ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر – قەلەمگە!
بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ، بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن . نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ، ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك . مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ، بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا . قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ، ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا . ...
Read more ›