You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 480)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2539

4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش، ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتى ۋە رولىنى ئىلىم-پەن ساھەسىدە قايتىدىن جۇلالاندۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 4- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۇ يىل 5- ئاينىڭ 5 -، 6 - كۈنلىرى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان فاتىھ سۇلتان مەھ ...

Read more

ئۇيغۇر مۇقامشۇناس، شائىرە ئاماننىساخان

ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم دولان يۇرتى (ھازىرقى مەكىت ناھىيىسى) نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا ساتار ھەم تەمبۈر چېلىشنى ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ، كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقىسا، كەچلىرى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ، ساز چېلىشنى مەشق قىلىدۇ. ئاماننىسا ئۆز ئارزۇسى يولىد ...

Read more

بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى

فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىق ...

Read more

«قۇتادغۇبىلىگ» تىكى دۆلەت تەلىماتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇھاكىمە

مەقسۇت ئەكبەر «قۇتادغۇبىلىگ» مەزمۇن جەھەتتىكى كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئاممىبابلىقى ۋە بەدىئىيلىكى بىلەن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك ئەسەر. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل. بىزنىڭچە، بۇ ئەسەرنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەلىمات دەپ ئېيتىش مۇمكىن. چۈنكى، بىرىنچى، ئەسەرنىڭ نەسرىي ۋە نەزمىي كىرىش سۆزلىرىدە ئەسەر دۆلە ...

Read more

«قۇتادغۇبىلىگ» دىكى ئاسترونومىيىلىك بايانلار ھەققىدە

مۇھەممەت ئوسمان «قۇتادغۇبىلىگ» داستانى 11- ئەسىر قاراخانىلار خاندانلىغى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدىئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى. ئۇ، 11- ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىغى سۈپىتىدە دۇنيانىڭ مەدىنىيەت غەزىنىسىدە، جۈملىدىن ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ، ئالىملارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. «ق ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top