You Are Here: Home » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئالغان 324 قارار

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئالغان 324 قارار

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما 1995-يىلى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى ئاساسىدا تەييارلاندى. 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى گەرچە نامدا 1946-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى 11 بىتىم بىلەن تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقى جەريانىدا مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن تارتىپ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تەڭشەش، ئارمىيە قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئېلىپ تاشلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا ئىقتىساد، مالىيە، سەھىيە ۋە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگىچە بېرىپ چېتىلىدىغان جەمئىي 324 قارارنى چىقارغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقلىرى مەركەزلەشكەن «ھۆكۈمەت ئەزالار مەجلىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر قارارلار ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە مائارىپ جەھەتتە قانداق يول تۇتقانلىقى، ھاكىمىيەتنى قانداق يۈرۈتكەنلىكى، جۈملىدىن مۇستەقىل دۆلەتچىلىك تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشتە پايدىلىق ماتېرىيال بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردىن مەزكۇر 324 قارارنىڭ تولۇق ئەسلى نۇسخىلىرى تېپىلمىدى.


 شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئەزالار مەجلىسى ئالغان قارارلار

1- نۇمۇرلۇق قارار (1944-يىلى 12-نويابىر):

1) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي-ئەشيا، مال-مۈلكلىرىنى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىسىز ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق.

2) جايلاردىكى پارتىزانلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ مەسئۇللىرى تارقىتىش.

3) خەبىب يۇنىچى مائارىپ نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

4) ئەنۋەر مۇساباي مالىيە نازارىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

5) ئوبۇلخەيرى تۆرە چارۋىچىلىق ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

6) سالىجانباي باباجان دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق-سۇچىلىق ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

7) ئابدۇلمۇتائالى خەلپەت دىنىي ساھەدىكى مۆتىۋەر زاتلاردىن تەركىب تاپقان دىنىي نازارەت قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

8) مۇھەممەتجان مەخسۇم ئالىي سوت مەھكىمىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەسئۇل بولۇش.

9) نەقلىيات بېجى، ئۆي-ئىمارەت بېجى، سودا بېجى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بېجىنى يېڭى چارە بويىچە ئېلىش. باشقىلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ۋاقتىنچە سابىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىش چارىسى بويىچە ئېلىپ تۇرۇش.

10) سابىق خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان خۇسۇسىي ئۆي-ھويلىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىش.

5-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 5-يانۋار):

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار نازارىتى قۇرۇش ھەمدە پېتىرومانوۋىچ ئالىكساندىروفنى ھەربىي ئىشلار نازارىتىنى قۇرۇش لايىھەسى ۋە تۈرلۈك ھەربىي ئىشلار تۈزۈمى لايىھەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەندى.

6-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 12-يانۋار):

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى ھەربىي ئىشلار نازارىتى قۇرۇشنى تەستىقلىدى ۋە پېتىرومانوۋىچ ئالىكساندىروفنى نازىرلىققا تەيىنلىدى. يەنە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھەربىي ئۇنۋاننى ئەسكەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفېتسىر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفېتسىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىر دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىش، پاگون ۋە ھەربىي فورمىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ئىشلەش، پاگون جىيىكىدىكى كۆك، قىزىل، ئاق رەڭلەر ئارقىلىق ئاتلىق ئەسكەر، پىيادە ئەسكەر، توپچى ئەسكەرلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى بەلگىلىدى.

8-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 16-يانۋار):

1) مائارىپ نازارىتى قارىمىقىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، چېگرا ئىچىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارە ئەتىقىلەرنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىش.

2) باش دوختۇرخانا، باش دورىخانا ۋە سەھىيە كومىتېتى قۇرۇش.

12- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 25-يانۋار):

ھەربىي ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇسۇسىيلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوموبىل، ماي، قورال-سايمان، ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئىشلىتىش، ئېلىنغان ماددىي ئەشيالارنى مۇۋاپىق باھاغا سۇندۇرۇش، ماددىي نەرسىلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنى ھەربىي قانۇن بويىچە جازالاش قارار قىلىندى.

15- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 28-يانۋار):

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى يىغىۋالغان 1944- يىللىق ئۆشرە ۋە زاكاتنى پۈتۈنلەر ھەربىي راسخوت قىلىشنى قارار قىلدى.

19- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 3-فېۋرال): 

ھەربىي خىزمەت قانۇنى بويىچە، 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلىكى پۇقرالارنى ئەسكەرلىككە چاقىرىش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولۇش؛ ھازىر ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىش مەزگىلى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالارمۇ ئەسكەر بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش؛ مەيلى ئوفېتسىر ياكى ئەسكەر بولسۇن، ھەربىي تەرەپ ئۇلارنى كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا،يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە جان سانىغا قاراپ، قوشۇمچە ياردەم بېرىش.

21- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 10-فېۋرال):

ھەربىي ماددىي ئەشيا تەمىناتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ھەر قايسى ناھىيەلەردىن ھەربىيلەر ئۈچۈن 1300 تۇياق ئات ئېلىپ ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى.

23- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 15-فېۋرال):

1) 1000 ئات ۋە 15مىڭ پۇت بۇغداي ئۇرۇقىنى ئاجرىتىپ دېھقانلارغا قەرز بېرىپ،يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

2) كېزىك كېسەللىكى تارقالغانلىقتىن، سەھىيە نازارىتى ئالاھىدە ھەيئەت تەشكىللەپ، مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىرى ۋە مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرىنى كۆمۈلمەي قالغان ئىگىسىز جەسەتلەر ۋە ئۆلگەن ھايۋانلارنى يىغىپ يۆتكەپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ كۆمۈشكە مەسئۇل قىلىش، ھەمدە غۇلجا ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا خىراجەت ۋە 50 كىشىلىك كارۋات كۆپەيتىپ بېرىش.

3) ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىدىن باشقا جازا ھۆكۈم قىلىش ھوقوقىغا ئىگە.ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنسا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئىجرا قىلىش. ھەر قايسى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىلىرىنى تەدرىجىي ھالدا قۇرۇش.

24-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 24-فېۋرال):

پۇقرالار ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاشنى ھەمدە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى.

25- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 24-فېۋرال):

« ئازاتلىق » ئالىي ئوردېنىنى تەسىس قىلىش ھەمدە ئوردېن بېرىش شەرتى، چارىسى، ۋە ئوردېنغا ئېرىشكەنلەر بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات ۋە ھوقۇق توغرىسىدا كونكېرت بەلگىلىمە چىقاردى.

29- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 5-مارت):

مائارىپ نازارىتىدىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەييارلاش كۇرسى ئېچىشنى، ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن نازىر، بۆلۈم باشلىقى بولغانلاردىن باشقا خادىملارنى مەكتەپكە ئىشلەشكە قايتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاشلاپ سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن مەكتەپكە قايتمىسا، ئۇلارنى ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنى رەت قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

33- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 13-مارت):

1) ۋاققاس ھاجى مىرشانوفنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈش.

2) ۋاپات بولغان خەبىب يۇنىچىنىڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىلىق ۋەزىپىسىنى سەيپىدىن ئەزىزى ئۈستىگە ئېلىش.

3) ھۈسىيىن ناسىروفنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەش.

4) رەخىمجان سابىرھاجىنى ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا زۇنۇن تېيىپوفنى تەيىنلەش.

5) رەخىمجان سابىرھاجىنى ئىچكى ئىشلارنازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش، پاۋىل پاۋلوۋىچ موسكاليوف بىلەن نەبىجان يۈسۈپنى مۇئاۋىن نازىرلىققا تەيىنلەش.

6) مالىيە نازارىتى قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق-سۇچىلىق ئىدارىسىنى ئايرىپ چىقىپ، يەر-سۇ ئىشلىرى نازارىتى قۇرۇش، سالىجانباي باباجاننى نازىرلىققا تەيىنلەش، ھىلالىدىن ئەزىزى بىلەن مەھەممەت نىيازنى مۇئاۋىن نازىرلىققا تەيىنلەش.

36- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 18-مارت):

4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ئىلگىرى بانكا قەرزىنى ئۆز قەرەلىدە قايتۇرمىغانلاردىن بانكا ئۆسۈمىنى تۇتۇپ قالغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا ئۆسۈم قىممىتىنىڭ 16-75 % ى بويىچە جەرىمانە قويۇش؛4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە قايتۇرمىغانلاردىن بانكا ئۆسۈمىنى تۇتۇپ قالغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا ئۆسۈمنىڭ 100% ى بويىچە جەرىمانە قويۇش؛ 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ قەرزنى يەنىلا قايتۇرمىغانلاردىن ئۆسۈم پۇلى ۋە قويۇلغان جەرىمانە پۇلنى تۇتۇپ قالغاندىن باشقا،ئۇلارغا يەنە مەمۇرىي جازا بېرىش.

37- نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 18-مارت):

1) قاسىمجان قەمبىرىنى سەھىيە نازىرلىقىدىن قالدۇرۇپ،ئورنىغا مويدىن ئەخمەتنى تەيىنلەش.

2) زۇنۇن تېيىپوفنى ھەربىي قىسىمدا ئىشلەشكە يۆتكەپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇش.

38-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 2-ئاپرېل):

دارېلىتام قۇرۇپ مەخسۇس خەنزۇ يېتىم بالىلارنى يىغىۋېلىپ بېقىش، خىراجەتنى مالىيە نازارىتى ئاجرىتىپ بېرىش، باشقۇرۇشقا مائارىپ نازارىتى مەسئۇل بولۇش.

39-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 2-ئاپرېل):

خەلق ئىئانە قىلغان مەبلەغ، چارۋا قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ۋە مۇسۇلمانلار تاپشۇرغان ئۆشرە- زاكاتلارنى دىنىي نازارەت نازىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپەت باشچىلىقىدىكى ئۆشرە زاكات يىغىش كومېسسىيىسى يىغىش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش؛ مالىيە نازارىتى سابىق خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، كىشىلەرنىڭ بانكىدىن ئالغان قەرز ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا مەسئۇل بولۇش، قەرزدارلارغا 28 كۈن ئىچىدە قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇشقا مۆھلەت بېرىش، مۆھلەت ئىچىدە قايتۇرمىغانلارغا كۈن بويىچە ھېسابلاپ، جەرىمانە قويۇش، پۇلى بارلار پۇل، پۇلى يوقلار مال قايتۇرۇش؛ يەر- سۇ ئىشلىرى نازارىتى دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن 16 مىڭ پۇت بۇغداي، 21 مىڭ پۇت قوناق، 4 مىڭ پۇت شال ئۇرىقى كۆپەيتىپ ئاجرىتىپ بېرىش؛مالىيە نازارىتى يەر-سۇ ئىشلىرى نازارىتىگە ئاجرىتىپ بەرگەن پۇلنى مەخسۇس چوڭ-كىچىك ئېرىق ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىش؛ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى باغ قاتارلىقلارنى ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە ئىجارىگە بېرىش.

47-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 30-ئاپرېل):

رەھىمجان سابىرھاجىغا پولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش، پاۋىل پاۋلوۋىچ ماسكاليوف، نەبىجان يۈسۈپ، ئەخمەتجان قاسىمىلارغا پودپولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋانى بېرىشنى قارار قىلدى.

49 -نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 3-ماي):

«ساداقەت» ئوردېنى بېرىشنى بەلگىلىدى ھەمدە ئوردېن بېرىش شەرتى، چارىسى ۋە ئوردېنغا ئېرىشكۈچىلەر بەھرىمان بولىدىغان تەمىنات، ھوقۇق توغرىسىدا كونكېرت بەلگىلىمە چىقاردى.

59 -نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 1-ئىيۇل):

ئادىلبېك يۈسۈپبېكوفنى دۆلەت تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ۋاققاس ھاجى مىرشانوفنى مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلىدى.

61-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 01-ئىيۇل):

تۇداخۇن مامۇتنى يەر-سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلىدى.

69-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى24-ئىيۇل):

چى، جىڭ، كۈرە، شېڭ، لى، مو قاتارلىق ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىكار قىلىپ، بىردەك خەلقئارا مېتىر سېستىمىسى، كىلوگرام قاتارلىقلارنى قوللىنىشنى، ئۇنى يولغا قويۇشقا مالىيە نازارىتى مەسئۇل بولۇش، نازارەت قىلىشنى بەلگىلىدى.

70-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى25-ئىيۇل):

ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى «ھاكىم مەھكىمىسى» لىرىنىڭ نامىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دەپ ئاتاش، «ھاكىم» نى ناھىيە باشلىقى دەپ ئاتاشنى بەلگىلىدى.

74-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى29-ئىيۇل):

1) پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندىروفنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش.

2) ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوف، ئىسھاقبېك مونونوفلارنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا تولۇقلاش.

75-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 30-ئىيۇل):

ھەرقايسى ناھىيەلەردە مالىيە بۆلۈمى قۇرۇشنى بەلگىلىدى.

78-نۇمۇرلۇق قارار ( 1945-يىلى 2-ئاۋغۇست):

1945-1946-يىللىق ئوقۇش يىلىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا (يەتتە يىللىق تۈزۈمدىكى) مەكتەپلەرنى ئېچىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ۋاقتىنچە ئاچماسلىق، ھەر قايسى مەكتەپلەردە 5-7 كىشىلىك ئائىلە باشلىقلىرى ھەيئىتى قۇرۇشنى بەلگىلىدى.

81-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى18-ئاۋغۇست):

دۆلەت بانكىسىدىكى كېپەك ئالتۇننى ئىلى دەرياسىدىكى پاراخوت قاتنىشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى.

82-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى19-ئاۋغۇست):

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە جەمئىي47 مىڭ 167 گېكتار ئۆلكە يەر بار، 1945-يىلى بىر يىلدا 50 مىليون 308 مىڭ 456 كىلوگرام مەھسۇلات ئېلىنىشى، 6 مىليون 492 مىڭ 704 كىلوگرام غەللە-پاراق تاپشۇرۇلۇشى، يەنى تاپشۇرۇلىدىغان غەللە-پاراق ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ %12 نى ئىگىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ناھىيىلەرنىڭ مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىملىرى غەللە-پاراق يىغىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا مەسئۇل بولىدۇ.

