You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2016 – يىلى 8 –، ۋە 9 – ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 8 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئالدىنقى بىر قانچە نۆۋەتلىك يىغىنلاردىن پەرقلىق بولۇپ، يىغىن «ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 6 قىسىمغا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، ئامىرىكىدىن ئارخىئولوگ دوكتۇر دولقۇن قەمبىرى، قىرغىزىستاندىن پىشىقەدەم ئەدىب ئەكبەرجان باۋۇدۇن، سابىق رەئىس ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك ۋە ئېچىلىش سۆزلىرى بىلەن باشلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يىراق – يېقىندىن يىغىنغا كەلگەنلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېىيىتتى ۋە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلار تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيلەشكەن، «ئۇيغۇر دۆلىتى» ۋە «ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى» دەپ ئۇيغۇر ئىتنىڭ مىللەت نامى بىلەن قۇدرەتلىك ئىمپىراتۇرلۇقلارنى قۇرغان، ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ۋە تۈرك ئىسلام تارىخىدىكى تۈنجى ئىسلام دۆلىتى «قاراخانىلار دۆلىتى» نى قۇرغان بىر كۈچلۈك مىللەت.  بۇ مىللەت ھازىر ئاجىز  ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ دېمەك ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئاجىز ۋە خار ھالدا ياشايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىخ تەكرارلىنىدۇ، تارىختا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ياۋلارنى باش ئەگدۈرگەن ۋە تىز چۆكتۈرگەن ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە يەنە قايتىدىن قەد كۆتۈرىدۇ ۋە ھۆر ياشايدۇ.

بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ھەر خىل مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقان كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ.

بۇ تۈر ئىلمىي يىغىنلار ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يورۇقلۇق كۆرەلمەي قالغان تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇ خىل يىغىنلار، مۇشۇ خىل مەنبەرلەرنىڭ سايىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، كەم قالغان نۇقتىلار تولۇقلىنىدۇ، ئويدۇرمىلارغا رەددىيە بېرىلىدۇ، مۇبالىغە قىلىنغان نۇقتىلارغا ئىزاھات بېرىلىدۇ.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخىدا ئايدىڭلاشمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخىي نۇقتىئىينەزىرىنى تىكلەش جەھەتتە بۇ خىل يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يىراق – يېقىندىن كېلىپ قاتناشقان ۋە يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى « قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئەپەندى «تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىسىدە، بۇ رايوندا يۈز بەرگەن كۆچۈشلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى خەلقلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلۇ خانىم، «ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈشلەر» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇنەن، خېنەن رايونلىرىغا كۆچۈپ، يەرلىشىش سەۋەبلىرى، موڭغۇل دەۋرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئوينىغان رولى ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى « ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغۇچى ئائىلە مەسىلىسى » دېگەن تېما ئاساسىدا، خەن، ئەرەب ۋە قاراخانىيلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردا موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پەرقلىق مەلۇماتلارنى چۆرىدەپ، تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ئائىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قايسى ئۇرۇققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئارخېئولوگ دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى « قەدىمكى تەكلىماكان مىراسى – ئۇيغۇر شەھەر مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ كەلگەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تارىخىسىز مەركىزىي ئاسيا تارىخىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئاسىيا تارىخىسىز دۇنيا تارىخىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق تەتقىقاتلىرىدا بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مايتىرى سىمىتتىكى بايانلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 767 – يىلىدىن بۇرۇنلا شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەنلىكى ئېيتتى.

ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 – بۆلۈمى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

قىرغىزىسىتاندا چىقىدىغان ئىتتىپاق ژۇرنىلى تەھرىرى دوتسېنت ئەكبەرجان باۋۇدۇنوۋ ئەپەندى «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق ماقالىسىدە، 1960 – يىلىدىن كېيىن قىرغىزىسىتانغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئىجتىمائىي ئورنى ھەمدە پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سەۋەبىدىن ياخشى كۈن كۆرۈشنى كۆزلەپ، ئۆزى خالاپ كۆچكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ قاراشقا قارىتا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى كۆپ سوئال سورىدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى « كۇچاردا ئۆتكەن تارىخي شەخسلەر» ناملىق ماقالىسىدە، كۇچار ساقساق مەدرىسەسى ۋە مەزكۇر مەدرىسەدە يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ساقساق مەدرىسەسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر زاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى داڭلىق تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئىلى داموللا سايرامى قاتارلىق كىشىلەرمۇ ساقساق مەدرىسەسىدە يېتىشىپ چىققان ئىكەن.

قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت كامالوۋ « يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1916 – يىلىدىكى  چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشى ھەققىدە» تېمىلىق ماقالىسىدە، 1916 – يىلدىكى قوزغىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، ساق قالغانلارنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانلارغا قېچىپ جان ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېچىنىشلىق تارىخى ۋەقەلەر بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى «20 – ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا تارىخى دېتېرمىنىزمنىڭ تەسىرى» ناملىق ماقالىسىدە، دېتېرمىنىزم ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، كىشىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى ۋە دېتېرمىنىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرى سۈپتىدە «سىياسىي دېتېرمىنىزم – يالتا يىغىنى»نى مىسالغا ئېلىپ ئۆتۈپ، دېتېرمىنىزمنىڭ شەخس ياكى ئۇنىڭ خاتالىقىنى تەنقىت قىلىشنىڭ ئالدىغا قويۇلغان توساق ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ھەر قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقى بولىدىغانلىقى، نەتىجىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تاللىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى يالتا يىغىنىدا بەلگىلىنىپ بولغان» دېگەن قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى؛ بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭدا رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ ئاقلىنىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئىشنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ شەخسنىڭ تارىختىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ، ئۇنىڭ قارار قىلىشتا قانچىلىك ئەركىن ئىكەنلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مۇستەملىكە شارائىتىدا ۋە ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بېسىم ئاستىدا بولۇشىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى ئەركىن قارار قىلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قارارىغا مەسئۇل ئەمەس» دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ھەممە ھوقۇقلىرىنى يوقىتىپ قويسىمۇ يەنىلا ئەركىن قارار قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە.

ئۇ: «بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە ياكى ئاخىرىدا قىلغان پۇشايمىنى، شۇ شەخسنىڭ ئۆتمۈشتە ھەرىكىتىنى باشقىچە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھاياتىدا تېماتىكىسى بىر-بىرىگە زىت ئەسەرلەرنى يازالىشى، بىزگە ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تېما تاللاشتا ھېچ بولمىغاندا ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.» دېدى.

گىرمانىيە گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تەتقىقات مەركىزىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى « ئۇيغۇر – تۈركىيە دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى» ناملىق ماقالىسىدە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى، بۇ مەسىلىدە ئوسمانلىنى قوللاۋاتقان گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسلۇبىدىكى ئوخشاشلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق سوئال قويدى:

«ئۇيغۇرلار  بىلەن تۈركلەر ئۈچۈن خىتاي ۋىزىسى ياكى پاسپورت ئىشلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىيىن ھەل قىلىدىغان ئىش بولۇۋاتقاندا، تارىختا قانداق بولغان ئىدى؟ قانداق ھۆججەتلەر بىلەن ساياھەت قىلغان ئىدى؟ ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى، كېيىنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يوق ئىدى. ئۇنداق بولسا، شۇ چاغدىكى كىشىلەر پاسپورت قاتارلىق ۋىزا قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق ھەل قىلغان؟

ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1901-يىلى 2-ئابدۇلئەزىزخان گېرمانىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەن خىتايغا ھەيئەت ئەۋەتكەن. ئۇلار 1901-يىلى 5-ئاينىڭ 6- كۈنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ھەمدە باشقا مۇسۇلمان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. بېيجىڭغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قايتقان. ئەمما، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان. بىراق، ھەيئەت خۇشال قايتقان. چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن تونىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 1934-يىلى شىۋېتسىيەدە گومىنداڭنىڭ ئەلچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇ فامىلىلىك بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى رۈشتۈ ئەپەندى كېلىشىم تۈزگەن.  بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى بىلەن گومىنداڭنىڭ دىپلوماتىك كېلىشىمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3 – بۆلۈمى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركولوگ، دوكتور ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى «لاداق يولىدا ھىجرەت» ناملىق ماقالىسىدە، 1949 – يىلىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە لاداقتىن قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ لاداق يولىدىكى سەپىرى، لاداق يولىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، سەپەرگە چىقىشتىكى ۋە بەزىلەرنىڭ قايتىپ كېتىشتىكى سەۋەبلىرى، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە دۇچ كەلگەن ئاقىۋىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئاغزاكى تارىخ ۋە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن تارىخىي ھەقىقەت» ناملىق ماقالىسىدە، ئاغزاكى تارىخنىڭ يېزىق تارىخىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، رىۋايەت ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمۇ تارىخ ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ قالماستىن، بەلكى تارىخ يارىتىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى جانلىق مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى ۋە شىۋىلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى «تۈركىيەگە ئۇيغۇر كۆچى ۋە ئۇلار ئۇچرىغان مەسىلىلەر» تېمىلىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانى، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرى شۇنداقلا  بۇلارنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇل ئارەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي ئالاقە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «20 -ئەسىر چىن تاراتقۇلار تارىخى ۋە يېڭى چىن تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى: تىل، دىن، مائارىپ ۋە سەنئەت ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر» دىگەن تىمىدا دوكىلات سۆزلىدى. ئۇ دوكىلاتىدا ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رولى ۋە تەسىرىنى سۆزلەپ، چىننىڭ تاراتقۇلار ۋاسىتى ئارقىلىق كومۇنىستىك ئېدىئولوگىيە بويىچە يالغانلار بىلەن مىڭە يۇيۇش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي – چۈشەنچەسى، تىلى، مائارىپى ۋە مەدەنىيەتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەرەبىستاندىن كەلگەن ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى شەمسىدىن ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلارغا بولغان ئېھتىياجى ۋە پايدىلىنىش ئەھۋالى» ناملىق دوكىلاتىدا كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنىڭ بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى جانلىق قوللۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 – كۈنىدە تۈركىيەلىك تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى سۇندى. كۈنتەرتىپكە ئاساسەن ئەتىگەن سائەت 10:00 دا 1 – بۆلۈم باشلاندى. بۇ بۆلۈمدە قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر سۇنۇلدى.

يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەھمەت تاشئاغىل ئەپەندى «توققۇز ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تۈرك تارىخىدا ئوينىغان رولى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇش جەريانىدا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئويغۇر ئۇرۇقلىرىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ نەسەب مەسىلىلىرى» تېمىلىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار تۈرك تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدا بەزىدە ھۆكۈمران ئورۇندا، بەزىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان مىللەت سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىقى؛ تۈرك تارىخىنىڭ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئائىت تەتقىقاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، چەت ئەللىكلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، 740 – يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىدە قاغانلارنىڭ 779 – يىلىغىچە ياغلاقار ئائىلىسىدىن چىققانلىقىنى، 840 – يىلدىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇر قاغانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ياغلاقار ئائىلىسى ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشقا تىرىشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ياردەمچى دوتسېنت دوكتور كۈرشات يىلدىرىم ئەپەندى «ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىي جۇغراپىيەسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئۆتۈكەن رايونىنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنى، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇڭغۇلىيە، بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايۇنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى تارىخى پاكىتلار ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 – بۆلۈمى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور سونەر ھۇنكان ئەپەندى «بوزقىرلاردىن شەھەرلەرگە تۈرك خاقانلىقى – قاراخانىيلار ئەسكەرلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، تۈرك ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىدا ئىشلىتىلگەن ئۇنۋان، تەشكىللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە قاراخانىلار دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئاتالغۇلار، قۇرال – ياراقلارنىڭ ياسىلىشى ۋە ئۇرۇشتا قوللىنىشى، قاراخانىلارنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى قاتارلىقلارنىڭ تولىمۇ تەپسىلىي تارىخى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

خالىچ ئۇنىۋېرستېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئەبرۇ زەرەن خانىم «ئۇيغۇرلاردا مانىزمنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان دىن – دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى» ھەققىدىكى ماقالىسىدە، مانىزىمنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئاساسلىق تەلىماتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە مانى راھىپلىرىنىڭ ئوينىغان رولى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر ھەققىدە توختالدى.

غازى ئۇنىۋېرستېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «تالاس ئۇرۇشىنىڭ سىياسىي نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەنچىلەر» تېمىلىق ماقالىسىدە، تالاس ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ئەرەب ۋە تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ سىياسىي نەتىجىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ، بۇ ئۇرۇش نەتىجىسىدە، خەنلەرنىڭ تۈرك يۇرتلىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ۋادىسىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىجتىمائىي ئالاقە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى «ئوتتۇرا ئەسىردە تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، ئەزەربەيجان رايونىغا نۇرغۇن تۈرك قەۋملىرىنىڭ كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ 7 – 8 – ئەسىرلەردە تۈركلەشكەنلىكىنى، تېمۇر دەۋرىدە تۈركلىشىشىنىڭ تېخىمۇ روشەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈنكى ئەزەربەيجان ئېتنىك قۇرۇلمىسى ۋە ئەزەربەيجان تۈركچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان ئەدەبىيات – سەنئىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 3 – بۆلۈمى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرستېتى خەلق بىلىملىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت تارىخىدا خوجىلار دەۋرى ۋە ئاپاق خوجا تەزكىرەسى» ناملىق ماقالىسىدە، خوجىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشى، مەقسەتلىرى، ئەسلى مەقسەتلىرىدىن يىراقلىشىپ ھاكىمىيەت خىرىسىغا مۇپتىلا بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەمدە بۈگۈنكى ئىزنالىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئاپاق خوجا تەزكىرەسى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ «جافەرلىك» بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تىل تەتقىقاتچىسى دوكتور يۇسۇف گەدىكلى ئەپەندى «ئوسمانلى دۆلىتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىستان بىلەن بولغان سىياسىي – مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى» ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ئوسمانلى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش، ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئنىستىتوتى ياردەمچى دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «گومىنداڭ دەۋرى: ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنى ئورنى» ناملىق ماقالىسىدە، ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى؛ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ گومىنداڭ دەۋرى باشقىدىن قايتىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، كېلەچەك ئۈچۈن يول كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ھەر بۆلۈمدىن كېيىن، لېكسىيە بەرگۈچىلەرگە خاتىرە سۈپتىدە تەقدىرنامە بېرىلدى.

تارىخ تەتقىقاتى لىكسىيەلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەركىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا قاتتىق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ جىددىي ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەركىن ئابلىز ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ 1990- يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا بارغانلىقىنى، ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ بارلىقىنى، ھازىر ياپونىيەدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، دوكتور ئەسەت سۇلايمان بىلەن دوكتور مەمتىمىن ئەلا قىسقىچە سۆز قىلدى.

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا نوتۇقىدا، يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ۋەقەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تاللىغان ئەھۋالغا قاراپ، نەتىجىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاپ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولالىشى كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان، نۇتىقىدا لاداق يولىدىكى سەپەر جەريانىدا بولغان ئېچىنىشلىق تارىخى تىرادىگىيەنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىشى كىرەكلىكىنى، تارىختا يۈز بەرگەن ئاچچىق قىسمەتنى ئۇنۇتماي، مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي كۆرەشتە ئۈزۈل – كېسىل بولۇشى كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزى قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمىي پائالىيەت بولۇشى بىلەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 25 ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچى دوكىلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان بىر پۈتۈن تارىخىنى ئەتراپىق مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت يەنە بىر مەخسۇس تىما ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە پات ئارىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كىڭىشىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – مائارىپ ۋە مىللىي ئويغۇنۇش ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىككى كۈنلۈك يىغىن تولىمۇ جىددى ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلاردىن ئاڭلىدى، ئويلاندى، تارىختىن ساۋاق ئالدى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئاشتى.

ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى پات ئارىدا ئاكادېمىيە يۇتىيۇب قانىلىدا ئىلان قىلىنىدۇ. يىغىندا سۇنۇلغان دوكىلاتلارمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە تەييارلىنىپ يىغىن ماقالە كىتابى قىلىپ توردىن تارقىتىلىدۇ.

تېخنىكىلىق تۇسالغۇلار سەۋەبىدىن يىغىن ھەققىدىكى مەلۇمات كېچىكىپ ئىلان قىلىندى، بۇ سەۋەپلىك ئاكادېمىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ئۆزۈر تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top