ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 3 (داۋامى)

بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 3 (داۋامى)

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سۈبھىنۇر ئۆمەر

(يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسملىرىنى بۇ ئۇلانمىلاردىن ئوقۇڭ: https://www.akademiye.org/ug/?p=13897 ۋە https://www.akademiye.org/ug/?p=13928)

مىللەتلەر – مىللەتلەردە سەمىييە ۋە جەمەتكە ئوخشاش تەشكىلاتلار قۇرۇلمىسى ئاجىزلىشىپ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىپ بىرلا تەڭرى، ئاممىۋى ھوقۇق ۋە ئاممىۋى ھەقلەردەك ئومومىي ۋىجداننى تەشكىل قىلغان مىللىي تۇيغۇلار ئويغىنىشقا باشلىغان.

يېزىق، ئەدەبىيات ۋە تارىخنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن مىللەت ئۆزىنى بىر گەۋدە ھىس قىلىدۇ ۋە پەيدا بولغان مىخانىكىلىق ئىش تەقسىماتى ۋە ئىقتىساس ھەرىكەتلىرى ھەرخىل ئىجتىمائىي ئورگانلار تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىدۇ.
مىللەتلەر تۆت چوڭ تۈرگە ۋە تۆت كىچىك تۈرگە بۆلىنىدۇ:
1. دىن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان مىللەتلەر
بۇ قەۋىملەردە مىللەت ئۆز مەۋجۇدىيەت ۋە بىرلىكىنى بىر ئورتاق تەڭرى ياكى ئاممىۋى ھوقۇق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. سەمىييە ۋە جەمەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ھوقۇقلىرى ئۆزى بىلەن بىللە يوقىلىشقا باشلاپ ئورنىغا ھەققۇللاھ نامىدىكى بىر ئاممىۋىي ھوقۇق چىققان. دىن بىلەن ئىدارە قىلىنىغان مىللەتلەردە ھوقۇق دىنىي بىر ماھىيەتتىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىلارنىڭ مانۇ قانۇنىدەك ئىبادەتلەرنىڭ ئەھكاملىرى دىنى مۇراسىم نامىلىرىدە ئۇچرايدۇ. دىنى ئاممىۋىي ھوقۇق بولسا «ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ ياردەمگە ئىرىشكەن» بىر ئىمام ماھىيتىدىكى دىنى ھۆكۈمدارلاردا بولىدۇ. بۇ ھوقۇق ھۆكۈمداردىن بەگلەرگە ئۆتۈپ، فىئودال تەشكىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. يەرگە ئورۇنلاشقان سەمىييە تۈزۈمى يېزىنى بەرپا قىلىدۇ. سەمىييە تۈزۈمى بىلەن ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان بۇ يېزىلار بۇ تۈزۈمنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ ئىچكى باشقۇرۇشتىن سىرتقى ياردەملەرگە كۆپرەك موھتاج بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ يەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى فىئودال بەگلەرگە ئۆتۈپ يېزىلار شەخسى مۈلۈككە ۋە يېزىدىكىلەر بولسا ئىشلەمچى دىھقانلارغا ئايلانغان. باشقۇرۇش ھوقۇقى دىنى ۋەكىللەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمدار قانۇن چىقىرىش ھوقوقىدىن مەھرۇم بولۇپ پەقەتلا ئىجرا قىلىش ھوقوقىغا ئىگە. بۇنداق قەۋىملەرنى يېزىنى ئاساس قىلغان مىللەتلەر ياكى ئىجرائىي مىللەتلەر دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. شەرقنىڭ باشلانغۇچ دەۋىر ۋە ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا دەۋىر ھۆكۈمەتلىرى، ئابباسىلار خىلاپىتى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
2. قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان مىللەتلەر
بۇ قەۋىملەردە ئالدى بىلەن شەھەرلەر فىئودال بەگلەر ھاكىمىيىتىدىن چىقىپ شەھەر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشقا باشلاپ فىئودال بەگلەرگە قارشى بىرلەشكەن. بۇ ھالەتتىكى شەھەر كومىنا نامىنى ئالغاندىن كىيىن شەھەردىكى مەدەنىيەت يېزىلارغىمۇ يېيىلىپ شەخسى مۈلۈك ۋە شەخسى ئەركىنلىك تەشكىل قىلىنىپ يېزىلارمۇ بازارغا ئۆزگەرگەن. شەھەر، خەلقنىڭ ئومومىي قارارىغا تايىنىپ ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشى دىگەنلىكتۇر. بۇ ئەھۋال پايتەخىتتە تېخىمۇ ئوچۇق ھالدا دىنى جەھەتتىن سىياسىي جەھەتتە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرىدىغان ھالغا كەلگەن. ھۆكۈمدار ياكى خەلق قانۇن تۈزۈش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىندىن يىراق بىر ھوقوقى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھۆكۈمەت ئىلاھىي ھوقۇقنى ئەمەس مىللى ھاكىمىيەتنى يەنى سىياسىي جەھەتتە ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. بۇرۇنقى دىنى تۈرگە ئايرىلىشتا مىللەت بىر دىنى قۇدرەتنى ئۆز ۋەكىلى كۆرگەن بولسا، ھازىرقىسىدا سىياسىي قۇدرەتنى ۋەكىلى دەپ بىلىدۇ. بۇ تۈر ئۆز ئىچىگە ئالغان مىلەتلەرنى بازارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەر دىيىشكىمۇ بولىدۇ. فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە مىللەتلىرى بۇ تۈرگە مەنسۇپ.
3. مەدەنىيەت مىللەتلىرى
بىر قەۋىمنىڭ ئىگە بولغان ئالاھىدىلىكلىرى باشلانغۇچ دەۋىرلەردە بىرلىكتە ياشىغان مىللەتلەر بىلەن ئورتاق بولىدۇ. ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى بولغان بۇ مىللەتلەر توپى مەدەنىيەت توپلىمى دىيىلىدۇ. ئىپتىدائىي قەۋىملەر، دىن ئارقىلىق باشقۇرىلىغان ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە مۇستەقىل بىر مەدەنىيىتى بولماستىن ئورتاق مەدەنىيەتلەر ئىچىدە ياشايدۇ. گەرچە بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرى بولسىمۇ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئورتاق مەدەنىيەتكە رەڭ قوشالمىغان.
بىر مىللەت تىلى ۋە مىللىيلىكىنى ئورتاق مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا باشلىغاندا يىڭى بىر مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بىر قەۋىمنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر مىللەت بولالىشى ئۈچۈن يىڭى بىر مەدەنىيەت ھاسىل قىلغان بولىشى كېرەك. مىللىي مەدەنىيەت ھاسىل بولغاندا ئۇ، يەرشارىلاشقان ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ جانلىق بىر تايانچىسى ھالىغا كىلىدۇ. يىڭى مەدەنىيەت دىگىنىمىز بىر – بىرىگە باغلىق سېستىمىلاردىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. يىڭى مەدەنىيەتنىڭ سېستىمىلىرى: دىن سېستىمىسى، ئەخلاق سېستىمىسى، ھوقۇق سېسىتىمىسى، گۈزەللىك قارىشى سېستىمىسى، تىل سېستىمىسى، ئىقتىساد سېستىمىسى ۋە پەن سېستىمىسىدىن ئىبارەت.
يىڭى مەدەنىيەتنىڭ بۇ سېستىمىلىرى ئارىسىدا بىر – بىرىگە يېقىنلىق بولغىنىدەك، ھەر سېستىمىنى تەشكىل قىلغان ئامىللار ئارىسىدىمۇ بىر يېقىنلىق بار. سېستىمىلار ئارىسىدىكى بۇ يېقىنلىق بولسا ئامىللارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان دىن، ئەخلاق، ھوقۇق ۋە ئۆرپ – ئادەتكە ئوخشاش ئاممىنىڭ ئورتاق چۈشەنچىلىرىدىن تۇغۇلىدۇ. بىر مىللەتتىكى ئاممىنىڭ ئورتاق چۈشەنچىلىرى ئارىسىدا يېقىنلىق بولىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ھەممىسىنىڭ بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلىشتىن چىققانلىقىدۇر. مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەم تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. مىللەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ئۆلچىمىگە تايىنىدۇ.
داۋامى بار…

تەھرىر: پەرىزات غەيرەت

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئاسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش