You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 294)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2539

بۆرە، تۈلكە ۋە ئارسلان – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (10)

(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت) بۆرە، تۈلكە ۋە ئارسلان تىكەن تىكسەڭ، يوق ئۈمىد گۈلدىن يەنە، گۈل تىكسەڭ، كۈلۈمسەر گۈلدەك ساڭا. بىر تۈگمەندە ئۈگۈتتەك يانچىلىسەن، ئۇن ئەمەس، ئەلۋەتتە بېرىدۇ تۇپراق ساڭا. بىر ئارسلان، بۆرە ۋە تۈلكە بىلەن ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن تاققا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ نىيىتى بولسا ھەر ئۈچى ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ ھايۋانلارنى كۆپرەك ئوۋلاش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچى ئوۋ ئىزدەپ، ئۇياق-بۇي ...

Read more

ئارسلان چەكتۇرۇش – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (9)

(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت) ئارسلان چەكتۇرۇش شۇ كۆڭۇل بىلگىنكى سىزنىڭ خانەدۇر، جاننى سورىساڭ، ساچىنىڭ ئويناشىدۇر. سۇ ئىچسەم ئەگەر، بىلىمەن ئەينەك نەدۇر، يۇزۇدۇر سۆيۇملۇكنىڭ، ياي قاشىدۇر. ئىراننىڭ قازۋىن دىگەن يەردىكى كىشىلەرنىڭ دۆمبىلىرىگە، قوللىرىغا ۋە بەدەنلىرىگە يىڭنە بىلەن رەسىم چەكتۇرۋالىدىغان ئادەتلىرى بار ئىكەن. بىر قازۋىنلىق تەللاق(مۇنچا ۋە سەرراپلاردا كىشىلەرنى يۇيۇپ قويغۇچى ئەر)نىڭ قىشىغا بېرىپ: ...

Read more

تىلشۇناس: «مەسنەۋى»دىن دۇردانىلەر – 7

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئۇپۇقنى نۇر قاپلىدى، قەندىل سەۋەبتىن، قەيەردە ھەق دوستى ئەي دوست، بىل سەۋەبتىن. بارىدىغان يەر ئاخىرى رابب-ئۈل ئالەمدۇر، قۇل تارتىدۇ مىڭبىر بالا، تىل سەۋەبىدىن. تىلنىڭ گرامماتىكىلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىر تىلشۇناس ئالىم كېمىگە چىقىپتۇ. بۇ تەكەببۇر تىلشۇناس ئۆزىنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك دەپ ئويلايدىكەن، مۇشۇ سەۋەبتىن باشقا كىشىلەرنى ياراتمايدىكەن. كېمە چەكسىز دېڭىزدا كېتىۋا ...

Read more

كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇقەددىمە ئىنسان-ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان. ئۇ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس، يەنە زامان، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە. كىتاب--يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركە ...

Read more

كىتاب ۋە مەۋجۇتلۇق

ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى كىتاب ئىدىيەنىڭ ئوزۇقى. ئەجدادلىرىمىز كىتابقا تايىنىپ، كىتاب ئوقۇپ پاسسىپ، قالاق ئىدىيەنى ئۆزگەرتكەن. مۇتەپپەككۇر، ئالىم، ئەدىبلەر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ساغلام ۋە ئىلغار ئىدىيەنى تەشەببۇس قىلغان. بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىدە ئادالەت ۋە قانۇن، بەخت-سائادەت، ئەقىل-ئىدراك، قانائەتتىن ئىبارەت تۆت سىمۋوللۇق ئوبراز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top