You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسلىكىگە سايلاندى

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسلىكىگە سايلاندى

تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 30 ئەتراپىدىكى ھەيئەت ئەزالىرى توردا يىغىلىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاكادېمىيە رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزدى. ئاكادېمىيە رەئىسلىكىگە ئىككى كىشى ئۆزلىرىنى نامىزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.

سايلام نەتىجىسىدە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى، 2010-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىشغالىيەتتە قالغان مىللىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى خەلقئارادا تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى يول باشلاپ ئېلىپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەسىرى كۈچىنىڭ زورىيىشىدا نۇرغۇن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى تارماقلىرى قۇرۇلدى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2015-يىلى 24-ئاۋغۇستتىن 2021-يىلى 11-دېكابىرغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ پەخىرى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2017-يىلى 08-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2018-يىلى 25-مايدا جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاكادېمىيەنى تۈركىيەدىن ئامېرىكاغا كېڭەيىتىشكە زور تۆھپە قوشتى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى تارماقلىرىنى قۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى، ئۇ يەنە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسىدۇر.

ئەزەلدىن ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر ئىنسانىي بۇرچى ۋە ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئۆز ئانىسىغا قىلغان خىزمىتى دەپ تونۇپ كەلگەن دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئىشغالىيەتتىكى ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېيىشنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى دەپ بىلدى. بۇ يولدا ئۈن-تۈنسىز ئېلىپ بارغان ۋە ھەر ۋاقىت ۋەتەن داۋاسىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى ياراتقان خىزمەتلىرىنى ھېچ قاچان ۋە ھېچ يەردە سۆزلەپ كۆز-كۆز قىلمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى نامىدىن دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي داۋاسىغا سىڭدۈرگەن مىھنەتسىز ئەجرى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەركىزى كومىتېتى

2021-يىلى 11-دېكابىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top