You Are Here: Home » ئومۇمى » «تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر» ناملىق كىتاپ ھەققىدە

«تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر» ناملىق كىتاپ ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

«ئۆز تارىخىنى ياخشى بىلمىگەنلەر شۇ تارىخىي كەچمىشلىرىنى يەنە تەكرارلىىشى مۇمكىن»   – Edmund Burke

ئاپتور Peter Fleming  ھەققىدە:

“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir) ناملىق بۇ ساياھەت كىتابىنىڭ ئاپتورى Peter Fleming بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ 1930- يىللىرىدىكى ئاتاقلىق تەۋەككۈل ساياھەت يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ “بىرازىلىيەگە تەۋەككۈلچىلىك” (Brazilian Adventure) ناملىق ساياھەت كىتابى 1933- يىلى نەشر قىلىنىشى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلغان. “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر’ ناملىق بۇ كىتاب 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكسفورد ئادەن نەشرىياتىدا (Alden Press) نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاپتورى Peter Fleming ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىگە يېقىن Wallingford يېزىسىدا 1907 – يىلى 31- ماي شوتلاندىيىلىك باي بانكىر Valentine Fleming (ۋىنستىن چېرچېل Winston Churchill نىڭ يېقىن دوستى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. Peter Fleming نىڭ ئىنىسى Ian Fleming بىرتانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەن “James Bond” ھېكايىسىنى 1953- يىلى يېزىپ نام قازانغان. Peter Fleming ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935- يىلى ئاتاقلىق ئارتىس Celia Johnson بىلەن توي قىلغان ۋە ئۇچ پەرزەنتلىك بولغان. Peter Fleming 1971 – يىلى 18- ئاۋغۇست يۈرەك كېسىلى بىلەن شوتلاندىيىنىڭ Argyll شەھىرىدە ۋاپات بولغان……

كىتاب ھەققىدە:

“تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ ساياھەت كىتابى 384 بەت بولۇپ، كىتابتا 1934 – يىلى Peter Fleming نىڭ  لوندوندىن موسكۋاغا ئاندىن موسكۋادىن كاۋكازغا كېلىپ، كاسىپى دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، سەمەرقەنت، تاشكەنت شەھەرلىرى ئارقىلىق “تۈرك – سىبېرىيە” پويىزى بىلەن، كېيىن “تىرانس-سىبېرىيە” پويىزى ئارقىلىق پېكىنگە (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى) يىتىپ كەلىدۇ. كېيىن 1935- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى پېكىندىن كەشمىرگە سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۇ سەپىرىدە پېكىندىن پويىز بىلەن شىئەنگە كېلىپ ئاندىن يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن لەنجۇغا كېلىدۇ. لەنجۇدىن قوتاز، ئات، ئېشەك، تۆگە ئىشقىلىپ مۇمكىن بولغان تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆكنۇر (چىڭخەي) چايدام ئويمانلىقىنى كەسىپ ئۆتۈپ، ئالتۇن تاغنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ غاز كۆل، تېيجىنار، ئىسسىق پاختا، كونا ماڭناي، تۆمۈرلۈك (ھازىر بۇ يەرلەر چىڭخەي ئۆلكىسىگە تەۋە) قاتارلىق يېزا- بازارلارنى كېزىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چاقىلىق ناھىيە تەۋەسىگە كىرىپ يېتىمبۇلاق، يىلۋاچىمەن قاتارلىق يېزا بازارلارنى ئارقىلىق چەرچەن بازىرىغا كېلىدۇ. كېيىن سەپىرىنى داۋام قىلىپ، نىيە، كېرىيە، خوتەن، گۇما، قاغىلىق، ياركەن قاتارلىق يۇرتلارنى ئايلىنىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. قەشقەردىن يېڭىسار، تاشقورغان ئارقىلىق كەشمىرگە قاراپ يولغا چىقىپ گىلگىتتىن (ھازىرقى پاكىستاننىڭ بىر شەھىرى) ئۆتۈپ ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك بىرتانىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى كەشمىر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سرىناگار شەھىرىگە 1935- يىلى 12 – سېنتەبىر يېتىپ كېلىدۇ. دېمەك  ئاپتور Peter Fleming ئۆزىنىڭ بۇ سەپەر جەريانىدا كۆرگەن، بىلگەنلىرىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى دەل ئىچكى جۇڭگو تۇراقسىز سىياسىي كىلىماتقا يۈزلەنگەن، گومىنداڭ ئارمىيىسى 36- دېۋىزىيىسىنىڭ تۇڭگان قوماندانى ما جوڭيىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ شىنجاڭغا باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەتكە “تۇڭگان يېغىلىقى” قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن شەھەر – بازارلىرىنى ئۇرۇش ئاپەتلىرى قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قانلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە بۈيۈك بىرتانىيە بىلەن شېڭسەي، گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سىياسىي ئويۇنلار يەنى “بۈيۈك شاھمات تاختىسى” ئويۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئوبرازلىق بايان قىلىدۇ.  ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى 1934- يىلى ئاپىرېلدا قەشقەر شەھىرىنى پۈتۈنلەي ئىستىلا قىلىپ، قەشقەردە قۇرۇلغان “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى” ئاغدۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي سوۋېت ۋە شېڭسەي ئەسكەرلىرىنىڭ زەربىسى بىلەن داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ قېچىپ خوتەن رايونىنى ئىگىلەيدۇ.

ما جوڭيىڭ ئورۇن باسار قوماندانى ما خۇسەننى 10 مىڭ كىشلىك تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ تۇرۇشقا قالدۇرۇپ ئۆزى بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېتىدۇ. مىلىتارىست ما خۇسەننىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرى 1935- يىلىنىڭ باشلىرىدا  “چاقىلىق قوزغىلىڭى”  باستۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلار باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ خوتەنگە ئېلىپ كېتىپ، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قوزغۇلاڭچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ سازايى قىلىش بىلەن پۈتۈن خوتەن رايونلىرىنى ئىشغال قىلىپ ”تۇڭگانىستان“ دۆلىتىنى قۇرۇدۇ. مەزكۇر كىتاپ ئاپتورى Peter Fleming دەل مۇشۇ بوران – چاپقۇنلۇق ئوزگۇرۇشلەر،  قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا كەشمىرگە يول ئالغان سەپەرى يولىدا چاقىلىققا كېلىدۇ. كېيىن ئاپتور كىتابىدا تۇڭگان ما خۇسەننىڭ ئەسكەرلىرى ئىشغال قىلغان بۇ خوتەن دىيارى زېمىننى “تۇڭگانىستان جۇمھۇرىيىتى” دەپ ئاتايدۇ.

كىتابنىڭ تارىخىي قىممىتى

دېمەك مانجۇ – چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ گېنېرالى زو زۇڭتاڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمىي شەھىرى قەشقەردە قۇرۇغان ۋە 10 يىل ھۆكۈم سۈرگەن “ياقۇپبەگ” بەدۆلەت ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ ئەلگە زو زۇڭتۇڭنىڭ تەلىپى بىلەن مانجۇ – چىڭ ئىمپېريىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى 1884- يىلى تۇنجى قېتىم “شىنجاڭ” دەپ نام بېرىشى بىلەن بۇ ئەل رەسمىي مانجۇ – چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قارمىقىدىكى بىر ئۆلكىسى بولغاندىن تارتىپ ئەسىرلەپ بۇ ئەلدە داۋام قىلغان ئۇرۇشلار بىر مەھەل پەسكويغا چۈشىدۇ. ئەمما 1911-يىلى مانجۇ – چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن خەن مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستاققىللىق، ئويغىنىش ھەرىكىتى يەنى شىنخەي ئىنقىلابى بىلەن پۈتۈن مانجۇ – چىڭ ئىمپېريىسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ 1912- يىلى ئورنىغان “جۇڭخۇا  رېسپوبلىكىسى” (中华民国) قۇرۇلغاندىن كېيىن مانجۇ – چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقۇرغۇچىسى يۇئەن داخۇا ئىچكىرى ئۆلكىگە قېچىپ كېتىپ، ئۇنىغا ئۇنىڭ ئورۇن باسارى ياڭ زېڭشىننىڭ ئولتۇرىشى بىلەن بۇ ئەل يېڭى زاماندىكى خەن مىللىيتارىست باندىتلاردىن تەشكىللەنگەن ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشىدۇ ھەم شۇنىڭدىن باشلا ئۇرۇش- يېغىلىقلار بۇ ئەلدە يەنە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدۇ.

ئاپتور Peter Fleming “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ كىتاپقا نېمە ئۈچۈن «تارتارىيە» ئاتالغۇسىنى قوللانغانلىغى ھەققىدە كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىدۇ:

«“تارتارىيە” دېگەن بۇ سۆز بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپلا قالماستىن خۇددى بىز قاراقويۇق “خرىستىئان دۇنياسى” دەپ ئاتىغىنىنىمىزدەك كەڭ قوللىنىدىغان بىر ئىسىمدۇر. تارتارىيە تاتارلارنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. تاتارلارنىڭ تۈرلىرى كوپ بولۇپ تارىختىكى بىر زامانلاردا ئۇلار سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى تۇپراقلاردىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىدىن كورىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنلارنى باشقۇرغان خەلقلەردۇر. بىراق بۈگۈنكى كۇندە بۇ “تارتارىيە” ئاتالغۇسى ئەتراپىمىزنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تەبىئىي چېگرا پەيدا قىلىپ تۇرغان ۋە بىز سەپەر قىلماقچى بولغان سىنكاڭ (شىنجاڭ) ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ. »

گەرچە رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يازما مەنبەلەرگە تايىنىپ ياكى شاھىتلارنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە تارىخچىلار بەس – بەس بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما يېتەرلىك بولماي ياكى تارىخىي چىنلىق تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۇلمەي كەلگەن ئىدى. سىزگە تونۇشتۇرۇلىۋاتقان Peter Fleming “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق بۇ كىتابى دەل شۇ كەملىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتا ئىشەنچىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان تارىخىي مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەزكۇر كىتاب ئالاھازەل مۇندىن 80 يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلىرىمىز ۋە ئۆز تارىخىمىزنى ئۆگىنىشكە قىزىققۇچى ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور بولغان مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ چۈنكى كىتابنىڭ ئاپتور دەل شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئۆز پۇتى بىلەن شۇ زېمىندا دەسسەپ مېڭىپ،  يۈز بەرگەن  ۋەقەلەرنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ۋەقە شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، چىنلىق ئاساسىدا يېزىپ چىققان 1934 ۋە 1935- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەينى چىنلىقى ئاساسىدا بايان قىلغان بىر  ساياھەت خاتىرىسىدۇر.

بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسملىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ

دېمەك ئۆز تارىخىمىزنى ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بىلىشىمىز بىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە پايدىلىقتۇر. تارىخچىلىرىمىزنىڭ، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ بولۇپمۇ بىلىمخۇمار ياخشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ Peter Fleming نىڭ “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” ناملىق ئۇشبۇ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قانچە بابلىرىنى مۇندىن ۋاقىت ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلماقچىمەن. بۇ تەرجىمە ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ۋە قىممەتلىك تەلەپ – پىكرىڭلارنى بېرىپ تۇرۇشۇڭلارنى ئومۇت قىلمەن.

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر  (1)

“تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” (News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir)

كىرىش سۆز

بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمى ئۈچۈن يېزىلىدىغان گەپلەر ئانچە كوپ بولمىسا كېرەك. ئەمما شۇنى قەتئىي قىلىپ ئېيتالايمەنكى بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ پېكىندىن قورۇقلۇق يولى ئارقىلىق 7 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 3500 مىل يول مېڭىپ ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە يىتىپ بېرىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر  سەپەر جەريانى بايان قىلىنىدۇ.

بەلكىم بىز سەپىمىزدە بېسىپ ئۆتكەن بۇ يەرلەر قانداقتۇر بىر باغلىنىشلار ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەرگە تونۇشلۇق بۇلىشى ۋەياكى مېنىڭ بۇ سەپىرىمدە بايان قىلغان تەسۋىرلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بار بولغان بۇ يەرلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدىن پەرقلىق ھالدا  باشقىچە تەسۋىرلەنگەن بۆلىشى مۇمكىن. بۇ يەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرتقا ناھايىتى ئاز تونۇلغان،  زامانىمىزنىڭ خەرىتىلىرىگە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتا ئاتالغۇلار بىلەن بىز كەزگەن بۇ يەرلەر تولۇق كۆرسىتىلىپ بېرەلمىگەن ئىدى……..

بۇ كىتابنىڭ ئىسمىدىلا بىر مەقسەت ئىشرەت قىلىنغان يەنى بۇ سەپەردىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بۇ يىللاردا سىنكاڭ ياكى جۇڭگو تۈركىستانىدا زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئىدى (بۇ سەپەر بىزنىڭ ئۆز مەيلىمىزچە بولغان ئەمەس بەلكى  بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئىدى). ئالدىنقى قېتىم يەنى 8 يىل ئىلگىرى بىر ساياھەتچى مۇشۇ يولنى ئەينەن بېسىپ پېكىندىن يولغا چىقىپ جاھاننىڭ چېتى بولغان ۋە دائىم قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ ئۆلكىنى كېزىپ ھىندىستانغا بارغان. بۇ يەرلەردە پات- پاتلا ئىچكى ئۇرۇشلار پارتلات تۇراتتى ۋە بىر مەزگىللەردىن كېيىن بۇ ئۇرۇش ئوتلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆچەتتى (ئەلۋەتتە بىز شۇنداق بولۇشىنى تىلەيتتۇق). بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە زېمىنى فىرانسىيە بىلەن تەڭ كېلىدىغان بۇ ئۆلكىنى ئاتالمىش چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرەتتى ئەمما ھېچ كىم بۇ يەرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن كىرەلمىگەن ياكى چىقىپ كېتەلمىگەن. (11- بەت).

ئەگەر سىز 1935- يىلىدىكى سىنكاڭنىڭ بۇ مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىنى بۇ يەرلەرنىڭ تەبىئىي بار بولغان مۈشكۈل تەبىئەت مۇھىتى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، بۇ خۇددى ئۈستىگە چىقىش مۇمكىن ئەمەس دېگەن بىر كۆك لېنتا لەپىلدەپ تۇرغان چومۇلاڭما چوقىسىغا ئوخشايتتى. (11- 12-بەتلەر)

1935- يىلىدىكى سىنكاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە ئىدى. بۇ يەرلەرنى كېزىپ سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى ناھايىتى قىيىن بولۇۋاتاتتى. ئەڭ ئاددىيسى سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن سەپەر قىلىشقا يول قويمايلا قالماستىن جۇغراپىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشكىمۇ يول قويمايۋاتاتتى. بۇ ئۆلكىنىڭ ۋەزىيىتى تاشقى دۇنياغا شۇ قەدەر ناتونۇش بولۇپ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى ئافرىقانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئىپتىدائىي بولۇڭ پۇشقاقلىرىدەك قاراڭغۇ ئىدى……  (12- بەت)

پېتىر فلەمىڭ  (Peter Fleming)

لوندون، ماي، 1936- يىلى

 ئەسكەرتىش

تارتارىيە دېگەن بۇ سۆز بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپلا قالماستىن خۇددى بىز قارا-قويۇق خرىستىئان دۇنياسى دەپ ئاتىغىنىمىزغا ئوخشاش كەڭ قوللىنىدىغان بىر ئىسىمدۇر. تارتارىيە تاتارلارنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپاغا كۆچۈپ كەلگەن يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تاتارلارنىڭ تۈرلىرى كوپ بولۇپ تارىختىكى بىر زامانلاردا ئۇلار سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدىكى تۇپراقلاردىن تارتىپ كاسىپى دېڭىزىدىن كورىيەگىچە بولغان كەڭ زېمىنلارنى باشقۇرغان خەلقلەردۇر. بىراق بۈگۈنكى كۈندە بۇ “تارتارىيە” ئاتالغۇسى ئەتراپىمىزنى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشاپ تەبىئىي چېگرا پەيدا قىلىپ تۇرغان ۋە بىز سەپەر قىلماقچى بولغان سىنكاڭ (شىنجاڭ) ياكى جۇڭگو تۈركىستانى ئۈچۈنلا قوللىنىلىدۇ.  (14- بەت)

نۆل سائەت

كۆپىنچە ھالدا سەپەرنىڭ باشلىنىشى ئاخىرلىشىشىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز بولمايدۇ. سەپەرنى ئېنىق باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان تەييارلىقلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، خۇسۇسەن مەن بۇ ئىشلارغا بىپەرۋالىق قىلالمايمەن، ئەلۋەتتە.

