You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 207)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2539

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇسەللەس شېئىرى شەكلى توغرىسىدا

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن مۇسەللەس ئۇيغۇر مىللىي شېئىرىيىتىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق شېئىرىي شەكىللەرنىڭ بىرى. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ ئۇچرايدۇ. كىلاسسىكلارمۇ بۇ شەكىلدە شېئىر يازغان. ھازىرقى شائىرلارمۇ يېزىۋاتىدۇ. مۇسەللەس شېئىرى شەكلىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى مۇنداق: ھەر بىر كۇپلېتى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى ئۈچ مىسرا ئۆزئارا قاپىيداش، كېيىنكى كۇپلېتىنىڭ ئالدىنق ...

Read more

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا…

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پەرھات ئاكا، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېچلىقمۇ، ھازىرچە دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردىن يىراقتا يۈرۈۋاتىمەن، يىلدا بىرنەچچە قېتىم زۇكام بولۇشۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چاتاقنى ھېس قىلمىدىمغۇ! يەنىلا سىز ياش جۇمۇ! ئاتتەك تۇرۇپسىز مانا! نېمە دەيدىغانسىز... 70 تىن ئاشتۇق ...

Read more

مېنىڭ ئىستانبۇلۇم

ئورخان پامۇك تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم، 53 يىلدىن بېرى بۇيەردە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. نيۇيوركتا تۇرغان ئۈچ يىلنىڭ سىرتىدا باشقا ھېچقانداق يەردە ياشاپ باقمىدىم. مەن ئۈچۈن باشقا شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر، ئۆيلەر، ھاياتلار، دۇنيالارغا تەڭ قىلغۇدەك ئىستانبۇلدىن باشقا بىر شەھەر، دۆلەت، ۋەتەن ۋە ئۆي يوقتۇر. بەزىدە پەقەت ئىستانبۇللۇقلا بولغىنىم، ئۇ يەرنىڭ يازغۇچىسى بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەل ...

Read more

2019 – يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى 15 – يانۋار باشلاندى، 20 – فېۋرال ئاخىرلىشىدۇ.

تۈركىيە مەدەنىيەت مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئورگان www.turkiyeburslari.gov.tr تور بىتىدىكى 2019 – يىللىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق، دوكتورلۇق ۋە تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى تۈرلىرى ئىلتىماس ۋاقتى بىرلا قېتىم بولۇپ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئېلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ...

Read more

«ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى: خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇقتۇرۇشى

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى قانۇنلۇق ئېگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن ئاسمىلاتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئانا تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن ۋە سىياسىي جەھەتتە تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەسمىي قانۇنلۇق تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى 2017-يىلى 1-سىنتەبىردىن ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top