ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

4 ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013 – يىلى 24 – ھۇد ( 24 – فېۋرال )تا، « خەلقئارا ئانا تىل » كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن « 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى » ئۆتكۈزۈلدى.

« 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى » يىغىن سەفەرى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمىئىيىتى يىغىن زالىدا چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئېچىلدى. مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مارشى ئوقۇلدى ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلىپ، بۇ قېتىمىقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى، بۇ خىل ئاپالىيەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، بۇ پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغان يىغىن ئەھلىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇرۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

8ئۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، تەبرىك خېتىدە يۇرتىمىزدا ئۇيغۇر تىلى ئېغىر خرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا جوڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر يۇرتىمىزدا مەجبۇرى ھالدا يولغا قويىۋاتقان « قوش  تىللىق مائارىپ سىياسىتى »نىڭ خاتا سىياسەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە نوپۇزلىق شەخس كېڭگەس خانىم بىلەن تونۇشۇپ ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان مەسلىلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئانا تىلىنى قەدىرلەشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشكىللىگەن « 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى » نىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، « 3 – قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنى » تەبرىكلىدى.

0DSC04354خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈڭ : http://www.akademiye.org/ug/?p=1670

رىياسەتچى مۇھاكىمە يىغنىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، « ئۇيغۇر تىلى ۋە دۇچ كەلگەن خرىسلار » دېگەن تېمىدا تەييارلانغان ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن، باتۇر قاراخانلې ئەپەندىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

3(1)باتۇر قاراخانلې ئەپەندى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۈچ قېتىم خرىسقا دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ خرىسلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان دەۋر ئارقا كۆرنۈشى، بۇ خرىسلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆسەتكەن تەسىرى، ئىچكى – تاشقى ئامىللار، بۇ خرىسلار نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە كۈنىمىزدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك چارە – تەدبىرلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى (ئۇيغۇر تىلى ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ).

ئىككىنجى قېتمدا، مەھمۇتجان ياسىن ئەپەندى « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال قىممىتى ۋە قىسمىتى » تېمىسىدا تەييارلىغان ماقالىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. مەھمۇتجان ئەپەندى، ماقالىسىدە قاراخانىلار ۋە چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆزلۈك غەزىنىسىنىڭ بېيىغانلىقى، ئەلىشىر ناۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە بىر مىليۇنغا يىقىن سۆز ئىشلەتكەنلىكى، يىقىندا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لوغىتىدە 7ئىشلىتىلگەن سۆزلۈكنىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، 800 يۈزمىڭ ئەتراپىدا سۆزلۈكنىڭ ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالغانلىقى؛ ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇر ئىملاسىدا كۆپ ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقى، لېكىن يىقىنقى 60 يىللىق تارىخ ئىچىدە ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆپ قېتىم ئۆزگۈرۈش بولغانلىقى؛ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال قىممىتىدىكى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى – تاشقى ئامىللار ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەت ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى ( تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ ).

1(3)ئۇنىڭدىن كېيىن يىغىن رىياسەتچىلىرى تەييارلىغان ئەركىن سۇئال – جاۋاپلار ئارقىلىق يىغىن كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. قىزىققان بولسىڭىز، قېنى سىزمۇ تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ(soal jawab uchun ana til kuni so’al jawablar ana til kuninig kelip chiqishi heqqide ana til kuni kirish sozi).

2(1)سۇئال – جاۋاپ قىسمىدىن كېيىن، ئۇلتاش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان ئۇلتاش ئەپەندى تەييارلىغان  « نەزمىي ئەسەرلەر تىلى بىلەن نەسرىي ئەسەرلەر تىلىدىكى پەرقلەر توغرىسىدا » ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇشقا تەكىلىپ قىلىندى.  ياسىنجان ئۇلتاش ئەپەندى ماقالىسى نەزمىي ئەسەرلەر بىلەن نەسرى ئەسەرلەردىكى پەرىقلەرنى گرامماتىكىلىق نوقتىدىن ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، يىغىن ئەھلىنى بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە قىلدى( تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ).

9ئاخىرىدا، فرانسىيە « ئوغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى » رەئىسى دىلنۇر پولات خانىم فرانسىيدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇرشۇناسلىق  ۋە ئوغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، فرانسىيدە 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بارلىقى، فرانسىيدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ 17 – ئەسىردىلا باشلىنىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھ ئەسىرى « قۇتاغۇبىلىك » نىڭ بەزى بۆلۈملىرىنىڭ فرانسىز تىلىغا 17 – ئەسىردە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، يىقىنقى زامانلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ پەسىيىپ قالغانلىقىنى، «  ئوغۇز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى » ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش خاراكتېردىكى ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە مەدەنىيەت كۈنلىرى نەتىجىسىدە، دىلنۇر خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2013 – يىلى ئىتىبارى بىلەن فرانىسىيدىكى ئەڭ قەدىمى      ئالىي مەكتىپىدە ئۇيغۇر تىلى رەسمى دەرسلىك قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى، ئۆزنىڭ 20 ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر تىلى Uyghurlargha_Nezerئۆگىتىشكە باشلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە، ئۈچ تىللىق( يېرىمى ئۇيغۇر تىلىدا، يېرىمى فرانسىز ۋە ئىنگىلىز تىلىدا ) ئىلىمىي ژورنال چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، « ئۇيغۇرغا نەزەر » ئىسمى بىلەن پەسىللىك ژورنالنىڭ بىرىنجى سانىنىڭ تەييار بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يىغىن ئەھلىنى ژورنالغا مۇشتەرى بولۇشقا، فرانسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى ئابلەت تۇران يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئالدىنقى 3 يىلدا رەئىس ۋەكىلى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدا ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىكى تاشقىي تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى ئاسيا پاسىفىك مۇتەخەسىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان  ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىمنىڭمۇ تەبرىك خېتى ئىبەرتكەنلىكىنى ۋاقىتنىڭ قىستاپ قېلىشى تۈپەيلى توربېتىمىزدىن ئۇقۇۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇلھەمەت قاراخان ئەپەندىم ۋە يىغىن ئەھلىگە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇرمۇشىنىڭ ۋە بارچە ئىشلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىشى تىلىكى بىلەن يىغىن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئابدۇلھەىت قاراخان ئەپەندىمنىڭ 3-قېتىملىق ئۇ.ئا. ئاناتىل ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئىبەرتكەن تەبرىك سۆزى)

بارچە ئىشلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۇك، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.

      يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر:

20130224_150641 2(1) 9 3(1)
5 7 20130224_150641

 

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئىنكاسلار (10)

  • ياسىن تۇرسۇن

    باغداش تورى ئادرىسى: http://bbs.bagdax.cn/thread-15834-1-1.html

  • ياسىن تۇرسۇن

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى ئۇستازلار، ئانا ۋەتەندە ئاناتىلىم دۇچ كەلگەن يوقۇلۇش خەۋىپىگە ئامالسىز قېلىۋاتقان، ئاچچىقتىن پارتىلاپ دەپ قالغان قېرىندىشىڭىزلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ، باغداش تورىغا كىرىپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئاناتىل يولىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىن خەۋەردار بولساڭلار ھەم بۇنى خەلىقئاراغا بىلدۇرساڭلار ، بۇئىش توغرىسىدا توغرا دەپ قارىغان ياخشىراق ئامال بولسا ئۇرۇنۇپ باقساڭلار. باغداش تورى ئادرىسى: http://bbs.bagdax.cn/thread-15834-1-1.html

  • جەسۇر

    تەشۋىقاتنى تىخمۇ كۇچەيتىش كىرەك ئىدى

  • ئەلنۇر024

    ئەسسالام دىلنۇر سىڭلىم،
    ئۇيغۇرغا نەزەر ژورنىلى ئۈچۈن تۈركىيەدە يىققان 20 مۈشتەرى بەدىلى 600 يوۋرونى ئىبەرتىۋەتتىم!

  • بىناۋا

    ئادەم ئاز بولسابوپتۇ.يىلدا بىر قېتىم يەكشەنبىنى ئانا تىلغا بېغىشلىيالمىغان بولسا،رەنجىگىدەك يېرى يوق.

  • ئابدۇللا

    ئوزۇمنىڭ بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن…..ئۇيغۇرتىلنى قوغداش ۋە ئاسراش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز……..بۇ يىغىننىڭ بولغىنى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ…

  • ھەسەنجان

    ‏تولىمۇ ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ . ۋەتەندىكى ئاساسلىق كىرىزىسمۇ شۇ تىلدىكى ئاجىزلىق ۋە ئىتقاد ئەقىدىدىكى سۇسلۇق .

  • ئۇيغۇر

    بۇ قىتىم ئادەم ئازمۇ قانداق

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      كۆپ ئادەملەرگە خەۋەر قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنچە پائالىيەتلەر يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغاچقا شېكەر يەكشەنبىسىدىن كېچەلمەيدىغانلارمۇ بار.
      بىز ھېچكىم كەممىسىمۇ توغرا دەپ قارىغان پائالىيەتلىرىمىزنى قىلىۋېرىمىز، ھازىر ئەھمىيتىنى بىلمىگەنلەر كېيىن بىلىپ قالار…

    • ئۇيغۇر

      مۇشۇ گىپىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدىن بەك خوش بولدۇم رەخمەت . . .

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش