ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بەدر غازىتى

بەدر غازىتى

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
بەدر غازىتى
بۇ غازات، پۈتۈن ئىسلام ئالەمىدە بولغان غازاتلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ غازات دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ماددىي جەھەتتىن، يەنى ئەسكەرلەرنىڭ كۆپلۈكى، ياراغ قۇراللىرىنىڭ كۆپلىگىدىن ئەمەس، بەلكى مەنىۋى دىنى تەرەپتىن قارىغاندا، بەك ئۇلۇغ غازاتتۇر. يۇقىرى ئالەم، يەنى يەتتە قات ئاسمان، تا لەۋھۇ قەلەم، ئەرشى ئەزەم پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ بۇ غازاتنىڭ شۆھرىتى باردۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كېلىشى بىلەن ھىدايەت قۇياشى تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قۇتلۇق غازات نەتىجەسىدە ھىدايەت ئەھلىلىرى زەپەر بايرىقىنى كۈككە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن زالالەت ئالەمىگە مەيدان ئوقۇدى. ئۇلۇغ پەرىشتىلەردىن جىبرىل، مىكائىل، ئىسراپىل ئەلەيھىسسالام، بۇ ئۈچەيلەن ئۈچ تۇغ كۆتۈرۈپ ئۈچ مىڭ پەرىشتە بىلەن مەيدانغا ھازىر بولدى. بۇ سىرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە قۇرئاندا بۇ ئايەت بىلەن خەۋەر بەردى:
«كۇپايە قىلماسمۇ، رەببىڭىز سىزگە ئۆز تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئۈچ مىڭ پەرىشتەر بىلەن مەدەد بەرسە».
يۇقىرىدىكى ئۈچ ئۇلۇغ پەرىشتە تۇغ بايراقلىرى بىلەن بۇ مەيدانغا ھازىر بولغىنىدەك، بۇلارغا قارشى ئىبلىس مەلئونمۇ، بەنى كىنانە قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سۇراقە ئىبنى مالىك سۈرىتىگە كىرىپ، بۇمۇ ھازىر بولدى. شۇ قەبىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە كىرگەن بىر قانچە كاپىر جىنلەردىن قوشۇن تۈزۈپ، تۇغ بايراقلار كۈتۈرگەن ھالدا بەدر مەيدانىغا كەلدى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى بۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭۈللىرى تەسكىن تاپتى. ئۇنداق بولمىسا بۇ ئىككى قەبىلە ئارىسىدا كونا قىپ قالغان ئاداۋەتلىرى بار ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنىڭمۇ قارشىلىق كۈرسىتىشىدىن قورقاتتى. سۇراقە سۈرىتىگە كىرىۋالغان ئىبلىس مۇشرىكلارغا مۇنداق دېدى: «بىزدىن كۆڭلۈڭلەر خاتىرجەم بولسۇن، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدىم، ئەمدى بۇ ئۇرۇشتا سىلەر دۈشمەندىن يېڭىلمەيسىلەر» ـ دەپ ئەبۇ جەھلنىڭ ئۇكىسى ھارس ئىبنى ھىشامنىڭ قولىنى تۇتتى. بىراق شۇ چاغدا جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا ئىبلىسنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. تەنلىرى سىماپتەك لەرزىگە چۈشۈپ، تۇتۇپ تۇرغان قولىنى سىلكىپ تارتىۋېلىپ ئارقىسىغا قارىماي قاچتى. كاپىرلاردىن بىرسى تۇرۇپ: «ئەي سۇراقە ياردەمگەكەلدىم، دەپ بىزنى خوش قىلغان ئىدىڭ، ئەمدى ئۆز سۆزۈڭگە ۋاپا قىلماي، نەگە كېتىۋاتىسەن»، دېدى. سۇراقە ئېيتتى: «سىلەر كۈرمىگەننى مەن كۆردۈم، ئەمدى بۇ جايدا تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى» دەپ ئەسكەرلىرى بىلەن شۇ زامان كۆزدىن غايىپ بولدى.
ئەمدى بۇ غازاتنىڭ باشلىنىشى شۇنداق بولدىكى، يوقىرىدا سۆزلىگىنىمىزدەك مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ چوڭ كارۋىنى رەسۇلۇللاھقا تۇتۇق بەرمەستىن، شام ۋىلايىتىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ شامدىن قايتقان خەۋىرى ئاڭلاندى. ئاندىن ساھابىلەرگە دېدىكى: «ئەگەر بۇ كېلىۋاتقان كارۋاننى قولغا چۈشۈرسەك بىز ئۇلۇغ ئولجىغا ئىگە بولىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ چارىسىنى قېلىشىمىز لازىم، كىمنىڭ ئات – ئۇلاغلىرى ئالدىن ھازىر بولغان بولسا، بىز بىلەن چىقسۇن، ئات ئۇلىقى يوق كىشىلەرنى ساقلاپ تۇرۇشقا ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ» دەپ يولغا چىقتى. بۇ ۋەقە ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئىدى. بۇ مۇبارەك غازاتقا تەييارلىنىپ چىققان ساھابىلەرنىڭ سانى 313 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىككى يۈز قىرىق نەچچىسى ئەنسارلار بولۇپ، قالغىنى مۇھاجىرلار ئىدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇمنى ۋاقىتلىق مەدىنىگە ۋالى قېلىپ قويدى. بۇ ئەسكەرلەنىڭ بارلىق قورال جابدۇقلىرى ئىككى ئات 70 تۆگە بولغانلىقتىن يول بۇيى ئالمىشىپ مىنىپ يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. رەسۇلۇللاھ يولغا چىققاندا شام تەرەپتىن كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ باشلىقى، ئەبۇ سوپيان ئىدى. بۇ كىشى ھىچاز تۇپرىقىغا كىرگەندىن باشلاپ ھۇشيار ھالەتتە تۇرۇپ، سەگەكلىك بىلەن دۈشمەننى كۈزەتتى. ھەر قونالغۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال ئادەم ئەۋەتىپ، ئالاقە ئورنىتىپ، مەدىنە تەرەپتىنمۇ خەۋەر ئېلىپ تۇردى. پەيغەمبرىمىزنىڭ يول توسۇپ دۈشمەننى ساقلاپ تۇرغانلق خەۋىرىنى ئاڭلىغان كارۋان ئەھلىنىڭ قورققانلىقتىن جان – پېنى چىققىلى تۇردى. زەمزەم ئىبنى ئەمر دېگەن كىشىنى يولدىن 20 مىسقال ئالتۇنغا سىتىۋىلىپ، دەرھال مەككىگە خەۋەر يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى. بۇ كىشى بىر يالاڭ تۆگىگە مىنىپ بىر كېچە – كۈندۈز يول بېسىپ مەككىگە كەلدى. شەھەر ئوتتورىسىغا كېلىپ، تۆگە ئۈستىدە تىك تۇردى. كىشىلەر قارىسا بۇ ئادەم تۆگىگە تەتۈر مىنگەن، تۆگىسىنىڭ قۇلاق، بۇرۇنلىرى كېسىلگەن، قېنى ئىقىۋاتقان، كىيىۋالغان كۆينىكىنىڭ ئالدى – ئارقىسى يىرتىلىپ ياقىسىغا يەتكەن، بىر كىشى جار سېلىپ سەسكىنەرلىك ھالدا: «كىمگە مال – جان كېرەك بولسا، دەرھال ئەبۇ سوپيانغا ياردەمگە بارسۇن، مۇھەممەد يولداشلىرى بىلەن كارۋان ئۈمىكىنى بېسىش ئۈچۈن، مەدىنىدىن چىقتى» دەپ جىنىنىڭ بىرىچە قاتتىق ۋارقىردى.
