You Are Here: Home » ئومۇمى » مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!

مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز!

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى مەمتېلى توختاجى 1901 -يىلى ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كېيىن تۈركىيەگە چىقىپ ئاز مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ دىيارىمىزدا يېڭىچە پەننى مەكتەپ ئېچىش دولقۇنى قوزغاپ ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر ئەسىرلىك ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تاماملىغان. 1937-يىلى شېڭشىسەي تۈرمىسىدە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.

ھەممىمىزگە يادا بولۇپ كەتكەن «ئاتۇش سەيلىسى» بەدىئىي فىلىمىدىن ئارىيە.

مەزكۇر فىلىمدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «بىز مۇئەللىم» ناملىق مارشى بېرىلگەن بولۇپ، 1885- يىلىدىكى ئاتۇش ئىكساقتا ئاكا-ئۇكا مۇسابايوفلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ھۆسەيىنىيە مەكتىپى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىغا بېغىشلانغان فىلىمگە قىستۇرۇلغان. شۇنداقلا 1927- يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر ئىكساق ھۆسەينىيە پۇتپۇل كوماندىسىنىڭ ئەنگىلىيە، شىۋىتسىيە كونسۇل كوماندىلىرىنى 2:1 ۋە 7:0 نەتىجە بىلەن يېڭىغان شانلىق تارىخ بايان قىلىنغان قىممەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ.

مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ ھازىرقى خاتىرە سارىيى

مەمتىلى تەۋپىنىڭ بىرقىسىم رەسىملىرى ۋە شېئىرلىرى

2011-يىلى مەمتىلى ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەشۇ جەڭگىۋار ھاياتىنى ئەسلىمەكچىمىز. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپ ھەركىتىنى بۇندىن 80 يىللار بۇرۇن مەرىپەت يۇرتى ئاتۇشتا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھاياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ زات 1926- يىلى ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى مۇساپىرەتتىكى ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ ئىلىم ئىزدەش يولىدا دەسلىپىدە سوۋىتنىڭ  شەمەي شەھىرىگە بارغان. ئۇ يەردە بىر مەزگىل ھايات كەچۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم — پەن، مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى — تاشكەنت شەھرىگە بارغان. تاشكەنىتتە ئاشخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئاتۇش ۋە قەشقەردىن چىقىپ كەتكەن ئاق كۆڭۈل قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچىرشىپ سىرداشقان. ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك مەمتىلى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇش پۇرستىگە ئىگە بولغان. ۋەھالەنكى، ئەينى ۋاقىتتا مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرىدە ئۆزىنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بۇ يەردىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1928-يىلى يازدا قىرىم ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. ۋە نەچچە يىل جاپالىق تۇرمۇش ئىچىدە تاۋلىنىپ ۋە بىلىم ئىگەللەپ 1929 -يىلدىن 1932 -يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ. ۋە شۇ ۋاقىتلاردا خوجا نىيازھاجى باشچىلىقىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 1933-يىلى يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىدۇ.  ئۇ ئۆز يۇرتىدا ئالدى بىلەن مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكى توغرسىدا تەشۋىقات، تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن كەڭ شوغۇللىنىپ، كۈچلۈك جامائەت پىكىرى تەييارلىدى.
يېڭى مائارىپنى قوللاپ — قۇۋۋەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر كىشلەرگە تايىنىپ، يېڭى مەكتەپ قۇرۇشنىڭ تەشكلىي ۋە مالىيە مەسلىلىرىنى ھەل قىلدى. ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەربىيلەيدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلنىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېىچلدى. بۇ مەكتەپلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ، ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش، ئاقارتىش ۋەزىيتى شەكىللەندى.
مەمتېلى ئەپەندى 1935-يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنە «ئىزچىلار ئەترىتى» تەشكىللەپ، ئۆزى باش بولۇپ، مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ، يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلدى.
1937 -يىلىنىڭ باشلىرىدا، شېڭ شىسەي شىنجاڭدا ئاق تېرورلۇق ۋەزىيتى پەيدا قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى تۈرلۈك بەتناملار بىلەن باستۇردى. شۇ يىلى ئاپېرىلدا مەمتىلى توختاجىمۇ دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدا قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلاندى.
1937-يىلى 5 -ئاينىڭ 30 -كۈنى سەھەردە، قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ، ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن، بېنىزىن چېچىپ كۆيدۈرۋېتىلگەن … مەۋلانوپ بىلەن قادىر ھاجىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىجىرا قىلىنغان بۇ مىسلىسىز قىرغىنچىلىقتا، مىللەتنىڭ ئىستقبالىغا ۋە ئۇنىڭ تارىخي تەقدىرىگە ھەقىقي يوسۇندا كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلقنى نادانلىقتىن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا شانلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت — مائارىپ جەڭچىلىرى مانا شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۋېتىلگەن.
بۇ جەڭگىۋار ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر زات قىسقىغىنا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تارىخىمىزدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.
مەزكۇر تېمىنى بېيىتىش ئۈچۈن «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىزچىلىرىدىن بىرى، ھەمدە مەمتىلى ئەپەندى بالىچىلاپ بېقىۋالغان مەرھۇم مىرەھمەت سىيىت ھاجىنىڭ بۇندىن نەچچە يىللار بۇرۇن ئەڭ دەسلىپىدە «بۇلاق» جورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى يوللانماقچى. مىرئەھمەت سىيىت ھاجى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندى توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ ۋە ماقالىلەرنى جورناللاردا ئېلان قىلىپ بۇ شانلىق تارىخنى بىزلەرگە ئۇلاپ بەرگەن شەخىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  تورداشلارنىڭ بۇ قىممەتلىك ماقالىغىمۇ دىققەت ئىتىبارىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

– چەۋەنداز

«مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىزچىلىرىنىڭ بىرى مىرئەھمەت سىيىت ھاجى

مەمتىلى ئەپەندى شېئىرى ناملىق كىتابنىڭ ئېلكىتاب شەكلىنى چۈشۈرىۋېلىڭ.

چۈشۈرۈش1   چۈشۈرۈش2

مەمتىلى ئەپەندىنىڭ <<ئوقۇدى ئاشتى>>، ۋە مەرىپەت مارشىنى چۈشۈرىۋېلىڭ.

چۈشۈرۈش1   چۈشۈرۈش2

مەنبە : ئىزدىنىش تورى

http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=44539

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top