You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەينەك، مەن ۋە باشقىلار

ئەينەك، مەن ۋە باشقىلار

ئەينەك، مەن ۋە باشقىلار

(خاتىرىلەر)

ئابدۇرېشىت ئېلى

مەن نەگە بارىمەن

ھاۋا ئاۋۋالقى ھەپتىنى ئەسلىتەتتى. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ سىرتقا چىقتىم. نېرىراقتا خوشنىمىزنىڭ كىچىك قىزى تىترەپ تۇرۇپ بىر توپ ئاداشلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. ئۇ مىنى كۆرۈپ ۋاقىردى:
– ئارمان قېنى؟
– ئۇخلاۋاتىدۇ،- بۇ سۆزنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن. «ئۇ ئەمدى نىمە دەپ ئويلاپ قالار»، قىسقا خىيالىمنى ئۇنىڭ چۆچۈك ئاۋازى يەنە بۆلدى.
– تاڭ ئاتسىمۇ ئوخلاۋاتامدۇ؟
– سوغۇقتا توڭلىمىسۇن دەپ ئويغاتمىدىم.
– ئۇغۇل بالا دىگەنمۇ سوغۇقتىن قورقامدۇ؟
– …
ئۇنىڭ كىيىنكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرمىدىم. جاۋاپ بىرىشنى خالىمىدىممۇ ياكى دەل شۇ ئارىلىقتا تېلېفۇنۇم سايراپ قېلىپ جاۋاپ بىرىش ئىمكانىيىتى بولمىدىمۇ ئشقىلىپ جاۋاپ بەرمىدىم.
چوڭ يولغا چىقىپ غۇيۇلداپ ئۆتۈۋاتقان كىچىك ماشىنىلارغا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالدىم. «راست، مەن نەگە بارماقچى؟». ئوڭ قۇلۇمدىكى جاراھەتلەنگەن بارماق «پىژ-پىژ» ئېچىشاتتى. بىر تال تاماكا ئېلىپ يانچۇقلىرىمنى ئاختۇردۇم، سەرەڭگە يوق. قاق سەھەردە يۈز بەرگەن بۇ كىلىشمەسلىك ئەرۋاھىمنى ئۇچۇردى. «ئەتتىگەندە كەينىگە يېنىش ياخشى ئەمەس، مېڭىۋىرەي. راست، مەن نەگە بارىمەن؟…»
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!-بۇ تام خوشنامنىڭ ئاۋازى ئىدى.
– ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-ئۇنىڭ سالىمىنى خۇددى خىيالىمدىكى بىرىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاندەك ئىلىك ئالدىم. ئۇنىڭ سالام بىرىۋاتقاندىكى ئاۋازى مىنىڭ خىياللىرىمنى ھېچ بۆلەلمەيۋاتاتتى… شۇ ئارىدا تېلېفۇنۇم يەنە سايرىدى.
– نەگە ماڭدىڭىز؟
ئېھتىمال ئەمدى ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىشىم كىرەك.
ساراڭ بولدىڭىزمۇ
خاتىرەم شۇ پېتى تاشلىنىپ قالغىلى مانا بۈگۈن توپتوغرا تۆت كۈن بوپتۇ. بۇ تۆت كۈن خۇددى ھاردۇق چىقمىغان كېچىدەك شۇنداق تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. گەرچە مەن بۇ تۆت كۈن ئىچىدە بىردەممۇ تېنىم تاپمىغان بولساممۇ لېكىن كۆڭلۈم زادىلا خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئويلاپ باقسام، ئۆزۈم ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلماپتىمەن. بىر تۇرۇپ كۈلگۈم، بىر تۇرۇپ يىغلىغۇم كىلەتتى… ئەپسۇس مەن يىغلىسام نىمىگە يىغلايمەن، ئەگەر كۈلسەمچۇ؟! كۈلكە ۋە يىغىنىڭمۇ بىرەر سەۋەبى بولىدىغۇ، ئاخىر… تېلېفۇنۇم تويۇقسىز سايراپ كەتتى، ئويلىرىم يەنە چېچىلدى:
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،- قارشى تەرەپ زۇۋان سۈرمىدى.
– سىز كىم؟ مەندە نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟- تېلېفۇندىن گاھ دەريا سۈيىنىڭ شاقىرشىدەك، گاھ، كىمدۇر بىرلىرىنىڭ تۈندىكى پىچىرلىشىدەك غۇۋا ۋە يوچۇن ئاۋاز ئاڭلىناتتى.
– ئىشىڭىز بولسا يەنە تېلېفۇن ئالارسىز، خوش، ئەمىسە،-تېلېفۇننى قويىۋەتتىم. تېلېفۇننى قويىۋەتتىم-يۇ، بىر گۈزەل ھاياجان ۋۇجۇدۇمغا يامرىدى…
خىياللىرىمنى يەنە ئۇلىماقچى بولدۇم …مەن نىمىشقا ھەممىگە سەۋەپ ئىزدەپلا يۈرۈيمەن؟ … دۇنياغا مەشھۇر ئەشۇ بىنامۇ يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، بىر توپ كىشى يەنە ۋەتەنسىز قالدىغۇ! ۋەتەن!… ۋەتەن زادى نىمە؟ ئۇ، ئوۋچىلار قارىغا ئالغان قۇشمۇ ياكى ئوغلۇم ئەتتىگەن ئەمچەك ئىزدەپ چېقىۋەتكەن ئەينەكمۇ؟!
– ۋۇي، تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن! – بۇ، ئايالىمنىڭ مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىسسىق ئاۋازى ئىدى،- نىمانداق تۈگۈمەيدىغان خىيال ئۇ؟ قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى، ماگزىنىلارنى تاقىۋېتىپ بولغۇچە دەرھال بىر تال ئەينەك تېپىپ كىلىڭ!
– قىزىقكەنسىز، ۋەتەن دىگەننى چېقىۋېتىپ، يېڭىدىن سېتىۋالغىلى بۇلامدۇ؟
– ساراڭ بولدىڭىزمۇ! مەن سىزگە ئەينەكنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمەن، ئەينەكنىڭ!
– ئەينەك…

