• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بىتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق ماگىستىر ۋە دوكتۇلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 16- يانۋاردا باشلاپ 17-فېۋرالدا ئاخىرلاشتى. تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلىش باشلىنىش ۋاقتى 2017 – يىلى 1 – مارت باشلىنىپ، 31 — مارت تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 24:00 كىچە داۋاملىشىدىكەن. ئېلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بولسا يۇقارىقى بەلگىلەپ بەرگەن بىر ئاي ئىچىدە ئىلتىماسىنى تاپشۇرىشى كىرەك.

تەپسىلاتى:  www.turkiyeburslari.gov.tr

تۈركىيە دۆلەتلىك تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ھەققىدە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

2016-يىلى تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، 185 دۆلەتتىن 95 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بونىڭ ئىچىدىن تەلەپكە لايىق بولغان 5 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان. 2017-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. ئەمما قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇچى سانى 5000 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق. كىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالسا، بۇ ئوقۇشنى شۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن، ئەمما تاللاش ئادىل بولىدىكەن.

تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر

تۈركىيە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ۋە تەتقىقات ئوقۇش مۇكاپاتى پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:

چەتئەللىك بولۇشى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانلىرى ۋە ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلىدىن تۈركىيە گراژدانلىقىدىن چىقىپ كەتكەنلەر تىزىملىتالمايدۇ)؛

تۈركىيەدە ئوقۇشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ بولماسلىقى؛

تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا تىزىملىتىش ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن بولۇشى ياكى تىزىملىتىدىغان يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى؛ تەتقىقات ئۈچۈن تىزىملاتماقچى بولغانلار دوكتورلۇقتىن لاياقەتلىك ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغان بولۇشى ياكى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولۇشى؛

 تولۇق كۇرسقا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1996 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛

ماگىستىرلىققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1987 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛

دوكتورلۇققا تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1982 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛

تەتقىقات ئۈچۈن تىزىملاتماقچى بولغانلار: 1972 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛

ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن تولۇق كۇرس، ئاسپرانتلىق، دوكتۇرلۇق ياكى تەتقىقات ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى ئالمىغان بولۇشى؛

تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرس، ئاسپرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا تەڭ دەرىجىدىكى ئوقۇشتا تىزىملىكى بولماسلىقى؛

تولۇق كۇرۇس ۋە ياكى ئاسپرانتلىقنى تۈركىيەدە تۈگەتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغانلار «ئوقۇغۇچى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى – ÖSYM» تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان «تەتقىقاتچى ۋە ئاسپرانتلىققا كىرىش ئىمتىھانى – (ALES)» دىن 45 تىن يۇقىرى ئالغان بولۇشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى بەلگىلىگەن خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان GRE ياكى GMAT قا ئوخشاش بىر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى بولۇشى كېرەك.

تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

زۆرۈر كېرەكلىك ماتىرىياللار:

پاسپورت ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئىككى سۇڭلۇق رەسىم ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئالاقە تېلفۇن نۇمۇرى ۋە پوچتا ئادىرىسى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلۇمى ۋە سىكەن نۇسخىسى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس نەتىجىلىرى، خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس نەتىجىلىرى ۋە خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى

ئىختىيارى ئەمما تاللىنىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان ماتېرىياللار:

تۈركىيەدىن باشقا يەرلەردە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسقا ئۆتكەن بولسا چاقىرىق قەغىزى ياكى ئىسپاتى

تىل كېنىشكىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى: خەنزۇچە سەۋىيە سىناش كېنىشكىسى (HSK)، ئىنگلىزچە كېنىشكىلەر (CET-4, 6, TOEFL, IELTS)

مۇكاپاتلار: ئوقۇش جەريانىدا ئالغان ھەرخىل مۇكاپات كېنىشكىلىرى (ئوقۇش مۇكاپاتى، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە كەشپىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلار)

تۈركچە تىل كېنىشكىسى: تۈركچە كۇرس دىپلۇمىلىرى ياكى تۈركچە سەۋىيە سىناش كېنىشكسى (TYS)

ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسىنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى

ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

زۆرۈر كېرەكلىك ماتىرىياللار:

پاسپورت ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئىككى سۇڭلۇق رەسىم ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئالاقە تېلفۇن نۇمۇرى ۋە پوچتا ئادىرىسى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق دىپلۇمى ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق دەرس نەتىجىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق دەرس نەتىجىلىرى ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى

ئىختىيارى ئەمما تاللىنىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان ماتېرىياللار:

تۈركىيەدىن باشقا يەرلەردە ماگىستىرلىققا ئۆتكەن بولسا چاقىرىق قەغىزى ياكى ئىسپاتى

تىل كېنىشكىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى: خەنزۇچە سەۋىيە سىناش كېنىشكىسى (HSK)، ئىنگلىزچە كېنىشكىلەر (CET-4, 6, TOEFL, IELTS)

مۇكاپاتلار: ئوقۇش جەريانىدا ئالغان ھەرخىل مۇكاپات كېنىشكىلىرى (ئوقۇش مۇكاپاتى، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە كەشپىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلار)

تۈركچە تىل كېنىشكىسى: تۈركچە كۇرس دىپلۇمىلىرى ياكى تۈركچە سەۋىيە سىناش كېنىشكسى (TYS)

ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسىنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى

ئەگەر ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان بولسا ئۇنىڭ سىكەن نۇسخىسى ۋە ئىلان قىلغان مەتبۇئات ئۇچۇرلىرى

دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

زۆرۈر كېرەكلىك ماتىرىياللار:

پاسپورت ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئىككى سۇڭلۇق رەسىم ۋە سىكەن نۇسخىسى

ئالاقە تېلفۇن نۇمۇرى ۋە پوچتا ئادىرىسى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق دىپلۇمى ۋە ماگىستىرلىق دىپلۇمى سىكەن نۇسخىسى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق دەرس نەتىجىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى

ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق دەرس نەتىجىلىرى ئىنگلىزچە نۇسخىلىرى

ئىختىيارى ئەمما تاللىنىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان ماتېرىياللار:

تۈركىيەدىن باشقا يەرلەردە دوكتۇرلۇققا ئۆتكەن بولسا چاقىرىق قەغىزى ياكى ئىسپاتى

تىل كېنىشكىلىرى ۋە سىكەن نۇسخىلىرى: خەنزۇچە سەۋىيە سىناش كېنىشكىسى (HSK)، ئىنگلىزچە كېنىشكىلەر (CET-4, 6, TOEFL, IELTS)

مۇكاپاتلار: ئوقۇش جەريانىدا ئالغان ھەرخىل مۇكاپات كېنىشكىلىرى (ئوقۇش مۇكاپاتى، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە كەشپىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلار)

تۈركچە تىل كېنىشكىسى: تۈركچە كۇرس دىپلۇمىلىرى ياكى تۈركچە سەۋىيە سىناش كېنىشكسى (TYS)

ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان ساھەدىكى كەسىپ ئىگىسىنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى

ئەگەر ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلغان بولسا ئۇنىڭ سىكەن نۇسخىسى ۋە ئىلان قىلغان مەتبۇئات ئۇچۇرلىرى

تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا توردىن ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار

تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تورىنى ۋە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بەلگىلىمىسىنى تەپىسىلى كۆرۈپ ئوقۇپ چىقىڭ.

تۈركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس تور بېتى http://www.trscholarships.org تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بولغاچقا، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى توغرا ۋە تولۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تىلدىن بىرىنى ياخشى بىلىشىڭىز كىرەك.  ئەگەر ئىنگلىزچە ياكى تۈركچە بىلمىسىڭىز، بۇ تىللاردىن بىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرسىدىن (ماگىستىرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان كىشىدىن) ياردەم تەلەپ قىلىسىڭىز بولىدۇ.

ئىلتىماستا تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى رەڭلىك سىكەن (ساۋمىياۋ) قىلىۋېلىپ، بارماق دىسكىڭىزغا رەسىم (JPEG) شەكلىدە قاچىلىۋېلىڭ.

http://www.trscholarships.org تورىدىكى ئىلتىماس قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ. تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى تورغا يۈكلەپ، پۈتۈن باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، باشتىن ئاخىرى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، كەم ياكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئەمدى بولدى دىگەندە، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى تەستىقلاشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.

مەكتەپ تاللاشتا، ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن مەكتەپلەرنى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن تاللىماڭ.

سىز تاللايدىغان 12 مەكتەپنى تاللىغاندا، ئىستانبۇلدىن 1 ياكى 2 نى ، ئەنقەرەدىن 1 ياكى 2 نى ۋە ئىزمىردىن 1 ياكى 2 مەكتەپ تاللاپ، قالغان 6 ياكى 6 دىن كۆپ مەكتەپنى چوقۇم بۇ ئۈچ چوڭ شەھەردىن باشقا شەھەرلەردىن تاللاڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز 12 ئارزۇغا 12 مەكتەپنى تولۇق تولدۇرۇشىڭىز كىرەك.

كەسىپ تاللاشتا:

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش ئۈچۈن، سىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋە ئۆز قابىلىيىتىڭىزگە ماس كەلگەن كەسىپنى تاللاڭ، ھەرگىزمۇ مودا قوغلىشىپ، ئىقتىدارىڭىز ماس كەلمىگەن ياكى ئۆزىڭىز قىزىقمايدىغان كەسىپنى تاللىماڭ.

ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تولۇك كۇرۇستا ئوقۇغان كەسپنى ياكى يىقىنراق كەسىپنى تاللاڭ.

تولۇق كۇرۇسقا كەسىپ تاللىغاندا ياخشى ئويلىنىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ. مەسىلەن: ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن ئەدەبىيات، بىر مەكتەپتىن تارىخ، بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەت، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا سودا ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. تەبىئى پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن فىزىكا، بىر مەكتەپتىن خېمىيە، بىر مەكتەپتىن ماتىماتىكا، بىر مەكتەپتىن كومپىيوتېر، بىر مەكتەپتىن ماشىنسازلىق ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن بىئولوگىيە دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. ماتىرىيالىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى تاللايدىغان كىشى سىزنى ئېنىق بىر نىشانى يوق، كەسىپ ئەھلى بولۇشقا لاياقەتسىز بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن دەپ شاللىۋىتىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. شۇڭا سىز تاللىماقچى بولغان 12 مەكتەپتىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ.

مەكتەپ تاللاشتا، 12 مەكتەپ تەرتىپىنى ھەرگىزمۇ داڭلىقلىق دەرىجىسى بىلەن تىزماڭ، بەلكى سىزگە ماس كىلدىغان تەرتىپتە بولسۇن.

ھىچقانداق ئىنگلىزچە نەتىجىڭىز يۇق ۋە ئۇتتۇرىچە نەتىجىڭىز 60 ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دىگەندەك ئىنگلىزتىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرنى تاللىۋالماڭ. سىز بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنى تاللىماقچى بولغاندا، ئىكراندا سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ.

كەسىپ تاللاشتا، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىدا قايسى كەسىپنى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۆرلەپ ئوقۇشتىمۇ شۇ كەسپىنى ۋە يېقىن كىلىدىغان كەسىپنى تاللاڭ.

ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسپىڭىز بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپىڭىز بىر بىرى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى بولمىسا، تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. تاللاشتىن غەلبىلىك ئۆتسىڭىزمۇ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر سىزدىن كەسپى تەييارلىق ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، تولۇق كۇرستىكى كەسپى دەرسلەردىن 8 دىن 10 غىچە دەرسنى بىر يىلدا تولۇق غەلبىلىك پۈتتۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كەسپى تەييارلىقتا بىر پەندىن ئۆتەلمىسىڭىز، سىزگە ئۇيغۇركەن دەپ ئىتىبار بېرىشتە يوق، ئەكىسچە، تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىلچە رەھىم قىلىنماي مەكتەپتىن ھەيدىلىسىز، ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە مەكتەپمۇ يوق بولىدۇ. تۈركىيەدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىسىز.

كەسىپ تاللاشتا، ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسپلەرنى تاللاش ئۈچۈن، ئەگەر سىزنىڭ ئىنگلىزچە TOEFL / IELTS ۋە GRE قاتارلىق ئىمتىھانلاردىن ئومۇمى نۇمۇر ۋە يەككە تۈرلەردىكى نومۇرىڭىز مەكتەپلەرنىڭ سىز تاللىماقچى بولغان كەسپكە قويغان ئۆلچىمىگە چۈشسە، ئاندىن ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوخشاش كەسىپ ئۈچۈن 2 ياكى 3 مەكتەپنى تاللىسڭىز بولىدۇ. قالغانلىرىنى تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپ ۋە مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىز تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يوقىرى بولىدۇ.

جەدىۋەل تولدۇرغاندا يۇلتۇز بەلگىسى(*) قۇيۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇلدۇرغاندىن سىرت، بەلگە قويۇلمىغانلارنىمۇ چوقۇم تولدۇرۇڭ ۋە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭمۇ بەلگە قويۇلسۇن ياكى قويۇلمىسۇن ھەممىنى يوللاڭ، ئامال بار بوش يەر قالمسۇن.

قىزىقىمەن دەپلا كەسپىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كەسىپنى تاللىۋالماڭ، پەۋقۇلاددە قابىليىتىڭىز بولۇپ، تاللىغۇچىنى قايىل قىلالمىسىڭىز تاللىنىش ئېھتىمالىڭىز تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.

توردىن ئىلىتىماس جەدىۋېلىنى تولدۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى يازىدىغان قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىمۇ مۇشۇ قىسىمغا يازغان مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا بايان قىلىڭ.

ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدىن قانچە تۈرنى تاللاش ئىمكانىڭىز بولسا ۋە ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ماس كەلسىلا ھەممىنى تاللاڭ. ئامما تاللىغان كەسىپلەر بىر-بىرگە موناسىۋەتلىك بولسۇن. بولمىسا بۇ ئوقۇغۇچى نىمە ئوقۇشىنى بىلمەيدىكەن دەپ ئىلغىنىپ كەتمەڭ.

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىشتا، تۈركىيە تەرەپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، غايىلىك، ئاڭ سەۋىيەلىك بولىشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىدا تىرشىپ ئوقۇيدىغان بىر ئىرادىنىڭ بولىشىغا قارالماقتا.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى يۈزتۇرانە ئىمتىھانىغا چاقىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:

تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.

1) سىز توردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماسىڭىزنى غەلبىلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 2-3 كۈندە بىر ئېلخەت ئادىرىسىڭىزغا قاراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ.

ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ياخشى بۇلۇپ، ئىلتىماسنى ئەستايىدىل ۋە تەلەپكە لايىق تولدۇرغان بولسىڭىز، سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىسىز. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى نورمالدا ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 4- ياكى 5-ئايلاردا، باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 6- ياكى 7-ئايلاردا بولىشى مۈمكىن. توردىن ۋە ئېلخېتىڭىزدىن دائىم تەكشۈرۈپ تورۇڭ.

2) يۈز تۇرانە ئىمتىھان خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى تىلنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ۋە سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان بولىشىڭىز كىرەك.

ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ ئاخىرقى بىر قانچە مىنۇتلىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىنگلىزچە بىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشىڭىز سىزگە پايدىلىق.
نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇيسىز؟ دىگەن سۇئالغا، مەن تۈركىيەگە قىزىقىمەن، ئۇيغۇرلارمۇ تۈرك ئىرقىدىن دەپلا جاۋاپ بەرمەي، ئوقۇش ھاياتىمدا ئوخشىمىغان مۇھىتتا ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاپ، ئوخشىمىغان ئىنسانلارنى ۋە دۆلەتلەرنى چۈشىنىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار. مەن ئوقۇشتىن سىرت ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاپ، دۇنيا كۆز قارىشىمىنى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىمنى بېيىتقۇم بار… دىگەندەك جاۋابلارنى بەرسىڭىز ياخشى بولىشى مۇمكىن.

3) يۈز تۇرانە ئمتىھاندا، ھىچ بولمىغاندا ئەڭ باشتا 2-3 ئېغىز تۈركچە سالاملىشىڭ ۋە بۇلارنى بۇ تىلغا قىززىققانلىقىڭىز ئۈچۈنئۆگەنگەنلىگىڭىزنى دەڭ، ئاندىن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچىنىڭ قايسىسىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلىسىڭىز، شۇ تىلدا سۆزلەڭ.

چۇنكى سىز بىلەن كۆرەشكۈچىمۇ سىز بىلەن ئۆزلىرى بىلگەن تىللاردا ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، ھەر قانچە قابىليىتىڭىز بولسمۇ ئۇلار كۆرمسە بىكار.

4) تۈركىيەدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىڭىزغا قايتىش ياكى قايتماسلىق ھەققىدىكى سۇئالغا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈمەن دەپ جاۋاپ بېرىڭ. كەلگۈسىدە، جوڭگۇ-تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قايسى خىل تۈردە نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىڭزنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈڭ.

5) ئىلتىماس جەدىۋېلىدە نېمىنى يازغان بولسىڭىز ۋە قانداق ماتېرىيال يۈكلىگەن بولسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا ھەممە ئسپاتلارنى تولۇق ئېلىپ بېرىڭ، يالغانچىلق قىلماڭ.

6) يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرگەندە، كىيىملىرىڭىز ئاددى ۋە رەتلىك، ئۈستى بېشىڭىز پاكىز ۋە چاچ ساقاللىرىڭىز تاراقلىق بولسۇن. ئامال بار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا غەيرى كىيىملەرنى كىيىپ كىرمەڭ. ئۇلۇغۋار نىشانلارنى قەلبىڭىزگە پۈككەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ. چوقۇم ئانا تىلىڭىزدە بىر-ئىككى ئىغىز سۆز قىلىڭ ۋە ئۆز مىللىتىڭىزنىك مۇھىم ئۆرۈپ-ئادەتلىرنى تونۇشتۇرۇڭ.

ئاخىرىدا، تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان بارلىق سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىلىرىغا غەلبە، ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى

بۇ يازما 297 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076
ئۈستىگە قايتىش