مەن 1935- يىلى 16- فېۋرال كۈنىنىڭ كەچقۇرۇنلۇقى پېكىندىن خەنكۇغا قاراپ ماڭغان پويىز ۋاگونى ئىچىدە ئولتۇرۇپ كەچلىك تامىقىمنى يېمەكتىمەن. بىز خېبىينى كېسىپ ئۆتۈپ ئۆتۈپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كېتىپ بارمىز ئەمما پويىزنىڭ سۈرىتى بەك ئاستا ئىدى. دېرىزە سىرتىدا جىلۋىلىنىۋاتقان كەچقۇرۇننىڭ سارغۇچ قۇياش نۇرى يىراقتىن كۆرۈنۈۋاتقان ئېدىرلىقلارغىچە سۈزۈلۈپ، كىچىك – كىچىك ئېتىزلىقلار ئۈستىگە سېپىلمەكتە. گەرچە ئاق قالدۇرۇلغان ئېتىزلار پايانسىز، دەل – دەرەخلەر يوپۇرماقسىز بولسىمۇ ئەمدىلا بىخ سۇرۇپ چىقىشقا باشلىغان يېشىل ئوت- چۆپلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ يەرلەردە قار-مۇزلار كۆرۈنمەيتتى…. (17-بەت)

بۈگۈن 1935- يىلى 27-فېۋرال، شىئەندىن لانجۇغا كېلىشىمىز ئۇچۇن 8 كۈن كېتىپتۇ. (60-بەت)

قولغا ئېلىنىش

بيۇروكراتلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار ئىش، بۇ بەلكىم ئىش بېجىرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان، كۈلكىلىك بولمىغان بىر خىزمەت ئۇسۇلى بولسا كېرەك. ئۇلار ئۈچۈن نورمالسىز كۆرۈنگەن پاسپورتىمىزنى، خاتىرە دەپتەرلىرىمىزنى كۆرۈپ بىزنى كوپ ئاۋارە قىلىشتى. شۇڭا مەن بىز لەنجۇغا كەلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە سائەتلەپ ئۇچۇرغان ئاۋارىچىلىكلىرىمىزنى تەپسىلىي بايان قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. (شۇنداق قىلىق ئۇلار بىزنى ناھايىتى تەستە ئېھتىيات بىلەن، مۇرەككەپ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ  تىزىمغا ئالدى). بىز ئۆزىمىزنى تار كوچىلاردا ئالتە قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ ياللىشى بىلەن جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى مىسسىئونېرلار ئىدارىسىگە قاراپ مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمىزنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا ئالمىمۇ بۇرۇن كەچ كىرىپ كەتكەن ئىدى.

بىرتانىيىنىڭ جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا تۇرۇشلۇق مىسسىئونېرلار ئورنىنىڭ سېكرېتارى كەەبلې ئەپەندى خېلى بۇرۇنلا بىزنىڭ ئىز دېرىكىمىزنى قىلغان ۋە بىزنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك دىپلوماتىيە سارىيىغا يېتىپ كەلدۇق ۋە ئەسكەرلەرنىڭ يانلىرىمىزنى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ئىچىگە كىردۇق.

“بۇ ئىشلاردىن تېرىكىپ كەتمەڭ” دېدى ئۇ. “سىلەر تازا ۋەزىيەتنىڭ ناچار ۋاقتىدا كېلىپ قاپسىلەر. چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ يەر ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىيەتكە ئوخشايدۇ.”

“-ئەمما ئۇلار نېمە ئىزدەۋاتىدۇ؟”

“-كوممۇنىستلار تەشۋىقاتىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇلار سىزنى بولشېۋىكلەرنىڭ ئىشپىيونى دەپ ئويلاپ قاپتۇ. قايسى بىر كۈنى ئۇلار بىر ئادەمنى تۇتۇۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى بارلىق چەتئەللىكلەردىن گۇمانلىنىدىغان بولۇشتى بولۇپمۇ رۇسلاردىن” دېدى ئۇ سمىگۇنوۋس قا قاراپ تۇرۇپ. (61- بەت)

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بىز ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشتۇق. بۇ ئۆلكىنىڭ جەنۇبى سىچۈەندىكى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت ئېغىر تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. غەربىي شىمال بولسا سوۋېتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا ئىدى. يۈزەكى نەزەرىيىۋى ئۇقۇم بويىچە قارىغاندا بىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئەندىزىمىز بويىچە ئەمەس، گەرچە پېكىن دائىرىلىرى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ماركسىزمچىلار ئۈچۈن جەننەتكە ئوخشاپ كېتىۋاتقان جۇڭگو تۈركىستانىغا كوممۇنىست كۈچلىرى يىغىلىۋاتاتتى. يېقىندىن بۇيان لەنجۇدا بىر قانچە گۇمانلىق شەخسلەر قولغا ئېلىنغان. (ئۇلارنىڭ بىرى بولسا قولغا ئېلىنغان شاڭخەيدىن كەلگەن رەسمىي سوۋېت ئىشپىيونى ئىدى. گەرچە ئۇ – فېڭ فامىلىلىك خرىستىئان مىسسىئونېر بىلەن ئالاقىدە بولۇپ ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قالايمىقان قىلىۋەتكەندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ). ئۇچ ئاينىڭ ئالدىدا نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى كەنسۇ (كەڭ سۇ = گەنسۇ)، كۆك نۇر (چىڭ خەي)، نىڭشىا قاتارلىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا تېلېگرامما يوللاپ،  چەتئەللىكلەرنىڭ غەربىي شىمالغا ئۆتۈشىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. يېقىندا ھۆرمەتكە سازاۋەر، باشقىلارغا زىيان -زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان ئىككى پولشالىق ۋە بىر قانچە ئاق ئورۇسلار لەنجۇغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا قولغا ئېلىنىپ، دېڭىز بويلىرىدىكى ئۆلكىلەرگە قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىكەن. قارىغاندا ھازىرقى ۋەزىيەت بىز ئۈچۈن ناھايىتى بەك ياماندەك كۆرۈنىدۇ. (62-بەت)

لەنجۇنىڭ كوچىلىرى رومانتىك كۆرۈنەتتى. پۇتلىرى بوغۇلغان چوكانلار كوچىلاردا يامغۇردىن كېيىن پەيدا بولغان كۆلچەكلىرىنى ناز بىلەن ئاتلاپ مېڭىشاتتى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئارتىۋالغان يىپەك لېنتىلىرى خۇددى قوڭغۇزلارنىڭ باشلىرىدىكى پارقىراق مۈڭگۈزىنى ئەسكە سالاتتى. مەن شىئەندە ياكى بۇ يەردە كۆرگەن مۇسۇلمانلار پەرقلىق كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ چىراي شەكلى باشقىچە ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈزى قارامتۇل، قورقۇنچلۇق، كۆرۈنۈشى خۇددى قارچىغىغا ئوخشايتتى. كۆپىنچىسى سەللە ياكى باش كىيىمى كىيەتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 10 % نى ئىگىلىسىمۇ كۆزگە خېلى چېلىقاتتى. سىز بەزىدە كوچىلاردا موڭغۇللاردىن كۆرە ئارىيانلارنىڭ چىراي شەكلىگە بەكرەك ئوخشاپ كېتىدىغان، بۇرۇتلۇق، پۇتىغا قونچلۇق ئۆتۈك، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون چاپان كىيگەن، بەلكىم سىز ئۇلارنى كاۋكازىيەدىن كەلگەنلەرمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان سىنكىاڭدىن كەلگەن تۈركلەرنى ئۇچۇرتىسىز. جۇڭگودا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا ياۋروپا كىيىم- كېچىكلىرىنى كىيىدۇ. بۇ يەرلەردىمۇ ئاز-تولا ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئوخشىشىپراق كېتىدىغان بازارلارنى كۆرەلەيسىز. (63-بەت)

بىز شاھزادە دزۇن بىلەن سەپەر قىلىۋاتقىنىمىزغا 7 كۈن بولدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر قىلىشنى باشلىغان 1- ئاپرېل كۈنى كۆك نور كولىنىڭ قارىسىنى كۆرگەن ئىدۇق. بىز بۇ كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىنى بويلاپ ئۈچ كۈن يۈرۈش قىلدۇق. (130-بەت)

شۇنداق قىلىپ بىز مىڭ بىر مۇشەققەتلەردە 16- ئاپرېل تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تۆت تۆگە ۋە ئالىنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بىچارە ئېتى بىلەن چايدام ئويمانلىقىغا يېتىپ كەلدۇق. (142-بەت)

غايىب بولغان شەھەر

بۇ كۆز ئالدىمىزدا بىر غايىب بولغان شەھەر خارابىسى تۇراتتى. بىز خرىستىئان فەۋسېت قائىدىسى بويىچە ئاۋۋال دۇئا قىلدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەر يوقالمىغان ئىدى ھەم مەن بۇ شەھەرنىڭ يوقالغانلىقىنىمۇ جەزىملەشتۇرەلمەيتىم. مەن چايدامدىن ئۆتۈۋاتقان بىر قانچە كارۋانلاردىن سوراپمۇ بۇ شەھەر خارابىلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالمىدىم. بۇ شەھەر خارابىلىكى ئىككى چوقچىيىپ كۆرۈنۈپ تۇغان قورغاندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىزنىڭ چېدىرىمىزنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر مىل يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە كەڭىرلىكى 300 كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى، ئېگىزلىكى 10 مېتىر، قېلىنلىقى 3مېتىرچە كېلىدىغان بىر سېپىل بار ئىدى. بىز بۇ شەھەر خارابىلىكلىرىنىڭ تارىخى توغرىسىدا خەنلەردىن، موڭغۇللاردىن سوراپ كۆرگەن بولساقمۇ ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ شەھەر خارابىلىكلىرى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى ياكى ھېچ قانداق بىر قۇرۇلۇش ئوسۇلۇبلىرىغىمۇ ئوخشىمايتتى. بىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرنىڭ غەرب تەرىپىدە 11 -12 كىلو مېتىر يىراقلىقتىن ياسالغان ۋاقتى بۇ شەھەر خارابىلىكلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىن ئېنىقكى تۈركىلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان  بىر مازارلىقنى بايقىدۇق. (152-بەت)

بىز 27-ئاپرېل ئەتىگەندە توختې دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك ئېرىق بويىدا قۇرغان چېدىرىمىزدىن موڭغۇللارنىڭ ئىبادەت قىلغان ئاۋازى بىلەن ئويغاندۇق. (160- بەت)

بىز يۈك ماشىنىنى 20- ئەسىر بىلەن بىللە لەنجۇدا ئارقىمىزدا تاشلاپ قويدۇق. مانا بىزنىڭ سەپىرىمىز ھازىر ناھايىتىمۇ زور مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتاتتى يەنى زاماندا جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى ئىسكەندەرنى ياكى چىڭگىزخاننى ئەسكەرلىرى بىلەن ئات ئۇلاقلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن ئېغىر تالاپەتلەرگە يولۇقتۇرغانغا ئوخشاش. بىز ھازىر ماركو پولونىڭ ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يوللىرىنىڭ جەنۇبى بۆلىكىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئېگىز تاغلارنى بويلاپ سەپەر قىلغىنىغا ئوخشاش ئالدىمىزغا ئىلگىرىلەپ كېتىپ بارىمىز. (167-بەت)

ياخشى ھەمراھ

بۇ ئۆتۈۋاتقان ھاياتنىڭ رىتىمىدا مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان بىر ئىش سەپەر داۋامىدا مېنىڭ سەپەردىشىم كىنى (ئايال) بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ ياخشى سەپەرداش بولغانلىقىمدۇر.  بىز بىللە سەپەر قىلىۋاتقىلى ئۇچ ئاي بولۇپ ئاشتى. بۇ سەپەر يەنە تۆت ئاي داۋا قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ سەپەر داۋامىدا شەرت – شارائىت  تۈپەيلى بىز – بىرىمىزگە ناھايىتى يېقىن يېتىپ قوپۇپ ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن بەزىدە ئۆزىمىزنى راھەتسىز ھېس قىلاتتۇق. بەزىدە بىر بىرىمىزگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتۇق. يەنى بىر “قۇم ئارىلىدىكى ھېكايە”  گە ئوخشاش بىر – بىرلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ، مۇھەببەت قايناملىرىغا غەرق بولغان ياكى ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە بىز  بىر – بىرلىرىمىزدىن تېرىكىپ ساراڭ بولۇپ كەتكەن بولساق بولاتتى ئەمما بىز ئوخشاشلا ئوتتۇرىمىزدا ئېنىق ئارىلىق ساقلاپ مۇنداق خىجالەتتە قالىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق. (167- 168- بەتلەر)

سەپەر داۋامىدا ئادەتتە مەن قىلىدىغان ئىشلار:

– بارلىق ئوۋ ئوۋلاش (ئوق ئېتىش)

– بارلىق ئېغىر ئىشلار

– كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش

– زۆرۈر بولمىغان سەپەر ئالدىراقسانلىقى

– بارلىق خەنچە، كېيىنچە تۈركى تىلىدا سۆزلىشىش

كىنى نىڭ قىلىدىغان ئىشلار:

– بارلىق تاماق ئېتىش ئىشلىرى

– بارلىق كىر – قات يۇيۇش ئىشلىرى

– بارلىق ساقلىق ۋە ھايۋانلارغا قاراش قاتارلىق تېببىي ئىشلار

– بارلىق زۆرۈر بولغان دوستانە مۇئامىلىلەرنى قىلىش؛

– بارلىق رۇسچە سۆزلەش

(169 بەت)

قارىغۇلارچە سەپەر قىلىش

بىز تېيجىنارغا يېقىنلاشقانسېرى شۇنى ئېنىق ھېس قىلدۇقكى ئۆزىمىزنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلەندۈرمەي تۇرۇپ داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرلىيەلمىگىدەكمىز. سەپەر ياردەمچىمىز ئالىي بىزدىن ئايرىلدى. ھازىر بىزگە لازىم بولغىنى بىز ئىشەنچ قىلالايدىغان، بىزگە ياردەمدە بولالايدىغان لۇ خۇاپۇدەك ياخشى ئانا كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ ھازىر بىزگە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى سەپەر يولىمىز ۋە جەنۇبىي سىنكاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىدى.

مەن تەخمىن ھالدا بولسىمۇ سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنىڭ دۇچ كېلىدىغان مۇھىم ئەھۋاللارنى قىياس قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ چايدام يولى بىزنى دېڭىز يۈزىدىن 5 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇن تاغ ئۆتكىلى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارغا ئېلىپ باراتتى. بىز پېكىندىكى ۋاقتىمىزدىلا ماجوڭ يىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوزغىلاڭچى ئەسكەرلىرىنىڭ سوۋېت ئارمىيىسى ۋە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن زەربە بېرىلىپ ئۈرۈمچىدىن چېكىندۈرۈلگەنلىكى، كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ بوستانلىقلارنى ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. ئەگەر بىزنىڭ قىياسىمىز خاتا بولمىغان بولسا، شۇنى جەزملەشتۈرەلەيمىزكى بۇ تۇڭگانلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەن ئىدى، يەنە ئاساسەن سوۋېت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگىمۇ دۈشمەن ئىدى. ئەلۋەتتە (تۇڭگانلارنىڭ) نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇ خىل دۈشمەنلىكى ياكى پەرۋا قىلماسلىقى بىزنى بۇ ئۆلكىنىڭ پاسپورتى يوق دەپ ئارقىمىزغا قايتۇرالمايتتى ياكى قولغا ئالالمايتتى (ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بىر قانچە چەتئەل پۇقرالىرى قولغا ئېلىنىپتۇ).

قېنى، بىز جۈرئەتلىك بولۇپ بۇ سىنكاڭ ئۆلكىسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا خەۋەر قىلايلى. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەسەۋۋۇر قىلساق (موسكۋا تەرەپنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانساق) تۇڭگانلار بىرتانىيە ھىندىستانىدىن قورال – ياراقلارغا ئېرىشىش ئىستەكلىرىدە ت.ئى.لاۋرېنس بىلەن ئىككى قېتىم ئالاھىدە خىزمەت ئالاقىسى ئېلىپ بارغان. بىرتانىيە ۋەكىلىنىڭ (تۇڭگانلار بىلەن) بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئېنىقكى ئاساسلىقى سوۋېت كۈچلىرى ئارقا تېرەك بولۇۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمىتىنى ئىناۋەتسىزلەشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالساق، ئەلۋەتتە تۇڭگانلارنىڭ بىزگە تۇتىدىغان مۇئامىلىسى بىزنىڭ سەپىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

بىزنىڭ بۇ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغىنىمىز بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئورۇنلۇق بولغان، ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر پىلان ئىدى. مانا ھازىر بىز ئۈچۈن مۇشۇ پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىزمۇ – يوق، سىناق قىلىپ باقىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.  شۇنداقتىمۇ بىز بۇ پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن خېلى ئۈمىدلىك ئىدۇق. بىرمەھەل ئوتتۇرا ئاسىياغا بوران قۇشىدەك ئۇچۇپ كەلگەن كەلگەن بۇ تۇڭگان ئەسكەرلىرى تولىمۇ ۋەھشىي، رەھىمسىز قاراقچىلار ئىدى. بىز بۇ تۇڭگانلارنىڭ يېقىندا چەتئەللىكلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرتانىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئاڭلىغان ئىدۇق. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىرتانىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى باشلىقىنىڭ ئايالىغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ ئۇنى زەخمىلەندۇرگەنلىكى، بىرقانچە مىسسىيونېرلارنى (خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلار -ت) قولغا ئالغانلىقى، سۋىن ھىدىننىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان يۈك ماشىنىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان. بۇ بولغان ئىشلارنى نەزەرگە ئالساق ئۇلار خېلىلا تەكەللۇپسىزدەك كۆرۈنىدۇ.

ئۇلار (تۇڭگانلار) ھازىرمۇ جەنۇبتىكى بوستانلىقلاردىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۈرۈمچى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتامدۇ؟ بىز شىئەندە ئاڭلىغان خوتەندە پات يېقىندا يۈز بېرىدىغان قوزغىلاڭنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ يۇقىرىدىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا بىز جىددىي جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك ئىدى گەرچە بۇ يەردە بىزنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئاز تولا خەتەرلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ.

بۇ سوئاللىرىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال بىز تېيجىناردا جاۋاب تېپىشنى ئومۇت قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئىككى مۇمكىن بولغان مەنبە بار ئىدى، ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بىر مەنبە ئىشەنچلىك ئىدى. سمىگۇنوۋسنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە ھەر يىلى بىر قانچە تۈركى سودىگەرلەر  جەنۇبىي بوستانلىق يوللىرى ئارقىلىق تەىجىنار (كۆك نوردا -ت) غا كېلەرمىش. بەلكىم بىز ئۇلاردىن ھېچ بولمىسا يۈزەكى ھالدا ئۇ يەرلەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.  (171- 172- بەتلەر)

شۇنداق قىلىپ ئاخىردا بىز 4 پوند ستېرلىڭ قىممىتىگە باراۋەر بولغان باھا بىلەن ئۇنىڭدىن ياخشى بىر تۆگىنى سېتىۋالدۇق. كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە موڭغۇل –  خەن ئوسۇلۇبىدا ياسالغان، يېرىم ساقلىنىپ قالغان ياندۇق دېگەن قەلئەدە ئۇچ تۆگە سېتىۋالدۇق.

(180-بەت)

بۈگۈن 15- ماي كۈنى بولۇپ، بىزنىڭ ھىندىستانغا قاراپ باشلىغان بۇ سەپەرگە يولغا چىققىنىمىزغا دەل ئۇچ ئاي بولغان ئىدى.  (181- بەت)

   بوران كۆل جىلغىسىدا

تومۇز ئىسسىق، تىپ- تىنچ بىر كۈن، قۇياش نۇرى تۆكۈلگەن ۋاقىتتا قالغان نۇر ئىزلىرى يەر يۈزىنى بېغىشلاپ خۇددى كۆز ئالدىمىزدا لىغىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا ئوخشاش بىر مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلاتتى. بىزنىڭ 4 تۆگىدىن، ئىككى قۇلۇن ۋە 3 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بۇ كىچىك كارۋانىمىز قۇچاقلىرى بوشلۇققا تولغان بۇ تاغ ئېتەكلىرىدە ئالدىغا قاراپ ئۆمىلىمەكتە. بۇ يەردە بىر غېرىبلىققا چۆمگەن قاقاس چۆللۈك بولۇپ يە بىرەر تاش، يە ئوت-چۆپ، ئىشقىلىپ ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. (185- بەت)

شىۋىرغانلىق قار توختىغان بولسىمۇ ئەمما داۋاملىق چىقىۋاتقان شامال بىزنى ئارقىمىزغا ئىتتىرىپ، يۈز – كۆزلىرىمىزگە قۇم تىقىپ، بىزنىڭ ئالدىغا مېڭىشىمىزنى توساتتى. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ بوران كۆلنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆلگە قۇيۇلۇپ ئاخىرلىشىدىغان بىر دەرياغا كەلدۇق. بۇ دەريا ئۇلان ئۇسسۇ ياكى قىزىل سۇ دەپ ئاتىلىدىكەن. بەلكىم بۇرۇن موڭغۇلچە ئاتالغان بولسا كېيىن تۈركى تىلىدا قىزىل سۇ دەپ ئاتالغان بۆلىشى مۇمكىن. (188- بەت)

بىز چېدىرىمىزنى قۇرغان يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر تۈركى مازارلىقى بار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ مازار خېلى چوڭلۇقتىكى بىر توپلۇك ئۈستىگە ياسالغان بولۇپ، ئۈستىدە 8 -9  چە كىچىك قەبرىلەر تۇراتتى. ھەر بىر قەبرىنىڭ ئۈستىگە شادا قادالغان، ئۇنىڭغا قارا قوتاز قۇيرۇقى ئېسىقلىق ئىدى. دېمەك بۇ قەبرىلەر پاكىت ئورنىدا شۇنى كۆرسىتىپ تۇردىكى بۇ بوران كۆل جىلغىسىنىڭ ئىسىملىرى بەزىدە موڭغۇلچە، بەزىدە تۈركى تىلىدا ئاتىلىدىغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە تېيجىنار موڭغۇللىرىنىڭ بۇ تېررىتورىيىسى بىر زامانلاردا سىنكاڭلىق ئوۋچى تۇركىلەرنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (191- بەت)

سەللە باشلار

بىز ئىككى قېتىم توختاپ ئاخىر ئىسسىق پاختا دېگەن يەرگە كەلدۇق. سەپەر داۋامىدا تۆگىلىرىمىز بەك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. بىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان يەردىن ئىسسىق پاختى ھەربىي لاگېرىنى كۆردۇق.  ئۇ يەر بۇ يەرلەردە چوقچىيىپ تۇرغان 6 دانە كونىراپ جۇلغى چىقىپ كەتكەن يۇرت (چېدىر-ت) كىچىك بىر تۇز كولىنىڭ يېنىدىكى قارياغدى دىگەن يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. (196- بەت)

ھازىر بىرنىڭ پەرەز قىلىشىمىز ناھايىتى تەس، بىلمەيمىز، بۇ تۇركىلەر بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىر خەن بىلەن بىللە سەپەر قىلىۋاتىمىز. ئۇلار قوشنىسىنى باشتىن ئاخىر مەنسىتمەيدۇ ياكى ئۇلار بىلەن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ. مەن ھە قاچان ئالدىمىزغا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىرى كېلىدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىپتىمەن. ئەمەلىيەتتە شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى تەرقى تۇرقىدىن شەپقەتسىزلىكى ۋە جاسارىتى تەڭلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمىزغا كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ياۋايى كۆرۈنەتتى. ئۇلار قوي تېرىسىدىن ياسالغان ئۇزۇن تون كىيگەن بولۇپ، موڭغۇللار كىيىدىغان تېرە چاپانلاردەك ئانچە سەت كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار پۇتلىرىنى ھايۋانلار تېرىسىدىن ياسالغان قاتتىق خۇرۇم بىلەن قوغدايدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرغان پايتىمىلىرى خۇددى قەدىمكى بىرتانىيەلىك قەبىلىلەرنى ئەسلىتەتتى. بەزەنلىرى بېشىغا دوپپا، بەزەنلىرى يۇڭ تۇماق، يەنە بەزەنلىرى بېشىغا سەللە ئورىۋالغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قۇياش نۇرنىڭ كۆيدۈرۈشى بىلەن قارىداپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى ئەمما ئېنىقكى ئۇلار موڭغۇل چىراي ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ  بۇرنى قاڭشارلىق، كۆزلىرى قىيساق ئەمەس. بەزەنلىرىنىڭ كۆزلىرى كۆكۈش ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل بەدەن كۆرۈنۈشلىرى بىزنى ياۋروپاغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. بىز ھەر ئىككىلىمىز بۇرۇن مۇشۇنداق كاۋكازىيەلىكلەردىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەملەرنى كۆرگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقال – بۇرۇتلۇق، ئارىدىكى تېخى 2 ياكى 3 ئادەمنىڭ چاچلىرى قىزغۇچ ئىدى. ئالدىمىزغا كەلگەن بىر ئايال بىزنى كۆرۈپ رومىلىنى قايرىۋەتتى گەرچە مۇنداق قىلىش تۇركىلەر ئۈچۈن نامۇۋاپىق بىر ئادەت بولسىمۇ.

بىز ئۇلارنىڭ يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن تۇركىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۇلار بىزنى يۇرتىغا باشلاپ بىزگە چاي بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى، بىز ھەيران قالدۇق. كېيىن بۇ ئىشلارمۇ ئېنىق بولدى. بۇ تۇركىلەرنىڭ چېيى يوقكەن. چاي بولمىسا مەيلى، بۇ بىر كىچىك ئىش ئىدى ئەمما ھازىرقى ئەھۋاللار شۇنى كۆرسىتىدىكىن سەپىرىمىز ئۈچۈن خەتەر ۋە ئۇزاققا سۈزۈلۈپ كېتىدىغان ئېنىقسىز،  پايدىسىز ۋەزىيەت بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئىسسىق پاختىغا سىنكىاڭدىن سودىگەر كارۋانلىرى كەلمىگەنلىكتىن بۇ تۇركىلەر چاي ۋە ئۇن ئىشلىتىپ باقمىغىلى ئىككى يىل بولۇپتۇ. سىنكاڭدا 1933 – يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، بۇ تۇز كۆلى بويىدىكى كىچىك بىر مەھەللىنىڭ بىر دىن بىر سەپلىنىدىغان تەمىنات يولى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردىكى ئادەملەر نەچچە ئايلاپ جەرەن بىلەن ياۋا ئېشەك گۆشىنى قىزىل مۇچ بىلەن سۇدا قاينىتىپ پۇشۇرۇپ يەپ جان ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.

بىز سەپىرىمىزنى باشلىغاندىن بۇيان جەمئىي ئۇچ يېرىم ئاي يول مېڭىپتۇ. خەرىتىگە قارىساق، بىز ئەمەلىيەتتە ھازىر سىنكاڭ چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋېتىپتىمىز. (197- بەت)

سەپەر ھەمراھمىز بورودشىن بۇ يەردىن كېيىنكى ئادەمزات ياشايدىغان يەر باشمالغۇن غا بارغۇچە تۇركىلەرنى يول باشلىغۇچى قىلىپ ئېلىپ مېڭىش پىلانىنى ئۇتتۇرىغا قويدى. بىز ئۇ يەرگە بېرىشىمىز ناھايىتى مۈشكۈل بولۇپ ئەڭ ئاز بولغاندا 10 ياكى 12 قېتىم چۈشكۈن قىلىنغاندىن كېيىن مەنزىلگە يىتىپ بارالىشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ تۇركىلەر بىز بىلەن بىللە بېرىشتىن قورۇقتى ۋە ھېچ قايسىسى بىللە بېرىشنى خالىمىدى. كېيىن بورودشىن تۇركىلەرگە بىزنىڭ زادى قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ، بىزنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىمىزنى، ئەگەر ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىپ بىللە سەپەر قىلسا باشمالغۇنغا بارغاندا بىز بېرىدىغان دوللارغا ئۇن سېتىپ ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قىزىقتۇرغاندىن كېيىن تۇركىلەردىن ئىككىسى بىز بىلەن بىللە بارىدىغان بولۇپ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

ئىسسىق پاختا دېگەن بۇ يەر جايلىشىشى جەھەتتىن چايدام رايونىنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن بىردەك بولۇپ كۆرۈنەتتى ئەمما باشقا بىر يەردە ئۈچىنچى بىر خەلق تەرىپىدىن ئىگەللەنگەندەك قىلاتتى. خەرىتىدە بۇ ئىسسىق پاختا دېگەن يەر سىنكاڭ چېگرىسى ئىچىدە كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن بۇ يەرلەر تېيجىنار موڭغۇلىرىغا تەۋە زېمىنلار دەپ قارىلاتتى. ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ ئىسسىق پاختا دېگەن يەردە ئادەم ياشايدىغان ياكى ياشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىم تېيجىنار شاھزادىسى ئەلچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

تۈركىلەر تەرەققىي قىلمىغان، ئارقىدا قالغان، ئاجىز  بىر خەلق. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى پەقەت بوستانلىقلارنى ئاساس قىلغان،  بۇ بوستانلىقلار بولسا ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق سۇغۇرۇشقا تايىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يەرلىرىگە قارىغاندا تەبىئىي ھاۋا كىلىماتقا ناھايىتى ئاز بېقىنىدۇ. گەرچە تارىم ئويمانلىقىدىكى يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى ئاساسەن نۆل بىلەن تەڭ بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تاغلار ئۇستىدىكى قار – مۇزلار ھەر يىلى يازدا ئېرىپ، بۇ بوستانلىقلارغا ھاياتلىق بېغىشلايتتى. مۇنداق تەبىئىي بار بولغان مۇھىتقا تايىنىپ قالغان ئىنسان ھاياتى ئاسان ۋە ئاددىي ئەمما ئۇ مۇقەررەرلىكتىن يىراق ئىدى.

تۈركىلەرنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك مادارى يوق ئىدى. مۇندىن كېيىنكى سەپىرىمىز داۋامىدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ مەقسەتسىز، تەقۋادار، ھاياتقا ھېچ بىر ئارمىنى يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تۇرقى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى چەكسىز كەتكەن بۇ چۆل – جەزىرىلەر ئۇزاق – ئۇزاقلاردا تەبىئىي چېگرالىرى ئارقىلىق بوستانلىقلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش بۇ مۇھىت مۇشۇ تۇپراق ئاھالىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگىمۇ سىڭىپ كەتكەندەك ئۇلارنى نەزەر دائىرىسى تار، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشالمايدىغان قىلىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. مۇشۇنداق تەبىئىي بەرپا بولغان ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان مۇھىت بۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ “پارچىلاپ باشقۇرۇش” مۇستەملىكە سىياسەتنى بۇ يەرلەر قوللىنىشىنىڭ ھىچ بىر ھاجىتى يوق ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان سىنكاڭ تۈركىلىرى ئۈچۈن بويسۇندۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ھەم ئومۇملىشىپ كەتكەن “چەنتو”،  مەنىسى “سەللە باش” دېگەن نامدىنمۇ ئارتۇق بىرلىككە كەلگەن بىرەر ئىسىم بولمىسا كېرەك.  (198- بەت)

ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پەقەت “مۇسۇلمانلار” دەپ ئاتايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مىللەت ئۆزلۈك چۈشەنچىلىرى ناھايىتى كەم بولسا كېرەك. گەرچە ئۇلار ھازىرقى سىنكاڭ ئۆلكىسى ئاھالىسىنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنى باشقۇرماق ناھايىتى ئاساندەك كۆرۈنىدۇ.

ئىسسىق پاختىدا تىلغا ئالغۇدەك ئازراق بىر ئىشلار يۈز بەردى. ئوچۇقچىلىق بىر يەردە مەن بىر قانچە كىچىك جەرەننىڭ پېيىغا چۈشتۈم. ئاخىر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرۈپ مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگەندە يىراقتىن مىلتىقىم بىلەن ئېتىپ ئۇلاردىن ئىككىنى ئوۋلىدىم. بۇ ئادەمنى ناھايىتى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئىدى چۈنكى بىز سەپەردە گۆشكە ئېھتىياجلىقتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بورودشىن بىلەن موڭغۇل قايتىش يولىدا ئوزۇق – تولۈككە ئېھتىياجلىق ئىدى. بىز بۇرۇن بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئىچىدە پارازىت قۇرۇتلانى كۆرگەن ئىدۇق. ئەمما بۇ قېتىم بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي بۇ ئولجىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭدۇق. ئۇلارنىڭ يۇڭلىرىدىكى پىتلىرى بىلەنمۇ كارىمىز بولمىدى چۈنكى بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوقتى.

پىتلىق بولۇپ ياشاش ئادەمنى بەزىدە ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم مۇشۇنداق خىجالەتكە قېلىشىم. كىنى بىر قېتىم مېنىڭ كۆينىكىمنى يۇيۇۋېتىپ، ماڭا زارلىغىلى تۇردى. ئۇنىڭ زارلىنىش بىكار ئەمەس ئىدى. مەن پىتلىق بولۇپ قاپتىمەن. ئۇ شۇ قېتىم كىچىك خالتىسىغا ئاز – كەم ئەمەس، توپ توغرا 8 پىت، 171 دانە سىركە تېپىپ قاچىلاپتۇ! مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كىچىك جانىۋارلارنىڭ مەن بىلەن بىللە ياشىشىدىن مەن نومۇس قىلمايتتىم چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن ياشاشقا باشلىغاندىن بۇيان ماڭا ھېچ قانداق بىر قۇلايسىزلىقلار كەلتۈرمىگەن ئىدى. كىنى بۇ قېتىم تۇتۇۋالغان بۇ ئولجىللىرىدىن خوش بولدى. مەن يەنە ئۆز – ئۆزىمگە شۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشۇم كېرەككى، مەن يۈزۈمنى يوقاتقان ئىدىم.  (199- 200بەت)

بىز تۇنجى قېتىم سۇس كۆكۈش كەندىردىن ياسالغان ھاشىش چەكتۇق. تۇركىلەر ئۇنى نەشە دەپ ئاتايدىكەن. ئۇ بۇ يەردىكى بوستانلىقلاردا ئۆسىدىغان كەندىردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىرىش مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ نورمال ۋاقىتلاردا بۇ يەردىن يىلدا بىر قېتىم ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. بىز بۇ يەردىن كېتىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى كۈنى كەچتە بىر ئادەم بىزگە ۋەزىيەت توغرىسىدا ئازراق بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدى. يېقىندا چەرچەن بىلەن چاقىلىق ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ ئاخىرلىشىپتۇ. ھازىر تۇڭگانلار بۇ ئىككىلا بوستانلىقنى ئوز كونتروللۇقىغا ئاپتۇ.

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر  (2)

تۇغۇلغان كۈن

ئىككى سائەتتىن كېيىن بىزمۇ قارشى تەرەپكە قاراپ سەپرىمىزنى باشلىدۇق. بىزنىڭ بۇ ئىككى تۈركى يولباشچىمىز تۆگىلەرنىڭ يۈك تاقلىرىنى ئارتىپ، ئارغامچىلار بىلەن قوپاللا باغلىدى. ئۇلارنىڭ ئارتىلىغان يۈكلەرنى ئارغامچىلار بىلەن باغلاش ئۇسۇللىرى موڭغۇللارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. بىزنىڭ بۇرۇنقى يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە مۇشۇ يەردە خوش دەۋاتقانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى.

بىزنىڭ بۇرۇنقى سەپەر يولباشچىمىز بورودىشىن ئۆزى ئالدىنقى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە تونۇشقان بىر باي ئادەمنى بىزنى بىزگە تونۇشتۇرغان ئىدى. بۇ يەردە ئۇچ يۇرت بار ئىدى. بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە ئىككى سائەتلەرچە بولۇپ قالدى. بىز كەلگەندە بۇ باي ئادەم ئۆيىدە يوق بولۇپ، بىزنى ئايالى قىزغىن كۈتۋالدى. ئىچى ئىسقا تولغان بۇ يۇرت ئوينڭ تاملىرىغا ئېسىل ساندۇقلار قويۇلغان ئىدى. بىز سىرىتتا چىقىرىشىپ بالىلار بىلەن بىر مەھەل ئوينىدۇق. كېيىن بىز قايتىپ كەلگەندە قۇرئان قانۇنىنى ئۇنتۇپ قالغان 6 – 7 چىرايلىق قىزلارنى كۆردۇق. گەرچە ھىچ قايسىمىز بىر – بىرلىرىمىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىمۇ چۈشەنمىگەن بولساقمۇ، بۇ بىر كۆڭۈللۈك ئۇچۇرۇشۇش بولغان ئىدى. بىزنى كۈتۈۋالغان ساھىبخان بىز بۇرۇن پەقەت يەپ باقمىغان بىر خىل مېزلىك تائاملار تەييارلىغان ئىدى. ئۇچ دانە ياۋا ئۆدەك تۇخۇمى بىلەن چاقىلىقتىن كەلتۇرۇلگەن بىر دانە پىيازنى بىزنىڭ يىيىشىمىزگە سۇندى. ساھىبخان يەنە قانداقتۇر سېرىق ماي بىلەن پىشۇرۇلغان چەلپەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تائامنى كەلتۇردى. بىز ئۆزىمىزنى ئاران تۇتۋېلىپ بۇ يېمەكلىكلەرنى يىدۇق.  ئاخىرىدا بىز ئۇلارغا خوش دەپ سەپرىمىزگە ئاتلىنىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقتىمىزدا كىنى (Kini) بۇ  ئايالغا سوۋغات سۈپتىدە بىر تال بوينىغا ئاسىدىغان زەنجىر تەقدىم قىلدى. كېيىن بىز تۆگىلىرىمىزگە مىنىپ يولۇمىزغا راۋان بولدۇق. (201- بەت)

بىز غەرب تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، سازلىقلاردىن، ئاستا ئاقىدىغان كۆلچەكلەر ۋە ئېرىقلاردىن ئوتتۇق. بۇ سۇ ئېقىنلىرى ئىسسىق پاختىدىكى كىچىك تۇز كۆلى بىلەن ئۇنىڭدىن  چوڭ بولغان، خەرىتىمىزدە كۆرسىتىلىۋاتقان ئاياققۇم كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.

مەن بورودىشىنىڭ ياردىمىدە دائىم ئىشلىتىدىغان 20 تۈركى سۆزلۈكنى يېزىۋالغان ئىدىم.  بىز چېدىر تىككەن ۋاقتىمىزدا مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئىشلەتتىم، ئۇلار خوش بولۇپ كەتتى.  بىرى يېشى چوڭراق، غۇرۇرى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. قانداقتۇر ئۇنىڭ كەيپىياتىدىن دىققىتى باشقا بىر ئىشلارغا چېچىغلىقتەك، قولىدىن ئانچە كوپ ئىش كەلمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى توختاخۇن بولۇپ ئەمدىلا 20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئۇنىڭدا نومۇس قىلىش يوق ئىدى.  ئۇنىڭ كالىسىدا باشقا بىر ئىشلارنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان، يۈزى يۇمىلاق، قىلىقى ئەدەپسىز، قورسىقى ئېچىپلا تۇرىدىغان بىر بالا ئىدى. ئۇ بىر قانچە ئايلار پەقەت گۆش يەپلا جېنىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ەمىشە تسامبا (تۈبۈتلەرنىڭ ئۇندىن ياسىلىدىغان تامىقى- ت)، ئۈن قاتارلىق يېمەكلەرنى يېيىشلا كېلەتتى. ئەمما مەن ئۇنىڭغا يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكىنى ۇرغانلىغىمنىڭ سەۋەبىنى ئۇ بىلەتتى چۈنكى بىزنىڭ ئوزۇق – تۈلكىمىز  ئاز قالغان ئىدى. (202 – بەت)

ئەتە 31- ماي. بۇ مېنىڭ 28 گە كىرىدىغان تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. ئەمما مېنىڭ  بۇ يەردە باشقا ەرقانداق كۈنىدىكىگە ئوخشاشلا ئادەتتىكىدەك بولدى.

بىزنىڭ پېكىندىن ئايرىلغىنىمىزغا ئۇچ ئاي، تانگار دېگەن يەردىن ئايرىلغىنىمىزغا ئىككى ئاي بولۇپتۇ. بىز ئويدىن ئايرىلىپ بۇ سەپەرنى باشلىغىنىمزغا توققۇز …  ئون، ئون بىر ئايلارچە بولۇپتۇ…. (203- بەت)

بىزنىڭ يېمەك خالتىلىرىمىز قۇرۇقدىلىپ كەتكەن ئىدى. بىز  كۆكىرىپ، ئېچىپ كەتكەن، خالتىنىڭ ئاستىلىرىدا قېلىپ قالغان يېمەك ئۇۋاقلىرى بىلەن تسامبا يەۋاتىمىز.  بىزنىڭ قولىمىزدىن ېچ ئىش كەلمەيتتى. بىز  مۇشەققەتلىك كۈنلەرگە قالغان ئىدۇق. (204- بەت)

بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇچۇرغان بۇ دەريانى تۈركساي دەپ ئاتايدىكەن. ياز ۋاقىتلىرى تۈركىلەر بۇ دەرياغا كېلىپ ئالتۇن يۇيىدىكەن. بۇ يەردە ئوت – چۆپلەر ئانچە كۆپ ئۆسمەيدىكەن. بىز ئەتىسى چۈشكىچە بۇ ئىسسىق ۋا كىلىماتىدا ەتلىنىپ ئارام ئالدۇق. (212- بەت)

بىز ئاستا – ئاستا سەپىرىمىزگە يەنە كىرىشىپ كەتتۇق. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ يەر دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى نۇقتىسى بىلەن ئېيتقىنىمىزدا بىز بىر مۇز ئويمانلىقىنىڭ ئىچىگە قاراپ كېتىپ باراتتۇق. قۇياش نۇرىدا قىزغۇچ تېرىسى كۈلرەڭ كۆرۈنىدىغان سۇغۇرلار ئالدىدا مېڭىپ كېتىۋاتقان بۇ گىگانت گەۋدىلەرنى كۆرۈپ،  ەيرانلىق بىلەن قاراپ، ئۆز ئۇۋىلىرىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىشەتتى. مەن بىز كېتىۋاتقان جىلغىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا بىر سۇغۇرنى ئاتتىم. تۈركىلەر سۇغۇرنى ۋە مېنىڭ ئېغىزىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ “ئابدان” دېدى ۋە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ “يامان” دەپ قوشۇپ قويۇشتى. (214- بەت)

ئوت -چۆپ، ئادەملەر، خەۋەر

مەن ئىشلىتىۋاتقان بۇ ماشىنا يەنى مېنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستا- ئاستا مېڭىشتىن توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ېس قىلماقتىمەن. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتقان ئىدىم، ئادەتتە تىز ماڭدى دېگەندىمۇ باكتېرىيە تۆگىسى بىر سائەتتە ئاران 3 كىلومېتىر يول يۈردۇ بىراق باكتېرىيە تۆگىسى پەقەت توختىمايدۇ.(220- بەت)

ئەتىسى سەەردە بىز دىمنالىك (دىمنالىق – ت) دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەر بىزنىڭ خەرىتىمىزدە ئېيتىلىپ، ئېنىق كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن ئىدى. ەم بىزنىڭ تۈركى يول باشچىلىرىمىزمۇ ئىشەنچ بىلەن بۇ يەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادەتتە ئۇلار كۆپىنچە مۇشۇنداق پەرەزلەرنى قىلىشىدۇ. بۇ يەرلەردە يۇرتلار، مال – چارۋىلار كۆرۈنمەيتتى. دۆڭلۈكلەر قوپ قورۇق كۆرۈنەتتى. “ئادەم يوك” دېدى يېشى چوڭراق كەلگەن ئادەم بىر خىل ەتسىز كەيپىياتتا. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە “ېچ كىم يوق” ئىدى. بىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

بىز شۇ تەرىقىدە 8 سائەت ماڭغاندىن كېيىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن دەريا بويىغا كەلدۇق ۋە سۇ ئالدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئۇدا توختىماي چۆللۈكلەرنى، تۆگە چاتقاللىقلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ بىر قۇملۇق يەرگە كەلدۇق ۋە بۇ يەردە بىز ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان بىر  قانچە جەرەن مۈڭگۈزلىرى بىلەن قۇملارنى كولاپ ئۇنىڭغا چېدىرىمىزنىڭ ئارغامچىلىرىنى چىگىپ چىڭىتتۇق. بۇ يەردە بېشىدا ئازراق مۆلدۈر يېغىپ كېيىن يامغۇرغا ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۆتكەنكى ئىككى كۈندىن بۇيان بىز بۇ يەردە خېلى كۆپ ئېگىزلىك ۋا بېسىمىنى يوقاتقان ئىدۇق. تۈركىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بىز يەنە بىر كۈن ماڭساق باشمالغۇن دېگەن يەرگە يېتىپ بارالايدىكەنمىز.

بۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇلار خاتالاشمىغان ئىدى. بىز ئەتىسى يەنى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى  زور چىداشلىق بېرىپ، زېرىكمەي، قاقشىماي بىر ماڭغىنىمىزچە 9 سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان بۇ قۇملۇق بىزنى بىر قۇرغاق دەريا ئېقىنىغا ئېلىپ كەلدى. بىز بۇ يەرلەردە ئۆسكەن بۈك – باراقسان يۇلغۇنلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان باشقا بىر دۇنيادا تۇرۋاتقانلىغىمىزنى سەزدۇق.  بۇ يەرلەردە ەقىقىي ئوت- چۆپلەر ئۆسەتتى. يەر يۈزىدە ئۆسكەن ئوت – چۆپلەر شۇنداق بۇلۇق ئىدى. توپ – توپ بولۇپ قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇياش نۇرىغا تولغان بۇ يايلاقلاردا ئوتلاۋاتقان مەنزىرىلىرى چۆل – باياۋانلارنى تولا كۆرۈپ تېلىقىپ كەتكەن بۇ كۆزلىرىمىزنى زەررەمۇ زېرىكتۈرمەيتتى. يىراقلاردىن ئېشەكلەرنىڭ ڭرىغان ئاۋازى كېلەتتى. بىز ئىگىزلىكتىن ئالدىراش تۆۋەنگە چۈشۈۋېتىپ، بىر توپ ئۆچكىلەرنى باققاچ ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى بىر قانچە يۇرتقا قاراپ مېڭىۋاتقان بىر قىزنى ئۇچراتتۇق.

ئالدىمىزغا 6- 7 دەك ئادەملەر بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. بۇ يەردىكى ئادەملەر ئىسسىق پاختىغا ئوخشاش ئېگىزلىكتە ياشايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئەدەپ – قائىدىلىكرەك كۆرۈنەتتى. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالاملاشقاندا ئىككى قولىنى ئۇزارتىپ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئىككى قولىنى تۇتىدىكەن. ئاندىن ئازراق بېشىنى ئەگكەندىن كېيىن ئارقىغا يانىدىكەن. ساقىلىنى سىپايىلىك بىلەن سىلاپ، تۇرقىنى رۇسلاپ قارىشىپ تۇرىدىكەن. ساقىلىنى چۇشۇرۋەتكەنلەرمۇ ساقىلى بار ئادەملەرگە ئوخشاش ئەينەن قىياپەتلەرنى ئىپادىلىشى كېرەك ئىكەن. بىز تىزلا بۇ تۈركىلەرنىڭ مۇنداق سالاملىشىش قائىدىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈۋالدۇق.  (221- بەت)

بۇ يەردىكى ئادەملەر ئېگىزلىك ۋا كىلىماتنىڭ زىيان – زەخمەتلىرىگە ئاز ئۇچۇرغان بولۇپ، ئىسسىق پاختىدىكى ئوۋچى تۇركىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك سىلىق – سىپايە كۆرۈنەتتى. دېمەك ئۇلار نورمال بىر تۈركىلەرگە ئوخشايتتى. بىز تۆگىلىرىمىزدىكى يۈك – تاقلارنى چۈشۈپ، چېدىرلىرىمىزنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار رېڭى ئۆچكەن بىر قىزىل رەختنى ئېلىپ كەلدى. بۇنى پۈتۈن تۈركىستان بويىچە “دەستىرخان” دەپ ئاتايدۇ. ئادەملەر تاماقنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ يەيدۇ. بىز بۇ سەپىمىزدە تانگار دېگەن يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تونۇردىن ئىسسىق چىققان نان يېيىشىمىزدۇر. بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆرۈپ كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق. داستىخان ئۈستىدە يوغان ياغاچ قاچىدا قىمىز قويۇلغان ئىدى. بىز ئۇ دەقىقىلەردە ئۆزىمىزنى خۇددى جەننەتتە تۇرغاندەك ېس قىلدۇق.

بىز يولباشچىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز قاتارلىق ئەۋاللىرىمىزنى  يۈزەكى  چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، بىز ئۇلاردىن ئالدىمىزدىكى يول توغرىسىدا ئەۋاللار ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. سوئال – جاۋابلار بىز يەر ناملىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن “ياخشى” ياكى “ئەسكى” دېگەندەك سۆزلەر بىلەن  ئاسان داۋام قىلدى. ئۇلار مېنىڭ سوئاللىرىمنى  كەڭ دائىرىدە پەرەز قىلىپ چۈشەنگەن بولسا كېرەك، تۈركىلەر سۆزلەشكە باشلىغاندىن كېيىن بۇ يەردە چوڭ چاتاق چىقتى. ئۇلار سۆزلىسە ەممىسى بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا ۋارقىرىشىپ سۆزلەيدىكەن، بەلكىم ئۇلار شۇنداق چىقىرىشىپ سۆزلەۋاتقان بۇ ۋاقىتتا بۇ دۇنيادا ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيدىغان باشقا ئىنسانلارنىڭمۇ بارلىقىنى تامامەن ئۇنتۇغان بولسا كېرەك.  ئەلۋەتتە،  بۇ يەردە سىياسەت، جۇغراپىيە، تارىخقا ئوخشاش مۇ ئىلىملەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار  قىزغىن مۇنازىرىلەر بىلەن تۆكۈلۈۋاتاتتى ئەمما كاشكى بۇ سۆزلەرنىڭ 95% مەن ئۈچۈن ئەەتسىز ئىدى.

قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى قايتا- قايتا ئاڭلاپ، ئەلگەكتە مۇ بولغانلىرىنى تاسقاپ ئېلىپ ئاخىرى ۋەزىيەت توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پەرىزىمىزنى مۇقىملاشتۇردۇق. بىز ئىسسىق پاختىدا ئاڭلىغان چەرچەن بىلەن چاقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش  توختاپتۇ. دېمەك باش مالغۇندىكى ئادەملەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا  بىزنىڭ چەرچەنگە بېرىش يولىمىز ېچ بىر توسالغۇغا ئۇچۇرمايدىكەن. بىزنىڭ بۇ يەردىن چەرچەنگە بېرىشىمىزغا كۆپ بولغاندا ئالتە كۈن كېتىدىكەن. بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە گەرچە قوزغىلاڭچى تۇڭگانلار ئەسكى بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىزنى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئې بار ئىكەن. بۇ خىل ئېڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزنى خېلىلا يېنىك ېس قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ ە پۈتۈن ئىمكانىيىتىمىز بىلەن بىز چۈشەنگەن خەۋەرلەر ياخشى بولۇپ چىقتى. بىزنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن يولىمىز توسۇلۇپ قايتۇرۋېتىلمەيدىغانلىغىمىزغا ئىشەنچ قىلدۇق.  بىز بۇ يەردە بىر كۈن ەتلىنىپ ئارام ئالدۇق. (222- بەت)

ئىيۇننىڭ 10- كۈنى بىز چەرچەنگە قىلغان سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىگىنى باشلىدۇق. بىز بىر خىش چاي ۋە بەش دوللارغا بىر يول باشلىغۇچى ياللىدۇق ھەم تۆگىلىرىمىز ۋە ئۇچ ئېشەكنىڭ سەپەر ئوزۇق -تۈلۈكلىرىنى ۇق. بىزنىڭ يول باشلىغۇچىمىز تۇزۇن (تۇرسۇن -ت) ئىسىملىك خۇش چىراي بىر ئادەم ئىدى. كۆرۈمسىز، پاخپىيىپ  ئۆسكەن ساقال – بۇرۇتلار ئارىسىدا ئۇنىڭ يۈزى نۇرلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ كۆرۈنۈشى ۋە ھەرىكەتلىرى بىزگە خۇددى سانتا كلائۇس (روژېستىۋا قارا بوۋاي -ت) نىڭ ئامراق بىر جىيەنىنى ئەسلىتەتتى. بىز ئۆزىمىز بىلەن بۇ سەپەردە بىللە ئېلىپ ماڭغان يىڭنە، سوپۇن، سەرەڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈن، گۈرۈچكە تېگىشىپ سودا قىلىپ ماڭدۇق. كېيىنچە ئاياللار بىزنىڭ بۇ ماللىرىمىزغا يېڭى تونۇردىن چىققان “توقاچ’ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قۇملۇق ماكاننىڭ قوي پېچىنىسىنى تېگىشتى. بەزىلىرى خۇش چىراي ۋە ياخشى سۆزلەر بىلەن بىزگە ەتتا قوي سوۋغا قىلىشتى. بىز سائەتلەرچە بۇ سوۋغاتلارغا پۇل بېرىشىمىز كېرەك دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىز 3  دوللار تولىدۇق. دېمەك بۇ بىزنىڭ سەپەر داۋامىدا تۇنجى قېتىم قاسساپقا تۆلىگەن گۆش پۇلىمىز بولدى ئەمما بىز تۆلىگەن بۇ پۇلىمىزغا نارازى بولمىدۇق.

بىز يۈك – تاقلىرىمىزنى ئارتىپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا كېكەچلەپ گەپ قىلىپ يۈرۈپ ئاخىر سائەت 10 لەردە سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماڭا قىزىقىپ قالغان شۇنداق بىر چىرايلىق قىز بالا ئايرىلىش سوۋغىتى سۈپىتىدە رۇسىيەنىڭ بىر قاپ سەرەڭگىسىنى سوۋغا قىلدى. بۇ دەقىقىلەردە بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم تولىمۇ رەۋىش ۋە دوستانە كۆرۈنەتتى. بىز بىر يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئۇستى كىگىز – پالاسلار بىلەن يېپىلغان، گەمىگە ئوخشايدىغان بىر ئۆتەڭگە كېلىپ توختىدۇق. بىز ئۇ يەردە نان، قىمىز ۋە جەرەن گۆشى بىلەن تاماقلاندۇق. مۇندىن كېيىن ئېسىمىزدە بولسۇنكى تۈركىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشىمىز كېرەك ئىكەن. (223- بەت)

بىز چەرچەن دەريا ۋادىسىنى بويلاپ ماڭدۇق.  باش مالغۇننىڭ ئورنى بىزگە  ئېنىق ئىدى. ئارقىمىزدا قالغان، ئۇ  مەدەنىيىتى بار بولغان سۇ ئېقىنىدىن يىراقلاشقانسېرى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى يولىمىز پاتقاقلىق، يەنە بىر چېتى كۆز يەتكۈسىز ئۇپۇق بولۇپ كۆرۈندى. (224 –بەت)

بىز بەش سائەت سەپەر قىلغاندىن كېيىن يولباشچىمىز مۇنا بۇلاق دەپ ئاتىغان ۋە بىزنىڭ خەرىتىمىزدىمۇ شۇنداق دەپ يېزىلغان بىر يەرگە كەلدۇق. ئەمما يەنە بىر قېتىم بۇ يەردە “ئادەم يوك” ئىدى. بۇ يەردە تاشلاندۇق قالغان بىر يۇرت بىلەن  ئاز تۇزلۇق سۇ چىقىدىغان بىر بۇلاق بار ئىدى. (228- بەت)

ئەمدىلىكتە بىز ئۆزىمىزنىڭ چەرچەنگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېسقىلىۋاتاتتۇق ئەمما يول ئازابىدا بىزنىڭ تارتقان جەبرى – جاپالىرىمىز،ھېرىپ چارچاشلىرىمىز سەۋەبلىك ئالدىمىزدا يەنە قانچىلىك يولنىڭ قالغانلىقىنى دە پەرەز قىلالمايتتۇق. بىز قۇم بارخانلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز قۇم بارخانلىرىدىن باشقا نەرسىلەرنى كۆرەلمەيتتۇق ۋە قىياس قىلغۇدەكمۇ ماجالىمىز قالمىغان ئىدى.

قۇياش پارلاپ كۆتۈرۈلدى. ئېشەكلەر ئۆمىلىگەندەك ئاستا ماڭماقتا. چارچاپ  كەتكەن تۆگىلەر خۇددى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى بىر  ئىززەت تۇيغۇسىغا چۆمگەن دەقىقىلەرگە ئوخشاش مىدىرلىماقتا. بۇ  بىزگە شۇ ئېنىقكى بىز بۈگۈن كەچ كىرىشتىن بۇرۇن چەرچەنگە يىتىپ بارالمىغۇدەكمىز.  (231- بەت)

كۆز ئالدىمىزدىكى قورقۇنچسىز يېڭى دۇنيا

ئەتىسى ئەتىگەندە، بىز پېكىندىن يولغا چىققاندىن باشلاپ دەل تۆت ئاي سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئاخىر چەرچەن بوستانلىقىغا يىتىپ كەلدۇق. بىز كەڭ كەتكەن قۇرۇق دەريا  بويلاپ ئىككى سائەت ماڭدۇق. بۇ يەرشارى بىزگە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر بىرلىرىگە قارشى ئوخشىماسلىقنى ھەدىيە قىلمىغان بولسا كېرەك يەنى دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇق، بوستانلىق بىلەن چۆل- جەزىرە. دېمەك كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرىدىن بىزگە شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى بىز  بىر دۇنيادىن باشقا بىر دۇنياغا كىرگەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بۇ يېڭى دۇنياغا كىرىدىغان ئېنىق بىر باسقۇچلار يوق ئىدى. يول بويلىرىدىكى رەت – رەت ئۆسكەن دەرەخلەر ئېتىزلىقلاردىكى كەندىر، شال ۋە ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرگە سايىسىنى تاشلاپ تۇراتتى. چىرايلىرىدىن ياۋاش – يۇمشاقلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئاق ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئادەملەر قوللىرىدا كەتمىنىنى تۇتقاچ بىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى كۆزىتىپ قاراپ تۇراتتى.  ئەنە ئۇ يەر – بۇ يەردە تۇزۇن (تۇرسۇن) نىڭ تونۇش – بىلىشلىرى ئۇنىڭغا سىلىق ئاۋاز بىلەن “ياخشى كەلدىلە” دەپ توۋلايتتى، قوللار سىقىلاتتى، ساقاللار سىلىناتتى…. ئاخىرىدا بولسا كۆزلەرھەيرانلىق بىلەن بىزگە تىكىلەتتى.

ئېرىقلار بۇ يەرنىڭ ەممە يەرلىرىدە خۇددى مۇزىكا رېتىملىرىدەك ئاقاتتى. ئاچ قىزغۇچ رەڭلىك دوپپا كىيگەن، سۇ توختاپ قالغان كىچىك كۆلچەكتە بوۋىقىنى يۇيۇۋاتقان بىر قىز بىز كاپىرلارنى كۆرۈپلا چاققانلىق بىلەن يۈزنى رومىلى بىلەن يېپىۋالدى.  (233- بەت)

دەرەخلەر ئاستىدا توپا – لاي بىلەن قوپۇرۇلغان پاكار ئۆيلەر ۋە بېشى يېرىم يېپىلغان  ئالدىغا دۆۋىلەنگەن دەرەخ ياغاچلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بەزىدە بىزنىڭ سەپىمىزنى كۆرگەن ئاياللار ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ بىزنى مارىشاتتى ياكى ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ  كىرىپ كېتەتتى….

كاككۇك توۋلىدى…. بۇ ماڭا تونۇش ئاۋاز ئىدى، مەن بۇ ئاۋازنى ئۇچ ئاي ئىلگىرى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ دېمەك شۇنى بىلدۈردىكى بىز  ئادەملەر بار، ئۆيلەر بار دۇنيادا. ئەلبەتتە، بىز بۇ ئاۋازدىن ئاچ كۆزلۈك بىلەن تۇخۇمنى خىيالىمىزغا كەلتۈردۇق. بىز كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بىر  نامرات كۆرۈنىدىغان ئۆيگە كېلىپ توختىدۇق. بۇ ئوي ئىگىسى تۇرسۇننىڭ بىر تۇغقىنى ياكى تونۇشى بولۇپ، ئۇلار بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن  پالاس سالدى ۋە بىزگە قىمىز، پىشمىغان ئۆرۈك بەردى. بۇ بىزنىڭ مارت ئېيى كىرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مېۋە يېيىشىمىز ئىدى. بىردەمدىلا  توپلاشقان 6 – 7 دەك ئاياللار كىنىگە (Kini) تىكىلىپ قارىشىپ، پىخىلداپ كۈلۈشۈپ،  قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ جىنسى ھەققىدە تالاش تارتىشنى باشلىۋەتكەندەك قىلاتتى. تۇرسۇن ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر تال قىزىلگۈل سوۋغا قىلدى. تۇرسۇن  ئېسىل بىر ئادەم ئىدى. مەن يول بويى ئېلىپ ماڭغان بىر مەشنى ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدىم. گەرچە بۇ ئېشەكلەر پات يېقىندا بىزگە تەۋە بولمايدىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ مەشنى ئېشەكلەرنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتمىسۇن دەپ سەپەر داۋامىدا ئۆزى بىلەن بىللە  ئېلىپ بىلەن دۈمبىسىگە ئېسىپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئادەتتە “ئاقساقاللار” توغرىسىدا گەپلەر بولۇنۇپ تۇرىدۇ.

(234- بەت)

بۇ “Aksakal” دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا “ئاق ساقال” دېگەننى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر جامائەت توپىنىڭ باشلىقى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دېمەك بىزنىڭ بۇ باش مالغۇن دېگەن يەردىمۇ بىر ئاقساقىلىمىز بار ئىدى. بۇ ئىسىم يەنە كېلىپ قەشقەردە تۇرۇشلۇق بىرتانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ يەرلىك  خادىملارغا بەرگەن مەنسىپى ئىدى.  مېنىڭ بۇرۇن بىلىشىمچە بىرتانىيىنىڭ مەنپىئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇ دەپ قارالغان ھەربىر بوستانلىق شەەردە مۇشۇنداق “ە خادىملار” نى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار ئارقىلىق بىرتانىيە پۇقرالىرىنىڭ  مەنپەئىتى قوغدىلىنغان ئىدى.  بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت  بۇ ئۆلكىگە كېلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەت ۋە ھوقوقلىرىنى قوغداش ئىدى.  بۇ ئۆلكىدە ئىككى يىل داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن چەرچەندە مۇشۇنداق بىر يىراق، چەت – ياقا يەرلەردە بىرتانىيە ئاقساقىلىنى تېپىش ياكى بولمىسا يەرلىك ئابرۇيغا ئىگە، بىرتانىيە ئۈچۈن ئىشلىيەلەيدىغان بىر كىشىنى تېپىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بىزنىڭ مۇشۇنداق بىر كىشىنى تېپىشىمىزدا ئۈمىدھەم يوق ئەمەس ئىدى.

دەرەخ يوپۇرماقلىرى سالقىن شاماللاردا شاراقلايتتى، كاككۇكلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى… ئاياللار پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن تۇيۇقسىز ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈش بولغان چاغدا ئۇلار مېنى ئويغىتىپ چۆپ بىلەن تۇرۇپ قاتارلىق كۆكتاتلار سۇدا پىشۇرۇلغان تەمسىز بىر تاماقنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. كېيىن بىز يۈك تاقلىرىمىزنى ئېلىپ، بۇ ئاقكۆڭۇل ئادەملەرگە خوش دەپ ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە راۋان بولدۇق.

بىز دەريانى كېچىپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا مەن يىراقتىن ئىككى ئاتلىق ئادەملەرنىڭ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم. تەبىئىيكى مۇنداق پىژىرغىن ئىسسىقتا ئات مىنمەكمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى… بىر ئازدىن كېيىن ئىشلار ئېنىق بولدى.  مېنىڭ پەرىزىم توغرا بولدى گەرچە بۇ مەن بۇرۇن ئوقۇغان ۋە خاتىرەمدە قالغان ئېنىق قالغان بىر ھېكايە بولسىمۇ. ئېنىق، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرۇپ بىزگە قاراپ كېلىۋاتاتتى.  (235- بەت)

ئۇلار بىزگە يېقىنلاپ كەلگەندىن كېيىنلا مەن ئۇلارنىڭ توپا رەڭ ھەربىي كېيىمىنى پەرق قىلدىم. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىزگە خەن تىلىدا توۋلىدى. بىز توختىدۇق. تۇرسۇن  قايغۇلۇق كۆرۈنەتتى. تۇڭگانلار بىزنىڭ ئالدىمىغا دۈپۈرلەپ كېلىپ توختىدى: ئالدىمىزدىكى بۇلار بىرھەربىي باشلىق ۋە بىر مىلتىق ئېسىۋالغان خۇسۇسىي قوغدىغۇچى ئىدى. ئەمما بۇ دەقىقىلەردە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئەڭ كۆپ تارتىۋاتقىنى ئۇلار ئەمەس بۇ ئاتلار ئىدى. بۇ ئاتلارنىڭ تېرىسى تىيۇلىن تېرىسىدەك پارقىراق، بويىنى يايسىمان سوزۇلغان. بۇنداق ئېسىل ئاتلارنى ئافغانىستاننىڭ بەدەخشانىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئاتلار بىزنى ئۆزلىرىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى. بۇ ئاتلار شۇنداق زىلۋا ۋە بەستلىك كۆرۈنەتتى. بىز بەلكىم دۇنيادا مۇشۇنداق چوڭ، ئېگىز ئاتلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان چېغىمىز. بۇ ئاتلار بىزنىڭ نەپسىمىزنى ئۆزىگە قوشۇپ بىللە ئېلىپ كېتىپ باراتتى. بىزھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدۇق.

بىراق بۇ خىل قېتىپ تۇرۇپ قېلىش ئۇزاققا داۋام قىلمىدى. ئىنچىكە بۇرۇتلۇق ھەربىي ئەمەلدار ئالدىمىزدا تەقى – تۇرقىنى بىر رۇسلىۋېلىپ، بىزنىڭ بۇ سەپەر مەقسىتىمىز ۋە كىملىكىمىزنى سورىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ خەنچە سۆزلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، خۇددى ئوخشاش جىنسلىق ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش گەپ قىلىپ ئۆز قارشىلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردىم.

”-ياق، بىز رۇسىيەلىك ئەمەس. بۇنداق قاراش تامامەن خاتا بولىدۇ. مەن ئېنگىلىس، ئۇ (ئايال) فىرانسۇز. مېنىڭ يەنە بىر ئىسمىم لېرند…..“

مەن ئۇنىڭغا ”-بىزنىڭ پاسپورتىمىز راست پاسپورت، خاتالىق يوق …” دەپ چۈشەندۈردۈم. مەن ئىچىمدە ئۆز – ئۆزۈمگە “بەلكىم بىز ئېلىپ ماڭغان بۇ يول خېتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندۇ… ئەمما گېپىمىزدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك” دېگەنلەرنى ئويلىدىم.   (236- بەت)

ھەربىي ئەمەلدار بىزگە مۇنداق دېدى: “-بىز بازارغا بارىمىز، سىلەرنىڭ پاسسپورتىڭلار شۇ يەردە تەكشۈرۈلىدۇ.”

“-بىراق بىز ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمىز لازىم ئىدى…”

ھەربىي ئەمەلدار “بۇ يەرلەر بىخەتەر ئەمەس، بۇ يوللاردا باندىتلار بار…”  دەپ سوغۇققانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

بۇ خىلدىكى ئورۇنسىز، ساختىلىققا تولغان سەۋەب كۆرسىتىشلەرنى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغزىدىن تولا ئاڭلىغانمەن. مانا ئەمدى بىزنىڭ تەقدىرىمىز يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ. مەن يول ئۈستىدە چىرايىمدا كۈلۈمسىرەش كۆرسىتىپ، ئۆزۈمنىڭ ناچار خەن تىلى تەلەپپۇزى ئۈچۈن ئۇلاردىن كەچۈرۈپ سوراپ دېگەندەك يولىمىزنى داۋام قىلدۇق. بىزھەر قېتىم قولغا ئېلىنساق تۈركىلەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ تۇيۇقسىز بىزنى تاشلاپ كېتەتتى ئەمما بۇ قېتىم تۇرسۇن ئۇنداق قىلمىدى. ھېلىقى خۇسۇسىي قوغدىغۇچى ئەسكەر ئېتىنىڭ ئۈستىدە ئېگەردىن مىلتىقىنى ساڭگىلىتىپ، كۆزىنى بىزدىن ئۈزمەي قاراپ ماڭاتتى.

مەن كىنى (Kini) گە “مېنىڭچە بىز ئۆزىمىزنى قولغا ئېلىندۇق دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ”  دېدىم.  ئۇمۇ مېنىڭ بۇ قارىشىمغا قوشۇلدى.  (237- بەت)

بۇ ئادەملەرنىڭ بىزنى ھۆرمەت قاراۋۇلى بىلەن قوغداپ ئېلىپ ماڭدى، بىز بازارغا كىردۇق، كېيىن بايقىدۇقكى بۇ يەر بوستانلىقنىڭ مەركىزىدىكى ە ئولتۇراق بىر يەر ئىدى. بىز يەنە شۇنى بىلدۇقكى بىزنى قولغا ئېلىپ ماڭغۇچىلار گومىنداڭنىڭ كۆك يۇلتۇزلۇق يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭدا “36th DIV” دېگەن خەت يېزىق ئىدى. بۇ ئېنىقكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ گېربى ئىدى. ئەمما بىز تۇڭگانلارنى مەكىزى ھۆكۇمەتتىن مۇستەقىل، ئۇلارنى بىر  قوزغىلاڭچىلار دەپ چۈشىنەتتۇق. بەلكىم ئۇلار ئۆزلىرىنى مەركىزى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سادىق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقاندەك كۆرۇنەتتى.  دېمەك  بىزنىڭ قولىمىزدا نەنجىڭ پاسپورتىنىڭ بولماسلىقى بىر چاقچاق ئەمەس ئىدى. بىز ئۆزىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئەنسىرەشكە باشلىدۇق.

بىز بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن قاتار كىچىك ئۆيلەر بار بىر  كېلىپ توختىدۇق. ئۇلار  دەرۋازىسىنى تاقىدى. بۇ يەردە بىزگە مەسئۇل بولىدىغان باشقا ھېچ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. بۇ يەر بەلكىم بىر مې ساراي ياكى بىر تۈرمە بولۇشى مۇمكىن. بىز يۈك – تاقلىرىمىزنى بوشىتىپ  ئىچىگە قويدۇق. ئاتا – ئۇلاغلىرىمىزنى ئېغىلغا ئاپىرىپ باغلىدۇق. (238- بەت)

ئۇلار بىزگە پاسپورتىمىزنى تاپشۇرۇشىنى ۋە بۇ يەردە تۇرۇشىمىزنى ئېيتىپ كۆزىمىزدىن غايىب بولدى. كوچىدىن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتىكى تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. (239- بەت)

ئارىلىقتا بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەختسىز تەقدىرىمىز بىزگە قايتىدىن كۈلۈپ قاراشقا باشلىدى. سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئىقتىدارسىزلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، يوغان خۇمار كۆزلۈك بىر ياش ئادەم خەن تىلىدا ئۆزىنى ئاقساقال ئائىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. بىز بۇ ئادەمدىن ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ بىرتانىيە ئاقساقىلى ئىكەنلىكىنى ۋە بىز بىلەن سالاملىشىش ئۈچۈن يولدا كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق.

مانا ئاقساقال لمۇ  چىرايلىق  ئېگەرلەنگەن بىر ئاتقا مىنگەن پېتى ئارقىسىغا يەنە بىر ئاتلىق خىزمەتچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ يەرگە يىتىپ كەلدى. بۇ ئاقساقال ئادەم ئېگىز بويلۇق، زېرەك كۆزلۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆرۈنىدىغان بىر ئافغان ئىدى. ئۇ بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۆزنىڭ بىزنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىق ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ باشتىن ئاياق تۈركى، ئافغانى ۋە تىللىرىدا سۆزلىدى ئەمما خەنچە سۆزلىمىدى. بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق ئىدى چۈنكى بۇ يەردە تەرجىمانلارنى ئاسان تاپقىلى بولاتتى. بىز ئۇنىڭ گېپىدىن بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى پەرەز قىلدۇق.  (240- بەت)

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (3)

6-باب: چۆل يولى

1- بۆلۈم: مەينەت خىزمەت

سىياسەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئاسىيانىڭ سىياسىتى كىشلەرگە تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلاردا ئۆز كېلىچىكىگە ئۆزنى باغلاش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھالى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكتىن كۆپ يىراق. گەرچە بىز ئىنسانلار ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا بىر – بىرلىرىمىزگە توردەك باغلىنىپ ھېسداشلىق قىلساقمۇ، ئۆز – ئارا چۈشىنىشكە تىرىشساقمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىراي شەكلى پەرقلىنىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تېگى تەكتىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئامالسىزمىز.

بىراق بۇ كىتابنىڭ ئىسمى “تارتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر” دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بىزنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغىنىمىز بولسا سىياسىي خەۋەرلەردۇر. ھازىرغا قەدەر بۇ سەپىرىمىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ سىنكاڭدا* ھازىر نېمە ئىشلارنىڭ يۈزبېرىۋاتقانلىغىنى بىلىشتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بىز بۇ سەپرىمىزنى ئېنىق ھالدا ھەقلىق قىلپ كۆرسۇتەلمىسەكمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ يەرگە بىز مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا قايتا سەپەر قىلىپ كەلدۇق، بولۇپمۇ 1933- يىلىدىن بۇيان خۇپىيانە تۇتۇلۇۋاتقان بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشتۇق. مانا شۇ سەۋەبلەردىن مەن مەزكۇر كىتابنىڭ بېشىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك مېنىڭ مەقسىتىم شۇكى – بۇ كىتابنى سىز ياقتۇرۇڭ ياكى ياقتۇرماڭ، ئۇ سىزگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي بىر سىياسىي كىلىماتىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەمدە بولىدۇ.

ھازىرقى ۋاقىتتا مودىدىن قالغان رۇرىتانىئا* ھەققىدە ئاڭلاپ تۇغىنىمىزغا ئوخشاش، سىنكاڭ رايونى بولسا بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رومانتىك قورغىنىدۇر. بۇ يەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر، زوراۋانلىق، تارىختىن قالغان ھاياجانلىق كەچۈرمىشلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تۇپراققا غەيرى ئەمەستۇر. گەرچە بۇ زېمىننىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى كېچىككەن ھالدا تاشقى كۈچلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولماي كەلگەن ئىدى. ئەگەر بىز دۇنيادىكى تۆت چوڭ كۈچنىڭ سىنكاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ناھايىتى يېقىندىن كۈزتىۋاتىدۇ دەپ قارىساق خاتا ئېيتمىغان بولىمىز. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلساق توغرا بولىدىكى بىز بۈگۈنكى كۈندە سىنكاڭنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. (245- بەت)

بۇ رايونغا سەپەر قىلىشتىكى تەبئىي جۇغراپىيىلىك مۈشكۈللۈكلەر ماركو پولونى غەربتىن، بۇددا راھىب تاڭسىڭنى شەرقتىن نۇرغۇن پالاكەتلەرگە يولۇقتۇرغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى، يول قۇرۇلۇش ئىنژىنېرلىرىنىڭ ياسىغان يول ۋە تومۇر يوللىرى بولغاچقا سەپەردىكى قىيىنچىلىقلار كۆپ ئازايغان ئىدى.

سىنكاڭ رايونىنىڭ زېمىنى فرانسىيەدىن چوڭ، ئۇنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى قۇم بارخانلىرى ئىگىلەيدىغان بولۇپ كۆلىمى 354،000 km2 كېلىدىغان تارىم ئويمانلىغىنى، تۇپرىقى مۇنبەت ئىلى ۋە جۇڭغار ۋادىللىرىنى، شىمال ۋە شەرقىي قىسىملىرىدىكى تەڭرى تاغ تىزمىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىندىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى پەرقلىق تەخمىن قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ ئەمما يېقىن ئەتراپتىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 2 مىليون دەپ ئېيتىشقا بولدۇ. بۇ ئاھالىلەر تۈركى (بەلكىم پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ %70 نى ئىگىلىشى مۇمكىن)، موڭغۇل، ۋە ئاز ساندىكى قىرغىز، تاجىك، تۇڭگان ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى خەن مىللىتىدىن بولغان كۆچمەن تىجارەتچىلەرنى، باشقۇرغۇچى خادىملارنى، ئەسكەرلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە “بولشىۋېك ئىنقىلابى” دىن كېيىن قېچىپ كەلگەن تارقاق بىر “ئاق ئورۇسلار” قوشۇنىنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ ئېتىبارغا ئېرىشىۋاتقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

سىنكاڭ دېگەن ئىسىم ئەسلى “يېڭى زېمىن” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ رايونغا قارىتا ھېكايىلىرى قىزىقارلىق بولۇپ، ئۇلار بۇ زېمىننى مىلادى بىرنچى ئەسىردە بويسۇندۇرغان دەپ داۋا قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا بۇ رايونغا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ھىچ قانداق بىر مۇقىم ھاكىمىيەت تىكلىيەلمىگەن ئىدى. (246-بەت)

بۇ زېمىننى ئاۋال ھونلار، ئاندىن تىبەتلەر، ئاندىن چىڭگىزخان ۋە تۆمۈرلەر باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار بويسۇندۇرۇپ، شەرىق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مۇھىم قۇرۇقلۇق يوللىرى يەنى يىپەك يولىنى مۇۋپپەقىيەتلىك ھالدا ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىدى. (246- 247-بەت)

بۇ زېمىندا 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىلەر قىرغىن قىلىنىپ، غەيرى – رەسمىي ھالدا جۇڭگونىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ. ھازىرقىدەك بولۇۋاتقان بۇ قوزغۇلاڭلار پۈتكۈل 19- ئەسىردە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئاخىرى ياقۇپ بەگنىڭ باشقۇرىشىدىكى قەشقەرىيەنىڭ قۇرۇلۇپ بىر مەزگىل ھاكىمىيەت باشقۇرۇشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دېمەك سىنكاڭ ئۆتكەنكى 150 يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەلۋەتتە بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ سىنكاڭغا قىزىقىشىنىڭ سەۋەبىنى بىز خەرىتىگە قارىساقلا ئېنىق بىلىۋالالايمىز. سىنكاڭ زېمىنى غەربتە روسىيە بىلەن، شىمالدا تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن (بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان)، جۇڭگونىڭ غەربىي – شىمالىغا جايلاشقان ئىچكى موڭغۇلىيە بىلەن، جەنۇبتا بولسا تىبەت ۋە برىتانىيە ھىندىستانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستانلىق سودىگەرلەر ھىمالايا تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ قەشقەر بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، باشقا كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ سىنكاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنىدىغان ئىغۋاگەرچىلىكلىرى تەبىئىيكى ئىقتىسادىي ۋە ستراتېگىيە نۇقتىسىدىن لوندون بىلەن دېھلىنى يېقىندىن بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتلەرنى كۆزىتىشكە مەجبۇر قىلىپ كەلگەن ئىدى.

كېيىنكى 50 يىلدىن بۇيان بۇ رايوندا تەكرار ۋە دەۋرىيلىك ھالدا يۈزبېرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەقەلەر ئىگلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىش بولۇپ، مۇندىن كېيىن بۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىردە رۇسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىنى قايتىدىن لاھىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ كەڭ تۈردە پىلانلانغانلىقىغا ۋە مۇشۇنداق بىر ئېقىمنىڭ قانات يايدۇرۇلغانلىغىغا قارىتا گۇمانلىنىش كەيپىياتى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە Lord Curzonning نىڭ قىلغان سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ يەنە Rudyard Kipling نىڭ بۇرۇن يازغان بىر شېئىرىسىدە ئىپادە قىلىنغان. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا 1895- يىلى تۈزۈلگەن پامىر چېگرا كومىسسىيەسىدە ئافغانىستاننىڭ بىرىتانىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ چېگرىسىدىكى بىتەرەپ تېررېتورىيە دەپ تونۇلۇشى ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. بىراق كېيىنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئېكىسپەدىتسىيەچىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىدا ئېتىلىپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن جۇڭگو تۈركىستانىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىندى. بولۇپمۇ كىشنى ئەنسىرتىدىغىنى مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر چار رۇسىيىنىڭ جۇڭگو ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ يىراقتىكى بۇ پارچىسىنى ئۆز باشقۇرۇشىغا قوشۇۋالدىمۇ ياكى قوشۇۋېلىشنى كېچىكتۇردىمۇ دېگەندەك كۇمانلار بىلەن بۇ رايون ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلاتتى ئەمما ھىچ بىر كىشى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق بىر تەرەققىياتىنى بىلمەيتتى. (247- بەت)

ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق گۇمانلارنى قىلشىدىمۇ بەلگىلىك ئاساسلىرى بار ئىدى. يەنى ترانس – كاسپىئان پويىز يولى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى چۆل -جەزىرىلەردىن باشلىنىپ، ئۇدۇل سىنكاڭ چېگرىسىغا توغۇرلۇنۇپ ياسىلىپ كېتىۋاتاتتى. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ چېگرالىرى ھەربىي تەكشۈرگۈچى كۈچلەر تەرىپىدىن دائىم دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرى ئۆزلىرىنى ئاۋارىچىلىقلاردىن نىقابلاش ئۈچۈنلا ئىلمىي تەكشۈرگۈچى خادىملار دەپ ئاتىۋېلىشاتتى. رۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى باش ئەلچىخانىسى كوساكلارنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا ياسالغان بولۇپ، شۇ يەردىكى بىرتانىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ نەزىرىدە رۇسلار ئەلچىخانىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ ئىدى. بولۇپمۇ كىشىنى ئەنسىرتىدىغىنى روس ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەردىكى رەسمى رولى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچىلەر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇقراچە كيىنگەن خادىملىرى بەزى چاغلاردا جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىرىغا كويزا سېلىپ ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كېتىشەتتى. بۇ ئۆلكىدىكى جۇڭگو ھەربىي قىسىملىرى بولسا ھەممىسى بىرخىل زېرىكىشلىك كىيىم كىيىدىغان بولۇپ، خۇددى Gilbertian – گىلبەرتىئان* قوشۇنىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ھالىتى ئەپيۇن چەككەنلىكى ئۇچۇن قەغەزدەك كۈچسىز كۆرۈنەتتى. سىنكاڭغا بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە رۇسلار بۇ رايوندا كەڭ دائىرىلىك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي ۋە سودا- تىجارەتلىرىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئۆلكىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ پەقەتلا مۇۋاپىق بىر پەيتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئازراقمۇ گۇمان يوق. رۇسلارنىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى پەقەت 1904- يىلى يۈزبەرگەن روسىيە – ياپونىيە ئۇرىشى سەۋەبلىك ئارقىغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى خالاس. دېمەك سىنكاڭنى قوشۇۋېلىش پىلانى كېچىكتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى ۋە ياكى ۋاقتىنچە شۇنداق بولۇپ تۇيلۇۋاتاتتى. كېيىنكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان روسيەنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى تەسىرى كۈنسايىن ئېشىپ كېلىۋاتاتتى. بىراق بۇ خىل ئېشىشنى يۈزبەرگەن زور ۋەقەلەر سەۋەپلىك يەنە بىر قېتىم توختىتىپ تۇرۇشىغا مەجبۇر قىلىنغان ئىدى. گېرمانىيە رۇسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى ۋە شۇ سەۋەپتىن روسىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن روسىيەدە بولشىۋېك ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار يۈزبەردى. چار رۇسىيىنىڭ ئۇزۇن كۈلرەڭ پەلتولۇق ئەسكەرلىرى ئاخىرى سىنكاڭغا ھەربىي كۈچ بىلەن كىرىپ كەلدى ئەمما ئۇلار پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سالاھىيىتىدە كەلگەن ئىدى. ئۇلار بويسۇندۇرغۇچىلار ئەمەس بەلكى يېرىم ئاچ- يالىڭاچ قالغان ھالەتتە، ئاق رۇسلار ئارمىيىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئاسارە ئەتىقىللىرىدەك يولباشچىسى Annenkov ۋە Dutov غا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم ۋاقىتلىق كەلمىگەنلىكىنى ئاستا – ئاستا چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ھەتتا كەنسۇ* غىچە يىتىپ بارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قالغانلىرى بولسا بۇ ئۆلكىدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىلى رايونىدا بىريەرگە جەم ئولتۇراقلاشقان ئىدى. چار روسىيە ئەلچىخانا خادىملىرى تاكى دىپلوماتىك سالاھىيىتىنى يوقاتقىچە ئۆز ۋەزىپىللىرىدە تۇرۇۋەردى. ئۇلار ئاساسەن كۆزگە چېلىقمايتتى. روسىيە بۇ ئۆلكىدىكى سودا – تىجارەتلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى بىلەن تەڭ ھىندىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سىنكاڭدىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىمۇ قىيىن بىر ئەھۋالدا چۈشۈپ قالغان ئىدى. (248- بەت)

بىراق 1924- يىلى جۇڭگو رېسپۇبلىكىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن رۇسىيىنىڭ ئەلچىخانىسى قايتا ئېچىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭلا رۇسىيىنىڭ بۇ ئۆلكە ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى يېتەكچىلىك رولى قايتىدىن باشلاندى. شۇنىڭدىن بۇيان تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار بۇ تىجارىي مۇناسىۋەتلىرى داۋام قىلىنىپ كەلمەكتە.

1928- يىلى سىنكاڭنىڭ تەقدىردە كۆرۈنەرلىك بىر بۇرۇلۇش يىلى بولغان ئىدى. بۇ ئۆلكىنىڭ ئەمەلدارى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە زىياپەت داۋامىدا كىملىكى نامەلۇم بىر جاسۇس تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. (بۇ ئۆلكىنىڭ زىياپەت ئەنئەنىسى ئۆزگىچە بولۇپ، زىياپەت ئۈستىدە ئادەم ئولتۇرۇش نىسبىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ). ياڭ 1912- يىلى جۇڭگو ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن كېيىن ئەمەلدار بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ ئۆلكىنى باشقۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىزچىل ۋە قاتتىق بولغان ئەنئەنىۋىيچىلىك ئۇسلۇبى بىلەن ئىدارە قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇ بۇ ئۆلكىنى گۇللەندۇرەلمىسىمۇ ئەمما ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان تىنچلىقنى ئاساسەن ساقلاپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان بېكىنمىچىلىك سىياسىتى بۇ ئۆلكىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنيا ئىرقنىڭ بەشتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان كۇڭزى ئىرقىدىن ئىلغارلىق، دېموكراتىك ئىدىيىگە كۆچۈش شامىلى بىلەن باشلانغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشنىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ قالىدۇ. ياڭنىڭ ئەمەلدار بولۇپ  سىنكاڭنى 16 يىل ئۆز ئالدىغا باشقۇرغانلىقى تارىخچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ئومۇمىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 20 نەچچە يىللىق ئىچكى سىياسىي ئەنسىزلىك بۇ ئۆلكىدىمۇ ئوخشاش داۋام ئېتىدۇ.

ياڭنىڭ ئورۇن باسارى بولغان جىن شۇرېن قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يېتەرلىك ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ 1931 – يىلى مەخپىي ھالدا سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن قانۇنسىز قەرز ئېلىش ھەققىدە توختامنامە توزۇيدۇ. مەن بۇ كىتابنى يېزىۋاتقان ۋاقىتلاردا نەنجىڭ ئۇنىڭغا بۇ ئىش ۋە باشقا گۇناھلىرى ئۇچۇن ئۇچ يېرىم يىللىق تۇرمە جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۇق. (249- بەت)

2- بولۇم: قىزىل ئارمىيىنىڭ ياردەم بېرىشى

تۇرپان دېگەن يەردە گېنېرال شىڭ شىسەي جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. شىڭ ئەسلى شىمالىي مانجۇرىيە ئەسكەرلىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ياش بىر مارشال بولۇپ، ئۇ 1932- يىلى ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەپلىك سېبىرىيە چېگرىسىغا قېچىشقا مەجبۇر قىلىنغان ئىدى. كېيىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مېھمان دوستلۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ “تۇتۇپ تۇرۇلغان” ئىدى بىراق ئۇلار 1933- يىلىغا كەلگەندە جۇڭگونىڭ ئۈرۈمچى تۇپرىقىدا قايتىدىن پەيدا بولدۇ ۋە جىننىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى بىلەن تەڭ شىڭ سىنكاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئالىدۇ.

ئۇ چاغدا شىڭ 40 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ياپونىيىدە ئوقۇغان. كىشلەر ئۇنى ئانچە قابىلىيەتلىك دەپ قاراپ كەتمەيدۇ ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئابرۇيغا ئىگە بولۇۋالغان ئىدى. مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇنى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىكلەنگەن بىر قورچاق ئەمەلدار دەپ قاراش خاتا بولمايدۇ. ئۇ ۋەزىيەت ناھايىتى كەسكىن چاغدا يىتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەمەلدارنىڭ قومۇل خانلىقىغا زۇلۇم سېلىپ، قالايمىقان باشقۇرغانلىقى سەۋەپلىك، تۈركى قۇراللىق كۈچلىرى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇلار بىلەن دىنداش بولغان تۇڭگانلارنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىن باستۇرۇپ كېلىشى سىنكاڭنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ماجۇڭيىڭ – كېيىنكى تەقدىرى ناھايىتى سىرلىق بولغان ئەمما ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ ياش ھەققىدە كېيىن ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.

شىڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى رۇسلارنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. شېڭ ئەمەلدار بولۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي نەنجىڭ ھۆكۈمىتى خۇاڭ مۇسۇڭنى – Huang Mu-sun بۇ ئۆلكىگە “تىنچلىق ۋەكىلى” نامىدىكى يوغان بىر ئەمەل بىلەن ئەۋەتىدۇ (ئۇ ئىككىنچى يىلى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تىبەتكە بارىدۇ). ئەمما خۇاڭ مۇسۇڭ ئۇ يەردە قىزغىن قارشى ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇچ نەپەر خىزمەتچىسى ئالدىدىن تۇزاق قويۇلغان جىنايەت بىلەن جازاغا تارتىلىپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. خۇاڭ مۇسۇڭ نەنجىڭگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئۆلتۈرۈلگەن ئەلچىلەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە شىڭ شىسەينى رەسمىي سىنكاڭنىڭ باشلىقى دەپ ئېلان قىلىدۇ. (250- بەت)

شىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئانچە ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلغان بولۇپ، ئۇ يۈزبېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خىجىل بولاتتى. قۇمۇلدىكى تۈركى-تۇڭگان قوزغۇلاڭچىللىرى ئۇنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا قىستاۋاتاتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەن ئىككى-ئۇچ مىڭ ئەتراپىدىكى ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ بولغانلىقىغا ئۇ مىڭلارچە مىننەتدارلىق بلدۇرىۋاتاتتى. 1933- يىلى بۇ ئۆلكىنىڭ پۈتكۈل سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، قورقۇنۇچلۇق ۋە قاراڭغۇ بولۇپ، كەلگۈسى تەقدىرى ئېنىقسىز ھالەتتە تۇراتتى. ئۆلكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تۆت چوڭ كۈچ ئۆز رولىنى ئېلىۋاتاتتى. يۈزبېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ قېلىپلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرسىدا بولۇۋاتقان ھەمكارلىقلار بولۇپمۇ ئۆلكىنىڭ غەربىي-جەنۇبى ناھايىتى مۇجىمەل بىر ھالەتتە ئىدى. ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەت بولسا ئاساسەن ئېنىق ئىدى. 1933- يىلى تۇڭگان ۋە تۈركلەر بىرلىكتە ماجۇڭيىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شىڭ شىسەينىڭ گارىزونى ئاساسلىقى ئاق ئورۇس ۋە مانجۇرىيە ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەسكەرلەر قەبىھ ئۇرۇشىدىغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىننىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن دىنىي ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈركلەرگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەگەردە باشقا بىر ئامال قىلمىسا پايتەختىنىڭ قولدىن كېتىدىغىنى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ قالىدۇ .