دۈشمەن تەرەپتىن قورقۇنچلۇق خەۋەر ئېلىپ كېلىپ ياردەم سوراشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ دەھشەتلىك قىياپەتتە بۇنداق داۋراڭ سېلىشى ئەرەبلەرنىڭ كونا قىلق ۋە ئادەتلىرىدىن ئىدى. بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئاڭلىغان قۇرەيش خەلقى پۈتۈنلەي قوزغالدى. ئەبۇ جەھل باشلىق پۈتۈن قەبىلە باشلىقلىرى رەسۇلۇللاھقا قارشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا قاتتىق كىرىشتى. قۇرەيش رەئىسلىرى ئەبۇ لەھەپتىن ئۆزگە بۇ سەپەرگە چىقمىغان كىشى قالمىدى. ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئاس ئىبنى ھىشام دېگەن كىشىنى 4000 تەڭگىگە سېتىۋىلىپ ئەۋەتتى. تېزلىك بىلەن تەييارلىق كۆرۈشۈپ، ئىككى كۈن ئىچىدە يولغا چىقتى. ئەسكىرى قوشۇنىدا 250 ئادىمى بولۇپ، 70 مېنىدىغان ئات، 100 دانە سوۋوتۇلغان يۈگرەك ئات بار ئىدى. چىلدىرما چىلىپ (ئۇرۇش دۇمبىقى) ئۇرۇشنى قىزىتىپ، شېئىرلار ئوقۇپ، ئۆزلىرىنى ماختىشىپ، مۇسۇلمانلارنى يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر نەچچە قوشاقچىلارنىمۇ ئېلىۋىلىشقان ئىدى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى كارۋاننىڭ ماللىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقىت ئۈتمىسۇن دەپ تېزدىن ھازىرلىق كۆرۈپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىلا مەدىنە تاشقىرىسىغا چىقىپ قوشۇن تۈزدى. ھەمدە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە كۆرەك ئۆتگۈزۈپ، ئۇرۇشقا ياراملىق ئەركەكلەرنى تەييارلىدى. يېشى توشمىغان بالىلار، تېنى ئاجىز ۋە قىرى، ئۇرۇش قېلىش ئىقتىدارىدىن قالغان كىشىلەرنى شاللاپ چىقىرىۋەتتى. شۇ يەردىن ئىككى كىشىنى كېلىۋاتقان كارۋاننىڭ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئالدىن يولغا سالدى. مەدىنەدىن ئىككى – ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، رەۋھە دېگەن يەرگە كەلگەندە كۆپ كىشىلەرنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى بىلىندى. كەتكەن ئىككى كىشى كېلىپ، بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇلار بەدر ۋادىسىغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھ ئەسكەر باشلىقلىرىنى يىغىپ، «ئەي مۆمىنلەر، ئىككى تائىپىنىڭ بىرىنى بىزگە بېرىش ئۈچۈن، ئاللاھ ۋەدە بەردى. ياكى شام تەرەپتىن كېلىۋاتقان قۇرەيش كارۋىنى بىزگە ئولجا بولغۇسى. ياكى بۇلارنى قوغداپ چىققان قوشۇنلىرى بىلەن توقونوشساق، زەپەر تاپقىنىمىزشۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ بەزى ساھابىلەر: ــــ يا رەسۇلۇللاھ، كارۋان توسوشقا ئالدىراشلىق بىلەن چىققانلىقىمىز ئۈچۈن قورال – ياراق جابدۇقلىرىمىزنىمۇ تولۇق ئالماي چىقىپتىمىز قانداق بۇلار؟» ـــ دەپ قۇرەيش ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشالمايدىغانلىقىنى سەزدۈردى. ئاندىن مىقداد ئىبنى ئەسۋەد ئورنىدىن تۇرۇپ: ــــ «يا رەسۇلۇللاھ، ئاللاھ تائالا سىزنى قايسى ئىشقا بۇيرۇغان بولسا شۇنىڭغا قاراپ يۈرۈش قىلىڭ. مۇسا قەۋمى ـــــ بەنى ئىسرائىل ئېيتقان سۆزنى بىز ئېيتمايمىز ــ (پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنى غازاتقا چاقىرغاندا: ـ «ئەي مۇسا بىز ئۇرۇش قىلمايمىز. تەڭرىڭ بىلەن سەن بارغىن، ئۇرۇش قېلىپ شەھەرنى دۈشمەنلەردىن بۇشاتقىن، ئاندىن بىز كىرەيلى، ئاڭغىچە بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى» ـ دېگەن ئىكەن).
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ئەگەر بىزنى باشلاپ بارقۇل غىماد شەھىرىگە باشلاپ بارسىڭىزمۇ، (ئەرەبلەرنىڭ ئېيتىشىچە دۇنيانىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر شەھەرمىش) ئالدى – ئارقامغا، ئوڭ ياكى سولۇمغا قارىماي سىز باشلاپ ماڭغان يەرگە بارىمەن» دېدى.
يەنە ئەنسار ساھابىلەردىن سەئىد ئىبنى مۇئاز: ـ «يا رەسۇلۇللاھ بىز سىزگە ئىمان كەلتۈردۇق. سىزنى ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچى دەپ ئىشەندۇق. سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزغا بويسۇنۇپ ھەر بىر ئىشىڭىزدا سىزنى ھىمايىمىزگە ئېلىشنى ۋەدە قېلىپ، بەيئەت تاپشۇردۇق، قايسى ئىشقا ئاللاھ ئەمر قىلغان بولسا، باشلاڭ، بىز تەييارمىز، سىزنى پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىزنى باشلاپ كەي دېڭىزىغا كىرىدىغان بولسىڭىز ئارقىڭىزدىن قالماي بىزمۇ كىرىمىز، سۇ دېڭىزى ئەمەس، بەلكى ئوت دېڭىزى بولسىمۇ سىزدىن ئايرىلمايمىز، ھەر قانچە كۆپ دۈشمەننىڭ قارشىسىدا كۆرسىڭىزمۇ، ئۇنى كۆپ كۆرمەي، ئېغىر ئالمايمىز، ئۇرۇش مەيدانىدا بىز چىداملىق بىلەن جەڭ قىلىمىز، دۈشمەننىڭ ئالدىدا ئەرلىك ۋىژدانىمىز بىلەن تۇرۇپ، قەھرىمانلىق كۆرسىتىمىز، يا رەسۇلۇللاھ، ئەتە دۈشمەن ئالدىدا قىلغان باھادىرلىقىمىزنى، كۆرسەتكەن باتۇرلۇغىمىزنى كۆرىسىز، سىزنى ئەلۋەتتە سۈيۈندۈرىمىز. ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلار دەپ ئاللاھتىن ئۇمىد قىلىۋاتىمىز»، دەپ سۆزىنى تۆگەتتى.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك يۈزلىرى يالتىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېيتتىكى: ـــ «سىلەرگە بېشارەت بولسۇنكى، دۈشمىنىمىز بۇ ئۇرۇشتا بىزدىن يېڭىلىدۇ. ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇلارنىڭ يىقېلىپ ياتقان يەرلىرى كۆزۈمگە كۈرسىتىلدى، يەنى ئاللاھ تائالا ئىككى تائىپىنىڭ بىرىنى بېرىمەن دەپ پەيغەمبىرىمىزگە ۋەدە قىلغان ئىدى. شۇ ۋەقە قۇرەيش قەبىلىسىگە توغرا كېلىپ، بۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئۇچرايدىغان ۋەقەلىرى كۆرسىتىلدى. ئەبۇ جەھل باشلىق بىر قانچە قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئۆلىدىغان جايلىرىنى بەلگىلەپ، بىر كۈن بۇرۇن ساھابىلەرگە كۆرسەتكەن ئىدى. قايسى يەرنى كۆرسەتكەن بولسا شۇ يەردەشۇ دېگەن كىشى ھالاك بولغان ئىدى. بۇنداق غايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بېرىش پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىلىرى ئىدى.
