ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » تىل-دىل تۈركچە ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى

تىل-دىل تۈركچە ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى

تىل-دىل تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغىتىدە ئوتتۇز بەش مىڭدىن ئارتۇق سۆز بار. بۇ <<لۇغەت>> مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989-يىلى نەشر قىلىنغان مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىم تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتكە ئاساسلىنىپ رەتلىنىپ چىقىلدى(مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز).

مۆمىن ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغىتىنى مەن ئىككى يىل بۇرۇن تۈركچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ناھايىتى ئوبدان پايدىلانغان، ئەمما بۇ لۇغەتنىڭ كىتاب شەكلى بەك قېلىن ھەم ئېلىپ يۈرۈش قۇلايسىز بولغاچقا بۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نەشرىنى ئىشلەپ چىقىشقا بەل باغلىغانتىم. لۇغەتنىڭ ساندان شەكلى بولمىغاچقا پۈتۈن لۇغەتنى ئۆزۈم باشتىن ئاخىرى كىرگۈزۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مىڭلىغان سۆزلەرنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش ئويلىغاندا ئاساندەك كۆرۈنگەن بىلەن قول قويۇپ قىلغاندا ناھايىتى جاپا مۇشەققەتلىك ئىشكەن، ھەمدە لۇغەتتىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى، رەتلىنىشى، ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىڭلىغان تۈمەنلىگەن سۆزلەرنى قايتا قايتىلاپ تەكشۈرۈش لازىم ئىدى. نۇرغۇن قېتىم يېرىم يولدا بەل قويۇۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەجرىم ۋە ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بۇ ھاياتىمدا كىچىككىنە بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتساممۇ بۇ لۇغەتنىڭ ساندىنىنى پۈتتۈرۈشتىن ۋاز كەچمىدىم، بىر يىللىق جاپا- مۇشەققەت بىلەن لۇغەتنىڭ ساندىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈردۈم.

لۇغەتنىڭ ساندىنىنى رەتلەش جەريانىدا كۆپلىگەن دوست-بۇرادەر ۋە ئۇستازلار ياردەمچى بولدى. تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى لۇغەتنىڭ ساندىنىنى رەتلەش ۋە بۇنى تورغا يوللاشتا كۆپلىگەن ياردەم قىلدى. تاتلىق ئاكام ياسىنجان تۇرسۇن لۇغەتنىڭ ساندىنىنى تۈزۈش جەريانىدا ماددىي ياردەمدە بولدى.  بۇ يەردە تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى، لۇغەتنى كىرگۈزۈشۈپ بەرگەن قىزچاق، ئاكام ياسىنجان قاتارلىق ياردەم سۆيەر قېرىنداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

تىل-دىل تور لۇغىتى يېڭىدىن ئېلان قېلىنغاچقا بىر قىسىم نۇقسانلاردىن خالى بولالمايدۇ. بەلكىم سىز سۆزلەرنى تاپالماسلىق، مەنىسى خاتا بولۇپ قېلىش، ئىملاسى خاتا بولۇپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. ھەرگىز بۇ نۇقسانلار تۈپەيلىدىن تىل-دىلدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. بىر يىل جەريانىدا تىل-دىلگە سۆزلەرگە باھا بېرىش، تاپالمىغان سۆزنىڭ مەنىسىنى تەلەپ قېلىش، سۆز قوشۇش دېگەندەك ئالىي ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ. مېنىڭ قىلغانلىرىم پەقەت باشلىنىش، بۇندىن كېيىن بىزنى ساقلاپ تۇرغان نۇرغۇن خىزمەتلەر بار.  بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ ياردەمدە بولۇشى ۋە تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلمەن.
مەنبە: http://www.tildil.com/hak.html

 

تىل-دىل تۈركچە-ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى ئادرېسى: www.tildil.com

 

ياكى بىۋاسىتە بۇ بەتتە تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن ئىزدەش:

 

ئىنكاسلار (4)

  • مۇساپىر

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم:
    ئاللا رازى بولسۇن بۇ لوغەتنى تۇزگەن قېرىنداشلىرىمىزدىن مەن تېخى بۇگۇن كورۇپتىمەن .بەك خوش بولدۇم.

  • ئابلەت

    ئىمكان بولسا ئاشۇ لۇغەتنىڭ سانداننى ئەۋەتسىڭىز ئاندىرئىد ئالما تېلفۇنلار ئۇچۇن بىر ئەپ تۇزۇپ تاقاتساق قۇبۇل كۆرسىڭىز ئېلخېتىمگە ئۇچۇر يېزىۋەتسىڭىز….

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ توغرۇلۇق ئوسمانجان بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم…
      ئەمما دەرسلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلالمىغۇدەك، باشقىلار ياسايمەن دېسە، مىڭبىر جاپادا يازغان ساندانغا مەلۇم مىقتاردا ھەق بېرىلسە، ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۈزىنىڭمۇ ئۇنى كېيىن كەڭەيتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئاساستا ئىشلىتىشكە بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەيتقان ئىدى.
      ھەتتا ئۈزىنىڭ تەپسىلى بىر خەت يېزىشىنى ئېيتقان ئىدىم. ساقلاۋاتىمەن.
      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

  • مۇتەللىپ

    ئامما ئاشۇ كەينىدىكى 1-2-3- سىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەڭ دىمەي بىر سۆز كىرگۈزسە مەنىدسىنى ئاپتۇماتىك تۈرگە ئايرىپ چىقىرىپ بىرىدىغان بولسا مۇكەننەل بوپ كىتىدىكەن.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش