ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » رامىزان ئۆزگىرىشىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتتۇر

رامىزان ئۆزگىرىشىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتتۇر

ئۆزىمىزنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ ئۆلچەملىرىگە سېلىپ تەكشۈرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۆزىمىزدە جىددىي ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يامان ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. بىز ئۆزىمىزدىكى بۇ يامان ئادەتلەرنى توغرا بايقاپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتكىنىمىزدە، تۈرلۈك ھەسرەت – نادامەتلەردىن ساقلىنىپ، مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەت ئىچىدە ياشىيالايمىز. دۇنيادا يامان ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى خالىمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ناچارلىقتىن ياخشىلىققا، پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا، لەقۋالىقتىن تەقۋالىققا ئۆزگىرىش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئارزۇ – ئىستىكىدۇر. يامان ئادەتلەرگە ئۈگىنىپ قالغان كىشى ئۆزگىرىپ ياخشى كىشى بولۇشنى، ياخشى كىشى تېخىمۇ ياخشى، تەقۋا، ئۈلگىلىك كىشى بولۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەسلىدە ئىمان ۋە ياخشىلىقنى سۆيۈش تەبىئىتى بىلەن يارىتىلغان. ئۇنداقتا مۇبارەك رامىزان ئېيى ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتۇر. چۈنكى رامىزان ياخشىلارنى، يېتەكچىلەرنى، قەھرىمانلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالىي مەكتەپتۇر. رامىزاندا جىن – شاياتىنلار كىشەنلىنىدۇ، قەلبلەر ياخشى ئىشلارغا تەلپىنىدۇ، دوزاخلارنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، جەننەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. رامىزاننىڭ ھەر بىر كېچىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر دوزاختىن ئازات قىلىنىدۇ، رامىزاندا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدر كېچىسى بار. رامىزان ھەققىدە يەنە شۇنداق كاتتا بېشارەتلەر باركى، بۇ بېشارەتلەرنى ئاڭلىغان كىشى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن قول يىغىپ، تائائەت – ئىبادەتلەرگە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىغان بولىدۇ.

رامىزان بەدرى غازىتى، مەككە پەتھىسى، سالاھىدىن ئەييۇبىي يېتەكچىلىكىدىكى ھېتتىين غازىتى، سەيپىدىن قۇتتۇز يېتەكچىلىكىدىكى ئەين جالۇت غازىتى، مۇھەممەد پاتىھ يېتەكچىلىكىدىكى قۇستۇنتىينىيە پەتھىسى قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نۇرغۇن غازاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ غازاتلاردا مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىخىي چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان مۇبارەك ئايدۇر.

دېمەك، رامىزان ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، سالىھلار، تەقۋالار كارۋىنىغا يېتىشۋېلىشىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن ساقلىنىپ) تەقۋا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى سۈرە بەقەرە، 183- ئايەت.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزنى ئاۋۋال قۇرئان كەرىمگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك

ھازىر ئەقىللىق تېلىپون پۈتۈن ۋاقتىمىزنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، بىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشقا ۋاقتىمىز يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىر قانچە كۈن ھەتتا بىر قانچە ھەپتىگىچە قۇرئان كەرىم قولىمىزغا ئېلىپ باقمايدىغان يامان ھالەت شەكىللىنىپ، بۇ ھالەت بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ شىكايىتىنى ئەسلەتمەكتە. پەيغەمبەر ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى سۈرە فۇرقان، 30- ئايەت.

بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان كەرىمنى دەرس قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا تىڭشىتاتتى. ساھابىلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرمۇ بۇ ئۇلۇغ ئاينى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.

ئۇستازلارنىڭ بىرىدىن ئىلگىرىكىلەر قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلاتتى دەپ سورالغاندا: ئۇلار قۇرئان كەرىمگە بىز ھازىر تېلىپونغا مۇئالىمە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.

ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىزنى ئاۋۋال قۇرئان كەرىمگە پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىساق، باشقا مۇئامىلىرىمىز ئاپتۇماتىك ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ ئىجادىيىتى ۋە قۇدرىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟ دېدى. مۇسا ئېيتتى: پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى سۈرە تاھا 49-، 50- ئايەتلەر.

بىز سۈرە رەئدىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى بۇ ئايەتلەر ئۇستىدە تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. ئەلىف، لام، مىم ، را. بۇ، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار. يەر يۈزىدە بىر بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمىدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار سۈرە رەئد، 1-4 ئايەتلەر

ئاندىن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان مۇئمىنلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتلارنى بايان قىلىپ نازىل بولغان بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم: تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر ـ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر سۈرە دۇخان، 51- 57 ئايەتلەر.

ئاندىن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابلارنى بايان قىلىپ نازىل بولغان بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئازاپلاردىن قۇتۇلۇش يولىدا ئىزدىنىشىمىز لازىم: كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق سۈرە فاتىر 36-، 37- ئايەتلەر.

دېمەك، بۇ ئۇلۇغ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، قۇرئان كەرىمگە بولغان پاسسىپ مۇئامىلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر سۈرە فاتىر، 29-، 30- ئايەتلەر.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇيدىكەن، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق بېرىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاپ بېرىلىدۇ. الم بىر ھەرپ دېمەيمەن، بەلكى ئەلىپ بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپدۇر ئىمام تىزمىزى رىۋايەت قىلغان، ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

ئاندىن كىشىلەرگە يامان مۇئامىلە قىلىش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك

بەزىلەرنىڭ كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى قوپال، ئەخلاقى ئوسال بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىرەر ئېغىز چاقچاق سۆزىنىمۇ كۆتەرەلمەيدىغان، سەمىمى تەنقىدىنىغۇ ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولىدۇ. باشقىلارنىڭ پۈتۈن مۇئامىلىلىرىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ، باشقىلارنى قەدىر – قىممەت ۋە ئىززەت – شەرىپىمنى چۈشۈرۈۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، بەزىدە ئۆزى بىلىپ – بىلمەي كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا چىدىماي، ئۇلارنىڭ غەيۋەت – شىكايىتىنى قىلىپ تاشلايدۇ. مانا بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئۆزىدىكى گۇمانخۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەيۋەت – شىكايەت قاتارلىق بۇ يامان ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىشى، ياخشىلىق قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۇئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر سۈرە ھۇجرات، 12- ئايەت. كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ سۈرە شۇرا 40- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ سۈرە بەقەرە، 195- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان ئىللەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ سۈرە فۇسسىلەت، 34- ئايەت.

مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش