• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (6) غۇلجادا پۇل ئالماشتۇرۇش

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (6) غۇلجادا پۇل ئالماشتۇرۇش

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

1947-يىلى 25-ئىيۇل، غۇلجا

بۈگۈن ئەتىگەن سۇدا پىشۇرۇلغان ئۈچ تال تۇخۇم (شۇنچىلىك يېڭى بولۇپ، توخو پەيلىرى يېپىشىپ قالغان ئىدى)، كىچىك تەرخەمەك ۋە سۈزمە ئارلاشتۇرۇلغان سالات، روسچە كولباسا ۋە نانلار بىلەن ناشتا قىلغاندىن كېيىن بۈگۈنكى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھازىر بولدۇم. تۆنۈگۈن تولىمۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكەن ئىدى. دوستۇم مېنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن، مىجەزى ئوچۇق ۋە ھەمىشە ناخشىلارنى غىڭشىغاچ ماڭىدىغان ياش روس ھەمراھىم مۇسا بىلەن بىرگە چامىدانلىرىمدىن بىرىنى سۆرىگىنىمىزچە بانكىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بانكا بىناسى ئاقارتىلغان ۋە تام گىرۋەكلىرىگە سۇس كۆك رەڭدە سىنكە بېرىلگەن تولىمۇ كونا بىر ئىمارەت ئىدى. ئەگەر سەل ئىدىتلىق جايلاشتۇرۇلغان بولسا بۇ بىنا كىچىك تىپتىكى ئوپېرالارغا دېكراتسىيە بولالايتتى. بۇ جايدا ئىشلەيدىغان «بانكىرلار» بولسا ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىگە خۇرۇچ بولغۇدەكلا ئىدى. 1-ۋە 2-نۇمۇرلۇق خادىملار زالنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ ماڭا سەپسېلىشقا باشلىدى. 1-نۇمۇرنىڭ چېچى چۈشۈرۈلگەن، گەۋدىسى ئىشتان-كۆينەك ۋە ئۆتۈكلىرىدىن تېشىپ چىقىپ كېتەي دەپ قالغان قامەتلىك بىرى بولۇپ، 1950-يىللىق دۇنيا چېلىش چېمپىيونىغا ئوخشايتتى! ئۇ مېنى ساراي ئۆي چوڭلۇقىدىكى بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىردى ۋە كېپىنەك ۋە گۈل نۇسخىلىق ياپقۇچ يېپىلغان ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن سومكامدىن بىر تۇتام يېڭى خىتاي پۇلىنى چىقاردىم ۋە بۇنى شىنجاڭ پۇلىغا ئالماشتۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. قولۇمدىكىسى ھەربىرى بەشمىڭ ۋە ئونمىڭ دوللارلىق قىممەتتىكى پۇللار ئىدى. بۇ ئىككەيلەن قولۇمدىكى پۇلنى ئېلىپ، خۇددى مەن فىرئەۋىن تۇتانكامۇننىڭ كېپەنىدىن ئالتۇن چىقىرىپ كۆرسەتكەندەك شۇنچىلىك ھەيرانلىق ئىچىدە قاراشتى. پۇل ئۈستىدە ئۇ تەڭ كېلىدىغان ئالتۇن مىقدارىمۇ ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، خادىملارنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇلار يېنىك ئىگىلگەنچە پۇللارنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئاخىرى بۇ ئىمارەتنىڭ ئەڭ چەت بىر ئۇچىدىن چوت كۆتۈرگەن بىر تۈركىي قىز چىقىپ كەلدى ۋە مەن ئېلىپ كەلگەن 162 مىڭ يېڭى خىتاي پۇلىنى 23،400 شىنجاڭ پۇلىغا تېگىشتىم. ھېرىشچىلىققا تولغان بۇ ئالماشتۇرۇش تەخمىنەن بىر يېرىم سائەتلىك پۇل ساناش ۋە ئىچكىرى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈندۈرۈش، مۇسانىڭ تەرجىمىسى قاتارلىقلار بىلەن بولۇپ بىر يېرىم سائەت سۈردى (ئاھ تەڭرىم، ئۇلار ماڭا خۇددى ئامېرىكىلىقلار نەپەسنى قانداق سۈمۈرۈپ، قانداق چىقىرىدىغاندۇ دەپ قىزىققاندەكلا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشقان ئىدى). مەن ئامېرىكا دوللىرى ھەققىدە گەپ ئاچقىنىمدا، ئۇلار ماڭا مەلۇم مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بازاردا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. «راستىنلا شۇنداقمۇ؟»،- دېدىم مەن،-«ئەمىسە، ئالماشتۇرۇش نىسبىتى قانچە؟». « 3200 ياكى 1600 شىنجاڭ پۇلى» دېدى ئۇلار. مېنىڭ ھېسابلىشىمچە بىر ئامېرىكا دوللىرى 45 شىنجاڭ پۇلىغا توغرا كېلەتتى.

 

بانكىدىن قايتقاندىن كېيىن بىز تاماشا ئۈچۈن شەھەرنى ئايلىنىپ يۈردۇق. مۇسا ماڭا بىر قانچە يېڭى تىپتىكى زامانىۋىي يۈك ماشىنىلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى (خۇددى مەن غۇلجىغا كېلىش ئالدىدا ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپلا بۇلارنى كۆرمىگەندەك). بۇلاردىن ئازغىنە يۈك باسقان، ئەمما ئۈستى قاتمۇقات يېپىلغان بىرى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ، سوۋېت تەرىپىدىن ئىشخانا قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قورۇغا كىرىپ كەتتى. قورۇ ئىشىكى ئالدىدا بىر ئەسكەر (قايسى فورمىنى كىيگىنى ئېسىمدە يوق) پوستتا تۇرىۋاتاتتى. بىر يېڭى ۋە مەزمۇت يۈك ماشىنىسىدىن يەنە بىرنى ئۇچراتتۇق. مۇسا ماڭا بۇنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن يۈك ماشىنىسى بولۇپ، بىر خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يېقىنلاپ بېرىپ كۆرۈشۈمگە ئىمكانىيەت بولمىدى.

ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن مۇسا مېنى خىتاي بازىرى (خەنزۇ بازىرى) غا ئېلىپ باردى. غەيرىي ھىدى تولىمۇ كۈچلۈك پاتقاق كوچىلاردا ماشىنىنى ھەيدەپ بازارغا كىرىپ كەلدۇق. ھەقىقەتەنمۇ ئالدىمىزدا خىتايچە تاختىلار ئېسىلغان قاتار-قاتار دۇكانلار چېچىلىپ ياتاتتى. دۇكانلار ئاساسەن كۆكتات دۇكانلىرى بولۇپ، بىر قانچە كۈمۈش ۋە مىس بۇيۇملار سېتىلىدىغان قول ھۈنەر دۇكانلىرى ۋە تولىمۇ ئاز ساندىكى رەخت ۋە مىلىشمال «دۇكانلىرى» بار ئىدى. مېنىڭ تەخمىنىمگە كۆرە بۇ رايوندا 200 چە خىتاي بار ئىدى.

 

قايتىش يولىمىزدا مۇسا ۋە مەن ناخشا ئېيتىپ كۈلگەنچە يىگىتلىرىمىز ھەققىدە گەپ باشلاپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭغا دوگلاسنىڭ تولىمۇ تۇتۇق بىر پارچە رەسىمىنى كۆرسەتتىم. ئۇمۇ تولىمۇ پەخىرلىنىش ئىچىدە يىگىتى مىشانىڭ تولۇق روسچە فورما ۋە قۇلاقچا كىيگەن ھالەتتىكى رەسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يەرلىك بىر يىگىت ئىكەنلىكى، مىللىي ئارمىيە سېپىدىن قايتقاندىن كېيىن ئالتايدا تېخنىك بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. «ئۇ سىزگە خەت يېزىپ تۇرامدۇ؟» دەپ سورىدىم. «ھەئە» دېدى ئۇ روسچە. «دائىم يازامدۇ؟» دەپ سورىدىم يەنە. «ھەئە، ھەپتىدە بىر قانچە پارچە» دېدى ئۇ. ئەگەر بۇلار ھەقىقىي ئەھۋال بولسا، غۇلجا ۋە ئالتاي ئارىسىدىكى ئالاقە تولىمۇ ياخشى دېگەنلىك ئىدى. تولىمۇ قىزىقارلىق.

 

مۇسا بىلەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، قەددى كەرەپشە غولىدەك تىك، كۆزلىرى نۇرسىز، بارماقلىرى ئاپئاق بىر يىگىتنىڭ مېنى ئىزدەپ كىرىپ، بۇرۇنقى تەرجىمانىم (ۋە ئىشەنچلىق ئادىمىم)نىڭ ئەمدى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خاتېرەمگە پۈتۈپ قويدۇم. بۇ يىگىت ماڭا «ۋالىي ماڭا سىزگە ياردەمدە بولۇشنى بۇيرىدى» دېدى ئۇ (مەن ئىچىمدە بۇرۇنقى تەرجىمانىمدىن ئەندىشە قىلىپ پىچىرلايتتىم) «ۋە سىزنىڭ تەرجىمانىڭىز بولۇشۇمنى تاپىلىدى. ئەمما مەن ئېنگىلىزچە سۆزلىمىگىلى 15 يىل بولدى ۋە ئېنگىلىزچە تولىمۇ تەس ئىكەن» دېدى دۇدۇقلاپ. مەن تولىمۇ تەخىرسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاڭلاپ بولدۇم. ئاخىرىدا پۈتۈن شەھەردە ئېنگىلىزچە بىلىدىغان بىرىنىڭ گېزىتخانىدا ئىشلەيدىغان بىر روس ئايال ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. مەن بۇنى بىر يالغانچىلىق دەپ چۈشەندىم ۋە ئۇنىڭغا تازا كۆڭلۈم تارتماي بۇنى ئارقا پىلانغا چۈشۈرۈپ تۇردۇم. لېكىن، ئۇ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 45 ياشلار چامىسىدىكى، يېشىغا نىسبەتەن تولىمۇ قاملاشقان بىر ئايال كىرىپ كەلدى. ئۇ پۈتۈنلەي تەكلىپسىزلا كەلگەن بولۇپ، بۇرۇن ئامېرىكىلىق مۇخبىر باربارا سىتىۋېنسقا تەرجىمان بولغانلىقى ئۈچۈن مېنىمۇ چوقۇم ئۇنى قۇبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. مەن تولىمۇ قائىدىلىك ھالدا ئۇنىڭغا مېنىڭ بۇ ئىشقا بەكمۇ قىزىقىپ كەتمىگەنلىكىمنى ئېيتقان بولساممۇ، ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمدە بەخىرامان چېدىر تىكىۋالدى. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىسى تولىمۇ چالا ۋە ئاستا ئىدى (ئاستىلىقتا «ئوۋچىي چورنىيا»نىڭ 10-قىسىمىنى ئەسلىتەتتى). مەن ئۇنى پەقەتلا ياقتۇرمىغان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى تەرجىمان قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولساممۇ، ئۇنى ئۆيدىن قوغلىۋېتەلمەيتتىم. ئۇ يەنە تەكلىپسىزلا كەچلىك تاماققا ئولتۇرۇپ قالماقچى بولدى. مۇسا ئۇنىڭغا بىزنىڭ روس كۇلۇبىدا بىر سوۋېت كىنوسى كۆرۈشكە بارماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىشى بىلەنلا، ئۇمۇ بىرگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەسكىنىشىمنى باسالماي تۇرۇۋاتقىنىمدا ھېلىقى (قالپىقىنى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئالمايدىغان) كەرەپشە بوي كىشى يەنە كىرىپ كەلدى ۋە نىكولاي يەنى كەرەپشە بوينىڭ كەچلىرى قەيەرگە بارماي ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلىقى، چۈنكى كەچلىرى ھەمراھسىز سىرتقا چىقسام لۈكچەكلەر ياكى ساپاسىز كىشىلەردىن ماڭا خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىتمۇ قاتارىمىزغا قېتىلىۋالدى ۋە بىز تۆتەيلەن ئات ھارۋىسى بىلەن مەنزىلىمىزگە يۈرۈپ كەتتۇق. يول بويى مەن غۇۋا ئېلىكتىر چىراقلىرى يېقىلغان ئۆيلەرنى ئۇچراتتىم. مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات سېتىۋاتقان باققاللار بىر مەيدانغا غۇژمەكلەشكەن بولۇپ، مەشئەللىرىنىڭ سارغۇچ نۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ تىپىك ئاسىياچە چېھىرلىرى ۋە مېۋە-چېۋىلەر يورۇپ تۇراتتى.

سوۋېت كونسۇلخانىسى ئالدىدا كىشىلەر تىقما-تىقما بولۇپ، كىرىش ئۈچۈن ئاستا ئالغا سىلجىشاتتى. ئاياللار بولسا باشلىرىغا ئەرزان باھالىق، سۇس رەڭلىك شىپۇن ياغلىق ئارتقان، ئۇچىلىرىغا كەڭ پاختا رەختلىك كۆڭلەكلەرنى كىيىشكەن ئىدى. بەزى ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەر، ھەتتا قۇچاقتىكى بالىلىرى بىلەن كەلگەن ئىدى. يەنە بۇ باغنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى قىسىمىدا دەرەخلەر ئارىسىغا ئېكران تارتىلغان ئىدى. قويۇلىۋاتقان فىلىم چۆچەك تۈسىنى ئالغان روسچە فىلىم بولۇپ، ئوينىلىشى ۋە ئىشلىنىشى بەكمۇ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ئىدى. ھەر بىر قىسىمدىن كېيىن لېنتا ئالماشتۇرۇشقا خېلى ۋاقت كېتەتتى. فىلىمنىڭ ئاۋازى ئۆچكەندىن كېيىن ياشلار ئىسقىرتىشقا باشلىدى، خۇددى ئامېرىكادىكىدەكلا. ھەممە ماڭا كۆزلىرى پولتىيىپ چىقىپ كەتكۈچە قارىشىپ تۇراتتى. چىقىش ئالدىدا مەن نىكولايغا قارىدىم. ئۇ تەربىيەلەنگەن قوغدىغۇچىلارغا خاس دىققەت بىلەن ئەتراپقا سەپسېلىپ، بىزنى كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئالغا سىلجىتىپ ئات ھارۋىمىزغا قايتۇرۇپ كەلدى. كېچە سانجاق-سانجاق يورۇق يۇلتۇزلار بىلەن تولغان بولۇپ، مېنىڭ قەلبىم دىخۇا(ئۈرۈمچى) دىكى سۆيگىنىمدە ئىدى. مېنى رېئاللىقتىن چەتنىگەن بۇ ھالەتنىڭ تەشۋىشى چىرمىۋالغان بولۇپ، مەن بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ۋەقەلەر پۈتۈنلەي يالغاندەك ھېسىياتتا ئىدىم. مەن ئۇنىڭ تۇرقىنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەن ئىدىم.

بۈگۈن ئەتىگەن مۇسا خانىم ۋە مەن سىرتنى ئۇزۇن-ئۇزۇن كېزىپ كەلدۇق. گەرچە بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ يەكشەنبە كۈنى بولسىمۇ، كىچىك ماگىزىنلار، موزدوز ۋە تىككۈچىلىك دۇكانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تولىمۇ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بىز «بازار» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تىجارەت رايونىنىڭ مەركىزىگە ئىچكىرلەپ كىردۇق ۋە مەن قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بۇ كىشىلەر توپى بىلەن بىرىكىپ كەتتىم. خىتاي تىلەمچىلار مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ۋە ئۇلارغا سەدىقە بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مۇسا خانىم ۋە مەن توي كۈنلىرىمىز ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. سۆھبەت جەريانىدا مەن ئۇنىڭ يىگىتىنىڭ ئالتايدا 80 مىڭ شىنجاڭ پۇلى، يەنى خېلى يۇقىرى مائاش ئالىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇلار تۈرلۈك ئەسلىھەلەر كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتايدا ياشاپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. چۈشتىن كېيىن مەن ئەسلى يېيىشلىك تورت پىشۇرۇشقا ئىشلىتىش كېرەك بولغان ئىككى تال يېڭى تۇخۇم بىلەن چېچىمنى يۇيۇپ بولۇپ، مۇسا خانىم بىلەن سىرتنى ئايلىنىپ كىرىشكە چىقىپ كەتتىم. چېچىمنى تۈگۈۋاتقان چېغىمدا مۇسا خانىم ۋە كارون خانىم كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا مەستلىكى كېلىپ قاراپ كەتتى. مەن ئۇلارنى گىرىم بويۇملىرىمنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدىم. مەن ئۆز يېنىمدا ئېلىپ يۈرىدىغان «رەۋلون» مارلىك لاك بىلەن ئۇلارنىڭ تىرناقلىرىنى ياساپ خوشال قىلىۋەتتىم.

 

(داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىملىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (4)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (5)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top