You Are Here: Home » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزالار مەجلىسىنىڭ ئاخىرقى يىغىنى قانداق ئۆتتى؟

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزالار مەجلىسىنىڭ ئاخىرقى يىغىنى قانداق ئۆتتى؟

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق رومانىنىڭ «رەئىسنىڭ ئاخىرقى كۈنى» ناملىق بابىدىن ئېلىندى. مەزكۇر بابتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ خىتاي ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق بىتىمى ئىمزالىنىپ، بىتىمغا كۆرە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىنىش ئالدىدىكى ناھايىتى مۇرەككەپ، نازۇك ۋە كۆڭۈلسىز مەزگىل ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىخان تۆرە رەئىسلىكتىن كېتىش ئالدىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق، يەنى 1946-يىلى 15-ئىيۇن كۈنىدىكى ھۆكۈمەت ئەزالار كېڭىشى يىغىنى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان ۋە تارقىلىشىغا شاھىت بولغان ئاپتور زىيا سەمەدى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، جۈملىدىن رەئىس ئېلىخان تۆرە ۋە سۆھبەت ۋەكىلى ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ بۇ يىغىن جەريانىدىكى چارىسىز ھالىتىنى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. مەزكۇر يازما شۇ مۇرەككەپ دەۋردىكى بىر ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە بىر كارتىنا سىزىپ بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس. مەزكۇر روماندا ئېلىخان تۆرەنىڭ سۆزلىرى پۈتۈنلەي ئۆزبېكچە بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەلۇم دەرىجەدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلىندى. 


رەئىسنىڭ ئاخىرقى كۈنى

زىيا سەمەدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ۋاقتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى، توغرىراقى ئەڭ ئاخىرقى مەجلىسى بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن باشقا يەنە نازارەت-باشقارمىلارنىڭ نازىرلىرى ۋە ئىدارە-جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەربىي-ساقچى باشلىقلار تەكلىپ قىلىنغان. رەئىس ئېلىخان تۆرە بۈگۈن سولاشقان، بىپەرۋە ۋە بىتابراق كۆرۈنىدۇ. ئۇ مەجلىسخاناغا كىرىدىكەن رەئىس ھۆرمىتىگە دۈررىدە ئۆرە تۇرۇشقان ئەمەلدارلارغا ئۇنچىۋالا ئېتىبار قىلماستىنلا ئۆگىنىپ قالغان رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇردى ۋە بېشىنى سەل-پەللا ئېغىتىپ قويدى. ئېلىخان تۆرە بۈگۈن يېرىم يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن «تەختى-بەختى»دىن رەسمىي رەۋىشتە، يەنە كېلىپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى بىساتىدا تېخى يېقىنقى كۈنلەردىكى سەلتەنەتلىك دەبدەبىلەرنىڭ ئىزناسى قالمىغان، يەنىلا ئۆز ۋاقتىدىكى «دورىگەر موللام» قىياپىتى ئەينى ئەكسىگە كېلىپ قالغاندەك بايقىلىدۇ. تېخى يېقىندىلا بۇ ۋىجىككىنە ئادەم مارشاللىق ئۇنۋانىنى تاقىغان، نام-نىشانغا لايىق ياسىنىپ، ئىشەنچلىك مۇھاپىزەتچىلىرى قورشاۋىدە كالياسكا ياكى يېنىك «فورد» ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كوچا بويلاپ ماڭغاندا، كالياسكانىڭ ئىككى يان قانىتىدا ئۆرە تۇرۇشقان پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى ئىككى نەپەر سالاپەتلىك ئوفېتسىر، ئۇنىڭ سۆلىتىگە سۆلەت قوشاتتىدە، خەلق كۆزىگە ھەيۋەتى تېخىمۇ ئاشقاندەك بىلىنەتتى ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن تەمەنناسىمۇ ئۇلغايغاندەك بولاتتى. بىر يىلنىڭ ئالدىدىلا «ئىسلام بايرىقىنى تەڭرى تېغى چوققىسىغا قاداپ» ئىسلام غەلبەسىنىڭ تەنتەنەسىنى ئالەمگە يايماقچى بولغان رەئىس-مارشالنىڭ بەيتۇللا جامىسىدە تەنتەنەلىك رەۋىشتە بەرگەن ۋەدىسى ۋە يالقۇنلۇق خىتاب مۇراجىتى قاياقلارغا ئۇچۇپ كەتتىكىن؟ شۇ تاپتا مونۇ بىچارە بايقۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان رەئىس مارشال ئاشۇ ئۇلۇغۋار غايە-نىشاننى ئېسىگە ئالامدىكىن؟ ھازىرقى ھالىتى پەلەكنىڭ گەردىشىمۇ ياكى تەقدىر تەنىسىمۇ؟ ياكى ھەرىكەت پائالىيەتىدىن ۋە شەرت-شارائىتتىن كېلىپ چىققان خاتالىقلار خۇلاسەسىمۇ؟ ھەر ھالدا ئېلىخان تۆرە ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ئىشەنچىسى ۋە تەبىئىي خۇلقى مىجەزىگە بولا بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى يەنىلا «تەقدىر-ئىلاھى» دېگەن خۇلاسە بىلەن يەكۈنلىدى، خالاس!

بۈگۈن ھۆكۈمەت مەجلىسىدىن ئاۋۋال ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئىككى-ئۈچ سائەتچە «مۇڭداشقان»، ئىچىگەن يىغىلغان رەنجىشلەرنى خېلىلا يوشۇرماي تۆككەن ئىدى. ئەخمەتجان بىلەن ئامانلىق سوراشمايلا تىتىرەك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى ئۈچۈن بىر ۋاراق خەتنى سۇنغان ئېلىخان:

– ئوقۇپ كۆرۈڭچۇ، ئەخمەت ئەپەندى، بۇ لەنىتى بىتەنلەر نېمىلەرنى يازغانۇ، نېمىلەرنى تەلەپ قىلغاندۇ …

ئەخمەتجان «تەلەپنامە»نى ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭمۇ يۈزى تىتىرەپ، ئىچىدە ھەس-ھەس بولۇپ قاتتىق رەنجىدى. بۇ ئىنتايىن قوپال ئىبارەلەر بىلەن يېزىلغان «تەلەپنامە» ئېلىخاننىڭ ياخشىلىقچە ئورنىنى بوشىتىپ بېرىشى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا قاتتىق چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ئوچۇق يېزىلغانلىقتىن ئېلىخان ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ ھالەت رەخىمجان، ئەخمەتجانلار ئۈرۈمچىدە ۋاقتىدا ئۆتۈلۈشىگە ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى.

– ھەر ھالدا بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا يات ئەدەبسىزلىك بولۇپتۇ. بۇ تېتىقسىز نامەنىڭ مۇئەللىپلىرى كىم بولدىكىن؟-تېڭىرقىغان ھالدا سورىدى ئەخمەتجان.

– ساقچى ئىدارەمىز ۋە باشقىلار تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىيۇ، ئېنىق نەتىجەسى بولمىدى… بۇنداق قوپال تەھدىتنىڭ نېمىگە لازىمى باركىن؟ «بىتىم» ئاساسىدا مېنىڭ رەئىسلىك لاۋازىمىم ئۆز-ئۆزىگە تەرك ئېتىلىدىغۇ! مېنىڭچە بۇنىڭدا باشقىچە سىر بار، شۇنداقلا بۇنىڭ ئارقىسىدا تەشكىللىگۈچى بىر كۈچ ھەم بار…

– چاكىنىلار!-خىتاب قىلدى ئەخمەتجان،-مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىشى. شۇڭا «نادانلار ھەرىكىتى» دەپلا ساقىت قىلىۋەتكەن دۇرۇس بولار.

-مەن ھەم شۇ خۇلاسىگە كەلدىم. بولمىسا ھېلىقى ئوتقۇيرۇق ۋە باشقىلاردىن گۇمان قىلىدۇقيۇ، پوققا چالما ئاتمىدۇق،- ئەپسۇسلىنىپ ئىزھار قىلدى ئېلىخان.

-جانابلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا كېلىشكىنىمىز بويىچە،-دەپ باشلىدى گەپنى باشقا قىنغا سالغان ئەخمەتجان،-خىتاي تەرەپ بىلەن ئاخىرقى ھۆججەتكە ئىمزا چېكىلدى،-دېدى-دە، سۆھبەت جەريانىدىكى ئاخىرقى باسقۇچنى ۋە بىرىنچى ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي تەشكىللىنىپ، قەسەمياد ئوقۇلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئېلىخان تۆرە قانداقتۇر بىپەرۋالىق، گويا بۇ ئىشلارنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئادەمدەك بىقەيىت ئاڭلىدىيۇ، بىر نەچچە دەقىقە خىيال سۈرۈپ، جىمىپ قالدى. بەلكىم، ھۆكۈمدارلىق ئىمتىيازىدىن توساتتىنلا ئايرىلىپ قالغانلىقىغا كۆيۈنىدىغاندۇ؟ ياكى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەي چەتكە قېقىلىپ كەتكىنىگە ھەسرەتلىنىدىغاندۇ؟ ھەر ھالدا ئۇ شۇ تاپتا دەساۋال كاتتا ئىشنى باشلاپ قويۇپ، خەلقنى قوزغاپ بىر مەنزىل يەرگىچە ئەگەشتۈرۈپ ئاپىرىپ، ئاندىن كۈتۈلمىگەندە سەپ ئالدىدىن چەتكە قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن، خەلقىمىز ئەگەشكۈچىسىز تەنھا قالغان لېدىرنى ۋە يەنە بىر بىساتىنى تاۋكاغا تىكىپ سېلىپ ئۇتتۇرىۋەتكەن چاپانسىز قالغان قىمارۋازنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ دەبدەبە شۆھرەت ئىستىقبالى كېسىلگەن، ئەمدى ئۇنىڭغا بىرلا يول- ئۇ بولسىمۇ زاھىدلىق، تەقۋادارلىق چىغىر يولىلا ئوچۇق تۇرۇپتۇكى، باشقىچە چارىسى يوقلىقى ئېنىق. ئۆز ۋاقتىدا «بەخت كەبىسى»نى ۋەدە قىلغان «شەپقەت پەرىشتە»لىرى ئەمدىلىكتە يۈز ئۆرۈپ، بۇ بايقۇشنىڭ قارار جايىنى ۋە ھەتتا دەپن كېپەنلىكىنىمۇ ئۆلچەپ-پىچىپ قويغاندۇر تېخى! ئېلىخاننىڭ دەۋرى-دەۋرانى ئاياقلاشتى. ئۇ شارائىت تۈپەيلى لازىم بولدى، ئىشلىتىلدى، پايدىلىنىلدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بازىرى كاسات، ھېچكىمگە كېرەكمۇ، لازىممۇ ئەمەس ھاجەتسىز گەۋدە. ئەمدى ئۇنى يولدىن ئېلىپ تاشلاش كېرەك- پۇتلىكاشاڭ بولمىسۇندە! كىم بىلىدۇ، شۇ كۈنلەردە رەئىس بولمىش ئېلىخاننى يەڭگۈشلەپ، ئۇنىڭ رولىنى ئوينىماق بولغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كېلەچىكى نېمە بولماق، نېمە بىلەن يەكۈنلەنمەك؟ بۇ ھەم سىرلىق تېپىشماق.

ئېلىخان تۆرە ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە، قانداقتۇر ناتايىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى:

– بۈگۈن مەجلىس ئەھلى ئۆز پىكىرلىرىنى ئورتىغا قويار بەلكىم. مەن بولسام سىزگە ئىشىنىمەنكى، ئەلھاسىل سىزنىڭ پىڭرىڭىزچە بولسۇن-دېدى-دە، سەل ئويلىنىپ پىغان چەككەندەك سۆزىنى داۋام قىلدى،-ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ياركەنتلىك زاتى ئالىيلىرى نىزامىدىن ئاخۇنلۇق:

يېشىم يېتىپ ئۆمرۈم كېتىپ،
تالىپلارغا ئىلىم ئۆگىتىپ.
ئاخىر كەتسە مەندىن تېنىپ،
مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن…

دېگەن ئىكەنلەر. مەن ھەم شۇ بۇنى كەچۈرمەكتىمەنكى، مېنىڭ مۇرىد-مۇخلىسلىرىم ھەم مېنىڭدىن قېچىشقا باشلىدىلار… يۈرۈڭ ئەخمەت ئەپەندى، مەجلىس ئەھلى كۈتۈپ قالمىسۇن…

ئېلىخان بىلەن ئەخمەتجان مەجلىس زالىغا تەڭلا كىرىشتى. ھەممە جۇغى-جەم. ئېلىخان ھەمىشەمكى تونۇش چېھرلەرگە گويا بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك سىنلىق نەزەر تاشلاپ چىققاندىن كېيىن سۇنۇق ئاۋازدا:
– ھۆكۈمەتىمىز، يەنى مەسىلەن مۇبارەك ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەتىمىزنىڭ ئاخىرقى مەجلىسىگە ئىشتىراك ئېتىۋاتىسىلەركى، بۇ كۈندىن ئېتىبارەن مېنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپەمنى ئۆز بېشىمدىن ساقىت قىلىمەن…
ئېلىخان ئېغىر تىنىۋالدى. ئۇنىڭغا بۇ تەرىقە مەجبۇرىيەت تۈپەيلى زورغا زىكىر قىلىنىۋاتقان ھەر بىر ئىبارىنى قەيت قىلىش بەسىي مۈشكۈل، يۈرەكنى يېرىپ چىققاندەك قىينىلىش ئىدى. لېكىن ئۇ سۆزلىشى شەرت-تارىخىي تۇرغۇدىن، ئەمەلىي شارائىتنىڭ ھۆكۈمى شۇنى تەلەپ قىلاتتى. شۇڭا ئېلىخان چىشىنى چىشلەپ غەيرىتىگە ئالدى. زاتەن بۇ ئادەم ئېتىقادى كۈچلۈك غەيرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئىدىغۇ! مانا شۇ تاپتىمۇ ھېچبىر چارىسىز قالغان پەيتتىمۇ، ئەلەم ھەسرەتنى ئىچىگە سىڭىرىپ، غەيرىتىگە ئالدى ۋە ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئۆزى ئوقۇغاندەك سۆزىنى داۋام قىلدى:
– بىزنىڭ ئازاتلىق ئىنقىلابىمىز، مىسالى تاڭ چولپىنى كەبى يورىدىيۇ، ئۆچتىلەر… ئۆزىمىز تەسىس قىلغان دۆلىتىمىزنى ھەم ئۆز قولىمىز بىلەن دەپنە قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز…ھە، نەئىلاجكى شۇ قەدەمنى بېسىشقا ۋە ئىختىيارىي جىنايەتنى قىلىشقا مەجبۇرمىز… مەن تۈزۈلمىش «بىتىم»گە قارشى تۇرۇشقا چارەم يوقكى، ئۈشبۇ ۋەجىدىن سىلەرگە شۇ نەرسىنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، «بىتىم» ماددىلىرىغا رىئايە قىلىپ، تېنچلىق-خاتىرجەملىكنى ساقلىماقلىرىڭىز ۋە خۇسۇسەن سەبىر-تاقەت قىلىپ، شارائىتقا بېقىپ قەدەم تاشلىماقلىرىڭىز دەركار…
ئېلىخان بۇ قېتىم قىلمىش سۆزىنىڭ تەسىرى قانداق بولىدىكىن دېگەندەك مەجلىس ئەسھلىنى يەنە بىر كۆزدىن كەچۈردى. سامىلار جىم، قانداقتۇر خىجىللىق ئىچرە سۈكۈت قىلىشقاندەك كۆرۈنەتتى.

-ھېچكىمدىن،-داۋام قىلدى ئېلىخان- رەنجىدە ئەمەسمەن. پەقەت ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى، ئەمەلىي ۋەزىيەتنى ۋە خۇسۇسەن مۇناسىۋەت باغلىغان كىمسەلەرنى دۇرۇس چۈشىنىپ، توغرا باھالىيالمىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ھەم، سىلەرنى ھەم شۇ بۇ ھالەتكە گىرىپتار ئەتتىم، خالاس! ئاللاھ كەچۈرگەي…
-تۆرە ئاتىمىزغا خۇدا مەدەت بەرگەي!- زالدا بىر نەچچىلا ئادەم ئاۋاز قاتقاندەك بولدى، بۇرۇنقى ياڭراق ئالقىشلار نەگە كەتتىكىن؟…
-يېڭى تەسىس ئېتىلىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تەركىۋىگە بىز تاماندىن كۆرسىتىلگەن شەخسلەرنى قانداق قىلىسىزلەر ئۆز ئىختىيارىڭلاردا بولسۇنكى، لېكىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنى مۇئاۋىن رەئىسلىك لاۋازىمىغا تەيىن ئېتىلمەكىنى مەن چىن نىيىتىم بىلەن قوللايمەن…
بۇ قېتىم ئالقىشلار ياڭرىدى.
-ئەخمەت ئەپەندى پاراسەتلىك، ئەقىل-ئىدىراكلىق كىشى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىكى، بۇ كەبى دىيانەتلىك شەخستىن پەقەتكىنە ياخشىلىق كۈتۈش مۇمكىن. ئەمدى قالغان ئىشلار بولسا ئۆزلىرىڭلارنىڭ پېئىل-خۇلقىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر…

ئېلىخان تۆرەنىڭ تەڭقىسلىق ئىچرە سۆزلىگەن سۆزىدىن كېيىن زال ئىچىنى بىر نەچچە دەقىقە سۈكۈنات باستى. بۇ تەرىقە پۇشايمانلىق خوشلىشىشى ۋە ئەينى ۋاقتتا نەسىھەتكە مايىل ئىبارىلەرنى ھەر كىم ئۆز سالايىتىگە بولا قۇبۇل قىلىشقاندۇر. لېكىن ھېچكىم ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. ئاخىرى ئورنىدىن تۇرغان ئەخمەتجان مەجلىس ئەھلىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن سالماقلىق بىلەن سۆزىنى باشلىدى:
-ھۆرمەتلىك مەجلىس ئىشتىراكچىلىرى! مەن بىزنىڭ ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا سەككىز ئايدىن زىيادە داۋام قىلغان سۆھبەتنىڭ ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ تالاش-تارتىشلار ئىچرە ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئومۇمىي تەپسىلاتىنى قايتىلاپ تەكرارلىمايمەن. چۈنكى، سۆھبەت جەريانىدا نەچچە قېتىم غۇلجاغا قاتناپ، بۇ ھەقتە ئاخباراتلار بېرىلگەن، پىكىر-مۇلاھىزەلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلغان ئىدى. ئەمدى قىسقىچىلا شۇنى قەيت قىلىمەنكى، ئەگەر بىزلەر ئازاتلىق كۈرەشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا يۈزمۇ-يۇز تۇرۇپ قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمدىكىلتە يەنى ئىككىنچى باسقۇچتا-سىياسىي سۆھبەت جەريانىدا خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن ئەركىنلىك-دېموكراتىيە بابىدىكى ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىمىزنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن دائۇلى قانۇن قائىدە ئېتىشىپ، جىددىي بەس مۇنازىرەلەرنى قىلغان ھالدا قارشى تەرەپنىڭ تەھتىدىگە تەھدىت، مۇرەسسەچىلىكىگە مۇرەسسە، دىپلوماتىيەسىگە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولدۇق ۋە ئۇلارنىڭ بىزنى ھەر جەھەتتىن قامال قىلىشىغا يول قويماي، بويۇن بەرمەي لايىقىدا رەددىيە بەردۇق. راستىمنى ئېيتسام، قوراللىق ئۇتتۇرا جەڭدىن كۆرە سىياسىي دىپلوماتىك جەڭ ئىنتايىن نازۇك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆردۇق، چۈشەندۇق…

زالدا ئۆز ئارا غۇلغۇلا بولدى.
– دېمەك،-داۋام قىلدى ئەخمەتجان،-قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن لايىقىدا چەك باسقۇدەك، يەنى قايىل قىلغۇدەك جفۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن پەقەتكىنە ھازىرقى مەۋجۈت ئەمەلىيەتنىلا ئەمەس، تارىخىي جەرياننى، تارىخىي دەلىل-ئىسپاتلارنى، خىتاينىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە نىسبەتەن قوللىنىپ كەلگەن سىياسىي دىپلوماتىك نەيرەڭلىرىنى ۋە يەنە دۇنيا ۋەزىيىتىنى بىلىش-ئۆگىنىش تەلەپ قىلىندى. ھالبۇكى بىزلەر، ئۆتمۈشتە بۇ تەرىقە مۇرەككەپلىكنى باشتىن كەچۈرمىگەن، ھەتتا ساۋاتسىز ئىكەنلىكىمىزنى يوشۇرالمايمىزغۇ! دېمەكچىمەنكى، بۇ سىرلىق سۆھبەت بىز ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ئۆزىمىزنى تاۋلاش جەھەتتە مەكتەپ بولدى،-ئەخمەتجان سۆزلەيدىكەن گەرچە ھەر بىر ئۇچرىشىشتا كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش كەبى ئالىي مەسئۇلىيەتلىك ئىرادە مەھكەم بولىدىكەن، ئىزدىنىش ۋە ھىمايىلىنىش يولى تېپىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتتى.

-بىز،- دېدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-تېنچلىق بىتىم شەرتلىرىنى ئىمزالىدۇق. بۇنداق بولۇشى بىزنىڭ ياكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي غەرىزى ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ-شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى، خىتاي ۋەزىيىتى ۋە يەنە دۇنيا ۋەزىيىتى جەريانىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. ئەمدى، بىز ئۇتتۇرۇپ قويدۇقمۇ، ياكى ئۇتۇۋالدۇقمۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرسەك لايىق بولىدۇكى، ئەگەر تېنچلىق بىتىمىدە بەلگىلەنگەن ھەممىلا ماددالار تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن، دېمەك بىز ئۇتۇۋالغان بولىمىز. يەنى، دېموكراتىيە ۋە يەرلىك مۇختارىيەتنىڭ ئاساسىي شەكلى تەنتەنە قىلىنغان بولىدۇدە، ئالىي مۇختارىيەتنىڭ مەزمۇن ھۇلى سېلىنغان بولىدۇ ۋە ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولىمىز. مۇبادا بىتىم شەرتلىرى بۇزۇلۇپ، دېموكراتىيە دەپسەندە قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالەتتە ئىشلار مۇرەككەپلىشىدۇدە، ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارلىق ئىمكانىيىتىمىزنى سەرپ قىلىپ بىتىم شەرتلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز زۆرۈر. قىسقىسى: كۈرەش ئارقىلىق تېنچلىق ۋە دېموكراتىيە ئورنىتىمىز…

-بىز،-دېدى رەخىمجان سابىرھاجى ئەخمەتجاننىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا،-تۆنۈگۈنكى قەست-دۈشمىنىمىز بىلەن سۈلھىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس ئەتمەكچىمىز. بۇ ئەلۋەتتە ئاددىيلا ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا چارىمىز ھەم يوق. بىز بۇ سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، ئىمزا چېكىلگەن بىتىم شەرتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشىمىز ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك.
-تاتۇۋ بولغانىمىز جاقسى،-دېدىدە ئەخمەتجان بىلەن رەخىمجاننىڭ پىكرىگە تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى ۋەكىللەرنىڭ بىرى ئوبۇلخەيرى. يەنە بىر نەچچە كىشى ئىمزالانغان «بىتىم»نى تولۇق قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قارشى پىكىر چۈشمىدى. خاھ خالاشسۇن ۋە خالاشمىسۇن، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقلىقىغا ھەممىنىڭ كۆزى يەتتى ۋە بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىمۇ چۈشىنەتتىدە!

پەقەت ھۆكۈمەت تەركىۋىگە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ نامزاتلىرىغا دائىر ئوخشىمايدىغان پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئۆلكەلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرى 25 نەپەر بولۇپ، مەسئۇل لاۋازىملارغا ئىككى تەرەپتىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى ئۈچ ۋىلايەت -ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق ئىنقىلابىي رايونلاردىن سەككىز نەپەر، قالغان يەتتە ۋىلايەت-ئۈرۈمچى، قۇمۇل، قەشقەر، ئاقسۇ، قاراشەھەر، ياركەنت ۋە ىوتەن ۋىلايەتلىرنى يەتتە نەپەر، قالغان ئون نەپىرىنى مەركەز بىۋاتسە تەيىنلەيدۇ. مىللىي تەركىۋى: ئۇيغۇرلار يەتتە نەپەر، خەنزۇلار توققۇز نەپەر، قازاق ئۈچ نەپەر، تۇڭگان ئىككى نەپەر، ئۆزبېك بىر، قىرغىز بىز، تاتار بىر، موڭغۇل بىر نەپەر. بۇ نامزاتلار ئۈستىدە ئارتۇق يېرىم تالاش-تارتىش بولمىسىمۇ، بۇرھان شەھىدىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە كۆرسىتىلىشىگە قارشى چىققانلار بولدى. قارشى چىققۇچىلار: بورھان شەھىدى ياڭ زىڭشىن، جىڭ شۇرىن، شىڭ شىسەي، ۋۇجۇڭشىن قاتارلىق ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى ھۆكۈمدارلار دەۋرىدە ئوخشاشلا مەسئۇل لاۋازىملاردا ماسلىشىپ خىزمەت قىلغان، ئېنىق مەۋقەسى يوق، رەڭ تۈسىنى ئوڭايلا ئۆزگەرتىدىغان شەخس. ئىككىنچىدىن، مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىدە خوجانىياز ھاجى، سابىت داموللام، تۆمۈر خەلىپە ۋە ئىلى مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىغا يەڭ تۈرۈپ ئاۋاز قوشقان ئەمەس. ھەمىشەم بىر چەتتە پۇرسەت كۈتۈپ ماراپ ياتقان… دېگەنگە ئوخشاش ئەيبلەشلەرنى قەيت قىلىشتى. ئۈچىنچىدىن، ئونبەشمىڭغا يېقىن تاتاردىن بىر مۇئاۋىن رەئىس بولسۇنۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسىي كۆپچىلىك خەلقى ۋە زىمىن ئىگىلىرى، ھەمدە ھەر قېتىمقى قوراللىق قوزغىلاڭدا ئاممىۋىي قۇربان بولىدىغان ئۇيغۇر خەلقىدىن ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىس بولسا ئارتۇق كېتەمدىكەن، دېگەنگە ئوخشاش قەتئىي تەلەپلەرمۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى. پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بېسىش ئۈچۈن قايتىلاپ سۆز ئالغان ئەخمەتجان ئەسلى كېلىشىم بويىچە ئىككىنچى مۇئاۋىن رەئىس لاۋازىمىغا قەشقەرىيەدە نوپۇسى كەڭ ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم نامزات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ زات يېشىنىڭ چوڭلىقى ۋە ئاغرىقچانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، ئۈرۈمچىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئورنىغا بورھان شەھىدى كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى:

-بورھان بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك ئادەم. دېمەك، بىلىمى بار ۋە تەجرىبىلىك ئادەمنىڭ پايدىسى تېگىشى مۇقەررەر ھالەت. بىز ئىنسانىي تۇرغۇدىن كىم بولسا شۇ بولسۇن، خەلققە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئادەملەرنى تاللاپ، ئىش تاپشۇرالىساق ئىشىمىز روناق تېپىشى مۇمكىن. مىللەت ئايرىشنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان ئىكەنمىز. ئەمدىلىكتە مىللەت ئايرىمىچىلىقىغا قەتئىي خاتىمە بېرىشىمىز زۆرۈر،-دېگەن مەزمۇندا ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. ئەخمەتجاننىڭ ئىزاھىدىن كېيىن بورھاننىڭ نامزاتىغا قارشىلىق بولمىدى.

ئەمدى سەيپىدىن ئەزىزوۋنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن يەتتە نەپەر نامزات تەركىۋىدە ھۆكۈمەت تەركىۋىگە كىرىشى ھەققىدىمۇ خېلى قارىمۇ-قارشى پىكىرلەر (مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا) بولغان. خۇسۇسەن ئېلىخان تۆرە :«مېنىڭچە ئۇ كىمسە ئىرادىسىز ئادەم. ئىنقىلابىي ئىشلار باشلانغاندا ئۆيلىرىگە بىكىنىپ ئالغان كىمسەگە بەتەھقىق ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ ئەينىقىسە خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەش جەريانىدا بۇنداق ناتايىن كىمسەلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغىلى بولارمۇ؟ ھەي، شۇ ئابباسوۋ…بۇ بىر يۇتلۇقىنى ئارقىغا سېلىۋالغاندە…»دەپ ئەخمەتجانغا بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەخمەتجان بولسا سەيپىدىننىڭ ئاتىسى تاشاخۇنۇم قەشقەرىيەدە نوپۇزلۇق شەخس بولغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك يەتتە ۋىلايەتكە قارىتا كۆڭۈل بۆلۈنۈشى لازىملىقى ۋە بۇنداق شارائىتتا يەرلىق خەلق بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتتە ئۆز يېرىدىن يېتىشىپ چىققان زىيالىيلارنى نۇقتىلىق لاۋازىملارغا جەلب قىلىش زۆرۈرلىكىنى ئالغا سۈرگەن ھالدا سەيپىدىننىڭ نامزاتلىقىنى قوللىغان ۋە ئېلىخاننى زورغا قايىل قىلغان. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئېلىخان سەيپىدىن توغۇرلۇق ئۆز پىكرىنى مەجلىستە ئوچۇق قويمىغان ئىدى. مەسىلەنىڭ كۆپ قىسىمىنى مىللىي ئارمىيە مەسىلەسى: ئۇنىڭ «بىتىم» بويىچە سانى، ئورۇنلىشىش جايلىرى ئۈستىدە پىكىرلەر ئېيتىلدى.

-بىزنىڭ ئالتە پولكتىن (ئۈچى ئاتلىق پولك) ئىبارەت مىللىي قوشۇنىمىز ساقلىنىپ، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ نۇقتىلىق جايلىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قەشقەر، ئۈرۈمچىلەردە «مىللىي قوغدىنىش» پولكلىرى تەشكىللىنىپ، يەرلىك خەلقتىن سەپلىنىىدۇ. شىنجاڭ ئۆلكىسى بويىچە قوغدىنىش قوماندانىنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ گېنېرال لېتىنانت ئىسھاقبەك تەيىن ئېتىلىدۇ،-دېگەن مەزمۇندا قوشۇمچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ئەخمەتجان.

شۇ كۈنکی مەجلىستە كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىمۇ قارالدى. ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىگە ھېكىمبەگ غوجا، باشباي، ئوسمان باتۇرلار يېڭىدىن ۋالىي بولۇپ بەلگىلەندى. ئەسلىدە ئېلىخان تۆرىنى ئىلى ۋالىيسى قىلىش مەسلىھەتى بولغانۇ، لېكىن رەئىسلىكتىن بىراقلا تۆۋەنلەپ، ۋالىي بولۇش ئۇنىڭغىمۇ ئومۇمىيەتكىمۇ قولايسىز بولغانلىقتىن يېپىق بويىچە قېلىپ، ئېلىخان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت-رىياسەت ئەزالىقىغا تەيىن تاپقان بولدى. لېكىن، ئېلىخان تۆرە ھاياتى ۋە پائالىيىتىدىكى بۇ تەرىقە كەسكىن‏ ئۆزگىرىشلەرگە قانداقتۇ بىپەرۋالىق بىلەن ھەممىنى تەرك ئەتكەندەك بىر ئۆزگىچە ھالەت ئىچرە مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدى. شۇ كۈنكى ھۆكۈمەت مەجلىسىگە ئىشتىراك ئەتكەن ھېكىمبەگ خوجا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلماي ئولتۇردى. ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىر-تەكلىپلەرگە نه ئېتىراز ۋە نه ئېتىراپ بىلدۈرمىدى. ھەتتا ئۇنى ئىلى ۋالىيلىقىغا بەلگىلىگەندىمۇ ئەپتىنى ئۆزگەرتمەي،  جىمجىت ئولتۇرغىنىچە سۈكۈت قىلدى. بەلكىم بۇ خوجىغا سادىر بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر گويا بىر ئويۇنچۇق مىسالى كۆرۈنگەندۇر، ياكى «بىتىم»نىڭ‏ ئاقىۋەتلىرىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندۇر. ھەر ھالدا ئىنقىلابىي ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇناسىۋەتتە بولسا، بىتىم شەرتلىرىگە شۇنداقلا مۇناسىۋەتته بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

… شۇ كۈنىلا ئۈچ ۋىلايەتتىن توپلانغان مۇناسىۋەتلىك زىيالىيلارنى باش قوشقان چوڭ يىغىندا تەپسىلىي مەرۇزە بىلەن سۆزگە چىققان ئەخمەتجان قاسىمى: «نېمە ئۇچۇن ئىنقىلاب قىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن سۈلھى بىلەن ئون بىر ماددىلىق <بىتىم> ئىمزالىدۇق؟ ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» ‏ دېگەن ئۇچ ماۋزۇدا كەڭ توختالدى.

– بىز،- دېدى ئۆز مەرۇزىسىنى خۇلاسلەپ ئەخمەتجان،- مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، مىللىي ئەركىلنىكىمىزنى تەمىنلەش ئۈچۈن، ۋە يەنە ئاخىرقى ھېسابتا ئازات، مۇستەقىل، گۇللەنگەن خەلقچىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىتقىلاب قىلغان ئىدۇق. ئاقىۋەت ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇچ ۋىلايىتىنى ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلایەتلىرىنى تولۇق ئازات قىلىپ، مىللىي ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاساسىنىمۇ قۇرغان ھالدا، قالغان يەنە يەتتە مەمۇرىي ۋىلايەتلەرنى ئازات قىلىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنىمۇ ھازىرلىغان ئىدۇق. دېمەك، بىزلەر قوراللىق جەڭ قىلىشنىمۇ، دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىز-قابىلىيىتىمىز بارالىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئىدۇق. ئەخمەتجان سۆز نۇقتىسى مۇشۇ يەرگە تاقالغاندا توختاپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا نەزەر تاشلىدى-دە، سۆز تاللىماقچىدەك سەل تىنىۋالدى ۋە ئاندىن داۋام قىلدى:

– ئەپسۇسكى دۇنيا ۋە زىيىتى ۋە شۇ تۇپەيلى بىزنى قوللىغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيەسى، ئۆزگۈرۈشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ شەرت-شارائىتلىرىمىزغا بولا قوراللىق كۈرەشنى توختىتىپ، قارشى تەرەپ بىلەن سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق… ئوچۇقىتى تەكىتلەش زۆرۈركى، بىزنىڭ بۇقەدەم ھەرگىزمۇ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇش، ئازاتلىق بايرىقىنى يېرىم يولغا تاشلىغانلىق ئەمەس. بەلکى، مەقسەتلىك – ئىسىتراتېگىيەلىك چېكىنىشتىن ئىبارەت! بىز گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇٌستەقىل دۆلەت ئىقتىدارى ئاساسىدا ۋەكىللىك سالاھىيىتىمىز بىلەن سۈلھى ئۈستىلىدە قاتار ئولتۇرۇپ، سۆھبەت ئېلىپ باردۇق ۋە ئاخىرى ئون بىر ماددىلىق تېنىچلىق بىتىمنى ئىمزالىدۇق. خۇلاسە: ئىنقىلابىي نىشانغا يەتمەك ئۈچۈن ئىككىنچى باسقۇچ يولنى- تېنچلىق-دېموكراتىيە يولىنى تاللىۋالدۇق. بۇ دېمەك، ئىنقىلابتىن چېكىنىش ئەمەس، بەلكى سىياسىي كۈرەش ئارقىلىق ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرقى نىشانغا يېتىش دېمەكتۇر… شۇنداق ئىكەن مەن ھەر بىرىڭلارنى ئاڭلىق رەۋىشتە بىتىم شەرتلىرىنى ئېغىشماي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ سەرپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئەخمەتجان نۇتقىدىن كېيىن كۆپلىگەن سوئال-سوراقلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ، بىتىمگە تىسبەتەن ھەر خىل پەرەز-تەخمىنلەر، چۇشەنمەسلىكلەرنى ئېنىق يېشىپ بېرىش ئارقىلىق کادىر زىيالىيلارنى قانائەتلەندۈردى. ئالتاي، تارباغاتاي ۋە ھەربىي قىسىملاردىن كەلگەنلەر ئەخمەتجاننىڭ مەرۇزىسىنى قوللاپ سۆزگە چىقىشلار بولدى- ئەخمەتجانغا ئىشەندى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېغىشماي ئىشلەشكه تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سەمىمىي ئىزھار قىلىشتى…

ئەتىسى ئايرودرومغا ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈرۈمچىگە بېرىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان بىر توپ كادىرلارنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئىدارە-جەمىيەت خادىملىرى چىقىشتى. سامالىيوتقا ئولتۇرۇش ئالدىدا ئۈرۈمچىگە بارغۇچىلارنى بىر بۆلۈمگە توپلىغان ئەخمەتجان ئۇلارغا بىر نەچچە ئېغىزلا، لېكىن چوڭقۇر مەزمۇزلۇق سۆز قىلدى.

– سىزلەر سىناقتىن ئۆتكەن كادرلىرىمىز. ئۈرۈمچىگە بارغاندا قانداق ئىشلەش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىغىڭلارغا ئىشىنىمەن. شۇڭلاشقا تەكرار چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. شۇ نەرسىنىلا ئېسىڭلارغا سېلىپ قوياي:«مەگويى مەنى، ئوز ئەندەزە بېرۇن، ۋە ئوز ئەندەزە كەم»› يەنى «قېلىپتىن ئارتۇقمۇ سۆزلىمە، ۋە قېلىپتىن كاممۇ سۆزلىمە». تاجىكلارنىڭ موشۇ ھېكمەتلىك تەمسىلى ئېسىڭلاردا بولسۇن.

 

مەنبە: قازاقستان ئۇيغۇرلىرى «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ 1993-يىل 10-ئىيۇل سانىغا بېسىلغان

مۇناسىۋەتلىك يازما: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز

ئۇلانما: https://www.akademiye.org/ug/?p=14856

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top