ئوغۇل بالا دىگەن مۇنداق بولمامدۇ

بۈگۈن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم خاتىرجەم، كېچە سائەت 12 بولاي دەپ قالسىمۇ ھېچ ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس. بەلكىم چوڭ ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىنى قىلىۋالغىنىم ئۈچۈن خاتىرجەمدۇرمەن. گەرچە سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزۈش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنە بولمىسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈش ۋە سۈننەت تويىغا بېرىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
تويۇقسىز كۆرۈشمىگىلى نۇرغۇن يىللار بولغان بىر دوستۇمنى ئەسلەپ قالدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مەن ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرگەن ئىدى. ئارىدا نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى، مەن بالىلىق بولدۇم، ئىشسىز قالدىم، يەنە… ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىن تېلېفۇندا بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ قويۇشۇم زۆرۈردەك قىلاتتى. بەلكىم، بۇ مىنىڭ ھازىرقى خاتىرجەملىكىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۇزارتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇھەممەتئېلى بارمۇ؟
– مۇھەممەتئېلى؟ – قارشى تەرەپ ھەيران قالدى،- خاتا ئورۇپسىز، بۇ يەردە ئۇنداق ئادەم يوق!
– خاتا ئۇرۇپسىز؟…-تېلېفۇننى قانچىلىك تۇتۇپ تۇرغىنىم ئېسىمدە يوق. بىر چاغدا «تىت، تىت، تىت…» قىلغان زىرىكىشلىك ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم.
– ۋۇي، نىمە بولدى؟ تېلېفۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ؟- بۇ ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى ياماپ ئولتۇرغان ئايالىمنىڭ ئاۋازى ئىدى،-ئۇخلاپ قالمىغانسىز؟- مەن ئۇنىڭدىن ھېچنىمىنى ئاڭلىمغاندەك سورىدىم:
– سائەت نەچچە بولغاندۇ؟
– بايا سورىسام 12 بولدى دەۋاتمامتىڭىز؟ سائەت ئۆزىڭىزدە تۇرۇپ مەندىن سورىغىنىڭىز نىمىسى؟ مۇشۇ كۈنلەردە نىمە بولۇپ كىتىۋاتىسىز-ھە؟!
ئايالىمغا جاۋاپ بەرمىدىم، ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ سورىغانلىرى سۇئال ئەمەس ئىدى … تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم: سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سورىشىم ۋە تېلېفۇننى تۇتۇپ تۇرىشىم ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس،چۈنكى بىز بىر قارىسا سۇئالدەك، بىر قارىسا سۇئال ئەمەستەك گەپلەرگە ئاللىقاچان كۈنۈپ كەتكەن…توغرا، مەن ئۇنىڭغا ئەينەك ئېلىپ بىرەلمىدىم، ئەينەك ئېلىشقا پۇل يوقمۇ ياكى ئەينەك بار ماگزىنغا بارغۇدەك رەغدىم يوقمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭغا ئەينەك ئېلىپ بىرەلمىدىم.
– بولۇڭ، ئۇخلايلى،بىر كۈن مىھمان كۈتۈپ ھالىمزدىن كەتتۇق،-دىدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن،-ئەمدى تولا سەۋەپ كۆرسەتمەي ئەتىلا ئەينەكتىن بىرنى تېپىپ بىرىڭ، باشقىلارنىڭ بولسىمۇ مەيلى.
– قېنى، ئەتە بولۇپ باقسۇن،-بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن، ئەمدى ئىش چاتاق دىدىم ئىچىمدە.
– ما گىپىڭىز بولىدۇ،- دىدى ئۇ بوينۇمغا گىرە سېلىپ،- ئوغۇل بالا دىگەن مۇنداق بولمامدۇ!
يېرىڭنى ماڭا بىرەمسەن
بۈگۈن تۇرۇپلا بەزى بىر مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باققۇم كىلىپ قالدى. چۈنكى بىزدىكى نۇرغۇن ئۇقۇملار ئاللىقاچان كونىراپ كەتكەن ئىدى.
-ئىتىقاد،- دىدىم مەن بىر خىل ئېغىر خىيال ئىچىدە،-ئۇ ئەلمىساقتىن بىرى ئۆز مەنىسىنى تاپالماي كەلگەن ئۇقۇملارنىڭ بىرى، دىمەك ئىشنى مۇشۇنىڭدىن باشلىغاندىلا ئاندىن بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولىشى مۇمكىن.
ئىتىقاد توغرىىسىدىكى مۇلاھىزەمنى باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بىرەي: قەدىمقى زامانمۇ مۇشۇ زامانمۇ، ئەيتاۋۇر ماڭا ھېكايە سۆزلەپ بەرگۈچى بۇنى ئىنىق ئېيتمىغان، ئشقىلىپ بىر كىشى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ئېتىز يىرىدىن باشقا نە ئۆيى، نە بالىلىرى يوقكەن. بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
– ھوي بۇرادەر، قۇرسىقىڭ ئاچتىمۇ؟
– ئاچتى،- دەپتۇ ئۇ بىر خىل سەمىمىيلىك بىلەن.
– مە، بۇنى يە -، دەپتۇ ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا بىر پارچە نان سۇنۇپ،- لېكىن بىر شەرتىم بار. بۇنىڭغا كۈنەرسەنمىكىن؟
– قانداق شەرت ئۇ؟ قۇرساق تويىدىغان ئىش بولسا، ھېلىغۇ بىر شەرتكەن مىڭ شەرت بولسىمۇ كۈنىمەن.
– ھېلىقى بىر ئېتىز يىرىڭنى ماڭا بىرەمسەن؟
– …
– سەن ئۇ بىر پارچە يىرىڭنى ماڭا بەرسەڭ، مەن ساڭا ھەر كۈنى نان بىرىمەن… ئەگەر ئەقلىڭ بولسا بۇ شەرتىمگە كۆنىسەن، قانداق؟!
ھېلىقى كىشى ئويلىنىپ قاپتۇ: راست، بۇ يۈكتىن قۇتۇلسام ياخشى ئەمەسمۇ، ئۇنى جاپا تارتىپ تېرىشتىكى مەخسەتمۇ قۇرساق تويغۇزۇش تۇرسا…
– ماقۇل،- دەپتۇ ئۇ بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن بىر خىل خاتىرجەملىك ئىچىدە،- يىرىمنى ساڭا بىرەي.
شۇندىن بىرى ئۇ كىشى يىرىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. ھېلىقى باي بەرسە يەپتۇ، بەرمىسە ئۇنىڭ قۇلىغا تەلمۈرۈپ، خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپتۇ.
«ئىتىقاد ئادەمنىڭ ئىختىيارىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالسا كائىناتتىكى ھەممە نەرسە قىممىتىنى يوقىتىدۇ» دىگەن ئىدى ماڭا ھېكايە سۆزلەپ بەرگۈچى ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇنى بىۋاستە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىكەن، دىمىسىمۇ ئۇنىڭ يارداڭدەك چىرايى، بۇران سوققان سەرسان ياپراقتەك تېنى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. تويۇقسىز ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى – يۇ، ھايال ئۆتمەي غايەت زور نەپرەت بۇخىل تۇيغۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.
– ۋۇي، تېلېفۇنىڭىز سايراپ كەتتى،- دىدى كىچىك ئوغلۇمنى ئىمىتىپ ئولتۇرغان ئايالىم،- يېنىڭىزغا ئېسىۋالغان نەرسىنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمىغۇدەك بولۇپ كەتتىڭىزمۇ، يۈرۈڭ، دۇختۇرغا بارايلى.
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىم بولىسىزكىن؟
– مىنىڭ كىملىكىم مۇھىم ئەمەس،- دەپ گىپىنى باشلىدى تېلېغۇن ئالغۇچى،- ئۆينى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بىكارلاپ بىرىڭ، ھە، يەنە بىر ئىشنى قوشۇپ قۇياي،- دىدى ئۇ ئاۋازىغا سۈلكەت يۈگۈرتۈپ،- ھېلىقى ئىككى ئايلىق ئىجارىنىمۇ تەييارلاپ قۇيارسىز.
– بۇ … كىلەر ھەپتە بولسا قانداق،- دىدىممەن تەسادىبىيلق ھىس قىلىپ.
– بولمايدۇ! – ئۇنىڭ «بولمايدۇ» دەۋاتقاندىكى ئاۋازى قاپقارا خەنجەردەك مىڭەمگە سانچىلىپ ئۆتتى،- مىنىڭ ئۆيۈمدە ئولتۇرىۋاتقىنىڭىز ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن!
– كىمكەن ئۇ؟
– ۋۇي، بالىغا قاراڭ!
– ئاپلا، ما شۇم ئەينەككە قارا سىياھ تۆكۈپتۇ ئەمەسمۇ.
بالام سىياھ تۆككەن ئەينەكنى مەن خوشنىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ ئەينەكنىڭ كىچىك بىر پارچىسى بولسىمۇ ئايالىم ھەر ھالدا ئەينىكى بولغىنىدىن خوش ئىدى.