بىراق ۋەزىيەتنىڭ بۇ شەكلىدە داۋام قىلىشىغا سۈكۈت قىلىنمىدى. شىڭ شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئېلىش توغرىسىدا مەخپىي توختام تۇزىدى. بۇ توختام ھەققىدە مېنىڭ خەۋەر تېپىشىمچە، توختام بويىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 500،000 ئالتۇن رۇبلى، كۆپ مىقداردا قۇرال-ياراق، ئوق ۋە زەمبىرەكلەر، بىر قانچە سوۋېت ئۇچقۇچىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۆلكە بۇنىڭغا جاۋابەن سىنكاڭنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى تەبئىي بايلىقلىرىنىڭ روسىيە تەرىپىدىن قېزىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە كاپالەت قىلىنىدۇ. (ئەمما ئۇلارنىڭ قىممەت باھالىق تۇغۇلمىغان پاقلانلارنىڭ تېرە سودىسىنى ئۆز ئالدىغا مونوپول قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ). بۇ ئۆلكىنىڭ تەبىئي بايلىقلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توختامدا يەنە يۇڭ، تېرە، قوي ۋە ئالتۇن قاتارلىق سودا -تىجارەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇم رەقەملىك كېلىشىمىلەر ھاسىل قىلىنغان. بۇ تۇردىكى سودىلارغا ئانچە كۆپ چەكلىمىلەر قويۇلمىغان. مەزكۇر توختامنىڭ تۇزۇلىشى بىلەن تەڭ ئۆلكىدە يۈزبەرگەن ۋەقەلەردىن شۇنى پەرەز قىلالايمىزكى، بۇ توختامغا يەنە چۆچەك، غۇلجا، قەشقەرگە يېقىن بولغان ئىركىشتام يوللىرىنى ياساش؛ سوۋېتىنىڭ “ئالاھىدە مەسلىھەتچى” خادىملىرىنى بۇ ئۆلكىنىڭ بارلىق ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى “مۇھىم” خىزمەتلەرگە قويۇش؛ تۈرك-سېبىرىيە تومۇر يولىنى ئۈرۈمچىگە ئۇلاش تومۇر يول قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئەلۋەتتە مەزكۇر قەرز ئېلىش توختامىنىڭ تۈزىلىشى بىلەن تەڭ شىڭ شىسەينىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن بۇ توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلتىماس قىلىشى نورمال بىر ئىش ئىدى. (251- بەت)

1934- يىلى يانۋارنىڭ باشلىرىدا تۇڭگان قىسىملىرى ئۈرۈمچى ئەتراپىنى قورشاۋغا ئالدى. بۇ ۋاقىتتا نەچچە مىڭلىغان سوۋېت ئەسكەرلىرى ئايروپىلان، بروۋنىك ۋە يىنىك تىپتىكى تانكىلار بىلەن غەربتىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى 30 دېڭىز مېلى يىراقلىققا جايلاشقان مۇز قېتىپ كەتكەن تۇتۇڭ دەرياسىغا يىتىپ كەلگەندە، ئۇرۇش بىر قانچە كۈن داۋام قىلدى. بىراق تۇڭگانلارنىڭ تەربىيە كۆرمىگەن تەلۋە ئەسكەرلىرى تەبىئىيكى زامانىۋى دۇشمەنلىرى بىلەن ئېلىشىشتا تەڭ كېلىپ بولالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدىن تېرىۋېلىنغان، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۈچۈرشىپمۇ باقمىغان دېھقانلار بولۇپ، سوۋېت ئۇچقۇچىللىرىنىڭ ھاۋادىن تاشلىغان گاز بومبىلىرى ئۇلارنى تىزلا پالەچ قىلىپ قويغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا چېكىندۈرۈپ، غەربتىكى قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى. (252- بەت)

دۆلەتلەردە سىياسەت ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغانچە يۈرگۈزۈلىدىغان بۇ كۈنلەردە بىر دۆلەت ھەربىي كۈچىنىڭ يەنە بىر دۆلەت ھەربىي كۈچىگە تەۋە تېررىتورىيەدە دۈشمەنلىك بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇشى، بىرەر زور ۋەقەلەر يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ئىنكاس بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىشى بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. بىراق شۇنى ئېسىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەككى ئۈرۈمچى بىزدىن ناھايىتى ئۇزاقتىكى بىر يەردۇر. يەنە كېلىپ بىز ئۈچۈن بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھىچ بىر شاھىدلىرى يوق، گەرچە مەن بۇرۇن بايان قىلغىنىمدەك ئىككى نەپەر گېرمان ۋە شۋېتسارىيە پۇقرالىرى بۇ يەردە ئالىممۇ بۇرۇن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ. ئەكسىچە بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە بىر خىل قىزىقارلىق ئويۇندەكلا تۇيلىدىكى ھەرگىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ چۆچىگەنلىكلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەردە “مۇستەقىل مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ تۇپ ئىدىيىسى پان ئىسلامىسىزىم بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ سىياسىتى نەنجىڭ ۋە سوۋېت ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ياكى تەلۋىلەردەكلا كۆرۈنەتتى، شۇنىڭ ئۇچىنىمۇ ئۇلار ئاران ئىككى ئاي ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر بېرىلگەن بولسا كاشكى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاز- تولا تەپسىلاتلىرى بىلەن توختىلىپ ئۆتسەك ئەرزىگەن بولار ئىدى. بۇ يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۈن تەرتىۋى ئەسلىدىنلا مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۋەتكەن ئىدى. خوتەندىن كەلگەن خىيالپەرەس قۇراللىق كۈچلەر ئۇچ موللىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ پان ئىسلامىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بىھۇدە قانلارنى تۆكۈشكەن ئىدى.

بۇ 1933- يىلىنىڭ ئىچىدە قەشقەرنىڭ يېڭى ۋە كونا شەھەرلىرىدە (بۇ شەھەرلەر بىر – بىرلىرىدىن 6 دېڭىز مېلى ئايرىلىپ تۇرىدۇ) ھاكىمىيەت بىرسىدىن يەنە بىرسىنىڭ قولىغا توختىماي ئالمىشىپ تۇردى. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغىنى باشقۇرىدى ئەمما ۋەزىيەتكە قاراپ قايسى تەرەپ پايدىلىق بولسا شۇ تەرەپكە ئاغىدى.

1934- يىلى يازدا سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى ئۈز قولىدا مەھكەم ساقلاپ قالىدۇ ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز كونتروللىقىغا ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈچى غەربتىكى قەشقەرگە ھەم ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ياركەنتنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان ماجۇڭيىڭ ئىشغالىيىتىدىكى تۇڭگان ئارمىيىسىگە مەركەزلىشىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئاساسلىق چوڭ يولنى بويلاپ ئاقسۇ ۋە مارالباشىغا يىتىپ كەلگەن ئىدى. ماجۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەشقەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن بۇ كۈچنىڭ يوق قىلىنىش ئۇچۇن يەنە سوۋېت ھەربىي قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق ياردىمىگە مۇھتاج ئىدى. بىراق يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان تۇڭگانلارنىڭ قوماندانى نورمال دىپلوماتىك ئالاقىدىن ھالقىغا ھالدا (قەشقەردىكى) سوۋېت ئەلچىخانىسىنى پات-پاتلا زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. بازاردا ئەسكەرلەر كۈچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىشاتتى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى 5- ئىيۇن كۈنى شەھەرنىڭ ياركەنتكە بارىدىغان يولىدىكى ھەربىي توساقلار پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاندى ۋە بۇ ئىش يۈزبېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن بىر قانچە خۇسۇسىي قوغدىغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۇنى رۇسىيە تېررىتورىيىسىگە بارىدىغان يولغا قاراپ يورۇپ كېتىشتى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىگە قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ كاتىپى ھەمراھ بولغان ئىدى.

ماجۇڭيىڭ كېتىشى بۇ ئۆلكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى. تۇڭگان ئارمىيىسى شەرقتە چاقىلىقتىن تارتىپ غەربتە قاغىلىققىچە بولغان تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنى داۋاملىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قاغىلىق بىلەن يەكەن ئارلىقىدا بىر خىل سۇننىي شەكىلدىكى دۈشمەنلەر بىر- بىرلىرىدىن ئۆز – ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھەربىيسىز رايون شەكىللەنگەن ئىدى.

ئۆلكىنىڭ باشقا يەرلىرى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. شىڭ شىسەينىڭ ھوقۇق دائىرىسى تىز كېڭىيىپ مانجۇرىيەدىن كەلگەن ئەسكەرلەر، تۈركلەر ۋە ئاق ئورۇسلاردىن تەركىپ تاپقان ئۆلكىنىڭ 20-30 مىڭ ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچىگە قوماندانلىق قىلاتتى. ئاق ئورۇس قىسىمىنىڭ سانى 2000 ئەتىراپىدا بولۇپ، ھەربىي كۈچىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تايانچىسى ئىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ “ئاق” دەپ ئاتالغان لەقەم ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئانچە راھەت بىلەن قوبۇل قىلىنىپمۇ كەتمەيتتى. (253- بەت)

ئۈرۈمچىدە سوۋېتنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ئوچۇق ئاشكارە ئىدى. شىڭ شىسەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى سۈپتىدە بۇ يەرنى باشقۇرۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان “خەلق ۋەكىللىرى” كېڭەش ھەيئىتى تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، قانداقتۇر بىر خىل كۆرۈنۈشتىكى دېموكراتىك تەسىرنى بېرەتتى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەرنى ئۆز باشقۇرۇشىغا ئالغانلىقىنى يوشۇرۇپ قالاتتى. بىراق بىز بۇ ئەمەلىيەتنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلالمايمىزكى مەزكۇر ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقلىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىخانىسىنىڭ ئاتالمىش ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي “مەسلىھەتچىلىرى” نىڭ قولىدا ئىدى.

بۇ ئۆلكىنىڭ ھەر بىر ئىدارە، ھەر بىر ئارمىيە – پولىك قىسىملىرىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن جاسۇسلار ئۈنۈملۈك ھالدا ئىگىلەپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئۆلكە موسكۋا تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. بۇ ئۆلكىدە كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرىمۇ تەرغىپ قىلىنىپ تۇراتتى (بۇنى ئاساسەن يېڭىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىغان موللىلار ئېلىپ باراتتى) ئەمما بۇ تەرغىباتلار كۈچلەنمەيتتى ۋەياكى ئالاھىدە بىر مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلمەيتتى. بۇرۇنقى تۈركى مەكتەپلىرى بولسا پۈتۈنلەي دېگىدەك دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەسلەپكى قەدەمدىكى سىياسەت بىلەن تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇردى. يەنە ئەمەلدارلارنىڭ يۈزلىگەن بالىلىرى ھەر يىلى ھەقسىز ھالدا تاشكەنتتە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىپ تۇردى. مۇشۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق بولۇپ، سىنكاڭدا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆز ئىدىيىسىگە سادىق بولغان ياشلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى نىشان قىلغان ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلدار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرىدىغان بىر كۈچ بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىش ئېھتىمالى ھەم بار ئىدى (گەرچە بۇ خىلدىكى ئوقۇشنىڭ ھىچ بىر ئەمەلىي پايدىسى بولمىسىمۇ).

رۇسلار ئۈرۈمچىدە خۇسۇسلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرى تارتىۋېلىپ ھەربىي ۋە ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرى قۇردى. ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپلەرنى مازارلىقلارنى بۇزۇپ، شۇنىڭ ئورنىغا قۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. (253- بەت)

يەنە بۇ ئۆلكىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈزبەرگەن ۋاقىتتا ئۆلكىدىن چەت مەملىكەتلەرگە كېتەلمىگەن خېلى كۆپ ساندىكى تۈركى بايلىرىنىڭ مەجبۇرى يوقۇتىۋىتىلگەنلىكى ياكى سوتسىز تۈرمىگە سولانغانلىقىنى، يەنە بىرقىسىم بايلارنىڭ ئۆز ھاياتىنى، ئەركىنلىكى ۋە بايلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇق.

قەشقەرنىڭ چېگرالىرى بىر توپ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق قىرغىزلار تەرىپىدىن كونترول قىلىناتتى. ئۇلارنى “تورتىنجىس” يەنى 4- پولك دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىشىگە ھەيۋە قىلىپ تەھدىت سالىدىغان، ئاچچىقى ئەڭ يامىنى سوۋېت قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىنىڭ پۇقرالىرى ئىدى. ئۇلار بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىلىرىغا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناۋادا بىر ئىش چىقىپ ۋەزىيەت ئۆزگەرسە ئۇلار قانۇنسىز ھالدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باراتتى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان كۈچلەرمۇ ئەلۋەتتە بۇ ئۆلكىدىكى سوۋېت “ئالاھىدە مەسلىھەتچى” خادىملرى ئىدى. مەن بۇ ئىشلار ھەققىدە دەسلەپتە ئۆزۈم خەۋەردار بولغان ئىدىم. گېنېرال رۇبالكوۋ قەشقەرنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق خوجايىنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىقى بۇرتى ۋە كەم سۆزلۈكى بىلەن كىشىلەرگە مەلۇمدۇر. ئۇمۇ گېنېرال بەكىتوۋقا ئوخشاش يەنى 1935- يىلى 1200 ئەسكەردىن تەركىپ تاپقان رۇس قىسىمىغا مارالباشىدا قوماندانلىق قىلغان ئەسلى- ۋەسلى “ئاق” ئورۇسلاردىندۇر. (254- بەت)


*Sinkiang – ئۇيغۇر رايونىدا 1955 – يىلى رەسمى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن غەرب سىياسى سەھنىللىرىدە، مەتبۇئاتلىرىدا بۇ كەڭ زېمىنلار 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ “جۇڭگو تۈركىستانى” ياكى “سىنكاڭ” دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. – تەرجىماندىن.

*Ruritania – رۇرىتانىئا – 18- ئەسىردە ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر، ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوتتۇرا ياۋروپانى مەركەز قىلغان گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان رومان كاتولىك خەلقىلىنى بىر پادىشالىق ئاستىدا باشقۇرۇش تەسەۋۋۇر قىلىنغان بىر خىيالىي دۆلەت ئۇقۇمىدۇر. -تەرجىماندىن.

*Gilbertian – گىلبېرتىئان – Sir William Schwenck Gilbert ئەنگلىيىنىڭ 19- ئەسىردىكى ئاتاقلىق شائىرى، دراماتورگ، لىبېرالىست، كومېدىيە يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ئۇ يازغان كومېدىيىلىك ئوپېرالار بىلەن دۇنياغا مەشۇردۇر. “Gilber” نىڭ نامى كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ كومېدىيىلىك ئوپېرالىرى سەۋەپلىك قىزىقارلىق، كومېدىيىلىك بولغان ئىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ ئاتالغۇ شەكلىدە قوللۇنۇغان. دىمەك بۇ يەردىكى “Gilbertian” ئاتالغۇسى كومېدىيە ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدۇ. – تەرجىماندىن.

*Kansu – يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كەڭ سۇ دېگەن يەر نامىنى بىلدۇرىدۇ. تارىختىكى بۇ «كەڭ سۇ» نامى بۈگۈنكى كۈندىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

ئېنگلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى

مەنبە: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  تور سەھىپسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top