You Are Here: Home » Articles posted by ئاكادېمىيە (Page 90)
ئاكادېمىيە

Number of Entries : 2550

شېئىرىيەت ھەققىدە پاراڭ

ئابدۇللا تۇردى شېئىرنىڭ ئۈچ ئامىلى رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئاتا يارىتىلغاندىن كېيىن ئىبلىسنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشى، ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىنىڭ يەر يۈزىدە پەيدا بولۇشى شېئىرىيەتنىڭ باشلىنىشى بولغان بولسا، توپان بالاسىنىڭ بىر پۈتۈن جەريانى ئۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغانىدى. دېمەكچىمىزكى، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشنى رەت قىلىشىدا، ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويۇشىدا ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بىر ...

Read more

خارىزىمى ۋە ئىبنى كامال هەققىدە

خارىزىمى دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدا نام چىقارغان بولۇپ، ئۇ 9 ـ ئەسىردە خۇراساننىڭ خارىزىم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 802 ـ يىلى تۇغۇلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ئۇ بىر تۈرك ئاتا ـ ئانىدىن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تەلىم ـ تەربىيەسىنى غەربىي تۈركئېلىدە تاماملىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مەھمەت بىن مۇسا خارىزىمى ئىدى. ئۇ خۇراساندىكى تۈرك شەھىرى ھېسابلىنىدىغ ...

Read more

غەرب باھارى

سەلىم ساۋاش گەنچ تەرجىمىدە: ئابدۇلئەزىز ئاقھۇن دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئەرەب دۆلەتلىرى كېچىككەن سىياسىي تاڭلىرىنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئۆلىۋاتقان بولسا، ئافرىقا بۇ ئەسىرنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىقى بىلەن سىنالماقتا. غەرب بولسا ئۆز غېمىنىڭ دەردىدە. 11- سېنتەبىر ۋە ئىراقنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن مەۋجۇت تۈزۈمىنى بۇزۇپ، ئېغىر خەۋپلەرگە تەۋەككۇل قىلغان ئامېرىكا ق ...

Read more

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -13

«دەدە قورقۇت» داستانىنىڭ داۋامى…. دەسلەپتە درەستەن، ئارقىدىن ۋاتىكاندا ئىككى نۇسخىسى تېپىلغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىزلىرىنى ئېغىز ئەدەبىياتى مەنبەلىرىدە ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە بولغان كەڭ كەتكەن رايوندا تونۇلغان دەدە قورقۇت ھېكايىلىرى ھازىرقى كۈندىمۇ ئېغىزاكى شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇلار خەلق ھېكايىلىرىدە: بەي بەيرەك، بامسى بە ...

Read more

تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -12

«دەدە قورقۇت» داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات… «دەدە قورقۇت» نى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ گۈلتاجى دەپ قوبۇل قىلىش لازىم. چۈنكى دەدە قورقۇت كىتابى، كوللېكتىپ ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى، ھايات شەكلى، تىلى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئائىت ئىستېتىك بايلىقلارنىڭ، ئەسىرلەرنىڭ ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن پىشىپ يېتىلگەن ئىجادىيەت تۈرى داستاندۇر. داستان بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top