You Are Here: Home » ئومۇمى » قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى

قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشەرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن قۇددۇس شەرىپكە قاراپ، ئون ئالتە ئاي ناماز ئوقۇدى. لېكىن كۆڭلىدە قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى قىبلە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسى ئىدى. ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن خاتەم ئەلەيھىسسالامغىچە ھەممىسى قۇددۇس شەرىپكە قاراپ ئىبادەت قېلىشاتتى. يالغۇز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ ئىزنى بىلەن كەئبە ــ قىبلە بولدى. قۇرەيش سەييىدلىرى: ــ «مۇھەممەد ئۆزىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يولىدا مەن، ــــ دەيدۇ، ـ ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقىمايدۇ؟ يەھۇدىيلار قىبلىسى‹بەيتۇلمۇققەددەس› گە قارايدۇ»، دەپ تەنە قېلىشاتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىيلار «مۇھەممەد بىزنىڭ دىنىمىزغا قارشى بولسىمۇ، ئۆزى بىزنىڭ قىبلىمىزگە چوقۇنىدۇ» ـ دەيتتى. رەسۇلۇللاھ مەككىدە تۇرغان چاغلىرىدا قۇددۇس شەرىپ تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇغان بولسىمۇ، نامازدا قىبلىگە ئارقىسىنى قىلمىغان ئىدى. ئەمما مەدىنىگە كەلگەندە ناماز ئوقۇسا كەئبە دەل ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىپ قالدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا «ئاللاھ تائالا مېنى يۈزۈمنى يەھۇدىيلار قىبىلىسىدىن كەئبىگە ئۆرۈلسە» ـ دەپ كۆڭلىدىكى ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى. ئاندىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام بۇ مەقسەتنى ئاللاھتىن تەلەپ قېلىشنى مەسلىھەت بەردى. رەسۇلۇللاھ، «مېنىڭ بۇ تىلىكىم قاچان قوبۇل بۇلار» دەپ كۆپ تەلمۈرگەنلىكتىن، دۇئا قىلغىنىدا يۈزىنى كۆك ئاسمانغا قارىتاتتى.
بىر كۈنى ئۇممۇ بەشەر دېگەن ساھابە خوتۇنىنىڭ ئۆيىگە ئۇنى كۈرگىلى كەپتۇ. شۇ يەردە پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغان ئىكەن. شۇ جايدىكى مەھەللىنىڭ مەسجىدىگە چىقىپ، ساھابىلەر بىلەن بىرگە پىشىن نامىزىنى ئوقۇشقا تۇرۇپتۇ. ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇغاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام: «يۈزۈڭنى مەسجىدى تەرەپكە ئايلاندۇر» دېگەن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئىچىدە تۇرغان ھالدا يۈزىنى كەئبىگە ئۆرىدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى كەئبىگە قاراپ ئۆزگەردى. شۇ كۈنى مەدىنە مۈنەەۋۋەردە ئىككى قىبلىلىق مەسجىد دېگەن بىر – بىرىگە قارمۇ قارشى ئىككى مىھراپلىق بىر مەسجىد بار. ئۇنى ھاجىلار زىيارەت ئېتىشىدۇ. بۇ ۋەقەنىمۇ پەيغەمبىرىمىز ھەققىدە ئۇلۇغ نېمەتلەردىن سانايدۇ. چۈنكى باشقا پەيغەمبەرلەر ئۆمرى بويىچە قىلغان ئىبادىتى بىر قىبلىگە قارىتىلغان ئىدى. ئەمما بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز قىلغان تائەت – ئىبادەتلىرىنى ئىككى قىبلىگە قاراپ ئادا قىلدى. ئىككى قىبلىنىڭ ساۋاپ دەرىجىلىرى ئۇ زاتقا ھاسىل بولدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top