسپى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامدىسام تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ― دەپ، ئۇنىڭ مال – دۇنياسىنى قوبۇل قىلمىدى.
مۇھاجىر ۋە ئەنسار بۇرادەرلەر ئوتتورىسىدا دۇستلۇق مۇھەببەت شۇ قەدەر چىڭ باغلانغان ئىدى. مال – دۇنيالارنى ئوتتورىغا تاشلاپ ئىلىڭلار دېسىمۇ ئالمىدى. ئىككى خوتۇنلوق ئەنسارلار بىرىنى تالاق قېلىپ ئۇنى مۇھاجىر دۇستلىرىغا تەقدىم قېلىش پىكرىنى قىلسىمۇ ئۇلار ئۇنىڭغا ئۇنىمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەنسارلارنى ماختاپ بۇ ئايەتنى چۈشۈرگەن:
― «ئەنسار ساھابىلەر مۇھاجىرلارنى ھەر ئىشتا ئۆزىدىن ئارتۇق كۆردى، شۇنداقكى ئۇلار ئۆزلىرى مالغا موھتاج بولۇپ تۇرۇپمۇ، نەپسىدىن كېچىپ، ماللىرىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلدى.»
چۈنكى ئاللاھ يولىدا قىلىنىدىغان بارلىق ياخشىلىقلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغى ئىيسار(ھەدىيە) قىلماقتۇر. ئىيسار ئايىتى شۇ مەزمۇندا بايان قىلىنغان ئايەتتۇر. ئاشۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان دۇستلۇقتا ھەر ئىككى بۇرادەرنىڭ بىرسى مۇھاجىر، ئىككىنچىسى ئەنسارلاردىن بولۇشى شەرت ئىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى ھەققىدە بۇ ئىش ئۇنداق بۇلمىدى. بەلكى رەسۇلۇللاھ ئۇ ئەر يىگىتنىڭ قولىنى تۇتۇپ، «بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم» – دېدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇنداق ئۇلۇق ئىلتىپاتلىرىغا ئۇچرىغانلىقتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەرىپىگە ئىگە بولدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللاھ ئالدىدا، بۇ مەردى ھەقنىڭ قانداق ئۇلۇغ مەرتىۋە تاپقانلىقى بۇ ئىشتىن مەلۇمدۇر. شۇنداق بولۇپ، ھەربىر مۇھاجىر ئۆزى دۇست تۇتقان ئەنسارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان بولدى. بۇلار تاكى «مىراس» تالاشقانغا قەدەر بىر – بىرى بىلەن ياشاپ، كەلگۈسىدە مىراسخور بولىدىغان بولدى. كېيىن مىراس ھۆكمى ئۆزگىرىپ تا ھازىرقى كۈنگىچە ھەركىمنىڭ ئۆز ۋارىسىغا تەيىن تاپىدىغان بولدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش