• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4) غۇلجادىكى ساھىبخانلار ۋە ھېكىمبەگ خوجا

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4) غۇلجادىكى ساھىبخانلار ۋە ھېكىمبەگ خوجا

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4) غۇلجىدىكى ساھىبخانلار ۋە ھېكىمبەگ خوجا

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

غۇلجا بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش (ئامېرىكا تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 1943-يىلىدىكى سانىدىن)

1947-يىلى 22-ئىيۇل

ئەلۋەتتە، مەن يەنە نۇرغۇنلىغان دوپپىلارنى ئېلىپ قايتىشىم كېرەك. مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات بازىرى تازا قاينىغان بىر كۈن ئىدى. بىز بازار رايونىنىڭ مەركىزىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەلدۇق ۋە گىلەملەر يېيىپ قويۇلغان بىر بۇرجەككە كېلىپ توختىدۇق. بۇ يەردە مەن ياقتۇرىدىغان نەرسىلەر يوق ئىدى. گەرچە بۇ جايدا ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بولسىمۇ، يۈزلىگەن كۆزلەر دوستانىمۇ ئەمەس، دۈشمەنلەرچىمۇ ئەمەس بىر رەۋىشتە ماڭا قاراپ پارقىرىغانچە تىكىلگەن ئىدى (مەن بولسام بۇ كۆركەم سورۇندا كەكىي رەختلىك ئەترەڭ ھەربىي ئىشتان، قارا رەڭلىك دېڭىزچىلار پوپايكىسى كىيىپ، قىزىل رەڭلىك يېپەك ياغلىقىمنى بوينۇمغا ئورىۋالغان ئىدىم).

بىز گىلەم بازىرىدىن چىقىۋاتقاندا ئادەملەر تىقما-تىقما بولۇپ، مەن ئاديۇتانتىمنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتقانچە كىشىلەر ئارىسىدىن ئۈزۈپ ماشىنىمىزغا ئۇلاشتىم. بۇ چاغدا ئاديۇتانتىم تېخىمۇ جەسۇر ھالغا كەلدى ۋە بۈگۈن كەچ مۇزىكا ئاڭلىغاچ تانسىغا بېرىپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بىز تۇيۇقسىزلا قارىماققا ناھايىتى زامانىۋىي ۋە سەرەمجان بىر قورۇ جايغا كېلىپ توختىدۇق. مېنىڭ يۈك تاقلىرىم چۈشۈرۈلدى. مەن مەنزىلىمگە يېتىپ كەلگەن ئىدىم. ئىشىك ئالدىدا غەربچە ئائىلە كۆينىكى كىيىۋالغان ۋە بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان بىر ياش ئايال مېنى روسچە قارشى ئالدى ۋە تولىمۇ كۆركەم بىر ئېغىز ياتاق ئۆيگە باشلىدى. ئاديۇتانتىم بولسا سائەت بەشتە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.

مەن كۆينەكلىرىمدىن بىرنى كىيىپ، چاچلىرىمنى تارىدىم، ۋە ساھىبخاندىن ئازراق قايناقسۇ سورىدىم (ئۇ چاغدا ئازراق قەھۋە كۆزۈمگە ئوت كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى).مەن ئىشىك چېكىلگىنىنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچتىم ۋە ئىككى ياش يىگىت كىرىپ كەلدى. مەن ھاڭ-تاڭ قالغان ئىدىم. ئاخىرىدا ماڭا بۇ ئىككەيلەندىن ياشراق، قارامتۇل ۋە سۆرۈنرەك كەلگىنىنىڭ يەرلىك گېزىتنىڭ مۇھەررىرى ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى. ئۇ مېنى روسچە سۆزلەيدۇ دەپ ئاڭلىغان ۋە مېنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىكەن. مەن بىر پارچە لۇغەتنىڭ ياردىمىدە سۆزلىرىمنى تەستە ئوڭشاپ سۆھبەتكە ئولتۇردۇم. مەن ئىسمىمنى ئېيتىپ تۇرۇشۇمغا ئېگىز، ئورۇق، تۇرقىدىن ياۋروپالىققا ئوخشايدىغان بىر كىشى كىرىپ كەلدى-دە، ئۆزىنى مېنىڭ تەرجىمانىم دەپ روسچە تونۇشتۇردى. ئۇ شۇ جايدىكى ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئېنگىلىزچىنى كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) دا بىر قانچە يىل ئۆگەنگەن ئىكەن. مەن يەرلىكلەردىن بىر كىشى بىلەن راۋان ۋە چۈشىنىشلىك ئېنگىلىزچىدە «بۇلار نېمە؟ بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟ يەرلىكلەردىن ئېنگىلىزچە بىلىدىغان نۇرغۇن كىشى بار تۇرۇقلۇق ماڭا نېمىشقا يەرلىكلەردىن تەرجىمان تېپىشقا ھەممىڭلار شۇنچە ئېرىنىسىلەر؟» دەپ سورىيالىغان بولسام خوشاللىقتىن يىغلاپ تاشلىغان ۋە ئىچىمنى بوشىتىۋالغان بولاتتىم. مەن بۇ كىشىنىڭمۇ تەرجىمانىم بولۇشتا يوليورۇقسىز ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى پەملىدىم.

بۇ زىيارەتنىڭ مەزمۇنىنى «بۇ جايدا قانچىلىك تۇرىسىز؟»دېگەن بىرلا سوئالغا يىغىنچاقلاشقا بولاتتى. مەن ساھىبخاندىن قانچىلىك تۇرسام بولىدىغانلىقىنى سوراشتەك ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈلگەن ئىدىم. ئىككى ھەپتە تۇرسام بولىدىغانلىقى، ئەمما ئەگەر ئالاھىدە تەلىپىم بولسا ئۇزاقراق تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. زىيارەت ئۇزىراپ ساھىبخان بىزگە بىر پىيالىدىن روسچە ساماۋەردە قاينىتىلغان چاي تارتتى (تولىمۇ تەملىككەن). مېۋە مۇراببالىرى ۋە تورتقا ئوخشاپ كېتىدىغان، يۆگىمەچ قىلىپ كونۇس شەكلىدە تىزىلغان تاتلىق تۈرۈملەر كەلتۈرۈلدى. مەن قىزلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە بۇ جايدىن گىلەم، دوپپا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغىم بارلىقىنى ئېيتىپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكىنىمدە، ھېلىقى ياش گېزىت مۇھەررىرى ماڭا چىرايىنى ئاچماستىن تىكىلىپ قاراپ ئولتۇردى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ «قارىغاندا كەسپدېشىم مېنىڭ مەقسىتىمنى جىددىي ئەمەسكەن دەپ قالغان بولسا كېرەك» دېدىم. ئۇ تەرجىمان ئارقىلىق «سىلەر ئامېرىكىلىقلار تولىمۇ باي. شۇڭا سىلەرنىڭ جىددىي بولۇشۇڭلارغا ھاجەت يوق» دەپ جاۋاب بەردى. يۈزۈمدە كۈلكىدىن ئەسىر قالمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ جاۋابىنى ياقتۇرمىغان تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى ۋە كۈرەشلىرىگە تولىمۇ جىددىي قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ يەنە « بىز دۇنيانىڭ چەت ياقىسىدىكى تولىمۇ ئاز سانلىق بىر خەلق» دېدى. مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن «ئامېرىكا ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ قۇدرەتلىك زالىملار تەرىپىدىن قۇرقۇنچ ۋە چارىسىزلىك ئىچىدە قالدۇرۇلۇپ، ئەركىن ياشىيالماسلىقىدىن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ» دېدىم. بۇ سۆزلىرىمنىڭ توغرا تەرجىمە قىلىنغان قىلىنمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئەندىشەم شۇكى، ئۇ مېنى ئۆز كۈرەشلىرىگە ھېسىداشلىق قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارغا پەقەت چەتتىن قاراپ تۇرغۇچى دەپ ھېس قىلىپ قالغان ئىدى. مېنىڭ ئۇنى كۈلدۈرۈش ۋە كەيپىنى كۆتۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىم ئۇنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. چايدىن كېيىن مەن سىتالىننىڭ باش سۈرىتى ۋە سوۋېت فىلىملىرىنىڭ سۈرەتلىك ئېلانلىرى بىلەن بېزەلگەن ياتاق ئۆيۈمگە قايتىپ كەتتىم.

