• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (5) ئات مىنىش ئۈچۈن تەييارلىق ۋە كۈتۈلمىگەن مېھمان

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (5) ئات مىنىش ئۈچۈن تەييارلىق ۋە كۈتۈلمىگەن مېھمان

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (5) ئات مىنىش ئۈچۈن تەييارلىق ۋە كۈتۈلمىگەن مېھمان

 

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش، 1945-يىل، غۇلجا. (ئولتۇرغان كىشى پودپولكوۋنىك ئايتۇغان يۇنىچى)

1947-يىلى 24-ئىيۇل، غۇلجا

بۈگۈن سەھەر ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغاچ يازمىلىرىمنى رەتلەۋاتسام، مۇسۇلمانچە قىزىل دوپپا كىيىۋالغان بىر كىشى، يەنى  ۋالىي تەرىپىدىن ماڭا ئات مىنىشنى ئۆگىتىپ قويۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۇستازىم كىرىپ كەلدى. بىر ھازاغىچە كېكەچلەپ يۈرۈپ چۈشەندۈرۈش، قېتىرقىنىپ لۇغەت ئاختۇرۇش ۋە سىزىپ كۆرسىتىشلەردىن كېيىن، مەن ئۈچۈن ئات مىنىشقا كېرەكلىك ئۆتۈك ۋە گەلەپى شىم تەييارلاش كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. شۇنداق قىلىپ يەكشەنبە كۈنى ئات ئۈستىگە چىقىدىغان تۇنجى كۈنۈم قىلىپ بېكىتىلدى. ھېلىقى ۋىجىك كىشى غايىپ بولۇپ، ئورنىغا ئىشتانلىرى قىرلانغان، قاراكۆك رەڭلىك فورمىلىرى ۋە يۇمشاق خۇرۇم ئۆكۈكلىرى ئۆزىگە تولىمۇ ياراشقان ئىككى ئۇيغۇر ئوفېتسىر پەيدا بولدى. ئۇلار ماڭا ئۆتۈك ۋە گەلەپى شىملارنى تەييار قىلىشىم ئۈچۈن ياردەملىشىدىكەن. بىز ئاۋۋال بىر موزدوزنىڭ يېنىغا كەلدۇق. تاملىرى ئاقارتىلغان بۇ ئۇستىخانىدا سودا خېلى باس-باس بولۇپ، موزدوز ئۇستامنىڭ ھۈنىرىگە پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇ مېنى بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، بىر پارچە قەغەزگە پۇتۇمنىڭ ئەگمىلىرىنى سىزدى ۋە ئوشۇق ۋە پاقالچاقلىرىمنىڭ ئۆلچىمىنى ئالدى. مەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ماڭا سوۋغات قىلىنىدىغان بۇ بىر جۈپ ئۆتۈكۈمگە قارا خۇرۇمنى تاللىدىم. شۇندىن كېيىن بىز گەلەپى شىم ئۈچۈن بىر قانچە تىككۈچىگە يولۇقتۇق. بۇ خىل ئىشتان ئۈچۈن قېلىن يۇڭ رەختتىن باشقا ماتېرىيال يوق ئىدى. بىز بارغان بىر قانچە تىككۈچىلىك دۇككىنىدىكى شاپاق دوپپىلىق ئۇيغۇر ئۇستىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى چەتئەللىك ئايال خېرىدارىنى ھەيرانلارچە باش لىڭشىتىپ كۈتۈۋالدى. مەن بارلىق تىككۈچىلىك دۇككانلىرىدا ئامېرىكانىڭ (يېڭى ھالەتتىكى يۇنىيىن Union ۋە سىيڭىر Singer ماركىلىق) تىككۈچىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە تاملارنى بېزەپ تۇرغان سوۋېت ژورناللىرىدىن ئېلىنغان سىتالىن، موسكۋا، لېنىن، ئارمىيە پاراتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەققىدىكى سۈرەتلەرنى كۆردۈم.

 

ئاخىرىدا ھەممىدىن بەكرەك ماقۇل كۆرۈلگەن ماتېرىيال قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئادەتتىكى گاباردىن رەخت بولدى (ناھايىتى ئېغىر كېلىدىغان، ئوتتۇراھال كۆك رەڭدىكى يۇڭدىن ئىشلەنمىگەن يانتۇ سىزىقلىق رەخت ئىكەن). ئوھۇي، مانا پاركىر خانىم ئىنقىلابقا قاتناشتى. ئويلىمىغان يەردىن مەن ھەربىي ئۇنۋانلارنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم: ئۈچ يۇلتۇز، بىر سىزىقلىق پاگون كاپىتاننى كۆرسىتىدىكەن (توغرىسى تۆت يۇلتۇز، بىر سىزىقلىق پاگون كاپىتاننى كۆرسىتىدۇ). ناھايىتى يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سورىغان بولساممۇ ماڭا ھەربىيلەر كىيىمىگە ئىشلىتىلىدىغان رەخت سېتىپ بېرىلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. مەن پەقەت تىككۈچىنىڭ ئىش ھەققىنىلا بەرسەم بولىدىكەن! ھە، راست. بىر ئىش يادىمدىن كەچتى. مەن ۋە تاتار تەرجىمانىم مەسئۇد ۋالىينىڭ قەسىرىدىن چىقىۋاتقان چاغدا مەن ۋالىي ئەپەندىنى ماختىغان ئىدىم. مەسئۇد ماڭا «قانداق سوئالىڭىز بولسا ۋالىي(ھېكىمبەگ خوجا)دىن سوراڭ. ئۇ سىزگە ھەقىقەتنىلا ئېيتىدۇ. ئۇ دېگەن بىر مويسىپىت كىشى ۋە دائىم راست سۆزلەيدۇ. بەزىدە ھۆكۈمەتتىكى ياشلار… (ئازراق ئارىسالدى بولغاندىن كېيىن سۆزىنى تۈزەپ) ئۆز كۆز قاراشلىرىغا ئىگە» دېدى.

 

شۇنىمۇ خاتېرىلەپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ كۈزىتىش نەتىجىلىرىم:

مەن سوۋېت فورمىسىنى كىيگەن سوۋېت ئەسكەرلىرىنى ھېچ كۆرمىدىم. پەقەتلا ئۇيغۇر ئارمىيەسىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق بەلگە تاقالغان فورمىسىنى كىيگەن روسلارنى كۆردۈم. مەن مېخانىكالاشقان ھەربىي ياكى سانائەتكە ئائىت پائالىيەتلەرنى ھېچ ئۇچراتمىدىم. يەنى ۋېلىسپىت ۋە كونىراپ كەتكەن پىكاپلاردىن باشقا يۈك ماشىنىلىرى ياكى ئېغىر تىپتىكى ياكى زامانىۋىي ئەسلىھە دېگەندەكلەرنى ئۇچراتمىدىم. دۇكان، ئىشخانا قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق جايدا خىتايچە خەت، سۈرەت ياكى خىتاي بايراقلىرىنى كۆرمىدىم. مەن يەرلىك رەھبەر ياكى يولباشچىلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆرمىدىم. پەقەتلا سىتالىننىڭ سۈرىتىنى كۆردۈم، خالاس. مەن ئارمىيەنىڭ ئوفېتسىرلىرى ۋە ھەتتا ۋالىينىڭمۇ روسچە بىلمەيدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم. مەن ئاز ساندا خىتايلارنى، يەنى پۇتلىرى تېڭىلغان ناھايىتى قېرى تەتەيلەر ياكى ياشانغان ۋە ناھايىتى نامرات قېرى دۇكاندار ئەرلەرنى ئۇچراتتىم. تۆنۈگۈن كەچتە مۇسا خانىم مېنى «كۈل قىز» فىلىمىنىڭ سوۋېتچە نۇسخىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كىنوخانىغا ئېلىپ باردى. ناھايىتى ئەرزان باھادا قەغەز بېلەتلەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، قاتار-قاتار ئۇزۇن ئورۇندۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ھويلىغا كىردۇق. بىر فاتىفوندىن كەچ سائەت توققۇزغىچە روسچە مۇزىكىلار قويۇلۇپ تۇردى. مەن مۇسا خانىمنىڭ ئاغزىدىن بۇ جاينىڭ روس كۇلۇبى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ۋە قىزىقىش ئىچىدە ئەتراپقا قارىدىم. دەل ئۇدۇلۇمدا قېنىق يېشىل رەڭدە گىمناستۇركا، كۆك رەڭلىك گەلەپى شىم ۋە ئۆتۈك كىيىپ، ئىنچىكە بېلىدىن رىمۇن باغلاپ تاپانچا ئاسقان سېرىق چاچلىق بىر جەڭچى يىگىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ شەپكىسىدە كاكار (ھەربىيچە باش كىيىملەرگە تاقىلىدىغان مېتال بەلگە) يوق ئىدى. مۇسا خانىم ئىككىمىز جىددىيلىك ئىچىدە كىنوخانىدىكى «ئايرىمخانا» ئورۇندا ئولتۇردۇق. ئۆڭگەن كۈلرەڭ گىمناستۇركا ۋە شەپكە كىيگەن، قارا ۋە كۈمۈش رەڭلىك پاگون تاقىغان يېشى چوڭراق بىر ئوفېتسىر ئالايىتەن مۇسا خانىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، پىچىرلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قولى گېپىسلىنىپ، بوينىدىن ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. ئۇ مېنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىش ئۈچۈن خېلىلا كۈچىدى. ھۆرمەت يۈزىسىدىن مەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ قويدۇم، لېكىن ئۇ مېنى يەنىلا كۆرمەسكە سالدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن مەن مۇسا خانىمدىن ئۇنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېسىر ھېسابلىنامدىغانلىقىنى سورىدىم. مۇسا خانىم باش لىڭشىتتى ۋە ئۇنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىراز بىزار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

 

 

مەن ئۆزۈم كۈتكەن ئەتراپلىق زىيارەتنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەتتىم. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە مەن ئۆز ئىمكانلىرىمغىلا تاشلاپ قويۇلغان ئىدىم. بۇ جارياندا ھەممىدىن غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى. مەن ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان، تولىمۇ يۈرەكلىك بىر كىشىدىن تۈگۈنلىرىمنى يېشىدىغان خەۋەر ئالدىم. بۇ يىپ ئۇچىدا ئەگەر خىتاي ياكى ھىندىستان، يەنى روسىيەدىن باشقا ھەرقانداق بىر چېگرا ئېچىلسا ھەممە كىشىنىڭ، ھەتتا ئەڭ كەمبەغەل، ياشانغان ۋە بەختسىز كىشىلەرنىڭمۇ بۇ جايدىن كېتىدىغانلىقى، غۇلجادا بىر كىشىنىڭمۇ قالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. خەۋەرچىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ جاينى ھازىر تولۇق ۋەھىمە بېسىپتۇ. خەلق قورققىنىدىن سوۋېت ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈۋېتىپتۇ. ئىنقىلابىي قىسىملارنىڭ ئوفېتسىرلىرى يەنە قايتىدىن ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىرىلىۋېتىپتۇ. بىرىنچى قول باشلىق بولغان ئەخمەتجان بۇيرۇقلىرىنى سوۋېتتىن ئالىدىكەن. ئىنقىلابنىڭ تازا ئەۋجىگە چىققان باسقۇچلىرىدىكى ھەقىقىي رەھبەر 1946-يىلى، يەنى ئەخمەتجان ئۈرۈمچىدە كېلىشىمگە قول قويۇپ، بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن سوۋېتكە ئېلىپ كېتىلىپتۇ. خەلقنىڭ ھەقىقىي رەھبىرى بولغان بۇ ئۆزبېك كىشىنىڭ ئىسمى ئېلىخان تۆرە ئىكەن. 65 ياشقا كىرگەن ۋە «پرېزىدېنت» ئۇنۋانىغا ئىگە بۇ كىشىنىڭ ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلىدىكەن. سەل ئاجىزراق بىرىنچى قول ھەربىي رەھبەر بولسا يەرلىك كىشى ئالېكساندروف ئىكەن. ئىنقىلابتىن بۇرۇن، يەنى 1943-يىللاردا خەلق ئەركىن سۆزلىيەلەيدىكەنتۇق. ھازىر بولسا ئۇنداق ئەمەسكەن. شىڭ شىسەي زامانىدا كىشىلەر شۇنچىلىك ۋەھىمىدە بولۇپ، دادىسى بالىسىدىن خۇدۈكسىرەپ يۈرەتتىكەن. ھازىرمۇ دەل شۇنداقكەن. مېنىڭ خەۋەرچىم بۇلارنى ئېيتىپ بولۇپ ئۇھسىنغان ھالدا «ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئېيتقانلىقىمنى بىلسە مەن تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىمەن» دېدى ۋە مەن بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىسىمۇ مۇشۇ ھەقىقىي ئەھۋاللارنى سىرتقا چىقىرىۋەتسە ئەرزىيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بۇنچىلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىدىن تەسىرلەندىم. سوئاللارنى ئىتتىك سورىغانلىقىمدىن جاۋابلارنى يېزىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم. مەن خۇددى بۇ خىل سۆھبەت ئىككىنچى تەكرارلانمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا مېنىڭ تۆنۈگۈن ۋالىينىڭ ھوزۇرىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مويسىپىت كىشى بىر يەرلىك ئاقساقال بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەنمىگەن ئىدى. ئۇ بارچە سوئالغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. دوستۇم ماڭا «ۋالىي(ھېكىمبەگ خوجا) نىڭ ساڭا كىچىك تىجارەتچىلەرنىڭ روسىيە چېگراسىغا بېرىپ، يۇڭ، تېرە، ئات ۋە كالىلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى تەرجىمە قىلىشىم ماڭا تولىمۇ خەتەرلىك بىلىندى»،- دېدى-« سەن بۇلارنى بىلمەسلىكىڭ، مەنمۇ ساڭا بۇ جاۋابنى تەرجىمە قىلىپ بەرمەسلىكىم كېرەك ئىدى».

 

(داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىملىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top