83-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 20-ئاۋغۇست):

مالىيە نازارىتىنىڭ مەسئۇل بولۇشى بىلەن 100 مىليون دوللار قەغەز پۇل كۆپەيتىپ بېسىشنى بەلگىلىدى.

84-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 22-ئاۋغۇست):

جابۇقباي ئاقىلاقچىنى ۋاقتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاندى.

85-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 22-ئاۋغۇست):

100 سوملۇق، 200 سوملۇق، 500 سوملۇق، 1000 سوملۇق، 3000 سوملۇق، 5000 سوملۇق، 10 مىڭ سوملۇق قىممەتتكى غالىبىيەت زايومىدىن 300 مىليون سوملۇق تارقىتىش، ئىلى ۋىلايىتىدىكى ناھىيىلەرگە 150 مىليون سوملۇق، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە 100 مىليون سوملۇق، ئالتاي ۋىلايىتىگە 50 مىليون سوملۇق تەقسىم قىلىش.

91-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 4-سېنتەبىر):

1) باج ئوغرىلىغان، چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ ئوغرىلىقچە سودىگەرلىك قىلغانلارنىڭ بارلىق نەرسە-كېرىكى مۇسادىرە قىلىنغاندىن سىرت، ئۇلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش ۋە جازالاش.

2) قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈچىلەرنى تۇتۇش ۋە قاتتىق جازالاش.

3) ھۆكۈمەتكە چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن، باج ئوغرىلىغانلارنى سودىگەرلەرنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇسادىرە قىلىنغان نەرسە كېرەكنىڭ %25 نى مۇكاپات قىلىپ بېرىش، نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە تۇتۇپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرگۈچىلەرگە مۇسادىرە قىلىنغان نەرسە-كېرەكنىڭ %35 نى مۇكاپات قىلىپ بېرىش.

4) يۇقىرىقى قارارلارنى ئىچكى ئىشلار نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئىجرا قىلىش.

94-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 8-سېنتەبىر):

سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا مالىيە نازارىتى رەھبەرلىك قىلىش، ئەسەدۇللانى دېرىكتور قىلىش، مالىيە نازارىتى ئوبوروت مەبلىغى ئاجرىتىپ بېرىش، دۆلەت بانكىسى سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولۇش.

95-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 14-سېنتەبىر):

ھەر قايسى ناھىيەلەردە ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى قۇرۇشنى، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى ھەمدە ئەسكەرلىككە ئېلىنىدىغان خادىملارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە، 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغانلىكى ئەر پۇقرالار ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەك،دەپ كونكىرېت بەلگىلىمە چىقاردى.

96-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 15-سېنتەبىر):

1) شىخۇ ناھىيىسىنى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىش، نەسىردىننى ئۇنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەش. جىڭ ناھىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە بىۋاستە قاراش. بۇ ناھىيىدە نوپۇس ئاز بولغاچقا، ناھىيە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتى ۋاقىتلىق مەسئۇل بولۇش.

2) شىخۇ، جىڭ ناھىيىلىرىدە ئومۇم ئىگىلىكتىكى ۋە ئىگىسى يوق يەرلەرنى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشنى ئىختىيار قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شەخسلەرنىڭ تېرىشىغا ئىلھام بېرىش.

3) مايتاغدىكى نېفىت كانلىرىنى سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، مايتاغ نېفىت كانلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى قۇرۇش، ئادىلبېك يۈسۈپبەگنى مەسئۇللۇققا تەيىنلەش.

97-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 15-سېنتەبىر):

سابىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەغەز پۇلى ئۈستىگە تامغا بېسىش خىزمىتىنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۇزارتىش، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى تامغا بېسىلمىغان قەغەز پۇللارنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك. تامغا بېسىش ئىشىنى بىردەك دۆلەت بانكىسى ۋە ناھىيىلەردىكى تارماق بانكىلار مەسئۇل بولۇپ بېجىرىش.

99-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 2-ئۆكتەبىر):

سابىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تامغىسى بېسىلمىغان  پۇلىنى جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئوبوروت قىلىش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ، بۇ پۇللارنى 3-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت بانكىسى يىغىۋېلىپ، پۇل قىممىتىنىڭ %90 تىنىلار نەقلەشتۇرۇپ بېرىدۇ. 3-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن تامغا بېسىلغان پۇللار يەنىلا ئۆز قىممىتى بويىچە ئوبوروت قىلىنىدۇ. تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلاتەتلىرىدە پۇلغا تامغا بېسىش خىزمىتىنى 1-نويابىردىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. ۋاقتىدا ئورۇندىمىغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ.

100-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 2-ئۆكتەبىر):

گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە غەيرىي قوراللىق ۋاستە، يەنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىپ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بېرىش، ئەگەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلسا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھىمجان سابىرھاجى، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمىنى سۆھبەت ۋەكىللىرى قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش.

102-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 8-ئۆكتەبىر):

ئوسمان گوبوروپنىڭ ۋازىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ، ئۇنى مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىدىن قالدۇردى.

103-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 8-ئۆكتەبىر):

ئەخمەتجان قاسىمىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ قۇبۇل قىلدى.

106-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 14-ئۆكتەبىر):

1945- يىللىق ئۆشرە-زاكاتنىڭ ھەممىسى مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى.

107-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 14-ئۆكتەبىر):

ئىسھاقبېك مونونوۋغا گېنىرال لېتىنانتلىق ئۇنۋانى بېرىلدى.

108-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 14-ئۆكتەبىر):

1) ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا شەھەرلەردە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويۇش، يېزىلاردا باشلانغۇچ مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇش.

2) بىردەك ئوقۇش خىراجىتى ئالماسلىق.مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر «ئىشچى خىزمەتچىلەر ماگىزىنى» دىن ئايلىق ئىش ھەققى سوممىسى بويىچە دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن باھادا تەمىنلىنىدىغان ماددىي بويۇملارنى سېتىۋىلىش.

3) يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىش، ھەربىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدىكى ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلارنى، مائارىپ نازارىتى تەلەپ قىلسا،بىردەك ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش.

110-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 15-ئۆكتەبىر):

7-نويابىرنى ئىنقىلاب خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى.

111-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 15-ئۆكتەبىر):

مايتاغ نېفىت كېنىدا ھەربىي ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.

113-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 22-ئۆكتەبىر):

12-نويابىرنى ئىنقىلاب بايرىمى كۈنى قىلىش بەلگىلەندى.

114-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 22-ئۆكتەبىر):

1) مارشال ھەربىي ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىش.

2) ھەربىي كومېتىت تەسىس قىلىش، ئېلىخان تۆرىنى رەئىسلىككە،گېنىرال لېتىنانت ئىسھاقبېك مونونوۋ، گېنىرال مايور ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوف، پولكوۋنىك ئەخمەتجان قاسىمى، پولكوۋنىك كىرەم ھاجى قاتارلىقلارنى كومېتىت ئەزالىقىغا تەيىنلەش.

3) ئېلىخان تۆرىگە مارشال ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش.

4) ھەربىي كومېتىتقا ( «ۋاياننىي سوۋېت» ياكى «ھەربىي ئەركان» غا) ھەربىي ئىشلارغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش.

5) ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوف ئوتتۇرا يۆنىلىش جەڭ مەيدانىغا رەھبەرلىك قىلىش، ئىسھاقبېك مونونوۋ جەنۇبىي يۆنىلىش جەڭ مەيدانىغا رەھبەرلىك قىلىش.

6) بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى ھەربىي كومېتىتقا يوللاپ تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويۇش.

136-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 20-نويابىر):

مالىيە نازارىتى باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت بانكىلىرىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈش، ھۈسەيىن تارانوفنى بانكا باشلىقلىقىغا تەيىنلەش، دۆلەت بانكىسىغا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خامچوت، كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى بەلگىلىدى.

158-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 5-دېكابىر):

مائارىپ نازارىتى 6 ئايلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ، ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە مەلۇم بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە ،ھەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغان ھەر مىللەت ياشلىرىنى مىللەت، جىنس ئايرىماي خىزمەتتىن ئايرىپ كۇرسقا قاتناشتۇرىدۇ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئىلمىي مۇدىرلىرىمۇ خىزمەتتىن ئايرىلىپ كۇرسقا قاتنىشىدۇ. كۇرستا دىن دەرس ئۆتۈشنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دىنىي نازارەت مەخسۇس دىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۇرۈش قىسقا كۇرسى ئېچىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

171-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 16-دېكابىر):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەيئىتى «مېيىپ ھەربىيلەر ئىشلىرى كومېتىتى» تەسىس قىلىپ، مېيىپ بولغان ھەربىيلەر ۋە قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

172-نۇمۇرلۇق قارار (1945-يىلى 24-دېكابىر):

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى 10 تۈرگە ئايرىپ بېكىتىش، ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمى 2500 سومدىن 10مىڭ سومغىچە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەمىنات تۈزۈمىگە كىرگۈزۈپ، جان سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكى، چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە تەمىنات ئۆلچىمى بېكىتىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەمىنلەيدىغان ماللارنى سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماگىزىنىغا ئۆتكۈزۈش، ھەر ئايلىق تەمىنلەيدىغان مالنىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن %50 تۆۋەن بولۇشنى بەلگىلىدى.

191-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 8-يانۋار):

كېزىك كېسەللىكىنى قانداق چەكلەش توغرىسىدا:

1) داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ ئۇلارنى ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە رايون، مەھەللىلەرگە كىزىك ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىشقا ئەۋەتىش.

2) ھەر قايسى ناھىيە، مەھەللىلەرنى دېزىنفېكسىيە ۋە مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل قىلىش.

3) كېرەكلىك خىراجەت، دورا-ئەسۋابلارنى ھۆكۈمەت بېرىش.

4) ناھىيىلەرنىڭ ھاكىملىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى داۋالاش ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن ياردەملىشىشكە مەسئۇل قىلىش.

197-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 12-يانۋار):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەيئىتى ھۆكۈمەت ئالىدىغان تىجارەت بېجى، سانائەت بېجى، يۆتكەت سېتىش بېجى، تىرىك مال بېجى، چارۋىچىلىق بېجى، قان بېجى، ياغاچ ماتېرىياللىرى بېجى، ئاشلىق بېجى، يەر بېجى، پوسۇلكا بېجى، پوچتا بېجى، قاتناش-ترانسپورت بېجى، كۆمۈر قېزىش بېجى، كىنو-تىياتىرخانىلارنىڭ تىجارەت بېجى، تىجارەت كېنىشكىسى بېجى، تامۇژنا بېجى، تۇز بېجى، ھاراق-تاماكا بېجى قاتارلىق 16 خىل باجنى بېكىتتى. ھەمدە باج نىسبىتى، باج ئېلىش ئۇسۇلى ۋە جەرىمانە توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردى.

198-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 12-يانۋار):

توپلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار ئىچىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىگە، قوراللىق بۇلاڭچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئادەتلەنگەن ئوغرى ۋە بۇلاڭچىلارغا ئۈچ يىللىقتىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىش، سوراق خىزمىتىنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىش، ئىلىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەر ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا يوللاش، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى ئۆز ۋىلايەتلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا يوللاشنى بەلگىلىدى.

199-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 13-يانۋار):

1) دۆلەت ناخشا-ئۇسسۇل، ئوپېرا ئۆمىكى قۇرۇش، زىيا سەمىدىنى ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلەش؛ جالالىدىن ئالاۋۇدۇننى سەنئەت يېتەكىچىلىكىگە تەيىنلەش، ئۆمەك قارمىقىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى، مۇزىكا ئەترىتى، ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇش.

2) قويۇلىدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە دراممىلارنى مائارىپ نازارىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، قويۇلىدىغان كونسېرتلارنى تەشۋىقات بۆلۈمىگە يوللاپ تەستىقلىتىش.

203-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 13-يانۋار):

غۇلجا، چۆچەك، سارسۈمبىنى 1-دەرىجىلىك ناھىيە؛ سۈيدۈڭ، دۆربىلجىن، شىخۇ، قورغاس، توققۇزتارا، بورتالا، جىمنەي، بۇرچىننى 2-دەرىجىلىك ناھىيە؛ساۋەن، قۇبۇقسار، چاغانتوقاي، نىلقا، ئارىشاڭ، چاپچال، كۈنەس، تېكەس، جىڭ، يۇلتۇز، قابا، كۆكتوقاي، موڭغۇلكۈرەنى 3-دەرىجىلىك ناھىيە قىلىپ ئايرىش. 1-دەرىجىلىك ناھىيىلەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ 185-نۇمۇرلۇق قارارىدا بەلگىلەنگەن ئىش ھەققى دەرىجىسىنى يولغا قويۇش، 2-دەرىجىلىك ناھىيىلەردە %90 بويىچە يولغا قويۇش، 3-دەرىجىلىك ناھىيىلەردە %80 بويىچە يولغا قويۇش بەلگىلەندى.

204-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 14-يانۋار):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەيئىتى سانائەت بۆلۈمىنى سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتىدىن ئايرىپ چىقىپ، ئايرىم ھالدا سانائەت باشقارمىسى قىلىپ قۇرۇش، كىچىك تىپتىكى سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن دۆلەت بانكىسى ئۇلارغا قەرز پۇل بېرىشكە مەسئۇل قىلىشنى بەلگىلىدى.

206-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 16-يانۋار):

ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئىئانە توپلاش ھەيئىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

210-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 22-يانۋار):

يەر-سۇ ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ئىلى ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى 4406 گېكتار تېرىلغۇ يەر ۋە 15 باغنى ئاجرىتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مەجرۇھ ھەربىيلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يېرى يوق نامرات دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش. بۇنىڭدىن باشقا 292 گېكتار تېرىلغۇ يەرنى ئورگانلارنىڭ قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئاجرىتىپ بېرىش، 47 باغنى شەخسىلەرگە سېتىپ بېرىش بەلگىلەندى.

213-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 27-يانۋار):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى خانىم-قىزلار جەمئىيىتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىشقا دىنىي نازارەت ۋە مائارىپ نازارىتى مەسئۇل بولۇشنى بەلگىلىدى.

216-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 29-يانۋار):

باسباي چولاق ئوغلى باپىننى ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا تولۇقلاشنى قارار قىلدى.

218-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 4-فېۋرال):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەيئىتى مۇقاباي قۇرجاقانوفنى مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا تەيىنلىدى.

228-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 23-فېۋرال):

مائارىپ نازارىتى قارمىقىدا ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسى قۇرۇش، سەيپىدىن ئەزىزىنى قوشۇمچە باشقارما باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى، دۆلەت ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئالدى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىدىن يوليورۇق سورىشى لازىملىقىنى بەلگىلىدى.

229-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 24-فېۋرال):

ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن،مائارىپ نازارىتىنىڭ قارمىقىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بارلارنى قۇبۇل قىلىشنى بەلگىلىدى.

230-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 24-فېۋرال):

مالىيە نازارىتى ئۈچ ۋىلايەتتە شەخسلەر بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش،قەرز پۇل ئېلىش ۋە پېرېۋوت كەسپلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دۆلەت بانكىسىغا 100 مىليون سوم كرېدىت مەبلىغىنى ئاجرىتىپ بېرىش، كرېدىت مەبلىغىنى تەقسىم قىلىشتا يېزا-ئىگىلىكىگە %20،چارۋىچىلىققا %15،قول سانائەتكە %15،سودىغا %50 نىسبەت بويىچە ئىشلىتىش. قەرەلسىز ئامانەت پۇلىنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى %3،قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى %6 بويىچە ھېسابلاش، شەخسلەر پۇل قەرز ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، يەتتە كىشىلىك ئامانەت-قەرز ھەيئىتى مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛ ئادەتتە قەرز پۇل بېرىشتە ئىككى كىشىنى كېپىل بولۇش ياكى قىممەتلىك بويۇملىرىنى بانكىغا گۆرەگە قويۇش ئارقىلىق قەرز پۇل ئېلىش، يەنە باشقا جايلارغىمۇ پۇل پېرىۋوت قىلىش كەسپىنى يولغا قويۇش.

232-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 2-مارت):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ھەيئىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

بىز مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز، لېكىن تىنچلىق سۆھبىتىدە ئەمەلىي ھەربىي كۈچىمىزگە تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، مونۇلارنى قارار قىلىمىز:

1) ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى 18-35 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ھەبىي سەپكە كىرىشى كېرەك.

2) ئەسكەر ئېلىش ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن ئەمگەك كۈچى قالدۇرۇش پرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3) ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋەكىل ئەۋەتىدۇ.

233-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 2-مارت):

مەجروھ ھەربىيلەر جەمئىيىتى قۇرۇشنى بەلگىلىدى.

234-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 3-مارت):

1944-يىللىق سابىق خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى « ئالدىن سېتىۋىلىنغان ئاشلىق» ۋە 1944-،1945- يىللىق غەللە پاراقنى ئەستايىدىل يىغىۋېلىش بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈمەت مۇسادىر قىلغان يەرلەردىن 361 گېكتارنى ئورگانلارنىڭ قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىش، 10 مىڭ گېكتارنى مەجروھ ھەربىيلەرگە بۆلۈپ بېرىش، 64 گېكتارنى شەخسىيلەرگە سېتىپ بېرىش، 20 گېكتارنى ھۆكۈمەت بەدەلسىز بىر تەرەپ قىلىش، قالغان يەرلەرنى يەر تەقسىم قىلىش كومېتىتى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە نامرات دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

235-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 5-مارت):

جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئۇنۋاننى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى.

236-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 6-مارت):

1-مارتتىن باشلاپ ئوفېتسىر-جەڭچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى %100، ئاددىي ئەسكەرلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى %50 ئۆستۈرۈشنى بەلگىلىدى.

241-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 14-مارت):

ئومۇمىي سوممىسى 600 مىليون سوملۇق «بەخت» ناملىق ئۆسۈمسىز زايوم تارقىتىشنى قارار قىلدى.

245-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 19-مارت):

«جۇمھۇرىيەت» ئالىي ئوردېنى تەسىس قىلىپ، ئالاھىدە تۆھپىسى بارلارنى تەقدىرلەشنى بەلگىلىدى.

246-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 20-مارت):

ئىۋان يوكوۋلىۋىچ پالىنوف،ئىسھاقبېك مونونوف ئىككەيلەنگە « جۇمھۇرىيەت » ئالىي ئوردېنى بېرىشنى قارار قىلدى.

249-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 23-مارت):

8-ئاپرېل كۈنىنى ئارمىيە بايرىمى قىلىشنى بەلگىلىدى.

260-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 13-ئاپرېل):

ئوسمان ئىسلام ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېۋقا « ئازاتلىق » ئوردېنى بېرىشنى بەلگىلىدى.

267-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 17-ئاپرېل):

كۈنەس ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم تېرىلغۇ يېرىنى يۇلتۇز ناھىيىسىدىكى موڭغۇل قېرىنداشلرنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىش، سودا-سانائەت تەرەققىيات شىركىتى يۇلتۇز ناھىيىسىدىكى موڭغۇل خەلقىنى ئېھتىياجلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولۇشنى بەلگىلىدى.

271-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 22-ئاپرېل):

1) شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنى ئالتە پولكقا قىسقارتىش، ئومۇمىي ئادەم سانى 12مىڭ 700 بولۇش.

2) شەرقىي تۈركىستان تەرەپنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئۆتەيدىغان كونكرېت ۋەزىپىلىرى ۋە ئادەملىرى:

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى؛

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى رەھىمجان سابىرھاجى؛

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى دەلىلقان سۇگۇربايېف؛

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،قوشۇمچە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئوسمان ئىسلام؛

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،قوشۇمچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئىسھاقبېك مونونوف؛ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئېلىخان تۆرە؛

ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش كاتىپ ئابدۇكېرىم ئابباسوف؛ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى سەيپىدىن ئەزىزى بولۇش.

3) رەھىمجان سابىرھاجى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئوبۇلخەيرى تۆرىگە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھاسىل قىلىنغان يۇقىرىقى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ھوقۇقى بېرىش.

277-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 4-ماي):

مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەرگە كېرەكلىك ھاراق ۋە پىۋىنى ھۆكۈمەت باشقۇرغان ئىككى ھاراق زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش، ئۇنى ھۆكۈمەت ئۆزى باشقۇرۇپ،ئۆزى سېتىش؛ نەشە، ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش، بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشقا ئىچكى ئىشلار نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى كونكرېت مەسئۇل بولۇشنى بەلگىلىدى.

287-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 25-ماي):

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىگە «تىنچلىق بىتىمى» نىڭ قوشۇمچە 2-ھۈججىتىنى ئىمزالاشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارارى.

291-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 30-ماي):

1944- ۋە 1945- يىللىق تۈرلۈك باجلارنى تۆلەشكە قۇدرىتى يەتمىگەنلەرنىڭكىنى كەچۈرۈم قىلىش؛ 1946-يىللىق دېھقانچىلىق بېجىنى سابىق خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن باج مىقدارىنىڭ %50 بويىچە تاپشۇرۇۋېلىش؛ 1946-يىللىق چارۋىچىلىق بېجىنى ئۇششاق ماللار تۇياق سانىنىڭ %3 تى، چوڭ ماللار تۇياق سانىنىڭ %2 تى بويىچە تاپشۇرىۋېلىش؛ 1946- يىللىق سودا بېجىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم ئاساسىدا %25 كېمەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلدى.

307-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 1-ئىيۇن):

غېنى مۇھەممەتباقى ۋە فاتىخ مۇسلىمغا « خەلق قەھرىمانى » دېگەن نام بېرىشنى بەلگىلىدى.

324-نۇمۇرلۇق قارار (1946-يىلى 28-ئىيۇن):

1) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايەتلىك كېڭىشى قىلىپ تەشكىللەش، كېڭەش ئەزاسىنى 32 ئادەم قىلىپ بېكىتىش، ھاكىمبەگ خوجىنى كېڭەشنىڭ باشلىقلىقىغا،ئوبۇلخەيرى تۆرىنى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەش.

2) ئەسلىدىكى نازارەت، ئىدارە ئورگانلىرىنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىدارە دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا ئۆزگەرتىش.

3) سايلام ئۆتكۈزگىچە ھاكىمبەگ خوجا ۋالىي بولۇش، ئوبۇلخەيرى تۆرە بىرىنچى مۇئاۋىن ۋالىي، ئەنۋەر مۇسابايېۋ ئىككىنچى مۇئاۋىن ۋالىي بولۇش.

4) تارباغاتاي،ئالتاي ۋالىي مەھكىمىلىرىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تەڭشەش.

5) ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىدارە، بانكا، سوت مەھكىمىسى، ھەربىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلىرىنىڭ 28 نەپەر مەسئۇلىنى يېڭىدىن تەيىنلەش.

6) ئىسھاقبېك مونونوفنى مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، دەلىلقان سۇگۇربايېفنى بىرىنچى مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا، زۇنۇن تېيىپوفنى ئىككىنچى مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەش.

7) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» نى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئورگان گېزىتىگە ( « ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» غا) ئۆزگەرتىش.

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تاكى 1946-يىلى 28-ئىيۇنغا قەدەر جەمئىي 324 قارار ماقۇللىغان.

مەنبە: « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، ئۇيغۇرچە نەشىرى، 1995-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى، 1996-يىلى 8-ئاي 2-بېسىلىشى؛ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئەزالىرى

«ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى»گە بېسىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرقى قارارى ھەققىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز» ناملىق باش ماقالە

ئۇلانما: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى (akademiye.org)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top