مەن كەچ سائەت 7:30 دا كەچلىك تاماق ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىر تال ئېلىكتىر لامپۇچكا يېقىلغان ئۈستەلگە كەلدىم. مېنىڭ ئېنگىلىزچە بىلىدىغان ساھىبخانىم ئائىلىسى بويىچە تاتار بولۇپ، كەچلىك تاماق ئۈچۈن ماڭا روسچە گۆشلۈك غىزا، شورپا ۋە ئۆز بېغىدىن ئۈزۈلگەن مالىنالارنى تەييارلىغان ئىكەن. ئاديۇتانتىم كېلىپ، ماڭا يۈك-تاقلىرىمنى يىغىشتۇرۇشۇم ۋە باشقا بىر جايغا بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. مەن ئېنگىلىزچە بىلىدىغان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدە تۇرۇشۇمغا ماقۇل بولۇشنى ئۆتۈندۈم ۋە ماڭا شۇ كېچە قونۇش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىندى. لېكىن ئاديۇتانتىم كېتىش ئالدىدا خوشال كۆرۈنمىدى. بۇ نۇقتىلارغا ئېتىبار بېرىشكە ھالىممۇ قالمىغان بولغاچقا، يېتىپلا ئۇخلاپ قالدىم.

ئەتىسى مەن تولىمۇ سۈزۈك كۆك ئاسمان ۋە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان بىر سەھەردە ئويغاندىم. ناشتىدا مېنىڭ بۈگۈن قەيەردە تۇرىدىغانلىقىم ھەققىدە سۆز بولدى. مەن يېڭى سارماي، مۇراببا، تۇخۇم پوشكىلى ۋە نانلار بىلەن مەززە قىلىپ ناشتا قىلىۋېتىپ كېيىنكى قەدەملىرىم ھەققىدە ئويلىدىم. بىر كىشى كېلىپ مېنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئىككى ئات ھارۋىسىنىڭ ساقلاۋاتقانلىقى، بۈگۈن ساربى خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى راۋىلنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى. ئۇلار دەم ئېلىش ئۈچۈن تاغقا كەتكەن بولۇپ، مەن ئۇ ئۆيدە يالغۇز تۇراتتىم. بۇ خىلدىكى تەكەللۇپلار مېنى سەل شۈبھىلەندۈرۈپ قويغاچقا، مەن بىر باھانىلەر بىلەن ئېنگىلىزچە بىلىدىغان تاتارلىرىمنىڭ يېنىدا قېلىشنى سورىدىم. ئەمما تاتار ساھىبخان «ئامال بار شۇ جايغا بارغىنىڭىز ياخشى» دېدى. مەن ئات ھارۋىسى بىلەن ئاق ۋە كۆك رەڭدە سىرلانغان تولىمۇ كۆركەم بىر ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. ئۆينىڭ يېنىدىكى ئايۋان ھەرخىل ئېچىلغان تەشتەكلىك گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ئىدى. روس خىزمەتكار مېنى ياۋروپاچە ئۇسلۇبتا مېھمان ئۈچۈن بېزەلگەن بىر ياتاق ئۆيگە باشلىدى. مېۋىلەر (پوستى قىزىل ياكى ناۋاترەڭ، گۆشى ئاپئاق، تولىمۇ يېيىشلىك يەرلىك ئالمىلار) تىزىلغان بىر شىرە ئۆينىڭ بىر يېنىغا قويۇلغان ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە ئەينەكلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىگە قولدا رەڭ بېرىلگەن كونا ئۇسلۇبتىكى تارتمىلىق ئىشكاپ قويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە سىتالىننىڭ باش سۈرىتى ئېسىلغان، ئارقىسىدا ئورغاق-بولقىلىق سوۋېت بايرىقى تۇرغان سوۋېت ئەسكىرىنىڭ بېلەت تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن قىزىل، ھال ۋە يېشىل رەڭلىك نېپىز گىلەم يۇڭ ئەدىيال سېلىنغان بىر تۆمۈر قورۇلمىلىق كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى.

ئۆينىڭ ئىگىلىرىدىن بىرى- ئېگىز، ئورۇق، تولىمۇ قاملاشقان، ئۆتۈك ۋە تار ئىشتان كىيىۋالغان بىر يىگىت ئاخىرى ماڭا يولۇقتى. مەن ئۇنىڭغا روسچە دۇدۇقلاپ سۆزلىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلدى ۋە باش لىڭشىتىپ قويۇپ، زالنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى خانىسىگە كىرىپ كەتتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ قايتىپ چىقتى ۋە ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇپ، ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى. مەن قورال تۇتقان بىر ئەسكەرنىڭ ياتاق ئۆيۈمگە قىزىقىپ قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ چۆچۈپ ئورنۇمدىن سەكرەپ كەتتىم. گەرچە ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشنى خالىمىساممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ جايدا دوست ھېسابلانمايدىغانلىقىم بىلىنىپ تۇراتتى. ھەممە ئىشلار تولىمۇ غەلىتە ۋە چولتا بېجىرىلگەن ئىدى. ھازىرغىچە تېخى ھېچكىم ئۆزىنى رەسمىي تۈردە باياناتچى ياكى يېتەكچى دەپ تونۇشتۇرمىغان ئىدى.

مەن ھازىر تۇنجى قېتىملىق ئايلىنىشىمدىن قايتىپ كەلدىم. تەلىيىمگە مېنىڭ ئۆي خىزمەتچىمنىڭ روس قىزى مېنىڭ بىلەن بىللە چىقىشقا قوشۇلغان ئىدى. بىز بىر نەچچە قەدەم ئېلىپ تۇرۇشىمىزغا بىر شاكىچىك ئالدىمىزغا چىقىپ، تىلەمچىلىك قىلدى. ئۇ بىزگە ئۇچرىغان ئەر، ئايال، روس بالا ۋە جۇلدۇر كېپەن بولۇپ جەمئىي ئونلارچە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. بىز ھەممىدىن كۆپرەك ۋىنو دۇكانلىرىغا، يەنى يەرلىك قاۋاقخانىلارغا ئۇچرىشىپ تۇردۇق. بىز تولىمۇ پاكىز ۋە سودىسى ياخشى ناۋايخانىدا توختىدۇق ۋە مەن باھا تالىشىشنى سىناپ كۆردۈم. «نول (NOL) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېرىم قاداق كېلىدىغان سارماي مىڭ رۇبلىغا توختىدى. مەن بۇ جايدا پۇلنىڭ نامىنىڭمۇ روسچە ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. لېكىن مەن بۇلارنىڭ سوۋېت پۇلى ياكى ئەمەسلىكىنى تېخى بىلمەيتتىم. نان 500 رۇبلى ئىدى. ناۋايخانىدىكى ياشانغان كىشى دۇككىنىدا بىر ئامېرىكىلىقنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران بولدى. بىز داۋاملىق مېڭىپ، ۋېلىسپىت ئوڭشايدىغان بىر قانچە رېمونتخانىدىن ئۆتتۇق. مەن ماڭا ئەگىشىۋالغانلارنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئارقامغان قاراپ-قاراپ قوياتتىم. ھېچكىم ئەگەشمىگەن ئىدى. بىز يەنە بىر دۇككانغا كىردۇق ۋە بىر ساماۋەرنىڭ باھاسىنى سورىدىم (دوگ بىلەن ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆيىمىز ئۈچۈن، گەرچە ئىككىمىز ئۆيىمىزدە بىر پارچە كارىۋات ۋە تۆت تامدىن باشقا نەرسە قويمايمىز دېيىشكەن بولساقمۇ). شۇنچە چوڭ ۋە يېڭى ساماۋەر ئاران 15-14 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئۆچكە تېرىسى ۋە يۇڭدىن ئىشلەنگەن قوڭۇر رەڭلىك پەلەينىڭ جۈپى 75 ئامېرىكا سېنتىغا كېلەتتى. بىر جۈپ روسچە خۇرۇم ئۆتۈك 4 دوللاردىن 5 دوللارغىچە سېتىلاتتى (ئۆزۈمگە ئۆلچىتىپ بىر جۈپ ئالغىم كەلدى). روسچە فاتىفون 15 دوللارغا، لېنتىلىرى بولسا 10 سېنتتىن سېتىلىدىغان بولۇپ، سوۋېتچە نۇرغۇن لېنتىلار بار ئىدى. مەن روس دوستۇمدىن قەيەردە تېلىگىرامما يوللىسام بولىدىغانلىقىنى سورىدىم.ئۇ بۇ جايدىكى بىردىنبىر تېلىگراف ئىشخانىسىنىڭ سوۋېت كونسۇلخانىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تىلەمچىلەر كېلىۋەرگەچكە مەن مۇسادىن ئۇلارنى ئاچ-يالىڭاچ كىشىلەرمۇ دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋابەن « بۇ جايدا پۇلنىڭ تايىنى يوق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ماڭا سوۋېت فىلىملىرى قويۇلىدىغان بىر قانچە كىنوخانىنى كۆرسىتىپ قويدى. بىر شەھەرنىڭ چېتىگە كەلگەندە قەشقەردىن كەلتۈرۈلگەن قولدا تىكىلگەن يۇڭ رەختلەرنى ساتىدىغان كىچىك تىجارەتچىلەر ئۇچرىدى. نېرىراق بىر جايدا دورا-دەرمەك ۋە كۆرۈنۈشى تاماكىغا ئوخشاپ قالىدىغان چايلار سېتىلىدىغان كىچىك بىر بازارنىمۇ ئۇچراتتۇق.

بىز ناھايىتى ھارغىن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. يول ئۈستىدە بىزگە ئۇچرىغان ئابباسوف بىزگە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ۋالىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. چۈشلۈك تاماق سۇدا پىشۇرۇلغان ئۈچ دانە يېڭى تۇخۇم، نان ۋە چايدىن ئىبارەت ئىدى. تاماقلىنىپ بولۇپلا بىز مۇسانى تەرجىمان قىلىپ ۋالىينىڭ ھوزۇرىغا يۈرۈپ كەتتۇق. مۇسانى تەرجىمان قىلىش تازا ئاقىلانە قارار ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئىككىمىز يېرىم-ياتا روسچىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئاران چۈشىنەتتۇق. ۋالىي ھېكىمبەگ خوجا ياشانغان، يۈزلىرى ياداڭغۇ كەلگەن ئاق كەكە ساقاللىق بىر ئۇيغۇر كىشى بولۇپ، مېنى باراڭلىق ھويلىدا قارشى ئالدى. بىز گىلەم سېلىنغان ئايۋاندا چاي ئىچكەچ ۋە ئالما يېگەچ ئولتۇردۇق. مۇسا بولسا تەرجىمىدە خېلى جاپا چېكىۋاتاتتى. مېنىڭ كەچ سائەت بەشلەر بىلەن مەسئۇد ئىسىملىك ئېنگىلىزچە بىلىدىغان ساھىبخانىم بىلەن قايتا كېلىشىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دېيىشكەن سائەتتە بىز ۋالىينىڭ قورۇسىغا قايتا كەلدۇق. مەن پاكستون ئەپەندى (ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى) ئەۋەتكەن سوۋغاتلارنى، يەنى بىر قۇتا ئاناناس كونسېرۋاسى ۋە بىر قاپ شېكەرنى ۋالىيغا بەردىم (شۇنى تەن ئېلىشىم كېرەككى، بۇ سوۋغىلار سوغۇققىنا قاراش ۋە ئاددىيغىنا رەھمەت-تازىم بىلەن تاپشۇرۇۋېلىندى).

تۆۋەندىكىلەر بولسا مېنىڭ بۇ سۆھبەتتىن تەرمىلىرىم ھېسابلىنىدۇ:

غۇلجا بولسا 14 ئىرق (مىللەت) تىن ئىككى مىڭ نوپۇسلۇق بىر شەھەر ئىكەن. كىشىلەر ئۆز ئىقتىسادىي شارائىتىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقدار ۋە قىممەتتىكى مەھسۇلات ئارقىلىق باج تاپشۇرىدىكەن. مال-چارۋا بېجى بولسا ھەر يۈز كالىغا ئىككى، ھەر يۈز ئاتقا ئىككى، ھەر يۈز قويغا ئۈچ بويىچە ئېلىنىدىكەن. بەزىدە مۇشۇ بويىچە چارۋا ئىگىلىرىدىن ئۈچ ياكى تۆت تۇياق چارۋىنى باج قىلىپ ئېلىشقا توغرا كەلسە يىغىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدىكەن. دېھقانلار زىرائەتلىرىدىن (بۇغداي دېگەندەك) ھەر يۈز قاداق ئۈچۈن ئىككى قاداقنى باج ھېسابىدا ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىكەن. باشقا باجلار ئۆي-مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىش ۋە ئائىلىلەر باغ قىلىپ ئىشلەتكەن يەرلەر قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىكەن. ھۆكۈمەت باج تۆلەشتە قىينىلىدىغان دېھقانلارغا ئۇرۇق ۋە تېرىلغۇ يەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن خېلى كۈچ سەرپ قىپتۇ. شۇنداق ئېيتالايمەنكى، غۇلجىنىڭ باج سىياسىتى ئادەمنى شۇنچىلىك قىزىقتۇرىدىكەنكى، مېنىڭمۇ غۇلجىدا ياشاپ قالغۇم كەلدى. ئەگەر كۆچۈپ كەلسەم قانچىلىك باج تاپشۇرۇشۇم كېرەك؟ جاۋابى ھېچقانداق باج تاپشۇرۇشقا ھاجەت يوق ئىكەن. لېكىن ئەگەر مەن بۇ جايدىن ئۆي سېتىۋالماقچى بولسام، ئۆي باھاسىنىڭ ھەر يۈز ئامېرىكا دوللىرىغا ئالتە دوللار تاپشۇرىدىكەنمەن. مەن بازاردا رۇبلىنىڭ تاۋار ئالماشتۇرۇشتا كەڭرى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. «ياق، ياق»، دېگەن تۇيۇقسىز ۋە جىددىي جاۋاب بىلەن گېپىم بۆلۈندى، «بۇ جايدا رۇبلى ئىشلىتىلمەيدۇ، پەقەتلا شىنجاڭ پۇلى ئىشلىتىلىدۇ». پاراڭ ئۈچۈن مەن يېنىمدىكى خىتاي پۇلىدىن چىقىرىپ، ئۇنى شىنجاڭ پۇلىغا قانداق تېگىشسەم بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. ۋالىي سۇن جۇڭشەننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاراق-تاراق شىنجاڭ پۇلىنى دىققەت بىلەن تەكشۈرىۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭدىن پۇلدىكى كىشىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم. تەرجىمىدىكى خاتالىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ئۇ «پۈتۈن دۇنيا سۈن جۇڭشەننى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدى. بىز خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چاغدىمۇ ئۇنىڭغا قول قوياتتۇق. ھازىر بولسا بىزنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىمىز بار»دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭ جاۋابىنى قايتىلىغاچ خاتېرىلەۋاتقان چاغدا، ۋالىي مېنى توختىتىپ تۈزىتىش بېرىپ «بىزمۇ سۈن جۇڭشەنگە قول قويىمىز»دېدى. ئۇ يەنە ئىزاھات بېرىپ «ئىنقىلابتىن كېيىن بىز 11 ماددىنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەگەر ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرسا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە قېتىلىمىز. لېكىن بىز ۋەكىللىرىمىزنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن بولساقمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى» دېدى. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ « بىز (ئامېرىكىنى ئىشارەت قىلىپ)چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى قانچە كۆپ بىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ئۆزى خالىغانچە زۇلۇم قىلىشنى شۇنچە ئازايتىدۇ» دېدى. مەن ئۆزۈمگە تولىمۇ ياققان ۋە مەن قايىل بولغان بۇ مويسىپىتنى چارچىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن سۆھبەتنى شۇ يەردە تاماملىدىم. ئۇ مېنىڭ يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمان ئىكەنلىكىمنى ۋە خىزمىتىمگە پۈتۈن شەھەرنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ بىرلا تەلىپىم، يەنى ئات مىنىشنى ئۆگەنگىم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ كۈلۈپ قويۇپ «خوشاللىق بىلەن» دېدى. مەن بۇنىڭغا جاۋابەن  قىزىقىدىغانلارغا ئېنگىلىز تىلى ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىم ۋە ئامېرىكاغا ئائىت ھەرقانداق نەرسىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ھەممەيلەن كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىشتى.

(داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىملىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top