You Are Here: Home » Articles posted by مەۋلانە ئۇيغۇر (Page 32)
مەۋلانە ئۇيغۇر

Number of Entries : 211

«يول» نامالىق روماننىڭ قىسقىچە شەرھىسى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت «يول» ناملىق رومان مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆمرۈدە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ھايات يوللىرىغا بېغىشلانغان تارىخىي روماندۇر. بۇ روماننى مەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ سەھەردىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچكىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆز خىزمىتىمنىڭ سىرتىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقتىم. مەندەك بىر تەبىئىي پەن كەسپ ئىگىسىنىڭ مۇنداق بىر تارىخىي روماننى يېزىپ چىقىشىمغا زادى نېمە تۇر ...

Read more

كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇيغۇرلار

ئەنۋەر ئەخمەت 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنىگە قەدەر دۇنيا بويىچە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2.343.293، ۋىرۇستىن يۇقۇملۇنۇپ ساقايغانلار 602.793، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 161.330 كىشىگە يېتىپ دۇنيا زور بىر ۋەھىمە ئىچىدە تىڭىرقىماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور تەدروس ئادھانوم 2020–يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىشقا باشلىغان، كورونا ۋىرۇسى-19 ...

Read more

يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىكى «ئاچچىق» پاراڭ

ئەنۋەر ئەھمەد ئەسكەرتىش: مەن ئەسلىدە بۇ «پاراڭ» نى يېزىش خىيالىم يوق ئىدى. كېيىنچە ئويلاپ باقسام، بىز ياشاۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىزگە بولغان قارىشى، مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ ھېسلىرىنى بىلىپ تۇرغىنىمىز ياخشى دەپ ئويلىدىم. ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايىنى پەقەت ئەينەكتىنلا كۆرەلەيدۇ. بىزنىڭ غەرب دۇنياسىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى كۈزۈتىۋاتقانلارنىڭ پىكرىدىن پايدىلىنىش بى ...

Read more

نورۇز قىزى ھەققىدە جەڭنامە

ھەبىبۇللا ئابلىمىت ھازىر ئەردەممۇ خالايىقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، نورۇز بەزمىسى بار تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى. ئۇ توساتتىن يول ياقىسىدا كىشىلەر توپ بولۇپ يىغىلىۋالغان يەرگە كېلىپ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلىغىغا داپ بىلەن راۋاپنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلغان يىقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئادەملەر توپى ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ، بۇ بەزمىدىن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن راسلاندى. ئۈستىگە ياماق بىلەن ...

Read more

كۆك بايراق جۇشقۇسى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت "يول" ناملىق تارىخىي روماننىڭ "كۆك بايراق جۇشقۇسى" ناملىق 6-بابىدىن قىسقا بىر ئارىيە ھاياتىنى بىر دۆلەت قۇرۇشقا ئاتىغان سابىت داموللام ئۆزنىڭ مۇقەددەس مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنى قۇرۇش يولىدا بەك ئالدىرايتتى. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن يېڭىشەھەرنىڭ ئازات بولىشىغىمۇ قارىماي، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشىنىمۇ كۈتمەيلا، دۆلەت قۇرۇش ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top