You Are Here: Home » ئومۇمى » ئاچچىق لىمۇندىن تاتلىق ئىچىملىك ياساش ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ

ئاچچىق لىمۇندىن تاتلىق ئىچىملىك ياساش ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھاياتلىق مۇساپىسىدە ھەمىشە خوشاللىق، ھەمىشە ئۇتۇقلا بولمايدۇ. ئىنسان بەزىدە ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان-زەخمەتلەرگە، يېڭىلىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. زىيان-زەخمەت ئاچچىق، يېڭىلىش ئاچچىق، پىلاننىڭ بەربات بولىشى ئاچچىق، دېمەك زىيان تارتىش شۇنداق ئاچچىق نەرسە.

ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى ئاچچىق لىموندىن تاتلىق ئىچىملىك ياسىغاندەك بۇ ئاچچىق زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرالايدۇ.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالىھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا چىققان قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلارنى كۆرۈپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن ۋازكېچىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىشقا سالالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بىلسە ئىدى، قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلار تالانتلارنى ئۆستۈرىدىغان مۇنبەتلىكلەردۇر. نۇرغۇنلىغان تالانتلار قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق ئىچىدە بىخ ئۇرۇپ چىققان. دېئىل كارنېك مۇنداق دەپ يازغان» كاتتىلار ۋۇجۇدقا چىقارغان غەلىبىلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىرەردىن كەمچىللىك ھېس قىلىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئوتتۇرىغان چىققان. مەسىلەن: شائىر مىلتون ئەگەر ئەما بولمىغان بولسا، شۇ مەشھۇر شېئىرىنى يازالمىغان بولار ئىدى. بىتخۇۋىن ئاڭلىماس بولمىغان بولسا، شۇ مەشھۇر مۇزىكا ئەسىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولار ئىدى.» چۈنكى بۇ مېيىپ ئىنسانلار ئۆزلىرىگە كەلگەن بۇ ئاچچىق قىسمەتنى قوبۇل قىلغان. ئاندىن ئۆزلىرىدىكى كەملىكنى تالانتقا، ئاچچىقنى تاتلىق شاراپقا ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان. مانا بۇ ئاچچىق لىموندىن تاتلىق ئىچىملىك ياسىغانلىقتۇر.

تالانتنى قىيىنچىلىقلار تۇغىدۇ

ئەللامە مۇھەممەد غازالى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: دېئىل كارنېك ئېمىرسوننىڭئىجادىيەت كۈچىناملىق ئەسىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن» قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلاردىن خالىي بولغان مۇقىم تۇرمۇش ئۇلۇغ ئادەملەرنى يارىتىدۇ دەپ كىم ئېيتىپتۇ؟ ئىش تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى ئۇلۇغ ئادەملەرنى ۋە نادىر تالانتلارنى پەقەت قىيىنچىلىقلار بىلەن توسقۇنلۇقلار يارىتىدۇ. ئۆزىگە مەرسىيە ئوقۇشقا ۋە تۇرمۇشتىن شىكايەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغانلار قاتمۇقات يېپەكنىڭ ئۈستىدە يېتىپ راھەتلەنسىمۇ يەنىلا مەرسىيەسىنى ۋە شىكايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تارىخ گۇۋاھكى، ئۇلۇغلۇق بىلەن سائادەت ئۆز تىزگىنىنى ياخشىسىمۇ بار، يامىنىمۇ بار ۋە ياخشىسى بىلەن يامىنى پەرق ئېتىلمەيدىغان مۇھىتلاردا ئۆسكەن ئەزىمەتلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان».

ئىنسانلار بىر خىل ئەمەس

ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان: ھەركىمدە ئاچچىقنى تاتلىققا، قايغۇنى خوشاللىققا ئۆرۈيەلەيدىغان قۇۋۋەت يوق. دەرتلىنىشكە ۋە شىكايەتكە ئادەتلىنىپ قالغانلارنىڭ مۇنداق قىلالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت قەلبى چوڭ، سەۋرىسى تولۇق ۋە ئىرادىلىك ئىنسانلار شۇنداق قىلالايدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئىسلاھاتچى ئۆلىماسى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە تۈرمىدىكى ھاياتىنى تەسۋىرلەپ» تۈرمىگە تاشلانغانلىقىم مېنىڭ ئۈچۈن خىلۋەت، يۇرتۇمدىن پالانغانلىقىم مېنىڭ ئۈچۈن ساياھەت، جاپالىرىم رىيازەتتۇر» دېگەن ئىكەن.

مەنبە: ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top