ئەمدى سۆزنى ئەبۇ سوپياندىن باشلايمىز. ئەبۇ سوپيان پەيغەمبىرىمىزنىڭ يول توسۇپ، چىققانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۈرگەن يولىنى تاشلاپ يىراق بولسىمۇ دېڭىز بويى بويلاپ قېچىپ كارۋاننى قۇتقۇزدى. دەرھال خەت يېزىپ، كېلىۋاتقان قۇرەيش قوشۇنىغا ئادەم ئەۋەتىپ دېدىكى: بىز قۇتۇلدۇق، ئەمدى باشقا ھاجەت قالمىدى، سىلەر قايتىڭلار، دەپ يازغان ئىدى. بۇ ئەۋەتكەن ئادەم ئۇلارغا يولدا يولوقتى. خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەبۇ جەھلدىن باشقا بارلىق قۇرەيش رەئىسلىرى ئەبۇ سوپياننىڭ سۆزى بىلەن يولدىن قايتىپ كېتىشنى ماقۇل كۆردى. يالغۇز ئەبۇ جەھل بۇ ئىشقا رازى بولماي: «بىز يولىمىزدىن قايتمايمىز، بەدر مەيدانىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۈچ – تۆت كۈن تۇرايلى، ئەتراپتىكى ئەرەبلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپسسۇن. تۆگە سويۇپ، خام تىراش قېلىپ، ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بېرەيلى، ئەرەب ئىلىگە بىزنىڭ داڭقىمىز تارقالسۇن، بۇ يولدىن شۇنداق قېلىپ قايتساقچۇ، خەلق ئىچىدە ئابرويىمىز ئېشىپ، ھەيۋەتلىك بولىمىز» دېدى. بۇسۆزگە قارشى چىققۇچىلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى رەت قىلىنغانلىقتىن، بەزىلىرى ئۆزلىرىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەرنى ئېلىپ، يولدىن قايتتى. قالغان قۇرەيش قوشۇنلىرى شۇ ماڭغىنىچە بەدر ۋادىسىنىڭ مەككە تەرىپىدىكى چىكىسىگە كېلىپ قوندى. بۇ جاي بولسا، مەككە بىلەن مەدىنە ئوتتورىسىدىكى، مەدىنىگە يېقىنراق بىر يەر ئىدى. يېرى مۈنبەت تۈپتۈز بىر يەر ئىدى. مۇشرىكلار بۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇتەرەپتىن پەيغەمبىرىمىزمۇ يېقىنلاپ كېلىپ قالدى. ھەزرىتى ئەلى، زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام، بۇ ئىككىيلەننى دۈشمەندىن خەۋەر ئىگىلەش، تىل تۇتۇش ئۈچۈن قوشۇندىن بالدۇرراق يولغا سالغان ئىدى. بۇلار قۇرەيش ئەسكەرلىرىنىڭ سۇچىلىرىغا يولۇقۇپ، ئۇلاردىن ئىككى كىشىنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇۋاتاتتى. نامازدىن بۇشىغىچە بۇلارنى سوراققا تارتىشتى، ئۇلاردىن كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا: «قۇرەيش ئەسكەرلىرىنىڭ سۇچىلىرىمىز» دەپ راستىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا ئىشەنمەي، «سىلەر ئەبۇ سوپياننىڭ ئادىمى» دەپ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى. قىيناشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، يالغان سۆزلەپ: «ئەبۇ سوپياننىڭ غۇلاملىرى بىز» دەپ تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇلارغا ئېيتتىكى: «راستىنى ئېيتقاندا بۇلارنى ئۇردۇڭلار، يالغان سۆزلىسە قويۇپ بەردىڭلار، قۇرەيش سۇچىلىرى بىز دېگىنى راست، قېنى ئۇلاردىن بىزگە خەۋەر بەرگەن رەئىسلىرى كىملەر؟ ئەسكەر سانى قانچە؟» ـ دەپ سورىدى. سۇچىلار: «بىز قۇرەيش ئەسكەرلىرىنى ئاۋۇ كۆرۈنگەن قۇم تۈپە ئاتراپىدا قوندۇروپ، كەلدۇق، ئەمما ئەسكەر سانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز»، دېدى. «ئۇنداق بولسا ئەسكەرلەرنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە ھەر كۈنى قانچە تۆگە سويىسىلەر؟» دېدى. «بىر كۈنى ئون، بىر كۈنى توققۇز تۆگە سويىمىز» دېيىشتى. «بۇ سۆزلىرىڭ راست بولسا، ئەسكەر سانى 900 بىلەن مىڭ ئەتراپىدا بولغان بولىدىغۇ» دېدى. ئىككىنچىسى، بۇ ئەسكەر ئىچىدە قۇرەيش رەئىسلىرىدىن بىر قانچە ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە قاراپ، «مەككە شەھىرى سىلەرگە جىگەر ـ پارىلىرىنى تەقدىم قىلماقچى»، دەپ ئۇرۇشتا زەپەر تېپىشىغا ئىلھام بەردى.
شۇنىڭ بىلەن مىڭىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەچكە يېقىن بەدر ۋادىسىنىڭ مەدىنىگە يېقىن بىر يەرگە كېلىپ ئورونلاشتى. بىراق بۇ چۈشكەن يېرى شورلۇق، سۇدىن يىراق چۆل يەر ئىدى. ئىچىشكە سۇ تاپالماي، ئۇسسۇزلۇق بۇلارغاتەسىر قىلدى. بۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كېچىسى بىرنەچچە ساھابىلەر جۇنۇپ بولۇپ قالغان ئىدى. ئەتىسى ئۇيقۇدىن تۇرغان ۋاقتىدابەزىلىرى جۇنۇپ، بەزىلىرى تەرەتسىز ئىدى. غۇسلى تەرەت ئېلىشقا يېتەرلىك سۇمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە تۈرلۈك ۋەسۋەسىلەر پەيدا بولدى. دۈشمەننى كۆرمەستىن بالدۇرراق، ــــ «ئۇسسۇزلۇق بىزنى ھالاك قىلغۇدەك، ئەگەر دۈشمەن بىلەن ئۇچراشساق ھالىمىز نېمە بولغاي» ــ دېگەن سۆزلەر تارقېلىپ، ئەسكەرلەر ئىچىگە قورقونچ چۈشتى.
مانا شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ پەزلى كەرەمى بىلەن ھاۋا ئۆزگىرىپ، يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سايلار سۇغا تولوپ ئاققىلى تۇردى. ھەممەيلەن غۇسلى تاھارەت ئېلىشقا باشلىدى. ئۆزلىرىمۇ ئىچىپ، ئات ئۇلاغلىرىنى سۇغىرىپ، سۇ قاچىلايدىغان ئىدىشلىرىنى سۇغا تولدۇرىۋالدى. كۆڭوللىرىدىكى غەم ۋەسۋەسەلەر بىردىنلا كۈتۈرلۈپ كەتتى. چاڭقاپ توزۇپ تۇرغان توپىلارمۇ بېسىلىپ، يەرلەرمۇ پاكىزلىنىپ قالدى. ئۇرۇش مەيدانىغا كىرگەندە باھادىر يىگىتلەرنىڭ ئاياغلىرى تىيلمايدىغان بولدى. بۇيامغۇرنىڭ يىغىشى مۇسۇلمانلارغا نىقەدەر پايدىلىق بولغان بولسا، كاپىرلارغا شۇ قەدەر زىيانلىق ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرى، شۇ كۈنى ئۇ جايدىن كۆچكىچە بەدرنىڭ سۇ قۇدۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئويلىغان ئىدى. ماڭغان يوللىرى لاي ـ پاتقاق بولغانلىقتىن، يولدا بىر كۈن كېچىلەپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئويلىغان مەقسەتلىرى قولغا كەلمىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئۇ كېچىنى تائەت – ئىبادەت بىلەن ياخشى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن ئەسكەرلەرگە زەپەر بەلگىسى بېرىلىپ، كېچىچە راھەت ئۇخلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن: «ئىمانى كۈچلۈك كىشىلەرگە ئۇرۇش ئۈستىدىمۇ ئۇيقۇ كېلۇر، ناماز ۋاقتىدا ئۇخلىغانلارنىڭ دىلىدا نىپاقلىق بولغانلىقىدىن بولور» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ تاڭ يورىشى بىلەن ـ «مۆمىنلەر نامازغا، نامازغا» دەپ چاقىردى. يامغۇردىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ ياتقان ساھابىلەر ھەر تەرەپتىن كېلىپ توپلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇدى، نامازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە قاراپ ئۇرۇش ھەققىدە قىسقىچە ۋە ئۆتكۈر ۋەز سۆزلىدى. ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانالار ئوقۇغاندىن كېيىن:
― «ئەي مۆمىنلەر، ئاللاھ تائالا ھازىر ۋە نازىر، دائىما سىلەرگە قاراپ تۇرىدۇ، ئۇرۇش مەيدانىدا باھادىرلىق كۆرسىتىپ، دۈشمەنگە قارشى چىداملىق بىلەن ئۇرۇش قېلىشىڭلارنى ئاللاھ سۆيىدۇ. ئۇرۇش ئۈستىدە قىلىچ ئاستىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ، سەبىر بىلەن تۇرۇش ھەر مۆمىننىڭ تۇتقان پولات قالقىنىدۇر، بۇنىڭدىن ئايرىلمىغان كىشىلەر دۈشمەن ئۈستىدىن ئەلۋەتتە زەپەر تاپىدۇ. بۇ ئورۇندا بىر نەچچە سائەت سەبىر قىلالىغانلار دۇنيا شەرىپىگە ئىگە بولىدۇ. ئۆمۈر بويىچە قايغۇ – ھەسرەتتىن ئۆزلىرىنى، ئەۋلاد نەسىللىرىنى قۇتقۇزغاي. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى سەبىر قىلغۇچىلار بىلەندۇر» ــ دەپ سۆزىنى تاماملىدى. ئاندىن بەدىردىكى سۇ قۇدۇقىنى دۈشمەندىن بالدۇرراق ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن، بالدۇرراق يولغا چىقتى. دېگەندەك قۇرەيشتىن بالدۇرراق مەنزىلگە يېتىپ، مەدىنە تەرەپتىن كېلىشتىكى بىرىنچى قۇدۇق بېشىغا چۈشۈپ ئورونلاشتى. ئاندىن ئەنسار ساھابىلەردىن ھەبباب ئىبنى مۇنزىر دېگەن كىشى ― «يا رەسۇلۇللاھ، بۇ جايغا ئەگەر سىزنى ئاللاھ چۈشۈرگەن بولسا، بۇ يەردىن ئىلگىرى ـ كېيىن كەتمىكىمىز يوقتۇر، ئەگەر بۇ جايغا ئۆز پىكرىڭىز بويىچە چۈشكەن بولۇپ، ئۇرۇشتا ھىيلە كېرەك، دېسىڭىز، بۇ ئورۇن بىزگە مۇۋاپىق ئەمەس» ـ دېدى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز: ― «بۇ ھەقتە ماڭا ئاللاھتىن ۋەھيى كەلمىدى، ئۆز خاھىشىم بويىچە بۇ جايغا چۈشتۈم، ئۇرۇش دېمەك، مىكىر – ھىيلە بىلەن بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۈچۈن بىرەر پايدىلىق ئىش تاپقان بولساڭ قېنى سۆزلە، ئۇنى قوبۇل قىلىمەن» ― دېدى. ئاندىن ھەبباب ئىبنى مۇنزىر: ― «ئۇنداق بولسا، مەككە تەرەپتىكى ئەڭ ئالدىنقى بىرىنچى قۇدۇققا ئىگە بولىشىمىز كېرەك، مەن بىلىمەن يا رەسۇلۇللاھ، بۇ جايدىكى بارلىق قۇدۇقلادىن ئۇنىڭ سۈيى مول، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىدا كۆل قىزىپ، ئۇنى سۇ بىلەن تولدۇرۇپ، قالغان قۇدۇقلارنى تاش – تۇپراق بىلەن ئېتىۋېتىپ، سۇنى قۇرىتىۋىتەيلى. ئۇلار سۇسىز قالسۇن» ـ دېدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ مەسلىھەتنى توغرا تېپىپ، بۇ قۇدۇق ئەتراپىغا ئەسكەرلەرنى ئورونلاشتۇردى. باشقا قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆمۈپ تاشلاپ ئۆزى تۇرغان قۇدۇق بېشىغا بىر كۆل قىزىپ سۇ بىلەن تولدۇرۇپ، دۈشمەن كېلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتتۈرۈۋالدى. ئاندىن مەدىنىلىك ئەنسار ساھابىلەردىن رەئىس سەئد ئىبنى مۇئاز: ــــ «يا رەسۇلۇللاھ، سىز ئۈچۈن بۇ تۆپىنىڭ ئۈستىدىن بىر سايە قىلايلى. بىزنڭ ئىشلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، ئۇ يەردە سىز تۇرۇڭ، ھەر ئىھتىمالغا قارشى ئالدىڭىزغا يۈگرەك تۆگىدىن بىر نەچچىنى ئەكىلىپ قويايلى، ئاندىن بىز بېرىپ دۈشمەنلەر بىلەن سوقوشايلى، ئاللاھ بىزگە ياردەم قېلىپ غەنىمەتلىرىمىزنى ئالساق، كۈتگەن تىلىكىمىزگە يەتكەن بولىمىز، ئەگەر بۇنداق بولماي، ئىش باشقا بولۇپ قالسا، تەييار تۇرغان تۆگىگە مىنىپ، مەدىنىگە كېتىڭ، ئۇ يەردە قالغان يولداشلىرىمىز سىزنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. سىز ئۈچۈن جان ۋە ماللىرىنى قۇربان قېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار. بۇ ئىشتا ئۇلارنىڭ ھېچ بىر كەمچىلىكلىرى يوق» ـــــ دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ـ «ئەي سەئد. ئىش ئۇنداق بولمايدۇ، ئىنشائاللاھ بىز دۈشمەننى يېڭىمىز» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ مىڭىىپ، ئېگىز بىر تۆپىلىككە خورما، ياغاچ، شاخ – شۇمبىلىرىدىن سايىۋەن ياسىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇيەرگە چىقىپ ئولتۇردى. ئەبۇ بەكرى سىددىق قىلىچ قۇراللار بىلەن جابدۇنۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا قاراۋۇللوققا تۇردى. شۇ ئارىدا قۇرەيش قوشۇنلىرىمۇ يېتىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ قارىسا، ئۇلار بايراقلارنى كۈتۈرۈشكەن، گۈلدۈرلىگەن ھالدا تەكەببۇرلۇق بىلەن كېلىۋاتقۇدەك. ئۆز يارەنلىرى مۆمىنلەرگە قارىغۇدەك بولسا بۇلار ھەر تەرىپىدىن ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا يېتىشمەيۋاتقاندەك كۆرۈندى. سانى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇقراق ئادەمدە ئارانلا 70 تۆگە بىلەن ئىككى ئاتتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭۈللىرى مەيۈسلەندى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش ئەسكەرلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ئاللاھقا مۇناجات قىلدى:
― ئى رەببىم. پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مېنى ھەق پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتتىڭ، ھەق يولنى ئۇلارغا ئۆگەتكىن، دەپ قولومغا قۇرئاندەك ئۇلۇغ كىتاب بەردىڭ. ئەمدى ئۇلار ساڭا قارشىلىق قېلىپ، پەيغەمبىرىڭنى ئىنكار قىلدى. ئۆزەڭ چۈشۈرگەن قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمىدى. قىنىمىزغا تەشنا بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلدۇق. ئى رەببىم، بۇ ئۇرۇشتا بىزلەرگە زەپەر بېرىپ، دۈشمەنلىرىمىزنى ھالاك قىلغىن. چۈنكى ئۇرۇشتا سەۋر قىلغان مۆمىن قۇللىرىڭغا ياردەم قىلىمەن ـ دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ، بۇ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقدۇر. ـ دەپ دۇئا قىلدى.
شۇ ئارىدا قۇرەيش قوشۇنلىرى ئىككىگە بۈلۈنۈپ، ئۆز ئىچىدىن غوۋغا چىقتى. ئەسكەر رەئىسلىرىدىن ئۇتبە ئىبنى رەبىئە دېگەن كىشى خەلقنى بۇ ئۇرۇشتىن قايتۇرغىلى تۇردى. ئۇ: ــ «بۇ ئۇرۇشتا مۇھەممەدنى يەڭگەن تەقدىردىمۇ، بىزگە بۇ ئۇرۇشتىن پايدا چىقمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يارو بۇرادەرلىرى ئەڭ ئاز دېگەندە يۈز باراۋەرچە ئادەم ئۆلتۈرمەي قالمايدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا قۇرەيشتىن شۇنچىلىك ئادەم ئۆلسە، تىرىك قالغانلىرىمىزغا بۇ تىرىكچىلىكتىن نېمە لەززەت كۆرىمىز. يەنە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ، بۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس. مۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزىمىزنىڭ قەبىلىسىدىن بولغاچقا، بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىمىزنىڭ قىنىمىزنى ئۆزىمىز تۆككەنلىك بولىدۇ. ــ دېگەن گەپ. مۇھەممەد بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا قان – مال چىقىملىرىمىز بولسا، بارىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم، قانغا قان تۈلەيمەن، مېلىغا تۆلەم تۆلەيمەن، ئەمدى بۇ ئۇرۇشنى قىلمايلى، مۇھەممەدنى باشقا قەبىلە ئەرەبلىرى بىلەن قالدۇرۇپ، ئۆزىمىز جېنىمىز بىلەن قايتايلى، ئۇ باشقىلارنى يەڭسۇن، ياكى ئۇلاردىن يېڭىلسۇن، بىز ئۈچۈن بۇ ئىش پايدىلىق بولۇپ چىقىدۇ.» ــــ دېدى. بۇ سۆز ئەسكەرلەر ئىچىدە تارقېلىپ ئەبۇ جەھلنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ پۈتۈن قوشۇننىڭ باش قوماندانى ئىدى. بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، كۆڭلىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاداۋەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن، بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل كۆرمىدى. بەلكى ئۇ كىشىنى قورقونچاق دەپ ئەيىبلىدى. بۇلارمۇ بالدۇرراق كارۋاننىڭ خەۋىرىنى بىلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەردىن سەككىز كىشىنى ئابدۇللاھ ئىبنى جەھىشنى باشلىق قېلىپ ئەۋەتكەن ئىدى زىنەخاە دېگەن يەرگە كەلگەندە كىچىكرەك كارۋانغا ئۇچراپ، كارۋان باشلىقى ئەمر ئىبنى ھەزرەمىي دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن كارۋان مېلىنى ئىككى كىشى بىلەن مەدىنىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋەقە ئالدىنراق بولغان ئىدى. ئۆلتۈرۈلگەن ئەمر ئىبنى ھەزرەمىينىڭ ئاكىسى ئەمر ئىبنى ھەزرەمىينىڭ قىساسىنى ئالىمەن دەپ، قۇرەيسش قوشۇنى بىلەن بىرگە كەلگەن ئىدى. ئەبۇ جەھل ئۇنىڭغا دەرھال كىشى ئەۋەتىپ، ئالدىراپ كېلىپ:
«كۆردۈڭمۇ ئۇتبەنى، ئۇكاڭنى ئۆلتۈرگەن مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇشمايمىز دەپ ئەسكەرنى ئۇرۇشتىن قايتۇرماقچى بۇلىۋاتىدۇ. ئەمدى سەن پۈتۈن ئەسكەرلەر يىغىلغان جايدا، سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇكاڭنىڭ قىساسىنى ئېلىش نىيىتىدە قاتتىق تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا قوزغىغىن» ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسكەرلەر توپلاشقان يەرگە كېلىپ، كۆتىنى ئاچتى، ئەرەب ئادىتى بويىچە بېشىغا توپا چېچىپ، «ۋە ئەمرۇ، ۋە ئەمرۇ» ـ دەپ قاتتىق توۋلاپ، يىغلىغىلى تۇردى. بۇنى كۆرگەن ئۆز قەبىلىسى، قېرىنداش ئۇرۇغ جەمەتىمۇ يىغلاشقا باشلىدى. پۈتۈن ئەسكەرلەر ئۆچ ئالىمىز دەپ توۋلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئارىدىكى گەپ – سۆزلەر توختىلىپ ئۇرۇش باشلىماقچى بولدى. ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئەسكەرلەر ئۆز سەپلىرىنى تۈزۈشتى. سەرۋەرى ئالەم ئېيتتى: ــــــ «ئىككى ئورۇندا سەپنى توغرا تۇتۇشنى ئاللاھ سۆيىدۇ. بىرى ــــ جامائەت نامىزىدا. ئىككىنچىسى سوقۇش مەيدانىدا.» رەسۇلۇللاھمۇ قولىدىكى تايىقى بىلەن ئىشارەت قېلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ سەپلىرىنى توغرىلاشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا ئەسكەر ساھابىلەردىن سەۋاد ناملىق بىر كىشى سەپتىن تاشقىرى چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلسىمۇ ئۆزىنى ئوڭلاپ ئالمىدى. پەيغەمبىرىمىز قولىدىكى تايىقى بىلەن ئۇكىشىنى سەپتە توغرا تۇر، دەپ بىقىنىغا قاتتىقراق نوقوپ قويدى. ئۇ كىشى دېدىكى: ــ «يارەسۇلۇللاھ، سىزنى ئاللاھ تائالا خەلق ئىچىگە ھەقىقەت، ئادالەتلىك قېلىشقا ئەۋەتتى، مېنىڭ بىقىنىمغا نوقۇپ ئاغرىتىۋەتتىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن قىساس ئېلىشنى تەلەپ قىلىمەن» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قورسىغىنى ئىچىپ قىساسىڭنى ئال دېدى. بۇنى كۆرۈپ، ئۇ ساھابە مۇبارەك قورسىغىغا يۈز كۆزلىرىنى سۈرتۈپ سۆيدى. «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» ـ دەپ رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ كىشى: ــــ «يا رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپسىز ھەممىمىز ئۆلۈم ئالدىدا ئەجەل سېپىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتسەم، ئاخىرقى ھاياتىمدا سىزنىڭ مۇبارەك تىنىڭىزغا بىرەر يىرىمنى تەگگۈزىۋالغان بولىمەن. مېنىڭ بۇنداق قېلىشىم ئاللاھ ئالدىدا ئۇلۇغ شەرەپتۇر.» ـ دېدى.
«خەسائىسى سۇغرا» دېگەن كىتابتا ئېيتىلىشىچە: «رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك تىنىگە مەيلى جانلىق مەيلى جانسىز نەرسىلەر تەككەن بولسا، ئۇ نەرسىنى ئاللاھ تائالا دوزاخ ئوتىدىن ھارام قىغاي.»
شۇنداق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئەسكەرلەر سەپلىرىنى راسلاپ جەڭ ھازىرلىقىدا تۇردى. باھادىرلار مەيدانغا كۆزلىرىنى تىكىشتى. شۇ چاغدا يەنە پەيغەمبىرىمىز ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇرۇش باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئىككىنچى ۋەزىنى سۆزلىدى. مەزمۇنى مۇنداق:
― ئەي مۆمىنلەر، ئاللاھ تائالا سىلەرگە نۈسرەت بېرىمەن ـ دەپ ئۆزى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىگە ھېچ بىر شەك يوق. دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن ئۇرۇش مەيدانىدا چىداملىق كۆرسىتىڭلار، دۈشمەن ئالدىدا باھادىرلارچە ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۆمىنلەرنى ئاللاھ دۇست تۇتۇپ، پەرىشتىلەر ياردىمىدە بولغاي، بۇنداق ئۇرۇشتا سەبىر قېلىپ شىجائەت كۆرسەتكۈچىلەرنى ئاللاھ تائالا دائىمى دۆلەتكە يەتكۈزگەي، كەلگۈسى كۈنلەرنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىدىن كۆڭۈللىرىڭلارنى قۇتقۇزغاي.
بۇ سۆزنى چۇڭقۇر چۈشەنگىنىڭىزدە: پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان بۇ ۋەزلەردە ئۇممەتلەرنىڭ دائىمى دۈلەتكە يېتىشى ئۈچۈن، دۇنيا تۇرمۇشىدا غەم قايغۇدىن ئازات بولۇش ئۈچۈن، بىرىنچى دەرىجىدە دۈشمەندىن غەلىبە قازىنىش كېرەكلىكى ئوچۇق كۈرسىتىلگەن. چۈنكى مەغلۇبىيەتگە ئۇچراپ، دۈشمەنلەردىن يېڭىلگەن مىللەتلەر دائىم قايغۇ – ھەسرەتتە قېلىپ، خار – زارلىق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھايات ئالىمىدە ئىنساننىڭ ئەڭ سۈيگەن، قەدىرلىك، قىممەتلىك، تۆت نەرسىسى باردۇر، بۇ تۆت نەرسىگە ئىگە بولمىغان كىشىلەر ئىنسانلىق شاراپىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ بىرىنچىسى شۇكى، ھەر ئادەم ئۆز ئەركى ۋەئىختىيارىغا ئىگە بۇلىشى. ئۆزىدە ئەركى، قولىدا ئىختىيارى يوق ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى بار؟
ئىككىنچىسى شۇكى، شەرئىي ياكى قانۇنىي كەسىپلەر ئارقىلىق تاپقان مال دۇنياسى، قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ مېۋىسى شۇ تاپقۇچىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا خاس مۈلۈك بولۇشى لازىمدۇر.
ئۈچىنچىسى ــــــ ھەر بىر مىللەتنىڭ ئانىسى شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاتا – بۇۋىسىدىن مىراس قالغان ۋەتىنىدۇر. ئانا ۋەتىنىنى باشقىلارغا تەسەرۇپ قېلىپ قالدۇرماق __ ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ كەچۈرۈلمەس ئېغىر جىنايىتىدۇ.» بەلكى ئىنسان ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان خىيانەتتۇر.
تۆتىنچىسى ــ ھەر مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەسىرلەر بۇيى، ئاسراپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس دىنىدۇر.
ئەمدى بۇ يۇقىرىدا يېزىلغان تۆت نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر مىللەتنىڭ پۈتۈن ھوقوقلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز قولىدا بولىشى شەرتتۇر. بۇ ئىش بولسا ھايات ئالىمىنىڭ كۈرەش مەيدانلىرىدا ئۆز ئارا غەلىبە قازىنىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ مىللەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئۆز قولىدا ساقلىنالايدۇ. مانا بۈگۈن ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالىدىغان كۈندۇر. ئەگەر بۇنداق بولماي، ئىش تەتۈرسىگە ئايلىنىپ، مەغلۇبىيەتگە يولوقسا، ئاسارەت ۋە مەھكۇمىيەت زەنجىرى بىلەن بەن بولۇپ، دۈشمەن قولىدا قالسا، ئۇ چاغدا ئىنسانىيەت ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت قىممەتلىك نەرسىدىن بىرىگىمۇ ئىگە بولالمايمىز. بەلكى ھايۋانلار قاتارىدا ھەم ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك ئورونغا چۈشۈپ قالغۇسى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئېيتقان بۇ ۋەزلەرنىڭ سىرىنى ئازراقلا ئويلاپ باققان ھەر قانداق كىشىگە ئوچۇق مەلۇمدۇر.
يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك: كاپىر، مۇسۇلمان ئىككى تەرەپ بولۇپ، سەپ تارتىشتى. شۇ زاماننىڭ ئۇرۇش ئادىتىدە، قۇرەيش كاپىرلىرىدىن ئۈچ ئادەم مەيدانغا كىردى. بىرىنچىسى ـ ئۇتبە. ئىككىنچىسى ـ ئۇنىڭ ئىنىسى شەيبە. ئۈچىنجىسى ــ ئوغلى ۋەلىد ئىدى. بۇلار تۇرۇپ، مۇبارەزە كۆرسەتتى. يەنى مۇسۇلمانلاردىن مەيدانغا چىقسۇن، دەپ ئۆزلىرىگە باھادىر چاقىردى. مۇسۇلمانلاردىن ئۈچ كىشى ئۇلارغا قارشى مەيدانغا چۈشتى. بىرىنچىسى ـــ مۇئىز. ئىككىنچىسى ـــــ مۇئاز. ئۈچىنچىسى ـــ ئەۋف ئىدى. بۇلار ئەنسار ساھابىلەردىن بولۇپ، ئۈچىلىسى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىن ئىدى. ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، «قايسى قەبىلىدىن بولىسىز؟» ـ دەپ سورىدى. «بىزلەر ئەنسارلاردىن بولىمىز» ـ دەپ جاۋاب بىرىشتى. ئاندىن ئۇلار ـ «سىلەر ياخشى تەڭداشلار ئىكەنسىلەر، لېكىن بىز ئۆز ئۇرىغىمىز بىلەن ــ «ھاشىمىيلەر بىلەن مەيدانغا چۈشۈشكە خۇمارمىز. بىزگە شۇلاردىن چىقسۇن» ـ دېيىشتى. بۇنى ئاڭلاپ، ئۈچىلىسى رەسۇلۇللاھ قىشىغا كېلىشتى. رەسۇلۇللاھ ھاشىمىيلەرگە قاراپ ئېيتتىكى:
― «مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بۇ كاپىرلارنىڭ مەقسەتلىرى ــــ شۇ چىراغنى ئۆچۈرۈش. ئەي ئۇبەيدە، ئەي ھەمزە، ئەي ئەلى. ئۈچىڭلار تۇرۇڭلار» ـ دەپ پەرمان بەردى. بۇلار دەرھال جەۋلان ئۇرۇپ، مەيدانغا ئېتىلدى. ئۇدۇل كېلىپ تۇرۇپمۇ بىر – بىرىنى تونۇمىدى. چۈنكى ئۇ زاماندىكى ئۇرۇش ئادىتىدە، ساۋۇت، دۇبۇلغا كىيگەن كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن باشقىسى كۆرۈنمەيتتى. گەپ سۆزىدىن كېيىن ھەر تەرەپتىن ئالتە باھادىر مەيدانغا چۈشىدىغان بولدى. ئۇبەيدە ــ ئۇتبەگە. ھەمزە ـــــ شەيبەگە. ئەلى ـــــ ۋەلىدگە توغرا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئۇبەيدىنىڭ يېشى چوڭراق بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزدىن ئون ياش چوڭ ئىدى. ئەمدى بۇ باھادىرلار ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر – بىرىگە ئەمەل قېلىشتى. ئەڭ ئاۋۋال قىلىچ سېلىپ، قارشى تەرەپتىكى دۈشمەننى يەڭگەن ھەزرىتى ئەلى ئىدى. بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئايىغىنى كەستى. ئىككىنچى قىلىچ سېلىپ ئۆلتۈردى. ئەمر ھەمزە ھېچ قانچە ھايال ئۆتكۈزمەي، شەيبەنى يېڭىپ غەلىبە قازاندى. ئەمما ھەزرىتى ئۇبەيدە بىلەن ئۇتبە بىر – بىرىگە قىلىچ سىلىشىپ، ھەر ئىككىلىسى ئېغىر يارىدار بولدى. شۇ ئارىدا ئارسلاندەك ئۇنىڭ ئىككى يولدىشى ياردەمگە كېلىپ، ئۇتبەنى پارە – پارە قىلىۋەتتى.
ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىلا مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىشى بىلەن باشلانغان بولغانلىقتىن ئىسلام رۇھى كۆتۈرۈلدى. دۈشمەننىڭ ئۈچ باھادىرى مەيداندا ئۆلتۈرۈلۈپ، دۈشمەننىڭ رۇھى چۈشۈپلا كەتتى. دەرھال ھەزرىتى ئۇبەيدىنى كۆتۈرۈپ، رەسۇلۇللاھ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئايىغى قىلىچ زەربىسىدىن كېسىلىپ، يىلىكلىرى ئىقىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىگە يۈزىنى قويۇپ، ــ «يا رەسۇلۇللاھ، شۇ جاراھىتىم بىلەن ئۆلسەم، شېھىتلىك دەرىجىسىگە يېتەلەيمەنمۇ؟» ـ دەپ سورىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئاللاھ تائالا شېھىتلىك دەرىجىسىنى ئەلۋەتتە ساڭا ئاتا قىلغاي» ـ دەپ بېشارەت بەردى. ئۇرۇش تۈگەپ مەدىنىگە قايتىشتا سىغرا دېگەن يىزىغا بارغاندا ۋاپات بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىگە دەپنە قىلىندى. بۇ كىشى ئاللاھ ئۈچۈن مۇبارىزەت مەيدانىدا جان بېرىپ، شاھادەت تاپقان ئىسلام باھادىرلىرىنىڭ بىرىنچىسى ئىدى. رەزيەللەھو ئەنھو (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كېيىن رەسۇلۇللاھ ئىگىزلىككە قۇرۇلغان جايدىن چۈشۈپ ئەسكەرلەرگە قاراپ دېدىكى:
― «مەندىن بۇيرۇقسىز دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلماڭلار، ئەگەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۇلار ھۇجۇم قىلسا يېقىنلاپ كەلگۈچە ئۇلارنى ئوققا تۇتۇڭلار، بۇ ئىش دۈشمەن كۈچىنى سۇندۇرۇپ، ئارقىغا چىكىندۈرىدۇ. ئەگەر ئۈستۈڭلەرگە باستۇرۇپ كەلسە ئۇھالدا قىلىچ سۇغۇرۇپ، قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار. ئۇرۇش سېپىدە سەۋر قىلغۇچىلارغا ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ.» بۇ سۆزدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق بىلەن ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەتتى. بۇ ئارىدا ئۇرۇش قىزىغىلى تۇردى. ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بۇ دۇئانى ئوقۇدى:
مەنىسى: «ئى رەببىم ، مۆمىنلەرگە نۈسرەت بېرىمەن دەپ ئۆزەڭ ۋەدە قىغان ئىدىڭ، ئەمدى شۇ ۋەدىگە ۋاپا قېلىشىڭنى سەندىن تەلەپ قىلىمەن. ئەگەر بۈگۈنكى ئۇرۇشتا كاپىرلار غەلىبە قېلىپ، مۇسۇلمانلار يېڭىلسە، كۇفرلەر راۋاج تاپقۇسى. يەر ئۈستىدە ھەق دىن باش كۈتۈرەلمەيدۇ.» ـــ دېگەنلىكتۇر.
