You Are Here: Home » ئومۇمى » لوقمان ھېكىم

لوقمان ھېكىم

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

لوقمان ئەلەيھىسسالام بولسا ھەزرىتى داۋۇد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان بىر ئۇلۇغ زات ۋە ئىلىم ئادەمىدۇر. بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا  داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلىم ۋە ھېكمەت ئۈگەنگەن ۋە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىرى بولغان ئىكەن.

مۇقەددەس كىتاۋىمىز بولغان قۇرئان كەرىمدىكى 31-سۈرىسى بولسا لوقمان ھېكىمنىڭ نامى بىلەن «لوقمان سۈرىسى» دەپ ئاتالغان.

لوقمان سۈرىسىنىڭ 12-ئايەت:

بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق. (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھغا شۈكرى قىلغىن، كىمكى شۈكرى قىلىدىكەن، ئۆز ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ. كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۇبىھىسىزكى، ئاللاھ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدىيەگە لايىقتۇر.»

13-ئايەت:  ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى! ئوغلۇم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دىدى.

18-ئايەت:  «ئى! ئوغلۇم، كېشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.»

19-ئايەت: «ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكىشلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر.»

يۇقارىقى ئايەتلەردە لوقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئىلىم-ھېكمەت  ئىگىسى  ئىكەنلىكى  ۋە ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلەر زىكرە قىلىنىدۇ ۋە لېكىن پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر ئىنىق مەلەمات يوقتۇر.

بەزى رىۋايەتلەردە يەنە لوقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ بائۇرە ئىكەنلىكى ۋە ھەزرىتى ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

لوقمان ئەلەيھىسسالام كېيىم تىككۇچى ۋە ياغاچچى ئىدى. خەلقنىڭ كېيىدىغان كېيىملىرىنى تېكەتتى ۋە خەلقنىڭ ئائىلە ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان  جابدۇقلارنى ياغاچتىن ياسايىتتى. بويى پاكار، چېرايى قارا، كالپۇكلىرى قىلىن كەلگەن كىشى بولۇپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىدىغان، ئاز سۆزلەيدىغان، كەسكىن ئادەم ئىدى. ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ رامەلە شەرىدە ياشىغان.

كېيىن لوقمان ئەلەيھىسسالام  قازىلىق قىلغان بولۇپ بۇ ۋاقىتلاردا  لوقمان ئەلەيھىسسالامغا سىنىڭ مەندىن ئارزۇ  قىلىدىغىنىڭ  پەيغەمبەرلىكمۇ؟ پادىشالىقمۇ؟  ياكى ھېكمەتمۇ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ ھېكمەتنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ھېكمەت ئاتا قىلغان. ئۇ  ئىلىم – ھېكمەتكە ئىگە، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سەزاۋەر بىر ئۇلۇغ زات بولۇپ قالغان.

قۇرئان كەرىمدە : «بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق» دەيدۇ.

ھېكمەت دىگەن توغرا بىلىم، ئىلىم، دىندىكى چوڭقۇر كۆز-قاراش  ۋە ناھايىتى ئۇيغۇن پىكىر دىمەكلىكتۇر. لوقمان ھەكىم ئالدىغا كەلگەنلەرگە ۋائاز نەسىھەت قىلغان، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى سۆزلىگەن. لوقمان  ئەلەيھىسسالام يەر يۈزىدىكى ئۆسۇملۇكلەردىن ھەر كېسەلگە دەۋا بولىدىغان دورۇلۇق ئىزدىگەن ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ دورۇلۇق ئۆسۇملۇكلەرنى تېپىپ، كېشىلەرنى داۋالىغان. لوقمان ھەكىمنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ دەۋرىلەردىكى كېسسەللەرنى داۋالىيالايدىغان  ئەڭ داڭلىق تېۋىپقا ئايلانغان.

لوقمان ھېكىمدىن بۇ دۇنيادا نىمە ئۈگەندىڭ ؟ دىگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.

1. ناماز قىلىۋاتقاندا قەلبىمگە ئىگە چىقىشنى ئۈگەندىم.

2. مېھماندارچىلىقتا كۆزۇمگە ئىگە چىقىشنى ئۈگەندىم.

3. تاماق ۋاختىدا قولۇمغا ئىگە چىقىشنى ئۈگەندىم.

4. جەمىيەتتە تىلىمغا ئىگە چىقىشنى ئۈگەندىم.

5. قىلغان ياخشىلىقلىرىمىنى ئۇنتۇشنى ئۈگەندىم.

6. ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلەرنىمۇ ئۇنتۇشنى ئۈگەندىم.

7. ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە كېرەم ئىگىسى ئىكەنلىگىنى ئۈگەندىم.

8. ئۆلۇمنىڭ ھەقىقەت ھەق ئىكەنلىگىنى ئۈگەندىم.

لوقمان ھېكىمدىن سوراپتۇ.

بۇ گۈزەل ئەخلاقنى كىمدىن ئۈگەندىڭ؟

جاۋاپ: ئەخلاقسىزلاردىن ئۈگەندىم.

ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئەڭ پايدىلىق ۋە ئەڭ زىيانلىق ئورگان قايسى؟

جاۋاپ: لوقمان ھېكىم تىلىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، “مانا مۇشۇ” دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

بىر كۈننى لوقمان ھېكىمدىن مۇنداق سوئال سورۇلۇپتۇ.

قوينىڭ ئەڭ پاكىز ئىككى ئەزازى قايسۇ ؟

جاۋاپ: يۇرەك بىلەن تىل.

قوينىڭ ئەڭ پاسكىنا ئىككى ئەزاسى قايسۇ؟

جاۋاپ: يۇرەك بىلەن تىل.

نىمە ئۈچۈن مۇنداق بولىدۇ؟

جاۋاپ: نىيىتىمىزنى توغرا قىلىپ، يۈرىگىمىز بىلەن تىلىمىز ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرگە ئادەتلەندۇرسەك، بەدىنىمىزدىكى  ئەڭ پاكىز ئەزايىمىز بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئەسكى ئىش، ئەسكى سۆزلەرگە ئادەتلەندۇرسە ئەڭ پاسكىنا ئەزايىمىز بولغان بولىدۇ.

بىر كۈنى لوقمان ھېكىمدىن سوراپتۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىچارىلىرى كىملەر؟

لوقمان ھېكىم شۇنداق دەپتۇ: “ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىچارىلىرى، ئۆزى ئىشلىگەن گۇناھلارنى ئەسكە ئالغاندا پۇشايمان قىلمىغانلىرىدۇر”

ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشنىڭ سىرى نىمە؟

لوقمان ھېكىم شۇنداق دەپتۇ: “بەش شەرتى بار. ئاز تاماق، ئاز سۆز، ئاز تاما، ئاز ئۆچمەنلىك، كۆپ سەبىر، ”

لوقمان ھېكىمنىمڭ بىر ئوغلى بار بولۇپ، بىر كۈنى ئوغلىنى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:

1. ئەي پەرزەنت ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونىغىن.

2. كىمگە پەن نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزەڭ ئەمەل قىل.

3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.

4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.

5. ھەممىنىڭ ھەققى-ھوقۇقىنى چۈشەن.

6. سىرىڭنى مەخپى تۇت.

7. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا.

8. دوستىڭدىن پايدا-زىياندا ئىمتىھان ئال.

9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.

10. دانە ۋە زىرەك كىشىلەرنى دوس تۇت.

11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش.

12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.

13. ساپ دىل ۋە دانە كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.

14. سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.

15. ياشلىقنى غەنىمەت بىل.

16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.

17. دوست-يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.

18. دوست دۈشمەنگە يۇزۇڭنى ئوچۇق تۇت.

19. ئاتا-ئاناڭنى غەنىمەت بىل.

20. ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل.

21. خەجىنى كىرىمگە قاراپ قىل.

22. ھەممە ئىشتا ئورتاھال يول تۇت

23. ئالىجاناپلىقنى ئۆزەڭگە شۇئار قىل.

24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قايدا بويىچە قىل.

25. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا دىھقەت قىل.

26. كىيىم-كىچەك  ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.

27. جامائەت بىلەن بىللە بول.

28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۈگەت.

29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۈگەت.

30. ئۆتۇك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن. سىلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.

31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.

32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندىزى سۆزلىسەڭ ئەتراپقا بىقىپ سۆزلە.

33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.

34. ئۆزەڭگە ياقمىغان نەرسىنى، ئۆزگىنىڭگە زورلىما.

35. ھەر ئىشنى ئاۋال ئويلاپ، چارە –تەدبىرى بىلەن قىل.

36. ئۇقماي تۇرۇپ، ئۇستازلىق قىلما.

37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما!

38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىق قىلىشىنى تاما قىلما.

39. پەسكەشتىن ۋاپا كۇتمە.

40. ھەرقانداق ئىشنى كەم-كۈتسىز دىمە.

41. قىلمىغان ئىشنى ھېساپقا قاتما.

42. بۇگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.

43. ئۆزەڭدىن چوڭغا چاق-چاق قىلما.

44. ئۆزەڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.

45. كىشىلەرگە يامان كۆرۇنمەسلىككە تىرىش.

46. ھاجەتمەن كىشىلەرنى نا ئۇمۇت قايتۇرما.

47. ئۆتكەن جىدەللەرنى ئەسلىمە.

48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى، ئۆز ياخشىلىغىڭ بىلەن ئارلاشتۇرما.

49. بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوس-دۈشمىنىڭگە بىلدۇرمە.

50. قىرىنداشنى قىرىنداشتىن ئايرىما.

51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.

52. پەقەت ئۆزەڭنىلا ئويلىما.

53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.

54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەككۇزمە.

55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما.

56. ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.

57. تۈكۇرۇك ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.

58. ئادەملەرگە قاراپ كىرىلمە.

59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.

60. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خىجىل قىلما.

61. جىددى سۆزنى چاقچاققا ئايلاندۇرما.

62. قاش كۆزۇڭ بىلەن ئىملاپ-چىمىلاپ چىقىمچىلىق قىلما.

63. ئېيىتقان سۆزۇڭنى تەكرارلىما.

64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۇرۇشتىن ساقلان.

65. ئۆزۇڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.

66. ئۆزۇڭنى ئاياللاردەك پەردەزلىمە.

67. بالىلار نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىۋەرمە.

68. تىلىڭنى ئايا.

69. سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە.

70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما.

71. ئۆلگەن ئادەمدىن يامانلاپ تىلغا ئالما.

72. ئېغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆكمەتتە بولما.

73. ئىلاجىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.

74. بىراۋنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىناپ يۇرمە.

75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.

76. ئۆز نىنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.

77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.

78. مال-دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزەڭنى قىينىما.

79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە سەن ئۆزەڭنى بىل.

80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.

81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۇرتمە.

82. قۇياش چىققىچە ئۇخلاپ ياتما.

83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە-كېرەك يېمە.

84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.

85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.

86. بېشىڭنى ساڭگىلتىپ ماڭما.

87. كوچىدا ئوڭ-سولغا قاراۋەرمەي، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.

88. مېھمان بار چاغدا بىر كىشىگە ئاچچىقلانما.

89. مىھماننى ئىشقا بۇيرىما.

90. ساراڭ ۋە مەس كىشىلەرگە سۆز قىلما.

91. ئىشى يوق بىكار، بىپاك ئادەملەر بىلەن كوچىنىڭ ئاغزىدا ئولتۇرما.

92. ھەرقانداق پايدا زىيان ئالدىدا ئۆزەڭنىڭ ئابرويىنى ساقلا.

93. لاپخور ۋە مۇغەمبەرلىك قىلما.

94. ھەرقانداق كىشىنى ئۆزەڭگە دەۋاگەر قىلىپ قويما.

95. ئۇرۇش-جىدەل، پىتنە-پاسات بار يەردىن ئۆزەڭنى يىراق قىل.

96. پۇلسىز، پىچاقسىز بىخۇد يۇرمە.

97. ئۆزەڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل.

98. ئاددىي ساددى، كەمتەر بولغايسەن.

99. كىشى مىلىدىن تاما قىلما، ئالدىنغا ئەكەلسە قايتۇرما، مال جۇغلىماي خۇدا يولىدا سەرىپ قىلغايسەن.

100. ئاللاھتىن قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كېچىكلەرگە شەپقەت قىلىش،  كەمبەغەللەرگە  ساخاۋەت قىلىش،  دوست-يارەنلەرگە نەسىھەت قىلىش، جاھىل نادانلارغا سۇكۇت قىلىش، ئۆلىمالىرىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ئۆمرۇڭنى ئۆتكۇز.

(يۇقارىقى «لوقمان ھېكىمنىڭ 100 نەسىھەتى» ئىسىمسىز بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن ئۇندىداردا تارقىتىلغان بولۇپ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ 100 نەسىھەتنى رەتلەپ، تەييارلىغان ئاشۇ قېرىندىشىمغا تەشەككۇرلىرىمنى بىلدۇرىمەن)

22.08.2015،  گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top