ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش، ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتى ۋە رولىنى ئىلىم-پەن ساھەسىدە قايتىدىن جۇلالاندۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۇ يىل 5- ئاينىڭ 5 -، 6 – كۈنلىرى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان فاتىھ سۇلتان مەھمەد ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، شىۋىتسارىيە، مالايسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپ ياكى شىركەتلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 16 نەپەر دوكتۇر، دوكتۇر ئوقۇغۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە زىيالىيلىرى، مەرىپەتپەرۋەر زاتلار كەلگەن بولۇپ، قەدىمى ئۇسلۇبتا بېزەلگەن ئۇنىۋېرسىتېت يىغىن زالى ئىلىم-پەنگە تەلپۈنگەن يۈزلىگەن يۈرەكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.

يىغىن كۈنتەرتىپىگە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستىقلال مارشى ئورۇنلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىدا قۇربان بولغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى، رولى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بولغان ئىجابىي تەسىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار، ياخشىمۇسىلەر؟
مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ چەت ئەلدىكى جىددىي تۇرۇش ئىچىدىن قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە كېلىپ قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، رەھمەت.
بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ بارلىق تەييارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئۈن-تىنسىز تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بارلىق رەسمىي ۋە زاپاس ھەيئەت ئەزالىرى، ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە، چەت ئەلدىكى يىراق جايلاردىن ۋە تۈركىيىدىن بۇ قېتىمقى يىغىن ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە تەييارلاپ كەلگەن بىلىم ئەھلىلىرىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت مانا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەممە قېرىنداشلارنىڭ سەييارە خىزمەت قىلىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلدى. مىللەتنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بىز ھەممىمىز مۇشۇ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن قانچىلىك خوشاللانساق، ۋە پەخىرلەنسەك ئەرزىيدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى ھازىر ئىنتايىن ھالقىلىق بىر تارىخىي دەۋردە تۇرىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي خەلق مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا ھازىر 2000 يىل بولدى. مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىم سۆزلەيدىغان 2- تېمىسىدا يەنە مەخسۇس توختىلىمەن. ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا ھازىر 200 يىلدىن ئاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسى ھازىرمۇ يېزىلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ئىلمىي چۇشەنچە ھەققىدىكى ئاممىباپ نەرسىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىگىچە ساۋادىنى چىقارغانلار ھازىرمۇ ئاز سانلىق ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىرمۇ تېخى تولۇق ساۋادلىق بولۇپ بولالمىدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان، ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ، چەت ئەلدىكى ھەر خىل ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ۋەتەنسۆيەر ئۇيغۇرنىڭ ئالدىغا ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخىي ۋەزىپىنى قويدى، ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن مۇھىم بىر تارىخىي بۇرچىنى يۈكلىدى. مانا بىز ئاشۇنداق چۇشەنچە ئاستىدا ياشىغۇچىلارمىز. ئاشۇنداق چۇشەنچە ئاستىدا تىرىشقۇچىلارمىز. بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىكى قەدر-قىممىتىمىز بىزنىڭ ئۆز ھاياتىمىزدا قانداق كېيىملەرنى كەيگەنلىكىمىزگە، قانداق تاماقلارنى يېگىنىمىزگە، قانداق ماشىنىلارنى ھەيدىگىنىمىزگە، قانداق ئۆينى سېتىۋالغىنىمىزغا ۋە قانداق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىمىزگە قاراپ بەلگىلەنمەيدۇ. بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىكى قەدر-قىممىتىمىز بىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىمىزگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ.
بىر داڭلىق ئادەمنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: سەن خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان بىر ئادەمدەك ئۆگەن، خۇددى ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر ئادەمدەك ياشا. مەن ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرىدا، ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى دەۋرىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۆز-ئۆزۈمدىن «مەن بۈگۈن قانچىلىك نەرسە ئۆگەندىم؟» دەپ سوراپ بېقىشقا ئادەتلەنگەنلىكىمنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئاشۇنداق ياشاش ئىنتايىن مۇھىم. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشتىن بۇ سۆزنى ئەستە چىڭ تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە ئۆزىنى گۈللەندۈرۈشىدە ئۇنىڭ تەبىئىي پەن، ماتېماتىكا، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئىنژېنېرلىك ساھەسىدىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ھازىرچە ئاجىز، شۇڭا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدەك بىر نەرسىنى بەرپا قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ مېڭىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ناھايىتى زور، بىز ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىپ، ئۇۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن سەييارە خىزمەت قىلىشتىكى بىر ئۈنۈملۈك ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلايلى.
ئاخىرىدا مەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، رەھمەت.

※          ※          ※          ※

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا بىرىنچى بولۇپ ياپونىيەدىن كەلگەن ماگېستىر ئاسپىرانت رۇستەم مەمەت ئەپەندى «ئۇيغۇرلاردا ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوللىنىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى.

ياپونىيەدىن ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن رۇستەم مەمەت ئەپەندى كومپيۇتېرغا ئالدىن قاچىلاپ تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ 12.04 (12.04 ئۇبۇنتۇ)  لىنۇكىس سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ۋە LibreOffice نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلاردا ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوللىنىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ باشقا دوكلاتلار بىلەن روشەن پەرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنى ئىشلەتكەن تەرىپى بولدى. دوكلاتتا ئاساسلىقى ئوچۇق كودلۇق مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) لىنۇكىس سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىنى يەنى 2012- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىگە قەدەر ئۇبۇنتۇ 12.04 نەشرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ %97 تاماملىنىپ دۇنيادىكى تىللار ئىچىدە 17 – ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ تەرجىمە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمە جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى، يەنى تەرجىمىدە ئادەم كۈچىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزا سانى 70 ئادەم بىلەن ئەزا سانى 1510 بولغان فىرانسۇز تىلىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ ئازلىقىنى، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەرجىمە قىلىش ۋە بىۋاسىتە ئېچىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان ئادەم كۈچىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئاتالغۇلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن مەيدانىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەزكۇر سىستېما بىلەن ئۇچرۇشۇپ باقمىغان بولۇپ، بۇ سىستېمىنى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نەق مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ يان كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ سىناپ كۆرگەنلەرمۇ بولدى.

رۇستەم مەمەت ئەپەندى ئىلمىي دوكىلاتىدا ئالدى بىلەن ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ئۇقۇمىنى ۋە ئۇنىڭ سودا خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال بىلەن بولغان ئەۋزەللىك ۋە يېتەرسىزلىك ئارىسىدىكى پەرقنى قىسقىچە تونۇشتۇردى، ئاندىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللارنى ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، ئۇبۇنتۇ (UBUNTU) سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە يولۇققان قېيىنچىلىقلار توغرىلىق دوكلات بەردى. رۇستەم مەمەت ئەپەندى ئىلمىي دوكلاتىنى ئاياغلاشتۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ئۇبۇنتۇ توغرىسىدا ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمەتلىرى توغرىسىدا سۇئاللارنى سورىدى.

رۇستەم مەمەت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوللىنىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى ۋە PDF نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئىككىچى بولۇپ ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئالىي فىزىك ئوپتىك ئىنژېنېرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى «كەپلەر تېلىسكوپ ۋە تاشقى پىلانتلار» ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (ناسا) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى دوكىلاتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، 5-ماي ئۇيغۇرلار دوپپا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ھەمدە يىغىنغا دوپپا كېيىپ كەلگەن بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئالقىشلىدى. ئاندىن «كەپلەر تېلېسكوپى ۋە تاشقى پىلانېتالار» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. بۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەييارلىغان ئىككى دوكلاتنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن سىدىق ئەپەندى ناسا 2009- يىلى 6- مارت كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» نىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتمىلىرى، ۋەزىپىسى ۋە ھازىرغىچە ئۋرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە ئومۇمىيۈزلۈك مەلۇمات بەردى. 25 مىنۇتلۇق دوكلاتتىن كېيىنكى قىزغىن سوئال-جاۋابلار يىغىن كەيپىياتىنى بىراقلا جانلاندۇرىۋەتتى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «كەپلەر تېلېسكوپى ۋە تاشقى پىلانېتالار» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئۈچىنچى بولۇپ، ياپونيە ئائىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاقىتلىق لىكتورى تاش مۇھەممەد ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالىسىنى يىغىنچاقلاپ «دىئاسپورا ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