ئوبۇلقاسىمنىڭ ھېكايىسى

بۈگۈن كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان دوستۇم ئۇبۇلقاسىم بىلەن دىدارلىشىپ قالدىم، ئۇنى تونىيالمىغىلى تاس قاپتىمەن، «بۈ سەنمۇ؟» دەپتىمەن ھەيرانلىق ئىچىدە. ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بىرىشىچە بىز كۆرۈشمىگەن ئەشۇ يىللاردا ئۇ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپتۇ. ئايالىنىڭ ئىسمى خانسايىپخان بولۇپ ناھايىتى نامرات بىر ئائىلىنىڭ قىزى بولغىنىغا قارىماي تۇلىمۇ چىرايلىق ئىكەن. دوستۇم خانسايىپخان بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلىش جەريانىنى سۆزلىگەندە «نادانلىقمدىن كەتتى» دەپ ئۇلۇغ – كىچىك تېندى. كىمنىڭمۇ چىرايلىق قىزغا ئۆيلەنگىسى يوق دەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇلۇم – خوشنىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ دەۋىتىگە كۆنمەي بۇلامدۇ!
توي قىلىپ ئارىدىن بىرەر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇ ئۆيگە ئىككى ياشلارغا كىرگەن بىر بالىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. «ئىلگىركى ئىرىمدىن بولغان بالا ئىدى، سىزدىن قورقۇپ دىمىگەن ئىدىم» دەپتۇ خانسايىپخان ھازىرقى ئىرى ئۇبۇلقاسىمنىڭ «كىمنىڭ بالىسى بۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا تىترەپ تۇرۇپ. ئەمدى ئۇ «خوتۇنۇم ئىلگىرى ئەرگە تىگىپ بىر بالىلىق بوپتىكەن» دىيەلىسۇنمۇ؟ بىچارە ئامالسىز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئوبۇلقاسىم گەرچە كادىر بولالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، چىۋەرلىكى بىلەن سودا – سېتىقتا باش كۆتۈرۈپ ئەلە – مەلىگە تونۇلغان ئىدى. چاقىرسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار تەندۇرۇس بىر ئەركەك ئۈچۈن ئابروي ۋە نومۇس ئەڭ مۇھىم – دە! كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ ھەش – پەش دىگۈچە ئۇلار بەش يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ، ئىلگىركى يۇۋاش – ئىشچان خانسايىپخان ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. كوچا – كويلاردا «خانسايىپخاننىڭ باشقا ئەردىن بولغان ئۈچ بالىسى باركەن، ئوبۇلقاسىم بۇنى بىلمەيدىكەن، ھەي…» دىگەن گەپ – سۆزلەر تارقىلىپتۇ.
بىر كۈنى ئوبۇلقاسىم سودا – سېتىقتىن ھېرىپ ئۆيىگە كەلسە تۆردە ئۈچ بالا ئولتۇرغۇدەك. بالىلار ئوبۇلقاسىمدىن تەپتارتماقتا يوق ئاپىسىدىن سۇراپتۇ:
– ئاپا، بۇ كىم بولىدۇ؟
خانسايىپخان جاۋاپ بىرىپ بولغۇچە ئوبۇلقاسىمنىڭ تاقەت قاچىسى چېقىلىپتۇ:
– ئاناڭنىڭ ئىرى بولىمەن،- دەپتۇ ئۇ دەرغەزەپ بولۇپ،- يۇقۇلۇش شۇملار، نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كىتىش!
ئەزەلدىن ئايال كىشىگە قول تەگكۈزۈشنى نۇمۇس بىلىدىغان بۇ دوستۇم ئاچچىقىغا پايلىماي خوتۇنىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ قويۇپتۇ. ھازىرقىدەك «ئاياللار ئەركىنلىكى تەكىتلىنىۋاتقان، ئەر – ئايال ھوقۇقتا باپ باراۋەر» جەمئىيەتتە ئايال كىشىنى ئۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولاتتىمۇ، يەنە كىلىپ ئايال بولغۇچى ئەرز قىلسا تېخمۇ چاتاق – تە! خانسايىپخان ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدىغان ئايال بولغاچقا دوستۇمنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىپتۇ. بىچارە ئامالسىز گۇناھنى گەدەنگە ئېلىپ جىرىمانە تۆلەپ قۇتۇلۇپتۇ. لېكىن دوستۇمنىڭ ئاجرىشىش تەلىپى بولسا چىرايلىق رەت قىلىنىپتۇ. ئايال بولغۇچى «بالىمىز بار ئاجراشمايمەن» دەپ تۇرسا سوت نىمە قىلالايدۇ دەيسىز! چۈنكى بۇ بىچارە نۇمۇس قىلىپ ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلىيالمىغان ئىكەن.
شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇبۇلقاسىم سودا – سېتىقتىن قول ئۈزۈپ، كۈن بۇيى ھاراق ئىچىپ يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. تاپقان – تەرگىنىمۇ تۈگەپتۇ.
-ئاداش بۇ ئىشىڭ بولماپتۇ،- دىدىممەن ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ،- بىر ئوبدان ئىشنى تاشلاپ ھاراق ئىچىپ يۈرسەڭ سىلەرنى كىم باقىدۇ؟ سەۋر قىل!
– سەنمۇ شۇنداق دەمسەن،- دىدى ئۇ ياپراقتەك تىترەپ ۋە كەينىگە بۇرۇپلا قوشوپ قويدى،- مىنىڭ دوستۇم تۈگەپتۇ! خوش!!!
ئۇبۇلقاسىم كەتتى، توسقىنىمغىمۇ، كەچۈرۈم سورىغىنىمغىمۇ قارىماي كەتتى. نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بىردىنلا بىئارام بولۇپ ئىچ – ئىچىمدىن بىر يىغا ئۆرلىدى. بۇ ئۇنىڭغا بولغان ئىچ ئاغرىقمۇ ياكى ئۇ كۈتكەن مەسلىھەتنى بىرەلمىگەنلىكىمنىڭ پۇشايمىنىمۇ ۋە ياكى…
ئىشتىن كىلىپ ئايالىمنىڭ ئىسسىق تامىقىنى يەپ بولۇپلا يوتقانغا كىرىۋالدىم. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئايالىمنىڭ ئەينەك غەلۋىسىدىن، تېلېفۇننىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن قۇتۇلغىلى بولاتتى، لېكىن بىچارە دوستۇم ئوبۇلقاسىم خىيالىمغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئۇيقۇم كەلمىدى. «توۋا!» دەيتتىم ئۆز – ئۆزۈمگە، شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىر دوستۇمنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان قىسمەتنى بىلمەي يۈرگىنىم نىمىسى؟ ئېھتىمال بىر مەزگىللىك ئارىلىقمىزنىڭ يىراق بوپ قىلىشى بۇنىڭ بىردىن – بىر سەۋەبىدۇر، بىزدەك سەۋەبنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئۇلۇغ تەسەللى يوق.

چۆل بۇلبۇلى

دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىۋاتاتتىم: ئۇدۇلۇمدىكى سۈگەت تۈۋىدە بىر قىز كىمنىڭدۇر بوينىغا ئېسىلىپ بوزلىماقتا، ھېلىقى يوچۇن ئەركەك (پەرىزىم) بولسا قولىدا بىر سىقىم خەتنى تۇتقىنىچە كۆككە باقماقتا ئىدى… يان تەرەپتىكى گۈللۈكتە ئىسسىقتىن سۇلاشقان گۈل يوپۇرماقلىرى گۇيا دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا ھاياتلىق قالمىغاندەك جىملىقنىڭ ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ چوڭقۇر بەھرىدىن ھوزۇرلانماقتا ئىدى… رىشاتكا سىرتىدىكى قەدىمىي يولدىن بىر ساقچى ماشىنىسى ئەنسىز سىگنال بىرىپ ئۆتتى، ماشىنىنىڭ رەڭگى قىزىلدەك كۆرۈندى – يۇ، ھايالشىمايلا ھەرخىل رەڭ بىرىكىپ، كۆز ئالدىم مەنىسىز گىرىمسەنلىككە ئايلاندى…
– نەگە قاراپ كەتتىڭىز؟ – خىزمەتدىشىم خىيالىمنى بۆلدى.
– ھېچنەگە ،- ئۇنىڭغا سوغۇقلا جاۋاپ بەردىم.
– بۇنى تونۇمسىز ،- ئۇ بىر پارچە خىزمەت كېنىشكىسىنى سۇندى ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
روھىم سىلكىندى… خىزمەت كېنىشكىسىدىكى سۈرەت باشقا بىرى ئەمەس دەل ماڭا ئەزەلدىن بەختنى ھىس قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان قىز ئىدى… لېكىن ئۇنىڭغا لايىقىدا جاۋاپ بىرىشىم كىرەك ئىدى.
– بۇ كېنىشكە قانداقسىگە سىزنىڭ قولىڭىزغا چۈشۈپ قالدى؟- مەنمۇ ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قىياپەتتە تىكىلدىم.
– بىزنىڭ دۇكاننىڭ يېنىدا بىر ئەخلەت دۈۋىسى بار ئىدى. تۈنۈگۈن ئىشتىن يېنىپ ئۆيگە كىتىۋاتسام ھېلىقى ئەخلەت دۈۋىسى ئەتراپىدا بىر توپ بالىلار ھە – دەپ بىر نەرسىنى تالىشىۋېتىپتۇ، بېرىپ قارىسام تالىشىۋاتقىنى مۇشۇ كېنىشكىكەن، «بۇ ئىشىڭلار بولماپتۇ،- دىدىم بالىلارغا چىرايىمنى تۈرۈپ ،- بۇ دىگەن كىم بىلەمسىلەر؟ بولۇڭلار، كېنىشكىنى ماڭا بىرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار». بالىلار خۇددى بىر يامان ئىش قىلىپ قويغاندەك ئالدىراپ ھەر تەرەپلەرگە كىتىشتى. بالىلار كىتىپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئىشىمدىن كۈلدۈم… ،- ئۇ بىر تال تاماكىغا ئوت ياقتى ،- نىمە، ئۇنى تونۇمسىز؟
– تونۇيمەن!
– ۋاھ، ئەۋلىيادەك ئىش قىپتىمەن ئەمەسمۇ… كاساپەت… كۆزىڭىز باركەن… ئۇنىڭ بىلەن قاچان تونۇشقان؟
ئۇ سۇئالىنىڭ جاۋاپسىز قالىدىغانلىقىنى پەملەپ يوقلىمىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
بىر پەس ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن كىيىن ئىشخانا يەنە جىمىدى… ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە يىل شۇنداق ياخشى ئۆتۈپمۇ ئۇنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. گەرچە ئېرىشىش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە مەڭگۈ سۈرەتكە ئايلانماسلىقى كىرەك دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى ئۆز ئارا سۈرەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدىغاندەك قىلاتتى… سۈرەتكە قاراپ تۇرۇپ تويۇقسىز سوغۇق بىر سىزىم ۋۇجۇدۇمغا يامرىدى…
– ئەينىكىڭىزنى بىرىپ تۇرىڭە ،- بۇ خوشنا ئىشخانىدىكى ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ ئاۋازى ئىدى، خىيال بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن ،- دەرسىم بار ئىدى، ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرىۋالاي.
ئۇنىڭغا ئەينەكنى ئۈنسىز سۇندۇم.
– نىمە، جىمىپ كىتىپسىزغۇ؟
ئۇ تاراق – تۇرۇق دەسسەپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاياق تېۋىشى رېتىمسىز ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ھەيران بولىۋاتقىنىنىمۇ، خاپا بولىۋاتقىنىنىمۇ چۈشەندۈرەتتى.
ئىشتىن چۈشۈپ تېلېفۇن نومۇرىنى ئىنىقلاپ ئۇنىڭغا تېلېفۇن بەردىم:
– ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇختۇرخانىمۇ؟
– قايسى كېسەلنى ئىزدەيسىز ،- قارشى تەرەپ جاۋاپسىزلا سورىدى.
– دىلدار بارمۇ؟
– دىلدار!
