You Are Here: Home » ئومۇمى » «قۇرۇلتاي ئىستىخباراتلىرى» دا ئەخمەتجان قاسىمى

«قۇرۇلتاي ئىستىخباراتلىرى» دا ئەخمەتجان قاسىمى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى 1946-يىلى نويابىردا نەنجىڭدا ئېچىلغان «خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى» غا قاتناشقان مەزگىلدە گومىنداڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەييارلىغان «قۇرۇلتاي ئىستىخباراتلىرى» (国大情报) ناملىق دوكلاتلارنىڭ بىر قىسىمى ئاساسىدا تەييارلانغان. مەزكۇر دوكلاتلاردا ئەخمەتجان قاسىمى يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بار. بۇ ئىستىخبارات دوكلاتلىرى ئىچىدە 39-نومۇرلۇق دوكلات ئەڭ تەپسىلىي بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى (يازما ئاخىرىدىكى ئۇلانمىغا قاراڭ).

بۇ تاللانما دوكلاتلار ئىلگىرى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بولغان سۆز-ھەرىكەتلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قوشۇمچە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. قازاق ۋەكىللەردىن قادۋان (خادىۋاڭ دەپمۇ ئېلىنغان) قۇرۇلتاي مەزگىلىدە گومىنداڭ تەرەپكە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە داۋاملىق ئۇچۇر بەرگەن ۋە ئالىي مۇختارىيەت ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە زىيانلىق گەپ سۆزلەردە بولغان. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گومىنداڭغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرغانلىقى ئېنىق. ئەخمەتجان قاسىمى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قادۋانغا چېكىت قويۇپ قويغان بولۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە كېيىنكى زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. 


21-نۇمۇر

1946-يىلى 30-نويابىر كۈنى ئەۋەتىلدى

«ئەخمەتجاننىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى»

ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا شىنجاڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئەخمەتجان يېقىندا قادۋان بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەندە «ھازىر شىنجاڭدىكى كۆرەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى غەلبە قىلدى ۋە ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىپ كەتتى. بۇ باسقۇچتا ئاۋۋال ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىپ، ئاندىن ھەقىقىي مۇستەقىللىققە ئىلگىرلەپ ئۆتىمىز. سەن (قادۋاننى دېمەكچى) ئەمدى مەركەزگە قارغۇلارچە ئىشىنىپ، ئۆزۈڭنى ۋە مىللەتنى ئالداپ يۈرمە» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. يەنە باشقىلار قادۋاندىن شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە سورىغاندا قادۋان «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆتمۈشتە شىڭ شىسەينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر بولسا ئىلى تەرەپنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى قاچان ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مەركەزنىڭ ھازىر ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىشىگە قارىغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۈمىد يوق. ھازىر شىنجاڭدا 400 مىڭ كىشى مەجبۇرىي ھالدا سوۋېت ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكۈزۈلدى. ئەخمەتجان قاتارلىقلار ھازىر ئاكتىپ ھالدا پىلانلارنى تۈزمەكتە. ئەگەر يەنە يېرىم يىل ئۆتسە، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقى پۈتۈنلەي ياتلارنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللىرى نەنجىڭغا كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندىلا شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.

22-نۇمۇر

1946-يىلى 1-دېكابىر كۈنى ئەۋەتىلدى

«ئەخمەتجان <شىنجاڭ مۇستەقىللىقى>تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنماقچى»

ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا شىنجاڭ ۋەكىللىرى 2-دېكابىردىكى قۇرۇلتاي يىغىنىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، قۇرۇلتايدىن شىنجاڭ ئۆلكىسىنى «جۇڭخۇا مىنگو شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئۆزگەتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مەزكۇر لايىھە قۇبۇل قىلىنمىسا، بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال قۇرۇلتايدىن چېكىنىشى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى مەركەزگە قارشى قۇترىتىشى مۇمكىن. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى 1-دېكابىر كۈنى چۈشتە بارلىق شىنجاڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قول قويۇلۇپ تەييارلاندى. ئادەتتە مەركەزگە مايىل بولغان ۋەكىل قادۋان مەجبۇرلاش بىلەن قول قويدى. مەزكۇر ھەرىكەت پۈتۈنلەي ئەخمەتجاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولدى.

29-نۇمۇر

1946-يىلى 8-دېكابىر كۈنى ئەۋەتىلدى

«شىنجاڭ ۋەكىلى قادۋاننىڭ تەكلىپكە بىنائەن رەئىس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھېس قىلغانلىرى»

ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا شىنجاڭنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىلى قادۋان 7-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە تەكلىپكە بىنائەن رەئىس ۋە جياڭ خانىم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلانغان ۋە رەئىسنىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى قۇبۇل قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغان. شۇنداقلا «شىنجاڭ مەسىلىسى دانا رەھبىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىندى» دېگەن. قادۋان يەنە جياڭ خانىمنىڭ ئۆزىگە قىممەتلىك توك بىلەن داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى تەقدىم قىلغانلىقىغا رەھمەت بىلدۈرگەن.

31-نۇمۇر

1946-يىلى 10-دېكابىر كۈنى ئەۋەتىلدى

«شىنجاڭ ۋەكىللىرى قىسمەن چېكىنىشكە تەييارلانماقتا»

ئىگەللىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا شىنجاڭنىڭ ئالىي مۇختارىيەتكە ئالاقىدار تەكلىپ لايىھەسى قۇرۇلتاي كاتىباتلىقىغا سۇنۇلغاندىن كېيىن، ئىنكاسلار ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەخمەتجان قاتارلىقلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى بەي چۇڭشى بىلەن كۆرۈشۈپ ياردەم بېرىشنى سورىغان، شۇنداقلا ئەگەر مەزكۇر تەكلىپ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىسا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان. مىنىستېر بەي چۇڭشى (白崇禧) دادىل ھالدا:« سىلەر سۇنغان تەكلىپ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. شىجاڭ ۋەكىللىرى قۇرۇلتايغا داۋاملىق قاتنىشىش قاتناشماسلىقنى ئۆزلىرى بەلگىلىسۇن. مەزكۇر لايىھەنى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ تېزدىن قايتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى ئېيتقان. گەرچە كېيىن رەئىس جانابلىرى يەنە بىر قېتىم قۇبۇل قىلىپ، تەسەللى بەرگەن بولسىمۇ، ئەخمەتجان قاتارلىقلار قەتئىي ھالدا <مەركەز ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك تاجاۋۇزچى سىياسىتىدىن تېخىچە ۋاز كەچمەپتۇ> دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا داۋاملىق قاتنىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتمىگۈچە شىنجاڭ مىللەتلىرى ھەقىقىي ئازاتلىقى قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىر قىسىمى (ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسىلا دۆلەتكە سادىق بولمىغان كىشىلەردىن ئەمەس) قۇرۇلتايغا قاتناشمايدىغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق مەركەزگە قارشىلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، شۇنداقلا شىنجاڭ بۇندىن كېيىن بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي تۈزۈپ چىقىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدىغانلىقى ئېيتىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئەخمەتجان نەنجىڭدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا قايتىشقا، جياڭ جىڭگونىڭ ھەمراھلىقىدا ئىچكىرىدىكى جاي-جايلارنى ساياھەت قىلىش تەكلىپىدىن ئامال بار قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بالدۇرراق شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.

باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىنجاڭنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىلى ئەخمەتجان تۆنۈگۈن ( 8-دېكابىر ) مەزكۇر ئۆلكىنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى مادەمبېككە :« بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى قازاقلار چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە (哈萨克共和国) قوشۇلۇپ كېتەلەيسىلەر، ئۇيغۇرلار بولسا ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتىگە (维吾尔共和国) قوشۇلۇپ كەتسە بولىدۇ. سىلەر كەلگۈسىدە ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەزىز ۋەتەنداشلىرى بولۇپ قالىسىلەر» دېگەنلەرنى ئېيتقان. مادەمبېكنىڭ ئازراق بولسىمۇ مىللىي تۇيغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى بىئارام بولغان ۋە تۆنۈگۈن (8-دېكابىر) كەچتە مەست بولغاندىن كېيىن يازما شەكىلدە بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان.

مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارەسى(保密局)نىڭ 1947-يىلى 26-يانۋاردىكى دوكلاتى

مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قازاق خادىملارنى سىقىپ چىقارماقچى

شىنجاڭ ئۆلكەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان بۇ يىل (1947-يىلى) 19-يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرى نەنگۈەن مەسچىتى (ھازىرقى خانتەڭرى جامەسى) دە ئىلى تەرەپنىڭ ئۇيغۇر خادىملىرىدىن رەخىمجان (خەلق ئىشلىرى نازارەتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى) قاتارلىقلار بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. ئەخمەتجان :«بۇ قېتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتايىدا بىزنىڭ بارلىق تەلەپلىرىمىز قادۋاننىڭ قۇرۇلتايدا <شىنجاڭ خىتاينىڭ بىر ئۆلكەسى، مۇستەقىل بولماسلىقى كېرەك> دېيىشى بىلەن مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلكەنىڭ مالىيەسى جانىمقان (مالىيە نازىرى، قازاق) نىڭ تىزگىنلىشىدە قالدى. بارلىق ئەشيالار ئامال بار ئوسمان (ئالتاينىڭ ۋالىيسى)نى تەمىنلەش ئۈچۈن ۋە ھۆكۈمەتكە مايىل قازاق خادىملارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ئۈچ ۋىلايەت بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ جانىمقاننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىش كېرەك» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

1946-يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە


مەزكۇر دوكلاتلارنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى:

«ئەخمەتجاننىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى», 2017-يىلى 11-ئىيۇل مەخپىيلىكتىن قالدۇرۇلغان.

«ئەخمەتجان <شىنجاڭ مۇستەقىللىقى>تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنماقچى»، 2017-يىلى 11-ئىيۇل مەخپىيلىكتىن قالدۇرۇلغان.

«شىنجاڭ ۋەكىللىرى قىسمەن چېكىنىشكە تەييارلانماقتا»، 2017-يىلى 11-ئىيۇل مەخپىيلىكتىن قالدۇرۇلغان.

مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قازاق خادىملارنى سىقىپ چىقارماقچى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top