تاش مۇھەممەد ئەپەندى ئالدى بىلەن «دىئاسپورا» ئۇقۇمى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە دىئاسپورا ئەسلى گرېك تىلىدا «يەرگە ئۇرۇق چېچىش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمقى يەھۇدىلار دۆلىتى مۇنقەرىز قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنياغا چېچىلغان يەھۇدى قەۋمىنىڭ بىر قىسمى گرېتسيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە «تەۋرات» نى گرېك تىلىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تەۋراتتا نەقىل قىلىنغان ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا يەتكۈچىلىك ئارلىقتىكى سەرسان-سەرگەردانلىق ھاياتىنى «دىئاسپورا» دېگەن ئۇقۇمغا يىغىنچاقلاپ ئىپادىلىگەن. بۇ ئاتالغۇ كېيىن سەرسانلىقتىكى يەھۇدىلارنى ئىپادىلەيدىغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان. ئەمما، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن سوسسىئولوگلار ئارىسىدا بۇ ئۇقۇمنى كەڭ مەنىدە ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ئۆزگىلەر يۇرتىغا يەرلەشكەن بارلىق كۆچمەنلەرگە ئىشلىتىشكە باشلاپ، ئامېرىكىلىق سوسسئولوگلار تەرىپىدىن نەزەرىيەلەشتۈرلگەن، ۋە بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئاتالغۇ كۆچمەن تەتقىقاتىدا «كۆچمەن» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە.
تاش مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەزەلدىن كۆچمەن تەتقىقاتى ئاسمىلاتسيەنى ئاساسلىق تەتقىقات مىتوتى قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60~70- يىللىرىدا ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن قارا تەنلىكلەر ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە نوپوزلۇق ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئاسمىلاتسىيە پرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلىپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن كۆچمەن توپلىمىغا تېخىمۇ كەڭ تېرىتورىيىلىك بىر ئىزاھات بېرىش زۆرۈرىيىتى توغۇلغان. ئامېرىكىلىق سوسسئولوگ م. گوردۇن ھازىرقى زامان كۆچمەنلىرىگە يەرشارىلىشىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا يىغىنچاقلاپ، بۈگۈنكى كۈندە كۆچمەن ھادىسىسى مەيلى سىياسي كۆچمەن بولسۇن ياكى ئىقتىسادى كۆچمەن بولسۇن، زامانىۋېلىشىش ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ زەربىسىدە ئۆزگىلەر زېمىنىغا كۆچمەن بولىۋاتقانلىغىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار خالىسۇن ۋەياكى خالىمىسۇن شۇنداق بىر مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمگە ئۇچراشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن، ۋە شۇنىڭدەك بۇ خىل سىتىخىيىلىك مەجبۇرىيەتتىن بولغان ئورۇن يۆتكۈلۈشىنى يەھۇدىلەرنى ئىپادىلەپ كەلگەن «دىئاسپورا» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلەپ يەھۇدىلەرنىڭ دىئاسپوراسىنى «يەھۇدى دىئاسپوراسى» ياكى «كلاستىك دىئاسپورا» دەپ ئىپادىلەپ، دىئاسپورا ئۇقۇمىنى  كۆچمەن ئاتالغۇسى ئورنىغا دەسسەتكەن.
ۋەتەن سىرتىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇھەممەد تاش ئەپەندى كۆچمەن ئۇيغۇر توپلاملارنى دىئاسپورا كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ ئانالىز قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر كۆچ توپلاملىرىنى دىئاسپورا كاتىگورىيىسىدە ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئالدىدا ھەل قىلىش زورۇر بولغان بىر مەسىلە مەۋجۇد ئىكەن. يەنى يەھۇدىلەرگە خاس بولۇپ كەلىۋاتقان دىئاسپورا ئۇقۇمىنى ئىسلام كوچ توپلاملىرىغا ئىشلىتىش مۇۋاپىقمۇ؟ شۇنىڭدەك «مۇھاجىر» ۋە «ھىجرەت» قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا «دىئاسپورا» ئاتالغۇسىنى دەسسىتىشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى بارمۇ؟ ئۇنىڭ قارىشىچە مۇسۇلمان كۆچ توپلىمىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆچمەن تەتقىقاتىدا دىئاسپرا كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلىش ئوموملاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەھەتتە شەرھلەنگەن نەزەرىيە يوق ئىكەن.
تاش مۇھەممەد كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىسالى سۈپتىدە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر توپلىمى ئۇستىدىن ئالتە يىللىق ئەمەلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق تېزىسىدە ئالدى بىلەن مۇسۇلمان كۆچ توپلىمىنىڭ دىئاسپورا كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ شەرھلەشنىڭ نەزەرىيە ئاساسى سۈپىتىدە، بۇ كۆچ توپلىمىنىڭ ئالدىدا يۇرتىدىن ئافغانىستانغا كۆچكەنلىكى ۋە تۆت يىلدىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى مىسال قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان تەرىپىدىن دىننى قېرىنداش قاتارىدا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ مىللي كىملىكىنى نامايەن قىلىشقا مەيدان بەرمىگەنلىكى، ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ توپلامنىڭ يېرىمى ئۆز مىللى كىملىكىنى نامايەن قىلىپ ياشىغىلى بولىدىغان زېمىن ئىزدەپ ئاخىرىدا دىننى ۋە مىللى قېرىنداشلىرىدىن بولغان تۈركىيەگە كۆچكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، زامانۋېلىشىش ۋە يەرشارىلىشىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ (Ummah Sosiety) ئايرىم-ئايرىم مىللى دۆلەت قۇرۇش ھېسابىدا يىمىرىلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام توپلۇلۇقلىرىغا كۆچكەن مۇسۇلمان توپلاملارنىڭ «مۇھاجىر» خارەكتېرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بۇنى يېڭىچە ئىبارە بىلەن ئىپادىلىگەندە سەۋەب نەتىجە نۇقتىسىدىن يەنىلا «دىئاسپورا» ئاتالغۇسىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن، ۋە شۇنىڭدەك بۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىش ئىكەنلىكىنى، يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئىزدىنىش زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتكەن.
تاش مۇھەممەد قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۆز تېزىسىدە «دىئاسپورا» توغرىسىدا يېڭىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىرغا قەدەر دىئاسپورا (كوچمەن توپلۇملار) ساھىپخان جەمئىيەت (Host Sosiety) نىڭ مەسىلىسى سۈپىتىدە تەتقىقات قىلىنىپ كېلىنگەن بولۇپ، يەنە ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ پوزىتسىيىسى دىئاسپورانىڭ خارەكتېرىنى بەلگىلەيدۇ دەپ كېلىنگەن. شۇنىڭدەك ھازىرغا قەدەر ساھىپخان جەمئىيەت ئامېرىكىدەك كۆچمەنلەردىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەت كۆپ كولتۇرلۇق ساھىپخان جەمئىيەت بىلەن، ياپونىيە ۋە گېرمانىيەدەك ئەسلى يەرلىك ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان نىسبەتەن تاق مىللەتلىك تاق كولتۇرلۇق ساھىپخان جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ساھىپخان جەمئىيەت بىلەن دىئاسپورانىڭ مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنىپ كەلىنگەن. مۇھەممەد تاش بولسا تۈركىيەنى بۇ ئىككى خىل ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىنى مۇجەسسەملىگەن ئۈچىنچى خىلدىكى ساھىپخان جەمئىيەت، يەنى كۆچمەن ئەنەسىگە ئىگە نىسبەتەن تاق مىللەتلىك ساھىپخان جەمئىيەت دەپ كۆرسەتكەن.
تاش مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە بۇ خىل خۇسۇسيەتكە ئىگە ساھىپخان جەمئىيەت ئۆزى بىلەن ئوخشاش كولتۇرگە ئىگە كۆچمەن توپلىمىغا ئۆزلىكىنى ساقلىغان ھالدا ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن بارابەر كىملىك بىلەن ياشاش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇ خىل شارائىتتا ئۇيغۇر توپلىمىغا كۆچمەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ «يېقىن ۋە ياكى ئوخشاش كولتۇر موھىتىغا كىرگەن كۆچمەنلەرنىڭ تېز ئارىدا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدىكى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىك ئىسپاتلىغان. مۇھەممەد تاشنىڭ نەقىل قىلىشىچە كۆچمەن تەتقىقاتىدا كۆچ توپلىمى ياكى ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ بارابەر كىملىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاسمىلاتسىيەنى قوبۇل قىلىشى، ۋەياكى جەمئىيەتتە چەتكە قېقىلىش ۋە تەڭسىز مۇئامىلىنى قوبۇل قىلىش ھېسابىغا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش پرىنسىپى مەۋجۇد ئىكەن. ئەمما، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ئاسمىلاتسىيەنىڭ تىرمومېتىرى ھېسابلىنىپ كەلىنىۋاتقان نىكاھ مەسىلىسىدە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلدىغانلىقى، ۋە بۇنىڭ ھازىرقى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادلاردىمۇ %80 لىك يۇقىرى سالماقنى ئىگىلەپ كىلىۋاتقانلىقىنى نەقىل قىلغان. بۇ نۇقتىدىن قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان قۇرۇلما ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئوزلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان كۆچمەن توپلىمى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
تاش مۇھەممەد ئەپەندى دوكلاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ ئاسمىلاتسىيەسىنى رەت قىلىپ ئوزلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەكسىنچە ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش، بارابەرسىزلىك قىلىش مۇئامىلىسىگە دۇچار بولمىغان. تەكشۈرۈشتىن ئايدىڭلاشقان سان سېفىرلار بىلەن بۇنى دەلىللىگەن مۇھەممەد تاش ئەپەندى ئەمەلىيەتتە ساھىپخان جەمئىيەت بولمىش تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «دىئاسپورا» بولماسلىغى، يەنە ساھىپخان جەمئىيەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئۆزلىكىنى ساقلىغان ھالدا بارابەر كىملىككە ئىگە بولغان توپلام ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تاش مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە قەيسەرى ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ «ھىجىرەت» تارىخىنى ئەۋلادلىرىغا ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «دىئاسپورا» لىق ئورنىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلار تۈركىيەدە ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ساھىپخان جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ھىجرەت قىلغانلىغىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ساھىپخان جەمئىيەتتىن بۇ خىل «دىئاسپورا» لىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەكىتلەپ كەلگەن.
تاش مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئەھۋال بىزگە «دىئاسپورا» مەسىلىسىنىڭ يالغۇز ساھىپخان جەمئىيەتلا ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى، خۇددى قەيسەرى ئۇيغۇرلىرىدەك ساھىپخان جەمئىيەتكە كۆچ چىقارغۇچى جەمئىيەت (send sosiety) دە قالغان قان-قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنىمۇ تاڭىدىغانلىغىنى «دىئاسپورا» نىڭ يەنە بىر خىل خۇسۇسيىتى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
تاش مۇھەممەد ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلاپ ئۆز تېزىسىدىكى «دىئاسپورا» غا قىلىنغان تەنقىدى يەكۈننىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مىتوت ئىكەنلىكىنى. ئۆزىنىڭ «دىئاسپورا» نى مىتوت قىلىپ تۇرۇپ خەلقئارا مۇناسۋەتتىكى بولۇپمۇ ژىئوپولىتىك مەسلىسىنى تەھلىل قىلغانلىغىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە تۈركىيەدە دىنن ۋە مىللي ئۆزلۈك ۋە كىملىكلىرىنى تەلتۈكۈس ساقلاش مۇمكىنچىلىكى بار ساھىپخان جەمئىيەتكە كۆچ ئەتسىمۇ يەنىلا مەسىلىسى ھەل بولمايدىغان ئۇيغۇر «دىئاسپورا» سىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سىياسى جەھەتتىن جۇڭگونىڭ «ئىچكى ئىشى» ھېسابلىنىپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىككە چارىسىزدۇر. بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «ئۆزگى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» پرىنسىپىنىڭ ھازىرقى زامانغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك «دىئاسپورا» نىڭ غەرىبلىشىش، زامانىۋېلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە پەيدا بولغان دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى «دىئاسپورا» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى داۋاسى يەنىلا دۆلەت مەسىلىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلەپ دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تاش مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ «دىئاسپورا ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى ئىلمىي دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

تۆتىنچى بولۇپ ياپۇنىيەدىن كەلگەن دوكتور پولات قۇربان ئەپەندى «ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى» توغرىلىق ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنۇپ، بۇ كېسەللىكنىڭ پاتالوگىيەلىك ئالامەتلىرى، پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى، دىئاگنوز قويۇشتىكى ئاساسلىرى ۋە داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۆزىنىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تۈرلىرى، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە شۇ تەتقىقات جەريانىدا ئېرىشىلگەن نەتىجىلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

پولات قۇربان ئەپەندىنىڭ «ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسەللىكى» ناملىق ئىلمىي دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا، بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغفىرەت كامال خانىم «دۇنيا بىئولوگىيە ساھەلىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئىسىملار» ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى.

بۇ دوكلاتتا، بىئولوگىيە ساھەسىدە ھەرقانداق ئىلمى خادىمنىڭ تەتقىقات قىلىۋاتقان ھاشارەت ۋە جانلىقلار ھەققىدە بىر ئىلمى ئىسىم بىلەن بىرگە، ئۆز ئانا تىلىدىمۇ بىر ئىسىم قويالايدىغانلىق قانۇنىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر بىئولوگلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى، مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى كېپىنەك ۋە ھاشارەتلەرگە ئىسىم قىلىپ قويغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى قىزىقارلىق مەلۇمات بېرىلدى. ھازىرغىچە «ئىپارخان، نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، ماھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا، تەڭرى تېغى» دېگەندەك شەخسىلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرى دۇنيا بىئولوگىيە ساھەسىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىسىملار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن.

※          ※          ※          ※

ئىككىنچى بولۇپ، دوكتور ئابدۇمېجىت غۇپۇر ئەپەندى «ئىمام غەززەلىنىڭ شىرازىغا كۆرسەتكەن تەسىرى – تۆت خىل مەنىۋى كېسەللىك ۋە ئۇنى داۋالاش رېتسىپلىرى» ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى بەردى.

ئابدۇمېجىت غۇپۇر ئەپەندى «ئىمام غەززەلىنىڭ شىرازىغا كۆرسەتكەن تەسىرى – تۆت خىل مەنىۋى كېسەللىك ۋە ئۇنى داۋالاش رېتسىپلىرى» ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ word نۇسخىسى ۋە PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئۈچىنچى بولۇپ، ياپونىيدە يۈرەك كېسەللىكلىرى ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئابلەت تۇران ئەپەندى «يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات» ناملىق ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى. دوختۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى ئالدى بىلەن يۈرەكنىڭ خىزمەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، يۈرەك رېتىمسىزلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى.

دوكتۇر ئابلەت ئەپەندى، ئالدىنقى كۈنى تاساددىپى قولىقىغا كىرىپ قالغان، بىر كىشىنىڭ دىئابىت كېسىلى بار يەنە بىر كىشىگە «قەنت سېيىش كېسىلى بىلەن تاتلىق نەرسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، مەن يەۋاتقان مۇراببادىن سەنمۇ كۇندە يېگىن، بەك ئامراق بولۇپ كېتىسەن» دەپ مەسلىھەت بەرگەنلىگى ۋە ئو كىشىنىڭمۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولغانلىقى ھەققىدىكى مىسال بىلەن سۆزىنى باشلاپ، بىر جەمئىيەتنىڭ گۇللەنگەن، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بولۇشىدا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىغىنى، ئۆزىنى تونۇشتا، ۋۇجۇتنىڭ روھى خۇسۇسىيەتلىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەنلا قالماستىن، فىزىكىلىق خۇسۇسيەتلىرىنى تونۇپ يېتىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم، ھەتتا شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ئارقىلىق، سورۇندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئوز تېمىسىغا تارتتى. ئابلەت ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەسپىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمى بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە، بولۇپمۇ، ئاساسلىغى ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۈرەك رېتىمسىزلىغى ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە بېرىپ ئۆتىدىغانلىغى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە ئازراق تونۇشقا ئىگە بولالىسا، ئۆزىنى خوشال ھېس قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز تېمىسى ھەققىدە رەسمى توختىلىشقا باشلىدى.
ئابلەت ئەپەندى ئەڭ ئالدى بىلەن، يۈرەكنىڭ ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، ئەمەلى رەسىم بىلەن، ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ، بەدەندىكى قان ئايلىنىش ۋە پۈتۈن ئەزالارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە يۈرەكنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. يۈرەكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسىمۇ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلاپ باقمىغان ئاڭلىغۇچىلار، 80 يىل ياشىغان بىر ئادەم ئۈچۈن، مۇشتۇمچىلىك بىر گۆشنىڭ، جەمئى ئۈچ مىليارد قېتىم سوقۇپ، ئىككى مىليون توننا قاننى سىقىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى.
ئۇندىن كېيىن، ئابلەت ئەپەندى چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ھەرقايسى قىسمىنىڭ رولىغا ئاساسەن تۆت نۇقتىغا بۆلۈپ، چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئالدى بىلەن يۈرەكنىڭ كېڭىيىپ قاننى قوبۇل قىلىشى ۋە قىسقىراپ ئۇنى سىقىپ چىقىرىپ بەدەنگە تارقىتالىشىدا يۈرەك موسكۇلىنىڭ رول ئوينايدىغانلىغىنى، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان، يۈرەك موسكۇلىنىڭ بوشىشىپ يۈرەك بوشلۇقلىرىنىڭ زىيادە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ۋە يۈرەك موسكۇلىنىڭ زىيادە قېلىنلاپ، يۈرەك بوشلۇقىنىڭ زىيادە تارىيىپ كېتىشىنىڭ، يۈرەك زائىپلىكى، خەتەرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى قاتارلىق ھەرخىل ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئىككىنچى قىلىپ، يۈرەك ئىچىدىكى ئوكسېگىنى سەرپ بولغان ۋە ئوكسېگىن بىلەن تويۇنغان ئىككى خىل قاننىڭ بىر-بىرىگە ئارلىشىپ كەتمەي، توغرا ۋاقىتتا، توغرا يۆنۈلۈشكە ئاقالىشى ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ھەرقايسى بوشلۇقلىرىدا كىلاپانلارنىڭ بولىدىغانلىغى، بۇلارنىڭ يۈرەكنىڭ ھەرىكىتىگە ماس ھالدا ئېچىلىپ يېپىلىپ، قاننىڭ ئېقىش يۆنۈلۈشىنى كونترول قىلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى. شۇنداقلا، كىلاپان تۆشۈكچىلىرىنىڭ زىيادە تارىيىپ ۋە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭمۇ ھەرخىل ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىغىنى، بۇنى ئادەتتە كىلاپانلارنى ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغانلىغىنى، ئەمەلى رەسىملەر بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئۈچۈنچى قىلىپ، ۋۇجۇتتىكى بارلىق ئەزا، ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش يۈرەكنىڭمۇ قانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، يۈرەكنىڭ بۇ قاننى ئۆزىدىن چىققان چوڭ ئارتىرىيەدىن (قوڭ قىزىل قان تومۇرى) شاخلىنىپ چىققان ۋە كېيىن ئۈچكە ئايرىلغان ئۈچ تال تاجىسىمان يۈرەك ئارتىرىيەلىرى ئارقىلىق ئالىدىغانلىغىنى، بۇ تومۇرلاردىكى توسۇلۇشنىڭ، ئەگەر بۇ توسۇلۇس داۋام قىلسا، توسۇلغان يەردىن ئۇزاق قىسمىدىكى يۈرەك موسكۇلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىغىنى، يەنى بىزنىڭ كۆپ ئاڭلايدىغان يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسى دەيدىغان كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىرىدىغانلىغىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا، ئەڭ ئاساسلىق سۆزلىمەكچى بولغان يۈرەك رېتىمسىزلىغى ھەققىدىكى سۆزىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بۇنىڭ يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىچىدىكى ئەڭ ئابستراكىت، ئەڭ مۇرەككەپ مەزمۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يۈرەكنىڭ توختاۋسىز، رېتىملىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز رولىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن موسكۇل، كىلاپان ۋە يۈرەك قان تومۇرىنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىغىنى، يۈرەكنىڭ توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈزلۈكسىز بىر بۇيرۇق ياكى سېگنالنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ سىگنال مەنبەسىنىڭ سىنۇس تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدىغانلىغىنى ۋە نورمال ھالەتتە، ئۈزلۈكسىز ھالدا، مىنۇتىغا 60-100 قېتىم سىگنال تارقىتىدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يۈرەكنىڭ ھەرقايسى قىسمىنىڭ ئۆز ئالدىغا، قالايمىقان ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىغى، بۇ خىل ھەرىكەتتە، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئۈنۈمىمۇ بولمايدىغانلىغى، يۈرەكنىڭ ھەر قىسمىنىڭ سىگناللارنى ئۆتكۈزۈش خۇسۇسيىتى بولمايدىغانلىغى، سىگناللارنىڭ ئوتكۇزگۇچ خۇسۇسيىتى بولغان يۈرەك موسكۇل تالالىرى ئارقىلىق، بەلگىلىك سۈرئەتتە، بەلگىلىك تەرتىپ ۋە يول بويىچە تارقىلىپ، يۈرەكنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا بەلگىلىك رېتىمدا ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتلەندۇرىدىغانلىغىنى ئاددى رەسىملەر بىلەن بايان قىلىپ بەردى.
ئەگەر، بۇ سىگنال مەنبەسى ياكى سىگناللارنى ئوتكۇزىدىغان يۈرەك موسكۇل تالالىرىدا نورمالسىزلىق يزز بەرگەندە، يزرەك سوقۇشىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى، تېزلىشىپ كېتىشى، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ھەتتا پۈتۈنلەي توختاپ قېلىشىغا ئوخشاش ھەرخىل ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى. يەنە، ھەممىسىنى تۈرى، ئالاھىدىلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا 200 خىلغا يېقىن يۈرەك رېتىمسىزلىغى بارلىغى، ئەمما، چوڭ جەھەتتىن ئاستا خارەكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى ۋە تېز خارەكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدىغانلىغىنى ۋە ئۇلارنى داۋالاش ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتتى.
ئاستا خارەكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغى ئاساسەن، خەنزۇچە 起搏器 دەپ ئاتىلىدىغان يۈرەك رېتىمى قوزغاتقۇچىنى ئورنىتىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغانلىغىنى، تېز خارەكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىغىنى بولسا دورا، ياكى يوقۇرى چاستوتىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن داغلاپ، بىنورمال قىسقا يوللارنى ئۇزۇپ تاشلاش، بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئىمكانى بولمىغاندا، خەنزۇچە 除颤器 دەپ ئاتىلىدىغان، ئىنتايىن قىممەت باھالىق سايماننى ئورنىتىش ئارقىلىق، داۋالاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغانلىغىنى ناھايىتى چۇشىنىشلىك ھالدا سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ تېمىنىڭ كەسپچانلىغى كۈچلۈك، چۈشۈنىشكە قېيىن بولۇشىغا قارىماي، ئابلەت ئەپەندىگە شۇ ھامان سۇئاللار يېغىپ كەتتى. بىرەيلەن، «بىر بەڭگىنىڭ يۈرىكىنى بىر موللامغا يۆتكىسە، موللام موللام پېتى قېلىۋېرەمدۇ ياكى، بەڭگىگە ئايلىنىپ قالامدۇ» دېگەندەك قىزىقارلىق سوئالى بىلەن، سورۇندىكىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىۋەتتى.
سوئاللار داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن ئابلەت ئەپەندى سورۇندىكىلەرنىڭ ئۆز تېمىسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ، سەھنىنى كېيىنكى سۆزلىگۈچىگە بوشىتىپ بەردى.

ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ «يۈرەك رېتىمسىزلىقى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات» ناملىق ئىلمىي دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

تۆتىنچى بولۇپ شىۋىتسىيىدىن كەلگەن ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى «شىۋىتسىيە كۈتۈپخانىسىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار تىزىملىكى» دېگەن تېمىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنۇپ، شىۋىتسىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى، شىۋىتسىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قول يازمىلىرى، ئاسارە-ئەتىقىلەر ۋە ئۇلار ساقلىنىۋاتقان ئورۇنلار ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى سۇنغان «شىۋىتسىيە كۈتۈپخانىسىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار تىزىملىكى» تېمىسىدىكى ماقالىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

6- ماي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنلۈك يىغىن باشلاندى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا بىرىنچى بولۇپ دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى «ئىنسان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى» دېگەن تېمىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى سۇنغاندىن باشقا، يەنە ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ئۆپكە كېسەللىكلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمتىمىن ئەپەندىگە ۋاكالەتەن «ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات ۋە ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالى» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇنۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى سۆزلىدى ۋە ئۇيغۇرلادىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى.

دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى، بۇ يىغىندا «ئىنسان ئىممۇنت سىستېمىسى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماقالىدا، ئىنسان ۋۇجۇدىنى ھەر خىل مىكرۇپ ۋە ۋىرۇسلاردىن قوغدايدىغان ئىممۇنت سىستېمىسىنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىممۇنت سىستېمىسى ھۈجەيرىلىرىگە بولغان ھۇجۇمىنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ CD4 lenf ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، CD4 lenf ھۈجەيرىسىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى، CD4 lenf ھۈجەيرىسى ئەڭ مۇھىم ئىممۇنت سىستېمىسى ھۈجەيرىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشى نەرىجىسىدە ئىنساننىڭ ئىممۇنت سىستېمىسى ئاجىزلاپ، ھەر خىل باكتېرىيە، ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن دوختۇر ئەخمەتجان پولات ئەپەندى، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆپكە كېسەللىكلەر تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىگە ۋاكالىتەن «ئەيدىز كېسەللىگى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا تارقىلىش ئەھۋالى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماقالىدە، ئەيدىز كېسەللىگىنىڭ قانداق بىر كېسەللىك ئىكەنلىكى، قايسى يوللار بىلەن كىشىلەرگە يۇقىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. يەنە ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنىڭ كىشىنى قورقاتقۇدەك دەرىجىدە كۆپ ۋە تېز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئىچىدە ھەر 100 مىڭ كىشى ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلى بولغان كىشى سانىنىڭ ئۇيغۇرلاردا 350 كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق مىللەتلەرگە قارىغاندا پەۋقۇلئاددە كۆپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى، ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق ۋە دىنى كۆزقاراشنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، جەمئىيەتتىكى قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە يېتەرلىك ساۋادىنىڭ بولماسلىقىدەك كۆپ خىل ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

دوكلاتتىن كېيىن، ھەممە كىشىلەر بەس-بەستە سوئال سوراپ بەزى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئايدىڭلاشتۇردى.

ئەخمەتجان پولات ئەپەندىنىڭ «ئىنسان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى» ناملىق ماقالىسىنىڭ PPT نۇسخىسى

مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ «ئەيدىز كېسەللىگى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا تارقىلىش ئەھۋالى» ناملىق ماقالىسىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئىككىنچى بولۇپ، تۈركىيە بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى «كومپيۇتېرلىق تىل تەتقىقاتى ۋە تىل تەرجىمىسى» دېگەن تېمىدا تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە تەتقىقات ئەھۋالى توغرىلىق ئىلمى دوكلاتىنى سۇندى. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە تەرجىمە ماشىنىسىغا ئالاقىدار سۇئاللارنى سوراپ ئىلمى سورۇنىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈۋەتتى.

مۇرات ئورخۇن ئەپەندىنىڭ «كومپيۇتېرلىق تىل تەتقىقاتى ۋە تىل تەرجىمىسى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنىڭ PPT نۇسخىسى ۋە PDF نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئۈچىنچى بولۇپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى دوكتور ئوقۇغۇچىسى رائىلە قەشقەرى خانىم 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە ۋەتىنىمىزدە زامانىۋى مائارىپنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى تۈركىيىلىك مائارىپچى ئەھمەد كامال ئەپەندى ھەققىدە، «ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىلغان ئەھمەد كامال ھەققىدىكى ناتوغرا مەلۇماتلار ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى.

رائىلە قەشقەرى خانىم ئىلمىي دوكىلاتىدا ئالدى بىلەن ئەھمەد كامالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەتىنىمىزدىكى مەنبەلەردە ئۇنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭغا ئالاقىدار نېمە ئۇچۇرلارنىڭ بېرىلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن بەزى ئۇچۇرلارنىڭ خاتا بېرىلگەنلىكىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى. ئاخىرىدا مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىك زىيالىيلارنىڭ نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ دوكىلاتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

رائىلە قەشقەرى خانىمنىڭ «ئۇيغۇر دىيارىدا يېزىلغان ئەھمەد كامال ھەققىدىكى ناتوغرا مەلۇماتلار ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي دوكلاتىنىڭ PPS نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

تۆتىنچى بولۇپ، ئامېرىكا مەرك دورىگەرلىك شىركىتىدە بىئولوگىيە پەن-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاسپىرانت تەتقىقاتچى ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى «ماسسا سپېكترومېتىر ئارقىلىق ياغنىڭ ھەزىم قىلىش ئەھۋالىنى ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دورىسى تەتقىقاتىدىكى رولى» ناملىق ئىلمى دوكلاتىنى بەردى.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ «ماسسا سپېكترومېتىر ئارقىلىق ياغنىڭ ھەزىم قىلىش ئەھۋالىنى ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دورىسى تەتقىقاتىدىكى رولى» ناملىق ئىلمى دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا، بىرىنچى بولۇپ ئىستانبۇل مالتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «ئىدىئولوگىيىلىك تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردە تەكرار ئىشلىتىلىشى» ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى بەردى.

※          ※          ※          ※

ئىككىنچى بولۇپ، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ئالىي فىزىك ئوپتىك ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق «بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشىتا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللار قايسىلار؟» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىنى بەردى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى دوكلات قىلغان 2- تېما «بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا كام بولسا بولمايدىغان ئامىللار قايسىلار؟» بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ بۇ تېما ئۈستىدىكى ئىزدىنىش جەريانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، دۇنيادا ھازىرغىچە ياشىغان مىللەتلەر ئىچىدە ئەسلىدە يوقاپ كېتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ يوقاپ كەتمىگەن مىللەتنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۈلگىسى يەھۇدىلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە يەھۇدىلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن مۇنداق ئۈچى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى: بىرىنچى، ئىزىلىش ياكى زۇلۇم. ئىككىنچى، يەھۇدىلار دىنى جۇدائىزم. ئۈچىنچى، يەھۇدىلار مىلادىدىن كېيىنكى 64- يىلى 6- ياشلىق ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بالىلارنىڭ مەجبۇرى مائارىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۈز يىلدىن كېيىن بۇ تۈزۈمنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان. ھەمدە شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇدائىزمنى تەسۋىرلەيدىغان، بەش كىتابتىن تەركىب تاپقان تەۋراتنى يادلاپ ئوقۇشنى، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇشقا ئۆزگەرتكەن. ئاشۇ ئاساستا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 مىڭ يىل ئىلگىرىلا پۈتۈن خەلق دىندا ساۋادلىق بولۇش، پۈتۈن خەلق ئىلىم-پەندە زىيالىي بولۇش، ئۆز ئەنئەنىسىگە ۋە ئۆز تۇرمۇش ئادىتىگە سادىق بولۇش قاتارلىق بىر قىسىم ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرگەن، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزۈلدۈرمەي ساقلاپ ماڭغان. ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەھۇدىلارنىڭ پۈتۈن خەلق مەجبۇرى مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان. ياپونلۇقلار ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق مەجبۇرى مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىنىغا تەخمىنەن 200 يىل بولغان. ئۇيغۇرلاردا بولسا ئومۇمىي خەلق مەجبۇرى مائارىپى تېخىچە ئەمەلگە ئېشىپ بولمىغان بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھازىرمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدە ساۋادلىق ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەدە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «بىر مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا كام بولسا بولمايدىغان ئامىللار قايسىلار؟» ناملىق دوكلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئۈچىنچى بولۇپ، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇلھەمىد قاراخان «يادرو ئىلىمى ۋە ئاتوم بومبىسى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. يادرو تېخنىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بىر تېخنىكا بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن يىراق ئىدى. ئابدۇلھەمىد ئەپەندى يادرو تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، تەرەققىياتى، پرىنسىپى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ، دۇنيادىكى يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تۈركىيىنىڭ ئەھۋالىغا باغلاپ تەھلىل قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنى بۇ تېمىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.
ئىنتايىن ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا يادرو ئىلىمى، ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى ۋە ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ۋە سىناق قىلىش جەريانىدە ئىنسانلارغا قانداق ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكى ۋە يادرو ساھەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە قۇدرەتلىك بىر مىللەت بولۇشىدا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ۋەتىنىمىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو بومبا سىناقلىرىنىڭ تەبىئەتكە ۋە خەلققە بولغان زىيىنىنى سۆزلەپ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوشيارلىقىمىزنى تەكرار ئويغاتتى، ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ «يادرو ئىلمى ۋە ئاتوم بومبىسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي دوكىلاتىنىڭ PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

تۆتىنچى بولۇپ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىئىيىتى ئەزاسى، مۇتەخەسىس تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى «ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ كودلاش ئۆلچىمى، خەت نۇسخىسى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش» ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى بەردى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ يۇنىكود كود ئۆلچىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ يۇنىكود ئۆلچىمىدە ئىشلەنگەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ ياسىلىش پرىنسىپى ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈش ۋە چىقىرىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانى قىسقىچە سۆزلەنگەندىن كېيىن، قەدىمكى تۈرك يېزىقى (ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقى ياكى ئورقۇن-يېنىسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ يۇنىكودتىن ئورۇن ئېلىشى ۋە كود ئۆلچىمىنىڭ بېكىتىلىشى، ھەمدە قەدىمكى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدىكى مەتىنلەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن خەت نۇسخىسىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشى؛ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى (ھازىرقى موڭغۇل، مانجۇ، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقان يېزىق) نى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان قول يازمىلاردىكى خەت شەكلىگە ئاساسەن ياسالغان خەت نۇسخىلىرى ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى.

تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندى «ئۇيغۇر يېزىقلىرىنىڭ كودلاش ئۆلچىمى، خەت نۇسخىسى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش» ھەققىدىكى ئىلمى ماقالىسىنىڭ PDF نۇسخىسى ۋە PPT نۇسخىسى

※          ※          ※          ※

ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيدە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەكبەر دەۋران (بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى) ۋە مۇستاپا ئاقسۇ تەقدىرلەندى، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەقدىرنامە بەردى ۋە ئامېرىكىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەسىنى تەقدىم قىلدى.

بۇ مۇراسىمدىن كېيىن بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ دوكلات سۇنغان دوكتۇر ۋە مۇتەخەسىسلەرگە يىغىن خاتىرىسى سۈپىتىدە تەقدىرنامە بېرىلدى، تەقدىرنامىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى تارقاتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىدىن كەلگەن تاش مۇھەممەت ئەپەندى ئايالىنىڭ بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان كىشىگە بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھەدىيەسىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىئىيىتى ئەزاسى مۇتەخەسسىس تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىگە بېرىشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ، يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. يىغىن زالىدىكىلەرنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىگە ھەدىيەنى تەقدىم قىلىش بىلەن مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تۆھپە ياراتقانلارنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلارغا نومۇر يېزىلغان چەك تارقىتىلىپ رىياسەتچى نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بىلەن تارقىتىلدى.

ئاخىرىدا كۆكلەم تور بېتىنىڭ « ‹1001 ئىجاد ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى› نى تەرجىمە قىلايلى!» دېگەن مۇراجىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كۆكلەم تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە روياپقا چىققان تۇنجى ئەسىرىمىز — ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم «1001 ئىجاد ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى» ناملىق قىسقىچە تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى.

ئىنكاسلار (3)

  • دىلمۇرات

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
    ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى تور بېكىتى جوڭگودا ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلىش سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ ،ھەتتا ئېچىلمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ،بىزمۇ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەردىكى ئەڭ ياخشى تورخانىلارغا كىرمىسەك بولماس بۇلۇپ قالدى ،بۇرۇنقى تور بىكەت ئۇنداق ئەمەس ئىدى . ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار زىيارەت قىلالمايۋاتىدۇ ،مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ .مۇشۇلارغا بىر ئامال تېپىلغان بولسا ياخشى بۇلاتتى ،بۇلۇپمۇ تورنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىر كۈچ سەرىپ قىلىنسا بەك ياخشى بولاتتى.

  • يولتاپ

    ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ سىن ھۆججىتى بولسا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى. تولۇق مەزمۇنىدىن بىزمۇ خەۋەردار بولاتتۇق ۋە نۇرغۇن قېرىنداشلارغىمۇ ئىلھام بولاتىى.

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      تەكلىپىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىمىز، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سىن ھۆججىتى تەييارلىنىۋاتىدۇ، سىز ئېيتقانداق ھەر قېتىملىق يىغىن ياكى پائالىيەتلەرنىڭ سىن ھۆججەتلىرىنى توردا كۆرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە، بۇ سىنلارنى چۈشۈرۈۋېلىش ئۇلانمىسىنىمۇ تەمىنلەپ قويىمىز.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش