You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 437)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2539

نەزىرىمدىكى تور ۋە دۇنيا (گۈلەن)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئوي پىكىرلىرىمنى مەتبۇئاتقا ئەمەس تورغا يېزىشىمدا بىر قانچە سەۋەب بار. بىرى مەسىلىلەرنى ئويلاپ زېرىكىش يەنە بىرى ئويلىغاننى يوللاپ زېرىكىش. ئۈچىنجىىسى مەن ۋە ئەتراپىمدىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش ۋە بېرىلگەن جاۋاپلارنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش تەقەززاسى. ئويلاپ زېرىكىشىم، ئويلىغانلىرىمنىڭ ئەھمىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكى، كىملەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك يەنە كىملەر ئۈچۈن ئەھمىيەتسىزلىكى، ...

Read more

ئالىم ئەھەد بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە

ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت (بېيجىڭ ۋاقتى ) يەتتىدە مەركىزىي مىللەت ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇرسوفت شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ «ئەلكاتىپ»نى بارلىققا كەلتۈرگۈچى پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىق ساھەسى ب ...

Read more

5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئېزىز قېرىنداشلار ۋە بارلىق ئىلىم سۆيەر دوستلار: 2013-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان 5-قېتىملىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمى باشلاندى. ‏ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مىللىتىمىزنىڭ پەن-مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق ئومۇمى كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، 200 ...

Read more

ئۇيغۇرنىڭ كاتتا يازغۇچىسى زىيا سەمەدى

مۇراد ھەمرايىۋ ھەقىقىي يازغۇچى بولۇش-ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆز خەلقىنىڭ مۇناسىپ ۋەكىلى بولۇش، ئۇنىڭ شادلىقى، دەردىنى، ئەزگۈ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. زىيا سەمەدى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئەنە شۇنداق پەرزەنتى. بۇنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن ئىسپاتلىدى. زىيا سەمەدىنىڭ ھاياتى ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. زىيا سەمەدى ياش ...

Read more

ئىراق چۈشى ئاخىرى بەربات بولدى

ئاپتورى: ئاياد ئاللاۋى (تەرجىمىدە: نەپرەت 2009) سادام ھۈسەيىننىڭ 20 نەچچە يىللىق زالىم ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پەيتتىن باشلاپ، 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىراقلىقلارنىڭ سادام غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىنكى ئارزۇسى گۈللەنگەن دېموكراتىك يېپيېڭى ئىراق قۇرۇش ئىدى. بارلىق كىشىلەر دېگۈدەك دۆلەت ئىچى ئاممىسى ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ھەمدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top