You Are Here: Home » ئاكادېمىيە ھەققىدە

ئاكادېمىيە ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر زىيالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ھەم شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان پىداكار ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان  بىر ئىلمىي ئورگاندۇر.

ئاكادېمىيەنىڭ بۇرچى

ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ئاكادېمىيەنىڭ نىشانى

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەركىن ۋە دېمۇگراتىك مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ئاكادېمىيە تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغاندىن بېرى، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇلۇپ، جەمئىي 20 دۆلەتتىن يۈزلەرچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزاسى، ئاكادېمىيە ئەزاسى، ئاكادېمىيە كاندىدات ئەزاسى ۋە ئاكادېمىيە ۋەكىلى بولۇپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-مائارىپى ۋە مىللىي ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىلمىي بىر ئورگانغا ئايلاندى.

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىلىرىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بەش قېتىملىق دېمۇگراتىك يۈشۈرۈن ئاۋازدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلاملىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى كەم تەرەپلەر تۇلۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكىدەك مۇھاجىرەتتە تەسىرى كۈچلۈك ۋە تەشكىلىي خىزمەتلىرى سىستېمىلاشقان بىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بارلىققا كەلدى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىس ۋە دائىمىي ھەيئەتلەر

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى، قۇتادغۇبىلىگ ئىنىستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 30 ئەتراپىدىكى ھەيئەت ئەزالىرى توردا يىغىلىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان ئاكادېمىيە رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزدى. ئاكادېمىيە رەئىسلىكىگە ئىككى كىشى ئۆزلىرىنى نامىزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. سايلام نەتىجىسىدە، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن ئىتىبارەن دۇنيادىكى بارلىق ئاكادېمىيەلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كونكرىت خىزمەتلەر ئۈچۈن مەركىزى ئاكادېمىيە ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ چىقتى.


ھەر قايسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىس ۋە ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالار

* * * * *

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى

دوكتۇر رىشاد ئابباس

(تېببى دۇرا ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 11 – دېكابىردىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە داۋام …

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرى

ئاكادېمىيە رەئىسى: دوكتور رىشات ئابباس (ئامېرىكا)

باش مەسلىھەتچى: پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە)

ئىجرائىيە رەئىسى: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)

باش كاتىب: ئابدۇلھەمىد قاراخان (تۈركىيە)

تۈر مەسئۇلى: دوكتور ئۇيغۇرىيە خانىم (ئامېرىكا)

فوندى مەسئۇلى: دوكتور ئەسقەر ھىمىت (كانادا)

تەشۋىقات مەسئۇلى: دوكتور مەغپىرەت كامال (تۈركىيە)

ياشلار مەسئۇلى: دوكتور بارات ئاچىنۇق (ئەنگلىيە)

تەپتىش: دوكتور مەمەت ئېمىن (ئامېرىكا)


* * * * *

تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى

دوكتور مەغپىرەت كامال

(تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2023 – يىلى 15 – ئىيۇلدىن كۈنىمىزگىچە داۋام …

* * * * *

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

كېڭەش رەئىسى: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئاكادېمىيە ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى: ئابدۇلھەمىد قاراخان

باش كاتىپ: دوتسېنت راھىلە قەشقىرى

ئىدارە ئىشلار ۋە مالىيە بۆلۈمى مەسئۇللىرى: ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە دوتسېنت دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول

تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى مەسئۇلى: دوتسنت نامەتجان مەمەت ئورخۇن

تەرجىمە ۋە تەتقىقات بۆلۈمى مەسئۇلى: دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت ئابدۇۋېلى بوزلار

تەشۋىقات ۋە تاراتقۇ بۆلۈمى مەسئۇلى: دوكتور تۇردى مەتتۇرسۇن قارا

باش نازارەتچى: دوكتور ئابلەت ئۇيغار

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى خىزمەت بۆلۈملىرى: ئىدارە ئىشلار ۋە مالىيە بۆلۈمى، تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى، تەرجىمە ۋە تەتقىقات بۆلۈمى ۋە تەشۋىقات ۋە تاراتقۇ بۆلۈمى


* * * * *

2-نۆۋەتلىق ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

دوكتور ئابلېز ئابدۇقادىر

(تىببىي پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2020 – يىلى 25 – مايدىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر، مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن، باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس، مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوختور مەمەت ئېمىن، مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئەركىن ئابلىز، دوكتور مايسەم مۇتەللىپ، دوكتور گۈلنار ئەزىز ۋە دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا


* * * * *

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

تۇنجى نۆۋەتلىق ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت

(فىزىكا پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 10 – نويابىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)، مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)، باش كاتىب: ياسىن ئۇلتاش (گېرمانىيە)، باش نازارەتچىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)، مالىيە مەسئۇلى: دوختور ئەخمەتجان پولات (ئەنگىلىيە)، تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇھەممەتئېلى نىياز (گىرمانىيە)، باشقا ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (فىرانسىيە)، غەييۇر قۇربان (گىرمانىيە)، ئۆمەرجان جامال (شىۋىتسىيە)، ئەلى ئەمەت (بىلگىيە)، ئادىل چىنار (گوللاندىيە)، ئۆمەرجان ئىمىن (گىرمانىيە)، ھەبىبۇللاھ ئابلىمىت (گىرمانىيە)، ئايشە مۇسا (نۇرۋىگىيە)


* * * * *

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

تۇنجى نۆۋەتلىق ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

دوكتور ئىلھامجان سابىت

(تىببى پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2019 – يىلى 8 – دېكابىردىن باشلاپ 2022 – يىلى دېكابىرغىچە …

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئىلھامجان سابىت، مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور نىجات ئىمىن، باش كاتىب: دوكتور دىلىيار بارات، دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە) ۋە ئادەم ئىلھام

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئىلىياس قاسىم، دوكتور نىجات ئىمىن، بەختىيار بارات، بەختىيار بۆرە، دىلشات ئابدۇۋەلى، نۇرگۇل ساۋۇت، مەستۇرە بۆرە، گۈلشەن زۇنۇن، مەلىكىزات غەيرەت، رەيھان رۇزىھاجى ۋە يۇلتۇز تېيىپجان


* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىق ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى

(ئەدەبىيات پەنلىرى پىروفېسسورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2020 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

ياۋرۇ – ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى (قازاقىستان)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)

باش كاتىب: دوتسېنت دوكتور ئالىيەم باستوۋا (قازاقىستان)

ئىجتىمائىي مۇدىر: دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىمۇۋا (قازاقىستان)

باش مەسلىھەتچى: پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)

نازارەتچىلەر: دوكتور رىفات باۋۇدۇنوۋ (قازاقىستان)، دوكتور رەھمەتجان يۈسۈپوۋ (قازاقىستان)

ھەيئەت ئەزالار:

قازاقىستاندىن پىروفېسسور رۈشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە زەينەپ ئىسلاموۋ

قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، دوكتور نەرگىز باۋۇدۇنوۋ، گۈزەل ئابدۇللايېۋا، رېھىمجان ئۇيغۇر

ئۆزبەكىستاندىن دوكتور ئا. بارائېۋ

رۇسىيەدىن پىروفېسسور ئا. باسىلىيېۋ


* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىق كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

دوكتور ئەسقەر ھىمىت

(بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 24 – سىنتەبىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئەسقەر ھىمىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ

باش كاتىب: ئابلىز تۆلەند (ئېنژېنىر)

باش تەپتىش: دوكتور رازىيە مەھمۇد

تەپتىش: دوكتور مەمەتجان قۇربان

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ، تۇرسۇن توختى ۋە دىلنۇر ئەنۋەر


* * * * *

2 – نۆۋەتلىق ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

غەيرەت توختى كەنجى

(كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2023 – يىلى 18 – دېكابىردىن باشلاپ كۈنمىزگىچە داۋام …

* * * * *

ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: غەيرەت توختى كەنجى

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەۋلان باييۈز

ۋە باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 5 دائىمىي ھەيئەت ئەزا


ئاكادېمىيەنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى

1) ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

2) ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

3) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

4) ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

5) ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

6) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمىتى

7) ئاكادېمىيە تورى ۋە تور كۈتۈپخانىسى خىزمىتى

8) ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرى

9) ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرى


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق ئورگانلار

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى

خىتاينىڭ تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىدىكى ئورنى، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا بولىدىغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى مەقسەد قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى 2019-يىلى 9-نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىنىڭ 3-ماددا (3) تارمىقىغا ئاساسەن ئاكادېمىيەگە باغلىق خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى قۇردى. ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

مەزكۇر ئىنىستىتۇت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى


قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى

قۇتادغۇ بىلىگنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مائارىپى، ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، فولكلورى، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ پەلسەپە، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇ تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ ئىھتىياجلىق بولغان ساھەلەر بويىچە يېڭى بىر ئەۋلات ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ باش قوشىشى بىلەن 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە «قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى» قۇرۇلدى.

مەزكۇر ئىنىستىتۇت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى


ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە قاراشلىق بىر تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات كومىتېتى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، تىلشۇناس، تەرجىمان، ئەدىب ۋە تۈركولوگلار باش قوشۇشى بىلەن، 2019-يىلى 21-فېۋرال ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

كومىتېت رەئىسى: دوتسېنت راھىلە قەشقىرى (ئىستانبۇل، تۈركىيە)

مەزكۇر كومىتېت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياۋرۇ-ئاسىيا، كانادا ۋە ياپۇنىيە تارماقلىرى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئاكادېمىيەنىڭ تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى

2018 – يىلى 20 – ماي يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 6:00 دە، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭگتوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، دوكتور ئەركىن ئابلېز يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئەركىن ئابلېز نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 9 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك 2 يىللىق مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتۈگەن ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئەركىن ئابلىز،

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن،

باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس،

مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوختور مەمەت ئېمىن،

مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ،

دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ۋە مۇھەممەت بۇغرا

2020-يىلى 25-ماي كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن،

باش كاتىپ: رۈشەن ئابباس،

مالىيە ئىشلىرى مەسئۇلى: دوكتور مەمەت ئىمىن،

مېدىيا – تاراتقۇ ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇستاپا ئاقسۇ،

دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى: دوكتور مايسەم مۇتەللىپ، دوكتور ئەركىن ئابلىز، دوكتور گۈلنار ئەزىز ۋە دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا

2018 – يىلى 25 – ماي جۈمە كۈنى جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇپا تارمىقى

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دا مىيۇنخىندا ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇپا تارمىقى“ رەسمىي قۇرۇلدى.

د ۇ ق ساھىپخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ”شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى“ تۈگىشىگە ئۇلىنىپلا، مىيۇنخىندىكى تۈركىيە دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىيە ياۋرۇپا تارمىقىدا قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، شىۋىتسارىيەدىن دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇپا تارمىقى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 18 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت (شىۋىتسارىيە)،

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەمتىمىن ئابباس (فىرانسىيە)،

باش كاتىب: بارات ئاچىنوق (ئەنگىلىيە)،

باش نازارەتچىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)،

مالىيە مەسئۇلى: دوكتور قەيسەر ئابدۇقادىر (شىۋىتسارىيە)،

تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى: مۇھەممەتئېلى نىياز (گىرمانىيە)،

باشقا ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز (فىرانسىيە)، غەييۇر قۇربان (گىرمانىيە)، ئۆمەرجان جامال (شىۋىتسىيە)، ئەلى ئەمەت (بىلگىيە)، ئادىل چىنار (گوللاندىيە)، ئۆمەرجان ئىمىن (گىرمانىيە)، ھەبىبۇللاھ ئابلىمىت (گىرمانىيە)، ئايشە مۇسا (نۇرۋىگىيە)


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى

2019 – يىلى 08 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىدنى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە، ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى ئابۇرىندىكى گاللىپولى مەسچىتى Gallipoli Mosque نىڭ ئابۇرىن جېيمىز Auburn James يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى، ئادىلەيىد ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىي قاتناشتى.

قۇرۇلۇش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 14 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەسمى قۇرۇلدى.

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى

رەئىس: دوكتور ئىلھامجان سابىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور نىجات ئىمىن (ئاۋىسترالىيە)

باش كاتىب: مەلىكىزات ئەخمەت (يېڭى زىللاندىيە)

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: سەلىمە كامال، پەرىزات غەيرەت، دوكتور دىلىيار بارات ۋە ئادەم ئىلھام

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرى: دوكتور ئىلىياس قاسىم، دوكتور نىجات ئىمىن، بەختىيار بارات، بەختىيار بۆرە، دىلشات ئابدۇۋەلى، نۇرگۇل ساۋۇت، مەستۇرە بۆرە، گۈلشەن زۇنۇن، مەلىكىزات غەيرەت، رەيھان رۇزىھاجى ۋە يۇلتۇز تېيىپجان


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇئاسىيا تارمىقى

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2020-يىلى 09-ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن “ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى” رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى قۇرغۇچى ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالىدىغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارسىدا ئېلىپ بېرىلغان يۇشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. نىزامنامىگە ئاساسەن، يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا سايلانغان رەئىس پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى ئەپەندى نەخ مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 17 كىشلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

«ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپە ئالغان 17 كىشىلىك دائىمىي ھەيئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

رەئىس: پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى (قازاقىستان)

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئەكبەرجان باۋۇدۇن (قىرغىزىستان)

باش كاتىب: دوتسېنت دوكتور ئالىيەم باستوۋا (قازاقىستان)

ئىجتىمائىي مۇدىر: دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىمۇۋا (قازاقىستان)

باش مەسلىھەتچى: پىروفېسسور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان)

نازارەتچىلەر: دوكتور رىفات باۋۇدۇنوۋ (قازاقىستان)، دوكتور رەھمەتجان يۈسۈپوۋ (قازاقىستان)

ھەيئەت ئەزالار:

قازاقىستاندىن پىروفېسسور رۈشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە زەينەپ ئىسلاموۋ

قىرغىزىستاندىن پىروفېسسور سەيپۇللاھ ئابدۇللايېۋ، دوكتور نەرگىز باۋۇدۇنوۋ، گۈزەل ئابدۇللايېۋا، رېھىمجان ئۇيغۇر

ئۆزبەكىستاندىن دوكتور ئا. بارائېۋ

رۇسىيەدىن پىروفېسسور ئا. باسىلىيېۋ

ئالمۇتادا قۇرۇلغان «ياۋرۇ-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى»، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 24 – سىنتەبىر جۈمە كۈنى تورونتو ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 دا كانادادىكى 7 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ نازارىتىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى» قۇرۇلدى.

25-سىنتەبىر شەنبە كۈنى تورونتو ۋاقتى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە جاكارلاندى.

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالار ئارسىدا دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدى. سايلام نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور ئەسقەر ھىمىت

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور ئابلېكىم مۇتەللىپ

باش كاتىب: ئابلىز تۆلەند (ئېنژېنىر)

باش تەپتىش: دوكتور رازىيە مەھمۇد

تەپتىش: دوكتور مەمەتجان قۇربان

دائىمىي ھەيئەت ئەزالار: دوكتور ئابدۇرېھىم رەجەپ، تۇرسۇن توختى ۋە دىلنۇر ئەنۋەر

كانادا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور ئەسقەر ھىمىت ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: https://www.akademiye.org/ug/?p=2746

تورونتودىكى «ئۇيغۇر مەسچىتى» ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تورونتودا قۇرۇلۇشى كانادادىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ كانادادىكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە مىللەت ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى»، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.


ياپۇنىيە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى. 2021 – يىلى 11 – دېكابىر كۈنى توكيو ۋاقتى كەچ سائەت 06:00 دا ياپۇنىيەدىكى 10 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئۆزئارا كېڭىشىشى ۋە ئاكادېمىيە رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىبى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ يىتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپۇنىيە تارمىقى» قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى 7 قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالاردىن تەركىپ تاپتى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياپۇنىيە تارمىقى ھەيئەت ئەزالىرى تۆۋەندىكىدەك بولدى:

رەئىس: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان

مۇئاۋىن رەئىس: دوكتور مەۋلان باييۈز

باش كاتىب: دوكتور ئىسمائىل ئىلىك

ۋە باشقا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان 4 دائىمىي ھەيئەت ئەزا

ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەققىدە بۇ ئۇلىنىشتىن مەلۇمات ئالالايسىز: دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ تەرجىمىھالى

ياپۇنىيەنىڭ توكيو شەھرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپۇنىيە تارمىقى»، ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ۋاشىڭگتۇندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تارمىقى»، مىيۇنخىندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇپا تارمىقى»، سىدنىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى»، تورونتودا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى كانادا تارمىقى»، ئالمۇتادا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋرۇئاسىيا تارمىقى»، توكيودا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياپۇنىيە تارمىقى» ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادى قېيىن شارائىتتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھېچبىر تەشكىلات ۋە دۆلەتتىن ياردەم ئالمايمۇ يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكتە ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى چىقىرىپ مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ ئۇلۇغ ۋە ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇدىيىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ دەپ ئايرىماي ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھەر قايسى دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلاتلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، ھەر بىر تەشكىلاتتىن رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىبتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى «ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەتلەر كومىتېتى» دە ئەزا بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مۇھىم ئىشلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى مەسلىھەت ۋە كېڭەش ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيەلەر ئۆز ئىچىدە قارار ئېلىپ ئىش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە خىزمەت قىلغان پەخىرى رەئىس ۋە رەئىسلەر

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن پەخىرى رەئىسلەر

* * * * *

Erkin Sidiq

 دوكتۇر ئەركىن سىدىق

تۇنجى نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخىرى رەئىسى

(ئالىي ئوپتىك فىزىكا ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2009 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن 2013 – يىلى 21 – سىنتەبىرگىچە


* * * * *

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ

2- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخىرى رەئىسى

(ھۈجەيرە ۋە گىن ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2013 – يىلى 21 – سىنتەبىردىن 2015 – يىلى 10 – ئۆكتەبىرگىچە


* * * * *

 دوكتۇر رىشاد ئابباس

3- ۋە 4- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى پەخىرى رەئىسى

(تېببى دورا ئالىي تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2015 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردىن 2021 – يىلى 11 – دېكابىرغىچە

* * * * *


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن رەئىسلەر

* * * * *

Karahan

 ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قۇرغۇچى رەئىسى

(يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2009 – يىلى 9 – سىنتەبىردىن 2010 – يىلى 9 – مايغىچە

* * * * *

Alimjan

 پىروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تۇنجى نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2010 – يىلى 9 – مايدىن 2012 – يىلى 18 – نويابىرغىچە

* * * * *

Ablet Turan

دوكتۇر ئابلەت تۇران

2- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2012 – يىلى 18 – نويابىردىن 2015 – يىلى 23 – ئاۋغۇستغىچە

* * * * *

ئابدۇلھەمىد قاراخان

3- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(يادرو ئېنىرگىيە ئېنژىنىرى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2015 – يىلى 23 – ئاۋغۇسىتتىن 2018 – يىلى 24 – ئاۋغۇسىتغىچە

Alimjan

 پىروفىسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

4- نۆۋەتلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 24 – ئاۋغۇسىتتىن 2021 – يىلى 19 – ئىيۇنغىچە

* * * * *

تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى

(تۈركولوگىيە ۋە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 19 – ئىيۇندىن 2023 – يىلى 15 – ئىيۇلغىچە

* * * * *

دوكتور ئەركىن ئابلىز

تۇنجى نۆۋەتلىق ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(تىببىي پەنلەر دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2018 – يىلى 20 – مايدىن 2020 – يىلى 25 – مايغىچە

* * * * *

دوكتور مۇختەر ئابدۇراخمان

تۇنجى نۆۋەتلىق ياپۇنىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى

(پەلسەپە پەنلەر دوكتورى)

ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى: 2021 – يىلى 11 – دېكابىردىن 2023 – يىلى 18 – دېكابىرغىچە

* * * * *


ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەركىزىنىڭ 2018-يىلى 24-ئاۋغۇستتا ئېلىپ بېرىلغان 4-قېتىملىق دېمۇگراتىك سايلىمىدا، يەتتە كىشىلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئىتى، يەتتە كىشىلىك زاپاس دائىمىي ھەيئىتى، ئۈچ كىشىلىك دائىمىي نازارەت ھەيئىتى، ئۈچ كىشىلىك زاپاس دائىمىي نازارەت ھەيئىتى بولۇپ، جەمئىي 20 كىشى رەسمىي ۋەزىپە ئېلىپ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاكادېمىيەنىڭ مەقسەد ۋە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا.

ئاكادېمىيە يول خەرىتىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۆزىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ئەزا ۋە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەملىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىشلەش يولىدا تەۋرەنمەي خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە يول خەرىتىسى قىلىپ بىكىتتى.

مىللىي ئېڭى تىكلەنمىگەن ۋە پەن – مائارىپى تەرەققىي قىلمىغان مىللەت  مەڭگۈ يۈكسىلەلمەيدۇ ۋە يوق بۇلۇشقا مەھكۇمدۇر! ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە پەن-مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلار مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشقاندىلا، مىللىي ئېڭى يۈكسەك، پەن-مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان ۋە تارىخ سەھنىسىدە قايتىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرەلەيمىز!

بۇ سەپتە سىزنىڭمۇ ئورنىڭىز ۋە ۋەزىپىڭىز بار، ئەمدى يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ ئاكادېمىيەگە ئەزا بولۇپ سېپىمىزگە قېتىلىڭ …

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەت ئىىشخانىسى ئىستانبۇلنىڭ شىرىنئەۋلەر رايونىدىكى ئىنجىرلى مەترو بېكىتى يېنىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئايلىق چىقىملار (ئىجارە ۋە باشقا چىقىملار) نى ئاكادېمىيە قۇرغۇچىلىرى، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى، ئەزالار ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىر ئىلمىي جەمىئىيىتىدۇر. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

قوشۇمچە: ئاكادېمىيە لوگولىرى

1. ئاكادېمىيە لوگوسى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە دۆلەت گىرىبىلەرنىڭ ۋىكتور نۇسخىسى (Corel Draw) – ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسىدا (ئاكادېمىيە تور كۈتۈپخانىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز.)

2. ئاستى سۈزۈك PNG رەسىم نۇسخىسى

                     

                                       

                                

                               

                         


3. Jpeg رەسىم نۇسخىسى

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top