بۇ دۇئادىن كېيىنلا بىرەر سائەت ئۆتە – ئۆتمەي دۈشمەن قوشۇنى بۇزۇلۇپ، ئارقىسىغا قاراپ قىچىشقا باشلىدى. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم يەتكۈزگەن ئىدى. قۇرەيش ۋە باشقىلاردىن بولۇپ، دۈشمەن تەرەپتىن يەتمىشتەك كىشى ئۆلدى. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ بارابەردە يەتمىش كىشى ئەسىر ئېلىندى. مۇسۇلمانلاردا ھەرخىل كەمچىلىكلەر بار ئىدى. ئۇنىڭغا قارىماستىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۆزىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتوق دۈشمەننى يەڭدى. بۇ غازاتقا ھازىر بولغان ساھابىلەر 313 كىشى ئىدى. بۇلاردا پەقەت ئىككىلا ئات، 70 تۆگىدىن باشقا مىنگىدەك نەرسە يوق ئىدى. ئۇرۇش تازا قىزىغان چاغدا پەيغەمبىرىمىز چادىردىن چىقىپ يۇقۇرى ئاۋازى بىلەن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى. مۇسۇلمانلارغا نۈسرەت بېرىش مەقسىتىدە ئاللاھتىن بۇ ئايەت ۋەھىي كەلگەن ئىدى:
«كۇفر قوشۇنى ئەمدى ئەلۋەتتە يېڭىلىدۇ ۋە ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ» دېگەن مەنىدە ئىدى.
بۇ ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى قورقونچغا تولدى. جانلىرى تۇمشۇقىغا كەلدى. ھېچ يەرگە قارىيالماي، ئۆلگەن ۋە ئەسىر چۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرى، ئۆلە – تىرىلىشىگە قارىماي جانلىرىنى ئېلىپ قاچتى. بۇ ئۇرۇشتا ئەبۇ جەھل باشلىق قۇرەيش رەئىسلىرىدىن بىر نەچچە ئاتاقلىق كىشىلەر ئۆلدى. كۆپلىرى تۇتقۇن قىلىندى. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: «فالانچى شۇ يەرگە يىقېلىپ ئۆلەر، پۇستانچى بۇيەرگە يىقېلىپ ئۆلەر» دەپ ئۇلارنىڭ ئۆلىدىغان يەرلىرىنى ساھابىلەرگە ئالدىن كۆرسەتكەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىز قايسى جاينى كۆرسەتكەن بولسا شۇ يەردە نەق ئۆلدى. بۇمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ئىدى. كېيىن ئۆلۈكلەرنى ئارىلاپ قارىسا ئەبۇ جەھل كۆرۈنمىدى. ئۇنىڭ ھالى نېمە بولدى، بىلمىدۇق دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇسۆزنى ئاڭلاپ بىر نەچچە ساھابىلەر بىلەن ئۇنى ئىزلىگىلى تۇردى. ئۇ ئۆلۈكلەر ئىچىدە چالا ئۆلۈك بولۇپ ياتقان ئىكەن. ئىبنى مەسئۇد كۈرۈپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىۋاتقاندا ـــ «كىم بولساڭ بول بوينوم بىلەن قوشۇپ كاللامنى چوڭراق كەسكىن، مۇھەممەدنىڭ ئالدىغا تاشلىغىنىڭدا، ئۇنىڭ كۆزىگە ھەيۋەتلىكرەك كۆرۈنەي» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بېشىنى كېسىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. بۇنى كۆرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئېيتقاندن كېيىن:
― ھەر ئۇممەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان بىر پىرئەۋنى بولىدۇ. بۇ ئۇممەتنىڭ پىرئەۋنى ئەبۇ جەھل ئىدى. بۇنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن ئىسلام دىنى راۋاچ تاپقاي، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەت بۇيرۇق بېرىپ: مەيداندىكى بارلىق ياتقان ئۆلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى قۇدۇققا كۆمدۈردى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئادىتى بويىچە قايسى يەردە ئادەمنىڭ ئۆلۈكى كۆرۈنسە ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمەستىن دەرھال كۆمۈشكە بۇيرۇق بېرەتتى. مۇشرىكلارنىڭ ئۆلۈكىنى قۇدۇققا تاشلاۋاتقان چاغدا، ئۇلۇغ ساھابىلەردىن ئەبۇ ھۇزەيفە قاراپ تۇرغان ئىدى. ئۇكىسى ۋەلىد، تاغىسى شەيبە تاشلانغان ۋاقىتتا ئۇنچىۋالا ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئاتىسى ئۇتبەنىڭ سۈرۈلۈپ تاشلانغانلىقىنى كۆرگەندە ئۈڭى(رەڭگى) ئۈچۈپ، يۈزىدە بىر تۈرلۈك غەم – قايغۇ پەيدا بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى سىزىپ، «ھۇزەيفە، ئاتاڭنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئىچىنغان ئوخشايسەن» ـ دېدى. ئاندىن ئۇ دېدىكى: «يا رەسۇلۇللاھ ئاتام ئۇتبە بىلسىڭىز ئەقىللىق كىشى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسلامدىن نېسىپ ئېلىشىنى ئۇمىد قىلاتتىم، ئەمدى مېنىڭ تىلىگىنىمچە بولماي، ئۇ ھالدا ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم قايغۇردى» دەپ كۆزىگە ياش ئالدى.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھۇزەيفەگە تەسەللى بېرىپ ئۇنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ قۇدۇق بېشىغا كېلىپ: ـــ «ئەي فالانى ئوغلى فالانى، مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەقلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدىڭلەرمۇ؟» ـــ دېدى. ئاندىن ھەزرىتى ئۆمەر: ـ «يا رەسۇلۇللاھ، جېنى يوق جەسەدلەر بۇسۆزنى قانداق ئاڭلايدۇ؟» ـ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ـ «ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمنى سىلەردىنمۇ ياخشىراق ئاڭلايدۇ. ئەمدى ئاللاھ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرىدۇ» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش تۈگەپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتماقچى بولدى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، سۆيۈنچى خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى. بىرى، مەدىنىلىك ئەنسارلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىسە ئىدى. بۇلار كەلمەستىن ئىلگىرى مەدىنە مۇناپىقلىرى بىلەن ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى غەم – ئەندىشىگە سېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۈستىدىن ناھايىتى كۆپ يالغان خەۋەرلەر تارقاتقان ئىدى. خەۋەرچىلەر كەلگەندىن كېيىن بارلىق يالغان سۆزلەر تۆگەپ راست سۆزلەر تارقېلىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانلار خۇشاللىنىپ روھلىرى كۆتۈرۈلدى. مۇناپىقلار، يەھۇدىيلار شەرمەندە بۇلۇشۇپ، خاپىلىققا پاتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلمىغان پۈتۈن ئەرەب مۇشرىكلىرى كۆڭۈللىرىدىن كېتىپ ئىچ – ئىچىگە قورقونچ چۈشتى. بۇ خۇشاللىنارلىق خەۋەر كەلگەن چاغدا، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئايالى روقىيەنى ساھابىلەر ئەمدىلا دەفنە قېلىشىپ، قەبرىستالىقتىن قايتماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا، خەۋەرچىلەر خەۋەر كۆتۈرۈپ كەلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتتىق ۋارقىراپ: ــ «ئەي مۆمىنلەر، سۆيۈنچى، رەسۇلۇللاھ ساق – سالامەت ئىكەن، مۇشرىكلار رەئىسلىرىدىن فالانى – فالانى ئۆلۈپتۇ، فالانى فالانىلەر ئەسىر ئىلىنىپتۇ» ــ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار رەئىسى كەئب ئىبنى ئەشرەپ، «بۇ يالغان سۆز. ئەگەر مۇھەممەد بۇ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا يەرنىڭ تېگى بىز ئۈچۈن ياخشىراق بولغان بولىدۇ» ــ دېدى.
ئەمدى رەسۇللاھتىن گەپ ئاڭلىماقچى بولساق: سۆيۈنچى ئېيتىپ مەدىنىگە كىشى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمۇ يولغا چىقتى. سەپرا دېگەن يەرگە كەلگەندە قولغا چۈشكەن قۇرەيش رەئىسلىرىدىن نەزر ئىبنى ھارس دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. ئۇلۇغ ساھابىلەردىن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير ئۇنڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى ئىدى. ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ئارىچى قويۇپ، ـــ «مۇھەممەدگە ئېيتقىن، باشقا يولداشلىرىم قاتارىدا مېنىڭ جېنىمغا ئامانلىق بەرسۇن.» دېدى. ئاندىن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير: ـــ «سەن بۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالمايسەن، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ھەققىدە، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇلۇللاھ ئۈستىدە ناھايىتى يامان سۆزلەرنى قىلغان ئىدىڭ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىنلەرگە تۈرلۈك ئازابلارنى سېلىپ، قىينىغان ئىدىڭ. ئەمدى شۇ قىلمىشىڭنىڭ جازاسىنى تارتماستىن باشقا چارەڭ يوق» ـ دەپ ـ سۆزىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەلىگە تاپشۇروپ، بېشىنى كەستى. بىر ئېغىز ئىمان ئېيتىشقا ئاغزى بارماي دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك دۆلىتىدىن بىر يولىلا ئايرىلدى. بېشىغا قىلىچ تېگىش ئالدىدا ئىمان ئېيتقان بولسا، تەۋبىسى قوبۇل بولۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى.
ئاندىن ئۇيەردىن كۆچۈپ، «ئىراقۇززەبيا» دېگەن مەنزىلگە كەلدى. بۇ يەردە قۇرەيش ئەسكەر باشلىقلىرىدىن ئۇقبە ئىبنى موئازنى ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى. بۇ كىشى ھىجرەتتىن ئىلگىرى مەككىدە رەسۇلۇللاھقا ھەددىدىن ئوشۇق ئەدەپسىزلىكلەرنى قىلغان ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىزنى چارلاپ، زىياپەت بار دەپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چاقىرىدۇ. تاماقنى ھازىرلاپ يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئىمانىدىن ئۇمىد كۈتۈپ، ئەگەر ئىمان كەلتۈرمىسەڭ بۇ تائامنى يېمەيمەن دەيدۇ، ئۇ ماقۇل دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇ ھان ئىمان كەلتۈرىدۇ، بۇ سۆز خەلق ئىچىگە تارقېلىپ، چوڭ ـ كىچىك ھەممىگە مەلۇم بولىدۇ. قۇرەيش رەئىسلىرىدىن ئۇبەي ئىبنى خەلەپ ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دۈشمەنلىرىدىن ئىدى، بۇسۆزنى ئاڭلاپ، قاتتىق قايغۇرىدۇ، ئاتا – بۇۋىمىز ماڭغان يولدىن قايتىپ، دىنىمىزنى بۇزدۇڭ، دەپ ئۇنى كۆپ مالامەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇقبە: «ئۆيۈمگە مىھمان بولۇپ كەلگەن مۇھەممەدگە تاماق يېدۈرۈش ئۈچۈن، تىل ئۇچىدىلا شۇنداق دەپ قويدۇم، مەن بۇ ئىشنى چىن كۆڭلۈمدىن قىلارمەنمۇ؟» دەپ ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىدۇ. قانچە دېسىمۇ مۇشرىك رەئىسلىرى بۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. ئاندىن ئۇبەي ئىبنى خەلەپ: «مۇھەممەدنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۆرۈپ، بۇينىنى يەرگە بېسىپ، يۈز – كۆزىنى يەرگە تەگكۆزۈپ سۆرىيەلىسەڭ، ئاندىن سېنىڭ سۆزۈڭگە ئىشىنىمىز. ئۇنداق قىلالمىساڭ سېنىڭ يۈزۈڭگە قاراشنىڭ ئۆزى بىزگە ھارام» دەپ قەسەم ئىچىدۇ. ھەقىقەتتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىمان نۇرى كىرمىگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كەئبە ئالدىدا ناماز ئوقۇپ، سەجدە قىلىۋاتسا، دوستى ئۆگەتگەن شۇ ئەدەپسىزلىكنى قىلدى. ئەمما رەسۇلۇللاھ نامىزىنى بۇزمىدى. نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ:
― «ئەگەر سېنى ھەرەمنىڭ سىرتىدا كۆرۈپ قالسام بىشىڭغا قىلىچ سالىمەن» دەپ پۇرسەت كۈتگەن ئىدى. بۈگۈن مانا شۇ پۇرسەت كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئاسىم ئىبنى سابىتقا ئىشارەت قىلىۋىدى دەرھال بېشىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەسىرلەرنى ساقچىلارغا تاپشۇدى. ئۆزى بىر قانچە ساھابىلەر بىلەن مەدىنە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئۇلاردىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇنراق مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ھەممىدىن بۇرۇن بېشىغا بىر چورا كۈتۈرۈۋالغان يەھۇدىي خوتۇن رەسۇلۇللاھنى قارشى ئالدى. چورىنىڭ ئىچىدە تازا قورۇلۇپ پىشىرىلغان قوزىنىڭ گۆشى بار ئىدى. ئۇ خوتۇن:
― ئەي مۇھەممەد، ئەلھەمدۇلىللاھ، سېنى سالامەت كۆردۈم، ئەگەر مۇھەممەد شۇ سەپەردىن سالامەت قايتسا، ئاللاھ يولىدا بىر قوزا سويۇپ، پىشىرىپ ئەل ئالدىدا قارشى ئېلىپ شۇ تائامىمنى يېگۈزەي، دەپ ئۆزەمگە نەزرە قىغان ئىدىم. مانا مەقسەتكە يەتتىم. ئاللاھ مۇرادىمنى بەردى، دەپ چورىسى بىلەن قۇزا گۆشىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويدى. تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن قۇزا گۆشىنى ئەمدى ئاغزىغا ئەكەلگەندە:
― ئەي مۇھەممەد مەن ئوغورلانغان قوزىمەن، بۇ خوتۇن زەھەر سېلىپ مېنى پىشىردى، زىنھار مېنى يېمىگەيسىز، ― دەپ ئۆزى خەۋەر بەردى.
ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بۇنداق مۆجىزە كۆرۈنۈپ، ئۇ خوتۇننىڭ خىيانىتى مەلۇم بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇ خوتۇننىڭ تائامىنى يېمىدى. ئەمما بۇ توغرىدا ئۇ خوتۇندىن گەپمۇ سورىمىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە، چوڭ ـ كىچىك پۈتۈن خەلق قارشى ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. چۆرىلەر، ياش قىزلار ئۆز ئادەتلىرىچە، چىلدىرمىلار چىلىپ، شادىمان قوشاقلار ئېيتىشتى. شۇنداق بولۇپ، تەبرىك مۇراسىملىرى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. مۆمىنلەرگە قانداق خۇشاللىق بولغان بولسا، قۇرەيش مۇشرىكلىرى، بەدرىدە يېڭىلىپ، مەككە شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ماتەم تۇتمىغان ئۆي قالمىدى. قاتتىق قايغۇردى. جاھىلىيەت ئادىتى بويىچە، ئەر ـ ئايال دېمەي، يىغا ـ زارى قېلىشقا باشلىدى. ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ خوتۇنلىرى، يېقىن قېرىنداشلىرى ماتەم تۇتۇپ، چاچ – ساقاللىرىنى كىسىشكە باشلىدى. ئۆلگەن كىشىنىڭ مىنگەن ئېتى ياكى تۆگىسى قالغان بولسا، قارا كىيدۈرۈپ، يوپۇقلاپ ئوتتورىغا قويۇپ، قاپقارا ماتەم لىباسى كىيگەن خوتۇن – قىزلار ئەتراپىدا ئايلىنىپ، قوشاق قوشۇپ يىغلىشىپ يۈرۈشەتتى. مانا شۇنداق قېلىپ بىر ئاي ھازا بىلەن ماتەم تۇتۇشتى. ئاخىرى بۇ ماتەم يىغىسىنى قىلمايدىغانغا مەسلىھەت قېلىشتى. چۈنكى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇنى ئاڭلاپ، خۇشال بولىدۇ، بىز بۇنى توختىتىپ، قانغا قان، جانغا جان ئېلىشىمىز لازىم. بىز ئۆچىمىزنى ئالمىغۇچە يىغىمىزنى توختىتىشىمىز لازىم، دەپ قارار قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يىغلاۋاتقان يىغىلىرى توختىدى.
رەسۇلۇللاھ مەدىنە شەھىرىگە كىرىپ ئارام ئالدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش