You Are Here: Home » Articles posted by ئۇيغۇر قارا (Page 8)
ئۇيغۇر قارا

Number of Entries : 42

ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن مىللىي دەۋادۇر»

ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دەرۋىشئوغلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭى سايلانغان ئىيى پارتىيە رەئىسى مۈساۋات دە ...

Read more

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش تېرىشچانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالقىشلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا 2024-يىلى 22-ماي كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسۋىرى كۆرۈنۈشى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھازىرلىنىپ نەشىر قىلىنغان بەش قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» يۈرۈشلۈك كىتاپلىرى بىلەن ...

Read more

ئەنقەرەدە، بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي زۇلۇمىغا قارشى بارىندا تەشكىللەنگەن ۋە خىتاينىڭ رەھىمسىز قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلاشقان قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتى ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ھەمكارلىقىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 34 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ بارىندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدا شېھىد بولغان ئۇيغۇرل ...

Read more

ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، 9-مارت شەنبە كۈنى ئەنقەرەدىكى مىللىي كۇتۇپخانىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن «ULUĞ»-خەلقئارا ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېتەكچىلەر تورى ھەمكارلىقىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنىدا، ئالدى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار سۈ ...

Read more

ئەنقەرەدە غۇلجا قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى بىرلىكتە 2023-يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنستىتۇتىدا «1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىدى. پروفېسسور ئەركىن ئەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن  يىغىنىمىزغا، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى ...

Read more

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top