ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى (بەتلەر: 7)

مەھمۇد دەرۋىش شىئېرلىرىدىن

ئەمەت يولداش تەرجىمىسى شائىر مەھمۇد دەرۋىش 1941-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى بېرۋا كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى 19 يېشىدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «قاناتسىز قۇش» نەشىر قىلىنغان. 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى شائىرنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 40 يىلغا يېقىن ئەدەبىي ھاياتىدا 24 پارچە شېئىرلار توپلىمى، 9 پارچە نەسىر ...

داۋامى

قايتا جۇلالانغان ‹‹قەلەمشاھ››

ئۇيغۇر خەلق تېپىشماقلىرى ئارىسىدا ‹‹ئاتتىن ئېگىز، ئىتتىن پەس، ئۇ نېمە؟›› دەيدىغان ئاددىي، ئەمما ئەھمىيەتلىك بىر تېپىشماق بار. بەلكىم ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما بۇ بىلىش جاۋابنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىشى ناتايىن. بىز بۇ يەردە ئاشۇ تېپىشماقنىڭ نوقۇل جاۋابى ئۈستىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا موناسىۋەتلىك بولغان ۋە بۈگۈنكى زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ زەربىس ...

داۋامى

ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى

بىر زامانلاردا ھىندىستان دېگەن مەملىكەتتە مۇنداق بىر پاجىئەلىك ۋەقە بوپتۇ. بۇ ۋەقە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن، تا بۈگۈنگىچە ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. ھىندىستاندا بىر دانىشمەن، بىر كۈنى بىرقانچە كىشىنىڭ ئاچ- يالىڭاچ ئۇزاق بىر سەپەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. بۇ ئىلىم ئىگىسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئاچھالى يامان ئىشلارنى قىلىشىغا سەۋەپ بوپ قالمىسۇن دەپ مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىپتۇ  ...

داۋامى

تۆھمەتكە قالغان دەرۋىش

ھەبىبۇللا ئابلىمىت بىر كېمىگە بىر ئاق كۆڭۈل دەرۋىش چىقىپتۇ. دەرۋىش باشقىلار بىلەن ھېچ كارى بولماي، ئۆز خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، كېيىن ئۇيقۇغا غەرق بوپتۇ. مانا مۇشۇ چاغدا كېمىدىكى بىرسېنىڭ بىر كېسەك ئالتۇنى يۈتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ يانلىرىنى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپتۇ. ئالتۇننى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشى، بۇ ئىشلاردىن ھېچ خەۋەرسىز بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقان دەرۋىشنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە دەرۋى ...

داۋامى

ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 20-ئەسىردە ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنى خاتىرلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ، چىراي –شەكلىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساپ، بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتە ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەرلەردە .ۇن ...

داۋامى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش