You Are Here: Home » ئومۇمى » تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 1 – مارتتا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 1 – مارتتا باشلىنىدۇ

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئورگان www.turkiyeburslari.gov.tr تور بىتىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2017 – يىللىق باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى 1 – مارت باشلىنىپ، 31 — مارت تۈركىيە ۋاقتى كېچە سائەت 24:00 كىچە داۋاملىشىدىكەن. ئېلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بولسا يۇقارىقى بەلگىلەپ بەرگەن بىر ئاي ئىچىدە ئىلتىماسىنى تاپشۇرىشى كىرەك.

ياش چەكلىمىسى:
باكلاۋۇرلۇق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىش ياش چەكلىمىسى 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولىشى

ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:

تىبابەت، چىش دوختۇرلۇقى ۋە دورىگەرلىك كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوتتۇرىچە دەرس نەتىجىسى ئەڭ ئاز 90 دىن ئاز بولماسلىقى، ۋە باشقا كەسىپلەرگە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوتتۇرىچە دەرس نەتىجىسى ئەڭ ئاز 70 تىن ئاز بولماسلىقى كىرەك.

بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۆلچەر قىلىنماقتا:

ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتى 700 تۈرك لىراسى (تەخمىنەن 200 ئامىرىكا دوللىرى)

بىر يىل تۈركچە تىل تەربىيىلەش كۇرسىدا ھەقسىز ئوقۇش

ھەقسىز ئوقۇغۇچىلار ياتىقى

تۈركىيەگە تۇنجى قېتىمقى كېلىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى قايتىش ئايرۇپىلان بېلەتلىرى

سالامەتلىك سوغۇرتىسى

ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تاماق ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈنلا يىل بۇيى دۆلەتتىن بەرگەن 700 تۈرك لىراسى ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى خەجلەيدۇ، باشقا ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، داۋالىنىش راسخۇتى دېگەندەك چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيە دۆلىتى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا بو ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانسى خاتىرجەم ھالدا باللىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتسە بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەردىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باشقا شەرتلىرى 2016-يىلىدىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى زىيارەت قىلىڭ:

www.turkiyeburslari.gov.tr

ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ.

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى بۆلۈمى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top