سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئەزاننىڭ جارى ئېتىلىشى

ئەزاننىڭ جارى ئېتىلىشى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ئەزاننىڭ جارى ئېتىلىشى
ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە مەسجىدگە جامائەتنىڭ يىغىلىشى ئۈچۈن يىراق – يېقىندىكى مۆمىنلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك ئىدى.
بۇ توغرىدا قانداق چارە قوللىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە مەسلىھەت سالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى: «يا رەسۇلۇللاھ ھەر ناماز ۋاقتى كەلگەندە بىرەر جايغا بايراق ئاسايلى» ــ دېدى. ئۇخلاپ قالغان ئادەم بىلەن كۆرمەي قالغان ئادەم بىلمەي قالىدۇ، دەپ بۇنى ماقول كۆرمىدى. يەنە بەزىلىرى ئېگىز بىر جايغا ئوت يېقىپ بەلگە بېرەيلى، دەپ مەسلىھەت بېرىشتى. بۇ ئاتەشپەرەسلەرنىڭ ئىشى دەپ بۇنىڭغىمۇ رازى بۇلمىدى. يەنە بىرسى: ــــ ھەرناماز ۋاقتى بولغاندا بۇغا چالايلى دېدى. بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت ۋاقتىدىكى ئادەتلىرى بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ بۇنى ياقتۇرمىدى. چۈنكى يەھۇدىي، نەسرانىيلارنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشقا تەقلىد بولۇپ قېلىشىنى خاھلىمايتتى. يەنە بەزىلىرى قوڭغۇراق چېلىش مەسلىھەتىنى بەردى. بۇ ئىش ئىبادەت كۈنلىرىدە ناسارالار ئىشى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بۇنىمۇ ھەم خاھلىمىدى. ئاخىرى بىر ساھابە:
― «يا رەسۇلۇللاھ ھەر ناماز ۋاقتى بولغاندا بىر ئادەم تۇرۇپ ـــــ ۋاقتى ناماز، ۋاقتى ناماز دېسە بۇلورمو؟» – دېدى.
پەيغەمبىرىمىز بۇنى بولىدۇ دەپ قوبۇل كۆردى. ھەر ناماز ۋاقتى بولغاندا شۇ سۆز بىلەن بىر كىشى چىقىپ توۋلايدىغان بولدى. بۇ توۋلىغۇچىلاردىن بىرسى مەدىنىلىك ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد دېگەن كىشى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كىشى كېچىدە ئۇيقۇ بار يوقنىڭ ئارىلىقىدا بىر كىشى كۆزىگە كۆرۈنۈپ: ــــ «مۆمىنلەرنى نامازغا قىچقىرار بولساڭ مانا شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ قىچقارغىن» ـ دېدى.
« ئاللاھو ئەكبەر ئاللاھو ئەكبەر، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ، ھەيي ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەسسالاھ، ھەييى ئەلەل فەلاھ، ھەييى ئەلەل فەلاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ» بىلەن تۈگىتىسەن، ــــ دەپ غايىپ بولۇشى ھامان ئويغاندى. شۇ زامان رەسۇلۇللاھ ھۇزورىغا بېرىپ كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلدى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز:
بۇ كۆرگىنىڭ ئەلۋەتتە ھەق چۈشتۇر. مەن مىراجغا چىققاندا بىر پەرىشتەنىڭ شۇنداق ئەزان ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، – دېدى. بۇ كەلىمىلەرنى بىلالغا ئۆگەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى سىنىڭكىدىن يۇقىرىراقتۇر، دېدى. شۇندىن تارتىپ ھەزرىتى بىلال شۇ كەلىمە بويىچە ئەزان ئېيتىدىغان بولدى. پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە شۇ تەرتىبتە ئەزان ئېيتىش سۈننەت بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈستىگە ھەزرىتى ئۆمەر ئالدىرىغان پىتى كېلىپ:ـــ «يا رەسۇلۇللاھ بىلال ئېيتقان ئەزاننى مەنمۇ چۈشۈمدە كۆردۈم» – دېدى. ھەر ناماز ۋاقتى كەلگەندە نامازغا ئەزان ئوقۇش، نامازغا تەكبىر چۈشۈرۈش شۇ چاغدىن ئېتىبارەن سۈننەت بولدى. سەھرادا، سەپەردە ھەزرىتى بىلال ۋە ئىبنى ئۇممى مەكتۇم پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنلىرى ئىدى. ئىككىنچىسىنىڭ كۆزى قارىغۇ بولسىمۇ، كۆزى ئوچۇقلاردىن ۋاقىتنى ياخشىراق بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ: «بىلالنىڭ ئەزىنى سىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك يېيىشىڭلاردىن قالدۇرمىسۇن، ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيتقىچىلىك، يەپ – ئىچىڭلار» ـــ دېگەن ئىدى. چۈنكى ھەزرىتى بىلال تەھەججۇد نامىزىغا ئويغىتىش ئۈچۈن تۈن يىرىم بولغاندىن كېيىن ئەزان ئېيتاتتى. ئىككى ھەرەمدە ھازىرغىچە شۇ ئادەت جارىدۇر. بامدات نامىزىغا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭ كەينىدە ئەزان ئوقۇلىدۇ. ھەر پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندىن كېيىن ئەزان ئېيتىش ناماز ئوقۇش ئالدىدا تەكبىر چۈشۈرۈش، ناماز ئوقۇغاندا ئاللاھو ئەكبەر دېيىش، بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن بىللە ئوقۇش، ھەر رەكئەتتە رۇكۇ، سەجدە قېلىش، ھەر ھەپتىدە جۈمە نامىزىنى ئوقۇش، ھەر يىلدىكى ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇش، مانا بۇلار بولسا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇممەتلىرىگە خاس ئىبادىتىدۇر. بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممەتلىرىنىڭ دىنى ئىبادەتلىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش