ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۈمەييە خاندانلىقى

ئۈمەييە خاندانلىقى

ئۈمەييە خاندانلىقى (مىلادىيە 750-661 يىللار)

1.خاندانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى
ئۈمەييە خاندانلىقى- مەككە قۇرەيىش قەبىلىسىدىكى ئۈمەييە نەسەبى قۇرغان خاندانلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۈمەييە نەسەبى جاھىلىيەت دەۋرىدە نامى مەشھۇر بىر نەسەب بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇلار ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان. لېكىن، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن غازات قىلىپ، كۆپىنچىسى ئىسلام قوشۇنىنىڭ ئاتاقلىق سەردارلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئوسمان خەلىپە بولغان چاغدىن تارتىپ، ئۈمەييە جەمەتىدىكىلەر ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىش تاماسىدا بولۇپ، مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئاخىرى 661-يىلى يەنى ھىجىرىيىنىڭ 40-يىلى، مۇئاۋىيە ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىسلام دىنى تارىخىدىكى تۇنجى خاندانلىقنى قۇرۇپ چىقتى.
ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە (مىلادىيە680-600 يىللار) يىراقنى كۆرەر، تەدبىرلىك، چىۋەر ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر سىياسىيون ئىدى. ئۆمەر، ئوسمانلار خەلىپە بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۇ زور ئىشەنچكە ئېرىشىپ، ئۇدا 20 يىل سۈرىيەنىڭ ۋالىلىقىنى قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئۆزىگە تەۋە قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇن قۇرۇپ چىققان. ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ قوشۇنى ئەلىنىڭ قوشۇنى بىلەن كۈچ جەھەتتە تەڭ دېگىدەك ھالەتتە بولۇپ، كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمىگەنىدى. ئەلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇئاۋىيە سىياسىي ۋاسىتە قوللىنىپ، ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى خەلىپىلىك ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئۆزى خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرغان. ئۇندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي مەركىزىنى مەدىنىدىن دەمەشىققە يۆتكىگەن. مۇئاۋىيە ئاقىللارنى ئىشقا قويۇپ، ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئەتراپىدا بىر تۈركۈم سادىق ھەم ئىقتىدارلىق ياردەمچىلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتاقلىقلىرى ئەمىر ئىبنى. ئاس، بەسىرەنىڭ ھۆكۈمرانى سەيىد. ئىبنى. ئەبۇ ۋە كۈفەنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى ئىبنى شۇربە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ مىسىر ۋە سۈرىيىدىكى ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇرۇن سۈرىيەگە كۆچۈپ بارغان ئەرەبلەر ۋە سۈرىيەدىكى ناسارالارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. ئىچكى جەھەتكە قارىتا يول قويۇش ۋە تىنىچلاندۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن ۋىزانتىيە ۋە پىرسىيە ئىمپىرىيە دەۋىرلىرىدىكى مەمۇرىي رايونلارنى ساقلاپ قېلىپ، 5 مەمۇرىي رايون تەسىس قىلدى. ئۇلارنى ۋالىلار باشقۇرۇپ، بۇرۇنقى مۈلكى ئەمەلدارلىق تۈزۈمى داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى. دەمەشىقنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە داۋاملىق گىرىك يېزىقى، ئىراق ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ھەرقايسى جايلاردا پەھلىۋىي يېزىقى داۋاملىق ئىشلىتىلدى. ناسارالار، يەھۇدىيلار ۋە زوروئاستىر مۇرىتلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا خىزمەتكە قويدى. ئۇ «دىنىغا مەجبۇرلىماسلىق» ئەقىدىسىگە بىنائەن، باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى قوللانمىدى. تاكى ئۆمەر Ⅱ(720-717يىلىغىچە تەختكە ئولتۇرغان) دەۋرىگىچە، سۈرىيە، مىسىر ۋە باشقا بوسۇندۇرۇلغان يەرلەردىكى ئاھالە ئىچىدە يەنىلا نۇرغۇن ساندا يات دىندىكىلەر مەۋجۇت ئىدى. دىنىي جەھەتتىكى بۇ خىل يول قويۇش-جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ئىدى. شۇڭلاشقا ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ھىتتى: «مۇئاۋىيە يالغۇز ئەرەب دۆلىتىدىكى بىرىنچى پادىشاھ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەڭ ياخشى ئەرەب پادىشاھى» ئىدى. دېگەن. مۇئاۋىيە خەلىپىلىكنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان سىرتقا يۈرۈش قىلىشنى قايتا باشلىدى. ئۇ 19 يىل ھۆكۈم سۈردى. مىلادىيە 680-يىلى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ئوغلى يەزىدنى ۋارىس قىلىپ بېكىتىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىلىرى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى دەمەشىققە كېلىپ يەزىدكە بەيئەت قىلىپ قەسەم بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەنئەنىۋىي دىموكراتىك ئۇسۇلدا خەلىپە سايلاش تۈزۈمىنى مىراسخورلۇق تۈزۈمىگە رەسمىي ئۆزگەرتتى.
2 .يەزىد
مۇئاۋىيەنىڭ ۋارىسى يەزىد (مىلادىيە 683-680يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) ھەم ئىقتىدارلىق، ھەم چىۋەر ھۆكۈمران بولسىمۇ، ئەمما ئىراق ۋە ھىجاز رايونلىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى يېڭىلا تەخىتتە ئولتۇرغان بۇ ھۆكۈمرانغا جىق ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈردى. ئالدى بىلەن يەزىدنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللانىڭ ۋەھشى ھۆكۈمرانلىقى ئىراق خەلقىنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھۈسەيىننى قوللاش ھەركىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھۈسەيىن (680-626) ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ ئىككىنىچى ئوغلى بولۇپ، مەدىنىدە تۇغۇلغان. مۇئاۋىيە دەۋرىدە، ئاكىسى ھەسەن بىلەن بىرگە مەدىنىدە مۇئاۋىيە ھەر يىلى بېرىدىغان 2 مىليون دەرھەم كۈمۈش بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرگەن. ھەسەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھۈسەيىن شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ داھىيسى بولۇپ قالغان. مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن ھۈسەيىن يەزىدنىڭ خەلىپە بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى رەت قىلىپ، ئىراق ئاھالىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئۆز نەسەبىنىڭ قولدىن كەتكەن خەلىپىلىك ئورنىنى قايتىدىن تارتىۋېلىشقا نىيەت قىلىدۇ. ئۇ مەدىنىدىن مەككىگە كەلگەندىن كېيىن، كۈفەدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان خەتلەرنى تاپشۇرىۋالىدۇ. كۈفەلىكلەر ئۇنى خەلىپە قىلىپ تىكلەپ ئۇنىڭغا سادىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كۈفەگە بېرىپ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما، يەزىد ئاللا بۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ بەسىرە ۋالىسىنى قوشۇمچە كۈفەنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىپ، كۈفەدىكى ھۈسەيىننى قوللايدىغان ئادەملەرنى باستۇرىۋەتكەن ئىدى. يەزىدنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللا كۈفەگە بارىدىغان يول بويى قاراۋۇل قويۇپ، ھۈسەيىننىڭ ھەركىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرغان ئىدى. ئۆمەر. ئىبنى. زەيىد 4000 كىشىلىك قوشۇنى بىلەن كۈفەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كەربالا دېگەن جايدا ھۈسەيىننىڭ 200 كىشىلىك قوشۇنىنى قورشىۋالىدۇ. 680- يىلى 10-ئاينىڭ 10- كۈنى، يەنى تارىخى ھىجىرىيەنىڭ 1-ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۆمەرنىڭ قوشۇنلىرى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور بولغاچقا، ھۈسەيىننىڭ قوشۇنى ناھايىتى تېزلا تار-مار قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى ھۈسەيىن قەتلى قىلىنىپ، جەسىدى كەربالاغا كۆمۈلىدۇ. ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ دەمەشىققە ئېلىپ بارىدۇ. كېيىن يەنە كەربالاغا ئەپكېلىنىپ، بەدىنى بىلەن بىرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ھۈسەيىن قازا قىلغان كۈنى دەل ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە ئاشۇرا كۈنى بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھۈسەيىننى «شەھىت بولغان ۋەلى» دەپ قاراپ، بۇ كۈننى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، كېيىن تەرەققى قىلىپ «ئاشۇرا خاتىرىسى» بولغان، كەربالادىكى ھۈسەيىننىڭ قەبرىسى ۋە مەسچىد شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان. مۇشۇ چاغدىن تارتىپ، شىئە مەزھىپى سىياسىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتتىن دىنىي مەزھەپكە ئۆزگىرىپ، تەرەققىياتقا ئېرىشكەن.
ھۈسەيىن قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، يەزىد يەنە ئابدۇللا. ئىبنى زۇبەير (692-624) بىلەن كۈرەشنى باشلىدى. ئابدۇللا ساھابىلەردىن زۇبەير. ئىبنى ئەۋۋامنىڭ ئوغلى بولۇپ، زۇبەير بىلەن ئەبۇ. بەكرىنىڭ قىزىدىن تۇغۇلغان ئىدى. 651-يىلى، ئوسمان، سەيىد. ئىبنى سابىت بىلەن ئىككىسىنى «قۇرئان كەرىم» نى رەتلەپ تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇغان ئىدى. ئوسمان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادىسىغا ئەگىشىپ، ئائىشە بىلەن بەسىرگە بېرىپ، ئەلىگە «تۆگە غازىتى» غا قۇماندانلىق قىلغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئائىشە بىلەن بىرگە مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۈمەييە خاندانلىقى دەۋرىدە، ئۇ ھۈسەيىن بىلەن بىرلىشىپ، يەزىدنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. ھۈسەيىن قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇللا مەككىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن. ناھايىتى تېزلا ھىجاز رايونى، ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. يەزىدنىڭ قوشۇنلىرى ھىجازغا يېتىپ بېرىپ، 683-يىلى 8-ئاينىڭ 26- كۈنى، مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، غەلبە قىلغان، ئارقىدىنلا، مەككىگە يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ئىككى ئايدىن ئارتۇق قورشاپ قامال قىلغان. ئابدۇللا مۇقەددەس مەسچىتكە كىرىۋىلىپ پاناھلانماقچى بولغان. ئەمما ئۇمەييە خەلىپىنىڭ قوشۇنلىرى ئوت يېقىلغان ئوقيا بىلەن ھۇجۇم قىلغان. كەئىبىگە ئوت تۇتۇشۇپ، مەسچىد كۆيۈپ كەتكەن. ھەجر ئەسۋەد زور ئوتتا كۆيۈپ 3 پارچە بولۇپ يېرىلىپ كەتكەن. دەل مۇشۇ پەيىتتە، يەزىدنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كېلىپ، مۇئاۋىيە Ⅱئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان. 11- ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇمەييە قوشۇنلىرى بارلىق ئۇرۇش ھەركىتىنى توختۇتۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىققان.
3 . ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش
ئۈمەييەنىڭ قوشۇنلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەير پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئىراق، مىسىر ھەمدە سۈرىيە چىگرىسى ئىچىدىكى بەزىبىر ئورۇنلاردا خەلىپە دەپ ئاتالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۈمەييە قوشۇنلىرى بىلەن ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەيرنىڭ قوشۇنلىرى يېڭىلدى. بۇ چاغدا، ياشقا چوڭ بولۇپ قالغان مەرۋان (685-684- يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) خەلىپە قىلىپ تىكلەنگەن. مەرۋاننىڭ ئوغلى ئابدۇللىن. مالىك (705-685- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) ۋارسلىق قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى 10يىل ئىچىدە، ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن. قارشى تۇرغۇچى 3 گۇروھتىكى ئادەملەر ئۇنىڭدىن خەلىپىلىك ھوقۇقىنى تالىشاتتى، ئۇلار: ئەلى مەزھىپىدىن مۇھەممەد، خاۋارىجلار مەزھىپىدىن ناجىدا ۋە ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەيىرلەر ئىدى. ئەمما ئابدۇللىن. مالىك كۈچلۈك بىر شەخىس ئىدى. ئۇ كۈچلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىپ، ناھايىتى تېزلا ئۈمەييەلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئالدى بىلەن، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەيىرگە تاقابىل تۇردى. ئابدۇللانىڭ ئىنىسى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلدى. ئابدۇللا. ئىبنى. زۇبەيىرمۇ 692-يىل مەككە قورشاۋدا قالغاندا، جەڭدە قازا قىلدى. قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە، ئابدۇللىن. مالىك ئەرەب يېرىم ئارىلىنى قايتىدىن ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا قايتۇرۇپ كەلدى.
ئابدۇللىن. مالىك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئەرەب ئىمپىرىيەسى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا باشقۇرۇلۇپ، ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. خۇددى تارىخشۇناس ھىتتى ئېيتقاندەك: «ئۆمەر ۋە ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان دەۋىردە سۈرىيە، ئىراق، پىرسىيە ۋە مىسىرلار ئىستېلا قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىكى بىرىنچى دەۋر ئاياقلاشقان ئىدى. ھازىر ئىككىنچى مەزگىل ئابدۇللىن. مالىك ۋە ۋالىد دەۋرىدە باشلاندى» ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىستېلا قىلىش- مۇئاۋىيەدىن تارتىپلا باشلانغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم قوشۇن باشلاپ كونىستانتىنوپولغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ھەر ئىككىلا قېتىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىچكى مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن، سىرتقا كېڭىيىش بىر مەزگىل توختاپ قالغان. ئابدۇللىن. مالىك دەۋرىدە، ئۈمەييەلەر ئىراقنى بازا قىلىپ، ئىككى يۈرۈش قوشۇن ئەۋەتىپ، شەرق تەرەپتىكى جايلارغا ھوجۇم قىلىپ، سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى بويلىرىنى ھەمدە بۇخارا ئەتراپلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى ئىستېلا قىلىپ، ئافغانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسىملىرىنى بېسىۋالدى. ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىغىچە يېتىپ كەلدى.

ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىياتى

ئۈمەييە خاندانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ غەربىي ياۋرۇپانىڭ بىلنۇس تاغلىرىدىن تارتىپ ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا، سۈرىيە، مىسسۇپۇتامىيە، پىرسىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىغىچە يەتكۈزدى. دۇنيا تارىخىدا ئۈمەييە خاندانلىقىنى زېمىنى ئەڭ كەڭ ئىمپىرىيە دېيىشكە بولىدۇ. بۇ چوڭ ئىمپىرىيە ئىچىدە ھەرخىل مىللەت، تىل ۋە دىنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يادرولۇق كۈچ بولسا ئەرەبلەر ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردۇر.
ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ سىرتقا كېڭىيىش ھەربىي ھەركىتى. ئاساسلىقى مۇنداق 3 جەڭ مەيدانىغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان: بىرىنچى جەڭ مەيدانى— كىچىك ئاسىيا، ئىككىنچى جەڭ مەيدانى— ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرى ھەمدە ھىندىستاننىڭ سىند رايونىدىن ئىبارەت.
1 . خاندانلىقنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى ۋە شەرىققە كېڭىيىشى
ۋىزانتىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش— مۇئاۋىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپكى دۆلەت سىياسىتى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قېتىم قوشۇن تارتىپ كونىستانتىنوپولغا قورشاپ ھوجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىككىلا قېتىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. 717-يىلىدىن 718-يىلىغىچە، خەلىپە سۇلايماننىڭ ئىنىسى مۇسلىمننىڭ قوماندانلىقىدا ئۈمەييەلەر كونىستانتىنوپولغا 3- قېتىم ھوجۇم قىلغان بولسىمۇ، ۋىزانتىيە پادىشاھى لىئاۋ Ⅲنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇرۇش بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ، كېيىن كېسەل تارقىلىپ ۋە بولغارلارنىڭ ھوجۇم قىلىشى بىلەن ۋىزانتىيەگە قىلىنغان بۇ قېتىملىق ئۇرۇش زور مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپ، پۈتكۈل قوشۇنى تامامەن يوقۇلۇپ كېتىشكە تاسلا قالىدۇ. شۇندىن تارتىپ، ئۈمەييە خاندانلىقى بىلەن ۋىزانتىيە ئوتتۇرىسىدا زور ئۇرۇشلار يۈز بەرمەيدۇ.
مۇئاۋىيە بەسىرەنى بازا قىلىپ ھەدەپ شەرىققە كېڭىيىدۇ. 644-يىلى، كابۇلنى بېسىۋالىدۇ. 10 يىلدىن كېيىن، ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخاراغا بېسىپ كىرىپ، كەلگۈسىدىكى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپانى كېسىپ ئۆتكەن ئەرەب خەلىپە ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. ۋالىد Ⅰ(715-705-يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋردە، خۇراساننىڭ ھاكىمى قۇتەيبە. ئىبنى. مۇسىلىم (چۈيدىبو: 670-715 يىللار) مەرۋنى بازا قىلىپ، 705-يىلى تۇخارىستاننىڭ پايتەختى بەلىفنى بېسىۋالىدۇ. 706-يىلىدىن 709-يىلىغىچە، بۇخارا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بوي سۇندۇرىدۇ؛ 710- يىلىدىن 712-يىلىغىچە، سەمەرقەند ۋە خارازىمنى ئىشغال قىلىدۇ؛ 713- يىلىدىن 715- يىلىغىچە، ئۇ يەنە قوشۇن تارتىپ سىر دەريا رايونلىرىغىچە ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئاتاقتىكى مۇسۇلمان ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، تۈركىيىلەر بىلەن قارىمۇ-قارشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىشغال قىلىنغان يەرلەردىكى بۇددا دىنىنىڭ بۇتلىرى ۋايران قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان بۇددا مۇرتلىرى ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىدۇ. خەلىپە ئۆمەرⅡ(720-717-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە كەلگەندە، مۇسۇلمانلاردىن باج ئالماسلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىنغاچقا، يەنە زور تۈركۈمدىكى بۇددىستلار ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ مۇسۇلمان بولغان. دەريانىڭ شەرقىدىكى پۈتكۈل رايونلار ئىسلام دىنىنىڭ بازىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. بۇخارا، سەمەرقەند، خارازىم قاتارلىق جايلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام دىنىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ئايلانغان. شەرقىي قىسىمدىكى جەڭ مەيدانىدا مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. 699- يىلىدىن 700- يىلىغىچە، كاچاجىر كابۇلدىكى تۈرك خانىغا ئەسكەر چىقىرىپ جازا يۈرۈش قىلدى. چۈنكى ئۇ باج تاپشۇرۇشتىن باش تارتقان ئىدى. 710- يىلى كاچاجىرنىڭ جىيەنى ۋە كۈيئوغلى مۇھەممەد. ئىبنى. كاشىم بىر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبتىن ھىندىستانغا قىستاپ بېرىپ، مۇكراننى ئىشغال قىلىپ، بەلۇجنى بېسىۋالدى. ئۇنىڭ ئارقىدىن يەنە 711-يىلىدىن 712-يىلىغىچە، سىندنى ئىشغال قىلدى، يەنى ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى دەريا ۋادىسى ۋە دېلتا رايونلىرىنى ئىستىلا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھىندىستاننىڭ پورت شەھىرى ھەيدەر ئابادمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قارام يېرىگە ئايلاندى. ئاندىن كېيىن ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى جەڭ مىۋىلىرىنى شىمالغا داۋاملىق كېڭەيتىپ، 713-يىلى، جەنۇبىي پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مۇلتاننى بېسىۋالدى. ھىندىستاننىڭ غەربىي-شىمالى قىسىمى يەنى ھازىرقى پاكىستانمۇ شۇنىڭ بىلەن ئەرەب خەلىپە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلاندى. 751-يىلى، مۇسۇلمانلار قوشۇنى تالاسنى ئىگەللەپ، سەمەرقەندنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونى- تاشكەنتكە بولغان ئىشغالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
2 . شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيەنى ئىشغال قىلىش
شىمالىي ئافرىقىدا مۇئاۋىيە ئەكبەر. ئىبنى. نافىل قوماندانلىق قىلغان يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى بىر قوشۇننى ئەۋەتىپ، تاكى تۇنسىققىچە ئىچكىرلەپ كىرىپ 670-يىلى ئۇ يەردە قەيرۇۋان شەھىرىنى سالدۇردى. ھەمدە ئۇنى ھەربىي بازا ۋە غەربكە داۋاملىق كېڭىيىشتىكى تايانچ بازا قىلدى. 682-يىلى، ئەكبەر. ئىبنى. نافىل يەنە بىر قېتىم غەربكە ھوجۇم قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكيانغىچە يېتىپ باردى، ھەمدە بەر-بەرلەر ئولتۇراقلاشقان ئاتلاس تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە ئىچكىرلەپ كىردى. ئەمما بۇ قېتىم بۇ قەبىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرالمىدى. 698-يىلى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قېتىملىق دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھەركىتى، ۋىزانتىيىلىكلەرنى كارتاگ ۋە دېڭىز بويىدىكى باشقا شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەرلەردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياقلاشتۇردى. بەر-بەرلەر كۈچ تەشكىللەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا باستۇرىۋېتىلدى. مۇسا. ئىبنى. نۇرسەئىل يەرلىك ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايون مىسىر يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولماي، بەلكى بىۋاسىتە دەمەشىقنىڭ قەيرۇۋاننى پايتەخت قىلغان مەمۇرىي رايونىغا قارايدىغان بولدى. مۇسا ئۆزىگە قاراشلىق جايلارنىڭ غەربىي چىگرىسىنى غەرب تەرەپتىكى تانگېرغىچە كېڭەيتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شىمالىي ئافرىقىغا بولغان مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. شۇ يەردىكى بەر-بەرلەر تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا كىرىپ، ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭىيىشىدىكى كۈچلۈك تۆۋرۈكىگە ئايلاندى. مۇسا. ئىبنى. نۇرسەئىل مۇسۇلمانلارنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى، يەنە بەر-بەرلەردىن يېڭى قوشۇن تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسپانىيە زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. 711- يىلى، مۇسا. ئىبنى. نۇسەيىل تانگېردە تۇرغۇزغان مۇئاۋىن ئەمەلدار تالىك. ئىبنى. رىيات ئاساسلىقى بەر-بەرلەردىن تەشكىللەنگەن 7000 كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، كىچىك بىر تاغنىڭ تۆپىسىگە بازا قۇردى. كېيىن بۇ يەر تالىك تېغى دەپ ئاتالدى. يەنى ھازىرقى جىر بولوتو.
سىكوتلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئىسپانىيە، ھەقىقى مەنىدىكى ناسارالار دۆلىتى بولماستىن، بەلكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە باش ئپىسىكوپنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان بولغاچقا، خەلقى ئازادلىققا تەشنا ئىدى. بەر-بەرلەردىن چىققان تالىك. ئىبنى. رىياد بولسا مول تەجرىبىگە ئىگە ھەربىي قوماندان بولۇپ، ئۇ سكوتلارنىڭ پادىشاھى لودىرىكنىڭ مۇداپىئەگە سەل قارىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. لودىرىك خەۋەرنى ئاڭلاپ، تېزلىكتە جەنۇبقا قايتىپ، 711-يىكى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى لىئاۋنىڭ باربات جىلغىسىدا تالىكنىڭ قوشۇنىغا ھوجۇم قىلدى. نەتىجىدە، مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭمۇ دېرىكى بولمىدى. بۇ غەلبە سكوت پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزى ھوقۇق سىستېمىسىنى تەۋرىتىپ قويدى. پۈتكۈل ئىسپانىيە مۇسۇلمان ئىشغالىيەتچىلىرىگە دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋەتتى. تالىك قوشۇنلىرىنى باشلاپ كوردۇۋاغا يۈرۈش قىلدى. يولدا، ئۇ ئەسھا شەھىرىدە جەڭ مەيدانىدىن يېڭىلىپ قېچىپ كەلگەن ئاز ساندىكى سكوتلارنى تارمار قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدىيلار ۋە باشقا سكوت ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولغان كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 10-ئايدا، كوردوۋا ئاران 700 ئادىمى بار مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرگە ھوجۇم قىلىنغان قوشۇنىغا تەسلىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى سكوت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى تورىدوغا ھوجۇم باشلىدى. ھەمدە شەرقىي شىمال تەرەپتىكى ساراگېساغا رازۋېدكىچى قوشۇن ئەۋەتتى.
شىمالىي ئافرىقىنىڭ باش ۋالىسى مۇسا. ئىبنى. نۇسەيىل تالىكنىڭ غەلبە خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 712- يىلى 7- ئايدا، ئاساسەن ئەرەبلەردىن تەشكىللەنگەن8000 كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ، دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە كىردى. قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، دەرھال سېربىيەگە يۆتكۈلۈپ، يول بويىدا بەزى كىچىك شەھەر-بازارلارنى ئىشغال قىلدى. سېربىيەنى ئالغاندىن كېيىن ئۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلدى. 713-يىلى 7-ئايدا، مىردادىن چېكىنگەن سكوت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تار-مار قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، تورىدونىڭ غەرىب تەرىپىدىكى تاخو دەرياسى بويىدىكى تاراۋىلادا تالىك بىلەن غەلبىلىك ئۇچراشتى. شۇ يىلى، مۇسۇلمانلار قوشۇنى يەنە بىر قانچە قېتىملىق كىچىك كۆلەمدىكى توپىلاڭلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىنجىتىپ، ئىسپانىيەدىكى ئىشغال قىلىنغان زىمىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ئىككىنچى يىلى، يەنى 714- يىلى، مۇسا زاراگوزانى ئىشغال قىلدى. ئەينى چاغدا، فرانسىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي تەرىپى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، سكوت پادىشاھلىقىغا قارايتتى. شۇندىن كېيىن، ئۇ غەرب تەرەپتىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددى دەپ قاراپ، غەربكە يۈرۈش قىلىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئاستۇرىياسقا كىرىدۇ. تالىك بولسا ئاستورىكا ۋە لىئاننى ئىشغال قىلىدۇ. مۇشۇ چاغدا، مۇسا بىلەن تالىك بۇيرۇق تاپشۇرىۋېلىپ خەلىپە بىلەن كۆرۈشۈشكە دەمەشىققە چاقىرتىلىدۇ. مۇسا 714- يىلى كۈزدە ئىسپانىيەدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ خەلىپىگە تارتۇق قىلىدىغان نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، جاۋاھىراتلار، ئولجا ۋە ئەسىرگە چۈشكەن سكوت خان جەمەتى ئەزالىرى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ياش قىزلىرى ۋە 30 مىڭ ئەسىرنى ئېلىپ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ. شىمالىي ئافرىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەيدۇ. ئەمما تۆھپىسى زور بۇ ئاتاقلىق سەردار ئۆزىنى بىر ئاپەتنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇ 715-يىلى دەمەشىققە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا، مۇسانىڭ تۆھپىسىنى تولۇق بىلىدىغان خەلىپە ۋالىدⅠئېغىر كېسەل بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولۇپ، يېڭى تەختكە ئولتۇرغان خەلىپە بولسا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مۇسانىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، شانلىق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ مۇسۇلمان سەركەردىسىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى تىلەمچىلىك بىلەن ئۆتىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇنى تۈرمىدە ئېچىنىشلىق ئۆلگەن، دېيىشىدۇ.
مۇسا ئىسپانىيەدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئۇ يەرنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابدۇللا. ئىبنى. ئەزىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى داۋاملىق شىمال ۋە شەرقىي-شىمال تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن فامپېرونا، تالاگىنا، خىرونا قاتارلىق رايونلارنى ئىشغال قىلىدۇ؛ شەرقىي جەنۇب تەرەپتە بولسا، مالاككا ۋە ئارۋىلا رايونلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 716-يىلى 3-ئايدا، ئابدۇللا ئەزىز سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۈمەييە خاندانلىقىنىڭ ئىسپانىيەگە قارىتىلغان ئىشغالىيىتىنىڭ بۇ باسقۇچى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياقلىشىدۇ.
بۇ چاغدىكى ئىسپانىيە خەلىپە ئىمپىرىيەسىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەرەبلەر ئۇنى ئاندىرۇزىيە دەپ ئاتايتتى. كېيىن 8ئەسىرگىچە بۇيەر باشتىن-ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلدى. ئەرەب ۋە بەر-بەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ئىسپانىيە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك، ئىسپانىيە مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام جەمئىيىتىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.
3 . تۇۋىر ئۇرۇشى
سكوت خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغىچە كېڭەيگەن بولغاچقا، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى سكوت خانلىقىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى رايونلارغا كىردى. 718- يىلى، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئەرەبلەرنىڭ باش ۋالىسى سامۇخنىڭ قوماندانلىقىدا بىلىنۇس تېغىدىن ئۆتۈپ، توۋىرغا كىردى. ئەمما، 721-يىلى مەزكۇر رايونلاردىن قوغلاپ چىقىرىلىدى. بۇ، ئەرەبلەرنى فىرانسىيەگە يۈرۈش قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى. 725- يىلى، كاركاسۇن ۋە نىم رايونلىرى ئىشغال قىلىندى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى مۇشۇ يەردىن ئاتلىنىپ شىمالغا قاراپ لونا دەرياسى ۋادىلىرىغىچە ئىچكىرلەپ كىردى. ئۇ قوشۇنلار بىلىنوس تېغىنىڭ غەربىدىكى لىنىيەسىنى بويلاپ رازۋېدكا قىلدى، ھەمدە 732- يىلى فامپېرونا شەھىرىدە قوشۇنلىرىنى توپلاپ، لونسەيۋارس تاغ ئېغىزىدىن فىرانسىيەگە يۆتكۈلۈپ، بوردۇنى تارتىۋالدى. فرانسىيە قوشۇنلىرىنى شىمالدىكى تۇۋىرغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. 732-يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تۇۋىر بىلەن پۇۋاتئەي ئارىسىدا فرانسىيە چارلىز-مارتىلنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشتى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى چېكىندۈرۈلۈپ، قوشۇننىڭ سەردارى جەڭدە ئۆلدى. قىسمەن ئەسكەرلەر ناربانغا چېكىندى. ئۇندىن كېيىن، مۇسۇلمان قوشۇنلىرى قايتا پارىژغا يېقىنلىشالمىدى. تۇۋىر ئۇرۇشىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار يەنە نارباندا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى بىر قوشۇن تەشكىللەپ، شىمالدىن لونا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئار ۋە ئاۋىگنوننى تارتىۋالدى. تەخمىنەن 738-يىلى، فرانسىيە قوشۇنىنىڭ سەردارى كارىل. مارتىل مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى يەنە بۇ يەردىن چېكىندۈردى. ئۇ يەنە ناربانغا ھوجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى بىر مەزگىل قورشىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرنى تارتىۋاللالمىدى. تاكى ئۈمەييە خاندانلىقى يوقالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن مۇسۇلمانلار759- يىلى بۇ مۇھىم بازا نارباندىن ۋاز كەچتى. ئەينى چاغدا، مۇسۇلمانلارنىڭ فرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويى رايونلىرىنى كونتىرول قىلغىنىغا بىر نەچچە ئەسىر بولغان ئىدى.

ئۈمەييە خاندانلىقى دەۋرىدىكى ھەرقايسى پەنلەرنىڭ گۈللىنىشى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئاساسەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىلا ئىدى. 4 بۈيۈك خەلىپە دەۋرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىمىي ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېتىشكە باشلىدى. ئۈمەييە خاندانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە بولسا، شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق زىمىنى كېڭەيتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپالارنى كېسىپ ئۆتكەن غايەت زور بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ چىگرىسى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكلىرى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر قوشۇۋېلىندى، مەسىلەن، تېگرس ۋە ئىفرات ئىككى دەريا ۋادىسى ھەمدە مىسىر، سۈرىيە، پىرسىيە، ھىندىستان، شىمالىي ئافرىقا، ئىسپانىيە قاتارلىقلار. بۇ چوڭ دۆلەتتە ئوخشىمىغان ھەرخىل مىللەتلەر ياشىغان بولۇپ، ئەرەبلەردىن باشقا، يەنە پارسلار، سۈرىيەلىكلەر، رىملىقلار، مىسىرلىقلار، بەر-بەرلەر، كىپۇتلار، ئىسپانلار ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بار ئىدى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز-ئارا نىكاھلىنىپ، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ كام يەرلىرىنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. شۇنىڭدەك بۇ زور دۆلەتتە ھەرخىل مەدەنىيەتلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن، ئەرەب مەدەنىيىتى، پارس مەدەنىيىتى، گېرىك مەدەنىيىتى، رىم مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، تۈرك مەدەنىيىتى قاتارلىقلار. بۇ ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشى، ئالماشتۇرۇلىشى، يۇغۇرىلىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى ئىسلام روھىنى يادرو قىلغان، ئەرەب تىلىنى ۋاسىتە قىلغان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان يېڭى بىر مەدەنىيەت ياكى ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى شەكىللەندى. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگشلىكى شۇكى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىغان ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنچە نۇرغۇن مىراس ۋە ئەنئەنىلىرى يوق ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ھەرخىل رامكىلاردىن خالى، ھەرىكەت ئۇسۇلىدىمۇ ھەرخىل مۇرەككەپ قائىدە-يوسۇنلار ئازراق ئىدى. قۇملۇقتىن كەلگەن بۇ ئادەملەرگە نىسبەتەن، مەدەنىي دۆلەتلەردىن كەلگەن بارلىق شەيئىلەر قىزىقارلىق، يېڭى تۇيۇلاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى. ئۇلاردا «ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى» دەيدىغان ھاكاۋۇرلۇق يوق بولۇپ، بىلىمگە، بىلىم ئۆگىنىشكە ھىرىسمەن ئىدى. ئىسلام دىنى ئېتىقاد يۈكسەكلىگىدىن بىلىم ئۆگىنىشكە ئىلھام بەرگەچكە، بۇ ئەينى چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بېغىشلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدەك، ئىستېلا قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى مىللەتلەر (بۇنىڭ ئىچىدە ئازاد قىلىنغان قۇللارمۇ بار) ئىسلام دىنىغا كىردى. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت باشلىنىش نۇقتىسى ئەسلىدىلا يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنى بىلىم ئۆگىنىشكە ئىلھام بەرگەچكە، ئۇلار تېخىمۇ زور ئاكتىپچانلىق بىلەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمي تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلىدى.
ئۇمۇمەن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇسۇلمانلار كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك، ئىشەنچكە تولغان تىرىشچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار ئىسلام روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى، ۋارسلىق قىلدى ۋە ئۆزگەرتتى. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. سۈرىيە، مىسىر، ئىراق ۋە پىرسىيىلەردە ئۇلار ئۆزلىرى تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغانلارنىڭ قول ئاستىدا ئولتۇرۇپ ئۇلاردىن ئۆگەندى، چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدى، بارلىق پايدىلىق نەرسىلەرنى تەشنالىق بىلەن ئۆگەندى، شەرق ۋە غەربنىڭ ياخشى، گۈزەل مەدەنىيەتلىرى ئىسلام ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى دەرياسىغا قويۇلۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ھەيۋەت بىلەن ئۆركەشلەتتى.
«قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق دەستۇرى. ئىسلام دىنى قانۇنىنىڭ تۈپكى مەنپەئىتى. شۇڭلاشقا، بارلىق ئىلىم-پەن ساھەسىدە، «قۇرئان» شۇناسلىق ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
1 .«قۇرئان» نى تەپسىرلەش
بۇ دەۋردىكى «قۇرئان» شۇناسلىق ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى «قۇرئان»نى قرائەت قىلىش؛ ئىككىنچىسى «قۇرئان»نى تەپسىرلەش.
مۇھەممەد پەيغەمبەر دەۋرىدە، پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نوپۇزلۇق «قۇرئان» قىرائەت قىلغۇچى ئىدى. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قىرائىتىنى ئۆلچەم قىلاتتى. تۆت بۈيۈك خەلىپە دەۋرىدە بولۇپمۇ ئۈمەييە خاندانلىقى دەۋرىدە، دۆلەت زىمىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغان غەيرى ئەرەبلەرمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ دەسلەپكى «قۇرئان» نىڭ كۆچۈرمىلىرىدە زىر-زەۋەر بولمىغاچقا، ئەرەبلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇمىقىمۇ تەس ئىدى. «قۇرئان» نى توغرا قىرائەت قىلىش «قۇرئان» نى توغرا چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، «قۇرئان» نى قىرائەت قىلىپ ئوقۇش، يەنى قارىيلىق ئىلمي بارلىققا كەلدى.
ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا، «قۇرئان» نى قىرائەت قىلىش، ئۆگىنىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. مەيلى چوڭ شەھەرلەردە بولسۇن، ياكى چەت-ياقا يېزىلاردا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇش قىزغىنلىقى كونا ئەرەب مۇسۇلمانلىرىدىن قېلىشمايتتى. ئۈمەييە دەۋرىدە قارىيلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن. ئەڭ داڭلىقلىرى مەدىنىدىكى نافىل. ئىبنى. ئابدۇراخمان، مەككىدىكى ئابدۇللا. ئىبنى. قەسىر(مىلادىيە 737-667 يىللار)، كۈفەدىكى ئاسىم. ئىبنى. ئەبۇ. نۇجۇم (744-؟)، دەمەشىقتىكى ئابدۇللا. ئىبنى. ئەمىر (762-؟) قاتارلىقلاردۇر.
«قۇرئان»نى توغرا ئوقۇش «قۇرئان» نى چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەمما ھەممىسى ئەمەس. چۈنكى «قۇرئان» نى چۈشۈنمەك ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. «قۇرئان» تىل-يېزىقى گەرچە ساپ ئەرەب تىل-يېزىقى بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەت ئەرەبچە يېزىقنى بىلسىلا «قۇرئان» نى پۈتۈنلەي چۈشىنەلەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەتراپىدا بىللە يۈرگەن ساھابىلىرىنىڭمۇ ھەممىسىلا «قۇرئان» نى تامامەن چۈشىنەلىگەن ئەمەس. ئۆمەردەك بىلىمى مول ئادەممۇ بىروۋلار ئۇنىڭدىن «قۇرئان» نىڭ بەزى ئايەتلىرىنى سورىغاندا، «بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيمىز- دە!»دەپ جاۋاب بەرگەن. چۈنكى «قۇرئان» نىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، خىلمۇ-خىل بولۇپ، بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى زاھىر (روشەن)، بىرلا قاراپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ، بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى باتىن (يوشۇرۇن) بولۇپ، دەماللىققا چۈشەنمەك تەس. شۇڭلاشقا «قۇرئان» نى تەپسىرلەش زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان.
«قۇرئان» نى تۇنجى قېتىم تەپسىرلىگەن ئادەم مۇھەممەد پەيغەمبەردۇر. مۇھەممەد ئەلىيھىسالامدىن كېيىن بولسا ساھابىلەردۇر. ساھابىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، كەچۈرمىشلىرى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ «قۇرئان» نى تەپسىرلەش ئىقتىدارىمۇ ھەرخىل ئىدى. ساھابىلەردىن كېيىن تابىئىنلار بولۇپ، تابىئىنلارنىڭ «قۇرئان» نى تەپسىرلەش ئىختىلابى تېخىمۇ زور بولدى.
ئۇمۇملاشتۇرغاندا، ئەينى چاغدىكى «قۇرئان» تەپسىرلەشنى 3 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرىنچىسى، رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەپسىرلەش؛ ئىككىنچىسى، ئۆز پىكرىگە ئاساسەن تەپسىرلەش؛ ئۈچىنچىسى، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ دىنى شەكلىدە تەپسىرلەش.
(1)رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەپسىرلەش
رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەپسىرلەش- ئەنئەنىۋىي تەپسىرلەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ساھابىلەر رىۋايەت قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئاساسەن تەپسىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئاللانىڭ تىلىدۇر. شۇڭا، ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار «قۇرئان» غا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن، ئۇنى تەپسىرلەشكە جۈرئەت قىلالماي، پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەپسىرلىرىنى ئاساس قىلغان. «ھەج قىلىش» دېگەن سۆزنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى كەئىبىگە تاۋاپ قىلىش، دەپ چۈشەندۈرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ «قۇرئان»نى تەپسىر قىلىشى نوپۇزغا ئىگە بولغاچقا، كېيىنكى كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەپسىرلىرىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى قىلغان. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى قۇرئان تەپسىرلىرى، كۆپىنچە مۇشۇ دائىرە ئىچىدە چەكلەنگەن. قۇلاقتىن-قۇلاققا يەتكۈزۈلگەن بۇ تەپسىرلەرنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان. بەزىلىرى بولسا كۆپتۈرىۋېتىلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، تەلەپچان ئىسلام ئالىملىرى «قۇرئان» نى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەپسىرلەشكە قارىتا «ئېھتىياتچان » پوزىتسىيە تۇتىدۇ.
(2) ئۆز پىكرىگە ئاساسەن تەپسىرلەش
ئۆز پىكرىگە ئاساسەن تەپسىرلەش، «ئەقلىي تەپسىرلەش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، تەپسىرچىلەرنىڭ «قۇرئان» نى ئۆز كۆز قارىشىغا ئاساسەن تەپسىرلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن تەپسىرشۇناسلار «ھەدىس» نى ساختىلاشتۇرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ كۈنسايىن ئىغىرلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ، رىۋايەتكە ئاساسەن تەپسىرلەشكە تامامەن ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، شۇڭا ئۇلار رىۋايەتنى ئاساس قىلماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ مول بىلىم ئاساسى ۋە سۈرىلەرنىڭ نازىل قىلىنغان ئارقا كۆرۈنىشىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، «قۇرئان» نى ئىنچىكە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئەرەب تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىچكىرىلەپ ئىگىلەش، ھەربىر سۈرە، ھەربىر ئايەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىدىغان بولدى. جاھالەت دەۋرىدىكى شېئىر، نەسىر، يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلەر، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن ھەرخىل قىيىنچىلىقلار، ئوڭۇشسىزلىق، زىيانكەشلىكلەر، ھەمدە ھىجرەت قىلىش، غازاتلار، ھەربىر سۈرە-ئايەت نازىل بولغان چاغدىكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىش، دىنىي ئەھكاملارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، تەپسىرشۇناسلارنىڭ قۇرئاننى تەپسىرلەشتىكى مۇھىم ئاساسى بولۇپ قالدى. ساھابىلەر ئىچىدە بۇ خىل تەپسىرشۇناسلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىبنى. ئابباس، ئىبنى. مەسئۇدلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەخىسلەردۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ «قۇرئان» نى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، ئالىملار قۇرئاننى سۆزمۇ-سۆز، جۈملىمۇ-جۈملە يېشىپ مەنىسىنى ئىگەللەپ، ئاندىن كېيىن بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۇلاردىن مەنپەئەتدار قىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي، پىنھاندا تۇرۇپ تەتقىق قىلغاندا «قۇرئان كەرىم» نىڭ روھىنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتقىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇلار «قۇرئان» نى تەپسىرلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئادەملەرنىڭ ئۆزى بىلگەنچە، قارىسىغا تەپسىرلەپ، كۆپچىلىكنى قايمۇقتۇرۇشنى قوللىمايتتى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم» نى سىياسىي ئېھتىياج ۋە دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئاداۋىتىگە ئاساسەن تەپسىرلەشكە تېخىمۇ قارشى بولۇپ، ئۇلار مۇنداق بىر ئېتقاتتا چىڭ تۇراتتى، يەنى ھەرقانداق بىر تەپسىرشۇناس ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى «قۇرئان كەرىم» گە ماسلاشتۇرۇشى، ھەرگىزمۇ «قۇرئان كەرىم» نى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا بويسۇندۇرماسلىقى شەرت.
(3) ناسارا دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى شەكلىدە تەپسىرلەش.
ئىنچىكە تەپسىلاتلارغىچە تېگىنى سۈرۈشتۈرۈش- ئىنسانلارنىڭ تەبىئى خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل خۇسۇسىيەت «قۇرئان» نى تەپسىرلەشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:«قۇرئان» دا: «بىر توپ پاك، مەسۇم ئۆسمۈرلەر بىر ئىتنى يىتىلەپ غارغا كىرىپ يوشۇرۇندى.» دېيىلگەن، تەپسىرشۇناسلار ئۇ ئىتنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى بىلگىسى كېلىدۇ. «قۇرئان » دا: «توپان سۈيى تېشىپ كەتكەندە، نوھ ئەلەيھىسسالام كىمە ياساپ ئۈممەتلىرىنى كىمىگە چىقاردى.» دېيىلگەن، تەپسىرشۇناسلار ئۇ كېمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىسى كېلىدۇ. «قۇرئان» دا مۇسانىڭ ھىكايىسى سۆزلۈنۈپ :«بىر كىچىك بالا ئۆلتۈرۈلدى.» دېسە، تەپسىرچىلەرنىڭ ئۇ بالىنىڭ ئىسمى-زاتىنى سۈرۈشتۈرگىسى كېلىدۇ. بۇ خىل مىساللار ئىنتايىن كۆپ، «قۇرئان» دا بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەشتىن مەقسەت—قەدىمكىنى ئەينەك قىلىش ئارقىلىق بۈگۈننى بىلدۈرۈش بىلەن مەلۇم بىر پەلسەپىۋىي قائىدىنى شەرھىيلەشتىن ئىبارەت. شۇڭا، «قۇرئان» دا سۆزلەنگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھىكايىلىرىدە مۇھىم ۋە قوشۇمچە نۇقتىلار، تەپسىلىي ۋە يۈزەكى چۈشەندۈرۈشلەر ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ ھايات تارىخى مۇپەسسەل سۆزلەنگەن؛ بەزىلىرىنى بولسا بىر نەچچە جۈملە بىلەن تىلغا ئېلىپلا ئۆتكەن. ئەمما تەپسىرشۇناسلار تىلغا ئېلىپلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ خىل بايانلارغا قانائەتلەنمەي، ھىكايىنىڭ باش-ئاخىرىنى، سەۋەب-نەتىجىلىرىنى ئىنتايىن بىلىۋالغۇسى كېلەتتى. بۇ خىل تەلەپنى ئەينى چاغدا پەقەت تەۋرات ۋە ئىنجىللارلا قانائەتلەندۈرەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئېتقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن يەھۇدىي ۋە ناسارا ئالىملىرى ھەدىلسىلا تەۋرات، ئىنجىلدىكى نەرسىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىغا جاۋاب بېرىپ كەلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بەزى تەپسىرشۇناسلار بۇخىل ھېكايە-رىۋايەتلەرگە يول قويۇپ، قوبۇل قىلدى، ھەمدە «قۇرئان» نى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تەپسىرلەشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، قۇرئاننىڭ تەپسىرلىرى ئىچىگە يەھۇدىي ۋە ناساراچە رىۋايەتلەر توشۇپ كەتتى. كېيىنكىلەرگە تەسىرى ئەڭ زور بولغان «تەبۇرى تەپسىرلىرى» دە، نۇرغۇنلىغان مۇشۇ خىلدىكى تەپسىرلەر بار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكىلىرىنى ۋاھاب. مۇنەبى رىۋايەت قىلغان. ۋاھاب. مۇنەبى بولسا بۇرۇن يەھۇدىي دىنىدىكى قىسسە، ھېكايە، رىۋايەتلەرنى پىششىق بىلىدىغان يەھۇدىي دىنى مۇرىتى ئىدى. بۇنىڭدىن سىرىت، يەنە بىر قىسىم ناساراچە تەپسىرلەر بولۇپ، ئۇلار بۇرۇنقى شەرقىي رىملىق ناسارا ئىبنى. جۈرەج (771-701) دىن قوبۇل قىلىنغان. بۇ خىل ئۇسۇلدىكى تەپسىرلەر كىشىلەرنىڭ ھېكايە ئاڭلاش پىسخىكىسىنى قاندۇرسىمۇ، ئەمما بەزىدە ئىسلام روھىنى جارىي قىلدۇرۇشقا پايدىسى تەگمەيلا قالماستىن بەلكى زىيانلىق ئىدى.
ئەينى چاغدا، بۇ 3 خىل تەپسىرلەش ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئۆز-ئارا تەسىر قىلىپ، كىرىشىپ كەتكەنىدى. «قۇرئان» نى تەپسىر قىلىدىغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەخىسلەر: ئىبنى. ئابباس (687-؟)، ئىبنى. مەسئۇد، قەربە. ئۈبەي، سەيد.ئىبنى.سابىت، ئەبۇ. مۇسا. ئەشرىل، ئابدۇللا. ئىبنى.زۇبەيىر، مۇجاھىد. ئۆتبە، ئىقلىمە، سەيىد. زۇبەيىر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2 . ھەدىسشۇناسلىق
«ھەدىسشۇناسلىق» بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تارقىلىپ كەلگەن سۆز-ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر پەن بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى قۇرئانشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تارمىقىدۇر.
«ھەدىس» ئەرەب تىلىدىكى «ھەدىس» ياكى «سۈننەت» دېگەن سۆزلەردىن كەلگەن بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ دىنغا دەۋەت قىلىش جەريانىدىكى «قۇرئان» دىن باشقا بارلىق غەيرى ۋە ۋەھىي خاراكتىردىكى سۆز-ھەرىكەت، پائالىيەتلىرى ۋە ئۇ مەنئى قىلىپ چەكلىمىگەن (سۈكۈت قىلغان) ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار يەنە «پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇمۇمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆزى، ساھابىلىرى، تابىئىنلىرى يەتكۈزگەن سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى «ھەدىس» كە تەۋە بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، «ھەدىس» لەر خاتىرلەنمىگەن، چۈنكى قۇرئاننىڭ سۈرە-ئايەتلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان. ئىككىنچى قارار خەلىپە ئۆمەر دەۋرىگە كەلگەندە، ئۆمەردە بىر مەزگىل «ھەدىس» لەرنى توپلاش ئارزۇسى پەيدا بولغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ كىشىلەرنىڭ پەقەت «ھەدىس» كىلا ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇرئان» غا سەل قارىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن. ئۇمۇمەن، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە «ھەدىس» لەر كەڭ كۆلەمدە توپلانمىغان بولۇپ، پەقەت ساھابىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسەن ئاغزاكى تارقىتىپ كەلگەن.
ساھابىلەر ئىچىدە، «ھەدىس» لەرنى ئەڭ كۆپ يەتكۈزگەنلەر: ئەبۇ.ھۈرەيرە، پەيغەمبەرنىڭ خوتۇنى ئائىشە، ئىبنى.ئۈمەر، ئىبنى.ئابباس، جابىر.ئىبنى.ئابدۇللا، ئەنەس.مالىك قاتارلىقلاردۇر. ئۇلاردىن ئەبۇ.ھۈرەيرە 5374، ئائىشە 2210، ئەنەس 2280، ئىبنى.ئۈمەر 1600 دىن ئارتۇق ھەدىسنى، جابىر.ئىبنى. ئابدۇللا بىلەن ئىبنى.ئابباس تەخمىنەن 1500 دىن ھەدىسنى يەتكۈزگەن. بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى «ھەدىس» نى رىۋايەت قىلىشتىكى نوپۇزلۇقلار دەپ قارىلىدۇ.
ئەبۇ.ھۈرەيرە يەمەنلىك بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا، ئەبۇ.«ھۈرەيرە» ئۇنىڭ لەقىمى. مەنىسى «مۈشۈكنىڭ ئاتىسى» دېگەن بولىدۇ. ئۇ ئاسلانغا ئامراق بولۇپ، دائىم بىر ئاسلاننى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كىشىلەر ئۇنى «ئەبۇ.ھۈرەيرە» دەپ ئاتىۋالغان. ئۇ 629- يىلى (ھىجرىيىنىڭ 7- يىلى) ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، دائىم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىملىرىنى ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلىغان، پەيغەمبەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نۇرغۇن «ھەدىس» لەرنى ئېسىدە تۇتىۋالغان. ئەلۋەتتە ئۇ رىۋايەت قىلغان «ھەدىس» لەر ئىچىدە، باشقىلاردىن ۋاسىتىلىق ئاڭلىغانلىرىمۇ بار. ئىككىنچى خەلىپە ئۈمەر ئۇنى بەھرەينىگە يەرلىك ئەمەلدار قىلىپ ئېۋەتكەن، كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈمەر ئۇنى قايتىدىن ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇ قەتئىي رەت قىلىپ، مەدىنىدە تۇرۇپ باش چۆكۈرۈپ «ھەدىس» تەتقىق قىلغان. 679- يىلى (ھىجرىيىنىڭ 57- يىلى) ۋاپات بولغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە ئائىشە بىلەن نىكاھلانغاندىن كېيىن، ئائىشە ياش، ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە ھىرىسمەن بولغاچقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تۇرغان كۈنلەردە، ئۇ نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى ئىگەللەپ، نۇرغۇن «ھەدىس» لەرنى يادلىۋالغان، بولۇپمۇ، نىكاھ، ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت «ھەدىس» لەرنى پۇختا يادلىغان. ئۇ «بىلىملىك ئايال» دەپ داڭقى چىققان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «ئۈممۇمۇلماساكىن» (مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتىغان. 678- يىلى (ھىجرىيىنىڭ 56- يىلى) ۋاپات بولغان.
«ھەدىس» ئىسلام دىنىدا «قۇرئان» دىن كېيىن 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمى، ئىسلام دىنى شەرىئەت قانۇنىنىڭ ئاساسى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بەزىلەر ئۇنىڭ نامىدا «ھەدىس» لەرنى يالغاندىن پەيدا قىلىپ، ساختىلىق كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتتى. ئەينى چاغدا ئابدۇكېرىم دەپ بىر ئادەم بار بولۇپ، ئۇ ھەتتا 4000 دىن ئارتۇق ساختا «ھەدىس» تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىدە ھەتتاكى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن. يەنە بۇخارىي توپلىغان 60 مىڭدىن ئارتۇق «ھەدىس» نىڭ ئىچىدە، ئۇ ئىشەنچلىك، راست دەپ تونىغانلىرى ئاران 7000 غا يېتىپ بارىدىكەن. ساختا «ھەدىس» لەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىق ساداقەتمەن مۇسۇلمان ئالىملىرىنى ئەندىشىگە سالغان، ئۇلار مىلادىي 8- ئەسىردىن تارتىپ، «ھەدىس» كە قارىتا دەلىللەش، راست-يالغىنىنى ئايرىش، ئېنىقلاش خىزمىتىنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىدا «ھەدىسشۇناسلىق» پەيدا بولغان.
مۇھەندىسلەر ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن «ھەدىس» كە قارىتا دەلىللەش، راست-يالغىنىنى ئايرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان: بىرىنچى، ئۇلار «ھەدىس» نىڭ تارقىلىش يولىنى تەتقىق قىلغان، يەنى تارىختىن بۇيان «ھەدىس» نى تارقىتىپ رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ نەسەبىنى تەتقىق قىلغان. مەسىلەن، AB←گە تارقاتقان، C←Bگە تارقاتقان… مۇشۇ پېتى سۈرۈشتۈرۈپ ئاخىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ئاپىرىپ تاقىغان. تارقىلىش يوللىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، تارقاتقۇچىلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى؛ ساختا «ھەدىس» تۈزۈپ يات تەلىماتلارنى تەشۋىق قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلىقى دەلىللىنىپ، يالغانچى ۋە ساختا ھەدىس تارقاتقۇچىلار پاش قىلىنغان. ئىككىنچى، مۇھەندىسلەر «ھەدىس» نىڭ ئەسلى تېكىستگە قارىتا تەتقىق ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىقى ئىجتىمائىي، دىنىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «ھەدىس» لەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئەمما كېيىنكى ئۇسۇلنى قوللانغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇھەندىسلەر «ھەدىس» لەرنىڭ تارقىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.
ئاتاقلىق ھەدىسشۇناسلىق ئەسەرلىرىدىن «نۇھابات.فىقار» ھەمدە شاھابىدىن.ئەھمەد.ئەسقارانىنىڭ «نۇشات.نازار» قاتارلىقلار بار.
مۇھەندىسلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلغان نوپۇزلۇق ھەدىسلەر توپلىمى سۈننىي مەزھىپىدە ئالتىسى بار: بۇخارىي، مۇسلىم نىشاپۇرىي، تېرمىزىي، ئەبۇ.داۋۇد، نەسايى ۋە ئىبنى.ماجە قاتارلىق ئالتە ئادەم تۈزگەن ھەدىسلەر توپلاملىرى، بۇلار ئادەتتە «ئالتە چوڭ ھەدىس توپلىمى» دەپ ئاتىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ئۆز مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار تۈزگەن «4 چوڭ ھەدىس دەستۇرى» (4 دەستۇر) نى ئۇلاغلايدۇ. يەنى قۇراينى تۈزگەن «دىنشۇناسلىق قامۇسى»، بابۇۋاش.قومى تۈزگەن «دىنىي قانۇنشۇناسلار نەزىرىنى سالمايدىغان ئادەم»، تۇس تۈزگەن «ھەدىسلەرنى ئېنىقلاش» ۋە «دىنىي قانۇنلارنى تۈزىتىش» قاتارلىقلار.
3. شەرىئەت ئىلمي
شەرىئەت ئىلمي «قۇرئان كېرىم» ۋە «ھەدىس شېرىپ» ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە نىكاھ، ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئۈزۈلمەي «ۋەھىي» نازىل بولۇپ تۇرغاچقا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى شۇنىڭغا ئاساسەن ھەل قىلغان ئىدى. مەسىلەن، قۇرئاندا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى بولماسلىقتەك تۈزۈم ئۆزگەرتىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارغا مۇۋاپىق مىراسخورلۇق ھوقۇقى بېرىلگەن. باشقا ساھەلەردىمۇ، «قۇرئان» دا ئېنىق بەلگۈلىمىلەر چىقىرىلغان. ئەمما «قۇرئان» تۈپكى دەستۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلۇق-ئۇششاق جىمى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتەلمەيتتى. نۇرغۇن ئىشلارغا قارىتا ئۇنىڭدا بىر خىل نىشان، بىر خىل پىرىنسىپلا بەلگۈلەنگەن ئىدى. بۇ پىرىنسىپلارنى كونكىرىت ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن «ھەدىس» لەرگە تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. مەسىلەن، «قۇرئان» دا كىشىلەرنىڭ ناماز ئۆتىشى پەرز قىلىنغان، ئەمما ناماز ئۆتەش ۋاقتى، قېتىم سانى، كونكىرىت شەكىللىرى بەلگۈلەنمىگەن. يەنە «قۇرئان» دا زاكات بېرىش پەرز قىلىنغان، ئەمما زاكاتنىڭ تۈرلىرى ۋە نىسبىتى قاتارلىقلار بەلگۈلەنمىگەن ۋە ھاكازالار. بۇلارنىڭ كونكىرىت تەپسىلى قائىدىلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەلگىلىگەن. شۇڭلاشقا «ھەدىس» لەر «قۇرئان» نىڭ كونكىرىتلاشتۇرۇلىشىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، «ۋەھىي» ئۈزۈلۈپ قالدى. تەبىئىيكى، «ھەدىس» مۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. ئەمما، جەمئىيەت توختاپ قالماي، تەرەققىي قىلغانسېرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇلۇپمۇ خەلىپىلىك دۆلىتىنىڭ زىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەندىن كېيىن، ھەر خىل مىللەت، دىن، مەدەنىيەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام دىنى ھوقۇقى مىسلى كۆرۈلمىگەن نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلىلەرگە ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئالىملار جەزمەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالغان ئىدى.
مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئەڭ ئالدى بىلەن دۇچ كەلگەن بىر زور سىياسىي مەسىلە كىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى بولۇش مەسىلىسى ئىدى. بۇ ھەقتە «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە ئېنىق بەلگۈلىمە يوق بولۇپ، «قۇرئان» دا پەقەت پىرىنسىپال ھالدىلا: «ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا» دېيىلگەن. (42÷38) ئەينى چاغدىكى ساھابىلەر مۇشۇ روھقا ئاساسەن، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئەبۇ.بەكرىنى خەلىپە قىلىپ سايلىغان. يەنە، بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ۋە ئىنىسى قالغان بولسا، ئۆلگەن ئادەمنىڭ مىراسىغا بوۋىسى ۋارىسلىق قىلامدۇ، ياكى ئىنىسى ۋارىسلىق قىلامدۇ؟ بۇ خىل مەسىلىلەرگە قارىتا «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە ئېنىق بەلگىلىمە يوق. شۇڭا، ساھابىلەر كۆپىنچە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن ھەل قىلغان. يەنە بىر مىسال، بىر ئادەمنى ئۆگەي ئانىسى ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. «قۇرئان» دا ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر جانغا-جان تۆلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا زادى ئۆگەي ئانا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ شېرىكىنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئۈمەر بۇ مەسىلىنى ئەلىدىن سورىغاندا ئەلى:«قارا! ئەگەر بىر نەچچە ئادەم بىرلىشىپ بىر قوينى ئوغرىلاپ بىر پارچىدىن بۆلۈشكەن بولسا، سەن «قۇرئان» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ قولىنى كېسىشكە ھۆكۈم قىلامسەن-يوق؟» دەپ سورىغاندا، ئۈمەر:«ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئەلى:«بىرلىشىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشمۇ ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا جازاغا تارتىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۈمەر ئەلىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر ئىككىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: ئومۇمەن «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن شەيئىلەرنى، ساھابىلەر ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە، ئىشنىڭ باش-ئاخىرى ۋە سەۋەب-نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە ھۆكۈم قىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مانا بۇ شەرىئەت ئىلمي تارىخىدىكى «پىكىر ئۈلگىسى» نىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدۇر.
ساھابىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ پىكرى (ياكى باشقىلارنىڭ توغرا پىكرىگە ئاساسەن) دېلو بىر تەرەپ قىلىدىغان، مەسىلە ھەل قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە خەلىپە ئۈمەر ئەڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۈمەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدا، شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق پىرىسىيە، رىم قاتارلىق مەدەنىيەتلىك يات ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسى خەلىپە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە، خەلىپە دۆلىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇراتتى. نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پايدىلىنىدىغان ئۈلگىلىك مىساللار يوق بولۇپ، ئۇ پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، ئەھۋالغا قارىتا بىر تەرەپ قىلاتتى. شۇڭا، كېيىنكىلەر ئۈمەرنى «قانۇننىڭ تۆۋرۈكى» دەپ ئاتاشقان. باشقا ساھابىلەردىن سەيد.ئىبىن، سابىت ۋە قەلبە.ئۇبەي قاتارلىقلارمۇ «پىكىر ئېقىمى» بىلەن داڭق چىقارغان.
«پىكىر ئېقىمى» دىكىلەر ئىراقتا كۆپرەك ئىدى. چۈنكى ئىراق مەككە بىلەن مەدىنىدىن يىراق بولغاچقا، «ھەدىس» نى تارقىتىدىغانلار نىسبەتەن ئاز ئىدى، ئۇلاردا پارس ۋە گېرىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇرراق بولۇپ، شەرىئەتشۇناسلار ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق ئەھۋال ئاستىدا، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ پرىنسىپ روھى بويىچە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىرىشچان، جانلىق ئەدلىيە قوللۇناتتى.
«پىكىر ئېقىمى» دىكىلەر بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيداندىكىلەر «ھەدىس» چىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن مەدىنە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى مەدىنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇ يەردە تارقالغان «ھەدىس» لەرمۇ نىسبەتەن كۆپ ئىدى. «ھەدىس» چىلەر ھەدىسلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ھەر قانداق ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەدىسلەردىن ئاساس ئىزدەيتتى. ئاساس تاپالمىسا، ئىپادە بىلدۈرمەيتتى. «ھەدىس» چىلەرنىڭ قانۇن ۋە ئەدلىيە تەشەببۇسى ئېھتىياتچانلىق پىرىنسىپىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەمما، ھەر قانداق ئىش چېكىگە يەتسە كەينىگە يانغاندەك، «ھەدىس» كە ھەددىدىن ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىش، ساختا ھەدىس پەيدا قىلىش شامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، «ھەدىس» چىلەر بارلىق ئىشلاردا پۈتۈنلەي ھەدىسنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، شەخسنىڭ پىكرىنىڭ بولۇشىغا يول قويمىغاچقا، بەزىلەر ھەدىستىن ئاساس تاپالمىغاندا، يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقارغان.
ئومۇمەن، مەيلى تۆت بۈيۈك خەلىپە دەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئۇمەييە دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى پىكىر ئېقىمىدىكىلەر ياكى ھەدىسچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ شەرىئەت ئىلمي ئۈستىدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى شەخسنىڭ ئىلمي ھەرىكىتى بولۇپ، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن پىلانلىق تەتقىقات، قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتى ئەمەس ئىدى. تاكى ئۇمەييە دەۋرىگە كەلگىچە، ئىسلام دىنىدىكى تۆت چوڭ فىقئە ئىلمي تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. ئۇمەييە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە، ئىراقلىق ئەبۇ.ھەنىفە (ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ ئىجادچىسى) لەر باش كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، تېخى فىقئە سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنمىگەنىدى. ئۇمەييە دەۋرىدە پەقەت فىقئە ئىلمي تەتقىقاتىنىڭ پەردىسىلا ئېچىلغان بولۇپ، فىقئە ئىلمي تەتقىقاتىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئابباسىلار دەۋرىدىكى ئىش. بىز بۇنى كېيىنكى بابلاردا سۆزلەيمىز.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ھىتتى (ئامېرىكا) تۈزگەن: «ئەرەبلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ماجيەن تەرجىمە قىلغان (1- قىسىم) سودا نەشرىياتى، 1979- يىلى 12- ئاي 1- نەشرى.
2. فېيشىل (ئامېرىكا) تۈزگەن: «ئوتتۇرا شەرق تارىخى» (1- قىسىم) ياۋ شىنلياڭ تەرجىمە قىلغان. سودا نەشرىياتى 1979- يىلى نەشرى.
3. پىڭ شۇجىژنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» فۇجيەن خەلق نەشرىياتى، 1991- يىلى نەشرى.
4. ما مىڭلياڭ تۈزگەن: «قىسقىچە ئىسلام تارىخى» ئىقتىساد گېزىتى نەشرىياتى، 2001- يىلى نەشرى.
5. سۈنچىڭشى تۈزگەن: «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى پروگراممىسى» كوئىنلۇن نەشرىياتى 2001- يىلى نەشرى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش