You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 14)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 211

ھىجران يولى (14)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەبەيدۇللاھ ئۆز يىگىتلىرى بىلەن سانجۇغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ يەرنىمۇ تۇڭگانلار ئىگىلىۋالغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازغىنە كۈچى بىلەن دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، قايتماقچى بولدى. ئەمما، ئارقىسىدىكى يوللارنىمۇ دۈشمەن كۈچلىرى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، خوتەندە پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىشنى نىيەت قىلىپ، تاغ يولى بىلەن نائىلاج خوتەن تەرەپكە ...

Read more

«مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق روماننىڭ قىسقىچە بايانى

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت «مەسئۇت ئەپەندى» ناملىق رومان بولسا، تارىخىي روماندۇر. روماندىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەدىئىي توقۇلمىدىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان قىسمى بولسا، مەسئۇت ئەپەندىنىڭ قىزى گۈلتەكىن پەھلىۋان خانىم يازغان تۈرك تىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرباشقانى مەسۇت سابرى بايكوزى»، «در. مەسئۇت سابرى بايكوزى ۋە ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابلاردىن ۋە ھاشىر ۋاھىدى بىلەن سابىت ئۇيغۇر ئەپەندىلەر يازغان «مەسئ ...

Read more

ھىجران يولى (13)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئىككى ئىنىسى شېھىت بولغاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەر سەۋەبىدىن، مۇشۇ ھالغا ئامالسىز چۈشۈپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ بۈگۈن ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن پەرۋىننىڭ تراگېدىيەلىك ئۆلۈمى، ئۇنى تېخىمۇ ئازابلىماقتا ئىدى. ئۆز ئىنىسىدەك كۆرىدىغان ئەردەمنىڭ تېخى بېلى قاتماي تۇرۇپ بۇنداق ئېغىر ئەلەملەرنى تارتىشىغا كۆزى قىيمايتتى. نە چارە، مۇشۇ كۈنلەردە تۇڭگانلارن ...

Read more

ھىجران يولى (12)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت گەرچە ئاتا - قىز ئىككىسىنى يەرنىڭ ئاستىغا كۆمگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەردەمنىڭ قەلبىگە گۆمۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەبرىسى ئەردەمنىڭ يۈرىكىدە ئىدى. ئەردەم ئۇلارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنۇتماسلىققا ئەھدە ئىچتى. ئۇنىڭ ياشلىرى ئەمدى توختىدى، بىراق يۈرىكى قاناشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، يۈرەكتىكى قانىغان يارىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەتراپ جىمجىتلىققا پاتقان، تەبىئەت سۈكۈتتە ئىدى. ...

Read more

ھىجران يولى (11)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت ئەردەم بىلەن ئەبەيدۇللاھ ھازىر ئىلچىغا تۇتىشىدىغان دەريا ياقىسىدىكى يول بىلەن، ئەتراپنى تەكشى كۈزىتىپ، ئېھتىيات بىلەن كېتىپ باراتتى. بۇ يولچىلىقتا دەريا ئۇلارغا باشتىن - ئاياغ ھەمرا بولۇپ، سول تەرىپىدە تەكشى ئېقىۋاتاتتى. قۇياشنىڭ نۇرىدا جىلۋىلەنگەن سۇ يۈزى خۇددى مىڭلىغان ئالماس دانچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك يالتىرايتتى. دەريا لېۋىدىن ئەسكەن سەلكىن ئاتلارنىڭ تېنىغا ئارام بەخش بېرىپ، ن ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top