– شۇنداق، دلدارنى چاقىرىپ قويسىڭىز.
– دىلدارا يوق، ئىشىڭىز بولسا ئېيتىڭ، مەن يەتكۈزۈپ قۇياي.
– ئۇنداق بولسا مۇنۇ نومۇرنى يېزىۋېلىپ دىلدارغا بىرىڭ، پەيدا بولۇپلا ماڭا تېلېفۇن قىلسۇن!
مەن تېلېفۇن نومۇرۇمنى دەپ بەردىم. ئارىلىقتا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى. نېمىشقىدۇر، تاماق يىگۈم كەلمىدى. بىر يېرىم سائەتلىك تاماق ۋاقتىمنى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئادەمسىز تار كوچىدا ئۆتكۈزدۈم. سەگۈ يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئاستا ۋە يېقىملىق تەۋرىنىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك ئىدى… «قۇشقاچ ھەقىقەتەن يازنىڭ ھۆسنىكەن» دەيتتىم تاماكامغا ئوت يېقىۋېتىپ… خىياللىرىم بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ئەشۇ تەنھا ياتاققا كەتتى: ئۇ كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ ياتاققا كىلەتتى. مەن ئۇنىڭ ئىشىكنى چەكمەيلا كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. دىگەندەك، ئۇ سائەتنىڭ 8 بولىشى بىلەنلا يېنىمغا ھازىر بۇلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ ياتىقىمغا كىرگەندىكى ئاياق تېۋىشىنىمۇ ئاڭلىماي قالاتتىم. بەلكىم ئۇ ھەممىدىن بەكرەك مىنىڭ چۆچۈپ كىتىشىمدىن ئەنسىرىسە كىرەك.
يوقلىمىنى كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىتىۋاتسام تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى، تېلېفۇننى ئېلىپ تېنچلىق سورىغۇچە قارشى تەرەپنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئاۋازى ئاڭلاندى:
– بايا تېلېفۇن قىلغان سىزمۇ؟
– ئىبادەتمۇ سىز؟
– مەن شۇ! سىز كىم؟
– ئاۋازىمدىن تونىيالمىدىڭىزمۇ؟
– تولا چاخچاق قىلماي گىپىڭىز بولسا ئېيتىڭ!
– مەن ئابدۇرېشىت،- دىدىم ھاياجان ئىلكىدە.
– ئابدۇرېشىت! قايسى ئابدۇرېشىت؟
– ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن ….،- ئۇ مىنىڭ ئىزاھاتىمغا پەرۋا قىلمىدى.
– بولدى، بولدى! نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟
– باشقا ئىشقۇ يوق، خىزمەت كېنىشكىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟
– بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ نىمە ئالاقىڭىز!
– ئۇ ھازىر مىنىڭ قۇلۇمدا! – ئۇنىڭغا ئۇدۇللا مەخسىدىمنى ئېيتتىم، چۈنكى مەن ئىزدىگەن بۇ قىزنىڭ ناتونۇش ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم ،- ۋاقتىڭىز بولسا كىلىپ ئۇنى ئېلىپ كىتىڭ.
– ھېلىقى بانكىنىڭ ئالدىدىكى بوتكىنى بىلىسىزغۇ ،- ئۇ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ،- شۇ بوتكىغا تاشلاپ قويۇڭ، شۇ يەردىن ئېلىپ كىتەي.
– قايسى بوتكا ئۇ؟ – مەنمۇ قەستەن ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلەمنى ئۆزگەرتتىم.
– بىلمەمسىز؟ مەيلى ئەمىسە، كېنىشكەم ھازىرچە سىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن، ۋاقتىم يەتكەندە يېنىڭزغا ئۆزۈم باراي ،- ئۇ تېلېفۇننى قويىۋەتتى.
سىنىپقا قانداق كىرگىنىمنى بىلمەيمەن. ئەسلى يېڭى دەرس ئۆتۈشۈپ كىرەكتى. بىردىنلا مەخسىدىمنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇغۇچىلارغا قاچاندۇر بىر يەردىن ئاڭلىغان «چۆل بۇلبۇلى» دىگەن ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم. ھېكايىدا بىر بۇلبۇل تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇلبۇل قورقۇنۇچلۇق چۆلگە ئايلانغان ئاتالمىش باغقا كىلىپ ئۆزىنى ھە – دەپ قۇم دۈۋىسىگە ئۇراتتى…
– مۇئەللىم ،- دىدى ئوقۇغۇچىلار ،- بۇلبۇلنىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟
– «21 – ئەسىرگە قانداق كىرىمىز» دىگەن تېمىدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىپ كىلىڭلار،- ئۇلارنىڭ گىپىنى قۇلۇقۇم ئاڭلىسىمۇ ئەقلىم ئاڭلىمايتتى.
– مۇئەللىم، سىزنىڭ دەپ بەرگەن ھېكايىڭىز بىلەن بۇ ماقالىنىڭ…
تويۇقسىز قوڭغۇراق چېلىندى.
– دەرستىن چۈشۈڭلار!

ئۇ كۈنى كەچتە …

كىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئىشتىن يېنىپلا بىر خىزمەتدىشىم بىلەن شەھەرنىڭ غەربىدىكى بىر يېزىغا ئۆي كۆرۈش ئۈچۈن ماڭدۇق. ئۇ يېزا بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى 1000 مىتىرچە كىلىدىغان بولغاچقا قاتناش راۋان ئىدى.
– يۈرۈڭ، مەپىدىلا ماڭايلى!- دىدىم خىزمەتدىشىمغا ۋە مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرغان مەپىگە توختاڭ دىگەن مەنىدە ئىشارە قىلدىم.
– نىمىگە ئالدىرايسىز ،- دىدى ئۇ بىكەت تەرەپتىن كۆزىنى ئۈزمەي. شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ كىمدۇر بىرىگە سالام قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم.
– كىمگە سالام قىلىۋاتىسىز؟
ئۇ جاۋاپ بەرمىدى. ئاڭغىچە مەن توختاتقان مەپىمۇ كىتىپ قالدى. «بۇ مۆرىمەس كىمنى كۆرۈپ قالغاندۇ» دىدىم ئىچىمدە ھەيرانلىقىمنى باسالماي. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارىغان تەرەپكە نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم؛ بىزدىن ئون قەدەمچە نېرىسىدا ياشتا چوڭ بىر ئايال بىلەن كىتىۋاتقان بىر قىز دىققىتىمنى تارتتى، يېشىل كوپتا كىيۋالغان ئۇ قىز پات – پات كەينىگە قاراپ قۇياتتى…
– بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغان قىز ئىدى ،- دىدى ئۇ ھېلىقى قىزنىڭ قارىسى يىتكەندىن كىيىن ئۇلۇغ بىر تىنىۋېلىپ.
– ئوقۇغۇچىڭىزكەندە ،- تويۇقسىز ئۇنىڭ ئېغىزىنى تاتىلاپ باققۇم كەلدى ،- ئەجىبا، ئۇستازىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سالامغا كەلمەيدىغان قانداق ئوقۇغۇچى ئۇ!
– يېنىدىكى ئانىسىدۇ يا … ،- ئۇ نىمىدۇر بىر نەرسىنى ئىسىگە ئالغاندەك گىپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى.
كىتىۋاتىمىز. خىزمەتدىشىم خىيالغا چۆككەن، بەلكىم ئۇ ھېلىقى قىزنى ئويلاۋاتقاندۇر… «خەقنىڭ خىيالى بىلەن نىمە ئىشىم، گېزىتىمنى كۆرەيچۇ» دىدىم – دە، قول سومكامدىكى گېزىتىنى ئېلىپ 4 – بېتىدىكى خەلقارا خەۋەرلەرگە كۆز يۇگۈرتۈشكە باشلىدىم: «پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يادرو ئورۇشى پارتلىشى مۇمكىن»، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا يۈرىكىم ئاغقاندەك بولدى: «… ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا رەسمىي ئۇرۇش پارتلىسا، بۇ ئۇرۇش چۇقۇم يادرو ئورۇشى بولىشى مۇمكىن» دىيىلگەن ئىدى خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا…
خىزمەتدىشىم ئۆينىڭ خەۋرىنى قىلغاندا يول بويىغا 500 مىتىرلا كىلىدۇ دىگەن ئىدى. مەپىدىن چۈشۈپ مېڭىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا 10 مىنۇت بوپتۇ، ئادەم پىيادە ماڭغاندا ئەڭ ئاستا ماڭسىمۇ 10 مىنۇت دىگەندە 1000 مىتىردىن ئارتۇق يول يۈرگىلى بولىدۇ، «ئەنە، ئاز قالدى» دەيتتى خىزمەتدىشىم. ئالاھەزەل 15 مىنۇتتەك ماڭغاندىن كىيىن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق.
– مۇشۇ ئۆي ،- دىدى خىزمەتدىشىم بارمىقى بىلەن ئۆمۈچۈك تورى بېسىپ كەتكەن بىر ئۆينى كۆرسىتىپ ھاسىراپ تۇرۇپ ،- كۆرۈپ باقامدۇق؟
خىزمەتدىشىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە جىگدە شېخىدىن مىڭبىر تەستە ئاتلاپ ھويلىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۆينى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، ئۆي ئۈچ ئېغىز بولۇپ گۇيا بۇ ئۆيگە ئەزەلدىن ئىنسان ئايىغى بېسىلمىغاندەك ئىدى، ئۆزۈمنى مۇشۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندەك ھىس قىلىپ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى.
– قانداق؟- دىدى ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن ،- بۇلامدىكەن؟
– بولىدىكەن ،- دىدىم ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن ھەرەج چېكىۋاتقىنىنى ئويلاپ.
كۆڭلۈم بىر قىسمىلا. قايتتۇق. يول بويى خىزمەتدىشىم ئۆي ئىگىسىنىڭ قايسىدۇر بىر قۇرۇلۇش بىناكارلىق شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ ئىككىسىنىڭ قىز، بىرىنىڭ ئۇغۇل ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايالنىڭ ئىرىنىڭ ئاللا بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەرزانلا سېتىۋالغىلى بۇلىدىغانلىقىنى، ئۆينىڭ ماڭا بەك مۇۋاپىق كىلىدىغانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. نىمىشقىدۇر بۇ گەپلەر ماڭا پەقەت خۇش ياقمايتتى. خىيالىم باشقا ياقلاردا كىرەتتى… ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا راستىنلا يادرو ئورۇشى پارتلاپ قالسا …
– كىلىڭ دوغاپ ئىچەيلى.
بىكەتكە كىلىپ قاپتىمىز. خىزمەتدىشىم ئاڭغىچە دوغاپچى خوتۇننىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئىككى قاچا دوغاپ بۇيرۇتتى. يان تەرەپتىكى ئاشخانا ئالدىدا ئولتۇرغان ئىككى چوكان ھە – دەپ ماڭا قارايتتى.
– خوتۇن سېغىنىپ قاپسىزدە ،- خىزمەتدىشىم مەككارلارچە كۈلدى ،- بۇلۇڭە، يۈرىكىمىزنى سۇغۇتىۋېلىپ كەپىمىزگە قايتايلى.
دوغاپنى مالتىلاۋېتىپ بىر تال چىۋىىننى كۆرۈپ قالدىم، چىۋىن ئاللىقاچان پۇت ئېتىشتىن توختىغان ئىدى، ئۇنىڭ شىرنىگە چۈشكىنىگىمۇ خېلى بولغاندەك قىلاتتى. دوغاپقا قانداقتۇر بىر چۈشىنىكسىز ھىسسىياتتا خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئۇنى ئاستا شىرەگە قويۇپ قويدۇم ۋە تويۇقسىز چاڭقاپكەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم… ھېلىقى ئىككى چوكان مەن تەرەپكە قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپ كۈلىشىۋاتاتتى…
– ۋۇي، دوغاپنى ئىچمەپسىزغۇ.
– ماڭايلى!
خىزمەتدىشىم دوغاپنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپ كەينىمدىن يەتتى، مەن چوڭ يولغا چىقىپ بولغان ئىدىم. ئالدىمىزدىن بىر ساقاللىق كىشى ئۆتۈپ قالدى، خىزمەتدىشىمنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدىم:
– ئاۋۇ بازا تەشكىلاتنىڭ ئادىمىمۇ نىمە؟
– قارغۇمۇ سىز ،- دىدى خىزمەتدىشىم دەرغەزەپ بولۇپ ،- ئۆزىڭىزنى ئافغانىستان كوچىلىرىدا كىتىۋاتىمەن دەپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇ دىگەن بىزنىڭ يۇرتىمىز جۇمۇ!
ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم، ئىھتىمال ئۇ 1000 دىن ئارتۇق «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنىڭ دۆلىتىمىز چىگرىسىغا يوشۇرۇن كىرىۋاتقانلىقىنى بىلمىسە كىرەك*
– ئاۋۇ يەردە بىزنى بىرسى چاقىرىۋاتامدۇ – نىمە؟- خىزمەتدىشىم يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كاۋاپخانىنى ئىما قىلدى.
– بىزنى بۇ يەردە كىم چاقىراتتى، باشقا بىرىنى چاقىرىۋاتقاندۇ، يۈرۈڭ، كىتىۋىرەيلى ،- قورقۇپ قالغان ئىدىم.
– ئەنە، بىرسى بىز تەرەپكە كىلىۋاتىدۇ.
سېرىق كۆينەك كىيىۋالغان قارامتۇل بىرسى ئۇدۇل مەن تەرەپكە كەلدى ۋە قولىنى تەڭلىدى.
– ئەنۋەر سىلەرنى چاقىرىۋاتىدۇ.
– ئەنۋەر؟
– شۇنداق، شۇنداق، يۈرۈڭلار ،- ئۇ بىزنىڭ قولىمىزنى سۆرىگەنچىلىك قىلىپ ئېلىپ ماڭدى.
كاۋاپخانىنىڭ چاققانغىنا كارۋىتىدا ئالتەيلەن پاراڭ سېلىپ ئولتۇراتتى. ئالدىدىكى شىرەدە كاۋاپ زىخى ۋە بىر نەچچە قۇرۇق تەخسە تۇراتتى. تەخسە ئىچىدە چىۋىنلار «ۋىژ…ۋىژ» ئۇچۇشاتتى.
– كۆزۈڭلارغا ياغ تولۇپ قاپتۇ – دە ،- دىدى تۆردە ئولتۇرغان بىرسى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ،- كىلىڭلار، تۈرگە ئۆتۈڭلار.
ئۇنىڭغا سەپ سالدىم، ئەنۋەر دىگىنى شۇ بولسا كىرەك… بىزنى تونىغان، يەنە كىلىپ سورۇنىغا چاقىرغان ئادەمنى بىز تونىمىساق قانداق بولىدۇ؟ ئۆڭى سېرىق، كۆزلىرىدىن قانداقتۇر بىر چۈشىنىپ بولمايدىغان ئالامەتلەر ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان، ھاراقنىڭ كەيپىدە خېلى لەلەڭشىپ قالغان بۇ ئادەمنى نەدە كۆرگەندىمەن…
– بۇياق ،- دىدى ئۇ سورۇندىكىلەرگە قاراپ،- ئابدۇرېشىت ،- ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، ئۇ ئازماي تازماي بىزنىڭ ئىسمىمىزنى دەۋاتاتتى ،- ئۇياق بولسا مەمەتجان ،- ئۇ شۇ ئارىدا باشقىلارنىمۇ بىزگە تونۇشتۇرۇپ چىقتى… راست ئۇ كىم؟…
شۇنداق قىلىپ بىز تونىمايدىغان ئەمما بىزنى تونىيدىغانلار بىلەن خوش ئېتىشىپ ئىچىشتۇق، توۋا دەيمەن، بىر دەمنىڭ ئىچىدە ھەممىسى بىلەن ئۆزلىشىپ، چاخچاقلىشىپ كەتتۇق، گۇيا بىز ئەزەلدىن ئۇلار بىلەن ئۇلار بىز بىلەن بىر نان تاپسا تەڭ يەيدىغان قەدىناسلاردىن ئىدۇق… ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئۇنى بىر يەردە كۆرگەنلىكىمنى ئەيسلىيەلمىدىم… ھاراقنىڭ كەيپى تۇتقان چېغى ئۇ ئىشلارنى ئويلاش ئەھمىيەتسىزدەك بىلىنىپ سورۇنغا قايتتىم.
– تېلېفۇنىڭىزنى ئېلىڭە ،- دىدى ئۇ ماڭا بىر تال تاماكا تەڭلەپ.
تېلېفۇننى ئۇنىڭغا بەردىم. يولدىن ئۆتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ۋاڭ چۇڭى ئاستا – ئاستا جىمىقتى. كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى ئىسلىشىپ نىمىلىكىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان يەرگە ئېسىپ قويۇلغان لامپىنىڭ ئاجىز نۇرى سورۇننى غۇۋا يۇرىتىپ تۇراتتى.
مەن ئۇنىڭغا تېلېفۇننى بىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سورۇنغا يېشى 40 لاردىن ئاشقان ئىككى ئايال كەلدى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشى يېزا ئاياللىرىغا ئوخشىسىمۇ، تەلەپپۇزى قۇيۇق شەھەرلىككە ئوخشايتتى. ھېلىقى ئاغىينىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كاۋاپخانىنىڭ قەدىمىي پاسۇندىكى ساپا بىلەن بىزەلگەن چاققانغىنا ئۆيىگە كىرىپ كەتتۇق. ھايال ئۆتمەيلا بۇ يېڭى سورۇنغا 10 زىخ كاۋاپ، دوغاپ ۋە لەڭپۇڭ دىگەندەك نەرسىلەرھازىر بولۇپ ئىچىش يەنە باشلاندى.
– ئۇكىلار، بىزنىڭ زۆرۈر ئىشىمىز بار ئىدى ،- دىدى ياشتا چوڭراق كەلگەن ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ ،- بىز قايتايلى.
– بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئاچا، ئۇ زۆرۈر ئىشىڭىزنى بۈگۈنچە قۇيۇپ تۇرۇڭ، سىزنى كۈتۈپ كۆزىمىز تۆت بولدى ،- ئاغىينىمىز خۇجايىننى چاقىرىدى:
– دۇتا – پۇتالىرىڭىز يوقمىدى!
خۇجايىن چىقىپ كىتىپ ھايال ئۆتمەيلا بىر تال دۇتارنى كۆتۈرۈپ كىردى:
– قايسىڭلارغا بىرىمەن؟
– ئەلۋەتتە ئاۋۇ ئاچىمىزغا بىرىسىزدە ،- ئاغىينىمىز مىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئايالنى كۆرسەتتى.
– ئۇكىلىرىم دۇتارنى باشقا بىر كۈنى چالساق قانداق، مۇنۇ ئادىشىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۇرسا مەن بۇنى تىرىڭشىتىپ يۈرسەم قاملاشماس ،- ئۇ ھەمراھىغا «قانداق قىلىمىز» دىگەن مەنىدە قاراپ قويدى.
– مەيلى، ئۇكىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى قالمىسۇن ،- دىدى ياشتا چوڭراقى ،- لېكىن بىر سائەتلا ئولتۇرىمىز، ئارتۇق ئولتۇرالمايمىز، رەنجىمەڭلار ئەمىسە.
– ياخشى، ياخشى! بىر سائەت بولسىمۇ ئاڭلايلى ،- ھەممىمىز چۇقۇراشتۇق. ئادەم كەيىپ بولغاندا ناخشا – مۇزىكىغا ئامراق بولىدىغان چېغى، ھەممىمىزنىڭ تاقىتى تاق ئىدى. ئايال دۇتارنى تەڭشىدى ۋە چېلىشقا باشلىدى.
يۈرىكىم ئالما ئەمەس،
سەن ئۈزۈپ ئوينايدىغان.
خالىساڭ چىشلەپ قويۇپ،
خالىساڭ تاشلايدىغان.
ياپىر! سورۇنىمىزغا مۇزىكا پىرى مۇزارت كىلىپ قالدىمۇ – نىمە! دۇتارنىڭ مۇڭلۇق ئەۋجى بىلەن ئايالنىڭ جانلارنى ياشارتقۇچى ئاۋازى قوشۇلۇپ ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. لېكىن ئالدىمىزدا ھېلىقى سەھراچە كىيىنگەن ئايال دۇتار چېلىۋاتاتتى… بۇ رىئاللىق ئىدى.
خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ،
كىملەر توستى سىنىڭ يولۇڭنى.
دۈشمەن تۇتسا قانداق چىدايمەن،
مەن تۇتقىچە سىنىڭ قۇلۇڭنى.
… ئالدىمدا گۈللىرى چەيلەنگەن باغ، يان تەرەپتىكى قەدىمىي تىرەكتە بىر بۇلبۇل قان – ياش تۆكۈپ سايرىماقتا… بۇلبۇلنىڭ تىرەككە قۇنۇپ سايرىغىنىنى ئاڭلاپ باقمىغانتىمغۇ! …
قانچىلىك خىيال سۈرگىنىم ئېسىمدە يوق. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام يېنىمدا خىزمەتدىشىم تاما چېكىپ ئولتۇرۇپتۇ، باشقىلار بولسا كۆرۈنمەيتتى.
– ھوي، باشقىلار قېنى؟
– ھېلىقى ئەنۋەر دىگىنى سىيىپ كىرەي دەپ تېخى ھېلىلا چىقىپ كەتتى، باشقىلارنى كۆرمەپتىمەن ،- ئۇ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
نىمىشقىدۇر دۇتارچى ئايال كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، گۇيا ئۇ بايىقىدەك يېنىمدىلا ئولتۇرۇپ مۇڭلۇق كۈيلەرگە چېلىۋاتقاندەك، ناخشىسى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانى تېنچلىققا، خاتىرجەملىككە چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
– ئۆي دىگەن ،- دەپ دىققىتىمنى چاچتى خىزمەتدىشىم تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ،- نىمە ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەرلەردە خاتىرجەملىكنىڭ سىمۋۇلى قىلىنىدىغاندۇ؟
خەق بىزنى قارا قويىۋاتسا بۇ ئاداشنىڭ بىخىرامان دەپ يۈرگەنلىرىنى قارىمامدىغان:
– قۇيۇڭ بۇنداق قۇرۇق گىپىڭىزنى! – دىدىم ئاچچىق كىكىرىپ،- تۇرىڭە! ھېلىقى قۇڭالتاقلارنى ئىزدەيمىز.

مەنبە: تارىم ژۇرنىلى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top